قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 419 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: جايلاردا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەندى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1727
شۆھرەت: 1836 نۇمۇر
پۇل: 1849 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 جايلاردا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەندى

0
رەسىم :


جايلاردا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەندى


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى، فوتوسى: 5–سېنتەبردىن 10–سېنتەبرگىچە ، كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەزمۇنى مول ، شەكلى خىلمۇ خىل بولغان ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە تەنتەربىيە  مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، 24–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار  بايرىمىنى تەبرىكلىدى.



كونىشەھەر ناھىيە ئوغۇساق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن ، ئەسقەرجان تۇرسۇنلار خەۋىرى، فوتوسى: 10–سېنتەبر چۇشتىن بۇرۇن ، يېڭىسار ناھىيىسى ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىدە 24–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مائارىپ سىىستېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە 30 يىلدىن ئارتۇق مائارىپ سېپىدە ئىشلىگەن پېشقەدەم باغۋەنلەرنى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىنغا ناھىيە رەھبەرلىرى ، ھەر قايسى يېزا ، بازارلارنىڭ رەھبەرلىرى ، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە–جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ ، 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدىكى ئوقۇتۇش تەلىم–تەربىيە خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە قىلىنىپ ، 2008– ، 2009–ئوقۇش يىلىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە قاسىمجان ئۆمەر ، ئازاتگۈل ئىمىن قاتارلىق 31 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ، زۇلپىيە ھاشىم ، خەيرىنىسا ساتتار قاتارلىق 32 نەپەر ئەخلاق تەربىيە ئۈلگىسى، گۈلنىسا ئابلا، يەھيا ھوشۇر قاتارلىق مائارىپ سېپىدە 30 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەپەر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.


مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاندى




30 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلانغان پېشقەدەم باغۋەنلەرنى مۇكاپاتلاشتىن كۆرۈنۈش


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى: 9–سېنتەبر ، كونىشەھەر ناھىيە ئوغۇساق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تالىپجان تۇرسۇن 24–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.



تالىپجان تۇرسۇن ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەسەرلىرىنى تونوشتۇرماقتا


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى ، فوتوسى: 9–سېنتەبر، قەشقەر شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار  24–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن،‹‹ ئۇستاز ئەجرى ئۆلمەيدۇ، ئۇستاز ئەجرى گۈللەيدۇ›› تېمىسىدىكى  بىرلەشمە كۆڭۇل ئېچىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
     بۇ كۈندىكى پائالىيەتكە پاراۋانلىق ئورنىدىكى تەربىيىچىلەر ، قەشقەر شەھەرلىك 10–ئوتتۇرا مەكتەپ ، 7–باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بۇ يەردىكى بالىلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي تەربىيلەش مەركىزى ، كامالەت ئۇنىۋېرسال كەسىپلەردە تېخنىكىلىق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەمدە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەر بىرلىكتە قاتنىشىپ ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشتى. پائالىيەت داۋامىدا پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ، پائالىيەتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى ھەمدە ئوقۇتقۇچى–ئۇستازلىرىغا گۈل تاقاپ ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ يەردە بېقىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن كىيىم–كېچەك ، نەق پۇل ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ ، بايرام شادلىقىغا شادلىق قوشۇپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.



پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار  سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىماقتا
[



پائالىيەتكە قاتناشقان 10-–ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى بالىلارغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلماقتا


مەنبە : تەڭرىتاغ تورى






قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-10 17:13 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
mazargojam
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28985
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 189 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

مۇخبىر دېگەن مۇشۇنداق چاققان بولۇش كېرەك.
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 18:29 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 169 نۇمۇر
پۇل: 684 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

Quote:
引用第1楼mazargojam于2008-09-10 18:29发表的  :
مۇخبىر دېگەن مۇشۇنداق چاققان بولۇش كېرەك.

بازار چاققاننىڭ دىگەن گەپ بارغۇ . رەخمەت. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 18:55 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

بۇنى كۆرۈپ پەقەت بىزنىڭ رايۇندىلا ئوقۇتقۇچلار بايرىمىنى تەبىركلمگەنلىكددىن خەۋەر تاپتىم .
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 19:05 |
kumur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 15442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

Quote:
引用第3楼kalkvn117117于2008-09-10 19:05发表的  :
بۇنى كۆرۈپ پەقەت بىزنىڭ رايۇندىلا ئوقۇتقۇچلار بايرىمىنى تەبىركلمگەنلىكددىن خەۋەر تاپتىم .

ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.مەن شەخسى نامىمدىن بايرىمىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن.مەڭگۈ خوشال ۋە بەختلىك ئۆتۈڭ.
                          
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 21:10 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:42
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号