قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 327 قېتىم كۆرۈلدى
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 hitab 设置为精华(2008-09-11)



ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى




سەنتەي، سىتەي يوللىرى
تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.
جىرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى،
قۇرىمايدۇ ياشلىرى.




يۇرتتىن ئايرىلغانغا يىگىرمە يىل بولغان زۇنۇن قادىرى 1983-يىلى ئىسسىق ھوۋۇللاپ تۇرغان تومۇز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئۆزى ئۆسكەن، ئەركىن ۋە كۆڭۈللۈك ھايات ئۆتكۈزگەن يۇرتىنى، ئىچەكىشىپ كەتكەن يۇرتلۇقلىرىنى، قېرىنداشلىرىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىكى بەزىدە بۇ تەبىئىي قايناق ھېسسىياتىنى باسالماي قالاتتى. ئۇ يۇرتىنى، يۇرتلۇقلىرىنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئەل يۇرتمۇ ئۇنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر!؟...
1962-يىلى ئۇ بۇينىنى باغلىغاندەك مەجبۇرىيەت ئاستىدا يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەندىن بېرى بۇ ئۇنىڭ گۈزەل ئىلى ۋادىسىغا تۇنجى كېلىشى ئىدى. تارىمدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندە تۆت يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى ئاتاغلىق شائىر تېيىپچان ئېلىيۇف بىلەن ئايالى خەلچەم، زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى مېھمانغا چاقىرغانىدى. تاماقنىڭ ئالدىدا تېيىپچان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرىنى خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ساندۇقتا ساقلاپ يۈرگەن داڭلىق ھاراقلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ يىللاردا مۇنداق داڭلىق ھاراقلارنى ئالتۇندىن ئەتىۋار ئىدى. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تام تۈۋىدە غۇلجا پاسۇنىدا چىرايلىق پىلىتلەنگەن ساندۇق بار ئىدى. تېيىپچان ئېلىيوف ساندۇق ئۈستىدىكى چامداننى ئېلىپ، ساندۇق تۈۋىگە قويدى-دە، ئاندىن بىر قولى بىلەن ساندۇق قاپقىسىنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولى بىلەن ساندۇق ئىچىدىن ساقلاپ قويغان ھاراقلارنى بىر-بىرلەپ ئالدى، بىر قانچە خىل داڭلىق ماركىلىق ھاراق بۇتۇلكىلىرى ساندۇق تۈۋىگە قاتار تىزىلدى.
تېيىپچان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرىغا ھەييارلارچە قاراپ كۈلۈمسىرەپ:
ــ ئانارچى قاراى، كۆردۈڭلىمۇ، مانا ھاراق دېگەن، تاللاپ ئىچىسىلە دەپ چاقچاق قىلدى.
ــ قانداق ھاراقلار بۇ؟ ــ دېدى زۇنۇن قادىرى كۆز ئەينىكى ئۈستىدىن ھاراق بوتۇلكىلىرىغا قاراپ.
ــ مانا ماۋۇ تۇرپان داچۈ، ماۋۇ گولياڭ داچۈ، ماۋۇ ئېرگوتو، ماۋۇ ئىلى داچۈ، ماۋۇ... تېيىپچان ئېلىيوف ئالدىدىكى ھاراق بوتولكىلىرىنى بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىپ تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
ــ ئىلى داچۈ، زۇنۇن قادىرى ھاياجانلىنىپ تېيىپچان ئېلىيوفنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى،- ئەكىلە ئىلى داچۈنى...
ئۇ ئىلى داچۈنىڭ بوتۇلكىسىنى قولغا ئېلىپ، ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى ــ دە، ئاندىن بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ پۇراپ قويدى. ئېھ، قانداقلا بولمىسۇن ئىلىدىن چىققان ھاراقتە-بۇ! بۇنىڭدىن يۇرتنىڭ پۇرۇقى كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاشخانا ئۆيدە خەلچەم بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئايالى زىلەيخانغا ھاراقنى پۇلاڭلىتىپ كۆرسىتىپ ھاياجان بىلەن ۋاقىردى:
- زىلەي، ھاي زىلەي، مۇنۇ ئىلى داچۈنى كۆردۈڭمۇ؟ تېيىپچان مېنى دەپ ئون يىل ساقلاپتۇ، ئەمەسمۇ...
دۇختۇر ھاراقنى قاتتىق چەكلىگەچكە، زۇنۇن قادىرى بۇ كۈنلەردە قەتئىي ھاراق ئىمىگەنىدى، ئەمما بۇ كۈنى ئىلى داچۈدىن ئىككى رۇمكا تېتىپ، خۇددى ئىلىنىڭ، ئاقئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىگە ھاي بەردى. سالامەتلىكنىڭ تازا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، ئائىلىسىنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ئۆي-ماكانىنىڭ يوقلىقى، بالىلارنىڭ ئىھۋالى ئۇنىڭ غۇلجىغا بېرىش ئارزۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى توراپ تۇرغانىدى.
1979-يىلى سىنتەبىردە ئايالى زىلەيخان ئاقسۇدىن غېنىنىڭ قارا ماشىنىسىغا ئۆي-ۋاقىنى بېسىپ، باي ناھىيىسى ياقا ئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئىنىسى ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونۇپ، ئۈرۈمچىگە كىرىپ كەلگەندە، زۇنۇن قادىرى قېيىنئىنىسى خەمىتنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى. زىلەيخان يۈك-تاقىنى ئېلىپ كەلگەندە زۇنۇن قادىرى:《ئىنىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرايلى》 دېگەنىدى. ئەمما زىلەيخان قەتئىي ئۇنىماي:《مۇشۇنداق قىلمىساق ئىدارە بىزگە ئۆي بەرمەيدۇ...》 دەپ ئۆي-ۋاقىنى ئىدارە قورۇسىغا چۈشۈرگەنىدى.
ئىدارە قورۇسى ئىچىدە تاشلىۋىتىلگەن بىر كونا ئاپتوبۇس بار ئىدى. زىلەيخان ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلىپ غەلبە قىلدى ۋە ئاخىرى ئاپتوبوسنى ئۆي قىلىۋالدى. ئۆيگە پاتمىغان نەرسە كېرەكلەرنى ھويلىغا قويدى. بۇ بىلەتسىز قىزىق‹كىنو› ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىسى، سىنارېستى زۇنۇن قادىرى ئىشلىگەن‹يىڭى مەپىلىك كارۋان› ئىدى.
بۇ يەرلىك ‹سىگان›لار تارىم بويلاپ ‹ئويۇن› قويۇپ، ئۈرۈمچىگە يىڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار كۈندۈزى‹ئويۇن› قويۇپ كىچىسى ماشىنا ئىچىدە ئۇخلىشاتتى. بۇ ‹كىنو›نى كۆرگەن تاماشىبىنلار دەسلەپتە كۈلەتتى. ئاندىن ئىچى كۆيەتتى، ئاندىن غەزەپلىنەتتى، ئاندىن... كوچا-كويدا، سورۇن-سورۇنلاردا، ئۆيلەردە بۇ يېڭى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ‹مەپىلىك كارۋان› نى ھېكايە قىلىپ، سۆزلەپ يۈرۈشەتتى. ئادەم دېگەننىڭ مىجەز-خارەكتىرى بىر-بىرگە ئوخشىمايدۇ. تاماشىبىنلارمۇ شۇنداق، بۇ تاماشىبىنلار ئىچىدە ئاجايىپ خاراكتىرلىق ئادەملەر بار ئىدىكى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ ئادەم يا كۈلىشىنى، يا نەپرەتلىنىشىنى بىلمەي قالاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ سولچىل سىياسەتنىڭ ناھەقتىن ناھەق سەكسەن دەررىسىنى دېگەن، تاغدا سۈرگۈنلۈكتە يۈرگەن، تۈرمىلەردە ئازاپلانغان، كېيىن ئازاد بولۇپ، يەنە رەھبەرلىك خىزمىتىگە قويۇلغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار زۇنۇن قادىرىدىن ئەھۋال سورىماقتا يوق: 《بۇلار نەدىن كەلدى؟ زۇنۇن قادىرىنىڭ تارىمدىكى ئويۇنى تېخى تۈگىمىگەن ئىدىغۇ، بۇ يەرگە كېلىشكە كىم رۇخسەت قىلدى؟...》 دېيىشىپ غوتۇلداپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بولسا، زۇنۇن قادىرى ئۈرۈمچىگە مەڭگۈ كەلمىسە، ئاشۇ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا، تۇغراق، يۇلغۇنلار تۈۋىدە چىرىپ كەتسە، ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولسا... توۋۋا، بۇ ئادەملەرگە نىمە دېگۈلۈك؟ تېخى ئۇلارنىڭ بەزى 《ناتىق》 لىرى نۇمۇس قىلماستىن:《12مۇقام ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس》 دەپ چارپاقىدەك كۆپۈپ، كوكىراپ يۈرگەن ئىدى، يا...تارىخ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟... پالتىنىڭ سېپى ئۆزۈڭدىن بولغاندىن كېيىن 《ئەلھۆكمىلىللا》 دېمەكتىن باشقا نېمە ئامالىڭ بار؟ بۇ يەردە ئادەم ئىختىيارسىز ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇشۇۋۇنىڭ بېيجىڭدىن قالپاڭ كېيىپ كەلگەندە ۋاڭ مىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇنى مەكتەپتىن ئىلىغا يۆتكىگەن ۋە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ ئەينى يىللاردىكى باشلىقى سۇڭ يېمىنگە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىش تۇغرىسىدا تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ: ئۇلار ماھىيەتتە ئۆز مىللىتى ئىچىدىن كامدىن-كام چىقىدىغان بۇ تالانتلىق 《ئۇنسۇر》نى شۇ چاغدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ بېسىمىدىن قورقماي قوغداپ قالغانىدى. زۇنۇن قادىرنى ياخشى بىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا، ئازادە، كەڭرى ۋەزىيەت، ھوقۇقى بار شارائىتتا تۇرۇپ، ئاشۇنداق بولمىغۇر مۇئامىلىدە بولغانىدى. ئەمما قورقماس، ئەر يۈرەك زىلەيخان: 《 ھوي قارغۇ، تونىمىدىڭمۇ، بۇ سىنىڭ ئۇستازىڭ زۇنۇن قادىرى بولىدۇ، بىز قايتىپ كەلدۇق، ئۆي بېرىشمەمسەن؟》 دەپ ئۇلار بىلەن ياقا سىقىشاتتى، يغىن مەيدانلىرىغا بېسىپ كىرىپ جىدەل قىلاتتى، بۇ 《مەپىلىك كارۋان》 نى كۆرىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە چەتئەللىكلەرمۇ كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. ئىدارە رەھبەرلىكى ئاخىر بۇ 《مەپىلىك كارۋان》 نى نەنمىندىن بىر ئېغىز ئۆي تېپىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇ قورا ۋە ئۇنىڭغا يانداش قورادا شائىر، ژورنالىسىت ئابلىمىت سادىق، يازغۇچى، ژورنالىست ئەخەت تۇردى، يازغۇچى، ژورنالىست مەرھۇم قاھار جېلىل، خەنزۇچە،《مىللىي يازغۇچىلار》ژورنىلىنىڭ تەھرىرى جاڭ شىرۇڭ، تەرەققىپەرۋەر تىجارەتچى مەرھۇم ئەخمەت ۋاجىدىيلار بار ئىدى. زۇنۇن قادىرغا بېرىلگەن بۇ توپا تاملىق بىر ئېغىز ئۆي ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى 《ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى》 دا ئولتۇرغان ئۆيدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتتى. ئۆينىڭ يېرىمىنى دېگىدەك تاشلىۋېتىلگەن ھاك، سېمونت پارچىلىرى ئىگىلەپ ياتاتتى. بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆگزىسىگە لاي سېلىنمىغاچقا ئازراق يامغۇر ياغسىلا ئۆتۈپ كېتەتتى. بۇ چاغدا زۇنۇن قادىرنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرلان ئايالى ۋە بەختىيارنىڭ نوپۇسى غۇلجا شەھىرىگە سۈكۈلگەچكە ئۇلار غۇلجىغا كەتكەنىدى. زۇنۇن قادىرىنىڭ يېنىدا كىچىك ئۇغلى پەرھات ۋە ئاقسۇدا تۇغۇلغان سەييارە، زۆھرە ۋە خاتىمە دېگەن قىزلىرى قالغانىدى. بۇ ئالتە جان كاتەكتەك بۇ ئۆيگە سىغمايتتى. ئەمما كونىلارنىڭ 《ئۆي سېتىۋالما، قوشنا سېتىۋال》 دېگىنىدەك، قوشنىلىرى ئېسىل ئادەملەر بولغاچقا، ئۇلارنى تەڭلىكتە قويمىدى. ئۇلار زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ قىلىپ تۇراتتى، بەزى كۈنلىرى قوندۇرۇپ قالاتتى. زۇنۇن قادىرى كۆپرەك ئابلىمىت سادىق ۋە ئەخەت تۇردىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. كېيىن ئۇلار ئىككى ئېغىز ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى. زۇنۇن قادىرنىڭ جىزمىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى. بالىلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتى. كىچىكلىرى مەكتەوتە ئوقۇدى. ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولغانلىقىنى كۆرگەن زۇنۇن قادىرى ئۇزۇندىن بۇيان سېغىنىپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن يۇرتىنى كۆرۈش قىزغىنلىقىدا بۈگۈن بۇ ئاپتوبۇسقا چىقتى.
ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى 4-رېتىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرغان كۆز ئەينەكلىك بۇ بوۋايغا ھېچكىم دېققەت قىلمايتتى. ئاپتوبۇس ئىچىدە بەزىلەر ئاستا پاراڭ سېلىشىپ، بەزىلەر مېۋە-چېۋە يېيىشىپ، بەزىلەر مۈگىدەپ ئولتۇرماقتا ئىدى. ماشىنا قارماي ياتقۇزۇلغان يولدا بىرخىل سۈرئەتتە غىڭىلداپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. زۇنۇن قادىرى دېرىزىدىن ئارلاپ-ئارلاپ سىرتتىكى مەنزىرىلەرگە قاراپ يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆزدىن ئۇچۇپ كەتكەن بۇ يوللار بىلەن خىيالىدا پاراڭلاشماقتا. ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپتۇ: بۇ قاقاس، چۆل يول ياقىلىدا ھازىر قاتار-قاتار ئۆيلەر، ئاشخانىلار، رېمۇنتخانىلار، قوتان، پاختىزارلار، ئورمانلىقلار، يېزىلار ھەتتا شەھەرلەر پەيدا بوپتۇ...
ئادەم قېرىغانسىرى تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، ئۇ كۆز ئالدىدىكى كۈنلىرىنى ئەمەس، ئۆتكەن كۈنلىرىنى، بالىلىق-ياشلىق چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ئويلاپ قالىدىكەن. مانا ھازىر ئۇ بۇ ئازادە ئاپتوبۇستا ئەركىن ئولتۇرۇپ، راھەتلىنىپ، خىيال سۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمما بىر چاغلاردا ئۇ ئۇزۇن يوللاردا ھارۋادا، پىيادە مېڭىپ كۆرمىگەننى كۆرگەنىدى ئەنە ئاۋۇ ئالدىدا كۆرىنىپ تۇرغان جىڭنىڭ توپىلىق يولىدا ئۇ بۇرۇن بىر كۈن كەچكىچە ھارۋا ساقلاپ ئاچ قوساق ئەسنەك بېسىپ ئولتۇرغانىدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئۇزۇن يوللاردا ئىلى ھارۋىكەشلىرى4،5 ھارۋىنى بىر كالۇن قىلىپ، سوۋىتنىڭ تۈرلۈك ماللىرىنى توشۇيتتى. ئۇلار ئاشۇ ناچار ھارۋىلىرى بىلەن نەچچە مىڭ كىلومىتىر چۆل-جەزىلەرنى بېسىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن قەنت-گېزەك، سەرەڭگە، كىرسىن، گەزمال ۋە باشقا سانائەت ماللىرىنى شىڭشىڭشاغا قەدەر توشۇپ ئاپىراتتى. ئىلى ھارۋىكەشلىرى تۇغرىلىق كىتاب يېزىش كېرەك ئىدى،-دەپ ئويلاندى بوۋاي،-ئاجايىپ بىر ياخشى تارىخىي كىتاب بولاتتى، ھارۋىكەش قوشاقلىرىنىمۇ توپلاش كېرەك ئىدى ھەي...زۇنۇن قادىرى ھارۋىكەشلەر توغرىسىدا ماتىريال توپىلغان، ئۇلاردىن نۇرغۇن قىزىق ۋە ئازاپلىق ھېكايىلەرنىمۇ ئاڭلىغانىدى، ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن ھارۋا ھەيدىگەنىدى. ئۇ 1933-يىلى ئىدى شۇ چاغدا 《ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك مەكتەپلەر ئېچىلىپتۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەك ۋە تەمىنات بېرىلىدىكەن...》 دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان زۇنۇن قادىرىنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەن ئىدى. ئۇ كىراغا پۇلى بولمىغاچقا ئۈرۈمچىگە قاراپ پىيادە يولغا ئاتلانغانىدى. ئەمما تەلىيىگە ئۈرۈمچىگە مال تارتقان ھارۋىنى ھەيدەپ بارىدىغان ئىش چىقىپ قېلىپ، خوجيىن ئىككى ھارۋىنى، زۇنۇن قادىرى ئىككى ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغانىدى.
《غۇلجىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، كەڭسايغا يېقىن بارغىنىمىزدا،-دەپ ھېكايە قىلىدۇ. زۇنۇن قادىرى 《خاتىرىلەر》 دە،-تۆتىنچى ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ قېلىپ، ئوقى سۇنۇپ كەتتى. ھارۋىكەش پىشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ، ئالدىمغا كەلدى-دە:
-ھەي كاساپەت سەن دىققەت قىلىپ ھەيدىمەي، ھارۋىنىڭ ئوقى سۇندى. تۆلەپ بېرىسەن،-دەپ تۇرىۋالدى ۋە قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ قورقىتىپ، ئوق ئۈچۈن مەندىن بىرقانچە سوم پۇل ئۈندۈرۋالماقچى بولدى.
- سەن قەيەر بىلەن ھەيدىسەڭ ئارقاڭدىكى ھارۋىلارمۇ، شۇ يەر بىلەن ماڭدى، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ھارۋاڭنىڭ ئۆلىكىنى ئارتامسەن، - دەپ مەنمۇ بوش كەلمەي ۋارقىرىدىم. ئۇ يەنە قامچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىمغا دېۋەيلەپ يىقىن كەلدى. مەنمۇ دەرھال يول چېتىدە تۇرغان مۈشۈكتەك چوڭلىقتىكى بىر تاشنى قولۇمغا ئېلىپ ھەيۋە قىلدىم.
باشقا سەپەرداش ھارۋىكەشلەر ئارىغا چۈشۈپ، مىنىڭ خوجيىنىمنى ئەيىپلەپ، بىزنى ئەپلەشتۈرۈپ قويدى. ھارۋىكەش بۇ ئەتراپتىن ئوق تاپالماي، ئارقىسىغا يېنىپ لوسىگوڭغا كەتتى. مەن بولسام ئاتلارنى بېقىپ، ھارۋىلارغا قاراپ قالدىم. بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ، ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن، يەنە يولغا چۈشتۇق. ھارۋىلار داۋانغا ئۆرلەپ تىك جايغا كەلگەندە ئاتلار چارچاپ توختىغان ھامان ئاخىرقى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا تاشنى تېرەپ قويۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ ماڭدىم. شۇڭا قوش مۇشتەك تاشلارنى ئىككى قولۇمدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، داۋان ئاشقىچە چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ ھېچبىر دەرمانىم قالمىدى...》
تەنەپۇسلۇق تارىخى ساۋات: ئىلىدا ھازىر ئولتۇرۇش-سورۇنلاردا، توي-تۆكۈنلەردە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر《ھارۋىكەش ناخشىسى》 مانا مۇشۇ جاپالىق يوللاردا توقۇلغانىدى. ھارۋىكەشلەرمۇ بۇ خەتەرلىك ۋە ئازاپلىق ئۇزۇن يوللاردا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى، قايغۇ ھەسرەتلىرىنى، يولبويى، دەڭ-دەڭلەردە كۆرگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىشاتتى:
باش ھارۋىنىڭ ئوقىنى،
سۈيدۈڭ يولىدا ئوقلاتتىم.
ھارۋىكەش بولۇپ قېلىپ،
جەۋرىنى تولا تارتتىم.
ساچەنزىدە ئات ئۆلدى،
ئېتەكلەرگە ياش تولدى.
پۇل تاپىمىز دەپ چىقىپ،
يىگەن-ئىچكەن ھەش بولدى.
ھارۋىكەشلەرگە بولۇپمۇ تەلكە داۋاندىن ئېشىش-《دوزاخ》تىن چىققاندىن مۈشكۈل ئىدى. شۇڭا ئۇ چاغلاردا:
تەلكىنىڭ داۋاننىڭ،
ئىككى ئۆتىڭى تاشلىق.
تاش ئۆتەڭدىن ئۆتكىچە،
تۈگەپ كېتىدۇ ياشلىق.
جاغىستايلىق باللارنىڭ،
سىمدىن ئۆرىگەن قامچىسى.
داۋانلاردىن ئۆتكىچە،
يىغلاپ كەتتى قانچىسى.
زۇنۇن قادىرىنىڭ مەھەلىدىكى، خەنبىڭ يېزىسى باش كۆۋرۈك كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مەرھوم ئابدۇكېرىم خالىق ئەينە يىللاردىكى داڭلىق ھارۋىكەشلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن شۇ كەنىتتە ئىشلەپ يۈرگەن 1987-يىللىرى ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن توقىغان قوشاقلىرىنى خاتىرىلەۋالغانىدىم. زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ئەسلىمىسىدىكى 《ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ ئوقى سۇنۇپ كەتتى》 دېگەن سۆزى ماڭا ئىختىيارسىز ئاشۇ پىشقەدەم ھارۋىكەشنىڭ قوشاقلىرىنى ئەسلەتتى:
بىز ئىلىدىن چىققاندا،
دوسلار قالدى قايغۇرۇپ.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
ھارۋام سۇندى لەڭ ئۇرۇپ.
سەنتەي، سىتەي يوللىرى،
تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.
جەرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى،
قۇرىمايدۇ ياشلىرى.
سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
كۆپكۆك سۇ لىغىرلايدۇ.
تۆت ئەتراپىغا قاراپ،
ئىلىنىڭ تېغى دەيدۇ.
جڭدىن ماڭدۇق قۇدۇققا،
ئاتلار ھاردى قۇملۇقتا.
توغراق چازىغا يېتەلمەي،
چاڭقاپ كەتتۇق شورلۇقتا.
غول ئۆتەڭ بىلەن تاللىق،
كۈكۈيۈن، پاشىسى داڭلىق.
چىگشۇغا بارغىچە،
قاراپ كۆزلۈرۈم ئاغرىق.
قۇمۇل يولى يامان يول،
ئوغۇل بالىنى خىللايدۇ.
چاغلىماي چىقىپ قويۇپ،
يى بى بادا يىغلايدۇ.
يى بى با دېگەن قايسى،
بىريۈز سەكسەن ئەمەسمۇ.
يى بى بانىڭ يولىدا،
ئاتلارغا ۋاي ئەمەسمۇ.
قۇمۇل دېگەن شەر ئەمەس،
پۇل تەڭلىسەم يەم بەرمەس.
سېسىق سامان بىر جىڭى،
بىر مۇچەندىن كام بەرمەس.
ئۇ چاغلاردا ئىلىدىن چىققان بىرىنچى كۈنى سۈيدۈڭدە، ئەتىسى، قىزىل كۆتەندە‹تەلكە ئېغىزىدا› قوناتتى. ئۇنىڭ ئەتىسى تاش كۆتەندە، ئاندىن كەڭساي، قايراقتى، سۇنپىتۇزا، سەنتەي، سىتەي، ئۇتەي، داخىيەنزى، قۇمۇچ بۇلاق، ئونجۇخور، ماجانخور، جىڭ، قۇمبۇلاق، قۇدۇق، توغراقچازا، كۈل ئۆتەڭ، تاللىق، چىگىشۇ، پورتاجى، شىخو، كۈيتۈن، يەنسىخەي، ئالاۋسۇن، ماناس، بوجادەڭ، توخلى، لوتى، قۇتىبى، سانجى قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە دەڭدە قونۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى يىقىلغان تاشقا ئۇلىشاتتى.
ئۇ چاغلاردا يوللار ناھايىتى ناچار، مېڭىشقا ئەپسىز، تاشلىق، قۇملۇق، ئويمان-چوڭقۇر ئىدى. ھارۋىكەش بىچارىلەر بۇ قۇملۇق، تاشلىق يوللاردا، تەلكە داۋانلىرىدا ئات سوزىلاپ مېڭىشاتتى. توپىلىق يوللارمۇ ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، ھارۋىكەشلەر ئامال بار يىڭى ياسالغان ماشىنا يولىغا چۈشۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. لىكىن ھۆكۈمەت ھارۋىلارنىڭ ماشىنا يولىدا مېڭىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. يوللاردىكى كۆۋرۈك ئاستىغا مۆكۈۋالغان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇلغان يەرلىك كىشىلەر كۆرۈپلا قالسا تۇتۇۋېلىپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرەتتى. ھۆكۈمەت بۇ ھارۋىكەشلەرگە ئېغىر جەرىمانە قوياتتى، ھاشاغا سېلىپ يول ياسايتتى.
سەنتەي، سىتەي يوللىرىدا چوڭ-چوڭ قورام تاشلار بولۇپ ئاتلارنىڭ جېنىنى چىقىرىۋېتەتتى. جىڭ، قۇمبۇلاق، قۇدۇق، توغراق چازا يوللىرى دەم ئېلىشقا قىيىن بولغان پۇرپاڭ قۇملۇق يوللار ئىدى. ھارۋىكەشلەرنىڭ بۇ قۇملۇق يوللاردا جېنى سىرقىرايتتى. شۇڭا ئۇلار:
ھارۋىكەش بولغان باللار،
ئاتلىرىنى خىللايدۇ.
مەن-مەن دېگەن ھارۋىكەش،
قۇمبۇلاقتا يىغلايدۇ.
دەپ قوشاق قوشۇۋېلىشقانىدى.
ئۇ چاغلاردا كەڭساي، سەتەي ۋە داخىيەنزىلەردە باجغا تەۋە ساقچىخانە بار ئىدى. غۇلجىدىن چىققان ھارۋىكەشلەر شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باج تۆلىگەن قەغىزىنى كۆرسىتىپ بۇ ئورۇنلاردىن ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەگەر باج تۆلىگەن قەغىزى بولمىسا تۇتۇۋېلىپ، ئالۋاڭ - سەيسىگە سالاتتى. ھارۋىكەشلەر شۇ يەردىن يەم-خەشەك ئالسىمۇ باج تۆلەيتتى...




داۋامى بار .
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-10, 11:35
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(hitab) ياخشى ماقالە
پۇل:+10(baturjangqi)
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-10 19:31 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5501
شۆھرەت: 2365 نۇمۇر
پۇل: 608 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 



ئاپتوبۇس جىڭ بازىرىدىن چىقىپ، يول ياقىسىدىكى شالاڭ ئۆسكەن توغراقلىقلاردىن ئۆتۈپ، يەنە چۆل دالىغا چىقتى. ئۇ بۇ قۇملۇق چۆلدە غەرىپكە قاراپ ئون كىلومېتىر يۈرگەندىن كېيىن زۇنۇن قادىرى يولنىڭ شىمال تەرىپىدىكى قۇمۇچ، يۇلغۇن، قامغاقلار ئۆسۈپ كەتكەن دالاغا قاراپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى. ئۇ بۇ يەرنى ئوبدان بىلەتتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇ يەردە دەھشەتلىك تالاپەتلىك جەڭ بولغانىدى. 1945-يىلى7-سىنتەبىر كۈنى دۈشمەن ئوقىدىن بۇ چۆلگە قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ جەسىدى ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەنىدى. دۈشمەن قۇم دوۋىلىرى ۋە پوتەيلەرگە كۆرۈنمەس نىقاپ تارتىۋالغاندەك يوشۇرۇنىۋالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پوتىيى تاشيولنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى، ئۇنىڭغا بىر روتا ئادەم سىغاتتى. بۇ پوتەينىڭ ئىككى يېنىدا بىر قانچە ئون ئوت توچكىسى بار ئىدى. ئۇ دالادا كۆرۈنگەن ھەرقانداق نىشاننى ئوققا تۇتالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەرنى، چاتقاللىقلارنى كېسىپ، ئوت قويۇپ، بۇ يەردە دالدا بولىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى قويمىغانىدى. ئەگەر جەڭچىلەرنىڭ بىرەرسى ئىسپانكىسىنى دالاغا قارىتىپ ئاتسا، دۈشمەن ئوقىدىن ھوتمە-توشۇك بولۇپ، كەتكەن بولاتتى. ئەنە شۇنداق قەتئىي پايدىسىز، ئېغىر شارائىتتا رۇس كوماندىر جەڭچىلىرىگە دۈشمەن پوتىيىگە ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئارقا-ئارقىدىن بۇيرۇق بېرىۋەرگەنىدى. ...ئۇ چاغدا ناۋادا ھېلىقى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى دۈشمەن ئىستىكامىغا ئۇدۇلدىن ھوجۇم قىلىشقا ئارقىمۇ-ئارقا بۇيرۇق بېرىۋەرمىگەن بولسا، مۇنچە جەڭچى قۇربان بولمىغان بولار ئىدى زۇنۇن قادىرىنىڭ: كۆز ئالدىدا يۈزىگە ئىسپانكا يېپىلغان، نەچچە يۈز، ياق نەچچە مىڭ ياش يىگىتنىڭ ئوڭدا، جىمجىت ياتقان ھالىتى گەۋدىلەنىدى. شېھىتلارنىڭ ئوڭ قولى كۆكسىگە قويۇلغان، ئۇلار قەرزىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن خەلىقتىن لەچۈرۈم سوراۋاتقاندەك، ئۇيۇلۇپ ئىقسپانكىسى بىلەن يۈزىنى توسىۋالغاندەك...
شۇ كۈنكى جەڭدە ياردارلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا نۇربىيە، خان زۆھرە ۋە رۇس قىزى ژىنيە قاتارلىق ئۇيغۇر، تاتار، رۇس سانىتاركىلىرىدىن 30 غا يىقىن شەپقەت ھەمشىرىسى قۇربان بولدى. ئەگەر ئەر يۈرەك، قارام زىھۇللام نادىروف جىنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئاشۇ ئۈچ قەۋەتلىك پوتەي قېشىغا ئۆمىلەپ بېرىۋېلىپ، بىر توپ-بىر توپتىن باغلانغان قول بومبىسىنى دۈشمەننىڭ ئوت توچكىسى ئارقىلىق پوتەينى پارتىلتىۋەتمىگەن بولسا يەنە قانچە يۈز جەڭچى بۇ دالادا سۇنايلىنىپ ياتقان بولاتتىكىن!؟...
بوۋاي بىردىنلا ئۆزى قاتناشقان، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل ۋاپات بولغان كۈندىكى ھەرەمباغ جېڭىنى ئېسىگە ئېلىپ قالدى. شۇ چاغدىمۇ پوتەيلەرگە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىۋالغان دۈشمەنگە قارلىق ئاي دالىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئۇرۇش-جەڭ كۆرمىگەن پىدائىيلار نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچۇرغانىدى. قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى ئاق قارنى قىزىلغا بويىۋەتكەنىدى...
19445-يىلى 13-يانىۋار كۈنى ئىدى،-دەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەنىدى ماڭا شۇ جەڭنىڭ قاتناشچىسى 87 ياشقا كىرگەن ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ھاشىم، جاڭىلداپ تۇرغان سوغۇق ئادەمنى قاتۇرۇپ قوياتتى. باش شىتابنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىزنىڭ ئۈچ پىدائىيلار گۇرۇپپىمىز بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇنتىزىم بىر گۇرۇپپا بولغان، ئالىكساندىر ۋە نائىل بىزگە قوماندان بولۇپ بەلگىلەنگەنىدى. ئۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى بولغان مىنىڭ گۇرۇپپامدا 185 پىدائى، بۇرۇن گومىنداڭ قوشۇنىدا بولغان ھۇسەيىن تۇەنجاڭنىڭ قول ئاستىدا 200 پىدائى، گومىنداڭ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقىغان ئابلىمىتنىڭ قول ئاستىدا 200 پىدائى بار ئىدى. بىز بىرەر يىلغا يىقىن مەشىق قىلىپ يۈرگەن بولساقمۇ لېكىن رەسمىي ئۇرۇشلارغا قاتناشمىغان ئىدۇق. شۇڭا باش شىتاپ:
سىلەر رەسمىي چوڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشمىدىڭلار، ئەمدى مۇنتىزىم قوشۇن بولدىڭلار، چوڭ ئۇرۇشقا كىرسەڭلار، نىشان-ھەرەمباغ، ئوبدان تەييارلىق قىلىڭلار!-دەپ بۇيرۇق بەردى.
بىز ھەرەمباغقا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلاندۇق، بۇ ھەرەمباغقا قىلىندىغان تۇنجى ھۇجۇم ئىدى. بۇيرۇق بۇيىچە ھەرەمباغدىكى شاھ ھاجىنىڭ بېغىغا‹ھازىرقى ھەرەمباغ ھەربىي گازارمىنىڭ غەربىي-جەنۇپ بۆلىكى› جەم بولدۇق. قوماندانلىق بىزگە:
-بىز بۇ يەردىن دۈشمەن پوتەيلىرىگە مىناميوت ئاتىمىز. سىلەر تانكا كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۆتىسىلەر!-دەپ بۇيرىدى.
بىز ھۇجۇمغا تەييارلاندۇق. شاھ ھاجىنىڭ بېغى بىلەن تۆپىلىكتىكى قەبرىستانلىق ئارىسىدا بىر يول بار ئىدى. مىناميوت ئېتىلدى، تىرىكتۇردىن قۇراشتۇرۇلغان  تانكا شالدىرلاپ كەلدى. بىز ئاشۇ  تانكا نىڭ ھېمايىسىدە يولدىن ئۆتۈپ، قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ھەرەمباغ گازارمىسىغا تۇتىشىدىغان تۆپىلىككە چىقىۋالدۇق. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى گازارمىنى ئايلاندۇرۇپ سوقۇلغان تاملاردىن ئېچىلغان ئوق توچكىلىرىدىن توختىماي ئوق ياغدۇرۇپ تۇرۇاتتى. بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيتتۇق، ئۇلار ئاپئاق قارلىق دالىدا تۇرغان بىزنى ئاپ-ئاشكارە كۆرۈپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ بىز قېلىن قاردا ئۆمىلەپ، پوتەينىڭ جەنۇبىي-شىمال تەرپىگە كېلىۋالدۇق، دۈشمەن شىددەت بىلەن ئوت ئاچتى. ئوقلار قوماچ قورىغاندەك تارسىلداپ، ۋىژىلداپ، قارلارنى ئۇچۇرۇپ ئەتراپىمىزدا ئەجەل تورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ چاغدا  تانكا  مىزغا ئوق تىگىپ كاردىن چىقتى.
قەبرىستانلىقنىڭ بۇ بۆلىكىدە كىچىك جىرا بار ئىدى. بىزنىڭ كوماندىرلىرىمىز ئالىكساندىر بىلەن نائىل ئاشۇ جخرا ئىچىگە چۈشۈۋالدى. ئۇلار ئازخالدا تۇرۇپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈرەتتى. بىز ھۇجۇمغا ئۆتەتتۇق. نائىل مېنىڭ يېنىمدا، ئالىكساندىر ئۇنىڭ نېرىسىدا ئىدى. مەن بۇ چاغدا بىر گۇمبەزنى دالدا قىلپ ياتاتتىم. باشنى كۆتەرسەكلا ئوق تىگەتتى. قولىمىزدىكىسى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن تاتىۋالغان كۆيسەيدىن پەرىقسىز كونا مىلتىقلار ئىدى. ئىككى-ئۈچ قېتىم ئاتقاندىن كېيىنلا قىززىپ كېيىپ، دەررۇ ئىچىنى تازلىمىساق چاپلىشىۋېلىپ ئېتىلمايتتى. زاتوۋۇرى قارغا تېگىپ كەتسە ياكى ئېرىگەن قار ئىچىگە كىرىپ كەتسە ئىڭەككە تىپەتتى. سىتۋولى ناچارراق بولسا يېرىلىپ كېتەتتى. زەھەردەك سوغۇقدا مىلتىق ئاتماقمۇ، قار ئۈستىدە، دۈشمەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى تازلىماقمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. بىز مىلتىقلىرىمىزنى تازلاپ، دۈشمەننى نىشانغا ئالغىچە ئۇ بىزنى نىشانغا ئېلىپ بولاتتى. دۈشمەن ئەسكىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن، كۆپ جەڭلەرگە كىرگەن، تەجىربىسى بار زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتراتېگىيىلىك، ئەپلىك ئورۇنغا جايلىشىۋالغاچقا، بىزنى ھېلىدىن-ھېلىغا تالاپەتكە ئۇچىرتىپ تۇراتتى. بىز بولساق جەڭ ۆكرمىگەن، ئوچۇقچىلىقتا تۇرغان، ناچار قوراللانغان پىدائىيلار-ئازادلىق ھۆرلۈك ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ تەقدىرى، خەلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن جان تېنىنى ئاتىۋەتكەن قورقماس پىدائىيلار ئىدۇق. دۈشمەن شىددەت بىلەن يانغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئەر يۈرەكلىك بىلەن، غورۇرىمىز بىلەن دۈمچەك-دۈمچەك قەبرىلەرنى پاناھ قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتەتتۇق. كوماندىر ئالىكساندىر ۋە نائىل جىرادا يېتىۋېلىپ بۇيرۇق بېرەتتى. يازغۇچى زۇنۇن قادىرى مەيداننى ئارىلاپ مۇخبىرلىق قىلىپ يۈرەتتى. تۇركىيىلىك ئابدۇللا داموللا: 《ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى  دەپ قۇرئان ئوقۇپ، جەڭچىلەرگە مەدەت بېرىۋاتاتتى. مانا شەھەر ئىچىلىك ئىخمەد قېلىن قارنى يېرىپ ئۆمىلەپ كەتتى. ئۇ قارلارنى ئۇچۇرتۇپ، ۋىژلداپ ئەجەل ئېلىپ يۈرگەن ئوقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ، خۇددى كۈرەش قەھرىمانى مەرھۇم زىھرۇللام نادىروفتەك دۈشمەننىڭ پىلىموتى ئوت چېچىۋاتقان تام تۈۋىگە باردى. ئەتتەڭ... شۇ چاغدا بىرتال گىرانات دۈشمەننىڭ ئاشۇ ئوت توچكىسىغا تاشلانغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى... ئامال يوق... ئەخمەتكە ئوق تەككەنىدى. ئۇ سۇنايلىنىپ تام تۈۋىدە يېتىپ قالدى. ئۇ يەرگە بېرىشقا مۇمكىن بولمىدى. يەنە بىر پىدائىى ئاتلاندى، ئۇمۇ بېرىقى چولاق تام تۈۋىدە يېقىلدى. ئەنە شۇ چاغدا سانىتاركا رىزۋانگۈل بىزنىڭ مۇداپىئەمىز ئاستىدا چەبدەسلىك بىلەن ئۆمىلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپ سۆرەپ ئەكەلدى. بۇ ئايدۆڭ مەھەلىسىدىكى سېۋەتچى ئابدۇكېرىمنىڭ ئىنىسى دەھرا ئىدى. ئاندىن يەنە بىر پىدائىي يىقىلدى. رىزۋانگۈل ئۇنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالدى. 《ئۇ ياردارر بولغان ئىككى جەڭچىنىڭ يارىسىنى تېڭىپ، ئارقا سەپكە ئەۋەتكەنىدى. كېيىنلا ۋىزۋود كوماندىرى ئەڭ خەۋىپلىك يەردە بېشىدىن يارلىنىپ يېقىلدى. رىزۋانگۈل ئۇنى كۆردى-دە، شۇ تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى. كوماندىر دۈشمەننىڭ پىلىمۇت ئوقى ئۈچ تەرەپتىن قاپلىشىپ تۇرىدىغان خەتەرلىك جايدىن ئون قەدەم نېرىدا تۇرغان ئەسكى تامغا يۈگۈرگەندە ئوق تەككەنىدى. شۇ چاغدا رىزۋانگۈل يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى-دە، ئۇنى ئۆزى نىشانلىغان چولاق تامغا سورىدى. ئۇشقىيىپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار رىزۋانگۈل بىلەن ياردارنىڭ ئەتراپىدىكى قارلارنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى. لېكىن چەبدەس رىزۋانگۈل ئوقلارنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرۈۋاتقان ئۆلۈم خەۋىرى بىلەن ھېسابلاشمايتتى. ئۇ كۆزلىگەن ئون قەدەمدىكى چولاق تامغا ياردارنى يەتكۈزۈپ، بېشىنى تادى ۋە ئاغزىنى-بۇرنىنى سۈرتۈپ ھوشىغا كەلتۈردى. كوماندىر ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلدى.
جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ دەھشەتلىك قارشىلىقىنى سۇندۇرۇپ ئىلگىرى كېتىپ باراتتى، خەۋىپلىك جايدا يەنە بىر جەڭچى ياردار بولدى. رىزۋانگۈل ئەمدى ئارقىغا قاراپ ياردار جەڭچىگە يۈگۈرگەنىدى، دۈشمەن ئوقى كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تەگدى....
رىزۋانگۈل دەلدۈگلىنىپ بىر تولغاندى-دە، كوماندىرىمىز نائىلنىڭ ئالدىغىلا، مەندىن ئىككى-ئۈچ مېتىر بېرىغا يېقىلدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈستىدە قايرىلما ياقىلىق سېرىق تېرىكە كاتا جۇۋا، بېلىدە تاسما بەلباغ، بېشىدا ئاق ئەلتىرە قۇلاقچا، پۇتىدا پىيما بار ئىدى.
شۇ كۈنى بىز ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچكىچە ئۇرۇشتۇق. قاتتىق سوغ، ناچار قورال، ئاچ قورساق ۋە ئوچۇقچقلىق بىزنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچىراتتى. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تام ياقىلىرىدىكى ۋە پوتەيلەردىكى ئوق توچكىلىرىدىن توختىماي ئوت ئېچىپ تۇردى. بۇ شۇنداق سوقۇش بولدىكى، بۇ سوقۇشتا بىزنىڭ جېنىمىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. دۆڭمەھەللىلىك ئابلىمىت قورسىقى ئېچىپ كەتكەچكە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىۋېدى كوماندىر نائىل:
-نەگە بارىسەن؟-دەپ سورىدى.
ئاق كۆڭۈل ساددە ئابلىمىت:
-قورسۇقۇم ئېچىپ كەتتى...دېۋىدى، نائىل ئېتىپ تاشلىدى...
بىز تۇرغان قەبرىستانلىقنىڭ نېرىسىدىكى مەھەللىدە سوۋېتتىن كەلگەن قىرغىز قوشۇن بار ئىدى. ھېلىقى مىناميوت ئېتىپ ئۇرۇش باشلاپ بەرگەنلەر شۇلار ئىدى. ئۇلار ئۇرۇشقا كىرمەي بىز پىدائىيلار كىرگەنىدۇق. نۇرغۇن پىدائىيلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى كۆرگەن قوماندانلىق شىتاپ ئاخىرى بولالماي ئۇلارغا بۇيرۇق بەرگەنمۇ ئۇلار كەچتە دۈشمەن پوتەيلىرىنى توپقا تۇتۇپ، بىزنى قۇتۇلدۇرۋالدى. بىز پۇرسەتتىن پايدىنىلىپ، قەبرىستانلىقتىن چىكىنىپ چىقىۋالدۇق. تام تۈۋىدە قەيسەرلىك بىلەن پوتەيگە ئۆمىلەپ بارغان غۇلجا سامان بازىرىلىق ئەخمەتنىڭ ئۆلىكى قالدى...
ئەينى يىللار خەلىقنىڭ ئازادلىق، ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى، دۈشمەنگە بولغان چەكسىز غەزەپ-نەپرىتى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلار مىڭلىغان جەڭچىلەرنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشىگە ئىچىدە كۆيۈپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ سەۋر قىلغانىدى. ئۇلار ھەرەنباغ ئازاد بولغاندا ئۇسۇل ئۇيناپ، بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتكەنىدى. باشقىلارنى قۇچاقلىيالماي قالغاندا دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ، بېشىنى دەرەخكە تېرەپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتكەنىدى. ئۇلار بۇ كۆز ياشلىرى بىلەن يۈرۈەككە نەچچە ئەسىر يىغىلىپ زەرداپقا ئايلىنىپ كەتكەن دەرد-ھەسرەتلىرىنى چىقىرشقانىدى... ھەي، ئۇقان، ئۇ ياشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى،-بوۋاي مۇڭلاندى، ھازىر كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتى، ياق-ياق ئۇلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانلىرى بىكار ئاقتىمۇ؟...  بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى، ئاۋازى بوش ئىدى، ئۆزىگىلا ئاڭلاندى. ئۇ كۆز ئەينىكىنى سۈرتكەن بولۇپ، يېنىدىكىلەرگە بىلىندۈرمەي كۆزلىرىنى سۈرتىۋالدى، بىراق يىغىسى ئىچى-ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقاچقا، ئۇ بولالماي يەرگە قارىۋالدى...
ماشىنا بۇزۇنلغان، سۇ ئېلىپ كەتكەن شېغىل توپىلىق يوللاردا قاڭقىپ، سىلكىنىپ كېتىپ باراتتى، ئۇ قارىماي ياتقۇزۇلغان تۈز يولغا چىققاندىن كېيىن، سىيلىق تەۋرىنىپ، بىر خىل سۈرئەتكە ئۆتتى. بوۋاينى مۈگدەك باستى. ماشىنا ئىچىدە باشقىلارمۇ ئۇخلاشماقتا ئىدى.
... ماشىنا يىلان ئىزىدەك ئەگرى-بۈگرى تاغ يوللىرىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇ خەتەرلىك ۋە ھەيۋەتلىك تەلكە تېغىنىڭ داۋىنىدىن چۈشۈشكە باشلىغاندا، بوۋاي كۆزىنى ئاچتى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى، سەگەكلەشتى، ماشىنا دېرىزىسىدىن گۈزەل تەلكە تاغلىرى سۈرەتتەك جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئېھ، قەھرىمان تەلكە تاغلىرى...
زۇنۇن قادىرى ئۆزىگە ھەيران بولدى. ئۇ بۇ يوللاردىن تالاي قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرقىدەك شېرىن ۋە ئازاپلىق ھېسىياتتا بولمىغان ئىدى. ئۇنىڭغا بۇيەرلەرنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەن ئىدى... ئەنە ئاۋۇ تاغ چوققىسىدىكى تەسكەي ئويمان-قىيالاردا تېخىچە ئېرىپ بولمىغان ئاپئاق قارلار، قاپتاللاردىكى ساينىڭ تاپىنىغا قەدەر سوزۇلۇپ چۈشكەن ياپيىشىل چىرايلىق قارغايلار؛ جىرادىكى قارغايلار ئارىسىدىكى يىشىل چىمەنلىكلەر؛ سايدا تاشتىن-تاشقا شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ شارقىراپ ئېقىۋاتقان مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلار؛ كۈنگەيدىكى تاغ چوققىلىرىدا ھېلىلا دۇمۇلاپ چۈشۈپ ھەممىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغاندەك ئېسىلىپ تۇرغان سارغۇچ گىرانت تاشلار؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېرىلىپ چىققان ياش قارغاي نوتىلىرى؛ سۇغا ساڭگىلاپ تۇرغان تاغ تېرەكلىرىنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى؛ 《قېيىن بۇلاق》 ... زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ يەردە ئۆتكەن ئاجايىپ گۈزەل كۈنلىرىنى، پارتىزانلارنىڭ جەڭگىۋار جەڭ خاتىرلىرىنى ئەسكە چۈشۈرۈپ تۇراتتى.
تەلكە تاغلىرى ئىلىنىڭ دەرۋازىسى ئىدى. 1944-يىلى نويابىردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ لېسكىن قوماندانلىقىدىكى پارتىزانلىرى بۇ دەرۋازىنى توراپ، بۇيەردىكى گونىداڭنىڭ ئىككى باتاليون ئەسكىرى بىلەن تىركىشىپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچى، ئىلى تايولى بويلاپ غۇلجا شەھرىگە كىرىش ئېغىزى ئېتىلگەنىدى. غۇلجا شەھرىدە بولسا، گومىنداڭ قوشۇنلىرى لياڭشاڭ، ھەرەمباغ، ئايرودرۇم قاتارلىق ،وھىم سىتراتىگىيىلىك، ئەپلىك ئورۇنلاردا قاپسىلىپ قالغان بولسىمۇ، كۈچلۈك مۇداپىئەدە تۇرۇپ سىرتتىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇنىنى كۈتۈۋاتاتتى. شۇڭا گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي قوماندانى جۇ شاۋلياڭ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى جىددىي ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، گومىنداڭ زاپاس 7-دىۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى لى يۈشياڭ قوماندانلىقىدىكى تۆت باتاليون ۋە 3-پولىكقا بىۋاستە قاراشلىق بىر جەڭگىۋار ئەتىرەتنى كەڭسايغا ياردەمگە ئەۋەتتى. ئەگەر گومىنداڭ ئارمىيىسى قىسىملىرى ئاشۇ يۇرىشىدە بۇ دەرۋازىنى ئېچىۋەتسە، ئۇلار سۈيدۈڭنى بېسىپ، ئاندىن غۇلجا شەھىرىگە غەرىپ تەرەپتىن تاشقىندەك يامراپ كېرەتتى. شۇنداقلا غۇلجا شەھرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى گۆساي ئېغىزىدىن ئېشىپ پەنجىم يېزىسى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، غۇلجا شەھرىنى ئۈچ تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئالاتتى. ئۇلار ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ يېڭى قۇرۇلغان ئىنقىلابى ھۆكۈمەتنى ھالاكەتلىك خەۋىپكە ئىتتىرەتتى.
تەلكە تېغى مانا مۇشۇنداق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جان تومۇرۇ ئىدى. شۇڭا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە كەلگەن قوشۇنلىرى جان-جەھلى بىلەن تەلكىنى ئىگىلەپ ئۈرۈمچى-ئىلى تاشيولىنى ئېچىشقا ئاتلاندى. ئۇلار سىمپىتوزىدا قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سەھەردە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پارتىزانلارنى چىكىندۇرۇپ، كونا ئەرتەينى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەپ، كەڭسايغا كەلگەندە پارتىزانلارنىڭ قاخشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچىراپ توختاپ قالدى. ئەگەر گومىنداڭ قوشۇنى كەڭساينى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسىلا تەلكە ئېغىزىدىن چىقىپ كېتەلەيتتى. شۇڭا دۈشمەنمۇ، پارتىزانلارمۇ جان-جەچلى بىلەن ئېلىشتى. پارتىزانلار قارىغاي-تېرەكلەرنى ئۆرۈپ، يوللارنى توراپ جىددى مۇداپىئەدە تۇردى...
ماشىنا كەڭسەي يولىدىكى ئايلانمىلاردا ئىلاندەك تولغىنىپ، غىڭشىپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. زۇنۇن قادىرى يولنىڭ ئىككى تەرەپىدىكى تاغقا-ئارچا، قارىغاي ۋە قىيا-ھاڭ تاشلارغا قاراپ ئۇھسىنىپ قويدى، كۆڭلى داۋالغۇدى. 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى دەھشەتلىك جەڭ ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە: شۇ كۈنى تاتار پارتىزان رەخىمجان ئاشۇ قىيا تاشلاردىن پەسكە سىرلىپ چۈشۈپ گومىنداڭ تانكىسىغا يىقىن قالغاندا ئوق تىگىپ قۇربان بولغان؛ كوماندىر ئارۇپ ئەۋەزىمۇ شۇ كۈنى قۇربان بولغانىدى. ئارۇپ ئەۋزى ئەنە ئاۋۇ تاغ چوققىسىدىكى ئۈرۈك دەرىخىنىڭ يېنىدا قۇربان بولغانىدى؛ زۇنۇن قادىرى ئارۇپ ئەۋزىنى تونۇيتتى، ئۇ ئالى مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچى، تەنتەربىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچان ئۇستاز ئىدى. ئېھ-ھېي... ئاشۇ تاغ چوققىلىرى، قىيا تاشلاردىن پارتىزانلارنىڭ سىرغىپ ئاققان قانلىرى تەلكە سۈيىگە قوشۇلۇپ، سۇنى قىزىل رەڭگە بويىغانىدى...
دۈشمەن بىلەن پارتىزانلار قاتتىق تىركىشىۋاتقان پەيتتە غېنى باتۇر 500 كىشىلىك پارتىزانلار ئەتىرتىنى باشلاپ كەڭسايغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن كەڭساي پارتىزانلىرىنىڭ جەڭگىۋار كۈچى كۈچىيىپ، ئۇلار مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ چاغدا گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۈگىگەنىدى، ئۇلارنىڭ 1200 ئادىمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ، سوغۇقتا توڭلاپ ۋە ئاچلىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، ئاكوپلاردا تاشدەك قېتىپ قالغان، ساق قالغانلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ماجالى يوق نىمجان بولۇپ قالغانىدى...
غىنى باتۇر شۇ چاغدا بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ ئارشاڭ ناھىيىسنى ئازاد قىلىشقا ئاتلاندى. شۇ جەڭدە پىلىموتتىن چاچراپ چىققان بىر ئوق ئۇنىڭ بوينىغا تەككەن، يەنە بىر مۈرىسىدىن كىرىپ قوۋۇرغىسىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. قان كۆپ ئېقىپ كەتكەچكە ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، ئۇنى غۇلجىغا تېز يۆتكەش كېرەك ئىدى. ئۇنى زەمبىلگە سېلىشتى، شۇ چاغدا زەمبىل كۆتەرگەنلەرنىڭ بىرسى غېنى باتۇرنىڭ يىقىن ئاغىنىسى، بىزنىڭ تۇغقۇنىمىز جاپپار دېگەن ئادەم ئىدى. كىشىلەر  جاپپار ئوغرى  دېيىشەتتى. جاپپاركام بىر كۈنى ماڭا شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى-غىنى باتۇرنى زەمبىلگە سېلىپ، تىك قارلىق چوققىلاردىن ئۆتكۈزۈپ، تاغدىن پەسكە قانداق سىرىلدۈرۈپ چۈشكەنلىكىنى، غىنى باتۇرنىڭ ئۈستىگە ياپقان جۇگىسى يولدا چۈشۈپ قالغاندا-چاتىرقىمىنى چاپسان ياپ ئوغرىلار،... ئۈششۈتۈپ قويۇشما!-دەپ ئۇلارغا ۋارقىراپ كەتكەنىكىنى پىشايۋاندا ئولتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ھېكايە قىلىپ بەرگەنىدى...
زۇنۇن قادىرى بۇ جەڭلەرگە ئۆزى قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جەڭلەرگە قاتناشقان پارتىزانلاردىن بۇ ھېكايىلارنى ئاڭلىغان، خاتىرلىگەن ۋە بىر مەزگىل ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغانىدى.
1947-يىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ھەربىي-سىياسىي كادىرلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن مۇشۇ كەڭسايدا ھەربىي مەكتەپ قۇرغانىدى. مەكتەپ ئورنى كەڭساي يول ياساش ئىدسارىسىنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىناسىدا ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى بۇ مەكتەپنىڭ سىياسەت، تىل ئەدەبىيات دەرىسىنى بېرىش ئۈچۈن شەھەردىن نۇرسادىروۋ ۋە زۇنۇن قادىرىنى تەكلىپ قىلغانىدى. غازىيۇپ بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغانىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىگە بېرىش ۋە قايتىش يولىدا بۇ مەكتەپكە چۈشۈپ ئوفېتسىر-جەڭچىلەر بىلەن كۆرىشىپ، ئەھۋال سوراپ، يوليۇرۇق بېرىپ تۇراتتى.
ياندا بەسلەشكەندەك تېز ئېقىۋاتقان تاغ سۈيىنىڭ مۇزىكىلىق شارقىرىشى، ئاپتوبۇسنىڭ بىر خىل ئەللەيلىشى زۇنۇن قادىرىنى ئاشۇ شىرىن ئەسلىمىلەر قۇچىقىغا ئېلىپ كەتتى. ئۇ بۇ يەردە سۆيۈملۈك ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچۇراشقان، پاراڭلاشقان، ھەتتا تاغدا بىللە ئوۋ ئوۋلىغان ئىدى. ئۇ، 1952-يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنى سېغىنىپ يازغان ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازغانىدى:
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قېيىن بۇلاققا دەم ئېلىش ئۈچۈن چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، بىردەم ئېلىش كۈنى ئەتىگەنلىكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى غازىيوپ بىلەن بىرگە ئاتلىق قېيىن بۇلاققا كەلدۇق. ئۇنىڭ ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، شۇ تاغقا ئۆرلەپ ماڭدۇق. 15-20 مېتىرچە ئۆرلىگەندىن كېيىن يوغان بىر تاش يېنىدا بىر چېلەكتە قارىقات، بىر يەغلىققا ئوراقلىق ئۈزۈم بىلەن بىر توقاچنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بار يېرىگە كەلگەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇق. بىراق ئۇنى بۇ ئاردىن ئۇچرىتالماي يەنە ئېگىزلەپ، بۇرالمىلىق تىك يار تاش يېنىغا كەلگەندە يول تاپالماي قالدۇق. بىر ئاز ئارقىغا يېنىپ يەنە ئۆرلىشىمىزگە تاغنىڭ يۇقىرى قىسمىدا تۇرغان ئەخمەتجان قاسىمىنى كۆردۇق. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى چاقىردى.
بىز خوشاللىقىمىزدىن بار كۈچىمىز بىلەن يۇقىرىغا قاراپ يامىشىپ تاغ ئۈستىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن قېرىنداشلارچە تىنچ-ئامانلىق سوراشتۇق. لېكىن بىزدە ھاسىراش بېسىلمىغانىدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ:
-ھە، -ھە – مانا تاماكىنى كۆپ چەككەننىڭ پايدىسى شۇ،- دەپ چاقچاق قىلدى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يەلكىسىدە بەش ئاتار مىلتىق، قولىدا فىت  ماركىلىق فوتو ئاپپارات ساڭگىلاپ تۇراتتى، سىپتا كىيىمى ۋە ئېلىپ يۈرگەن جابدۇقلىرى بىلەن بۇ ئادەم تاغنىڭ مۇشەققەتلىرىگە كۆنۈكۈپ، تەبىئەت بىلەن چېلىشىپ يۈرگەن ئوۋچى ياكى بىر ئاددىي جەڭچىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ چىنىققان مۇسكۇللىرى ئوتتۇرا بويى، كەڭ پىشانىلىك، قىسقا قىرقىلغان توم قارا بۇرۇتلۇق، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان يۈزى تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى ۋە گۈزەل مەنزىرىسى ئىچىدە ناھايىتى يېقىملىق، تازا ۋە جەزبىلىك بولۇپ كۆرۈنەتتى.
ئەخمەتجان قاسىمى بىزنى سۈرەتكە چۈشۈردى. ئاندىن بىز بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ:
-قانداق، بىزنىڭ تاغلار چىرايلىقمۇ؟-دېدى. ئۇ بېشىنى سەل سىڭايان قىلىپ ئەتراپتىكى قارغاي، دەرەخلەرگە ۋە پەستىكى ئېدىر قاپتاللاردىكى ياپيېشىل چىمەنزارلارغا زوق بىلەن قاراپ كۆكسى قانغىچە نەپەس ئېلىپ بىزگە قارىدى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى سول تەرەپكە سەل سىڭايان قىلىپ كىشىگە نەزەر سالىدىغان ئادىتى باردەك سەزدىم. ئۇ ماڭا ناھايىتى يېقىن ئولتۇرغانىدى. پۇتىدىكى رابوتچىك ئۆتۈكى مېنىڭ ئۆتۈكۈمگە تېگىپ تۇراتتى. يېقىملىق كۈلۈپ تۇرىدىغان مۇلايىم قىياپەتلىك، چىن ئىنسانى مۇئامىلىدىكى بۇ ئادەم ماڭا تۆۋەندە تۇرۇپ مۇنبەر ئۈستىدە كۆرۈپ يۈرگەن ئەمەلداردەك تۇيۇلمىدى. بۇ خەلىقنىڭ ھەقىقىي رەھبىرى، مانا شۇ تاپتا بولسا بىزنىڭ ئاغىينىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن تاتىنىپ ئولتۇرمىدىم. ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىم بويىچە يۇقىرى ئاۋازدا تاغنىڭ گۈزەللىكىنى خۇسۇسەن سايرام كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بارلىقى، ھەر جەھەتتىن كېلىشكەن تەلكە تېغىنىڭ دەم ئېلىشقا ئەپلىك ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ قىلدىم. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلاپ:
-بۇنى توغرا ئېيتىسىز، سايرام ئەتراپىدا ۋە كۆكسالادا ساناتۇرىيە قۇرساق بولىدۇ،- دەپ تەستىقلىدى، كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىپ:
-ئوقۇغۇچىلارغا قانچە گىرامدىن شېكەر بېرىۋاتىسىلەر؟-دەپ سورىدى. قانچە گىرام دېگىنى ئېسىمدە يوق، مۇدىر جاۋاپ بەردى.
-بۇ يەردە ھەسەل كۆپ، شېكەر ئورنىغا شۇنى بەرسەڭلار ئەرزان چۈشىدۇ. ھەسەل ياخشى نەرسە، ئەنە ئاۋۇ تەرەپتە-چارباغ دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تەبىئىي باغ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تاغ قاپتاللىرىدا نۇرغۇن ياۋا ئالما كۆردۈم. ئالمىلار پىشىپ يەرگە تازىمۇ تۆكۈلۈپتۇ. ئۇ بىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي بېغى ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ بېغى، ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىڭ، مەرھەمەت، ئالما يەپ كېتىشسۇن، بىر كۈنى ھەممىڭلار كېلىپ شۇ ئالمىلاردىن ئېلىپ كېتىڭلار، ئۆزىغۇ ياۋا تاغ ئالمىسى، شۇنداق بولسىمۇ ئەتىگەنلىك چايدا بالىلارغا بەرسەڭلار پايدىلىق، كۆپرەك ئاپىرىپ قاق سېلىۋېلىشسۇن.
شۇ كۈنى ئەخمەتچان قاسىمى بىلەن بىللە تاغمۇ-تاغ يۈرۈپ ئوۋ ئوۋلىدۇق..》
... ئو ئاجايىپ كۈنلەر ئىدى، ئەپسۇسكى ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. 《ئۇ كۈنلەر خاسىيەتلىك چۈشكە، ئۇنتۇلماس تويغا ئوخشايدۇ. يېرىم كىچىدە ياتساڭمۇ ئەتىنى قاچان كۆرەرمەن دەپ ئىنتىزار بولاتتىڭ-دە، ئۇيقۇڭ قاچاتتى. ئۇ كۈنلەردە كۆڭلۈڭ سۈزۈك ئاسماندەك پاكىزە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غەشلىك، غەم-غۇسسە ساڭا يات ئىدى. ئۇ كۈنلەردە چاپقان كەتمەن، ئېيىتقان ناخشا، قىلىشقان چاقچاقمۇ خۇددى ياخشى غىزادەك تېتىملىق ئىدى. مانا شۇنداق كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى...
ئاپتوبۇس تەلكە ئېغىزىغا چىققاندا زۇنۇن قادىرىنىڭ نەپىسى قىسىلدى، كۆزگە ياش كەلدى. كۆپكۆك دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن، ئۆزىنى ئەزىمەت قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىلى ۋادىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېيىلىپ ياتاتتى. ئۇ بۇ يەردە ئادەمدەك ياشىغان ۋە ئاجايىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئاپتورى: ئابلەت ئابدۇللا، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن ئارامغا چىققان شائىر، يازغۇچى.






مەنبە : ئىلى تارىخ ماتىرياللىرى



شەبنەم مۇنبىردىن ئىلىندى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل:+10(baturjangqi)
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 19:46 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

رەخمەت .يوللىغان تىمىڭىزغا .  
[ 此贴被0999yurut在2008-09-11 13:53重新编辑 ]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 22:38 |
gulqikiz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29032
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 159 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زۇنۇن قادىرىنىڭ  تۇرۇمۇشى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە  ئىگە قىلغىنىڭىزغا  كۆپ رەھمەت ،
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 16:57 |
信改竖
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 439 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 07:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:42
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号