ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : دىيارىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى :
ئالدى بىلەن ئۇلۇغ روزا ئايلىرىدا ھەر بىرىڭلارغا خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز .
يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ۋە ھەر قايسى مۇنبەرلەردە كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان ھەم قەدەمدە بىر كۆزىمىزگە يولۇقۇپ كۆڭلىمىزنى پەرىشان قىلىپ دىلىمىزنى ئىزىۋاتقان ئىچىنىشلىق نىدالار ، مۇراجەتلەر ، قۇتقۇزۋىلىش ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى ئاھۇ زارلار بىزنى ھەر ۋاقىت ئويلاندۇرماقتا ۋە يۈرىكىمىزنى لەختە قىلىپ ئاشۇ كىسەل ئازابىدا تولغۇنۇپ ئازاپ تارتىۋاتقان نارىسىدىلەرگە بولغان ھىسداشلىقىمىزنى قوزغىماقتا . بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۈچەۋاتىمىز ، سەۋەبىنى ۋە ئامالىنى قىلىۋاتىمىز ، پۇلى بارلار پۇلىنى ، كۆڭلى بارلار كۆڭلىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ . ھىسداشلىق قىلىۋاتىدۇ ،ساخاۋەتچى ئاخكۆڭۈل كىشلەر ياردەم قولىنى سوزۇپ ئاشۇ كىسەل كارۋىتىدا ياتقان سەبىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىۋاتىدۇ .
بىز بۈگۈن يەنە تورداشلارغا ، تور دۇنياسىدىكى ۋە جەمىيتىمىزدىكى مېھرىبان ساخاۋەتچى قىرىنداشلارغا ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن بىر نارىسىدە قىزنىڭ ئۆز يىشىغا ماس بولمىغان ئىغىر دەرىجىدىكى دىئابىت كىسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىپ قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى ، تور دۇنياسىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارنى يوللاشنى لايىق تاپتۇق .
يەكەن دىيارىدىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا كەلگەن بۇ سەبى قىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە 10 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاجراتقايسىز .
ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار :
ئەگەر بۇ نارىسىدە قىز ئاماننىساغا ياردەم قولىنى سونۇشنى خالايدىغان ، مېھرىبان ، ساخاۋەتچى كىشلىرىمىز ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى بولسا بىۋاستە ئاماننىسانىڭ ئاپىسى ئايىمنىسا بەكرى بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ .
بىمارنىڭ ئانىسى : ئايىمنىسا بەكرىنىڭ تېلېفۇنى : 13201183647
بانكا ھىسابات كارتىسى : جۇڭگو يىزا ئىگىلىك بانكىسى ( 阿依木尼莎.拜克热 6228480890236780114 (中国农业银行 )
ئادرىسى : شىنجاڭ قەشقەر يەكەن ناھىيە گورباغ يولى 25 - قورو 8 - نومۇر