ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت
قىسقا ئۇچىرىشىش، ئالەمچە سۆيگۈ
زىيارەت قىلغۇچى: مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى زۇمرەت ياسىن
MP3 ھۆججىتىنى تەييارلىغۇچى: بىزنىڭ كۇلۇبىدىن «ئەنقا»
قىسقىچە تەرجىمھالى
ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ)
ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov
1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان.
1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.
1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
[ 此贴被yahxilik在2008-09-12 22:07重新编辑 ]