تۇيۇق پىچان ناھىيسگە جايلاشقان بۇلۇپ ،تۇرپان شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 55 كىلومىتىر كىلىدۇ.ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بۇددا مەدەنىيتنىڭ ئۇچراشقان جايلارنىڭ بىرى .
تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرى:سىڭگىم ئىغىزىدىن يالقۇنتاغنى بۇيلاپ جەنوپقا 15 كىلومىتىر ماڭسىڭىز تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىگە يىتىپ بارىسىز.بۇ يەردە جەمئى 94 تاش كىمىر بۇلۇپ ،ھازىرغا قەدەر ساقىلنىپ قالغىنى 45،تۇرپان رايونىدىكى تاش كىمىرلەر ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان تاش كىمىر بۇلۇپ ھىسابلىندۇ.بۇ يەردىكى تاش كىمرلەر ئەڭ دەسلەپتە جىن سۇلالىسى ،16 پادىشاھلىق دەۋرىدە (مىلادى 443-450 يىللار)ياسالغان.جاھانىگىرلارنىڭ بۇلاڭ تاراج قىلىشى ۋە كىشلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى تام رەسىملىرىنىڭ %90زىيانغا ئۇچىرىغان بۇلۇپ ھازىر پەقەت %10 تام رەسمى ساقلىنىپ قالغان.
تۇيۇق مازار كەنتى:بۇ كەنت تۇيۇق مىڭ ئۆيلىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ ،تۇلۇق نامى «ئەسھابۇل كەئىبە مازىرى»(پارس تىلدىكى مەنىسى ئۇلۇغلار چۈشكەن ئۆڭكۈر،مازار :قەبرىستانلىق )دىيىلدۇ.
رىۋايەت قىلنشچە ،مۇھەممەت پەيغەمبىرىنىڭ شاگىرىتى يىمنەيھا قاتارلىق بەش كشى ئەڭ دەسلەپتە جوڭگوغا ئىسلام دىننى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن.شەرققە يۈرۈش قىلىپ تۇرپان ئويمانلىقغا كەلگەندە ئىت يىتۋالغان بىر چارۋىچى تۇنجى بۇلۇپ ئىسلامغا كىرگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بەش كىشى مۇشۇ يەردە ئولتۇراقىلىشىپ قالغان.يىمنەيھا ۋە تۇنجى بۇلۇپ ئىسلامغا كىرگەن ھىلقى كىشى ئۆلگەندىن كىيىن تۇيۇق مازىرىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ ئالتە كىشنىڭ قەبرىسى
ھازىرمۇ بار بۇلۇپ ،ھەر بىر قەبىرىنىڭ كۈلىمى 2 كۇۋادىرات مىتىر ئەتراپىدا.
تۇيۇق مازار كەنتى جوڭگودىكى ئىسلام دىننىڭ بىرىنچى مۇقەددەس جايى يەنى «كىچىك مەككە» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشچە ،مەككىگە بىرشتىن بۇرۇن تۇيۇق مازىرغا بېرىش كېرەككەن.خاتىرىلنىشچە 20 ئەسرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە ،ھىندستانلىق مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە ھەج قىلشقا كەلگەن .ھازىرمۇ تۈركىيە ،دۆلەت ئىچى ،شىياڭگاڭ ،تەيۋەن ،ئاۋمىن، گىرمانىيە قاتارلىق جايلاردىن مۇسۇلمان كىلىپ تاۋاپ قىلماقتا.
تۇيۇق مازار كەنتى بۇلسا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەنئەنىۋى كەنتى بۇلۇپ ،بۇ جايدىكى كىشلەر ھەممىسى ئۇيغۇر،مىللىچە كىيندۇ ،تۇرمۇش ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتە مىللىيىچە ئالاھىلىدىكنى ساقلاپ قالغان.2007-يىلى تۇيۇق كەنتىگە مەمىلكەت بۇيىچە تارىخى داڭلىق مەدىىنيەتلىك كەنت دىگەن نام بىرېلدى.
تۇيۇق سۈرەتلىرى :
گىرمانىيلىك ئېكىسپتىدىيچى فېن رېكسۇن ئەپەندى چۈشكەن تۇرالغۇ
قەدىمى تۇرالغۇ
مازار
[/img]
تۇيۇق مازار كەنتى
جوڭگودىكى كىچىك مەككە
تۇيۇققا مىھمانغا كىلىڭلار
يۇقىرىقى سۈرەتلەر ۋە ماقالىنى ئۆزەم تەييارلىغان ،كۈچۈرۈپ ئىشلتىشكە بولمايدۇ.
تۈۋەندىكلىرى تور بەتتىن تاللانغان سۈرەتلەر
تاش كىمىرلەر
سەبىلەر
تېرىكچلىك
تۇيۇقتىكى ئۇيغۇر قىزى
ئاتا ۋە بالا
[ hitab تەرپىدىن 2008-05-07 18:28 قايتا تەھرىرلەنگەن ]