« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 2639 قېتىم كۆرۈلدى
جانان
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 29233
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 291
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە291دانە
شۆھرەت: 348 نۇمۇر
پۇل: 23 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuduratulla تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-05-13)




  
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ




1923- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺗﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ 3 ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ "ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯜﺭﻛﻰ" ﻳﻪﻧﻰ( ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ)، "ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭﻯ" ﻳﻪﻧﻰ( ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭ) ﯞﻩ "ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ" ﻳﻪﻧﻰ( ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 3 ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺴﯚﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ

ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ: " ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى  ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ "ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯜﺭﻛﻰ"، "ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭﻯ" ﯞﻩ " ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ"ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 1881- ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﻪﺩ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻻﻕ ﯞﻩ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﻮﻧﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺗﺎﻟﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻴﻨﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺗﺎﻟﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ.

ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ۋەتەننىڭ  ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻪ ﯞﻩ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺗﺎﻟﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ - ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻳﺎﺩﻻﻳﺘﺘﻰ. ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ: " ﺯﻩﻧﺠﺎﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ،" "ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﺎﭼﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ،" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ.

ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺩﯨﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻝ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.

ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺑﯘ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ. ﻫﻪﻟﯩﻢ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: " ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺷﯧﻬﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ، ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺴﺎﻕ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ".

ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:"ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ۋەتەندە  ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻟﯩﺪﯦﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺗﻘﯘﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ".

ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:" ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ "ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯜﺭﻛﻰ"ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ 1912- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ۋەتەندە  ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ - ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ
ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ، ۋەتەندە  ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ - ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﺳﺎ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ.

ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ 3 ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، شىنجاڭدا  ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ"ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯜﺭﻛﻰ" ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺴﻪ، "ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭﻯ" ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. "ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ 3 ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ



ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ

ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ 18- 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼۈﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻙ ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯘﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﺘﺎ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﮬﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﮔﻮﺭﯗﮬﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺠﯩﺪﻩﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ- ﻛﯘﺭﻩﺵ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﯘﺱ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯘﭼﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﯘﺟﻤﻪﻝ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﻮﯞﻩﻥ ﺋﺎﯕﻘﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺧﺎﺭ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ- ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﮬﺎﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﺭﯗﻥ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺑﻮﺷﺎﯓ، ﻗﺎﺷﺎﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯘﺷﻜﯘﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯘﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﻮﺭﯗﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ- ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯧﺰﯨﭗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ- ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯘﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﻰ- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻛﯘﻟﭙﻪﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺷﺎﻥ- ﺷﻮﮬﺮﯨﺘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﻪﺭﻙ- ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯘﻟﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻠﻰ، ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ، ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﮬﻮﺭﯨﻴﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻱ- ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﯩﯟﯨﭗ ﮬﯘﺳﻪﻳﯩﻨﺨﺎﻥ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ (1856- 1925)ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻧﺎﺯﯗﻛﻠﯘﻗﺘﺎ ﺭﻭﮬﻘﺎ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﺎﻏﻘﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ< <<ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ>>- ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ، 2000- ﻳﯩﻠﻰ، 104- ﺑﻪﺕ>.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﯟﺍﺭﯨﺲ، ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ <<ﻏﺎﺯﻯ>>ﺋﯩﺪﻯ. <<ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ< ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ <<ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ <ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ> >>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1278- ﻳﯩﻠﻰ(ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1854-1855-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ 1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ <<ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1881- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﻘﯘﭼﻪ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 62- ﻳﯧﺸﯩﺪﺍۋاپات ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.>.


ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﯘﻟﻼ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻛﯩﭽﻪ


قۇغۇن پىششىقى كۇنلىرىنىڭ بىرى دامۇللىنىڭ بالا چاقىلىرى ئاتۇشقا خامان ئىلىشقا كەتكەن بۇلۇپ ئۇيدە پەقەت شاگىرتى باقى ئاخۇنلا قالغان ئىدى .
دامۇللا كەشنى كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۇتكۇزگەندىن كىيىن باقى ئاخۇنغا رۇخسەت بەردى ۋە ياندىكى ياتاخ ئۇيگە كىرىپ بەخىرىمان ئۇخلاپ قالدى باقى ئاخۇنمۇ ياتاق ئۇيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى
دامۇللىنىڭ دەرۋازىسى تاقالغىچە بۇلغان ئارلىقتا قانداقتۇر بىر قارا سايە ئاتخانىغا كىرىپ مۇكۇنىۋالغان ئىدى . بۇنى دەمۇللىمۇ باقى ئاخۇنمۇ تۇيمىغان ئىدى دامۇللىنىڭ ھەر كىچە تاھەرەت سۇندۇرۇشقا چىقىدىغىنىنى بىلىدىغان بۇ قارا سايە دامۇللىنىڭ تاھارەتكە چىقىشىنى سەۋېرچانلىق بىلەن كۇتمەكتە ئىدى
يىرىم كىچىدىن ئۇتكەندە دامۇللا يۇتەل ۋە ئاياغ تىۋېشى بىلەن مىھمانخانا ئۇيدىن چىقىپ ئارا ئىشىكنى ئىچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى قارا سايە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە قىلىپ ئاتخانىدىن ھۇيلىغا ئاندىن مىھمانخاغا دەھلىزىگە كىرىپ مۇكۇندى بۇ ئىشلاردىن پۇتۇنلەي خەۋەرسىز قالغان دامۇللا تەرەتتىن بىكار بۇلۇپ ئارا ئىشىكنى تاقىدىدە ئۇيگە ئاياغ تاشلىدى ھاۋا بەك ئىسسىق بۇلغاشقا دامۇللا ئۇزۇن نىپىز كۇينەكتىن باشقا نەرسە كىيمىگەن ئىدى .
دامۇللا دەھلىز ئىشىكتىن كىرىپ مىھمانخانىغا ئاياغ تاشلىماقچى بۇلغاندا < چىم >> قىلغان بىر يىقىمسىز سىزىم دامۇللىنى قاتتىق ئەندىكتۇرۋەتتى ئۇيقۇ ئارلاش ئۇيقۇسىز ھالەتتە كىرۋاتقان دامۇللا ئەمدىكىنە ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندەك بىقىنىنى تۇتىشىغا قارا سايە پىچاقنى تارتىۋالدى دامۇللىنىڭ قۇللىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىق قىنىغا مىلەنگەن ئىدى ئۇزىگە پىچاق سىلىنغىنىنى بىلگەن دامۇللا قارشىدا تۇرغان قاتىلغان << ئىپلاس >> دىگىنىچە ئىتىلدى بىراق كۇزلىرىگە قان تۇلغان قاتىل تەمتىرەش يەكى قىچىش تۇگۇل ئەكىسچە غالجىرلىق بىلەن دامۇللىغا ياندى دامۇللا قاتىلغا قارغاندا كۇپ سىمىز ۋە دۇغۇلاق كىشى بۇلسىمۇ لىكىن قاتىن دامۇللىغا قارغاندا كۇپ كۇشتۇڭگۇر ۋە ياش ئىدى ئۇنىڭ ئۇستىگە قانداقتۇر بىر رۇھ ئۇنى تىخىمۇ ئەسەبىلەشتۇرۋەتكەن ئىدى دامۇللا دۇشمىنىنى ھەر قانچە بىسىشقا جۇرئەت قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قان جىق چىقىپ كەتكەچكە قاتتىق ھاسىراپ كەتكەن ئىدى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاتىل دامۇللىنىڭ قۇرسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقىپ ئۇنىڭ قۇرسىقىنى يىرىۋەتتى دامۇللا گۇپ قىلىپ يىقىلدى دە ھۇشىدىن كەتتى ئارلىقتا بىر قانچە قىتىم << باقى ئاخۇن >> دەپ ھالسىز تۇۋلىغان بۇلسىمۇ لىكىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن باقى ئاخۇن ھىچنىمىنى تۇيمىغان ئىدى .
دامۇللىنىڭ ھالسىزلانغانلىقىنى كۇرگەن قاتىل مۇرادىغا يەتكەندەك بۇلۇپ كەلگەن يۇلىچە بەدەر تىكىۋەتتى .
دامۇللا غەرىق قان ئىچىدە ياتاتتى ئارلاپ ئارلاپ بۇش ئاۋازدا ئىڭرايتى ۋە خارقىرايتى بىراق بۇ تۇن كىچىدە قىرىشقاندەك دامۇللىنىڭ ھالىغا يەتكۇدەك ھىچ ئىنسان چىقمىغان ئىدى پەقەت تاڭغا يىقىن ئۇگزىگە تەرەتكە چىققان ھەقەمسايىسى بۇ خارقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىدە دەررۇ باقى ئاخۇننى تۇۋلاپ ئۇيغاتتى باقى ئاخۇن دامۇللىنىڭ قىشىغا كىرگەندە بۇ مۇبارەك زات ئاللا قاچاق جان ئۇزگەن ئىدى بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان قۇلۇم - قاشنىلار دەررۇ شەھەرلىك جىساغا ( ساقچى ) ئىدارىسىگە چىپىشتى
شەھەر بايلىرىدىن ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن ئاخۇن پاششاپ قاتارلىق شەھەر قۇغداش خادىملىرى ھە - ھۇ دىگۇچىلا دامۇللىنىڭ ئۇيىگە يىتىپ كىلىشتى ھەمدە دەررۇ ئەھۋالنى ئىگەللەشكە كىرىشتى ئۇينى تەكشۇرۋاتقاندا ھۇيلىدىن بىر تۇمۇر قىشقۇچ تىپىلدى << ئۇغۇرنىڭ ئەزرائىلى >> دەپ نام چىقارغان زۇنۇن پاششاپ قىسقۇچنى ئالغان پىتى ئۇدۇل تۇمۇرچىلەرنىڭ يىنىغا يۇگۇردى سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ شەھەردىكى مەلۇم تۇمۇرچىنىڭ قىسقۇچى ئىكەنلىكى ئۇنى تۇنۇگۇن كۇندۇزدە ئەھمەت مەزىننىڭ ئارىيەتكە ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بۇلدى .
زۇنۇن پاششاپ قۇل ئاستىدىكى مىرشاپ جاكارچىلارنى ئىلىپ ئەھمەت مەزىنىنىڭ ئۇيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى كىيىم ۋە بەدىنىدىكى قان داغلىرىنى يۇيىۋاتقان يىرىدىن تاپتى پۇت قۇللىرىغا كىشەن سىلىپ بەگلىك ئۇرۇن بۇلغان دىڭىزىيا تۇرمىسىگە سۇلىدى ئۇمەر بەگ سۇراق جەريانىدا ئۇنى ئىقرار قىلغۇزدى ئۇمەربەگە ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىدىن قاتتىق چۇچۇپ كەتتى چۇنكى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەھمەت مەزىنگە يۇل كۇرسەتكەنلەر ئادەتتىكى ئادەم ياكى كىچىك بىر ئۇرۇن ئەمەس ئىدى ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن پاششاپلار ئۇندىمەيلا ئۇدۇل شەھەرنى ئۇز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۋاتقان << كاتتا كىشىنىڭ >> يىنىغا باردى ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىنى بىر بىرلەر بايان قىلدى ئۇمەر بەگ بۇ ھادىسىگە چىتىشلىق << ئۇلۇغلار >> نىڭ ئۇچۇقتى - ئۇچۇق ئىتمىغان بۇلسىمۇ لىكىن << كاتتا كىشى >> نىڭ چىرايى سارغىيىپ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى بۇ سىر ئاشكارلانسا شەھەردە قانداق كۇڭۇلسىزلىكلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا بەش قۇلدەك ئايان ئىدى شۇڭا ئۇ دەررۇ ئەقلىنى جۇرۇپ چۇچەكتەك ئىككى كۇمۇش يامبۇنى بەگە بىلەن پاششاپنىڭ ئالدىغا قۇيدى پەۋقۇلادە چىگىش ھەم خەتەرلىك دىلۇدىن گاڭگىراپ قالغان ئۇمەر باي بىلەن زۇنۇن پاششاپنى شەھەر كاتتىسىنىڭ بۇ سۇۋغىسى تىخىمۇ چىڭ ئىسكەنجىگە ئالدى سۇۋغىدىن كىيىن قۇيۇلغان شەرىتلەرگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ ماقۇل كەلمەسلىكى تىخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئەھمەت مەزىننىڭ ئۇزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلەردىن تىنىش كىرەكلىكى شۇندىلا ئۇنىڭ ئۇلۇمدىن خالاس بۇلىدىغانلىقى جىكىلەندى شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يۇشۇرۇن بىر سىرغا ئايلاندى ئەھمەت مەزىن ھۇكۇمەت تەرەپنىڭ سۇراقلىرىدا دامۇللىنى ئۇلتۇرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشنى پىلانغۇچىلار بۇيرۇق بەرگۇچىلەر ھەققىدە ھىچنىمىنى ئاشكارلىمىدى ئەكىسچە دامۇللىغا بىر مۇنچە بەتناملارنى چاپلاپ ئۇنى دامۇللىنى ئۇلتۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۇرسەتتى
دەل مۇشۇ مەزگىللەردە دامۇللىنىڭ چۇڭ ئۇغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئۇقۇشتا ئىدى دادىسىنىڭ ئۇلۇمى تۇغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئۇنى ئۇقۇشتىن يىرىم يۇلدا تۇختۇتۇپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دادىسىنىڭ ھەقىقى قاتىلنى تىپىپ جازالاشنى ھۇكۇمەت تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن ئەھمەت مەزىننىڭ تەرسالىقى بىلەن بۇ دەۋا ھەل بۇلماي ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى بۇ دەۋادىن زىرىككەن ھۇكۇمەت ئاقىۋەتتە ئەھمەت مەزىننى تۇمۇر قەپەزگە سۇلاپ ئۇرۇمچىگە ئىبەرتىپ بەردى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئەرىز سۇندى ھۇكۇمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئىتىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن بۇلسىمۇ لىكىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھەقىقى قاتىللارنى تىپىپ جازالاپ بىرىشتەك ھەققانىي تەلەپتە چىڭ تۇردى مەزىن ئاخىرى ھەممىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قەشقەر كاتتىلىلىرى سۇڭگۇتىۋەتكەن سۇغا - سالامدىن تىلى تۇتۇلغان ئۇرۇمچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ سىرنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىدى .
قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بۇيچە ئەھمەت مەزىن سۇلاقتىن بۇشىتىلىپ قۇيۇپ بىرىلدى بۇ << غالىپ >> قاتىل ئۇرۇمچى كۇچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۇرگەن بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشلەرنىڭ تىل - ئاھانەت دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تۇپالماي ياقا يۇرتلارغا قىچىپ بىرىپ جان باقتى رۇھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يىگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئىلىشىپ قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا ئۇز گۇشىنى ئۇزى يىيىشكە باشلىدى نەتىجىدە ئەنە شۇ ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ مۇناپىق ئۆلدى .





ﯪﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﻪﺳﺘﻜﻪ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﯬﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﻗﻰ ﯪﺧﯘﻥ ﯰﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﯰﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺑﺎﻗﻰ ﯪﺧﯘﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯪﺩﻩﻡ؟
ﺑﺎﻗﻰ ﯪﺧﯘﻥ( ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻗﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ) ﯪﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻳﺎﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﺴﻰ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﻏﻮﺟﺎﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ.ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ،ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، "ﯪﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﭘﺎﺟﯩﯭﺳﻰ" ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﯲﺯﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﯲﺯ ﯪﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯰﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﯪﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﺎﻗﻰ ﯪﺧﯘﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﯰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﯰ ﯪﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻤﯘ ﯪﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ.ﯰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯬﺳﻠﻪﭖ ﺩﻩﻳﺪﯗ:"ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺑﺎﻻﻡ. ﯰﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﯰﻟﯘﻍ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﻪﺳﺘﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﭘﯩﺘﻨﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﺋﯩﺴﯩﺖ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﯰﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺴﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺋﯩﺴﺖ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﭺ ﯰﺧﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ؟ ﺋﯩﺴﺖ،ﺋﯩﺴﺖ..."
ﺑﯘ ﯪﺩﻩﻡ ﭘﺎﺟﯩﯭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﻪ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ، ﻳﯘﺭﺕ ﻗﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﯪﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﯬﺕ ﯬﺭﺑﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯪﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، " ﺑﺎﻗﻰ ﯪﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ" ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.



داۋامى بار،


مەنبە: مەرىپەت ژورنىلى،،،،،،،<<سەئۇدى ئەرەبىستاندا نەشىر قىلىنىدۇ>>
[ kuduratulla تەرپىدىن 2008-05-13 13:37 قايتا تەھرىر ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-12 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuduratulla) ئۆزىگە خاس م ..
  • مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-12 20:41 [باش يازما]
    جانان
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29233
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 291
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە291دانە
    شۆھرەت: 348 نۇمۇر
    پۇل: 23 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :109(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

     

    ئابدۈقادىر داموللىنىڭ بىر يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتىقى 


    مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەربىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى .ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم.ئەپۇ قىلىشالا!ھالا بۈگۈن،ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا،شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى ،مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي-زىياپەتلەر ئىچىدە ،مەست-مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن!چۈنكى مەدت-مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر،ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر.خەلىق نادانلىق ،جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە .ھەممە ئىش كونا قېلىپ،كونا ئىزغا چۈشۈپ،يىڭىلىققا يول بەرمەي،ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا.ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز،ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.بۇ مىللى خارابەت،مىللى مۇنقەرزىلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە.ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن!بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى-مۇددەرىسلىرىمىز،داموللىلىرىمىز،ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما،قۇلىقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن!شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى،ۋەتەن،مىللەتنىڭ غىمىنى يىيىش،خەلىقنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ،بەخىت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ دەستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق،بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق،جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرىشتەكمۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر.ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق،ئۇ چاغدا بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ ،مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!......بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ،ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز.نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلىققا،جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق.خۇداغا شۈكرى،ئوقىغانغا يارىشا ،بىرىمىز قازى،بىرىمىز داموللا،بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ ،يۇرت-خەلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق.ئەپسۇسكى بىز بۇ ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋىلىپلا ،ئەسلىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ،نوقۇل ھالداھوزۇر-ھالاۋەت،راھەت-پاراغەتكا بىرىلىپ،مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق.يۇرت بولسا نادانلىق ،جاھالەتتە،خەلىقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى.يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى،خەلقىمىزنىڭ ئىستىقپالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق.يۇت ۋە خەلىقىنىڭ غېمىنى قىلش،يۇرتنى تەرەقىياتقا،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق.تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ،ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقنى ئىنكار قىلدۇق.بىز نىمە ئۈچۈن بۇقەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ،ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز!بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟......نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك،مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە ،نەزىر-چىراقتىكى سەدىقە-ئىھسانغا،ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا،شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا،ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ،تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكىۋالغانلىقىغا،ۋەتەن،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ داد-پەريادى،نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي،كۆز يۇمۇپ گاس-ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!قېنى نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ،قېنى؟.....بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ،تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ،ئاچ-يالاڭاچلىق ئازابىنى تارماقتا.بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدەمەئىشەت قىلىپ،توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز.ئۇنىڭ ھىسابىغا،كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە.ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ئۇلارنىڭ بىشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ياق ھېچنىمە قىلمىدۇق،بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن،يىتىم-يىسىر،تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا.نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىلىتام-دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ،كوچىدا ئاچ-يالاڭاچ،خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى،ئاجىز-مىسكىنلەرنىنىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ئۇلارنىڭ بېشىنى سيلاپ،غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى،خەلىقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق،خەلىقنى بەخىت-سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن،پۈتۈن ئىەشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپخاتىرجەم ياتساق،ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟قېنى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ!....ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا.ئىنگىلىز-شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ،داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقاك تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە،ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا.بىز بولساق ،بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز .ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ،ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز،ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز.بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ھېلىمىۇ كەچ ئەمەس،پۇرسەت بار،ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت-نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!....ئىنگىلىز،شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار جاھانگىر،تاجاۋۇزچى،ئۇلار ئوغرى،بۇلاڭچى.باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن،ئاستا-ئاستاپېيىمىزنى قىرقىپ،بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان،گىلەملىرىمىزنىئېلىپ،بىزنى داقبورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر.بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت!ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر.ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىقۋاباسىنى چېچىپ،ئۆز قولىمىز بىلەنقېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخۇرلاردۇر.ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر....
    قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار!بىز ئەزەلدىن قابىل،باتۇر خەلىق ئىدۇق،تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر-بارىگاھ تىكىپ،سەلتەنەتلىك ئوردا-تەخىتلەرنى قۇرۇپ،دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى، بىزگە جاھالەت،نادانلىق،خۇراپاتلىق،ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەنمەنلىك،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى،شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا،خار-زەبۇنلىققا يۈزلەندۇق. ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز!!!!.........>>
    قۇشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم،بۇ تەخمىنەن 80 يىل ئاۋۋالقى مىللىتىمىز ھالىتىنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى،ئەمما ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن داموللا بۇۋىمىز قاخشىغان ،سۆككەن باتىللىق ،نادانلىق،بىلمەسلىك نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىمەيدۇ؟ئەجىبا داموللا بۇۋىمىز<ياتقان يېرى جەننىتى بولسۇن> بۇ سۆزلىرىنى ئىچى پۇشۇپ قىلىپ،ئاڭلاپلا قويۇشقا دىگەنمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەربىز ئېغىز ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ ماس كىلىدۇ؟ توۋۋا !...بۇۋام ماڭا ھازىرمۇ شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلىدۇ...


    ------------------------------------------------------------


    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ،ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(kuduratulla) ياخشى ماقالە
  • http://mtv.diyarim.com
    ياخشى قىلدىڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-12 23:00 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    Otuken
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10906
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدۇقادىر داموللىنىڭ <<ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﯙﺭﯛﺭىيە>> دىگەن كىتابىنىڭ بىر نۇسخىسى مېنىڭ ئۆيۈمدە بار. ئەگەر جايىدا، ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قاراپ پېقىردىن سورىغۇچىلار بولسا، مەن مەسلىھەتكە كىلىمەن. لىكىن بۇ كىتاپ سېتىلمايدۇ. بەلكىم باشقىلارنىڭ قولىدىمۇ باردۇ. تاشقى قىسمىدا يەنە << تورت قىرىق ھەدىس>> دىگەن خەتمۇ بار.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ھامىنى ئۆلۈپ كىتىدىغان بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز نېمىدىگەن غەلىتە!
    | ۋاقتى : 2008-05-13 02:37 2 -قەۋەت
    kaxkar.ogli
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 249
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە249دانە
    شۆھرەت: 249 نۇمۇر
    پۇل: 864 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدىقادىر داموللامنىڭ شىھىت  بولغان ئۇيى ھازىرمۇ  شۇ  پىتى  بۇزۇلمىدى  ئاسارە ئەتىقە  قاتارى ساقلاغلىق نەۋرىسى  زەينەپخىنىم  بار  سەكسەن  ياشتىن  ئاشتى .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-13 13:50 3 -قەۋەت
    sehirlikalma
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 17636
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2733
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2733دانە
    شۆھرەت: 2690 نۇمۇر
    پۇل: 8924 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن بىز پەخىرلەنگۈدەك ئىسىل ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ئىكەن.
    http://mtv.diyarim.com
    سەمىمىلىك ھەممىدىن ئۇلۇغ!
    | ۋاقتى : 2008-05-13 16:09 4 -قەۋەت
    insanbiz
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27820
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 594
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە594دانە
    شۆھرەت: 624 نۇمۇر
    پۇل: 2372 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :115(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت~
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    دىيارىم ئەزالار مۇڭداش توپى قۇرۇلدى.59484468
    | ۋاقتى : 2008-05-13 19:00 5 -قەۋەت
    berdem
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6231
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 158
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
    شۆھرەت: 159 نۇمۇر
    پۇل: 507 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنداق زاتتىن مىڭ يىلدا  بىرى  چىقىدۇ ! 
    < ئابدۇقادىر  داموللا  ھەققىدە  قىسسە > ( خېۋىر تۆمۈر ) نى  ئوقۇغۇنىمدا  مەنمۇ  شۇنداق  خىتاب  قىلغان : داموللا  80 يىل  مۇقەددەم  قەيت  قىلغان  ئىللەتلىرىمىز  نىمە ئۈچۈن شۇ پېتى مەۋجۇت  ، ھەتتاكى  ماڭقۇرتلارچە  شاخلىتىپ ، ئۇنى  « زامانىۋى » دەپ  ئاتايمىز ؟!  كىيىن  ئۆز -ئۆزۈمگە  شۇنداق جاۋاپ بەردىم : چۈنكى  شۇنداق  زاتنى ئۆلتۈرگەن  ئۆزىمىز .
    *                                      *                                        *
      مىللەتنىڭ  خار  ۋە  زەبۇن  بولماقىغا  سەۋەپ  نىمەدۇر  ؟
      ئىككى  نەرسىدۇر  : بىرى ، نادانلىق ۋە جاھالەت ،  يەنە بىرى ، تەپرىق ۋە  ئىختىلاپتۇر .
    __  ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس كاشىغەرى
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    بەردەم بول !  شۇندىلا يىقىلمايسەن ...
    | ۋاقتى : 2008-05-13 19:09 6 -قەۋەت
    yagmauyghur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
    شۆھرەت: 67 نۇمۇر
    پۇل: 311 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئۇ زاتنىڭ
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-13 20:59 7 -قەۋەت
    kirimjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 5844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2454
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2454دانە
    شۆھرەت: 1107 نۇمۇر
    پۇل: 5626 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ شۇ دەۋردىكى كاتتا ئۆلىما كىشى ئىدى.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-13 21:40 8 -قەۋەت
    izdanharma
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30521
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ ئۇلۇغ زاتنى ماختاش ئەمەس قېرىنداشلار،ھەقىقى ۋەزىپىمىز ھەر مىنۇت-ھەر سىكۇنت،ھەر بىر ئىشىمىزدا مەيلى نېمىلا قىلمايى مىللەتنى ئويلاش،مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىكى ئىش بولسا،ئككىلەنمەي قىلىش.ئۇلۇغ زاتنىڭ كۈتكىنىدەك ئەۋلاد بولۇش.قېنى كېلىڭلار ھەممىمىز مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئوزىمىزنى قەدىرلەيلى!    
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-13 23:32 9 -قەۋەت
    palaket
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6206
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ توغرۇلۇق  ئويلىسام  گېلىمغا  بىر نەرسە كەپلىشىۋالىدۇ.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-14 15:51 10 -قەۋەت
    hattab
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30233
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 70
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
    شۆھرەت: 70 نۇمۇر
    پۇل: 443 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-23
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ مۇشۇنداق ئۈلۈمالىرىمىزدىن داۋاملىق بىزلاەرگە چىقىرىپ بەرگەي........ئامىن
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-14 17:31 11 -قەۋەت
    unqamarjan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24651
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    پۇل: 440 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇلۇغ زات !!!!يەنە بىرسى چىقىدۇ يا چىقمايدۇ ؟!!!!!بىر كىتاپتا ئوغلى ھەققىدە كورگەندەك قىلغان !!..
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-15 19:00 12 -قەۋەت
    tor99
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30720
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 95
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە95دانە
    شۆھرەت: 95 نۇمۇر
    پۇل: 434 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    خەلىقئارا ئۇچۇر دۇنياسى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ سەركىسى ،
    ئۇيغۇر www.tor99.com ئۇچۇرلار جەمگاھسى .
    | ۋاقتى : 2008-05-15 21:04 13 -قەۋەت
    al-watan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30743
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يۇقىرى لىكىن ئۆگۈنۈش تۇيغۇسى كەمچىل... تېمائىگىسىگە رەھمەت
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-16 00:34 14 -قەۋەت
    artix
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10999
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە68دانە
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    پۇل: 291 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

     

    ئاللاھ مۇشۇنداق ئۈلۈمالىرىمىزدىن داۋاملىق بىزلاەرگە چىقىرىپ بەرگەي........
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-16 16:51 15 -قەۋەت
    mardan521
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26128
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 109
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە109دانە
    شۆھرەت: 109 نۇمۇر
    پۇل: 439 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدىقادىر داموللام ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشىمىزگە،ئەۋلاتلىرىمىزغا تۇنۇتىشمىزغا تىگىشلىك ئۇلۇغ زات،ئاللا ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن!
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-16 21:39 16 -قەۋەت
    tewilga
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24187
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزدە ئابدۇقادىردەك يىتۈك ئالىملىرىمىز،سادىر پالۋاندەك ئوغلانلىرىمىز،رىزۋانگۈلدەك باتۇر قەھرىمالىرىمىز، .ئەخمەتجاندەك سىياسەتچىلىرىمىز، مەمتىلى توختاجىدەك مارىپچىلىرىمىز،
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،تۇرغۇن ئالماستەك رىئالىستىك  تارىخچىلىرىمىز،خەلىقنى ئۈمىدۋارلىققا،غايىگە
    يىتەكلەيدىغان زوردۇن سابىردەك يازغۇچىلىرىمىز ھەمدە ئىسمى ئاتالماي قالغان ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنى يادقا  ئېلىش بىلەن بىگە مۇشۇ  جەمىيەتتە ياشاۋاتقان  ئۆزىنى
    ۋەتەن- خەلىقنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلاۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزغامەدەت تىلەيلى ،ئۇلارغا رەخمىتىمىزنى ئېيتايلى.ۋەتەن سۈيەر كارخانچىلىرىمىزنى قوللايلى. سەرەڭگە سېتىۋالماقچى بولساق
    كىمدىن،نەدىن سېتىۋېلىشنى ئويلايلى .
    مۇناپىقلىق،ساتقىنلىق ۋە ئاچكۆزلۇك قىلمايلى ...بىزنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان يۈكلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،باللىرىمىز يۈكسىز ،ئازاپسىز تۇرمۇش كەچۈرسۇن...
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-16 23:20 17 -قەۋەت
    qakmakogli
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30824
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-17 18:55 18 -قەۋەت
    amat007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30539
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ  سۆزلۈكلەرنى  ئوقۇۋاتقىنىمدا كۆزلۈرۈمگە لىققىدە  ياش كەلدى
    ئۆز  مىللىتىمىزدىن  چىققان مىللەتپەرۋەر ،  ئىلىم- مەرىپەت  ئۈچۈن  ئۆز كۈچىنى ئايىمايدىغان
    بۇزاتقا مىللىتىمىزدىن  چىققان  ئىپلاس  قاتىل  ئۈچۈن  مەن  ئۆكۈنىمەن!!!
    بۇ  زات  مىللىتىمىزدىن  چىققان  بۈيۈك  ئالىملاردىن  بىرى ئىدى  ھەي  مىللىتىم
    بىزگە  قاچانغىچە  ئىتتىپاقسىزلىقدىن، قالاقلىقدىن  قۇتۇلارمىز؟
    ئىھ  بۇيۈك  ئالىمىم
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-19 22:08 19 -قەۋەت
    ajdar
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29030
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 173
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە173دانە
    شۆھرەت: 173 نۇمۇر
    پۇل: 626 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئۇ زاتنىڭ ........
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-20 10:47 20 -قەۋەت
    pazlat
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31009
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىگۈدەك .
    ئۇلۇغ زاتنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن .
    ئامىن
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-20 13:14 21 -قەۋەت
    nurlan8530
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31065
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز ! مەن بۇ تىمىنى كۆرۈپ دىيارىمغا ئەزا بولدۇم. بۇندىن كېيىن دىيارىمدا مۇشۇنىڭدەك ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپراق كۆرۈپ  تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-20 23:09 22 -قەۋەت
    zahirjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت ! بىراق ئابدۇقادېر داموللام قەشقەر ۋېلايىتى ئۈستۈن ئاتۇش شەھرېنېڭ مەشھەت يېزىدېن بولماستېن ئاتۇش شەھرېنېڭ سۈنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتېدېن . ئاتۇش تىكى چوڭ لاردېن ئاڭلىشىمچە ئابدۇقادېر داموللام قارخانلار شاھىنېڭ ئەۋلاتلېرېىكەن .  اللا مەرھۇمنى جەننەتكە كېر گۈزگەي !!!!!!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-21 00:15 23 -قەۋەت
    xjmmtj
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30818
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    پۇل: 281 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئادەم ، شۇنداق ئالىملانى ئۆزىمىزنىڭ ئۈلگىسى قىلساق بولىدۇ!!!
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-21 02:31 24 -قەۋەت
    musapir87
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26342
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 93
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە93دانە
    شۆھرەت: 93 نۇمۇر
    پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ،ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئۇيغۇرمەنمۇ ئۇيغۇرمەن ،
    ئۇيغۇر بولماي كىمدۇرمەن .
    تەڭرىتاغ يوللىرىنى سورىساڭ ،
    ھەممە جاينى بىلۇرمەن .
    | ۋاقتى : 2008-05-21 16:32 25 -قەۋەت
    1533kaysar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30423
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
    شۆھرەت: 36 نۇمۇر
    پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز  پەخىرلەنگىدەك  ئولىما  ئىدى .بىز ئۇچۇن  چوڭ  بىر  يوقۇتۇش
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-21 23:10 26 -قەۋەت
    jisakqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31142
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-22
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻠﻰ، ﻛﯘﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ، ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ،ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
    ھەقىقەتەن بىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر. تىلى ھەقىقەتەن جايىغا قويۇلغان. ئاللاھ شۇ بوۋىمىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلغاي ئامىن! بوۋىمىز كۆتكەن شۇ كۈنلەرنى، شۇ كۈنلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلارنى كۆپ بەرگەي ئامىن!  سىڭدۇرگەن ئەجرىڭىزگە ئاللا ھ  سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي ئامىن!
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-22 00:35 27 -قەۋەت
    arman1759
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31359
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز كۆپىنچە ئىشلاردا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىپ قويىمىز..... ھازىرمۇ ھەم شۇنداق!

    مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇقادىر دوموللامنى ئۆز  ئىچىمىزدىن چىققانلارنىڭ ئۆلتۇرىۋەتكىنىدەك...

    مەن ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ «شىرىن كالام »ناملىق يەنە بىر ئەسىرى بار دەپ ئاڭلىغان ...
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
    كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!
    | ۋاقتى : 2008-05-24 23:47 28 -قەۋەت
    00x
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31428
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت      
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-25 22:16 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 17:58
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation