بۇ بەتتىكى تېما: ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 209 قېتىم كۆرۈلدى
ERKEK@ERCHIN
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10576
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە78دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 277 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ

ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ


<<شىنجاڭ سەنئىتى>>ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، مەدەنىيەت تەتقىقىاتچىسى، يازغۇچى ئۆمەرجان ئىمىن 5-ئاينىڭ 9- كۈنى باي ناھىيىسىگە كېلىپ، تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتىنى باشلىدى.ئۆمەرجان ئىمىن 5- ئاينىڭ 10 -كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا ئەڭ يىراق( ناھىيە بازىرىغا 110 كىلومېتىر كېلىدۇ) قېيىر يېزىسىغا بېرىپ، بۇ يېزىدا شۇ كۈنى قېيىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان- چارۋىچىلار سەنئەت- تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك سەنئەت، ناخشىلارنى ئۈنگە ئېلىپ خاتىرىلىدى، ۋە پېشقەدەم كىشىلەر، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، دېھقان سەنئەتكارلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ، يەرلەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى يەنە مەشھۇر تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، تارىخى ئىزلارنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرە قالدۇردى.

5- ئاينىڭ 10- كۈنى قەدىمىي كونا يۇرت - سايرام بازىرىغا بېرىپ، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، تارىخىي شاھىتلار، سەنئەتكارلار، تارىى -تەزكىرىچىلەر بىلەن سىردىشىپ ئەھۋال ئەگىلەپ،مەدەنىيەتنىڭ تۈرلۈك ژانېرىدا كەڭ تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

5-ئايىنىڭ 11-كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋام- پۇخرالار، پېشقەدەم شاھىتلار( بايدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىجتىمائي ئىشلارنىڭ تىرىك شاھىدى) بىلەن ئۇچرۇشۇپ، يازماقچى بولغان چوڭ ھەجىملىك كىتابى ئۈچۈن 1- قول ماتېرىيال توپلىدى. ...................

مەدەنىيەت تەتقىقىاتچىسى، يازغۇچى ئۆمەرجان ئىمىن يەنە قىممەتلىك ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ، باي ناھىيىسىدىكى <<يازىدۇ>> دەپ ئاتالغان قېرى- ياش <<ئەدىبلەر>> بىلەن كۆرۈشۈپ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەھەتتە ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

مۇخبىر ئۇنىڭ ئاغزىنى كۆچىلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ باي ناھىيىسىدە تۇرۇپ، بۇ ناھىيىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ زور داغدۇغا قوزغىغان ئەسىرى- << تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت>> دىن قېلىشمىغۇدەك بىر ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدى.
[ kuxbeg526 تەرپىدىن 2008-05-11 23:24 قايتا تەھرىرلە ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى kuxbeg526 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-11 .
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-05-11 23:00 [باش يازما]
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 2828
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2828دانە
شۆھرەت: 2250 نۇمۇر
پۇل: 3630 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :733(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  
ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﺋﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰ....ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ؟ﺗﺎﺭﯨﺦ-ﺋﺎﺩﺩﻯ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ <ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ >ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ،ﺗﺎﺭﯨﺦ-ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ.ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﯩﯖﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﺩﯨﻤﻪﻛﺘﯘﺭ.ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻻﮬﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ،ﮬﯩﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ،ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰ،ﺋﯚﺭﯗﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ،ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ-ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﺯﮔﯘﺭﻩﺷﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.ﺷﯘﯕﺎ،ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ؟ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯩﻤﺘﻮﻕ؟ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯘﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﺕ.ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻳﺪﯗ،ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ،ﺗﻪﻧﮭﺎﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ!ﭼﯘﻧﻜﻰ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯘﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﻟﺒﯘﮔﻰ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﻮﺵ ﺑﯩﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭽﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ؛ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺴﺎ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯧﺮﯨﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﻗﺎﻻﻕ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻨﯩﯔ ﺭﯨﺌﺎﻝ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺗﺎﺭﯨﺦ-ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ! ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯜﺯ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﺎﺗﺴﯘﻥ،ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﻩﻣﺪﻭﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﮔﯘﻧﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻣﺪﻭﻕ؟
ﻓﯧﺪﯨﺮﯨﺦ ﻧﯧﺘﯩﺰﻯ"ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺴﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺮﺳﯩﺘﻨﻰ ﭼﯚﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ"ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﻭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﻠﯧﺮﯨﺪﻩ"ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ -ﺑﯘﮔﯘﻧﯩﻼ ﺑﺎﺭ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ.ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﻏﯘﭖ،ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻛﯚﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﯘﻏﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯘﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﺸﻠﯧﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ"ﺩﻩﭖ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﻧﯧﺘﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺸﺘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮې ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ،ﻧﯧﺘﯩﺰﻯ ﻛﯘﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ.ﺷﯘﯕﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﮔﯘﻧﻨﻰ ﻣﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯗﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﭼﯘﭖ،ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺑﻪﻛﻼ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ.ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﺘﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﻛﯘﭺ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻜﯜﻝ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ.ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯧﺮﻯ.ﭼﯘﻧﻜﻰ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ؟ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﯗﻕ؟ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﺗﯩﺪﯗ.ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﺑﻮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ.ﭼﯘﻧﻜﻰ،ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﮔﯘﻧﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.ﮬﺎﻟﺒﯩﯘﮔﻰ،ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯩﭙﻴﯩﯖﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ،ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ،ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.ﻟﯩﻜﯩﻦ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯧﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﺨﻰ ﺑﺎﻳﯩﻼ ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،ﺑﯩﺰ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﺘﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺩﯗﭺ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪﻧﺪﻩ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻟﯘﭖ،ﺑﯘﮔﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻼ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﯩﺒﻮﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻛﯩﺘﻪﺭﻣﯩﺰ؟ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺷﻜﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻛﯚﯕﯘﻟﺴﯩﺰ،ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﺷﻠﻮﻕ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻ ﺱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪﮬﺮﻭﻡ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺷﻪﮬﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ،ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯧﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻳﻨﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.ﺋﻪﮔﻪﺭ،ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ،ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ؟ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ،ﺋﯚﺗﻤﯘﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﻮﻗﺘﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ-ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ!ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﻪﻣﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﻰ ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﺪﻩﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ"ﺟﻮﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻰ5000ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ،ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﻻ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ500ﻳﯩﻠﻐﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ"ﺩﻩﻳﺪﯗ.ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎ!ﺋﻪﮔﻪﺭ،ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯘﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻗﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯧﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﺵ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯧﺮﻯ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﻰ؟ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﻪﻛﻠﻰ،ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺭﻭﮬﻰ،ﺋﯚﺭﯗﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯧﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ "ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﺑﻨﺎﻣﯩﺴﻰ " ﻧﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﮔﯩﺮﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﯘﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻥ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﻮﻝ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﺎﻳﻨﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﺎﻳﻨﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ .
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻕ ! ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ! ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗﻕ ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﺎﻥ - ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﺱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯩﺮﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺗﺎﺭﯨﺦ —— ﻧﻮﻗﯘﻝ ﮬﺎﻟﺪﯨﻼ << ﺋﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ >> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ ، ﺋﯘ ﺳﯚﯕﻪﯕﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﯧﺸﻰ ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺧﯧﺘﻰ !
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻏﯘﯞﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺷﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﯨﺨﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ، ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻨﺴﯧﺮﻯ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ . ﺳﻮﺭﯗﻥ - ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ، ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﮔﯜﺯﯨﻠﻰ ......ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯘﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﻗﻜﻰ ، ﻛﯚﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﯗﻕ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺑﯩﺰ ﺗﺎﯨﺨﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﺷﺎﻥ - ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ ، ﮬﻪﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﻤﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ ...
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺎﻥ ﻣﺎﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﻡ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ... ﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮔﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﻩﺕ .
ﻏﻪﺭﻩﺑﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺋﺎﺯﺍﺑﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﯘﻟﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﻮﻏﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﻼﻧﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺟﯘﻻﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﭘﻼﻧﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻡ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﯞﻩﺝ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ... ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ . ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﻮﻗﯘﻣﻜﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻨﻼ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ . ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﺋﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻗﻰ ، ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﯘﭼﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﻪﻟﯩﺴﯘﻥ ؟
ﺗﺎﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﯞﻗﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ، ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻨﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻱ - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﻼ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ، ﻗﺎﻧﯘﻳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﯞﻩﮬﯩﻴﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ !
ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﻮﻧﯟﺍﻥ ﺯﻭﺭﯗﻗﯘﭖ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ، ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻳﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﭙﯩﻐﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﺑﺎﺏ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﺗﺘﻪﻙ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ !
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ؛ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﻟﻪﺯﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ - ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﻏﺎﻧﻼﺭ ؛ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ؛ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ؛ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﺩﯗﺭ !
ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ - ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ، ﻣﻪﻧﭙﯩﺌﻪﺕ ﺗﺎﻣﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺳﻮﻗﯘﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ !
ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ، ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﺘﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ، ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ . ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﯨﺨﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯗ .
ﺗﺎﺭﯨﺨﭙﯩﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻳﯜﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺑﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ ...........
ﻣﻪﻧﺒﻪ؛ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ"ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺕ"
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
 روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
| ۋاقتى : 2008-05-12 00:09 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 2828
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2828دانە
شۆھرەت: 2250 نۇمۇر
پۇل: 3630 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :733(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
 روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
| ۋاقتى : 2008-05-12 00:10 2 -قەۋەت
Ataman
ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى ئۆمۈرلۈك تۆھپە مىدالى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 630
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە630دانە
شۆھرەت: 1183 نۇمۇر
پۇل: 2460 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :450(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆمەركامنىڭ باي ناھىيسىدىكى ئىزدىنىش تەتقىقاتلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ئىشىنىمىزكى تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
يىلتىزىمىز دىيارىمدا
       ئۈمىدىمىز دىيارىمدا
| ۋاقتى : 2008-05-12 11:45 3 -قەۋەت
uyush
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : سىناقتىكى باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 21134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 551
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە551دانە
شۆھرەت: 566 نۇمۇر
پۇل: 2253 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :228(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئۆمەرجانكامنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.بۇ ئاكامنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»دىگەن يىرىك ئەسىرى بەك ياخشى چىققان بولۇپ،بازارغا سېلىنىشى بىلەن زور ئالقىشقا ئىرىشكەن،مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە تاپقىلى بولمدىغان دەرىجىگە يەتكەن.ئۆمەرجانكامنىڭ دىيىشىچە، بۇ كىتاب يەنە ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دىگەن كىتابى يېقىندا سېۋىت تىلىدا نەشىر قىلىنماقچى ئىكەن.بۇ ئىككى كىتاپ ئۇلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئۆمەرجانكامنىڭ يېقىندا تەتقىقات خاراكتىرىدىكى كىتابلىرىدىن ئون نەچچە قىسىملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى چىقماقچى.
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
كىم ئىدۇق،كىم بولدۇق،ئەمدى كىم بولماقچى؟؟!!
| ۋاقتى : 2008-05-12 14:23 4 -قەۋەت
ERKEK@ERCHIN
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10576
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە78دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 277 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يۈرۈشلۈك كىتاپلىرىنىڭ تېزرەك چىقىشىنى  تىلەيمەن.
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-05-12 22:40 5 -قەۋەت
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 2828
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2828دانە
شۆھرەت: 2250 نۇمۇر
پۇل: 3630 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :733(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىuyushنىڭ2008-05-12 14:23دە يوللىغان يازمىسى  :
مەن ئۆمەرجانكامنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.بۇ ئاكامنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»دىگەن يىرىك ئەسىرى بەك ياخشى چىققان بولۇپ،بازارغا سېلىنىشى بىلەن زور ئالقىشقا ئىرىشكەن،مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە تاپقىلى بولمدىغان دەرىجىگە يەتكەن.ئۆمەرجانكامنىڭ دىيىشىچە، بۇ كىتاب يەنە ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دىگەن كىتابى يېقىندا سېۋىت تىلىدا نەشىر قىلىنماقچى ئىكەن.بۇ ئىككى كىتاپ ئۇلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئۆمەرجانكامنىڭ يېقىندا تەتقىقات خاراكتىرىدىكى كىتابلىرىدىن ئون نەچچە قىسىملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى چىقماقچى.

كىتابلېرى نەشىردىن چىقسا دەرھال خەۋەر بېرىۋىتەرسىز،مۇشۇ كۈنلەردە يېڭى كىتاپلارغا بەكمۇ تەقەززا بۇلۇپ كېتىۋاتىمەن.كىتاب ئىشكابىمدىكى كونا كىتاپلارنى ۋاراقلاپ كۈنلېرىم ئۇتمەكتە.
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
 روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
| ۋاقتى : 2008-05-12 22:43 6 -قەۋەت
ERKEK@ERCHIN
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10576
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە78دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 277 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆمەرجان ئىمىننىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە  يازماقچى بولغان ئەسىرىگە ماتېرىيال توپلاش پائالىيىتى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-05-17 10:01 7 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 18:51
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation