« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال ! ! ! (زۇلپىيە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 12669 قېتىم كۆرۈلدى
zulpiya5.31
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25575
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە48دانە
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
پۇل: 316 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال ! ! ! (زۇلپىيە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hitab تەرپىدىن چوققىلاندى(2008-05-04)
ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگنال ! ! !

      يېڭى بىر ئەسىر مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. تارىخنىڭ ئاۋازى ئەسلىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى يادىمىزغا سالدى. بىز بۇ يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا تۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ، كېلەچەك ۋە ئىقبالىمىز ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلانمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا توغرا كەلدۇق. ئەپسۇسكى، كىرزىسلىرىمىز شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ، بىراق بىز ئۆز كىرزىسلىرىمىزدىن يىراق ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزگە، تارىخمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، مەۋجۇتلۇقىمىزغا بولغان مەسئولىيەتچانلىق روھىمىز دېگەندەك تىكلەنمىگەچكە، ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ ھەل قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئەقەللىي جاۋابكارلىق كۈنتەرتىپىمىزگىمۇ ئېلىنمىدى. بىز ئەڭ ئادەتتىكى مەسىلىلىرىمىزنى بىر ياقلىق قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەجەللىك مەسىلىلىرىمىزمۇ قوشۇلۇپ ، ئۆزىمىزمۇ ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولغاندەك ئەڭ زۆرۈر بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، سانسىز مەسىلىلەر قاتارى ئۆچرەت ساقلاش مالامىتىگە قالدۇق!...... ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆچرەت ساقلايمىزمۇ ياكى ............
ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچرەت قاتارىغا نەزەر سالدىم- يۇ ، كۆزلىرىم ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي گاڭگىراشقا پاتقان قىز - ئاياللار نىگاھىدا تېنەپ قالدى. بۇنىڭدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن قىز - ئاياللىرىمىز بىزنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئانىلىرىمىز سالاھىيىتىدە ئۆچرەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان . مەسىلە زادى كىمدە ؟
      چەكسىز ئىزتىراپ ئىچىدە ئويلاندىم . نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟ زادى نېمە ئۈچۈن بىز بۇ ھالغا مۇپتىلا ؟ « رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم. ئاسمىنىمىزدا قىز - ئاياللارنىڭ يولتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ . ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولىشىشقا باشلاپتۇ . بېغىمىز خازان بولمىسۇن ، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن ، بالىلىرىمىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن ، دەپ ئويلىدىم .... رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە ، يەنى ئاياللار مەسىلىسى مېنى ئويغا سالدى... شۇڭا توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي دىدىم . ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە ، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دىدىم...» .
        مەقسەت ئۇلۇغمۇ بولىدۇ ، پەسكەشمۇ بولىدۇ ، مەقسەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىر ئانىغا نىسبەتەن ئېتقاندا ، ئەڭ ئۇلۇغ مەقسەت پەرزەنت تەربىيلەش.
      بىراۋ بىر دانىشمەندىن شۇنداق سوراپتۇ :
      _ ئاياللارنىڭ قىممىتى قەيەردە ؟
      _ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىشتە .
      ھالبوكى ، ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلىق بۇرچى ۋە قۇربان بېرىش روھى كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . بۈگۈنكى دۇنيادا سۈپەت دۇنيانىڭ يولخېتى ! پەرزەنت ئىنسانغا خۇدايىتائالانىڭ بەخىش ئەتكەن سانسىز نېمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سوۋغات . ئانا پەرزەنتىنىڭ نۇقۇل ئانىسىلا بولماستىن بەلكى، ئەمەلىيەتتە تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى . شۇڭا ، « تەربىيە مەكتەپتە مۇئەللىمدىنلا ئەمەس ، مۇھىمى ئائىلىدە ئانىدىنمۇ باشلىنىشى كېرەك » ( سىتېنا خانىم ) . ئانا ئالىم بولسا پەرزەنتىنىڭ ئېسىل ئادەم ، ئىستېداتلىق ئادەم بولۇشىدىن ئەنسىرەش نەھاجەت ! بىلىش كېرەككى ، ئانا بېشارەتچى بولسا ، بالا قەھرىمان بولىدۇ !
      « ئالىملىرىمىز ئۆز ئىملالىرىدا قىلنى قىرىق يېرىشىدۇ . لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي نەرسىنى بىلىشمەيدۇ » ( جالالىدىن رۇمى ).
    بىز كرزىستا تۇرىۋاتىمىز . يەنە كېلىپ ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى كرزىسلىرىمىز تۇغۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك خرىس ۋە ئاساسىي مەسىلە مەۋجۇتلۇق ۋە سالاھىيەت كرزىسى مەسىلىسى بوپقالدى .
      شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، قوۋمىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سالاھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . « بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشى _ خوتۇنلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن باشلىنىدۇ . 80- يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلەر ئۆلگەن ، 90- يىللاردا بالىلار ئۆلمەكتە » ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ) . بىر جەمئىيەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئۇلىغا پالتا چېپىلغانلىقتىن بولسا ، بالىلارنىڭ ئۆلۈشى شۇ جەمئىيەت زاۋالىدىن بىر ئۇچۇر . ئۆلگەن ئەرلىرىمىزنى « تىرىلدۈرۈش»، ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قايتا ھاياتلىق بېرىش ئانىدىن ئۆزگە ھېچكىمنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئەيشى- ئىشرەت كوچىسىدا تىنەپ يۈرگەن، قايمۇققان ، ئۆلگەن ئانىلىرىمىز بولمىش خوتۇن _ قىزلىرىمىزنى «تىرىلدۈرۈش»، ئۇلارغا ھاياتلىق بېرىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كۆمۈلۈپ قالغان ئەقىل بولاقلىرىمىزنى يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئېچىشىمىز كېرەك !
      « گىرمان مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيىدىن بەكرەك مۇھىم » ( كارىل ياسىپېرىس _گىرمانىيە پەيلاسوپى) بولغاچقا ،2- دۇنيا ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت خارابىسىدىن ئۆملەپ ھاياتلىققا تەلپۈنگەن گىرمانلار بىلەن ياپۇنلار مائارىپ ئارقىلىق بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى . دېمەك ، مۇنقەرز بولغان بىر مىللەت ئاسارەت، مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلماقچى ، مەۋجۇت بولماقچى بولىدىكەن ، بۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ پىلتىسى ئۆزىگە تايىنىش ۋە مائارىپتا !
ئەلۋەتتە ، بىز مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمغا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى نەزەردە قارىماسلىقىمىز كېرەك . پەرزەنت تەربىيىسى نۇقۇل ھالدا مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قاراش ، بۇ ئادىمىيلىكىمىز ۋە مائارىپ قارىشىمىزدىكى بىر يېگىلەش بولسا ، مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قارىتا يېڭى باشتىن ئېنىقلىما بەرمەي ئامال يوق .
        مائارىپ شۇنداق بىر جەريانكى ، ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش جەريانى، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ قېرىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تېخىمۇ شۇنداق . بىلىم بەخىت - سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.  « بىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ » (ھەدىس) . شۇڭا بۇ ھاياتىي دۇنيادا « سەن ئالىم ياكى ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاڭلىغۇچى بولغىن ، ھەرگىزمۇ تۆتىنچىسى ( نادان ) بولۇپ قالما ، بولمىسا تۈگىشىسەن» ( ھەدىس ) . مەۋجۇتلۇق ئەنە شۇنداق تالاي سەۋەبلەرگە باغلىق ئاجايىپ جەريان . مەۋجۇتلۇق ھەر قانداق مىللەتكە ئورتاق تاللاش ھوقوقى، ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي تاللاش ئەركىنلىكىدۇر . مەۋجۇتلۇقنىڭ شەكىللىرى خلمۇخىل بولىدۇ ، قايسى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشى ھەر كىمنىڭ شىجائىتىگە باغلىق . بىراۋ تۇغما ھالەتتە خار ياكى ئەزىز ، مەھكۇم ياكى ھۆر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ . ئىنسان ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇزۇن بىر ھايات مىلودىيىسى . ھېچكىم كىمدىن تۇغۇلۇشى، كىم بولۇشنى، قاچان ئۆلۈشنى بىلىشكە قادىر ئەمەس . ئەمما سەۋەب بىلەن ( تۈۋرۈكسىز ) بىنا بولغان بۇ ئالەمدە سەۋەب قىلسا ، تۆشۈك سېۋەتتىمۇ سۇ توختاتماق تەس ئىش ئەمەس . شۇنىڭدەك ، ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئالدىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقلىي پەرۋىشكارلىقىدا ئۆز بۇرچىنى ئاڭلىق تەرزدە تونۇشتەك دادىل قۇربان بېرىش روھى بىلەن قەدىم ئەلمىساقتىن بويان زامان -ماكاندىن ئىبارەت بۇ « تۆشۈك سېۋەت»تە « سۇ» تۇختىتىپ كەلگەنلىكى قانداق ماختاشقا لايىق ؟!
        دەرۋەقە ، ئانا ئۇلۇغ ، ئانا مۇقەددەس ! ئەمما ئانا ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالىغانلىقى ، پەرزەنتىنى ئىنسانىيەت ۋە مىللەت بەختىگە ھەسسە قوشالىغۇدەك جەسۇر ، سورتلۇق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئۇلۇغ !
        تارىختىن بويان ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئانا ۋەتىنى بىلىپ كەلگەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۇمارىس، تۈركەن خاتون، بۈۋى رابىيە ، ئاماننىساخان ، يەتتە قىزلىرىم ، ئىپارخان ، نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل.......گە ئوخشاش شىرمەت ، ئالىپ قىز -ئانىلىرىمىزنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈپ كەلگەن . ئۇلار بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياد ئېتىلىپ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆرمەتكە تالىق ؟ بۇنىڭ سىرى بەكمۇ  ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈم كۆرۈمدە ئەل - ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغانلارلا بولۇپ قالماي ، يەنە ئۆزى باسقان يوللارنى توختاۋسىز باسقۇچى سادىق ئىزباسار پەرزەنت- مەردۇ مەردانىلەرنى تەربىيلەپ چىققانلىقىدا ياكى شۇنىڭغا سەۋەبكارلىق قىلغانلىقىدا !
        روشەنكى ، مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان ، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز . بىراق پارلاق سەلتەنەتكە ، مەدەنىيەتكە ئىگە ئاتا- بوۋىلىرىمىز جەڭگىۋار مەدەنىي ھاياتىغا زاھىرلارچە ھەغدابولالمىغانلىقىمىز سەۋەب « ئاتىسىدىن قارغىش ئالغان بالا » نىڭ نەق ئۆزىگە ئايلىنىپ ، ئەھمەد شاھ قاراقاشنىڭ « ئات ھەققىدە قىسسە » ناملىق ئەسىرىدىكى « قاشاڭ ئات » ھالىتىگە كېلىپ قالغانلىقىمىز بىر ئەمەلىيەت. ئاتا- ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان ئادەم ، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمىغان مىللەت راۋاج تاپمايدىغان مىللەتتۇر
        مىڭ يىللاردىن بويانقى تارىخنىڭ دەششەتلىك بوران - چاپقۇنلىرىدا راۋاج تېپىپ ، زورىيىپ ، تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بۇ مىللەت قانداقچە « كەنجى مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرى» دىن كىيىنلا جاھالەت ، ئاسارەت ، مەھكۇملۇق پاتقىقىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ناتىۋان ، نادان مىللەتكە ،« قاشاڭ ئات» ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ ؟ تارىختا مەدەنىيەت تەرەققىيات ، مەرىپەتنىڭ سىموۋلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەمدى مەدەنىيەتسىزلىك ، قالاقلىق ، نادانلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالسا ، بۇنىڭدا يەنە قانداق باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟ تارىخنىڭ ئۆزى گۇۋاھكى ، ئۇزاق ئەسىر - قەرنەلەردىن بۇيان ئىزچىللىق شەكلىدە ئەۋلادقا ئاتا ئۇدۇمى بولۇپ كەلگەن تالاي ئېسىل ئەنئەنە - ئادەتلىرىمىز ، شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولغان تەۋەررۈك گۆھەر كەبى گۈزەل خىسلەتلىرىمىز ، قەھرىمانلىق دەۋرىمىز كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە جاھالەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بەقۇۋۋەت جاسارىتىنى يوقاتتى . مەھمۇد قەشقىرىدەك دۇنياغا داڭلىق بىر كاتتا ئالىمنى يېتىشتۈرگەن بۈۋى رابىيە ئانىمىزدەك ئانىلار روھى قاتمۇ قات توپا-تۇمانلار ئاستىدا قالدى . ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان خىسلەت ، تەۋەررۈك ئادەت ، نۇرانە گۆھەر ،ماياك ، مەشئەل كەبىي ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ، مانا بۈگۈن تاشقى دۇنيادىن « ئەنگۈشتەر قوبۇل قىلىش» قا ،« نوم ئەكىلىش» كە مەجبۇر بولدۇق .
        شۇنى سۆزلەش ھاجەتكى، قەدىمدىن بويان مائارىپ ئۇقۇمى مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ سۇنماس قانىتى بولۇپ كەلگەن . پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتا ئەزەلدىن چولتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن خەلق ئەمەسمىز . بىزدە « يېقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام دا موللام »  بولۇشتەك ئادەت مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى «ئەڭگۈشتەر» ئورنىدا قالدۇرۇپ كەتكەچكە ، « يىراقتىن كەلگەن دا موللام » لارنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئاۋارە پىچكىسىغا ئايلىنىپ قالدۇق ..... ئۆتكەن كۈنلەر يىللارغا مىڭ ئەپسۇس!.... ھېلىھەم سىرتتىن ئېنىرگىيە تولۇقلاش، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇش ، دوراش، تەقلىدچىلىك ھايات دوقمۇشىدا گاڭگىراش ئىچىدە ئاۋارىمىز !
        ئاتا- بوۋىلىرىمىز بالىلارنى سۆيگەنلىك _ كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك دېگەن مەنتىقىۋى قاراش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا ،« مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى» ..« قۇتادغۇبىلىك»، « تۈركىي تىللار دىۋانى» ... قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئابىدىلىرىدە بۇ ھەقتە يىتەرلىك تەلقىنلەر ، ئۈگۈت - نەسىھەتلەر بېرىلگەن . ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ پىرانىك بىكوندىن 600يىل بۇرۇن « بىلىم-كۈچ» دېگەن ئىلمىي يەكۈنىدە ئاللىقاچان يۈزلىنىپ بولغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا مەدەنىيەت ، مائارىپ جەھەتتە قانچىلىك يۈكسىلىشلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى جاھان ئەھلىگە سىر ئەمەستۇر!..... پەيغەمبىرىمىزنىڭ « تەربىيىنى زاكىدىن باشلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بويىچە دۇنيانى ساغلام ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار ،« مېنىڭ پىكىرىمچە ، ھەممە مۇتەپەككۇرلار تەربىيەنى زاكىسىدىن باشلاش كېرەك ،  دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن» ( پىروگوۋ). بىراق بىزنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرلىرىمىز ھازىر قەيەردە؟
        ئابدۇقادىر داموللام بىر دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماي ، قابىلىيەتلىك تەشكىلاتچى، مائارىپشۇناس ھەم ئىسلاھاتچى ،مۇتەپپەككۇر ئىدى . ئۇ گۈزەل ، يارقىن ، ھېكمەتكە تۇيۇنغان رىسالىلىرىدە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە توختىلىپ بالىنى ئىككى ياش چېغىدىن باشلاپلا تەربىيلەشنى ئوتتۇرغا قويغان .پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ  قانچىلىك زورلۇقى، زۆرۈرلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باققان ئاتا- ئانىلىرىمىز قانچىلىكتۇر ؟ مېنىڭچە يوقنىڭ ئورنىدا . كىچىك ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىگە بېرىلىشى ، مىللىي تىل تۇپرىقىدا ئەمەس ، باشقا بىر تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ،ئۆزگە مىللەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشقا بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىك تۈپەيلىدىن قوۋمى ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزى «ئۇرغۇي» بولۇپ يېتىلىۋاتقان بالىلار توپىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى ، بالىلارنىڭ قىلچىلىك ئانىلىق مېھرى بېرەلمەيدىغان بالا باققۇچىلار( باۋمۇ لار) تەرىپىدىن بېقىلىشى، ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ بولسا خېرامان « رەڭلىك ئولتۇرۇش» ، قاتارچاي، ئۇ چاي بۇ چايدىن بېرى كېلەلمەي ھاياتلىق سەيناسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشلىرى ئائىلە ۋە ئائىلە كىرزىسىغا پېتىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى...... بۇ مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ ئەتىكى ئىز باسارلىرىغا قىلغان يۈزسىزلىكى ، قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان قەبىھ جىنايەتتۇر !...... ھالبوكى ، رېئاللىقىمىز شۇنداق جىنايەتلەر بىلەن تولغان . مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پەقەت مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىلا 15مىڭدىن 30 مىڭغىچە تۇل قالغان خوتۇن- قىزلىرىمىز «ياشايدىكەن». دېمەك ، تەڭ يېرىمىدىن ھېسابلىساقمۇ 10مىڭ پەرزەنت يىتىملىك ئىچىدە ياشايدۇ، دېگەن سۆز. شۇ خىل يۈزلىنىش بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى 85ناھىيە -ۋىلايەتتە 10 مىڭنى بىرلىك قىلغان ھالدا سىتاتېستىكا قىلىپ كۆرسەك ، 850 مىڭ پەرزەنت يىتىملىك سىپىگە قوشۇلغان بولىدۇ . دېمەك ، 1 مىليون يۈرەك پارىمىزنىڭ كەلگۈسى خىرە دېگەن سۆز ! بۇمۇ ئائىلە ئەخلاقى قاراشلىرىمىزنىڭ يىمىرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان « ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش» قىرغىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن رېئال ئاقىۋەتلىرىمىزنىڭ بىرى .
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى ، پەرزەنتىنى چۈشىنىش_ كەلگۈسىنى چۈشىنىشتۇر ، كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم .
        جاھان تارىخىدا باشقىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان دۆلەت،مىللەت ھەم كاتتا ئىمپېرىيىلەرگە قارىغاندا ئۆزى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولغان دۆلەت ، مىللەت ھەم ئىمپىرىيلەر ناھايىتى كۆپ .
« ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ، كۆپ ساندىكى ئانىلار بالىسىنى بالا باققۇچىسىغا تاشلاپ قويىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئانىلارنى ئانا ھېسابلانمايدۇ ، دەپ قارايمەن . ئانىنىڭ مەسئولىيىتى يالغۇز بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشلا ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيلەش . ئانا بولغۇچى بالىسىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ قويماسلىقى ، بەلكى چوقۇم ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلىشى كېرەك . پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، ھايۋانلار قەتئىي بۇنداق قىلمايدۇ . رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى ، رىملىق ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان » .( سىتېنا خانىم)  ئىبرەت بوسۇغىسىدا تۇرۇپ ئىبرەت قۇبۇل قىلمىغانلىقىمىز سەۋەب تەكرار خاتالىقلارغا يول قويۇۋەرسەك بىزنىڭمۇ بىر كۈنلەر ئۈتۈپ بۇ ھالاكەت بوسۇغىسىغا كېلىپ قىلىشىمىز مۇقەررەر ، ئەلۋەتتە!
        ئاياللار مەسىلىسى بىزنىڭلا مەسىلىمىز بولماي ، نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق بىر مەسىلىسىگە ئايلانماقتا . دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بۇ ئومۇمىيۈزلۈك مەسىلە بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ ياڭاق چېقىپ ھەم قارا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ.
      روشەنكى ، خوتۇن_ قىزلىرىمىز بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. بىز بۇ ۋەتەننىڭ پەرۋىشىدىكى سەغرە بالىلارمىز . بىراق بۇ ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ، ئۇ بىتاپ بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان ،رەنجىگە شىپا بولۇش، كىسىلىگە دىئاگنوز قويدۇرۇپ «داۋالىتىش» بىزنىڭ بالىلىق قەرزىمىز ۋە بالىلىق بۇرچىمىز ! ئەمدىكى مەسئولىيەت _ شۇ قەرزىمىز ۋە بۇرچىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
      مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە « ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان ، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا- چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز ، مۇنبەت بولسا ، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا ، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە. « شۇڭا پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك » ( داۋېنىچ).    چۈنكى ، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا » ( بالزاك) .  «نىيەت دۇرۇسلۇقى،  ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن جەننەت _  ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»( ھەدىس).  ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان ، نىيىتى ، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانىنىڭ  تاپىنى ئاستىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن!


                                            _________ ئۆتكۈر ئۇيغۇر


      بۇنى باشقىلار شەبنەم تورىدىن ئويغۇر ئىسلام تورىغا يوللىغان ئىكەن. مەن بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. بىر قىېتىم ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن.


مەنبە : ئويغۇر ئىسلام تورى :  ھەربىرىمىزگە قاتتىق سىگىنال ! ! !
[ ajrim تەرپىدىن 2008-05-04 19:41 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-04 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)       &n ..
  • « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
      ئەخلاق _ روھنىڭ غۇنچىسى
      ئېتىقاد _  مىللەتنىڭ يىلتىزى
    | ۋاقتى : 2008-05-04 13:09 [باش يازما]
    askar0998
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1061
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1061دانە
    شۆھرەت: 1061 نۇمۇر
    پۇل: 3430 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :388(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ سىگىنالنى ھەمىمىز قوبۇل قىلايلى !
    [ askar0998 تەرپىدىن 2008-05-22 15:55 قايتا تەھرىرلە ]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
    | ۋاقتى : 2008-05-04 13:26 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    maslatchi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27619
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىز گە ھارمىغايسىز مۇشۇنداق تەربىيە ئەھمىيىتى  بار تىمىلارنى يۇلاپ تۇرغايسىز
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-04 13:37 2 -قەۋەت
    unqamarjan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24651
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە96دانە
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    پۇل: 440 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىما بەكمۇ ئورۇنلۇق ،مەزمۇنلۇق، ئەتراپلىق بولۇپ ،رىئاللىقتىكى ناچار ئىللەتلەرنى تولوق يورۇتۇپ بىرىپتۇ .كەلگۇسىدىكى بىزدەك ئانا بولوش ئالدىدا تۇرغانلارغا بىر ساۋاق ، ھەم بىر ئىبرەت !!!!! پەرزەنتىنى سويگىنىمىز ، مىللەتنى سويگەنگە تەڭ .......
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-04 13:48 3 -قەۋەت
    tohri
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4053
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 267
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە267دانە
    شۆھرەت: 277 نۇمۇر
    پۇل: 1378 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-22
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تېما ئىكەن. 
                            بولۇپمۇ بىلىم- كۈچ دىگەن بۇ ھەقىقەتنى داۋاملىقل تەرغىپ قىلىپ ئىش ئىشلەشتىكى بىرىنچى ئەندىزىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك!
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    قاننى سوغۇق سۇدا يۇغىن!!
    | ۋاقتى : 2008-05-04 13:52 4 -قەۋەت
    GULEMXIWA
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 326
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە326دانە
    شۆھرەت: 149 نۇمۇر
    پۇل: 668 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تېما ئىكەن ، بۇنداق تېمىنى يەنىلا سىز بىلەن بىز دەكلەر كوپ كۆرىمىز  ، تېمىدا دىيىلىۋاتقان « ئانىلار » ئاساسەن كىتاپ ئۇقىمايدۇ . بىلىم -مەدەنىيەت تورىغا ئەمەس ، غەيۋەت ، سۇخەنچىلىك ، بەسلەمچىلىك  ، ئەنئەنىدىن ھالقىغان مودىكەشلىك تورىغا بەكرەك يۆگىشىپ قالىدۇ . ئېسىت ئۇلارنىڭ ھالىغا ...
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-04 14:06 5 -قەۋەت
    Chuxay
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 772
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە772دانە
    شۆھرەت: 772 نۇمۇر
    پۇل: 2342 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق تەربىيە ئەھمىيىتى  بار تىمىلارنى يۇلاپ تۇرغايسىز
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
    | ۋاقتى : 2008-05-04 14:24 6 -قەۋەت
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2455
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2455دانە
    شۆھرەت: 2323 نۇمۇر
    پۇل: 6140 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە « ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان ، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا- چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز ، مۇنبەت بولسا ، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا ، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە.« شۇڭا، پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك » ( داۋېنىچ) چۈنكى ، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا » ( بالزاك) . نىيەت دۇرۇسلۇقى ، ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن « جەننەت_ ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»( ھەدىس).
    ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان ، نىيىتى ، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانا تاپىنىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن!

    نادىر !!!مۇنبەردە مۇنداق تىمىلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت،
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-05-04 14:35 7 -قەۋەت
    篮球美女
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29212
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 498
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
    شۆھرەت: 508 نۇمۇر
    پۇل: 1727 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :186(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەرۋەقە ، ئانا ئۇلۇغ ، ئانا مۇقەددەس ! ئەمما ئانا ئانىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالىغانلىقى ، پەرزەنتىنى ئىنسانىيەت ۋە مىللەت بەختىگە ھەسسە قوشالىغۇدەك جەسۇر ، سورتلۇق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىغانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئۇلۇغ !
    ياخشى ھەم تەربىيۋى ئەھمىيىتى بولغان تىمىنى  يوللاپسىز رەھمەت ، شۇنچىلىك بەك سۆيۈندۈرۋەتتىڭىزغۇ بىزنى ...................
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم دۇنيانى بوسۇندۇرالايدۇ . 
    | ۋاقتى : 2008-05-04 14:43 8 -قەۋەت
    sejda
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 265
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە265دانە
    شۆھرەت: 280 نۇمۇر
    پۇل: 954 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا « جەننەت_ ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» شۇنداقلا يۇقارقى تېما يورىتىپ بەرگەن ئىدىيەگە مەنمۇ پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن.....لېكىن« ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرىگى »دىگەن سۆزمۇ بارغۇ ئۇلار ھازىر نىمە قىلىۋاتىدۇ...شۇ ئانىلارنى پەقەت پەرزەنتنى،ئائىلىنىلا ئويلاپ،شۇنىڭغا جان -پىدا قىلىدىغان شەرت-شارائىت ھازىر قىلالىدىمۇ؟شۇ ئاجىز ئانىلار ،ئۇلۇغ ئانىلار تەشنا بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى بېرەلىدىمۇ؟......نەدە تۇردۇڭ ؟نىمە قىلىۋاتىسەن؟دەيدىغان ئەرلەردىن قانچىسى بار؟ئۆزلىرى رەڭلىك سورۇندا ئالدىراش تۇرسا بۇنىڭغا ۋاختى يېتەمۇ؟ئۆزىنى سورىماي تۇرۇپ ئايالىغا مەيدىسىنى كېرىپ گەپ قىلالامۇ؟--ھە؟
          ئەڭ ياخشىسى  ئىشنى ھەر -بىر ئائىلىدىن باشلىساق قانداق،ئالدى بىلەن «ئۆزىنى سوراش،ئايالىغا ئىگە بولۇش!»ھەركىتىنى يولغا قويۇپ،ئىشنى باشلىساق،بۇ خىل كۆرگەنلەرنىڭ «ئوغىسىنى قاينىتىدىغان»،كۆرمىگەنلەرنىڭ كارى بولمايدىغان ئەھۋالغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولسا كېرەك!!!!قانداق قارايسىلەركىن ؟
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-04 14:44 9 -قەۋەت
    Hararat
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15668
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 722
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە722دانە
    شۆھرەت: 806 نۇمۇر
    پۇل: 2302 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-22
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      يۇقارقى ئېسىل ئەسەردىن، قاتىل ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدىن سۈيۈندۈم.
    ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-04 17:27 10 -قەۋەت
    atirgul627
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1101
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1101دانە
    شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
    پۇل: 3647 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :256(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىمەن دەپ بىر ئوبدان خىزمەت تارىخىمنى سېتىۋەتتىم.ئويلاپ باقسام بىلىمىمنى بۇ .ئىككى بالامغا ئۈگەتسەم دەپ ئويلايمەن.تېمىڭىزغا رەھمەت.  
    http://mtv.diyarim.com
    سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل،بېشىڭ كەتمىسۇن،
    تىلىڭنى كۈزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.
    | ۋاقتى : 2008-05-04 18:09 11 -قەۋەت
    lohman120
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26539
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە115دانە
    شۆھرەت: 120 نۇمۇر
    پۇل: 490 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز  ئەمدى <<بەدبەشىرە ئۇيغۇرلار>>دىگەن كىتابتىن بىرنى  يازساق  بۇلغىدەك  .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    باشقىلارنىڭ قەسىمىگە ئشنىشتىن  بۇرۇن
    | ۋاقتى : 2008-05-04 18:18 12 -قەۋەت
    turk1010
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 156
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە156دانە
    شۆھرەت: 156 نۇمۇر
    پۇل: 620 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     7-قەۋەتتىكى(katil731) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

    قاتىل ئەپەندى ،مەنمۇ بىرەر تىما يوللاي دىگەن.
    ئالدىنقى قېتىمدا ئىككى قېتىم تىما يوللىغان ئىدىم مۇنبەرگە چىقمىدى ،ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتمىدىمۇ ،مەنمۇ بىلىمىدىم ،زادى قانداق قىلسا بۇلىدۇ .يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-04 18:21 13 -قەۋەت
    pakcubar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20345
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 188 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      روشەنكى ، مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان ، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز

    راست ئېتسىز سىز دىگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئەمەس بىز بەلكى گەپ بىز ۋە بىزگە ئۇخشاش نۇرغۇن كىشلىرىمىز پەقەت ئۇيناش يەپ ئېچىش بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ ئۆز ئۆزنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى ئۇنۇتقانلا گەپ خالاس. بەك ياخشى تېمىنى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق بىز ئۇيغۇرلارغا ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى تۇنۇتۇپ قۇيدىغان تېمىلار بولسا ھارماي يوللارسىز     
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-04 19:12 14 -قەۋەت
    yalpuz1208
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28709
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز ئانىلارنىڭ مەسئوليىتى ھەقىقەتەن ئېغىر شۇنداقلا شەرەپلىك،خىزمەت قىلىش ئۇچۇنلا ئەمەس پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيلەش ئۇچۇنمۇ داۋاملىق ئۇگۇنشىمىز كېرەككەن.دىننى بىلىملەر بىلەن پەننى بىلىملەر بىرلەشتۇرلۇپ تەربىيلەنسە نۇخسانسىز بولىدۇ ئەلۋەتتە.  ئاتىلارمۇ ئائىلىگە تۆۋرۇك بولالىشى،بىز ئاياللارغا ئۇستاز بولالىشى،پەرزەنتلەرگە ھەرقايسى جەھەتتە ياخشى ئۇلگە بولالىشى كېرەك .                                   
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-04 20:19 15 -قەۋەت
    taymas.imin
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25409
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     8-قەۋەتتىكى(篮球美女) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

    مەنمۇ مۇشۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن بىز ھەر بىر ئىشىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى . ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىگە ياخشى ئىگە بولساق ؟ئىنشائاللاھ بۇ ئىشلىرىمىزمۇ بار ا-بارا  تۈزىلىپ كېتەر!  
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-04 20:23 16 -قەۋەت
    uygur284
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22606
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 355
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە355دانە
    شۆھرەت: 355 نۇمۇر
    پۇل: 1175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىمىز ئۆزمىزدىن باشلايلى      ئانلارنىڭ رۇلى بەك  چوڭ  ئۇلار بىر قۇلدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ  ئەمەسمۇ
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    باشقۇرالمىغانلار  باشقىلار تەرپىدىن باشقۇرلىدۇ`!~!
    | ۋاقتى : 2008-05-04 20:39 17 -قەۋەت
    kirimjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 5844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2456
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2456دانە
    شۆھرەت: 1109 نۇمۇر
    پۇل: 5632 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەكمۇ ياخشى تېما بوپتۇ، ھەربىر ئۇيغۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىكەن.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-05-04 22:35 18 -قەۋەت
    meilipan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22600
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 152 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-06
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ىەلقىمىز ئاللا بۇرۇن <<ئۇسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە ياخشى>>دەپ يەكۈنلەپ بولغان. ئەمما بىز بۇ يەكۈننى ھازىرغىچە چۈشىنەلمەيۋاتىمىز.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-04 22:53 19 -قەۋەت
    kedirdan0996
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 874
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە874دانە
    شۆھرەت: 955 نۇمۇر
    پۇل: 59 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 120 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئەزىم دەريا بولاقتىن،
    دانىشمەنلىك قولاقتىن.
    | ۋاقتى : 2008-05-04 23:03 20 -قەۋەت
    hazritim
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26077
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 161
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە161دانە
    شۆھرەت: 161 نۇمۇر
    پۇل: 642 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىز گە
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    بۈگۈنكى مەغلۇبىيەت،ئەتىكى مۇھاپپىقىيەت.
    | ۋاقتى : 2008-05-04 23:06 21 -قەۋەت
    yaxar1
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26433
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 83
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە83دانە
    شۆھرەت: 83 نۇمۇر
    پۇل: 394 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قايسى مىللەتتە ئانىلار ئاسرالسا  ۋە ياخشى تەيبىلەنسە، شۇ مىللەتتە نۇرانە كەلگۈسى بولىدۇ . شۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا بالا تۇغۇپ ئانا بولۇش ئاسان بولغان بىلەن ، ھەقىقى ئانىلىق شەرپىگە ئىرىشمەك ئاسان ئەمەس . بىر دانىشمەن [ئاتا-ئانىسى يوق بالىنى ئەمەس، تەربىيسىز قالغان بالىلارنى ھەقېقى يىتىم دەپ ھېساپلا .] دەپ ناھىيتىمۇ توغرا ئىيىتقان .    تېما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت؛ تەڭرى ھەممىمىزنى مۇرات -مەخسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!!!...
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-05 10:01 22 -قەۋەت
    kuxbeg526
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 8680
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3657
    ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3657دانە
    شۆھرەت: 1492 نۇمۇر
    پۇل: 6174 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :153(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادەمنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىتىرىدىغان ، ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى كۈرۈپ ھەزىم قىلىپ بېقىشقا مۇۋاپىق ئىسىل يازمىكەن. تىما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۇر.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    بۇرۇنقى چ چ رىم يوقاپ كەتتى .974126880بۇ مىنىڭ يېڭى چ چ رىم. دوستلىرىمنىڭ قۇشۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    | ۋاقتى : 2008-05-05 10:21 23 -قەۋەت
    izgusir
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28536
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
    شۆھرەت: 151 نۇمۇر
    پۇل: 533 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :119(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن.  مەيلى قىزلار ياكى ئوغۇللار بولسۇن، ھەممىمىز تەربىيەنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-05 11:39 24 -قەۋەت
    weli998
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 27353
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە85دانە
    شۆھرەت: 85 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇنبەردە مۇشۇنداق ئسىل تىمىلانىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى .ئۈمۈت قىلمەن
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-05 12:17 25 -قەۋەت
    faruh114
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29241
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-17
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    yahxi    timikan    dawam  lik  yollang  rah  mat..
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-05 12:19 26 -قەۋەت
    sayyad
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 257 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ ئانىللىرىمىز ئەڭ ئۇلۇغ.ئەڭ ھۆرمەتلىك .ئانا دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ۋەزنى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىدىن ۋەزىندار.ئانىلارنى سۆيۈش ئەمەلىيەتتە ھاياتنى ،مىللەتنى ،ۋەتەننى ،كەلگۈسىنى ،تارىخنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. لىكىن بۈگۈنكىدەك شورلۇق  تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ پارلاق كىلەچەك يارىتىش ئۈچۈن ئانىللىرىمىزغا، قىزلىرىمىزغا ئەرلىرىمىز قانداق ئىش  قىلىپ بېرىشى كىرەك؟ دەل ئەركەكلىك بىلەن ئۇلارنى ئۇلۇغۋار نىشانغا يىتەكلەش كىرەك .بۇ يولدا گېزى كەلسە ھەتتا بۇ سېسېق جاننىمۇ ئاياپ ئولتۇرماسلىقى كىرەك. خەلقىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى چوقۇمكى ئۆزىنى ھەقىقى تونۇشتىن باشلىنىدۇ. ئاياللار مۇھېم دەپقويۇپ قۇرۇق گەپ ساتقانغا بىر نەرسە كەلمەيدۇ. سۆزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ھەقىقى تونۇپ ،ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ تارىختىكى پۇتۈنسۈرۈك ھالىتىمىزنى تېپىش ئۈچۈن شۇنداقلا خەلقىمىزنى ۋەتەن ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشالايدىغان قىلش ئۈچۈن  نىمە ئەڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇيلى قېرىنداشلار! زور كۆپلىرىمىزنىڭ ئېتىقادسىز تىنەپ يۈرۈشلىرى بىزدىكى ئەجەللىك خاتالىق بولماي نېمە؟ ئۆزىمىزنى تونۇشتىكى ئەڭ مۇھېم يول زادى قايسى؟ .....بىز كىم؟ ئەرلەر قانداق كىشىلەر ؟
     
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-05 13:23 27 -قەۋەت
    zulpiya5.31
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25575
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 48
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە48دانە
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 316 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سەرپ قىلىپ بۇ تېمىنى كۆرگۈنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. گەرچە بۇ تېمىنى ئۆزەم يازمىغان بولساممۇ لېكىن سىلەرنىڭ قىزىقىپ كۆرۈپ ياخشى ئىنكاسلارنى يوللىغىنىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم، بۇ ھەقىقەتەن ھەر بىرىمىز ئۈچۈن مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مەنمۇ بۇ تېمىنى باشقا تور بېتىدىن كۆرۈپ قايتا-قايتا نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويغان ئىدىم.
                راسىت بىز ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتسىز، ئۇنچە نادان ، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە قالغۇدەك خەلق ئەمەسمىز . شۇنداقلا  قەدىمدىن بويان مائارىپ ئۇقۇمى مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ سۇنماس قانىتى بولۇپ كەلگەن،  پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتا ئەزەلدىن چولتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن خەلقمۇ ئەمەسمىز .لېكىن نېمە سەۋەبتىن مۇشۇ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ بۇنىڭ تۈپ نىگىزى زادى نەدە؟ ! ! ؟ ؟ ؟  شۇنچە يىللاردىن بېرى تارىخنىڭ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىدا راۋاج تېپىپ، زورۇيۇپ، تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان مىللىتىمىز قانداقسىگە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ بۇنىڭ جاۋابى : «ئاتا- ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئادەم ئىلگىرى باسمايدىغان ئادەم ، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلالمىغان مىللەت راۋاج تاپمايدىغان مىللەتتۇر» دېگەندىن ئىبارەتمۇ قانداق ! ! ! ؟ ؟ ؟ مانا بۇ ھەر بىرىمىز چوڭقۇر ئويلۇنۇپ ھەزىم قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەرەپ.
          مۇسۇلمانلىق لەۋزىمىزدە « ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان ، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» دېگەن ھۆكۈمدە تۇرۇپ قارىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى ۋە بالا- چاقىمىزنى نادانلىق گۆرلىرىگە تىرىك كۆمۈپ تاشلاپ ، ئۇنى يورۇق دۇنيانىڭ نۇرىدىن بەھرە ئالدۇرماسلىق ئۆز يولىمىزغا ئورەك كولاپ ، پۇتىمىزغا كىشەن سالغانلىقتۇر. تۇپراق پاكىز ، مۇنبەت بولسا ، ئۇرۇق ھەم سورتلۇق ئېسىل بولسا ، ھوسۇلنىڭ قانداق بولۇشى ئىككىنچى مەسىلە. « شۇڭا پەرزەنت تەربىيلەشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىدىن باشلاش كېرەك » ( داۋېنىچ).    چۈنكى ، «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا » ( بالزاك) .  «نىيەت دۇرۇسلۇقى،  ئەقىدە ساغلاملىقىدا ئۈمىدۋار بولۇپ تەلپۈنگەن جەننەت _  ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»( ھەدىس).  ئەمما نەپسىدە شەيتان قۇترايدىغان ، نىيىتى ، ئەقىدىسى ساغلام بولمىغان ئانىنىڭ  تاپىنى ئاستىدا جەننەت ئەمەس، دوزاخنىڭ بارلىقىمۇ يادىمىزدا بولسۇن! ! !
        بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بۇ ئابزاس ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەناغا ئىگە، بۇنى ھەربىرىمىز  بېشىمىزنى سىلكىۋېتىپ تۇرۇپ ئويلۇنۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. قىسقىسى ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن باشلايلى، ئەرلەرمۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلسۇن، ئاياللارمۇ زىممىمىزدىكى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرەيلى. لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ پەرزەنت قەلبىدىكى مۇقەددەس ئاتا-ئانا ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەممىمىز ئىزدىنەيلى! ! !             
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
      ئەخلاق _ روھنىڭ غۇنچىسى
      ئېتىقاد _  مىللەتنىڭ يىلتىزى
    | ۋاقتى : 2008-05-05 15:24 28 -قەۋەت
    zulpiya5.31
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25575
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 48
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە48دانە
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 316 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     27-قەۋەتتىكى(sayyad) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم  sayyad  سىز ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ياخشى پىكىر قىپسىز، راست سىز دېگەندەك ئېتىقادسىزلىق بىزدىكى ئەجەللىك خاتالىق.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
      ئەخلاق _ روھنىڭ غۇنچىسى
      ئېتىقاد _  مىللەتنىڭ يىلتىزى
    | ۋاقتى : 2008-05-05 15:31 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 18:50
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation