قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 912 قېتىم كۆرۈلدى
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 [بوزقىر]كىمنىڭ كۇماراجىۋاسى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 totem 设置为精华(2008-09-10)
                      كىمنىڭ كۇماراجىۋاسى

                              ------تور توزۇتقان خىياللار


                                 بوزقىر

    2006- يىل 18- دېكابىر كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرنى ئاچتىم. بوستان توربېتىدىكى << بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا دەرسلىك كىتابىدىن ئۇرۇن ئالدى>> ناملىق تېمىغا كۆزۈم چۈشكەندە ئىختىيارسز رەۋىشتە ھاياجان ئارلاشقان بىرخىل جىدديلىك تۈيغۇسى ۋۇجدۇمنى چۇلغىۋالدى. چۈنكى ئۇشبۇ خەۋەرنى پېقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،دىگىلى بولمايتتى. دەرۋەقە، << بۈيۈك بۇددا ئالىمى كوماراجىۋا دەرسلىك كىتابتىن ئورۇن ئالدى >>ناملىق بۇ خەۋەرنى ئەسلىدە << ئاقسۇ گېزىتى>> مۇخبىرى پەرھات غۇلام يازغان بۇلۇپ مەزكۇر گېزىتنىڭ 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغاندى. بوستان تور بېتىدىمۇ ئەشۇ خەۋەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىىنىڭ << ئاقسۇ گېزىتى >> ئىكەنلىكى ئېنىق ئەسكەرتىلپتۇ .
كوماراجىۋا ھەققدىكى بۇ خەۋەرنىڭ توربېتىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا كۆتىرىلىپ قالدى .بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ قانداقتۇر ئەشۇ خەۋەردە پېقىرنىڭ ئىسمىنڭ بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقدىن ئىكەنلىكىنى چەتكە قاققلى بولمىسىمۇ ئەمما بۇنى بىردىن بىر سەۋەپ دەۋېلشىمىنىڭ ئانچە ئورنى يوق ئىدى . چۈنكى مەن ئلگىرىمۇ ئۇيغۇرچە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخغا ئائىت بەزى ئەسەرلىرى (تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئچىگە ئالىدۇ )نىڭ تورغاچىقىرىلىپ تورداشلارنىڭ خېلى يۇقۇرى باھاسىغا ئېرشكەنلىكىنى كۆرگەندىم . مۇنداقچە ئېيتقاندا نام –شەرپىمنىڭ تور بەتلەردە پەيدا بۇلۇشى مەن ئۈچۈن كونا  گەپكە ئايلىنىپ قالغاچقا ئۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپ كېتىشىمنىڭ ئانچە ئورنى يوق ئىدى.
كوماراجىۋا مىلادى 344- يىلى كۈسەن (ھازىرقى كۇچا ) دا  تۇغۇلۇپ مىلادى 413-يىلى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن )دە ۋاپات بولغان .بالىلىق دەۋرىدە شىمالي ئەنەتكەك (ھىندىستان)دىكى كاپكا (كەشمىر)، سۇلى (قەشقەر)لەردە بۇددا ئىلىمىدىن بىلىم تەھسىل قىلغان .39يېشىغىچە كۈسەندە ماھايانا  بۇددىزىمىنڭ باش كۆتۈرىشگە ئاساس سالغان. مىلادى 384- يىلدىن401- يىلغىچە يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەك گوزاڭ ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسنىڭ ۋۇۋېي شەھىرى) دا تۇرۇپ خەنزۇ تىلى ۋە مەدىنيىتىنى پىششىق ئۈگەنگەن. مىلادى 401- يىلدىن413- يىلغىچە ئالدىنقى چىن خاندانلىقىنڭ پايتەختى چاڭئەندە تۇرۇپ دۆلەت ئۇستازى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتىغا يىتەكچىلىك قىلىپ 300 جىلىددىن ئارتۇق بۇددا نوملىرىنى سانسىكرىت تىلىدىن خەنزۇتىلىغا تەرجمە قىلىپ ئوتتورا ئىقلىمنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھېلىھەم شۈەنزاڭ، جېن دىلار بېلەن بىر قاتاردا جوڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى  ئۈچ مەشھۇر تەرجمەشۇناس ئاتىلىپ ئالاھىدە شۆھرەتلىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تۆھپىسى يالغۇز بۇددا تەرجىمىچىلىكى بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ بۇددىزىم پەلسەپىسىگە ئاتاپ « ھەقىقىي ئالەم» ناملىق خاس ئەسەرنى يازغاندىن باشقا يەنە ئەدەبىياتنىڭ شئېر، مەكتۈپ، تەقرىز ژانىرلىردىمۇ سەمەرىلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يەنە توخرى ۋە سانىسكرىت تىلدىن 2600 جىلىددىن ئارتۇق غەرىبىي يۇرۇتنىڭ تىبابەتچىلىك رىسالىلىرنى تەرجىمە قىلىپ ئوتتورا ئىقلىمنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرنىڭ رۋجلىنىشقا غايەت زور تۆھپە قوشقان.
كۇماراجىۋانىڭ بۇددا مائارىپىغا قوشقان تۆھپىرمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك . ئوتتورا ئىقلىمدە ئۇنىڭدىن بىۋاستە تەلىم ئالغانلار ئۈچ مىڭدىن، ۋاستىلىق تەلىم ئالغان شاگىرىتلار 5 مىڭدىن ئاشقان. ئۇلاردىن بەزىلىرى «تۆت ئەۋلىيا»،« سەككىز دانىشمەن»، «10 پەيلاسۇپ» دەپ ئاتىلىپ ھازىرغا قەدەر ئەل ئارىسىدا ئۆز تەسىرنى ساقلاپ كەلمەكتە.
كۇماراىجۋا ئۆزىنىڭ بۇددا تەرجىمە ئىجادىيتى، پەلسەپىۋى ئىدىيسى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى بېلەن ئەينى زامان ئوتتورا ئىقلىمدا مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلگەن شەخىس. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى 6 سۇلالە دەۋىردىكى چاكىنا ئەدەبىيات رامكىسنى بۇزۇپ تاشلاپ خەنزۇلارنىڭ شئېر، نەسىر، دىراما، تەقرىز، ئەلنەغمە ئىجادىيەتلەرگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇددا تاشكېمىرلىرنى قېزىش، بۇددا ھەيكالتاراشلىق ۋە مىڭئۆي تام سىزما سەنئىتىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە راۋاجلىنىشىغىمۇ چوڭقۇر ئاساس يارتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۇ بەرپا قىلغان بۇددا نەزەرىيسى ئەقىدلىرى ۋە تەلىماتلىرى جوڭگودىلا ئەمەس بەلكى شەرقى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىردىمۇ ھېلىھەم ئۆز تەسىرنى يوقاتقىنى يوق.
مانا مۇشۇنداق چوڭقۇر قاتلاملىق نەزەريىۋى تەلىماتلىرى بىلەن 2 مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ئۆز تەسىرنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ دۇنياۋى شەخىس ھەققىدە بىزدە تېخىچە سىستېمىلاشقان چوڭقۇر قاتلاملىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغېنى يوق.ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «كۇمارىجۋا ( 413- 344)ئۇيغۇر بۇددىزىم دەۋىردىكى پىداگوك، مۇتەپپەككۇر، تەرجىمىشۇناس. ئىنىچكىلەپ كىرگەندە، كۇماراجىۋا دەۋىردىكى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ ئەندىززىسى ۋە مەزمۇنىغا دائىر بىلىشلەرگە، نۇم تەرجىمىچىلىكىدىكى ئۇسلۇب ھەمدە ئۇيغۇر تەرجىمچىلكى نەزەرىيسىنىڭ ئەينى دەۋەردىكى خاس يۆلىنىشىگە دائىر بىلىشلەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. لىكىن بىزدە بۇنداق ئىنىچكە، سېستىمىلىق تەتقىقات يوق ».(1)
. ئەمما خەنزۇلاردا كۇمارىجىۋاشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۆتكەن ئەسسىرنىڭ 20 – يىللىردىلا باشلانغان. ۋېن تاۋ 1923- يىلى«دېڭىز شاۋقۇنى » ( 海潮音) نىڭ 15- جىلد 5- ساندا « كۇماراجىۋا» ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلغان. شۇندىن كىيىن جاڭ شىنتىيەن،شى شىىيۇ قاتارلىق 30 تىن ئارتۇق ئالىم- مۇتەخەسىس كۇماراجىۋاشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا خاس ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. كۇمارىجىۋاشۇناسلىق تەتقىقاتى يەنە ياپۇنىيدىمۇ خېلى باش كۆتۈرگەن بۇلۇپ، بۇلاردىن مۇ تىيەندىلاڭ 收田谛亮 ، لەنتىيەن ماۋشىيۇڭ 镧田茂雄، جۇڭسۈن يۈەن 中村元 لەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى « دۇنيا دىن تەتقىقاتى » قاتارلىق  خەلىقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى  تارتقان‹2›.
بىزدە بولسا 20- ئەسسىرنىڭ  80-  يىللىرغا  كەلگەندىلا  ئاندىن بۇ ھەقتە تەتقىقات ماقالىلىرنى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بۇلۇپ ئاشۇ ئەسەرلەر پەقەت تۇتۇنۇشتۇرۇش خارەكتىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. بۇلاردىن ئىبىراھىم مۇتىئىي، ئابدىشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن، ئابدۇرېھىم سابىت، ئىسراپىل يۈسۈپ، غەيرەتچان ئوسمان، ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىرلارىنى ئالاھىدە تىلغا  ئېلىش مۇمكىن.  پروفېسىسور ئابدۈشۈكۈر  مۇھەممەتئىمىن « شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمي ژۇرنىلى » نىڭ 1981- يىل3- سانىدا « قەدىمقى كۆسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپپەككۇرى كۇماراجىۋا » ناملىق ماقالىسنى ئېلان قىلىش بىلەنلا قالماي يەنە كوماراجۋا ھەققىدە مەخسۇس بىر سىنارىيە يازدى. بۇلۇپمۇ ئالىمنىڭ 1997- يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان« ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىن ئومومى بايان» ناملىق كىتابىدا كۇماراجىۋانىڭ پەلسەپە ئىدىيسى خېلى مۇپەسسەل تۇنۇشتۇرۇلدى ھەم كۇماراجىۋاغا ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخنىڭ مۇقەددىمىسنى ئاچقان شەخىس سۈپىتىدە ئەڭ ئالدىنقى باپتىن ئورۇن بېرىلدى.2003- يىلغا كەلگەندە نەشىريات سودىگىرى، شائىر ئەركىن ئىبىراھىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تۈزگەن« بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا» ناملىق كىتاپچىنى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلدى.
چەكلىك ماتىرىيال ۋە قىسقا مۇددەت ئىچىدە جىددىي تۇتۇپ تۈزۈلگەن  بۇ كىتاپنى چوڭقۇرلۇق  ۋە كەڭلىك جەھەتتىن ئانچە مۇكەممەل ئەسەر دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ ھەر ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان كوماراجىۋا ھەققىدىكى تۇنجى خاس ئەسەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىتاپخانلارنى كۇماراجىۋا ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇ كىتابتىن ئېلىنغان پارچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرنى تۈزۈش گۈرۇپپسىنىڭ كۆرسىتىشى ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۈش ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتىتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 2003- يىلى نەشىر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىقلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن 2- قىسىم «تىل ئەدەبىيات» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.                                          
نىھايەت، قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى دىيارىمىزدىن يىتىشىپ چىققان بىر بۈيۈك ئالىمنىڭ 1700 يىلغا يېقىن تارىخنىڭ چاڭ توزانلىرى بىلەن كۈمۈلگەن سىيماسى نۇرغۇن ئەگىرى توقاي يوللار ۋە جاپالىق مېھنەتلەرئارقىلىق ئاخىر قايتا  نۇرلاندۇرۇلۇپ ئالىم ھەققىدە مەخسۇس ئەسەر يېزىلىپ ھەم دەرسلىككە كىرگۈزىلىپ كۇماراجىۋادىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى ممەشھۇر ئالىمنىڭ ئەۋلاتلىرى تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىش خەۋىپىگە خاتىمە بېرىلدى .
ئەسلىدە بۇنداق خاسىيەتلىك كاتتا ئىش بىزنىڭ مەنۋىيىتىمىزدە كۈچلۈك سىلكىنش پەيدا قىلغان ،گېزىت ،ژورنال ،تېلۋىزۇرلىرىمىزدا بۇ ھەقتە ئىلمىي بەس- مۇنازىرىلەر قانات يايدۇرۇلغان بولسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى. خەيرىيەت، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن دىيارىمىزدىكى بىر يەرلىك گېزىت ئاز- تولا ئىمانغا كېلىپ ھەر ھالدا بۇ ھەقتە بىر قىسقا خەۋەر بەردى. مانا ئەمدىلىكتە نۇربەگ تەخەلۇسىدىكى بىرىيلەن بۇنى ئەھمىيەتلىك ئىشىكەن، دەپ بىلگەن بولسا كېرەك خالىس نىيتى بىلەن ئىنتىرنىت تورىغا چىقىرىپ قويغان بولدى. بۇلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارىماي بولمايتتى. مىنىڭ توردىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىشممۇ شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ۋەھالەنكى، تورداشلارنىڭ ئەشۇ خەۋەر ھەققىدىكى بەزى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بايىقى ھاياجانلىرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى.
2006- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى نۇربەگ تەرپىدىن « بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كولۇبى » غا يوللانغان بۇ خەۋەرگە شۇ كۇننىڭ ئۆزىدىلا ئارقا -ئارقىدىن تۆت ئىنكاس يوللانغان بولۇپ قاراقچى  ۋە كۆسەن دەپ ئاتىلدىغان بوستان تور بېتنىڭ ئككى ئەزاسى ھەر ھالدا ئەشۇ     خەۋەرنى ئاغىزنىڭ ئۇچىدىلا مۇئەيەنلەشتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ ئەمما ئاتالمىش مەرگەن  ۋە ئىزدەنگۈچى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە ئككى نەپەر تور بەت ئەزاسى تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس قايتۈرغان.
      
  مەرگەن:
   <<نېمدىگەن ئەخمەق ئۇلار. توۋا خۇدايىم  كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ>>......
      ئىزدەنگۈچى:
  <<شۇنى دەيمەن، مەرگەن توغرا دەپتۇ. ئېسىت، بىز نەقەدەر بىچارە ھە؟ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ، ئۆگەنگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىن خەقنىڭكىنى ئۆگەنسەك توغرا بولاتتى. ئەكسىچە خەقنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ ئۆگەنگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنىدىغان ئوخشايمىز.>>
مەرگەننىڭ ئىنكاسىدىن قاتتىق مەسخىرە چىقىپ تۇرۋاتقانلىقنى ئازتولا ھوش كاللىسى بار ئادەم بىر ئوقۇپلا چۈشنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەخمەق دەۋاتقىنى قاراقچى  ۋە كۆسەنلەرنى كۆرسىتەمدۇ ياكى ئەشۇ خەۋەرنى تورغا چىقارغان نۇربەگنى كۆرسىتەمدۇ؟ خەۋەرنى يازغان مۇخبىر پەرھات غۇلامنى كۆرسىتەمدۇ ياكى كۇماراجىۋانى دەرسىلىككە كىرگۈزگەن ئالاقدار تەرەپلەرنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما ئۇنىڭ  توۋا خۇدايىم كۇلۇپ تېلىقىپ قالدىم بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ... دىيشىدىن قارغاندا پۈتۈنلەي   ئىنكار پوزىتسىيە توتقانلىقى بەش قولدەك ئايان. ئۇ زادى كىملەرنى ئەخمەق دېمەكچى؟  نېمىدەپ تېلىقىپ قالدۇ؟ ئېنىقكى، بۇيەردە مەرگەن نىڭ سۆزىنى قوۋەتلىگەن   ئىزدەنگۈچى  بىزىنى تېخىمۇ تولۇق جاۋاپقا ئېرىشتۈرىدۇ. جانابى ئىزدەنگۈچى نىڭ گېپىچە كۇماراجىۋانىڭ دەرىسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي خاتا بولغان. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەسىلىدە ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ئۆگەنگىدەك ھېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىن خەقنىڭ كۇماراجىۋاسىنى ئۆگەنسەك توغرا بولارمىش، ئۇنىڭ ئەكىسچە خەقنىڭ كۇماراجىۋاسىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ ئۆگەنگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆگۈنىدىغان ئوخشايمىزمىش. بۇ نېمىدىگەن تېتىقسىز ئىنكاس. ئۇنداقتا كۇمارجىۋا زادى كىمنىڭ كۇماراجىۋاسىكەن؟ خەنزۇ خەلقىنىڭ كۇماراجىۋاسمىكەن ياكى باشقا مىللەتنىڭ كۇماراجىۋاسىمىكەن؟ دەرۋەقە كۇماراجىۋانىڭ دادا تەرەپ جەھەتى ھىندىستان ۋەزىرلىرىدىن بولسىمۇ ئەمما دادىسى كۇمارابات مەنسەپتىن ۋاز كېچىپ، تەركي ۋەتەن ئەيلەپ كۈسەننى 2- ئانا ماكانى قىلغان. كۇماراجىۋامۇ كاپكا (كەشمىر)دىكى ئوقۇشنى تۈگەتكەندە بۇددىزمنىڭ قۇقەددەس ماكانى بولمىش ئاتا ۋەتنى ھىندىستاننى تەرك ئەيلەپ ئۆزنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەن كۈسەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەشۇنچىلىك ئەقەللي ساۋاتنىمۇ بىلمىگەن مەرگەن قانداق مەرگەنلىك قىلغاندۇ؟ ئىزدەنگۈچى  ئاۋال ئۆز ئەجدادى ھەققىدە ئىزدەنمەي يەنە نېملەرنى ئىزدەپ يۈرىدىغاندۇ تور بەتلەردە تىمىسقىلاپ؟
ئىنتىرنېت تورى ھازىرقى زاماندىكى قاپلاش دائىرسى ئەڭ كەڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، سەھپىسى ئەڭ مول بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كۈندۈلۈك ئىش – پائالىيەتلىرگە شىددەت بىلەن سىڭىپ كىرمەكتە. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە تۇرۇپ ھەر قانداق ئۇچۇردىن بىمالال مەنپەت ئالغىلى بولىدىغان ئەشۇنداق جاھان كۆزنىكىدە قىلچە تەپ تارتماي ئۆز مىللتىنىڭ تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا قارا قورساقلارچە مۇ ئامىلە قىلىپ، ھاقاراتلەپ ئۇنى باشقا مىللەت تائپلىرى قاتارىغا چىقىرۋىتشنى قەسلەۋاتقان توزكۆرلارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمىدى؟ شۇ تاپتا ئۇلۇغ بوۋىمىز كۇماراجىۋانىڭ روھى قانچە قورنۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ مانا كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى، مىللىتىمىزنىڭ پەلسەپە نەزەريە ئاساسىغا ئۈل سېلىپ بەرگەن، ئۇيغۇر تەرجىمچىلىگىنىڭ راۋاجىغا يول ئېچىپ بەرگەن، ئۇيغۇر مائارىپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەندىزسىنى ياراتقان بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ كىملىگنى، ئۇنىڭ قەيەرلىك، قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگنى بىلمەيدىغانلارنى بىزدە يوق دېگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇنداقلار خېلى بار. يەنە كېلىپ ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئىسلاميەتتىن ئىلگىرىكى تارىخىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەۋەرسىز ھالەتتە. ئۇلار ئۆزلىرنى توغۇلۇشىدىنلا مۇسۇلمان دەپ قارىغاچقا بۇددىزىمغا ئائىت ھەر قانداق  مەدەنيەت ئېلمنېتلىرىنى قارىغۇرلارچە رەت قىلىدۇ، سەت كۆرىدۇ ھەتتا قولىدىن كەلسە ۋەيران قىلېۋىتىشتىن يانمايدۇ. ئەجبا كۇماراجىۋا ھەزرەتلىرنىڭ دەرىسلىك كىتابتىن ئۇرۇن ئېلىشمۇ دەل مۇشۇنداق زامانىۋى ماڭقورت لۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىدىغۇ؟
ئەشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنمدا شۇئان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەھمەتجان ئەمەتنىڭ<< يىڭى دەۋىر ئۇيغۇرمەدەنيىتى ئۈستىدە پىسخىك ئانالىز>>  ناملىق ماقالىسىدە يازغان مۇنۇ قۇرلار ئېسىمدىن كەچتى:<< 1991 - يىلى مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتنىڭ 36 نەپەر ئوقۇغۇچىسنى كۈسەن مىڭئۆيىدىن ئىبارەت سەنئەت غەزىنىسىنى ئېكىسكورسىيە قىلشقا باشلاپ بارغاندىم. ئېكىسكورسىيە جەرياندا ئايرىم ئوقۇغۇچىلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايدىل ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم بالىلار ئالدىراش رەسىمگە چۈشۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا مىڭۆيگە كىرىپ ئېكسكورسىيە قىلمايدىغانلىقنى سورىغىنىمدا، قايسىدۇر بىرنىڭ :مۇئەللىم، كۆرگۈچىلگى يوقكەن،ھەممىسى كاپىرنىڭ نەسىلىرى ئىكەن دەپ جاۋاپ بېرىشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.  
توغرا، ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرى بىز ھەققەتەن كاپىر ئىدۇق. كۈلكىلىك يېرىمىز شۇكى، يىلتىزىمىزنى ئىزدىگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ھونلار، تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ھەمدە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى بىر ئاماللار قىلىپ ئىسپاتلايمىزيۇ، بىراق ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسلىرى ھەققىدە ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايمىز. ئەجبا بىزنىڭ مىللىتىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئىسلام  دىنىنى بەرپا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھنىسىگە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغانمۇ؟ ئەجبا ھازىرىقى زامان مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئاتا- بوۋىمىز بىزگە قالدۇرۈپ كەتكەن مىراسلاردىن ۋاز كېچىش كېرەكمىكەن؟ مۇھەممەد ئەلەيسلام:‹ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۆگۈنۇڭلار› دېگەن ئەمەسىمىدى؟ بىزنىڭ شۇنداق دىيىشكە ھەققىمىز باركى، بۇددىزم دەۋرى ۋە ئۇنۇڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تارىخىمىزنى پاك- پاكىزە سۈپۇرىۋىتىدىغان بولساق، بۇ مەجرۇھ تېنىمىزنى يەنە قانداقىسگە نەرگىز گۈلىگە ئايلاندۇرغىلى بولسۇن؟ كەلگۈسىدە ئەۋلاتلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ »‹3›.
دۇرۇس، ئىسلامىيەتتىن ئىلىگرى بۇددىزم مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئېدىئولوگىيسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل ھالەت مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان. شۇ مەزگىلدە بۇددىزم بىر خىل مەدەنيەت ھادىسسى سۈپتىدە خەلقىمىزگە سىڭگەن. خەلقىمىز ئۇنى قۇيۇق يەرلىك مەھەللىۋى مەدەنيەت ئېلىمىنتلىرىغا تۈيۈندۇرۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنيەت سستېىمىسىنى بەرپا قىلغان. بۇجەرياندا دىيارىمىزدا قىزىل مىڭئۆينى ئۆز ئىچگە ئالغان بۇددا تاش كېمىر سەنئەت جەۋھەرلىرى ۋە بۇددا چىڭا، كۇماراجىۋا، سىرىمىتىرالا، كاليانا رۇكى، سۈجۈپ، ساۋمىياۋدا....غا ئوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىلىم مەشئەلچىلىرى مەيدانغا كەلگەن. بىلسەك بۇ شۇ دەۋردىلا ئەمەس بەلكى ھازىرقى دەۋرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنيەت ھادىسسى ئىدى. چۈنكى، شۇ دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز تەرپىدىن بەرپا قىلىنغان بۇددا مىڭئۆيلىرنىڭ كۈچلۈك تەسرىدە ئوتتورا ئىقلىم رايۇنلىرىدىمۇ ياۋچىلار بەرپا قىلغان گەنسۇدىكى دۈنخۇاڭ، خوتەن بۇددستىلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ياسالغان لوياڭدىكى بەيما ئىبادەتخانىسى، چاڭئەندىكى چىڭلوڭ ئىبادەتخانسى، سەنشىدىكى گۇاڭشىڭ، پۇگۇاڭ ئىبادەتخانلىرى، چاۋشەندىكى خەيين ئىبادەتخانىسى ھندىنىوزىيدىكى ماجىلاڭپولۇ ئىبادەتخانىسى، ۋېتنامدىكى لىڭلاۋ ئىبادەتخانىسى، ياپۇنيىدىكى فالۇڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوخشاش بۇددا مىڭئۆي- ساڭراملار بارلىققا كىلىپ شۇ جايلاردا بۇددا تام سىزما سۆرەتچىلىگى، تىبابەت، ھەيكەلتاراشلىق، ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ئوتتورا ئىقلىمدىكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك راھىبلاردىن دارماپاترا، جۇشىشىڭ، خۇي شېڭ، دارمائورا قاتارلىقلار رايونىمىزغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرغان بولسا قۇجۇ(تۇرپان) لىق فاجۇڭ، فالاڭ، فاشۇي، كۈسەن(كۇچا) لىق سىرىمىترالار، بۇدداچىڭا،ئۇدۇن(خوتەن) لىك دېۋاپراجىنا، سۈلى (قەشقەر) لىك دارماناندى قاتارلىقلار ئوتتورا ئىقلىمدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ بۇددا نوملىرىدىن دەرىس ئۆتكەن ھەم بۇددا دىنىنىڭ ئوتتورا ئىقلىمدىكى راۋاجىغا پائال تۆھپە قوشقان. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۇيغۇر بۇددا رەسسامى ۋىسائىراساتگا دەك مەشھۇر رەساملار تەكلىپكە بىنائەن ئوتتورا ئىقلىمغا بېرىپ ئېھتىرام ئىبادەتخانىلارنىڭ تاملىرىغا ئاجايىپ نادىر رەسىملەرنى سىزىپ، غەربي رايوننىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبنى ئىچكىرىدە ئومۇمىيلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە نۇرغۇن شاگرىت تەربىيلەپ ئۇلارغا رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۆگۈتۈپ قويغان؛ پادشاھ تاڭ مىڭخۇاڭنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن خەنزۇ رەسسام بىن داچىڭ ئۆلچەملىك رەسىم سزىشنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئاتايەن خوتەنگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان؛ خۇددى ماۋزېدوڭ ئېيتقاندەك: سۈي سۇلالىسىنىڭ توققۇز نەغمىسىنىڭ تولىسى غەربي دىيار مۇزىكلىرىدىن تەركىپ تاپقان ؛ سۈجۈپ، بەي جىتوڭ، ساۋمىياۋدا...لاردەك مەشھۇر ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلار ئوتتورا ئىقلىمغا بېرىپ خەنزۇلارنىڭ مۇزىكا مەدەنيىتگە جۇشقۇن ھاياتي كۈچ ئاتا قىلغان؛ مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانا ئارخېتىكتورى، كۈسەنلىك مۇھەندىس بۇددا چىڭا مىلادى 319- يىلى لوياڭغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ پۈتۈن مەمىلكەت مىقياسىدا 893 ئىبادەتخاننى لاھىيلىگەن؛ كۈسەنلىك ئاتاقلىق تەرجىمان سىرىمىترالا غەربي جىن سۇلاسى يوڭجيانىڭ ئوتتورلىرى (312- 307) دا ئوتتورا ئىقلىمغا بېرىپ « بۈيۈك سۇمرۇغ پادشاھى قەسىدىسى» قاتارلىق تەرجىمىسىنى ئىشلەش ئەڭ تەس بولغان كىلاسسىك مەخپىي نوملارنى تەرجىمە قىلىپ، ئوتتورا ئىقلىمغا تۇنجى بولۇپ پىرىخونلۇققا دائىر بۇددا ئەپسۇنلىرنى تۇنۇشتۇرغان‹4›.
ئەشۇنداق ئالەم شۇمۇل مەدەنيەت مەشئىلىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دۇردانىلىرنى قانداقمۇ تەرىك ئېتىش مۇمكىن؟ دىمەك، ئۇيغۇر بۇددا مەدەنيىتى ئەينى دەۋردە كۆپ قاتلاملىق تىندۇرما ھاسىل قىلىپ يالغۇز غەربي يۇرتتىلا ئەمەس بەلكى كەڭ ئوتتورا ئىقلىم رايۇنلىرىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
شۇچاغدىكى ئۇيغۇرلار رايونى بۇددىزىمىنى ئاۋال بولۇپ  قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك ئەۋزەللىكى بېلەن بۇددا مەدەنيەت سەنئىتى جەھەتتە ھەتتا شەرقى ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ رېداكسىيە بېرىپ كۇماراجىۋا ۋەكىللىگىدىكى دۇنياۋىي تەسرگەئىگە ئالىملارنى يىتشتۈرۈپ چىققان. شۇڭا بىز بۇ زىمىندا ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا بۇددا مەدەنيەت جاۋاھىراتلىرنى ۋە بۇددا ئالىملىرنى سۆيۈشىمىز – ئاسىرشىمىز، ئۇلاردىن ئالەمچە پەخىرلىنىشىمىز لازىم ئىدى. مىڭئۆيلىرىمىز، كۇمارجىۋادەك ئالىملىرىمىز ھەققىدە مەخسۇس كىتاپلارنىڭ يېزىلىپ نەشرقىلىنغانلىق، دەرىسلىك كىتابلاردىن ئۇرۇن ئېلىپ ئەجدادلارغا ئۆگۈتۈلگەنلىك ھەققىدىكى خەۋەر – ماقالىلارنىڭ گېزىت ۋە توربەتلىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشىغا تەن- تەنە قىلماقتا يوق ئەكىسچە ئۇنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرە كۈلكىمىزنى ياغدۇرۇپ ئۇيغۇر بۇددا مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر بۇددا ئالىملىرنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخىدىن سىقىپ چىقىرۋەتسەك بىرنىڭ پۈتكۈل مەدەنيەت تارىخىمىز يىلىتىزى يوق دەرەخكە ئوخشاپ قالمامدۇ؟ يىلتىزى يوق دەرەخنىڭ ئۆمىرى، سىايسى، كۈچى قانچىلىك بولماقچى؟ تارىختىن بۇيان بىزلەر ھېلىمۇ ئاز يوقتىشلارنى باشتىن كەچۈردۇقمۇ؟ ئەجبا بىز ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخى، مەدەنيىتىنى بىراقلا يوققا چىقىرۋەتسەك ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى قانداق قىلىپ سېستىملاشقان بىر پۈتۈن ھالەتكە ئەكىلەلەيمىز؟ بۇددا دىنى مۇھىتىدا تۇرۇپ شامان دىنى مەدەنيىتىنى ئىنكار قىلساق، ئىسلامغا ئۆتىۋېلىپلا بۇددا دىنى مەدەنيىتىنى چەتكە قاقساق ئاخىر بېرىپ بىزگە نىمە قالىدۇ؟ شۇچاغدا بىز مەرھۇم ئالنمىمىزئابدۇشۈكۈرمۈھەممەتئىمىننىڭ سۆزى بۇيچە بىر مۆرىسى يوق كاپتان  غا ئوخشاپ قالمايمىزمۇ؟ ھېلىمۇ ئىسلاميەت كىرگەندىن كېيىن كاپىرنىڭ نەرسىلىرى دەپ قاراپ بىر ئوبدان بۇتلارنى چېقىپ، مىڭئۆيلەرگە ئوت قويۇپ قاپقارا ئىسقا بولغاپ، مىڭئۆي تامسۆرەتلىرىدىكى ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ كۆزنى ئۇيۇپ، بىر ئۇبدان ساقلانغان بۇددا، مانى قول يازمىلىرنى، ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، سۇغا تاشلاپ ئېقىتىپ، ھەتتا چەتئەللىكلەرنىڭ ساندۇقلىرىغا ئۆز قولىمىز بىلەن قاچىلاپ بەرگەنلىرىمىز يېتىپ ئاشاتتىغۇ بىزگە؟ گەپ تېخى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىگىنى يوق.    تېخىمۇ كۆپىرەك  جاۋاپقا ئېرىشىش  مەقسىتىدە  تەۋەككۈل دەپلا سەلكىن توربېتىنىڭ   مەشھۇر شەخىسلەر سەھپىسىنى زىيارەت قىلىپ باقتىم ھەم بۇ يەردە ئىشنىڭ تېخىمۇ چاتاقلىقنى ھېس قىلىدىم. ئۇيەردىكى قارا قورساقلىقنى كۆرۈپ غەرەپتىن چىشلىرىم كىرشىپ، چېكە تومۇرلىرىم لوقۇلداپ، يۈگۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.سەلكىن تور بېتىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھپىسگە ئېلىخان تۆرەم نامىدا  كۇماراجىۋا توغۇرسىدا يېزىلغان « مەشھۇر بۇددا مۇتەپەككۇرى، تەرجىمشۇناس » سەرلەھىۋىلىك بىرماقالە ۋە ماقالنىڭ ئاستىغا قىزىل مىڭئۆينىڭ ئالدىدىكى كۇماراجىۋانىڭ مىس ھەيكىلنىڭ سۆرىتى بېرىلىپتۇ.2006- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى يوللانغان ئەشۇ تېمىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئادەمنى قاتتق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىنكاسلار يېغىپ كېتىپتۇ. نەزىرىمىزنى تۇنجى رەتتە ئىنكاس يوللىغان ئىككى ئەزانىڭ ئىنكاسىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى:
(1) ئابدۇقادىر:
چىۋىن قونىۋالسىمۇقارىشلىق قىلمايدىغان بۇت...ھەي! ئىھ ئاللاھ‍‍! ئۆزۈڭ بار! .
يوللانغان ۋاقتى: 2006- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى   23:0053
(2) مەرغۇلە(مۇنەۋەر ئەزا):
شۇ مۇشۇ بۇددىستلارغا ھەيرانمەن، توۋا...ئاڭلىسام تېخى ھىندىستان، نېپىا للىقلار كالىغا چوقۇنىدىكەن.
يوللانغان ۋاقتى:2006- يىل1- ئاينىڭ 29- كۈنى 23:08  
ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ پۇزىتيىسىدىن ئايانكى، ئۇلارنىڭ كۇماراجىۋانىڭ نامىنى ۋە ھەيكىلنى كۆرۈپلا ئاللانى ئېسىگە ئالغىنىغا قارىغاندا بۇ ئالىمنى كاپىر كۆرۈپ قاتتىق بىزار بولىۋاتقانلىقى ئېنىق. ھەتتا ئۇلار ئەشۇ رەسىمنى كۆرۈپ گۈناھى كېبىرگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورىققان – دە ئۇنتۇپ كەتكىلى خېلى بولغان ئاللانى ئەسكە ئالغان ھەم چىۋىن قۇنىۋالسىمۇ قارىشلىق قىلمايدىغان بۇت، دەپ ھاقارەت قىلغان. ھەتتا ھىندىستان ۋە نېپالنىڭ ئىسمىنى چىقىرىش ئارقىلىق كۇماراجىۋانى ئەشۇ دۆلەتلەرگە     تەۋە قىلۋەتمەكچى بولغانلىغنى ئىپادىلگەن. ئۆز ئەجدانى تۇنۇمايدىغان زامانىۋى ماڭقورتلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئېلىخان تۆرەم ئاخىر ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىپ مىلادى 927- يىلى ئۇلۇغ بوۋىمىز سۇتۇق بۇغىراخان ئىسلامغا كىرىشتىن ئاۋال بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇدداغا ئېتىقات قىلغانلىقىنى، توراداشلارنىڭ تېمىغا ھە دېگەندىلا دىنني ھېسياتنى ئارلاشتۇرۇۋالماي پەقەت ئەشۇنداق بىر كىشىمىزنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلا كۇپايە ئىكەنلىگىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە مەجىبۇرى بولغان. ئۇنىڭ  سۆزىنڭ ئورامىدىن ئەشۇ تېمىنى يوللاپ قويغانلىقىغا قاتتق پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك ئەتىمالىم. بۇ قانداق تىراگېدىيە ئەمدى؟ كومپيۇتېردەك نازۈك تېخنىكىۋى بىلىم ۋە مۇئەيەن مەدەنيەت ساپانى شەرىت قىلدىغان ئەڭ ئىلغار زامانىۋى خەلقئارالىق ئالاقە ۋاستىسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سەھيپە باشقۇرۇش، تەھرىرلەش، تېما، ئىنكاس يوللاش ئىشلىرىنى خالىس بېجىرۋاتقان پىداكار ئەزمەتلىرىمىز بىر- بىردىن سەرخىل- تۈرلۈك مەزمۇندىكى تور بەتلىرنى لاھىيلەپ ۋە ياساپ خەلقىمىزگە خالىس نىيەت بىلەن تور مەدەنيىتى تارقاتماقتا ۋە تور مەدەنيىتنىڭ ئەۋزەلىگىنى ھېس قىلدۇرماقتا. ئېنتىرنېت تور يوللىرى ئارقىلىق كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىكىدىنمۇ زور رەرجىدە ھالقىپ كەتكەن بىر يىپيېڭى دۇنيانى ئۇلارنىڭ كۆزئالدىدا زاھىر قىلماقتا. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەشۇ خالىس تۆھپىسگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىماي تۇرالمايمىز. مەن تور بەتلىرنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ئەزالارنىڭ ئارخىپنى ئاختۇرۇپ باقتىم. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئالىي مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگەئىگە، چەتئەلنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇلايدىغان، كاللىسى زامانىۋىلىق بىلەن توشقان، ھەرۋاقىت يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، قىزىققان ياشلار ئىكەن. ۋەھالەنكى بىز خىروستالدەك سۈزۈك كومپىيوتېر ئىكرانلىردىن مىللىي مەدەنيەتىمىزنى، تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنى ئىنكار قىلدىغان ھەتتا ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى ئۇچىراتقىنىمىزدا ئۇلارغا ئېچىنماي، ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەي تورالمايمىز ئەلبەتتە.
ئەمىدى پەقەت كۇماراجىۋانى ھازىر دىيارىمىزدا ئۇششاق - چوڭ ھەممىگە مودا بولۇپ قالغان، ھەتتا ئۆزنى زىيالي سانايدىغان كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ ھايات نىشانىغا ئايلىنىپ كەتكەن سىياسى دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە باھالاپ باقساق بولدىغان ئوخشايدۇ. بەلكىم شۇنداق قىلساق كۇماراجىۋا ھەزرەت قەلەمدارلارغا قارىغاندا ئەلەمدارلارنى بەكىرەك چوڭ بىلدىغان ھەم ئۇلارغا چۇقۇنىدىغان كىشلەرنىڭ روھىيتىگە بەكىرەك تەسىر قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېسىگە مەھكەم ئورناپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس. كۇماراجىۋا كاپكا (كەشمىر) دىكى ئوقۇشنى تاماملاپ ھەرقايسى مەمىلىلكەتلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپ كۆپلەپ ئىش ھەققى بېرىش بەدىلىگە ئۆزنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدىكى تەلپىنى رەت قىلىپ ئۆز ۋەتىنى كۈسەنگە قايتىپ كېلىپ تارىختىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرنىڭ ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلسا كۈسەن خانى ئاقارى پاك كۇماراجىۋا ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئالتون پۇتلۇق شىر شەللىك ئورۇندۇق ياسىتىپ، ئۆنى رۇم كىمخاپلىرى بىلەن بىزەپ ئۆزى ئەشۇ ئۇرۇندۇقنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ كۇماراجىۋانى ئۆزنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئورۇندۇققا چىقىپ بۇددا دىنىدىن تەلىم بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تارىختىكى خان- پادىشاھلىرىمىزنىڭ ئىلىم- مەدەنيەتىنى، ئىلىم ئىگىلىرىنى ئۇلۇغ بىلىشتەك ئالىي جاناپ پەزىلىتىنى نامايان قىلىدۇ. كۇماراجىۋا 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمي پائاليەت ئېلىپ بېرىپ، كۈسەن بۇددىمىزنىڭ ھىنايانادىن كىيىنكى تورغۇن ھالىتىگە خاتېمە بېرىپ ماھايانا بۇددىزىمىنىڭ ئۇمۇمىلىشىشدا دەۋىر بۆلگۈچ رول ئويناپ، كۈسەن بۇددا مەدەنيىتنىڭ قايتا روناق تېپىشنى چەكسىز ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ چاغدا كۇماراجىۋا يىراق- يېقىندا داڭقى بار مەشھۇر ئالىم بولۇپ تۇنۇلغاندى. شۇ دەۋىرىدە بىپايان ئوتتورا ئىقلىم رايونلىرى ئۇرۇش – نىزالىرىغا تولغان، ھاكىميەت پارچىلنىپ ئۇشاق بەگلىكلەر باش كۆتۇرگەن، خەلق مەنىۋى جەھەتتىن بۆھراندا قېلىپ بىر كۈچلۈك ئىدىيۋى ئاڭ سېستىمسىغا تەشنا بولغان، كۇماراجىۋادەك بىر مەنىۋى داھىغا تەلپۈنىۋاتقان دەۋىر ئىدى. شۇڭا ئالدىنقى چىن خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى فۇجيەن شىرمەت سانغۇنى لۈي گۇاڭنى خىللانغان70مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن غەرىبى يۇرتقا لەشكىرىي يۈرۈش  قىلىپ كۈسەندىن كۇماراجىۋانى ئوتتورا ئىقلىمغا ساق – سالامەت ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇىيدۇ. مىلادى381- يىلى لۈي گۇاڭ غەربىي يۇرتقا يۈرۈش قىلىپ كىنگىت(قارا شەھەر) نى تىنجىتىپ، كۈسەن قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماراجىۋانى ئېلىپ ئوتتورا ئىقلىمغا قايتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكى، ئىنسانىيەت تارىخدا ھازىرغا قەدەر ھاكىميەت، زىمىن، بايلىق تالىشىش ئۇرۇشلىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئەمما كۇماراجىۋانى تالاشقاندەك ئادەم تالىشىش ئۇرۇشلىرى  بولۇپ باقمىغان. مانا بۇنىڭدىن ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر كۇماراجىۋانىڭ نەقەدەر بىلىملىك، نەقەدەر مۇھىم شەخىس ئىكەنلگىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. كۇماراجىۋا ھاكىميەت ئالىمىشىش سەۋەبىدىن مەيلى لياڭجۇ(گەنسۇدىكى ۋۇۋېي)دا تۇرۇپ قالغان 17يىلىدا بولسۇن ياكى كىيىنىكى چىن خاندانلىقنىڭ پادشاھى ياۋشڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ تۇرغان 12يىلدا بولسۇن ئىزچىل تۈردە دۆلەت ئۇستازى دېگەن ئالىي شان – شەرەپكە ئىرىشپ پۈتكۈل ئوتتورا ئىقلىمنىڭ ئىدىئولوگىيسىگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆتەپ، مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىرىشكەن. ھەتتا بۇزاتنىڭ نەسەپ – ئۇرۇقنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن پادشاھ  بىۋاستە شەخسەن ئۆزى ئوتتورغا چۈشۈپ كۇماراجىۋاغا ئوتتورا ئىقلىمنىڭ ئەڭ گۈزەل رەنا سۈپەت بەرنالىردىن 10 نى نىكاھلاپ قويغان. ئەمما كۇماراجىۋا بۇنى ئۆز ئېتقادى سەۋەبىدىن رەت قىلغان. يەنە كېلىپ دىيارىمىزدىن ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنلىرىغا بارغان ئۇلۇغلىرىمىزدىن بۇنداق يۈكسەك سىياسي ئىمتىيازدىن بەھىرمان بولغانلار يالغۇز كوماراجىۋا بېلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. كۈسەنلىك بۇددا چىڭامۇ ئالدىنىقى جاۋخاندانلىقى تەرپىدىن دۆلەت گۆھىرى ، كاتتا ئۆلىما دېگەندەك ھۆرمەت ناملىرى – ئىمتىيازلاردىن بەھىرمان بولغان. سىرمىترالار كۈسەندىن ئوتتورا ئىقلىمغا بارغاندا شەرقى جىن سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ۋاڭ داۋ ھەمدە گېڭ لىياڭ، جۇكەي، شې كۈن، خۇەن يى قاتارلىق يۇقرى تەبىقىدىكى ئىمتيازلىق ئەمەلدارلار  سىرىمىترالارغا قول بېرىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. ھەتتا جۇكەي دىۋان بەگلىكىگە تەينلەنگەندە سىرمىترالارغا: ئۆزلىرىدەك ئستىدات ئىگىسى مۇشۇ ئورۇنغاقۇيۇلغان بولسا بۈگۈنكىلەر قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىغان بولاتتى  دەپ ھەسرەت چەككەن. ‹5›
تاڭ سۇلالسىنىڭ ئايال پادىشاھى ۋۇ زېتىيەن غەربىي رايۇندىن بارغان كاليانا رۇكىنى بىۋاستە يوقلاپ ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بەرگەن. بۇنداق مىساللارنى يەنىمۇ كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۈمكىن.  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بۇددىزىم دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنيىتى شانلىق سەھىپىلەرنى قوشقان. بىزدىن چىققان تالاي ئىستدات ئىگىلىرى ئوتتۇرا ئىقلىمغابېرىپ ئىلىم مەشئىلىنى جۇلالاتقان. ئوتتۇرا ئىقلىمىنڭ ئىخلاسمەنلىرى يۇرتىمىزغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرغان. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە بۇھالەت تۈپتىن ئۆزگىرىپ ئەمدىلىكتە بىز ئچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىلم تەھسىل قىلدىغان، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ئقتساس ئگلىرى بىزگە ھۆنەر – تېخنىكا ئۆگتىدىغان ھالەت شەكللەندى.بۇنى تارىخنىڭ مۇقەررەر قانۇنيىتى، دېگەن تەقدىردىمۇ تازا سوغۇققانلىق بېلەن ئويلىنىپ كۆرسەك ئىلم تارقاتقۇچىلىق ئورنىدىن ئلىم قۇبۇل قىلغۇچىلىق ئورنىغا چۈشۈپ قېلشىمىزغا يەنىلا بىزدىكى دىن- ئىتىقاد يەڭگۈشلىنىش سەۋەبىدىن تارىخىي ئىزچىللىقنى ساقلىماي ھەممىنى قار-قۇيۇق ئىنكار قىلىشتەك بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا سەكرەش پىسخىكىسى سەۋەپ بولغان. ئىنتىرنېتتا كۇماراجىۋاغا بېرىلگەن يۇقىرقى باھالاردىن 21- ئەسسىرگە كەلگەندىمۇ ۋۇجۇدىمىزدا ئەشۇ خىل كىسەللىكنىڭ تېخى ئۈزىل- كېسىل تۆگەپ كەتمىگەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئوتتورا ئىقلىم پادىشاھى فۇجيەن شۇنچە زور ھەربىي چىقىم تارتىش بەدىلىگە  كۇماراجىۋانى ئوتتورا ئىقلىم رايونىغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇنىڭغا « دۆلەت ئۇستازى» دېگەن ئالىي ئىھتىيازىنى بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن كۇماراجىۋا باشچىلىقىدا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوم- ئەھكاملىرى ھازىرغا قەدەر ئەتىۋارلىنىپ ساقلىندۇ؟ نىمە ئۈچۈن كۇماراجىۋنىڭ ئايىغى تەگكەن گەنسۇنىڭ ۋۇۋىيدىكى ئەينى ۋاقىتتا كۇماراجىۋنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان كۇماراجىۋا مۇنارى بېلەن كۇماراجىۋا ئىبادەتخانىسى ۋە چاڭئەندىكى كۇماراجىۋا تۇرغان شاۋياۋ باغچىسىغا سېلىنغان ساۋتاڭ ئىبادەتخانىسى (سەنشى ئۆلكىسى لۈشىيەن ناھىيە بازىرنىڭ جەنۇبىدىن15 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى گۇافېڭ تېغى ئېتىكىدە) تارىخنىڭ شۇنچە ئۇزۇن بوران چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ بىزگىچە يېشىپ كېلەلەيدۇ ھەم بۈگۈنكى كۈندە نوقتىلىق قوغدۇلدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىدا قاتتىق مۇھاپىزەت قېلىپ قوغدىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۇماراجىۋانىڭ شېئرىي ھىېكىمەتلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ چاۋشىيەن، ياپۇنىيەلەردە داۋاملىق نەشىر قىلىپ تارقىتىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ياپۇنىيلىك دوستلار سەندل ياغىچىدىن ياسالغان كۇماراجىۋانىڭ ھەيكىلنى ساۋتاڭ ئىبادەتخانىسىغا سوۋغا قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت خىلى زور ئىقتىسادىي چىقىم بەدىلگە 1994- يىلى 8-،9- سىنتەبىر كۈنلىرى باي ناھىيسىنىڭ قىزىل مىڭئۆيى ئالدىدا كۇماراجىۋا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1650 يىللىقىنى خاتىرلەش خەلىقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە كۇماراجىۋا مىس ھەيكىلنىڭ يۇپىقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو، ياپونيە، كورىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە،تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونىدىن كەلگەن 140 نەپەر مۇتەخەسىس- ئالىم كۇماراجىۋانىڭ جاھانشۇمۇل ئىلمىي مۇۋەپىقىيەتلىرنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن تۈركۈم- تۈركۈم ساياھەتچىلەرئارنى يىراق كۆرمەي قىزىل مىڭئۆيىگە كېلىپ كۇماراجىۋانىڭ 3.10مېتىر ئېگىزلىكتىكى 1800 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك مىس ھەيكىلىگە ئىخىلاس بىلدۈردۈ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن جوڭگونىڭ  ئىچكىر ئۆلكىلىرى ۋە ياپۇنيىدىكى 40 مەشھۇر ئالىم كوماراجىۋا شۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىندۇ؟ مانا بۇ تۇگمەس نىمە ئۈچۈنلەر بىزگە كۇماراجىۋانىڭ دۇنياۋى شۆھرىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنيىتىنىڭ سەلتەنەتلىك ھالىتىدىنمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بىېرىدۇ.
بۇ مەنادىن كۇماراجىۋادىن ئىبارەت بۇيۈك بۇددا تەپەككۇرىنىڭ تۇنجى قېتىم مىللي تىلىدىكى دەرىسلىك كىتابدىن ئۇرۇن ئېلىشى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ گېزىت ۋە ئېنتىرنىت تور بەتلىرگە چىقىشنى بىز ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق ئىش دېسەك قىلچە ئارتۇقچە كەتمەيتتى. بەلكى ئۇھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۈچۈن تەبرىكلەشكە، قۇتلۇقلاشقا، ئىلمي بەھىس- مۇنازىلەرنى قانات يايدۇرۈپ زور تەن- تەنە قىلىشقا، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا تىگىشلىك كاتتا ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى كۇماراجىۋانىڭ مىللي تىلىدىكى دەرىسلىك كىتابدىن ئۇرۇن ئالغانلىقى ھەقىدىكى خالىس نىيەت بىلەن يوللانغان ئەشۇ خەۋەر بەزى ئېنتىرنىت تور بەتلىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىگەننى ئاز دەپ ئەشۇ خەۋەرنىڭ ئېنتىرنىت مۇنبىرىدىكى ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ بوستان،گۈلىستان ،سۈمۇرۇغ  تور بەتلىرىگە چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تور بەتلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئىناۋەت تىكلەشكە تىرشۋاتقان گۈلستان تور بېتنىڭ يېڭىدىن يوللانغان تېمىلارقاتارىدا پەقەت ئۈچ كۇنلا بويننى قىسىپ تۇرۇشقىلا مۇۋاپىق بولالىدىكى « ئاۋات تېمىلار » ۋە « ئىنكاسلىق تېمىلار » قاتارلىقلاردىن ئورۇن ئالالماي مۇنبەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چۈشۈرۈلىدى. بەلكىم تور باشقۇرغۇچىلىرى كۇماراجىۋانى ئەدەبىياتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغان بولسا كېرەك. ئەمىليەتتە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلاردىن كۇماراجىۋادەك ساپ خەنزۇ تىلىدا بىر قاتار شئېر، نەسىر، تەقرىز، مەكتۈپلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىپ ئۇتۇق قازانغان ئۇلۇغ ئەدىبتىن يەنە بىرى چىقىپ باققىنى يوق. كۇماراجىۋا خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك لوغەت تەركىبىنى ئېلىپ كىرىش بىلەن بىرگە 6 سۇلالە دەۋىرىدە شەكىللەنگەن چاكىنا ئەدەبىيات رامكىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ شۇ دەۋىرىدىكى  خەنزۇلارنىڭ شئېر، نەسىر، دارامما، پىروزا ئەدەبىياتى ۋە ئەلنەغمىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسۈتۇپ، خەنزۇ بۇددا ئەدەبىياتىغا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلغان مەشھۇر ئەدىب بۇلۇش سالاھىيتى بىلەن « گۈلىستان » مۇنبىرىدە ئۇزاقراق تۇرۇش سالاھىيىتىگە تولۇق ئىگە ئىدى. كۇماراجىۋانىڭ مۇنۇ ئىككى پارچە شئېرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:

               ھېكمەتلىك باخشىغا نەزەر

يېتىشتىن ئىپپەتۇ دەنابىلىك سىز زەزىكان،
تارتقان مۇشكۇلىڭىز پۇتمەس جاھاندىن ئۆتسە مىڭ دەۋران.
بولۇپ ئاققۇ پغان چەككەن بىلەن تەنھا چىمەن ئۆزرە،
سۈزۈك ئاۋازىڭىزدىن لەرزى قىلىدى يەتتە قات ئاسمان ‹6› .

                ئون تەمسىل  

تۇنجى تەمسلىنى قۇرۇقتىن مەن ئەيلىدىم ئىپتىدا،
تەبىرى ئالەم ئۈچۈن تەمسىل قۇرۇقلۇق جايىدا .
سۆز بىلەن ھەر مەنىنى قىلساممۇ ئىزھار قانچىلىك،
مەنمۇ چەكسىز ئەمەس ئۇمۇ تۈگەر بىر ۋاقتىدا.  

ئەۋلىيالار تون كىيىپ دەرۋىش بۇلۇپ باسسا قەدەم،
كۆرۈنۈپ تۇرغان قونالغۇ بولمىغاي دەرگاھ ساڭا.
جېلۋىلىك تۇرغان زىمننىڭ تەكتىگە سالساڭ نەزەر،
ھادسىسى ئالەمدە يوق بەربات ۋەيا بولماق بىنا ‹7› .  

ئۇ يەنە مىلادى 413 – يىلى ئەتىراپىدىكلەرگە مۇنداق شئېر بېغىشلىغان :

شۇنچە پەرقلىق بولسىمۇ ئەسلىدە ئەۋلادىمىز،
ھېكمەتى قىسمەت تۈپەيلى بىرگە بولدى زاتىمىز.
كەلسىمۇ گەر ئىيتقۇسىز غەملەر ۋىدالىق دەستىدىن،
ئۆزگە ئالەمگە سەپەر قىلماق بۇ مەشخۇلاتىمىز ‹8›.

    قېنى، ئەشۇنداق تېرەن پەسەپىيۋىيلىك، جۇشقۇن قاپيە، رەڭدار شئېرى تۇيغۇنى بىرلەشتۈرۈپ كىشى قەلبىنى تىتىرتەلەيدىغان ئۆلمەس شائىرلاردىن بىزدە نەچچىسى چىقاركىن؟
ئۆزىگە بوستان ئۇيغۇر مەدەنيەت كۈلۈبى دەپ نام بەرگەن ئەشۇ تور بېتىمۇ نامىدا شۇنداق دىيلگىنى بىلەن ئۇيغۇر پەلسەپە، مائارىپ ۋە تەرجىمە نەزەريىسىنڭ ئاساسىنى تىكلەپ بەرگەن بۇ مەدەنيەت ئەرباپىغا ئادىل مۇئاملە قىلماي شۇ ھەقتىكى تېمىنى ئاران بىر ھەپتە ساقلاپلا مۇنبەردىن يۇقاتتى. ساپ ئەدەبىياتنى قوغلىشىدىغان «سۈمۈرۇغ» تور بېتى ھەرھالدا ئەشۇ خەۋەرنى «يېڭى يازما »، « يىڭى ئىنكاس بارتېمىلار » ۋە « ھەپتىلىك قىزىق تېما » دېگەن تېما تۈرلىرىدە بىر- ئككى كۈندىن قوندۈرۈپ قۇيۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن كۇماراجىۋانى « دەيمۇ – دىمەيمۇ» ناملىق سەھىپىدىكى ئامبارغا سۇلاپ قۇيۇش بىلەن ئىشىنى  تۈگەتتى. « سۈمۇرۈغ »نىڭ يەنە بىر خاسىيتى شۇكى، خەۋەر بېرىلگەندىن كىيىن جەمئى 9 ئەزا ئىنكاس يېزىپ بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيتىنى شەرھىلىدى. بۇنۇڭدىن« سۈمۈرۈغ » دىكى ئەدەبيات مۇخلىسلىرىنى ئەشۇ ئىشنىڭ ئىلىمي قىمىتىنى ھەر ھالدا تۇلۇق چۇشىنپتۇ، دىيىشكە بولاتتى.
مەن قانداق مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مۇنبەردە ئۇزۇن مۈددەت پۇت تېرەپ تۇرالايدىغانلىقنى يەنە قانداق مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ مۇنبەردىن ئىتتىك قوغلاپ چۈشۈرۈلىدىغانلىقنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە يۇقىرىدا نامى زىكىرى قىلىنغان ئۈچ مەشھۇر تور بەتتىكى مۇنبەرلەرنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتىم. مۇنبەردە ئۇزۇن مۇددەت ساقلانغان تېمىلار ئىچىدە ھەقىقەتەن ساقلىنىش قىممىتىگە ئىگە، كىشنىڭ قايىللىقى قوزغايدىغان، ئاچقان يەرگە بارىدىغان، يېڭىلىقى، ئىجتىماىي ئۈنۈمى بار تېمىلار ۋاقتىغا خىرىس قىلىپ مەردانلارچە مەيدىسنى كېرىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما مۇنبەردە ساقلىنىپ قالغان تېمىلار ئىچىدە يەنە قىلچە ئىجتىمائي قىممىتى بولىمغان ئىشقي شئېري قوشاقلار، قۇرۇقتىن قۇرۇق مۇلاھىزىلەر، تېتىقسىز پەندى- نەسھەتلەر، تولا ئاڭلاپ قوللاققا سىڭىپ كەتكەن MTV ناخشىلىرى، ئېلانلار بار بولۇپ ئاشۇلارنى كۇماراجىۋا ھەزرەتنىڭ ئورنى ۋە قىمىتى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. بۇجەھەتتىن ئەشۇ توربەتلىرنىڭ كۇماراجىۋاغا ئۈۋال قىلغانلىقى مانا مەن، دەپ چىقپلا تۇرۇپتۇ. يەنەتېخى« سەلكىن » تور بېتىنىڭ « مەشھۇر شەخىسلەر » سەھپىسىدىكى تېمىلارنىڭ ئىنكاس ۋە ئاۋاتلىق دەرىجە كۆرسەتكۈچى جەھەتتىكى پەرىق كىشنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ غەش قىلىدۇ.« ئېلىخان تۆرەم » نامىدىن ئەشۇ سەھىپىگە يوللانغان كۇماراجىۋا ھەققىدىكى سۈرەتلىك ماقالىگە ئاران 10 ئىنكاس كەپتۇ (يەنە كېلىپ بۇ ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئالىمنىڭ يۈزىگە پوق چاچىدىغان ئىنكاسلاردۇر خالاس) ئاۋاتلىق دەىجە كۆرسەتكۈچى ئاران97گە تېتىپتۇ. مەن قانداق تېمىلارنىڭ ئاۋاتلىق دەرجىسىنڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقنى بېلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئەشۇ سەھپىدىكى ئاۋاتلىق دەرجىسى يۇقىرى چەككە يەتكەن « سەھنىسىدىكى كىچك چولپانلارىمىز » ناملىق تېمىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم. بۇ تېمىنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى ھەققەتەن يۇقىرى بولۇپ 1317گە يېتىپتۇ. 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى يوللانغان بۇ تېمىغا جەمئى بەش پارچە سۈرەت كىر گۈزۈلگەن بولۇپ 1-سۈرەتتە بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ غەيرى ھالەتتە ياسىنۋالغان، قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگىنى دەمالىققا پەرىقلەندۇرگىلى بولمايدىغان(ئېتىمال خەنزۇ بولسا كېرەك) ئۈچ نەپەر بالا بىلەن بىرگە تۇرغان مەغرۇر ھالىتى ئەكىس ئەتتۈرىلۈپتۇ. 2- سۈرەتتە ئەشۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۇيغۇرچە كىينىۋالغان خەنزۇ قىزلىرى ۋە بىر نەچچە خەنزۇ يىگىتلىرى بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان ھالىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلۇپتۇ(قارىغاندا ئۇلار ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتسا كېرەك).  3- سۈرەت تېخىمۇ دەھشەت بولۇپ ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنىڭ بېشىدىن ئايغىچە خىرۇم كىيىم كىيىپ گىتتار چېلىۋاتقان ھالىتى ئەكىس ئەتتۈرلۇپتۇ. كىيۋالغان خىررۇم شىلە پىسنىڭ پاسۇندىن قارىغاندا ئۆزىنى مېكسكىلىق بىرەر ناخشا چولپىنىغا ئوخشىتىۋاتسا كېرەك. 4- سۈرەتتە ئىككى خەنزۇ رىياسەتچى( بىرى ئايال) نىڭ ھېلىقى بالىنى ئوتتورغا ئېلىۋېلىپ ھاياجانلانغان ھالەتتە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، قارىغاندا ئۇلار ئاشۇ بالىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئاجايىپ تالانتىنى ماختاپ ئۇچۇرۋاتسا كىرەك. 5- سۈرەتتە ھېلىقى ئۇيغۇر بالا ھەر ھالدا ئنسابىغا كېلىپ بېشىغا سەللە ئوراپ، تاج تاقاپ ئۇيغۇرچە كىينىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.
ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەشۇ تېمىغا قىسقېغىنە 5 كۈن ئىچىدە 30 ئىنكاس كەلگەن بۇلۇپ مۇنازىرە بەكمۇ قىززىپ ئىسمى- جىسمىغا لايىق « ئاۋات تېما» ھالىتىنى نامايەن قىلىپتۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم ئىنكاسلاردىن« سەھنىدىكى كىچىك چولپان»لارغا قانداق باھالارنىڭ بېرىلگەنلىكنى كۆرۈپ باقايلى:
(1)ئابدۇقادىر(كۇماراجىۋانى « بۇت» دەپ ھاقارەتلەنگەن ھېلىقى ئەزا ):
« مۇشۇ ئاستىدىكى گۇي خېلى تالانتلىق جۇمۇ .»
ئېلاۋە: بۇياقنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا«كىچك چولپان»غا بېىرىلگەن باھا بىلەن كۇماراجىۋاغا قىلىنغان ھاقارىتنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ« گۇي» دەپ ئەركىلىتىپ كىتىشىلىردىن ئۆرگىلەي.
(2) ئابدۇقادىر 2- بەتكە ئۆتۈپ بۇلۇپ يەنە ئىنكاس يازىدۇ: «خېلى قىززىقچى... ! ماۋۇ گەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ!»
(3) قايدو دەرياسى:
«رەھمەت سىزگە. سەھنىدىكى كىچىك چولپانلىرمىزنىڭ مىللىتىمىزنى دۇنيا سەھنىلىردە تۇنۇشتۇرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن»
(4) ياسۈن:
« ھاھا ھارامزادە ... كىچىككىنە تۇرۇپ سەھنىلەردە ئۇيۇن قۇيۇدۇ بۇ گۇي»
(5) غەمسىز ھايات؛
« ئىستىقپالى پارلاق ئۇلارنىڭ».
(6) روسلان 007:
« مۇشۇلاردىنمۇ پەخىرلىنىپ كەتتىڭلارمۇ، گەرچە ئۇلار سەنئەتتە تالانىتلىق بولغان بىلەن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا ھىچنىمە قېلىپ بېرەلمەيدۇ. بىز سەنئەت تالانتلىرغا ئەمەس بەلكى ئىلىم- پەن ئۇچقۇنلىرغا مۇھتاج.»
(7) قارا قۇياش:
«ئۇلار بىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇدىغانلار .»
(8) دۇدۇ:
«... ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى داداىل، چاققانلىقنى، زېرەكلىكنى، چاققان ھەركەتلىرنى كۆرسىڭىز ئەۋلاتلىرمىزدىن سۆيۆنۈپ قالىسىز.»
(9) نەرگىز گۈلى:
« ئەمدى مۇشۇ نارسىدىلەر قالدىمۇ بىز نەتىجىلىرىدىن قۇسۇر چىقارمىغان... يامان بولسىڭىز بۇ يەردە قۇرۇق كوتولداپ ئولتۇرماي بېرىپ ئۆتۈپ بېقىڭە  شۇنداق قىلالىسىڭىز سىزنى قولىمىز بېلەن ئەمەس، بېشېمىز بېلەن كۆتىرىمىز يەنىمۇ تىرشىڭلار ئۇكىلىرىم  بىزدەك ئاچا- سىڭىللىرىڭلار قىلالمىغان ئىشنى سىلەر قىلدىڭلار !!!!!!  سىلەرنى مەڭگۈ قوللايمىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز
(10) مەڭگۈ تاش:
«شۇ مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستانىسنىڭ فېيچاڭ 6 +1 پىروگىرامىسىدا چىققاندا ئۇنىڭدىن ۋە مىللىتىمدىن پەخىرلىنىپ كېتىمەن.»
(11) ئوۋچى   007:
نەرگىز گۈلى ھەججەپ توغىرا گەپ قىلدىڭىز
يۇقارىقلاردىن باشقا يەنە ئالىم، دەرۋىش، پەرىشتە، فىروزە، كىروران، كائېنات، خەمىت....... قاتارلىق تورداشلار تۇشمۇ تۇشتىن ئىنكاس يوللاپ نەرگىز گۈلنىڭ پىكىرنى قوللاپ « سەھنىدىكى كىچىك چولپانلار » غا ھەمدۇ – سانا ئۇقۇشقان. بۇ يەردىكى قىزغىن، دادىل، جۇشقۇن- ئاكتىپ مۇنازىرە كەيپىياتنى قانداقمۇ كۇماراجىۋا ھەققىدىكى بىزارلىق تۈسنى ئالغان سوغۇق مۇنازىرە كەيپىياتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ بىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىز تېخى ئاغىزدىن ئانا سۈتى بۇراپ تۇرىدىغان، سەنئەتنىڭ نېملىگىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ چۇشەنمەكتە يوق تەقىلىدىي سەنئەت مىكروپلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش ھالىتىگە بېرىپ قالغان ئاتالمىش « سەھنىدىكى كىچىك چولپانلار » چىلىك چۈشۇنشكە، قوللاشقا، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمىسا بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ تېخى ئەشۇ « كىچىك چولپانلار » مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرامىش، مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدى ئۇلاردىمىش. نېمە دېگەن تېتىقسىزلىق بۇ. چۈنكى، ئەشۇ كىچىك« چولپانلار »نىڭ ۋۇجۇدىدىن ساپ مىللىي ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتىمىزنىڭ كۈچلۈك تەپتى ئەمەس بەلكى ئەبجەش، غىلجىڭ، تەقلىدى سەنئەتنىڭ ۋارىيانىتلىرى بېخ يېرىپ تۇرمامدۇ؟ بىز نېمە دەپ بىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇپ بولغان بۈيۈكلىرىمىزنى چۆكىرىپ، سەنئەتتىن ئىستقىپال تېپىش كۇيدا تىپىرلاپ يۈرگەن نەدىكى بىرنىسى چۈكىنەمىلەرنى كۆككە كۆتىرىپ كىېتىمىز؟ مۇبادا ئەشۇ«چولپانلىرىمىز» جېكسون دەك دۇنياۋى مەشھۇر شەخىس بۇلۇپ كەتسە ھەر ھالدا ئۈمىدىمىز يەردە قالماس. شۇنداقتىمۇ بۇ كۇماراجىۋاغا ھاقارەت قىلىش بەدىلىگە رۇياپقا چىقماسلىقى كېرەكتە. يەنە كېلىپ دۇنيادا پەقەت ناخشا- ئۇسۇلغىا تاينىپلا تۇنۇلغان، قەد كۆتۈرگەن، ئۆز ئىستىقبالىنى قولىغا ئالالىغان مىللەت مەۋجۇتمىمۇ؟ « ناخشا - ئۇسۇل مىللىتى » دەپ ئاتالغان، ماختالغان سىگان مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق بولدى؟ بۇ جەھەتتىن توردىشىمىز رۇسلاننىڭ ئىنكاسىنى ئەستايدىل ئويلۇنۇپ كۆرۇشىمىزگە تېگىشلىك بولسىمۇ ئەمما باشقا تور داشلارنىڭ بېردەملىك ھېسيات چۈقانلىرى نېمە دەپ ئەقىل بېلەن ئوتتورغا قۇيۇلغان ئەشۇ ئىلىمي قىممىتى بار ئىنكاسنى كۈمۈپ تاشلاپ بۆشۇكىدىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىدۇ؟
مەن كومپيوتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۋىلىپ توختىماي ئىنكاس يوللايدىغانلارنىڭ ساپاسىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ مەدەنيەت، تارىخ، سەنئەت جەھەتتىكى ساۋاتى نېمىدېگەن چولتا. ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىملاسىنىمۇ بولسا تۇلۇقراق بىلسىچۇ كاشكى. مەن يۇقىردىكى ئاجايىپ – غارايىپ تەخەللۇسلار بىلەن ئىنكاس يوللايدىغان ئەشۇ « بىر مۆرىسى يوق كاپىتان »لارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى كۆپ جەھەتتىن تەھىرىلەپ تۈزۈتۈپ ئاندىن بۇ يازمىغا كىرگۈزدۈم. ئەينى پېتى ئالسام نۇرغۇن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تۇلۇق چۇشۇنەلمەي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىنىش بەلگۈلىرنى خۇددى باھاسى چۈشكەن مالدەك خالىغانچە              ئىشلىتىۋېرىدىكەن. نېمىدىگەن كۆپ ئۈندەش، كۆپ چىكىتلەر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېنتىرنىت دېگەن زادى نېمە؟ ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، مەدەنيىتى، تارىخى، سەنئىتىچۇ؟ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئىنتىرنىت بىزگە مەدەنيەت تارقىتىدىغان ئىلغار قورال ئەمەس بىزنىڭ ساۋاتسىزلىقىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارلايدىغان ئېچىنىشلىق ۋاستىسغا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟
دەرۋەقە، سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان روھىي قۇۋەت دورىسى. ئەمما بۇ دورا مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنمىسا ئەكىس تەسىر بېرىپ قۇيۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ناخشا ئۇسۇل سەنئتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇشۇنداق. بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە ناخشا ئۇسۇل سەنىتىگە بېرىلىپ كېتىشى ۋە ئەشۇ مىللەت تەركىبدە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان « چولپان » لارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەقىياتىدىن كۆرە زاۋاللىقىدىن بەكىرەك بېشارەت بېرىپ قۇيۇشى مۇمكىن. كۆرۋاتىمىز، سەھنىلىرىمىزدە تالاي – تالاي چولپانلار ناخشا توۋلاپ، ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ، يېشىك – يىشكلەپ ئىشلەنگەن ئۈنئالغۇ، MTV ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئەڭ چەت يېزا – قىشلاقلىرىمىزنىڭ چار بازارلىرىدا تۆكىمە قىلىپ سېتلۋاتدۇ. قېنى شۇلاردىن بىرەرسى بىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇپ باقتى؟ ئۇلار ھەتتا پايانسىز چۆللىكلىرىىمىزىدىكى تاغ قاپتاللىرىدا پىنھان تۇرۇپ كەلگەن بۇددا مىڭئۆيلىرىمىزدىكى بەرباپ، چەللە، غۇڭقا كۆتۈرۋالغان سازەندىلەر بىلەن رەڭدار لىنتىېلارنى جىلۋىلەندۈرۈپ نەپىس ئۇسۇل ھەرىىكەتلىرىنى بىجاندىل ئۇرۇنلاۋاتقان رەققاسىلارنىڭ جانسىز رەسىملىرىچىلىك داڭىق چىقىرالمىدىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋېن ھېدىن، سىتەيىن، لېكوك، پېللىئوت، ئوتانى كوزى قاتارلىق چەتئەل ئېكىسپىدىيچىلىرى ھەشەمەتلىك شەھەر مۇھىتى، باياشات تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ قاتناش ئىنتايىن قولايسىز شارائىتتا جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ بىزنىڭ دەشتى چۆللىرىمىزدىكى خارابىلەردە، مىڭئۆيلىرىمىزدە تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن مىڭلىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر يىلدا تۈتاملاپ پۇل خەجىلەپ قىتئە ئاتلاپ دىيارىمىزغا كېلىپ سانائەتنىڭ گۈزەل شەھەرلىرىنى ئەمەس بەلكى چۆل جەزىردىكى مىڭئۆيلەرگە بېرىپ ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن نەپىس تام رەسىملىرىگە تويماي قاراپ كېتىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ شۇنچە كۆپ زامانىۋى ناخشا – ئۇسۇللىرىمىز ئەمەس بەلكى قەدىمىي ھەم مىللىي سەنئىتىمىز بولغان 12 موقامىمىز ب د ت تەرپىدىن قوغدىلدىغان غەيرى ماددي مەدەنيەت كاتا گورىيسگە كىر گۈزىلىدۇ؟ خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن قەمبەرخانىم، نساخان ئانا، داۋۇتچان ناسىر، ئابدۇۋەلى جارىللا يۇپلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسكە ئالىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن پاشا ئىشان، ھۈسەنجان جامى، مۇساجان رۇزى....لارغا قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن بېرىدۇ؟ مانا بۇ سۇئاللارغا بىرىلگەن جاۋاپ بىزنىڭ سەنئەت ئىشقىدا پەرۋانە بولىۋاتقان تالاي چولپانلىرىمىزنىڭ ئاتالمىش سەنئەت ھەققىدىكى ئەبجەش چۈشەنچىلىرى ۋە چولپان بولۇش خىيالىدا يۈرگەن تالاي ئازغۇنلارنىڭ توغرا يول تېپىۋىلىشغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەشۇ ئۆلچەم بويچە قارىغىنىمىزدا ھازىرچولپان  ،مەشھۇر  ئاتالغان ئاتالمىش سەنئاتكارلىرىمىزنڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى سەنئەتكار ئەمەس بەلكى پەقەت ئۇرۇنداش ماھارىتىنى ئۆگۈنىۋاتقان ئىجىراچىلار بولۇپ، چىقىدۇ خالاس.
ئۇيغۇر 12 موقامىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ مىللىي خاسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مىللي روھ موقامنىڭ جېنى. ئۇنىڭغا مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى سىڭگەن. شۇڭا مۇشۇ زىمىندىكى ھەر بىر تۈپ گىياھىدىن تارتىپ تاش – چالمىلارغىچە، دەريا - كۆللىرىمىزدىن پايانسىز قۇملۇقلىرىمىزغىچە، بارلىق جانلىق – جانسىزلىرىمىز موقام كۇيلىرىنىڭ مۇڭلۇق رېتىمىغا جۆر بولالايدۇ. سۈكۈتتە ياتقان تاقىرتاغلار بىلەن قۇملۇقلاردىكى بەردەم توغراقلار 12 موقامىمىزنىڭ ئەدەبىيلىك گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە ئېغىر ئەمما بەردەم ھالەتتە قەد كېرىپ تۇرىدۇ.
مىڭئۆيلىرىمىز مىللي مەدەنيىتىمىزدىكى يەنە بىر چوڭ غەزىنە. ئۇ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز ئەسىرلەر سەھىپىسىگە يېزىپ قالدۇرغان كاتتا سەنئەت قامۇسى. ئۇ مللي سەنئتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى شەجەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسەملەشتۈرگەن ‹9› بىباھا تەۋەرۈك. سەنئەتخۇمار خەلىقىمىزنىڭ قۇلىدا  رۇياپقا چىققان مىڭئۆيلەردىكى نەپىس سىزمىلاردىن مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىپتىدايئى كۈي – رېتىمى بالقىپ تۇرىدۇ. مىڭئۆيلىرىمىزدىكى يارقىن رەڭلەردىن كۇماراجىۋانىڭ تېرەن تەپەككۈر جۇلاسىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. مۇقامنىڭ ئىپتىدايئى تىندۇتسيىسلىرى كۇماراجىۋا ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس. شۇڭا قىزىل مىڭئۆي ئالدىدىكى تىرەن تەپەككۈر ئالىمىدە  سەيىرقىلۋاتقان كۇماراجىۋاغا 12 موقام كۈيلىرى ھەرگىز يات تۇيۇلمسا كېرەك. شۇنداق تۇرۇپ بىزنىڭ ئىپتىدايئى كۈي نەغمىلىرىمىزنىڭ مىڭئۆيلەردىكى ئوبرازلاشقان كۆرنىشنىڭ رۇياپقا چقىشنى نەزەرىيە ۋە تېما ئاساسى بىلەن تەمىنلەشكە يول ئاچقان مۇتەپەككۈرىمىز كۇماراجىۋا نېمىدەپ ئەشۇ سەنئەت ھۈجەيرىسى ئەمدىلەتىن يېتىلۋاتقان ئەمما كەلگۈسنى مۆلچەرلەش بالدۇرلۇق قىلدىغان ئەشۇ ئاتالمىش سەھنىدىكى كىچىك چولپانلار چىلىك ئىززەتلىنەلمەيدۇ؟ كۇماراجىۋا بىلەنچولپانلار دىن ئىبارەت ئككى تېما ئوتتورسىدىكى ئاۋاتلىق دەرىجە پەرقى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ، نېمە ئۈچۈن ئىنكاس سانى جەھەتتىكى پەرىق سانى شۇنچە زور بۇلىدۇ! بوپتۇ، كۇماراجىۋا بۇندىن1مىڭ 700 يىللار ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن شەخىس، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ھازىرقى ئىسلام ئېتقادىمىزغا يات كېلىدىغان بۇددا دىنى تائپىسىدىن، شۇنداق ئىكەن ھازىرقىلار بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى چۈشەنچىسى چولتا، دىيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئاز – تولا تەسەللى بەرگەنمۇ بولايلى بوپتۇ. ئەمما سەلكىن تور بېتىنىڭ سەھنىدىكى كىچىك چولپانلار  بىلەن بىر قاتاردا مەشھۇر شەخىسلەرسەھىپىسىگە زۇلال تەرپىدىن 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى يوللانغان « مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئىلىمىي ئىجادىيتىنىڭ قىممتى » دېگەن تېمىغا نېمە دەپ ئاران 2 ئىنكاس يوللانغاننى ئاز دەپ بۇ تېمىنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئاران59 بولىدۇ؟ مۇبادا خاس سانئەتكارلارلا ئۇلۇغلىندىغان ئىش بولسا بۇ ئالىممۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسقۇ؟ ئەجبا بۇ ئالىمىمىز ئۆزىنىڭ چەكلىك ھاياتىدا موقام ۋە ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتىمىزگە قارىتا چوڭقۇر قاتلاملىق تەتقىقاتلارنى  ئېلىپ بارغان ئەمەسمىدى؟ يەنە شۇ سەھپىدىكى زۇلال تەرپىدىن يوللانغان « ئابدۇكېرەم غوجا: ئۆزەم توغىرىسىدا » ، « يىتۈك ئالىم ئەھمەت زىيائي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى » دېگەن تېمىلارغا يوللانغان ئىنكاس ۋە ئاۋاتلىق دەرىجىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا نېمىدەپ ئاران 4،3 ۋە 88،91 بولىدۇ؟ ئۇلار ئەجبا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنيەت – تارىخ تەتقىقاتى    ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى ۋە مائارىپ، تەرجىمە ساھەسىگە بىر ئۆمۈر تۆھپە قۇشۇپ سەمەرىلىك ئەمگەك مېۋىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، نامى تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۇلۇغ كىشلىرىمىز ئىدىغۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئىسلام دىنى مۇھىتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ۋە تېخى يېقىندىلا ئالەمدىن ئۆتكەن جىسمى ۋە نامى ھەممىگە تۇنۇشلۇق كىشلەر ئىدىغۇ؟ تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلىرنى بىلمەسلىكلا ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىدىكى ئەللامە – ئالىملىرنىڭ قەدىرنى قىلماسلىق، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنى چۆكۈرۈش رۈشەنكى، شۇ مللەتنىڭ ئەجەللىك تىراگىدىيسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇخىل تېراگىدىيە، بۇخىل نىجسلىقلىرىمىزنىڭ مەدەنيەتلىك ئىنفورماتسىيە دەۋرى بولغان21- ئەسىردە خەلقائارادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر ۋاستىلىرنىڭ بىرى بولغان ئىنتىرنېتتا ئاشكارلىنىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي ۋە چۆچۈتمەي قالمايدۇ ئەلبەتتە.
ئىنىتىرنتنىڭ  پەيدا بۇلۇشى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۇچۇر يوللىرى غايەت زور دەرىجىدە راۋانلاشقان ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ قۇدۇرەتلىك قورال ئالدىدا يەر شارى گويا كىچىككىنە كەنىتكە ئايلىنىپ قالدى. دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا يۈز بەرگەن كېچىككىنە ئىشلارمۇ شۇ ھامان پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەممە جايىغا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا تارقىلدىغان بولدى. بۇھال كىشلەرنىڭ كونا تەپەككۈر ئەندىزسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. جۈمۈلدىن ئەسەرلەدىن بۇيان مەركىزى ئاسيا قۇرۇقلۇقنىڭ ئىكىرسىدە يىپەك يولنىڭ خارابلىششىدىن كېيىنىكى بېكنىمە مۇھتتا ياشاپ ئادەتلەنگەن ئەمما ئەمدىلەتمىن كۆزى ئېچىلىشقا باشلىغان بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئارقا – ئارقىدىن نۇرغۇن تور بەتلىرى قۇرۇلۇپ تور مەدەنيىتى باش كۆتەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئىملاسى خاتا بۇلۇشتىن باشقا يەنە يۇقۇرقىدەك ئەجەللىك نۇقسانلارمۇ پەيدا بولۇپ، تالاي دىلى سۈزۈك، ئىمانى كامىل، روھى ئويغاق كىشلىرىمىزنى ئازاپلىق خىياللارغا دۇچار قىلدى. ئېنتىرنىت تورىغا چىقىرىلغان ھەر قانداق يازمنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىددىكى ئادەم ئېچىپ كۆرەلەيدۇ. مۇبادا كومپىيوتېر ئېكرانىمىزدىكى ئەشۇ سەتچىلىكلەر خەلقىئارالىق تۈس ئېلىپ قالسا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە باشقا ئەل خەلىقلىرى بىزگە قانداق باھا بېرەر؟ بۇرۇنقى ئەللامىلىرىمىز قەلەمنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىپ جىسمنى پاكلاپ  پاكىز روھي ھالىتى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرشتەتتىكەن. بۇگۈنكى كۈندە بىزمۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مائۇسنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن قولۇمىزنى يۈرۈگىمىزگە سېلىپ بېقىپ مەن كىم؟ كومپىيوتېرىدا كىمگە ۋاكالىتەن تېما يوللايمەن؟ تېمىلىرىم پۈتۈن دۇنياغا تارقالسا قانداق تەسىر قوزغايدۇ؟ دىگەنلەرنى ئەستايدىل ئويلاشمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئېنتىرنتقا روھى تەييارلىقسىزلا يېقىنلاشساق ئۇنىڭ بىزنى خەلقئارالىق پىتنىخورلار، ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قۇشۇپ قۇيۈش ئېھتىمالى بەكلا يېقىندەكلا قىلامدۇ نېمە؟

2006  - يىل دېكابىر، شەھىرى ئاقسۇ

   ---------------------------------------                                                                                                     
ئىزاھلار:
‹1› « ئۇيغۇر مەدەنيەت ئەنئەنسىدە بىلىم »، « شىنجاڭ مەدەنيىتى » ژۇرنىلنىڭ 2006- يىل 2- سان، 9- بەت.
‹2› ساڭ روڭ:« كۇماراجىۋا تەتقىقاتى ھەققىدە بايانلار »، « غەربى يۇرت تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشىرى، 1994- يىل 4-سان 4- بەت
‹3› « شىنجاڭ مەدەنيىتى » ژۇرنىلنىڭ 1995- يىل 10- سانى.
‹4› بوزقىر: « بۇددىزم دەۋرىدىكى ئاتاقلىق تەرجىمان - سىرىمترالا »، « ئاقسۇگېزىتى » نىڭ 2006- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈندىكى سانى4-بەت.
‹5› « يىپەك يۇلى مەدەنيەت قامۇسى»، بېيجىڭ قىزىل بايراق نەشىرىياتى، 1995-يىل8- ئاي خەنزۇچە نەشىرى، 318- بەت.
‹6›،‹7›،‹8› ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ىئىمىن: « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىن ئومۇمى بايان »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997- يىل 8- ئاي نەشىرى، 94-،87-، 88- بەتلەر
‹9› ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ىئىمىن: « غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  1998- يىل8- ئاي نەشىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار.
--------------------------------------------------------------------------
(بۇ ماقالە <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>> ژۇرنىلىنىڭ  2007-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
[ 此贴被BOZQIR在2008-09-12 00:54重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : baturjangqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-10, 14:48
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل:+10(baturjangqi)
شۆھرەت:+10(totem) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-10 22:28 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
salkinxah
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 314 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 ihh

كۇمراجىۋا ھى ھى ھى ~~ بىر يىل ئاۋال سەلكىندە مۇشۇ تېمىنى تېنچىلىق قۇشى نامىدا مۇنازىرە قىلغان چېغىمدا نۇرغۇن تالاشلارنى چىقىرىپ بىر مەزگىل كۇمراجىۋا ۋەقەسى پەيدا بولغان ئىدى ~ بوزقىركامنىڭ كومراچىۋا توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشكە ھەممىمىز قايىل ، كومراچىۋا ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان مىڭ ئۆيلەر خارابىسىغا مەنمۇ بېرىپ كۆرۇپ كەلدىم ، شۇ مىڭ ئۆيلەردە تۇرۇپ شۇ جايلارغا نەزەر تاشلىسىڭىز سۇيى ئاز قالغان غول سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان ، سىزگە خۇددى يىراقتىكى يىپەك يولىدىكى قەدىمى مەدىنيەتنى ئەسلىتىدۇ ، بىر شاھزادىنىڭ تارىخى سەرگۇزەشتىسى ......
ئەسلىنى ئۇنتۇپ ئەمدى بولغاندا ئۆز ئەجداتلىرىنى تىللەشكە باشلىغان ھازىرقى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ياشلىرى   .....
ما تېمىلارنى قالدۇرۇپ قوياي .
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-12270-fpage-1-toread--page-1.html
بۇ تېمىدا بوزقىر ئاكىمىزغا خوتەنلىك تورداش ئەلزارى دېگەن تورداشنىڭ يوللىغان تېمىسى ~تېما ئىسمى ئۆمەرجان ھەسەن بوز قېرغا  ئوچوق خەت..
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-12244-fpage-0-toread--page-1.html
يېنە بىر قېتىم كۇمراجىۋا ۋەقەسى پارتىلامدۇ قانداق ؟ ھى ھى ~
[ 此贴被salkinxah在2008-09-10 23:44重新编辑 ]
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 23:19 |
taket
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29163
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

يەنى بىر تالاش تارتىش باشلانغۇدەك ...........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 23:27 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

<< كومراچىۋا >> ئەمەس <<كۇماراجىۋا >> دەپ توغرا ئاتايلى.
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 23:34 |
zaynap305
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

سىتاتىدىكى «ئۇيغۇرمەدەنىيەتىىدە بىلىم» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىسمىنى قەستەن تاشلاپ قويۇپسىزغۇ؟قالغان مەنبەئە ئاپتورلىرىنىڭ ئىسمى بار. ئابدۇقادىر جالالىدىننى شۆھەتپەرەسلىكتىن كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن...ئەمدى بۇ تېجىمەللىكىڭىزنى تورغىمۇ سۆرەپ كىرەمسىز؟ ئۆزىڭىزنى قالتىس ئالىجاناپ كۆرسىتىۋاتاتتىڭىز، مۇشۇنچىكلىمىتى؟ ھەر بىر ماقالىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بىر ماختىۋالمىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئۇنىمايدۇ-ھە!...قېنى ئىلمىيلىك؟
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 00:39 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第4楼zaynap305于2008-09-11 00:39发表的  :
سىتاتىدىكى «ئۇيغۇرمەدەنىيەتىىدە بىلىم» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىسمىنى قەستەن تاشلاپ قويۇپسىزغۇ؟قالغان مەنبەئە ئاپتورلىرىنىڭ ئىسمى بار. ئابدۇقادىر جالالىدىننى شۆھەتپەرەسلىكتىن كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن...ئەمدى بۇ تېجىمەللىكىڭىزنى تورغىمۇ سۆرەپ كىرەمسىز؟ ئۆزىڭىزنى قالتىس ئالىجاناپ كۆرسىتىۋاتاتتىڭىز، مۇشۇنچىكلىمىتى؟ ھەر بىر ماقالىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بىر ماختىۋالمىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئۇنىمايدۇ-ھە!...قېنى ئىلمىيلىك؟

قارىغاندا سىز ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇماپسىزدە؟ ماقالىدە ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ ئىسمى ئېنىق ئېلىنىپ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ئاندىن ئىزاھتا مەنبەسى ئەسكەرتىلدى.
مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچە چېچىلىپ كەتكىنىڭىزگە قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىددىنغا بۆلەكچە ھۆرمىتىڭىز بارمۇ قانداق؟ مېنىڭچە، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كۇماراجىۋاشۇناسلىق ساھەسىدىكى تەتقىقادى يوق دىيەرلىك . بۇ ساھەدە پەقەت ئۇنىڭ بىر ئابزاس سۆزىلا بار. شۇ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئېلىپ قويدۇم. شۇنداق قىلساممۇ ئەمدى مەن كۆرەلمەس، تېجىمەل بولۇپ قالدىمما؟ مەخسۇس سىتاتا ئوقۇپ ئەسەر باھالايدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئەسەرنى تەپسىلى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز بولامدۇ قانداق؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 01:04 |
salkinxah
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 314 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەدىبىيات ساھاسىدىكى ئاكىلار ھەدىلەر ~~ يېشىم كىچىك بولسىمۇ مەن شۇنىلا ھېس قىلىمەنكى ئۇ تارىختا ياشىغان كىشلەرنىڭ مۇھىت ~تارىخى ~ ۋاقىت ~ۋە شۇنداقلا ئېتىقاد دەۋرىنى ئويلىشىلى ~ ئالدى بىلەن مۇشۇنى ئويلىشىپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يازىلى ~ ئۇيغۇر ئەزەلدىن ئىنسا دۇنياغا كېلىپلا مۇسۇلمان بولغان ئەمەس ~~ ئاتا بوۋا ئۇلۇغ ئەجدادلىرىڭلارنى ئەمدى بۇگۇنگە كەلگەندە كۇپىردىن كۇپىرغا تىللەپ قوش دۇنيالىق گۇناھكار بولمايلى ~ بوزقىر ئاغىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى شۇنداق بىلگۇم بار ~بولسا شۇ ئاغىمىزنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشسام دەيمەن !! تارىخى ھامان تارىخ ~ لېكىن ئەسلى تارىخىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ ئازغۇن ئەجدادلارنىڭ روھىنى قورىمايلى ~ جاۋابىنى بەرگۇچى پەقەت بىر بىرلا اللاھ !
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 01:46 |
salkinxah
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 314 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 


ئالدىنقى رەت سولدىن بىرىنجى كىشى مەزكۇر ئاپتۇر بوزقىر ئەپەندىم !   رەسىمىنى گوگىلدىن تېپىۋالدىم ~كېلىشكەن ياش يىگىتكەنغۇ بۇ ~ ھى ھى ھى ~
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 01:52 |
Ardawil
يۇۋاش دېھقان
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 7230
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 289 نۇمۇر
پۇل: 1324 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

   كۇماراجىۋانى دىنى نوقتىدىن چۈشەنگەنلەر بىر خىل قاراشتا ، مىللەت نوقتىسىدىن چۈشەنگەنلەر بىر خىل قاراشتا بۇلىدىكەن .
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 02:22 |
salkinxah
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 314 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەردەۋىل قېرىندىشىمنىڭ سۆزىدىن شۇنى ئويلاپ قالدىم ~ دىن باشتا شەكىللەنگەنمۇ ياكى مىللەت ؟؟؟  
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 03:01 |
shohretweli
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 15809
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سالام بوزقىر ياخشىمۇسىز؟
ئۇزۇن بولغان سىزنى  تورلاردا كۆرمىگىلى  بۈگۈن
  ئۆزىڭىزنىلا ئەمەس
جىبران پەرەس دوستىمىز باتۇر رەخمىتۇللا
ۋە شائىر دوستۇم شاھىب قاتارلىق دوستلارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ چەكسىز سېۋىندىم...

يېزىپ تۇرۇڭلار...
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 09:03 |
lazna
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20588
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第9楼salkinxah于2008-09-11 03:01发表的  :
ئەردەۋىل قېرىندىشىمنىڭ سۆزىدىن شۇنى ئويلاپ قالدىم ~ دىن باشتا شەكىللەنگەنمۇ ياكى مىللەت ؟؟؟  


ئاۋال ماۋۇ تۈگۈنچەكنى يىشىش كىرەكمۇ قانداق؟
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 09:11 |
Xjphoto
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئالدى بىلەن ئادەم، ئاندىن مىللەت يەنە ئاندىن دىن
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 10:48 |
1380
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29685
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

توۋا خۇدايىم!!!ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقاندىن باشلاپ ئۈزىگە بۇيسۇنىشقا چاقىر غان!ھەرگىزمۇ ئاۋۋال بۇدقا ئىشىنىپ بۇلالمىغاندا ئىسلامغا كىرىڭلار دەپ چاقىرىق قىلمىغان
كومرا جىۋا راست تارىختا ئۆتكەن ،بۇنىڭغا ھەممەيلەن ئىشىنىدۇھەم بىلىدۇ.تارىخ دىگەننىڭ بەزىسىنى بىلىش كۇپايە قىلىدۇ ،بەزىسىنى ئۈگۈنىش كۇپايە قىلىدۇ.كومراجىۋانىڭ بۇددا دىنىنى تارقىتىشى دىنى ئەقىدە بۇيىچە بولغاندا بىزلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ئىبرەت ئرلىشقا تىگشلىك بىر خاتالىق !بۇنى بىلىپ قالساقلا بۇلىدۇ.
ھەرقانچە بىر <<.....ئەپەندىم>>بۇلۇپ كەتسىڭىزمۇ مۇشۇنچىلىكنى بىزلەرگە چۇشەندۈرسىڭىز بۇلاتتى .لېكىن قارىسام كومراجىۋانى يامان بەك يۇغان ئىش قىلىپ بەرگەن ئادەمدەك سۆزلەپ ،ئەمدى بولغاندا كومراجىۋانىڭ ئارقىسىدىن ھېچكىم ئەگەشمىگەندەك ،ئۇنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغاندەك قىلىپ كىتىپسىز !!كاللىڭىزنىڭ دەردى بامۇ نىمە؟؟؟كومراجىۋانى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بىزمۇ بىلىپ قالساقلا بۇلدى،بۇنچىلىك قىلىش ھازىرقى ئەقىدە ،ئېد قاد سۇسلىشىۋاتقان دەۋىردە ئەرزىمدۇ؟؟؟ياكى ئۇيغۇرلارنى خرىستىيان ،بۇددىزىملارغا ئوخشاش چىركاۋ ،بۇددا ئىبادەتخانىلاردا قىلىدىغاننى قىلىپ قۇيۇپلا سىرتتا خالىغاننى قىلىپ ،پۇل بىلەن ناننى تۇنۇيدىغان بولسۇن دەمسىز ؟؟؟رامىزاندا جېق سۆزلەپ قۇيدۇم.لېكىن سىز ....
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 12:14 |
1380
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29685
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

بۇنداق تىمىلارنى ئىنتىرنىتتىن ئىبارەت ھەممە ساھەدىكى ئادەملەر بار سورىنغا تاشلىماي ،سىزگە ئوخىشاش <بىلىملىك >لەر بار زۇرنالغىمۇ ،ياكى بىر ئىلمى ماقالىغىمۇ يوللىمامسىز!!!ئۆتمەس ماتا ،زولاپ ساتا دەپ باشقا تور بەتلەردە مۇلاھىزە قىلىنىپ ،سېسىپ كەتكەن تىمىلىرىڭىزنى بۇيەرگە تاشلىماي!!!ياكى ئۇيغۇر تورداشلارنى قايتا بىر تالاش تارتىش قىلىپ سىياسى جەھەتىن خاتالىشىپ بىريەرلەرگە بېرىپ كەتسۇن دەمسىز يا؟؟؟باشقۇرغۇچىلار بۇنداق تىمىنى تاقىۋەتساڭلار بولمامدۇ!!!!
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 12:42 |
tohri
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 414 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

قىپقىزىل ساراڭ !! كومراجىۋا سىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بەردى!!
           كومراجىۋا دىگەن ئادەم ئۆتكەن ئۇنى بىلۋالايلى~!!
يېقىنقى يۈزيىلدىن ياقى ئۆتكەن ئالىملارنى تونۇشتۇرۇڭلار قانداق دېدىم بوز قىر!
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 12:51 |
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 166 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第12楼Xjphoto于2008-09-11 10:48发表的  :
ئالدى بىلەن ئادەم، ئاندىن مىللەت يەنە ئاندىن دىن

توۋا! مەس بوپ قالدىڭىزمۇ يا چۈش كۆرۈۋاتامسىز؟ سىز تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى بەك ئوقۇپ كەتكەن ئوخشايسىز. ئاللاھنىڭ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى ياراتقانلىقى، ئۇلارنىڭ يارىلىپلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقى ھەربىر  مۇسۇلمان بىلىدىغان ئەڭ ئاددىي ساۋات. شۇنداق تۇرۇپ دىننى ئەڭ كىيىن پەيدا بولغان دېيىش ئەقلى ئويغاق ئادەمنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 12:54 |
Xjphoto
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يەنە شۇ گېپىم ئالدى بىلەن يەر شارىدا ھاياتلىق پەيدا بولغان، ئاندىن ئادەم ئارقىسىدىن مىللەت ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھاكىمىيەت ۋە دىن بىرگە پەيدا بولغان. ئەقلىمنىڭ ئويغاقلىقىدىن adem118 سىزگە بۇنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ قوياي.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 13:00 |
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 166 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بوزقىر ئەپەندىم، «ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دېگەن ھەدىسنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟  ھەدىس دېگەن  خالىغانچە چۈشۈنۈپ، خالىغانچە سۈيئىستىمال قىلسا بولىدىغان خەلق چۆچىكى ئەمەس!!!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 13:00 |
adem118
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 166 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第17楼Xjphoto于2008-09-11 13:00发表的  :
يەنە شۇ گېپىم ئالدى بىلەن يەر شارىدا ھاياتلىق پەيدا بولغان، ئاندىن ئادەم ئارقىسىدىن مىللەت ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھاكىمىيەت ۋە دىن بىرگە پەيدا بولغان. ئەقلىمنىڭ ئويغاقلىقىدىن adem118 سىزگە بۇنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ قوياي.

بارىكاللا! مۇشۇ تەلىمات ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي!
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 13:04 |
Xjphoto
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第19楼adem118于2008-09-11 13:04发表的  :

بارىكاللا! مۇشۇ تەلىمات ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي!


رەھمەت سىزگە
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 13:16 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第18楼adem118于2008-09-11 13:00发表的  :
بوزقىر ئەپەندىم، «ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دېگەن ھەدىسنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟  ھەدىس دېگەن  خالىغانچە چۈشۈنۈپ، خالىغانچە سۈيئىستىمال قىلسا بولىدىغان خەلق چۆچىكى ئەمەس!!!


  .«ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دېگەن گەپنى   سىزنىڭچە قانداق چۈشەنسەك بولار؟  
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 14:19 |
zuliyman
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16669
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 82 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تىمىغا مەنمۇ ئىنكاس يېزىپ قوياي........
ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار دىگەن ھەدىس ئەمەس  بۇ ھەدىسنىڭ تۇقۇلما ئىكەنلىگىنى ئىسلام ئالىملىرى بىردەك ئېتراپ قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق بىر ھەدىسى بار«كىمكى مەن دىمىگەننى دىدى دەيدىكەن ئۆزىگە دوزاقتىن بىر كىشىلىك ئۇرۇن تەييارلىسۇن».
يەنە دىن  ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ مىللەتمۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك سىز ئاۋال ھاياتلىق ئاندىن مىللەت دەپسىز ئۇنداقتا ئەڭ بۇرۇن يارالغان ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى نىمىكىنا؟
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 15:16 |
alzari
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 11007
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 192 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەن ئىنكاس يىزىپ قۇياي
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 16:08 |
Xjphoto
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 293
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第22楼zuliyman于2008-09-11 15:16发表的  :
بۇ تىمىغا مەنمۇ ئىنكاس يېزىپ قوياي........
ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار دىگەن ھەدىس ئەمەس  بۇ ھەدىسنىڭ تۇقۇلما ئىكەنلىگىنى ئىسلام ئالىملىرى بىردەك ئېتراپ قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق بىر ھەدىسى بار«كىمكى مەن دىمىگەننى دىدى دەيدىكەن ئۆزىگە دوزاقتىن بىر كىشىلىك ئۇرۇن تەييارلىسۇن».
يەنە دىن  ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ مىللەتمۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك سىز ئاۋال ھاياتلىق ئاندىن مىللەت دەپسىز ئۇنداقتا ئەڭ بۇرۇن يارالغان ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى نىمىكىنا؟



سىز ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ بۇرۇن يارالغان ئىنسان ئىكەنلىگىنى بىلىدىكەنسىزيۇ، ئۇنىڭ مىللىتىنى بىلمەمسىز. قارىغاندا سىزمۇ شۇ چالا ساۋاتلارنىڭ بىرى ئوخشايسىز . تارىخنى ئوبدان ئوقۇڭ .
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 16:16 |
zuliyman
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16669
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 82 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

شۇنداق مەن چالا-ساۋات خوش سىزدەك بىلىم ئېگىللىرى دەپ بەرمىسۇنمۇ ؟
تەلىم بەرگەيسىز ............
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 23:38 |
yarimas
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 21858
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 313
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 1055 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

Quote:
引用第24楼Xjphoto于2008-09-11 16:16发表的  :



سىز ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ بۇرۇن يارالغان ئىنسان ئىكەنلىگىنى بىلىدىكەنسىزيۇ، ئۇنىڭ مىللىتىنى بىلمەمسىز. قارىغاندا سىزمۇ شۇ چالا ساۋاتلارنىڭ بىرى ئوخشايسىز . تارىخنى ئوبدان ئوقۇڭ .

  ما گەپكە مەنمۇ قىزىقىۋاتىمەن ،، مۇمكىن بولسا مۇشۇ يەردىلا دەپ بەرگەن بولسىڭىز بىزمۇ بىلىۋالساق
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 00:02 |
insan0903
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12665
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بەكلا  (( ھۆرمەتكە ))  سازاۋەر بوپكەتكەن بۇ جانابى كۇماراجىۋا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئالەم بىنا بوپ بولغان ھەم شۇ ۋاقىتلاردىمۇ مۇقەدەس ئىسلام دىنى  يەر يۈزىدە مەۋجۇت ئىدى ئۇ (( تەخسىر ))  نىمىشقا شۇ ئىسلام ئىلمىنى تەتقىق قىلماپتىكىن تاڭ .................؟
مىنىڭچە بىز ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا جۈملىدىن دىيارىمىزغا بىر مەزگىللىك ئېزىقتۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ ئىنسانلارنى خاتا ئىدقاد تا قويغانلىغىدىن ئەپسۇسلانساق ئاندىن توغرا بۇلاتتى  مىنىڭچە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكىنىدىن جۈملىدىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا تۇغۇلۇپ قالغىنىدىن  نەپىرەتلەنسەك ، غەزەپلەنسەك توغرا بۇلىدۇ
ئاللاھنىڭ دوستىغا دوس بۇلۇش دۈشمىنىگە دۈشمەن بۇلۇش ئاندىن ھەقىقى مۆئمىننىڭ  تاللىشى بۇلىشى كىرەك
ھەممە كۈچ قۇدىرەتنىڭ ، سەلتەنەتنىڭ ئىگىسى شاھىنشاھى بولغان ئاللاھ  بىز بەندىللىرىڭ سىنىڭ بەرگەن نىئمەتلىرىڭگە تۇز كورلۇق . قارا يۈزلۈك قىلدۇق بىزلەرگە رەھمەت قىلغىن بىزلەرنى كەچۈرگىن بىزلەرگە تۆۋە دەۋېلىشقا پۇرسەت بەرگىن
دۇئالىرىمىزنى قۇرۇق قول قايتۇرمىغىن ، ئامىن
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 00:16 |
hakan130
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29748
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

بوز قىر ئەپەندىم :
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 01:17 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 255(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

Quote:
引用第10楼shohretweli于2008-09-11 09:03发表的  :
سالام بوزقىر ياخشىمۇسىز؟
ئۇزۇن بولغان سىزنى  تورلاردا كۆرمىگىلى  بۈگۈن
  ئۆزىڭىزنىلا ئەمەس
جىبران پەرەس دوستىمىز باتۇر رەخمىتۇللا
ۋە شائىر دوستۇم شاھىب قاتارلىق دوستلارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ چەكسىز سېۋىندىم...
.......


بىزدىن سىزگە ئوتلۇق سالام.
قا نداقراق تۇرىۋاتىسز؟ دوسىتلار دائىم سىزنىڭ گەېپىڭىزنى قىلىشىمىز.
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 02:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 03:22
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号