ياپونىيە ئىباراكى ئۆلكىسنىڭ جەنۇبىدىكى سۇچىئۇرا شەھىرىدىكى بىر تۇرالغۇدىن 9-ئاينىڭ 6-كۇنى بىر جۇپ ياشانغان ئەر ئايالنىڭ جەسىتى بايقالدى.ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەكشۇرۇشىدىن مەلۇم بولىشىچە زىيانكەچلىككە ئۇچۇرغۇچى نىشى ياما ئەپەندىم (82ياش) بىلەن خانىمى يوشى ئىكۇ خانىم (78ياش) 9-ئاينىڭ 5-كۇنى ئۆز تۇرالغۇسىدا نەۋرىسى كوسۇكې (24ياش)تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن بولىشى مۇمكىن.جاۋاپكارنىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۇرگەن ساقچى تەرەپ جاۋاپكارنىڭ ئاشخانا ئۆيىدىن ئادەم ئۆلتۇرۇشتە ئىشلىتىلگەن دەپ گۇمانلانغان 15 سانتېمىتىرلىق بىر پىچاقنى بايقىغان ۋە ئەتراپتىكى خوشنىلىرىدىن سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ئۆزى يالغۇز ياشايدىغانلىقى،9-ئاينىڭ5-كۇنىدىن باشلاپ بۇ ئۆيگە ھېچكىمنىڭ كىرىپ چىقمىغانلىقى،شۇ كۇندىن تارتىپ جاۋاپكارنىڭمۇ جىمجىتلا غايىپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى.ئىز قوغلاپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە جاۋاپكارنىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۇنى ۋە 6-كۇنى ئايرىم ئايرىم ھالدا ناگويا شەھىرى ۋە ئوساكا شەھىرىدىكى بىر كونبىنى (24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان ماگىزىن) نىڭ ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسى(ATM) دىن نىشى ياما ئەپەندىمنىڭ نامىدىكى پۇل كارتوچكىسىدا زور مىقداردا پۇل ئالغانلىقى،9-ئاينىڭ 5-كۇنى كەچ 7دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا زىيانكەچلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ ئۆلتۇرۇلگەنلىكى ئىنقلانغان.
بۇگۇن يەنى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى جاۋاپكار فۇكۇئوكا ئۆلكىسى خاكاتا شەھىرىدىكى JR خاكاتا پويىز بېكىتىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۇشتى.
ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەرجىمە ئەسەر يوللىشىم.سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەس دەپ ئويلايمەن.توغرا چۇشىنىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.
دانىش
2008يىلى9ئاينىڭ 10كۇنى
[ 此贴被danish0706在2008-09-12 10:48重新编辑 ]