« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: بەرقى: لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم؟ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 7262 قېتىم كۆرۈلدى
berqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29938
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 142 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 بەرقى: لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما baturjangqi تەرپىدىن تاقالدى(2008-05-20)
لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىم؟

           
(تەكشۈرۈش دوكلاتى )

                     
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى



خەرىتىگە قارىسڭىز جوڭگۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جوڭگۇدىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل ئۆلكە خېنەن سوزۇلۇپ ياتىدۇ.خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زىمىنىنىڭ شەرقى يان بۆلىكى ئاسەن پايانسىز تۈزلەڭ،سىز يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلىسىز. بولۇپمۇ جېڭجو-كەيفېڭ-شاڭچىيۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ شۈچاڭ،پىڭدىڭشەن ،نەنياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك .لېكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخت لوياڭ،گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز جېڭجۇدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.ئەتراپتىكى پاكار لېكىن ياپ-يېشىل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.يول بويىدىكى ناھايىتى چوڭقۇر يارداڭلاردىن ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولىسىز.جېڭجودىن  غەرپكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز ئاپتوبۇس ئادەمگە تاغدەك تەسىر بەرمەيدىغان لېكىن تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە قەدەم قويىدۇ.مىيەنچى ناھىيەسى مەمۇرى جەھەتتە خېنەننىڭ ئەڭ غەرپتىكى شەھرى سەنمېنشىياغا قارايدۇ.ناھىيەنىڭ سەنشى ئۆلكىسى بىلەن چېگرىلاشقان جايىدىن ھەيۋەتلىك سېرىق ئۆگۈز ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناھىيە جۇغراپىيەلىك نوقتىدىن ستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جايغا جايلاشقان،قەدىمدە بۇ جاي سەنشى،شەنشى ،خېنەن ،سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇوپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان. ھەربىي نوقتىدىن مۇھىم تالىشىش ئەھمىيىتى بار جاي دەپ قارالغان .مانا مۇشۇ سۈيى مول ،تۇپرىقى ئىنتايىن مۇنبەت گۈزەل  ناھىيەدە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ،مەدەنىيەتلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەركىبى قىسمى غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
جوڭگۇ دۇنيادىكى زىمىنى ئىنتايىن چوڭ ۋە ئاھالىسى دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان سىرلىق ۋە باي مەملىكەت. بۈگۈنكى دۇنيا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئاستا-ئاستا بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ ،بىر كەنتكە ئوخشاپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قوينىدا نۇرغۇن سىرلار بار.جوڭگۇدىمۇ شۇنداق.جوڭگۇدىكى ئەڭ مۇھىم سىرلارنىڭ بىرى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليۇنلۇق ئاھالە ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتكە ئائىت سىرلاردۇر. مانا مۇشۇ سىرلارنىڭ بىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىلومىتىردەك يىراقلىقتىكى خېنەن ئۆلكىسىدىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردۇر.
ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى  بىلىدىغانلار خېلى كۆپ.جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇر بىزگە كۆپ تونۇشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن تۈپەيلىدىن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولدى. ئۇندىن باشقا گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇنەن يۇگۇر ئاپتونۇم ناھىيەسىدىكى سېرىق ئۇيغۇر(يۇگۇرلار) مۇ جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ ئۇيغۇر بىلەن باراۋەر  بولغان بىر توپ. يۇگۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللىي توپنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ قارايدۇ ،ھەتتا ئۇنى جوڭگۇدىكى مۇستەقىل مىللەت ئەمەس ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ.قىسقىسى بۇ ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ئارىمىزدا ئۇنچە ئاز ئەمەس. لېكىن سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.لېكىن بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان ،ئۇيغۇرغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان ،ئىككى ئۇيغۇر مىللىي  كەنتى بار  ،ئۇزاق تارىخقا ئىگە ،لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن بىلىپ كەتمەيدىغان بىر توپ.ھەتتا  ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ۋە دۇنيادىكى تارقىلىشىغا بەكمۇ قىزىقىدىغان مەنمۇ تاكى 2005-يىللىرىغىچە بۇ توپنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. 2005-يىلى ۋە 2006-يىلى مەن بىر قىسىم دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ئاغزىدىن ئىچكىرىدە ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان،باي خەنزۇ مەدەنىيەت دېڭىزىدا ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ۋە  ئىمكان يار بەرسە مۇشۇلار ھەققىدە بىرەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش  ئويىغا كەلگەن ئىدىم.ئاخىرى بۇ پۇرسەت يىتىپ كەلدى.مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھرىگە جايلاشقان خېنەن ئۇنۋېرسىتىغا بىر يىللىق مۆھلەت بىلەن ئەدەبىي تەنقىد بويىچە بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدىم.مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىپ يۈرۈپ لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ،سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
مۇشۇ جەرياندا مەن خېنەندىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىش يۈزىسىدىن رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن تۆتىنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.بەلكىم باشقا ئۇيغۇرلار كەلگەن بولۇشى مۈمكىن.لېكىن بۇ ھەقتە بىرەر ئىسپات يوق.
غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ لىيۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە قارىغاندا 1985-يىلى جوڭگۇ مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلىدا ئىشلەيدىغان ئەركىن قادىر ۋە ئارىسقان قاتارلىقلار مىيەنچى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان.
1991-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق رادىيۇ –تېلىۋىزىيە نازارىتى ،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس فىلىم بۆلىمىدىن ئىسھاق،يالقۇن ،ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشى مىيەنچى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ  لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن.
2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكىدىمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان .
بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەسلى  مىلادى 1209-يىلى قۇجۇ ئېدىقۇت خانلىقىنىڭ ئېدىقۇتى بارچۇق ئارتتېكىن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربىي لىياۋنىڭ قۇجۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ چىڭگىزخانغا ئەلچى ئىۋەتتى.كېيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشتى.چىڭگىزخان بارچۇق ئارت تېكىننى بەشىنجى ئوغلۇم دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بارچۇق ئارتتېكىن 10 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ.1220 نەچچىنجى يىللىرى غەربىي شىيا سۇلالىسى (تاڭغۇتلار ) ئىسيان كۆتىرىدۇ.چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشكە كېلىدۇ.بۇ جازا يۈرىشىدىمۇ بارچۇق ئارت تېكىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىدۇ.1226-يىلى جەڭ ئاخىرلىشىدۇ. تاڭغۇتلار يېڭىلىدۇ.مانا مۇشۇ چاغدا بارچۇق ئارت تېكىننىڭ سەركەردىسى سىتەن قايا دىگەن كىشى چىڭگىزخان تەرىپىدىن غەربىي خېنەندىكى يوڭنىڭ ،لىڭباۋ،شەنشىيەن ،مىيەنچى ،يىياڭ قاتارلىق بەش ناھىيەنىڭ دارغاچلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە شۇ يەردىكى چوڭ جەمەت لىيۇ جەمەتى بىلەن قۇدىلىشىدۇ.سىتەن قايا خېنەن ،گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولۇپ ئاخىرى تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل ۋە گۈزەل ،ھەربىي ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھىيىتى زور مىيەنچى ناھىيەسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.ئارىدىن 100 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ تۆتىنجى ئەۋلاد خۇدۇ قايا دەۋرىگە كەلگەندە يۇەن سۇلالىسى ئۆرۈلۈپ 1336-يىلى جۇيۇەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ  ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ غۇرچە (خۇ بۇ يەردە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) كىيىملەرنى كىيىش ،غۇرچە تىلدا سۆزلەش ،غۇرچە ئۆرىپ-ئادەتتە بولۇشنى چەكلەيدۇ ۋە بۇ چەكلىمىنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا خۇدۇ قايا مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تەس كۈندىن  قۇتۇلۇش ئۈچۈن فامىلىسىنى مومىسىنىڭ فامىلىسى لىيۇغا ئۆزگەرتىدۇ.شۇندىن كېيىن غەربىي خېنەندىكى لىيۇ جەمەتىنىڭ تارىخى رەسمىي باشلىنىدۇ. ئارىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدۇ .بىر ئائىلىدىن تەرەققى قىلغان لىيۇ جەمەتى نۇرغۇن شاخلارغا بۆلىنىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ ،لېكىن ئۇنتۇپ قالمايدۇ.ئىزچىل ھالدا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ ماڭىدۇ.قەبرە تاشلىرىغا ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئويۇپ ئۇلۇغلىرىنىڭ قەبرىسىگە تىكلەيدۇ.گومىنداڭنىڭ 15-يىلى فېڭ يۈشىياڭ ئىسىملىك مىللىتارست خېنەننى باشقۇرغاندا مىيەنچى ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى يېزىلىدۇ .مانا شۇچاغدا 16-17 ياشقا كىرىپ قالغان ،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان لىيۇ يۆبەي ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش  تەزكىرە ئىشخانىسىغا كېلىپ نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار ۋە لىيۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى ئارقىلىق لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ.ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ھاكىم لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئازسانلىق مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن لىيۇ جەمەتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.1956-يىلى ئۇلارنى رەسمىي ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ھەرساھە ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئىككى كەنتكە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىدۇ . ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلىدۇ.قانۇنلۇق ئۇيغۇر جەمىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

غەربىي خېنەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مىيەنچى ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان.ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى لىيۇ دوڭفاڭ  ،مۇئاۋىن رەئىسى لىيۇ رۈنشېڭ  قاتارلىق ئۈچ كىشى قول قويغان .
غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (خېنەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە تەيۋەن ۋە چەتئەللەرگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئومۇمى سانى 2380 كىشى. ئەر 985 كىشى،ئايال 794 كىشى.ئۇلارنىڭ جۆرىللىرى 611 كىشى.بۇ يەردىكى جۆرىللىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئەمەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلە لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىن يەرلىك خەنزۇلار بىلەن قۇدا –باجا بولۇپ كەلگەن.ئۇلار بىر فامىلىلىك قانداشلار ئارا ئۆيلىنىشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمىغان .بۇنداق قىلىش مىللەتنىڭ قېنىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالسىمۇ لېكىن يېقىن تۇققانلارنىڭ توي قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇرۇق يىرىگلەپ مىللەتنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان. قىزلىرىنى خەنزۇلارغا ياتلىق قىلىپ ،ئۆزلىرى خەنزۇدىن قىز ئېلىپ جەمەتىنى بۈگۈنگە قەدەر گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.ئۇيغۇر قىزلىرى خەنزۇلارغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ھىساپلانمىغان،لېكىن ئەرلەر مەيلى قايسى جەمەتتىن بولسۇن خەنزۇ خوتۇن ئېلىپ كۆرگەن پەرزەنت لىيۇ جەمەتىنىڭ ئادىمى ۋە ۋارىسى دەپ قارالغان.ئۇلار ئۇرۇق نەگە چۈشۈشىدىن قەتئىي نەزەر  يەنە شۇ ئۇرۇققا خاس نەرسە ئۈنۈپ چىقىدۇ دەپ قارىغان.شۇڭا بۇ يەردىكى 794 ئايال لىيۇ جەمەتىنىڭ ئۇرىقىدىن بولغان ،تېخى ياتلىق بولمىغان قىز-ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ.جۆرىسى دىگەنلەر بولسا  لىيۇ جەمەتىگە ياتلىق بولغان لىيۇ جەمەتىنىڭ قېنى بار ياكى لىيۇ جەمەتىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە مىيەنچى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1781.ئەر 762،ئايال 589،جۆرىسى 488. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىلگەن ئىككى كەنت بار .بىرى مىيەنچى ناھىيە بازىرى جايلاشقان گۇەنچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى يىلىخې كەنتى. بۇ كەنتكە رەسمىي ئۇيغۇر كەنتى دەپ كەنت دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىلگەن.لېكىن تاھازىرغا قەدەر ۋىۋىسكىسى ئۆزگەرتىلمىگەن.مەن رۇ ئەپەندىمدىن سەۋەبىنى سورىۋىدىم ئۇ كىشى  دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلىپون قىلىپ  بۇ كەنتنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 329 نەپەر.ئومۇمىي كەنت ئاھالىسىنىڭ 33% نى ئىگەللەيدۇ.كەنت باشلىقى ئۇيغۇر .فامىلىسى لىيۇ ،ئىسمى باۋجۈن.
يەنە بىر  ئۇيغۇرلار ئاپتونۇم ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان كەنت ناھىيە بازىرىدىن بىر نەچچە كىلومېتىر  يىراقلىقتىكى شىمالى بېلىق كۆلچىكى كەنتى.بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 675 نەپەر. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 35%نى ئىگىلەيدۇ.
لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن سۆيىنىدىغان،ئىتىپاقلىقنى سۆيىدىغان ،ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرگەن بىر توپ. بۇ توپ بۇندىن كېيىن بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا نۇرغۇن سۈرەت تارتقان ئىدىم.لېكىن بۇ سۈرەتلەرنى مۇنبەرگە يوللىيالمىدىم.
ئەمدى دوستلاردىن كۈتىدىغىنىم  لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار مېنىڭ زىيارەتكە كەلگىنىمنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدى.ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بەكمۇ ئالاقە قىلغۇسى  بار ئىكەن .ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كەيگۈزۈش ،ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ،بىر كۈنلىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئويىدا ئىكەن.مەن كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە خېنەنگە قايتماقچى ۋە بىر قىسىم سوۋغا سالام تەييارلاپ ئۇلارغا ئالغاچ بېرىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتىنى يەتكۈزمەكچى.
مەن سوۋغا قىلماقچى بولغان نەرسە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈنبار ،سىنبار ،كىيىم -كىچەك،ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەنزۇچە يېزىلغان كىتاب دىگەنلەردىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە مېنىڭ كۈچۈم چەكلىك ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇھەقتىكى مەسلىھەتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن  بۇ ماقالىنى تورغا يوللىدىم،
ناۋادا مۈمكىن بولسا مۇۋاپىق دەپ قارىغانلار بۇ ئىشقا كۈچ چىقارساڭلار .
  ئەلۋەتتە مىيەنچى ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان يىلىخې (بىر چاقىرىملىق دەريا ) ئۇيغۇر كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى لىيۇ باۋجۇن  (ئۇيغۇر )  ناۋادا ئۇيغۇر كارخانىچىلار مىيەنچىگە كېلىپ مەبلەغ سالىمەن دىسە قارشى ئالىمەن ،يەر بىلەن تەمىنلەيمەن دىدى.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر -تەكلىپ بېرىشىنى ۋە ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھىرىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاۋاز قېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: http://www.berqi.com
[ kuduratulla تەرپىدىن 2008-05-04 00:54 قايتا تەھرىر ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى hitab تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-05-02 .
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-05-02 21:20 [باش يازما]
Ardawil
يۇۋاش دېھقان
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 7230
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 324
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە324دانە
شۆھرەت: 360 نۇمۇر
پۇل: 1508 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  مەن گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇر ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنى ئاڭلىغىان خېنەندىكى لىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىماپتىكەنمەن . بەك ئىزدىنىپسىز  مۈمكىن بولسا  تارىخى ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ،تەپسىلى يېزىپ چىقسىڭىز بۇلۇپتىكەن . مەن 5-ئاينىڭ 1- كۈنى ئابدۇلئەھەد ئەپەندىمنىڭ بىر ماقالىسىنى يوللىغان ئىدىم ، بۈگۈن مۇنبەردە بۇ تىمىسىنى  كۈرۈپ نەچچە رەت ئۇقۇپ چىقتىم .  ھەم خۇرسەن بولدۇم . 
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
مەن كىم؟
| ۋاقتى : 2008-05-03 01:09 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
palaket
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋا بۇ يەردە  نەچچە ئون مىليۇن  ئۇيغۇر  ئەبجەشلىشىپ  بارىدۇ.  ئۇلار ئەجەب ئوبدان  تۇرۇپتۇ؟ئۇلار قايسى ئىتقادتا  ئىكەن؟
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-05-03 01:13 2 -قەۋەت
uyghur-kizi
دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 5109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
شۆھرەت: 134 نۇمۇر
پۇل: 522 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋا مەن ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن..  تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن..  لېكىن بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەنمىدىم.  ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەيدىكەن ئەمما ئىسىملىرى ئۇيغۇرچە ئەمەسكەنغۇ؟ ئۇلار ئۇيغۇرچە گەپ قىلامدۇ ياكى خەنزۇچىمۇ؟  ئۇلار قايسى دىنغا ئېتقاد قىىلىدىكەن؟؟  مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، بىلمىگەننى بىلىۋالساق...
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
Ne mutlu uyghurum diyine
| ۋاقتى : 2008-05-03 02:36 3 -قەۋەت
dilim
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 4333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 266
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە266دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-26
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم :
رەسىم :
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. بەزىلىرى ئورپ_ ئادەتلىرىنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتتى ،ئېتىقادىنىمۇ ئۆزگەرتتى .بەزەنلىرى پۈتۈنلەي ساقلاپ قالدى.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(Ar-ohoz)
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-05-03 03:36 4 -قەۋەت
    maslihatqi
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 515
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە515دانە
    شۆھرەت: 526 نۇمۇر
    پۇل: 1647 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ياخشى  يازمىكەن  . مىنىڭ  تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم  .  بولسا  مۇشۇ  ھەقتا  كۆپرەك  مەلۇمات  بەرسىڭىز  .
    مىنىڭچە  ئۇلارغا  ئەڭ  ياخشى  سوۋغات  :  بىز ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان  خەنزۇچە  ماتىريال  بولىشى  مۈمكىن .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ئىنسان ئۆز تىلى بىلەن مەخپى .
    | ۋاقتى : 2008-05-03 04:23 5 -قەۋەت
    berqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29938
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 142 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.كىملىكىگىمۇ ئۇيغۇر دەپ يېزىقلىق.ئۇيغۇرلىقىدىن شۇنداق پەخىرلىنىدۇ.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-03 09:50 6 -قەۋەت
    لەڭگەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28883
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<لىيۇ>>فامىللىك ئۇيغۇرلۇرۇم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نۇرغۇن جاپالىق تارىخىي شارائىتنى باشتىن كۆچۈرۈپسىلەر.سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، خۇدايىم ساقلىغاي.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-03 10:15 7 -قەۋەت
    uyush
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : سىناقتىكى باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 21134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 551
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە551دانە
    شۆھرەت: 566 نۇمۇر
    پۇل: 2253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :228(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەرقى ئاكاممۇ كەپتۇدە دىيارىمغا!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    كىم ئىدۇق،كىم بولدۇق،ئەمدى كىم بولماقچى؟؟!!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 10:19 8 -قەۋەت
    لەڭگەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28883
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزگە مۇشۇنداق <<نوچى>> تېما كېرەك. تېما يوللىغۇچىغا ئاپىرىن!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-03 10:24 9 -قەۋەت
    sinba
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28827
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 174 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى!
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-05-03 10:56 10 -قەۋەت
    may-nur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29855
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 47
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    پۇل: 241 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-18
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىuyghur-kiziنىڭ2008-05-03 02:36دە يوللىغان يازمىسى  :
    توۋا مەن ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن..  تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن..  لېكىن بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەنمىدىم.  ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەيدىكەن ئەمما ئىسىملىرى ئۇيغۇرچە ئەمەسكەنغۇ؟ ئۇلار ئۇيغۇرچە گەپ قىلامدۇ ياكى خەنزۇچىمۇ؟  ئۇلار قايسى دىنغا ئېتقاد قىىلىدىكەن؟؟  مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، بىلمىگەننى بىلىۋالساق...

    مەنمۇ  تازا  چۇشىنەلمىدىم .بىلدىغانلار  يوللاپ  قويساڭلار  ،ئۆتىنىپ  قالساق تورداشلار.
    شۇنىڭغا  قارغاندا  مىنىڭ -، «ئۇيغۇر»دەپ  ئاتاش  ئۇچۇن  قانداق  شەرىتلەر  ھازىرلانغاندا  ئاندىن  «ئۇيغۇر»دىيىلدىغان  توغۇرلۇق  ساۋادىم  كەم  ئوخشايدۇ .«مۇسۇلمان»  دىگەندىنغۇ  ئازىراق  ساۋادىم  بار  بولمىسا.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-03 11:20 11 -قەۋەت
    helara
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 20823
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 71
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە71دانە
    شۆھرەت: 71 نۇمۇر
    پۇل: 292 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلىرىمغا بەك قايىل بولدۇم، قارىغاندا بىز تېخى بىلەلمىگەن ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولسا كېرەك. 
    مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن   
    ھەم ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن بەك پەخىرلىنىمەن.
       
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-05-03 11:57 12 -قەۋەت
    Ataman
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر نازارەتچىسى ئۆمۈرلۈك تۆھپە مىدالى
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 11
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 630
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە630دانە
    شۆھرەت: 1183 نۇمۇر
    پۇل: 2460 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :450(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سالام سىزگە ئابلەتكا :
    مۇشۇنداق تىمىلارغا ئىچىرقىغان ئىدۇق . چاڭقىغان يەرلەرگە باردى . يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    يىلتىزىمىز دىيارىمدا
           ئۈمىدىمىز دىيارىمدا
    | ۋاقتى : 2008-05-03 11:59 13 -قەۋەت
    unqamarjan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24651
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە89دانە
    شۆھرەت: 89 نۇمۇر
    پۇل: 377 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :61(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ سىرىق ئۇيغۇر دىگەنلەرنى ئاڭلىغان ،بىراق لىيۇ جەمەتىدىكىلەرنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن . بەرق ئاكا ،< بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،ئۇگەنمەسلىك ئەيىپ > دەپتىكەن ،بىزنىڭ ئىدارىدا ئاكا مىللەت كوپرەك ،بىرسى  ئۇيغۇرلا ر  مۇڭغۇللارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى ،ئۇيغۇرلا ر (ھازىرقى زىمىنىمىزغا) كوچۇپ كەلگەن ، زىمىن بىزنىڭ ....دەپتى ،ئۇنداق ئەمەس ،دەپ رەددىيە بەردىميۇ ،بىراق ،قانداق زاكۇنلىشىشنى،قانداق دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .بىراق قاتتىق ئازاپلاندىم .بۇ تىمىڭىزنى كورۇپ ،كوڭلۇم خىلى ئېچىلىپ قالدى . ئاشۇ يىراقتىكى قىرىنداشلىرىمىزغا بىزدىن ئوتلۇق سالام دەڭ .بىزنىڭ ئۇلار بىلەن دۇست بولغىمىز بارلىغىنى ،ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرۇپ قويسىڭىز .كەلگەندە ،ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئالغاچ كەلسىڭىز ھەم بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كورۇشۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرسىڭىز . مىنىڭمۇ ئۇلارغا سوغا بەرگۇم كىلىۋاتىدۇ .بەرق ئاكا ،  كىيىنكى ئۇچۇرلادىن بىزنى داۋاملىق ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغايسىز .سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ھايات ھەممىدىن قىممەتتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:33 14 -قەۋەت
    tangxaydasi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27907
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 193
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە193دانە
    شۆھرەت: 251 نۇمۇر
    پۇل: 826 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپتىن_كۆپ رەخمەت!!!
    مۇشۇ ئۇيغۇر رەئىسلىرىمىز ئۇ يەرگە ئۇيغۇر ئوقۇتقىچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى ئۇگىنىشىگە، ئۇلارنىڭ ئەسلىنى تىپىۋىلىشىغا ياردەم قىلسا بولمامدىغاندۇ؟؟؟
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    تىرىش، تىرىش، يەنە تىرىش~!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:40 15 -قەۋەت
    galwang
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 23253
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەرقى ئەپەندىگە تەشەككۈر~~ بىزلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېقىندىن بىرى ئاڭلىغان ئەڭ يېڭى خەۋەر شۇنداقلا بىلىۋىلىش زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنىڭ بىرى بولدى.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-03 12:52 16 -قەۋەت
    berqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29938
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 142 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر قىزى،ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. خېنەننىڭ مىيەنچى شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ.مەن ئۇلارغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن گەپنى دەپ بېرىپ كەلدىم.
      ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئېنىق ئەمەس.
      بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىش كېرەك.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-05-03 14:20 17 -قەۋەت
    sanatsuyar
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24139
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 276
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە276دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    پۇل: 941 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز. ئاللا ئۇيغۇرلارنى ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي!
    http://mtv.diyarim.com
    ۋاقىت غەنىمەت~!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 15:06 18 -قەۋەت
    Chuxay
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 769
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە769دانە
    شۆھرەت: 769 نۇمۇر
    پۇل: 2333 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپتىن_كۆپ رەخمەت!!!
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
    | ۋاقتى : 2008-05-03 16:36 19 -قەۋەت
    manas689
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 77
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 348 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ماتىريال ىكەن.
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-03 18:01 20 -قەۋەت
    koktugh1
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23851
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
    شۆھرەت: 21 نۇمۇر
    پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالام بەرقى ئەپەندى بۇ تىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزمنى ئالماستىنلا          ئوركخۇن تور    بېتىگىمۇ چاپلاپ قويدۇم ھەتتا بەزى  تورداشىلار بىۋاستە سوغات تەييارلايدىغانلىغىنى بۈلدۈرۈشتى ئەمدى سىزنىڭ شۇ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىڭىزنى قوللاش ،ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئالاقە قىلىش ،ئۇلارغا ياردەم قۇلىمىزنى سۇنۇش...يۈزىسدىن مىنىڭمۇ ئازراق پىلانىم تۇرىدۇ سىز بىلەن ئايرىم كۈرۈشسەم
                      چ                چ  695784786
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-03 18:13 21 -قەۋەت
    6-fewral
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27524
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
    شۆھرەت: 35 نۇمۇر
    پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇقىرىنداشلىرىمىز ھازىر شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ يۈزىمىزنى تۆكىۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز غا قارغاندا خېلى ۋىجدان -ئېمانى باركەن 
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-05-03 18:38 22 -قەۋەت
    JAHANAYNAK
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12300
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 188 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-24
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاجايىپ ئشلار باردە بۇ جۇڭگودا .................
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    ھايات ھەممىدىن قىممەت~!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 19:07 23 -قەۋەت
    xair
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27285
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە147دانە
    شۆھرەت: 147 نۇمۇر
    پۇل: 572 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :113(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون14قەۋەتتىكىunqamarjanنىڭ2008-05-03 10:03دە يوللىغان يازمىسى  :
    مەنمۇ سىرىق ئۇيغۇر دىگەنلەرنى ئاڭلىغان ،بىراق لىيۇ جەمەتىدىكىلەرنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن . بەرق ئاكا ،< بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،ئۇگەنمەسلىك ئەيىپ > دەپتىكەن ،بىزنىڭ ئىدارىدا ئاكا مىللەت كوپرەك ،بىرسى  ئۇيغۇرلا ر   مۇڭغۇللارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى ،ئۇيغۇرلا ر (ھازىرقى زىمىنىمىزغا) كوچۇپ كەلگەن ، زىمىن بىزنىڭ ....دەپتى ،ئۇنداق ئەمەس ،دەپ رەددىيە بەردىميۇ ،بىراق ،قانداق زاكۇنلىشىشنى،قانداق دىيىشىمنى بىلەلمىدىم .بىراق قاتتىق ئازاپلاندىم .بۇ تىمىڭىزنى كورۇپ ،كوڭلۇم خىلى ئېچىلىپ قالدى . ئاشۇ يىراقتىكى قىرىنداشلىرىمىزغا بىزدىن ئوتلۇق سالام دەڭ .بىزنىڭ ئۇلار بىلەن دۇست بولغىمىز بارلىغىنى ،ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرۇپ قويسىڭىز .كەلگەندە ،ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئالغاچ كەلسىڭىز ھەم بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كورۇشۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرسىڭىز . مىنىڭمۇ ئۇلارغا سوغا بەرگۇم كىلىۋاتىدۇ .بەرق ئاكا ،  كىيىنكى ئۇچۇرلادىن بىزنى داۋاملىق ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغايسىز .سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن .

                        قېرىدىشىم كوڭلۇڭىزنى چۇشنىمىز .... سىز يۇلۇققان بۇ مەسىلە .... دەۋرىمىزدىكى ئۇزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىدىن سۇيۇنۇپ ياشايدىغان  قولىدىن كەلسە ئۇيغۇرىى ئۇچۇن ئازراق بۇلسىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىشنى  ئۇيلايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ،<          >ئۇرتاق قىيىنچىلىغى ... چۇنكى سىز دىگەن ئۇلارنىڭ  <ئاتالمىش ئاكىلار  >  ئاشۇنداق قالايمىقان سوزلىشى  تەبى ئەھۋال... ئۇلارغا رەدىيە بېرىمەن چۇشەندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۇرمەڭ  ........... سىز چۇشەندۇرەلمەيسىز چۇشەندۇرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار  ھەم  چۇشنۇشنى خالىمايدۇ .. بۇلارنىڭ قېنىدا ھەقىقى مىللەتچىك بار .......ئەسلى ھۇكۇمەت مىللى بۇلگۇنچىلەرنىڭ تىزىملىكىگە مۇشۇنداق قالايمىقان جۇيلۇپ  بۇيۇك 56 مىللەتنىڭ ئىتىپاقلىقىغا تەسىر كۇرسىتىدىغان خۇمپەرلەرنىمۇ كىرگۇزسە ياخشى بۇلاتتى .
                        ئاخىرىدا تېما ئىگىسنىڭ بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە تەشەككۇر بىلدۇرىمەن...
                        رەھمەت سىلەرگە لىيۇ فامىلىك قېرىنداشلار ....... مۇشۇنداق كەڭرى زىمىندا ياشاۋېتىپمۇ . ئازراق قىيىنچىلىق ... ئاززاق مەنپەەت ئۇچۇن ئۇزنىڭ ئۇيغۇرلىغىدىن تېنىۋاغۇسى كېلىپ تىلغا ئالغۇسىز پاسىقلىق قىلىدىغان ئازغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس ................
    سىلەرگە ئاپىرىن سىلەر ئۇيغۇرچە ۋېۋىسكا ئاسماقچى بۇلۇپسىلەر .. بىز بۇ يەردە چۇشۇرمەكچى بۇلۇۋاتىمىز ............             
    ياشاڭلار .... قېرىنداشلىرىم سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا تېزىملىككە يېزىلمايدىغان مىللەتچىلەر يوق
    گەرچە سانىڭلار بىر ئككى مىڭ بۇلسىمۇ بىز ھەۋەس قىلغۇدەك ياشاڭلار ..........
    مۇمكىن بۇلسا بۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىڭلارغا ... لىيۇ .. فامىلە قىلىپ        刘达吾提>        <刘塔里木>      <刘阿依古里>    دىگەندەك ئىسىملارنى قۇيۇشنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ...
    كەچرۇڭلار ئەزىىز قېرىنداشلىرىم .......... مەدىنيەت سەۋىيەم بەك چەكلىك بۇلغاچقا خاتا قاراشلاردىن مۇستەسنا بۇلالمايمەن ..........
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ھاياتنى  سۈيىمەن  ....ھايات باك قىممەت  ...............         
    | ۋاقتى : 2008-05-03 19:11 24 -قەۋەت
    dehkan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22269
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 171 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قارىغاندا ئۇلار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ  كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىكەن ،،
    1220-يىلىدىن كىيىن شۇ يەردە ئوتۇراقلىشىپ قالغان بولسا ئۇلار بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن ،
    چۇنكى قارا خانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ  يەنى9-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىنى دولەت دىنى قىلغان ، ،غەربى لىياۋ سۇلالىسى (قىتان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ )ۋە چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئىسلام دىنى يۇكسەك دەرجىدە تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىدى... 1209-يىللىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن چىڭگىزخانغا ئەل بولغان ۋاقىتتا تېخى ئىدىقۇت ئېلىدە بۇددا دىنى مۇتلەق ئۇستۇنلىكتە بولۇپ ئۇلارنىڭ دولەت دىنى ئېدى ،شۇڭا ئۇ كىشىلەرنى بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار دىيىشكە بولىدۇ ،ھازىر ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى  ئېنىق ئەمەسكەن بەلكىم ئۇلارمۇ  ئاكا مىللەتكە ئوخشاش بۇددا دىنىنىمۇ ئۇنتۇپ دىنغا ئىشەنمەيدىغان بوپ  كەتكەن بولۇشى مۇمكىن  (تارىخى كىتاپلاردا خاتىرلىنىشىچە ئىدىقۇت دىيارىدا ئىسلاملىشىش  چاغاتاي خانلىقى يوقۇلۇپ تاكى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغان 15-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ ئىدىقۇت دىيارى بولغان قۇمۇل تۇرپان رايونىدا 15-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە ئىسلام دىنى ئاندىن  مۇتلەت ئۇستۇن ئورۇنغا ئوتكەن دىيىلگەن،شۇنداق بولغاندا ئۇرايون ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئىسلامنى ئەڭ كىيىن قۇبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار  رايونى ھىساپلىنىدۇ .)
    ،
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-05-03 21:20 25 -قەۋەت
    uygur284
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22606
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 355
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە355دانە
    شۆھرەت: 355 نۇمۇر
    پۇل: 1175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قارغاندا بىزگە قانداق ئادەملەر < ئۇيغۇر>  قانداق كىشىلەر ھەققىقى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئايرىيدىغان بىر ئۆلچەم لازىم بولۋاتىدۇ 
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    باشقۇرالمىغانلار  باشقىلار تەرپىدىن باشقۇرلىدۇ`!~!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 21:24 26 -قەۋەت
    arghtugh
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 2167
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 158
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
    شۆھرەت: 657 نۇمۇر
    پۇل: 531 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئەسەر ژۇرنالغا چقىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بوپتۇ- دە؟ بەرقىكامنىڭ ئەجرىگە ۋە دىيارىمغا قەلگەن قەدىمىگە رەھمەت!
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ھاياتمەن!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 21:27 27 -قەۋەت
    arghtugh
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 2167
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 158
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
    شۆھرەت: 657 نۇمۇر
    پۇل: 531 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئۇلارنى بەزى ئۇيغۇرلار «يۇغۇر» دەپ ئاتاش قارىشىنى قۇۋۋەتلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ نادانلىقىغا ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم!!!!!
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھاياتمەن!
    | ۋاقتى : 2008-05-03 21:30 28 -قەۋەت
    dehkan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22269
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 171 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-27
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    uygur284 ئەپەندىم ئۇنىڭغا ئۆلچەم كەتمەيدۇ ،،،ئۆلچەم دىسەك ئىسلامىيەتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى ئۇيغۇرلار دەپ ئايرىساق بولىدۇ ،لىيۇ فامىللىك ئۇيغۇرلار بولسا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ،بۇنىڭ ھېچ قاندا مۇرەككەپ يېرى يوق ...
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-05-03 21:30 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 05-28 14:38
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation