قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 249 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆتكۈر)دوستلار ئارىسىدىمۇ ئارىلىق بولغىنى تۈزۈك... پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

.utkur.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29007
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 223 نۇمۇر
پۇل: 866 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 (ئۆتكۈر)دوستلار ئارىسىدىمۇ ئارىلىق بولغىنى تۈزۈك...

0


دوستلار ئارىسىدىمۇ ئارىلىق بولغىنى تۈزۈك

دۇستلۇق---تۇرمۇش يولىدىكى مۇشكىلاتلارنى،روھىي دىشۋارچىلىقلارنى يېڭىشىمىزغا ھەمدەم بولىدىغان،ئالغا يۈرۈشىمىزگە مەدەت بېرىدىغان مۇڭداش،سىرداش،گېزى كەلگەندە تەقدىرداش بولالايدىغان ئەڭ سۈيۈملۈك،يېقىن كىشىلىك مۇناسىۋەت.
ئادەتتە بىز ئىككى ئادەم مۇناسىۋېتىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولساق،«ئۇلارنىڭ دوستلىقىغا قىل سىغمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىمىز،بىراق ئادەملەرنىڭ ئىچكى ھىسياتىنىڭ نازۇكلىقى،ئىجدىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن ،«دوستلۇققا قىل سىغمايدىغان» دەرىجىدە يېقىن بۇخىل مۇناسىۋەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش تەس.
ئىلگىرى مۇنداق بىر تەجىربە ئىشلەنگەن:بىر ئادەم ئىككى پارچە ئوتۇنغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ،ئارىلىقنى يىراق قىلىپ قويغاندا،ئوت ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆچۈپ قالغان.بىر-بىرىدىن مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ قويۇپ قويغاندا تاكى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانغا قەدەر كۆيگەن.دوستلۇقمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا،ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى پارچە ئوتۇنغا ئوخشايدۇ،مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرغاندىلا ئاندىن نورمال،ئىناق،تەرتىپلىك بولغان مۇناسىۋەتنى ئۇزاق،سىجىل داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ئىنسان ھەم ئورتاقلىققا،ھەم مۇستەقىللىققە ئىگە،بۇ ئالاھىدىلىك بىر تەرەپتىن،ئىجدىمائىي ئالاقە،ئىتتىپاقلىق،دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىشنى تەلەپ قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن،ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش،چۈشىنىش،بىر-بىرىگە مۇئەييەن مۇستەقىل روھىي ماكان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىز ئادەتتە بىر-بىرىدىن سايىدەك ئايرىلماي،ھەددىدىن زىيادە يېقىن ئۆتىدىغان دوستلارنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە،ھەتتا ئادەتتىكى دوستلۇقنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى،بىر-بىرى بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاپ،كۆرۈشۈش،بىللە بولۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرىدىغان دوستلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىرداشلاردىن بولالايدىغانلىقىنى بايقايمىز.
دەرۋەقە،ھەربىر ئادەم بىر مۇستەقىل گەۋدە،شۇڭا ھەركىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشى،ئۆزىگە تېگىشلىك ماكان ۋە زامانغا ئىگە بولۇشى كېرەك.ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن «يېقىن بولسا چىشلىشەر،يىراق بولسا كىشنىشەر» دېگەن ھېكمەت قالغان.بۇ كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرغاندا بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتىپ،ياخشى دوستلاردىن بولالايدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرگەن ھېكمەت،ئەلۋەتتە!

             ---مەنبە:«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»2008-يىل15-فېۋرال سانىدىن.






تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-12, 04:15
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-12 11:58 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
90uygur
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 76 نۇمۇر
پۇل: 349 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-24

 

  ياخشى بولغان تىما ئىكەن ،تىمىڭىزغا تەشەككۈر
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 12:31 |
gulbar111
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29362
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 

ھەقىقەتەن شۇنداق. مەنمۇ بۇ ئىشلارنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن،«يىراق بولسا كىشنىشەر،يېقىن بولسا چىشلىشەر»ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆز ئىكەن....   
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 11:33 |
@zilwa$
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16818
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سوز چۇنكى دوسلار ئارىسىدا ئارىلىق قويمىغاندا بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا قىيامەتلىك دوسلار ، قىيامەتلىك دۇشمەنگە ئايلىنىپ كېتىدىكەن
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 12:39 |
muzkaymak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25892
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 180 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 

100 پىرسەنت قوللايمەن...ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن ئىشەنچلىك بولغىنى...ئەڭ تايىنىشقا تىگىشلىك بولغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز...
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 23:42 |
沐琴卫
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 30713
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 914
شۆھرەت: 914 نۇمۇر
پۇل: 1842 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-25 05:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-25 15:39
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号