ئېلىكتىرونلۇق زەھەر
بىر كۈنى ئىشتىن بالدۇرلا قايتىپ ئۆيگە كىردىم ، ئەمما ئۆيدە توك يوق ئىكەن ، بىر كۈن كەچكىچە ئىدارىدىمۇ ئىشنىڭ تايىنى يوق بىكارچىلىقتىن زىرىككەن بولسام كىرەك ئىچىم تىتىلداپلا تۇراتتى ، تۇيۇقسىز بىز نىڭ ئۆينىڭ ئاستىغىلا يېڭىدىن ئېچىلغان بىر نەچچە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلار يادىمغا كەلدىدە قانداق يېڭى كارامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ چىققۇم كەلدى .ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرىشىمگە بىرىنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ئېسىت ، ھەي -ئېسىت ، ئۆي سېتىۋىلىش ئۈچۈن تېخى تۈنۈگۈنلا بانكىدىن قەرىز ئالغان پۇل ئىدى، ئەمدى ئايالىمغا ، ئاتا-ئانامغا نېمىمۇ دەرمەن ، بۇ قەرىزنى قاچانمۇ قايتۇرۇپ بۇلارمەن...
كىينىشى رەتلىك ھەم پاكىزە ،تۇرىقىدىنلا زىيالىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان 28-30ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ياش ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقنىڭ ئۇستىگە بېشىنى قۇيۇپ ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى ، تىېزلا ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ خۇجايىنى ۋە ئىشلەمچىللىرى يىتىپ كەلدىدە ئۇنىڭغا ئوينىغىسى بولمىسا چىقىپ كىتىشنى ، قالايمىقانچىلىق چىقارسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ يېقىن تۇنۇشى بولسا كېرەك ، ئارىدىن بىرەيلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ نەچچە پۇل ئۇتۇرۋەتكەنلىكىنى سورىۋىدى ئۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا : ئەتتىگەندە كىرىپلا يېنىمدىكى 100يۇەن پۇل بىلەن ئويناپ تۆت - بەش يۈز يۇەنچە ئۇتۇۋالغان ئىدىم ، بۈگۈن تەلىيم كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تېخىمۇ چوڭ تىكىپ ئويناپ ساپتىمەن ، كىيىن ئۆيدىن ئازراق پۇل ئەكىلىپ ئۇنىمۇ ئۇتۇرۋەتتىم ، ئۇتۇۇرۋەتكەن پۇللارغا قۇرسۇقۇم كۆپۈپ ئاخىرى ئۆي ئېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن بانكىدىن قەرىز ئېلىپ ئۆيگە قۇيۇپ قويغان 35000يۈەن پۇلنى ئايالىمغا بىلىندۈرمەي ئەكىلىپ ھەممىنى ئۇتتۇرۇپ بولدۇم ...
قاتتىق پوشايمان بىلەن ئۈزىنى كاچاتلاپ يىغلاپ چىقىپ كىتىپ بارغان بۇ ياشقا سەل ئىچىم ئاغرىغاندەك ھىسياتتا بولساممۇ بىر ئادەتتىكى ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدا بىر كۈن ئىچىدىلا بىر ئادەمنىڭ شۇنچىۋىلا پۇلنى ئۇتتۇرۋەتكەنلىكى ماڭا ناھايتى سىرلىق تۇيۇلدى، بۇ بىر ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا ئېچىلغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تۇرسا ئەجىبا شۇنداق ئىشلارمۇ بۇلامدىغاندۇ دىگەن خىياللار مېنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۇپ بېقىشقا قىزىقتۇرۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر باشتىن ئايلىنىشقا باشلىدىم، تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرسى پېشىمنى تارىتقاندەك قىلدى ، قارىسام ئۇ مۇشۇ ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ ئىشلەمچىسى بۇلۇپ ھەممە كىشىگە تاماكا،مىنرالنى سۇ ۋە سامسا دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتىۋېتىپتۇ، بۇنداق ياخشى مۇلازىمەتتىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم . ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ ئىچى چوڭ -كىچىك ، ياش - قېرى ، قىسقىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار بىلەن لىق تولغان ئىدى .مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى 18 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش يېنىدىن 500يۈەن پۇلنى چىقىرىپ مۇلازىمەتچىگە بەردىدە ھەممىگە نۇمۇر سېتىۋالدىغانلىقىنى ئېيىتتى ، مۇلازىمەتچى بولسا ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر قاپ تاماكا سوۋغات قىلىۋەتكەندىن كېيىن ناھايتى تىزلىك بىلەن 500يۈز نۇمۇر چىقىرىپ بەردىدە يەنە باشقىلارغا نۇمۇ سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كىتىپ قالدى ، دېمەك بۇ جەرياندا بىر نۇمۇرنىڭ بىر يۈەن ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالدىم ، قانداق ئوينايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يەنىمۇ يېقىنراق باردىم دە ئۇنىڭ قانداق ئويناۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي كۈزتىشكە باشلىدىم . ئۇيۇنچۇق ئېكرانىدا ھەرخىل قەرىتلەر ئېچىلىۋاتاتتى ، ئويناۋاتقانلار ئىچىدە بولسا سەت گەپلەر بىلەن نىمىنىدۇر تىللىسا يەنە ھاياجانلانغىنىدىن ۋارقىراشلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بۇ ياش بولسا تۈەن بولغاندا 100نۇمۇر دىن ئويناۋاتاتتى ، نۇمۇر تىكىلىپ پەقەت ئىككى مىنۇت ئەتراپىدىلا ئۇتقان ياكى ئۇتتۇرغانلىق نەتىجىسى چىقىپ بۇلىدىكەن ، تەخمىنەن 15 مىنۇتلار ئۆتكەن بولسا كېرەك ئۇنىڭ ئېكرانىدا پەقەت ئىككى نۇمۇرلا قېپقالدى ، ئۇ دەرھال يېنىدىن بىر بانكا كارتىسىنى چىقاردىدە يېنىدا ئولتۇرغان دوستىغا بانكىغا بېرىپ كارتىدا بار پۇلنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ كېلىشنى بۇيرۇدى ، بىراق دوستى ئۇنىڭغا ھېلىمۇ ئۇتتۇرۋەتكەن پۇلنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئەمدى ئوينىماسلىقىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ گىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا: ئاپامنىڭ مائاش كارتىسىدىكى پۇلنىمۇ ئۇتتۇرۇپ بولغان تۇرسام يەنە ئويناپ ئۇتۇپ ئىزىغا كەلتۈرۈپ قويمىسام قانداق جاۋاپ بېرىمەن ، بۇ دادامنىڭ مائاش كارتىسى ، سەن دەرھال تاكسى بىلەن بېرىپ ئىچىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ كەل دەپ بۇيرىدى .
ئەتراپتا بولسا توختىماي يېنىدىن شاراقلىتىپ پۇل چىقىرىپ نۇمۇر ئېلىۋاتقانلار نۇرغۇن ئىدى .
بىر ئازدىن كىيىنلا ئۇنىڭ دوستى قايتىپ كەلدىدە بىر تۇتام پۇلنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى، بۇ قېتىم ئۇ بىراقلا 1000يۈەنلىك نۇمۇر سېتىۋلدىدە تېخىمۇ چوڭ تىكىپ ئويناشقا باشلىدى ، ئاغزىغا چىشلىۋالغان تامىكىنى قاتتىق كۈچەپ تارتىپ چىكىۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭ دوستىنى ئاستا بىر تەرەپكە تارتىپ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم ئۇلارنىڭ تېخى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى . يەنە يېرىم سائەتكە بارمايلا ئۇنىڭ ئېكرانىدا 4 نۇمۇر قېپ قالدى ، ئۇ مۇلازىمەتچىدىن قېپ قالغان نۇمۇرغا 4 يۈەننى ئېلىپلا چىقىپ كەتتى .
نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق كۈرنۈشلەر ، بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3- يىللىق ئۇقۇغۇچىسى بىر سائەتكە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 2000يۈەن پۇلنى ئۇتتۇرۇپ بولغانئىدى . بۇ كۆز ئالدىمدا بۇلىۋاتقان كارامەتلەردىن مېنىمۇ سەل سۈر بېسىۋاتقان ئىدى . ئەمدى بۇ ئۇقۇغۇچى مۇشۇ ئەھۋالدا ئۈيىگە بارالارمۇ؟ ئاتا - ئانىسىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرەر ؟ ئالىي مەكتەپكە بېرىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغىنىغا ئىچىم ئاچچىق بۇلىۋاتاتتى .
ئەسلىدە بۇ ئۇيۇننىڭ ئەڭ تۈەن نۇمۇر سېتىۋېلىش چىكى 50 يۈن بۇلۇپ يۇقۇرىسى چەكلەنمەيدىكەن ، بىرلا قېتىمدا 2000يۈەندىن يۇقۇرى تىككىلى بۇلۇپ پەقەت ئىككى مىنۇت ئەتراپىدىلا نەتىجىسى ئايرىلدىكەن . بۇنى ئوينايدىغانلار ئىچىدە ئىدارى جەمئىيەت خىزمەتچىللىرى ، مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ، ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغىنى بوسا جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم بىكار تەلەپ ياشلار ۋە تىجارەتچى بالىلار بۇلۇپ پۇلنى خۇددى سۈپۈرىۋالىدىغاىدەك ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق نەرسىدەك تۇيغۇ بېرەتتى . ھەتتا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بار ئىدى .
بۇنداق ئۇيۇنچۇخانىلار كۆپلەپ ئېچىلىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇچۇق ئاشكارە تىجارەت قىلىۋاتاتتى .
يۇقىرىدا ئېيىتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار . بەلكىم بىر قىسىم تورداشلىرىمىزمۇ كۆرگەن بۇلىشىمىز مۇمكىن .
ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان ، بۇلۇپمۇ ئۇقۇش شارائىتى ھەر جەھەتتىن ياخشىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى شارائىت ئاستىدا ئۆسمۈرلىرىمىز مۇشۇنداق تۇيۇق يولغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتسە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نېمە بولماقچى .
شۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز پەرزەنىتلىرىدىن قانداق ئۈمۈتلەرنى كۈتۋاتقاندۇ؟ مەن بۇنى پەقەت تۇيۇق يولغا كىرىپ كىتىۋاتقانلارنى كۈرۇپ ئۈزۈمنى باسالماي تورداشلارغا ئىبرەت بۇلۇش يۈزسىدىن يوللاپ قويدۇم . ياخشى يازالمىغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر . بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىگە بولغان ئائىلە تەربىيسىنى كۈچەيتىشىنى ، بىر قىسىم بىنۇرمال ھەركەتلىرىنى سەزگەندە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
شۈكۈر QQ:327212700