قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 382 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: _[ئارغتۇغ] مەمتىمىن ئەلا: زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

arghtugh
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2167
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 769 نۇمۇر
پۇل: 1672 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 _[ئارغتۇغ] مەمتىمىن ئەلا: زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 kunkiz 设置为精华(2008-09-10)
[
زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى

مەمتىمىن ئەلا


شۇڭا، مەن ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىرىدە _ يەنى، مېنىڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق تېرەنلىكتىن قېلىشمايدىغان تېرەنلىكتە _ ئىدىم، شۇڭا مەن مەندىن باشقا ھېكىمىگە چۈشەندۈرۈش تەس كەلمەيدىغان زىيالىي دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىكلىرىدە تۇرۇپ بالىغا، ياۋايىغا، پەرىشتىگە ۋە ئۆزەمگە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىم.
                                                                           _ پائۇل ۋالېر: «تېستې ئەپەندىم»

زىيالىيلىق دېگەن نېمە؟ _ بۇ بىر ئونتولوگىيىلىك سوئال بولۇپ، زىيالىيلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدۇ. زىيالىيلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى، شۇنداقلا ئۇ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەدەنىيىلەشكەن جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئوي توپى قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىچە فۇنكسىيىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن زىيالىيلىق بەزىدە جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلغان ھەم بېسىلغان ئاۋازىغا ۋە غۇرۇرىغا ۋەكىللىك قىلسا، بەزىدە مەلۇم ئىدېئولوگىيىنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرىغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشىگە ئاڭسىز (ياكى بەزىدە ئاڭلىق) يوسۇندا خىزمەت قىلىدۇ؛ بەزىدە ئۇ مەۋجۇت سىياسىي ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئۆزگىرىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خىلمۇخىل تەلەپلەرگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ يەنە نەزىدە ئۇ جەمئىيەتكە ئارىلاشماسلىقنى قوغلىشىدىغان رومانتىك ۋە بىتەرەپ شەخسىي خاھىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر زىيالىيلىقنىڭ ئىجتىمائىي رولىنىڭ مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى قۇرۇپ چىققان. زىيالىيلىق مەۋجۇت ئىجتىمائىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدە ئاشۇ قۇرۇلمىنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. زىيالىيلىقنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يول مانا مۇشۇ قوش تەسىر مۇناسىۋىتىگە دىققەت بېرىشتۇر. شۇ سەۋەب؛ ئۇشبۇ ماقالىمىزدا ئالدى بىلەن زىيالىيلىقتىن ئىبارەت ئىنتايىن كۈچلۈك ئىجتىمائىيلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بۇ ھادىسىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىلىدۇ، ئاندىن ماقالىمىز زىيالىيلىقنىڭ ئېتىكىلىق مەنىسىگە قاراپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا زىيالىيلىق ھەققىدىكى يۇقىرىقى قاراشلار ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردىكى زىيالىيلىق ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. ئېدۋارد سەئىد ۋە زىيالىيلىق

سۆزىمىزنى ئېدۋاردسەئىدتىن باشلايلى. سەئىد غەربتە خېلى تونۇلغان كۇلتۇر① تەنقىدچىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە زىيالىيلىق توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ زىيالىيلىق تەجرىبىسى ياكى تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا زىيالىيلىق قىسمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەنىسى بار. ئۇ باشتىن ئاخىر كېيىنكى مۇستەملىكچىلىكنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا ئۇنىۋېرسال ئادالەت ۋە ئەخلاقىي قىممەتنىڭ نوپۇزىنى ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلگۈچىدۇر. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي ھوقۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالدالەتسىزلىكلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن سەل قارىغۇسىز ئاۋازىدا غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشىدا بارلىققا كەلگەن ۋە كرىزىس تۇيغۇسىغا تولغان كىملىك مەسىلىسى بار.
سەئىد ئۆزىنى داۋاملىق ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن چىقىپ كېتىپ سەرسان بولغان، يەنى ھېچ يەرگە يەرلەشمىگەن دەپ قارايدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنى پەلەستىننىڭ مۇستەملىكە ئۆتمۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمپېرېئاللىق ھازىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرىدۇ. ئۇ «ئاخىرقى بولۇتتىن كېيىن» دېگەن ئەدەبىي خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق يازىدۇ: «كىملىكنى يەنى بىزنىڭ ھازىر كىملىكىمىز، نەدىن كەلگەنلىكىمىز ۋە نېمە ئىكەنلىكىمىزنى سۈرگۈندە ساقلاپ قالماق تەس. بىز ئۆزگە، قارىمۇ قارشىلىق، قايتا ماكانلىشىشنىڭ گېئومېترىيىسى ئۈستىدىكى داغ ۋە كۆچكۈچىدۇرمىز. سۈكۈت ۋە ئېغىر بېسىقلىق ئاغرىقنى ئاشكارا قىلىدۇ، تەن ئىزدەيدۇ، يوقىلىشنىڭ زەخمىسى يېنىكلەيدۇ.» بىزنىڭ سەئىدتىن كۆرىدىغىنىمىز زىيالىيلىقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىشىنى تاللىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇئەييەن ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇشى ئېلىپ كەلگەن كىملىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مەسىلىسىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، زىيالىيلىقنىڭ يەككە كۇلتۇرلۇق ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇنىۋېرسال دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ئاتىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك تاللاش زىيالىيلىقنىڭ كۇلتۇرلۇق كىملىكىنى يېڭى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، تەنقىدچى، سىياسىي شەرھشۇناس، ئەدەبىيات ھەم كۇلتۇر نەزەرىيىچىسى ۋە نيۇيوركلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېدۋارد سەئىد يەر شارىلىشىش دولقۇنى بىلەن كۆچمەنلىك ئىنتىلىشى ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىۋاتقان دۇنيادا زىيالىينىڭ زىددىيەتكە تولغان مۇرەككەپ يۈزىنى بىزگە ئايان قىلىدۇ. سەئىدنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشتىن ئاخىر زىددىيەت بىلەن پۈتكەندۇر: بۇلار ئۇنىڭ ئىشىنىشى بىلەن قىزىقىشلىرى، ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر غەربلەشكەن خاراكتېرى بىلەن ئانا ۋەتىنى پەلەستىننىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇنىڭ سىياسىي ئاۋازى بىلەن كەسپىي ئورنى، ئۇنىڭ پەلەسىتىنلىك خرىستىيان ئەرەب بولۇشتەك دىنىي كىملىكى بىلەن غەربنىڭ ئىسلام دىنىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئېگىلمەس، سۇنماس قارشىلىق روھىغا سىڭگەن زىددىيەتلەردۇر.
غەرب دۇنياسىدا شەخسىي ئەركىنلىك خاھىشىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي تەرتىپلەرنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىشى زىيالىيلىقنىڭ كىملىكىگە يېڭى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى: كۈنسېرى كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيادا ھەممە ئېتىراپ ھەم رىئايە قىلىدىغان ئورتاق ئۇنىۋېرسال قىممەتلەرنى قايتا تەكىتلەش ۋە تۇرغۇزۇشتا زىيالىيلارنىڭ رولى قانداق بولۇشى كېرەك؟ سەئىدنىڭ مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرىدە كىشىلەر بارغانسېرى سەل قاراۋاتقان ئۇنىۋېرسال دۇنياۋى پرىنسىپلارنى ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى قىبلىنامە قىلىش چاقىرىقى ئۇنى ليوتارد باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن كېينىكى مودېرنىزىمچىلار بىلەن قارىمۇقارشى ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى» ۋە «مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنۇشى» دېگەن قاراشلارنى جاكارلىغان فرانكىس فۇكۇياما ۋە سەميۇل خانتىڭتونلار بىلەنمۇ بەس- مۇنازىرىگە سالىدۇ②.
ئۇنىڭىدىن سىرت سەئىد زىيالىيلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگۈچىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆپ ياقىلىمىلىق ۋە زىددىيەتكە تولغان زىيالىيلىق تەجربىسىنىڭ بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ بۇ تېمىنى ئىنتايىن مۇھىم تېما سۈپىتىدە قارىغانلىقىدۇر. سەئىد ئۆزىنىڭ «زىيالىيلىقنىڭ ئىپادىلىرى» دېگەن ماقالىسىدا زىيالىينىڭ كىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، سۆزىنى ئىتالىيىلىك مەشھۇر ماركسىزمچى ئانتونئو گرامسىنىڭ زىيالىيلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىدىن باشلايدۇ. گرامسى زىيالىيلارنى ئەنئەنىۋى ۋە ئورگانىك زىيالىيلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى زىيالىيلار ئوقۇتقۇچىلارنى، يازغۇچىلارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە دىنىي خادىملارنى، يەنى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە باغلانمىغان ۋە جەمئىيەتتە ئىدىيىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەنئەنىۋى جەريانلارنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئورگانىك زىيالىيلار بولسا جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئارىلاشقانلارنى، يەنى ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئىزىدا تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى زىيالىيلارغا قارىغاندا، ئورگانىك زىيالىيلار ھەر ۋاقىت ھەرىكەتتىدۇر. سەئىد گرامسىچە ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى مودېرنىزىملىق ۋە كېيىنكى ئىمپېرىئاللىق دۇنيادا ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە بىرەر سىنىپنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئارىلىشىدىغان، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن دوگمىلىققا قارشى تۇرىدىغان ئىجتىمائىي تۈپ سۈپىتىدە قارايدۇ. سەئىدنىڭ ھاياتى ئۆزى ياشىغان ۋە تەتقىق قىلغان تىپىك بىر زىيالىنىڭ ھاياتىدۇر: زىيالىيلىق ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ كېيىنكى مودېرنىزىملىق، كېيىنكى ئىمپېرىئاللىق ۋە يەر شارىلىشىش دەۋرىدىكى قىممىتى ھەققىدىكى ناھايىتى كەسكىن ئىزدىنىشتۇر. ئۇ شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەنگەنكى، دەۋرنىڭ كرىزىسى ماھىيەتتە زىيالىيلارنىڭ كرىزىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرىدە قايتا- قايتا سورىغان تۆۋەندىكى سوئاللىرى بىزنىڭمۇ نۆۋەتتىكى ئويلىنىش نىشانىمىزدۇر: زىيالىي دېگەن زادى كىم؟ ئۇ نېمىنى سۆزلەيدۇ، نېمىنى ئويلايدۇ ۋە بۇلارنى كىمگە قانداق دەيدۇ؟
2. شەرھلىگۈچى سۈپىتىدىكى زىيالىيلار

زىيالىيلار ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ باشلانمىسىدىن تارتىپ مەۋجۇتتۇر، چۈنكى مەدەنىيەتنىڭ ھەر قانداق ئۇتۇقىنى زىيالىيسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، زىيالىيلار كۇلتۇرنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە ساھەلىرىدىكى كۇلتۇر ساھىبلىرىنى ۋە كۇلتۇر يېتەكچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە زىيالىيلارنىڭ ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك كاتېگورىيىلىنىش ئۇسۇلىدۇر. بىزگە ھازىر كېرىكى زىيالىيلارنىڭ ئېنىق ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن تۈرلەرگە ئايرىش ۋە تەبىرلەش ئۇسۇلىدۇر. مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن زىيالىيلارنىڭ كىملىكى ۋە زىيالىيلىقنىڭ فۇنكسىيىسى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىككى ساھە بويىچە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز: ئۇلار زىيالىيلىقنىڭ سوتسىئولوگىيىلىك (جەمئىيەتشۇناسلىق) ۋە دىنىي مەنىسىدۇر.
ھەر قانداق جەمئىيەتتە دۇنيانى ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ مۇكەممەل ئۆلچىمىنى ئاشۇ جەمئىيەتكە چۈشەندۈرۈشنى ئالاھىدە ۋەزىپە قىلغان ئىجتىمائىي توپ بار بولۇپ، بۇنى زىيالىيلار توپى دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ھەر قانداق جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئىشىنىشلەر (بىلىش) سىستېمىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا شەرھلەشكە ھەر ۋاقىت مۇھتاج بولىدۇ. گەرچە جەمئىيەت ئەزالىرى بۇ خىلدىكى ئىشىنىشلەر گەۋدىلەنگەن رېئاللىققا ھەر كۈنى تۈرلۈك شەكىللەردە قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا شەرھلىنىشىنى ۋە مەنە بېرىلىشىنى كۆرۈشنى ئىزدەيدۇ. يەنى تەجرىبە ئۆزىنىڭ مەنىسىنى ئىزدەيدۇ. تەجرىبىگە مەنە يۈكلەش كىشىلەرگە ئۆزى قىلىۋاتقان، قاتنىشىۋاتقان ۋە ئويلاۋاتقان ئىش- ھەرىكەتلەرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ئەقلىي جەريان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىشىنىشلىرىنى تېخىمۇ بىردەكلەشتۈرۈشكە ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بىلىش سىستېمىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نەزەرىيىۋى شەرھىيىسى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇئەييەن مەنە سىستېمىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە شۇ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى ئۇيۇشچانلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىلىدۇر.
شۇ نەرسە تەكىتلىنىشى كېرەككى، زىيالىيلارنىڭ تۈپكى فۇنكسىيىسى بولغان تەبىرچىلىك ئۇلارنىڭ ئالاھىدە كۇلتۇر توپىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدە سىنىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، زىيالىيلار جەمئىيەتتە دېھقانلار ۋە بۇرژۇئازىيەلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس سىنىپ بولۇپ شەكىللەنمىگەچكە، ئۇلار جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا بىر قەدەر سەزگۈر رول ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ سەۋەب، زىيالىيلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۆزى ئەسلىدىن مەنسۇپ بولمىغان سىنىپلار ۋە كۇلتۇر كوللېكتىپلىرى بىلەن ئارىسالدىلىق ۋە مۇجمەللىك مۇناسىۋىتىدە بولۇشى زىيالىيلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشىنى سەلبىي مەنىگە ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىئولوگىيىلىك مۇمكىنسىزلىككە ئىگە قىلىپ قويغان. ۋەھالەنكى، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىي كوللېكتىپ ۋە سىنىپلار بىلەن ھەمكارلىشىش زىيالىيلارغا باشقىلارغا نىسىپ بولمايدىغان مۇنداق بىر ئۈستۈنلۈكنى بەرگەن، يەنى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئوخشاشمىغان كوللېكتىپلارنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا كۇلتۇرنىڭ يۈكسىلىشى ھەققىدە بىر قەدەر كەڭرى ئويلىنىش ھەم كوللېكتىپلىرى بىلەن باغلاش ياكى ئۇلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىش قاتارلىقلارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشى زىيالىيلارنىڭ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپتىكى ئورنى ۋە قىممىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
بۇنىڭ بىرىنچى خىل ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، باشقا كۇلتۇر كوللېكتىپلىرى ۋە سىنىپلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئالاقە زىيالىيلاردا دىنامىكىلىق بىرلەشتۈرۈش (سىنتىزلەش) كە بولغان مايىللىقنى، گەرچە بۇ ئاڭسىز مايىللىق بولغان تەقدىردىمۇ، بارلىققا كەلتۈردى. ئىككىنچى خىل ئالاھىدىلىك شۇكى، زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتە قايسى جەمئىيەتتە كوللېكتىپىغا تەۋە بولۇشىنىڭ ئېنىقسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان گاڭگىراشتىن قۇتۇلۇش يولى ئۇلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئاڭقىرىشى ۋە ۋەزىپىسىنى چۈشىنىشىنى كۆرسىتەتتى. مانا بۇ يۈزلىنىش زىيالىيلارنىڭ ھازىرقى زاماندا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ھېس قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈشىنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى.
زىيالىيلارنىڭ كىملىكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قويۇق دىنىي مەنىگىمۇ ئىگىدۇر. بۇ مەنە تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا زىيالىيلارنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆزىنى تەبىئەتتىن ھالقىغان ئاداققى قىممەتلەر بىلەن باغلىنىشىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقەددەسلىك كاتېگورىيىسىگە تەۋە قىممىتى بىلەن باشقا پانىي قىممەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى كېلىشتۈرۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى، مەيلى شەرقتىكى ياكى غەربتىكى بولسۇن، زىيالىيلار ئادەتتە ناھايىتى مۇھىم دىنىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، زىيالىيلىق پانىي دۇنيادىن _ بىز سەزگۈ ئەزالىرىمىز ئارقىلىق ئىگە بولىدىغان، ماكان ھەم زامانغا باغلانغان بىۋاسىتە، كونكرېت تەجرىبىلەر دۇنياسىدىن ھالقىغان ئاداققى مەۋجۇتلۇق ئالىمىنى ۋە مەۋجۇداتلارنى دىنىي سىمۋوللار ئارقىلىق ئويلاشقا دىققىتىنى بەرگەنىدى. ھەقىقىي دىنىي تەجرىبىلەر ۋە تەلپۈنۈش ئارقىلىق پانىيلىقتىن ھالقىغان، شۇنداقلا مەۋجۇتلۇق ھەم ئىدىيىنىڭ مەنبەسى بولغان مۇقەددەسلىك بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بۇ خىل ئەمگەكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيالىقى بىلەن ئۇ دۇنيالىقنىڭ باغلىنىشىنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە مۇھتاج بولغاچقا، زىيالىيلار بۇ مۇناسىۋەتنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى كېلىشتۈرۈشتىكى ۋاسىتىچى ئىدى.
زىيالىيلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ دىنىي شەرھ خىزمىتىدىكى ئورنى مەسىلىدۇر. ھەر قانداق بىر دىننىڭ شەرھلىنىشى ئىنتايىن قاتتىق ئورتودوكسال مېتودنى تەلەپ قىلغاچقا، دىننىڭ خىزمەتكارلىرى، بولۇپمۇ دىننىڭ نوپۇزلۇق پەتىۋاچىلىرى ئېھتىيات بىلەن تاللىنىدۇ ھەم يۇقىرى ئىمتىياز بىلەن تەمىنلىنىدۇ: بۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزلىرىنىڭ ھەقلىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىشەنچنىڭ ئەنە شۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي شەرھلىنىشىگە بولغان ئىشەنچكە يۆتكىلىش جەريانىدۇر. زىيالىي سۈپىتىدىكى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ تەپسىرلىرى كۆپ ھاللاردا نوپۇزلۇق دەپ قارالغاچقا، ئۇلارنىڭ دىنىي شەرھلىرى جەمئىيەتنىڭ دىنىي ئىدېئولوگىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
مودېرنلىق يەنى ھازىرقى زامان دەۋرىگە كىرگەندە، پانىيچىلىق «زەمەنىزملىق» ئېقىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۆزىنىڭ دىققىتىنى پانىيلىققا بۇرىغان زىيالىيلار ھادىسىلەرگە يوشۇرۇنغان پرىنسىپلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ ھەم ئەقلىي مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقىشنى خۇدا ئاتا قىلغان ھەقىقەتلەردىن ئۈستۈن كۆردى. ۋەھالەنكى، ئىنسان ھاياتىنى يېتەكلەيدىغان ئاداققى مەۋجۇتلۇق ۋە تۈرلۈك دىنىي سىمۋوللار ئارقىلىق ئالاقە قىلىشقا بېغىشلانغان چوڭقۇر دىنىي پوزىتسىيە بىلەن ئالەمنىڭ ۋە ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي ھەمدە ئەڭ تىرەن قانۇنىيىتىنى ئىزدەپ تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم- پەن ئىزدىنىشى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەرنىڭ بولۇشى مۇنداق بىر ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چەتكە قاقمايدۇ: يەنى، ھەر ئىككىسى ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ فوندامېنتال رېئاللىقىنى بايقاشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان. بۇ ئىنساننىڭ ئەقلىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ يۇقىرى شەكلىدۇر.
ئىنساننىڭ بۇ خىل ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، زىيالىيلار دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ ئۆزىنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى مۇستەقىل ئويلىنىشىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس مەۋجۇداتقا بولغان خىزمىتى پۈتۈنلەي يېڭى مەنىگە ئىگە بولدى. زىيالىيلار ئۆزلىرىنى دىنىيلىققلا ياكى دىنىي خىزمەتكىلا تەۋە دەپ قارىماسلىققا باشلىغاندا، جەمئىيەتنىڭ دىنىي ئىرادىلىرى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى. دىنىي دائىرىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتى زىيالىيلاردا ئىشەنمەسلىكنى قوزغىدى. گەرچە بۇ خىل يۈزلىنىشنى دۇنياۋى دەپ ئېيتالمىساقمۇ، غەرب دۇنياسىدا ھازىرقى زامان دەۋرىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن باش كۆتۈرگەن دىن بىلەن باشقا ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئايرىلىشى، زىيالىيلىق ئەنئەنىسىدە تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان بىر يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، زىيالىيلارنىڭ مۇقەددەس مەۋجۇتلۇققا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ خاسىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تەۋرىنىشى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. يەنى، ئۇلارنى پانىيلىقتىكى ھەقىقەتنىڭ ئاساسىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ باردى. زىيالىيلار ئۆزىنى كۆپ ھاللاردا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزىدە كۆردى.
3. ھوقۇق مەركىزىدە زىيالىيلىق

زىيالىيلىق كۆپ ھاللاردا ئىلاھىي ھوقۇق ئىمتىيازنىڭ شەرھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئېتقادچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەرتىپلىك يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە سىياسىي ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدۇ. مۇئەييەن سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ مەۋجۇتلۇق مېخانىزمى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر ئىدېئولوگىيىسىنى بەرپا قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماكياۋېللىدىن تارتىپ شۇ نەرسە ئېنىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئىدېئولوگىيىلىك سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماھىيىتى دەل ھەقىقىي رېئاللىقنى مۇئەييەن شەخس ياكى ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يوشۇرۇشتۇر. ئىدىئولوگىيىلىك سىستېمىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ھەقىقىي رېئاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغاچقا، ئۇلارنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى قاراشلىرى بۇرمىلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى ھەقىقىي رېئاللىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋالغاچقا، ئۆزلىرى، باشقىلار ۋە دۇنيانى ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى تەمىنلىگەن قاراش بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى ئەڭ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى ئۇلار سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي رولغا ۋە فۇنكسىيىگە ئىگىدەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ؛ نەتىجىدە كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەقلىيلىقىدىن كەمدىن كەم گۇمانلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. يەنى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆزى ياشاۋاتقان ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىدىن باشقا سىستېمىلارنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. مەسىلىنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپى شۇكى، كىشىلەرنىڭ كونا ئىدېئولوگىيىلىك سىستېمىلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشى كۆپ ھاللاردا يەنە بىر خىل يېڭى ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ.
سىياسىي ئىدېئولوگىيىنىڭ راۋان خىزمەت قىلىشى دەل زىيالىيلارنىڭ بۇ ئىدېئولوگىيىنىڭ مەزمۇنلىرىنى خەلققە قايىل قىلارلىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرھلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. زىيالىيلارنىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى رولى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. زىيالىيلار بەزىدە ھوقۇق تەرىپىدىن مۇئەييەن ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا بۇيرۇلسا، يەنە بەزىدە ئۇلار ئىدېئولوگىيىگە خىزمەت قىلىشتىكى ۋاسىتە بولۇشنى رەت قىلىدۇ.
قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى دېموكرىتۇس مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئۈچۈن بىرەر تېئورمىنى بايقاش ئىراننىڭ پادىشاھلىق تاجىدىنمۇ مۇھىم.» بۇ يەردە ھادىسىلەرنىڭ سىرىغا بولغان تەلپۈنۈشنىڭ ھوقۇق ئېلىپ كېلىدىغان شانۇ شۆھرەت ۋە سەلتەنەتتىن ئۈستۈن كۆرۈلۈشى ئىنساننىڭ ئىستىكىنىڭ كۆپ ياقىلىمىلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھوقۇق بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتنىمۇ سۇ ئۈستىگە لەيلىتىپ چىقىرىدۇ. ئەپلاتوننىڭ ھوقۇق قارىشى يۇقىرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھوقۇقنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ئادىللىقىنى ئەقىل ئارقىلىق ئورناتماقچى بولىدۇ. بۇ خىل قاراش شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، رەزىللىك پەقەت ئىنساندىكى سەل قاراش ۋە بىلىمى كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئەقىل ۋە بىلىم تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «جۇمھۇرىيەت» دېگەن ئەسىرىدە پادىشاھلارنىڭ پەيلاسوپلاردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ پەقەت بىر خام خىياللا ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ ئىدىيە تارىخ تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەپلاتوننىڭ بۇ ئىدىيىسى كېيىنكىلەر ئۈچۈن بىر ئىدېئال غايە بوپ قالدى.
ئىنساننىڭ ھوقۇققا بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ ۋە ئىنتىلىشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى نۇرغۇن ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، نۆۋەتتىكى مۇھاكىمىمىزنىڭ بۇلار ئۈستىدە توختىلىش مەقسىتى يوق. شۇنى قىسقىچلا ئېيتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، ھوقۇق ئىنتايىن مۇھىم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە قانۇنىي ئىمتىياز كاتېگورىيىسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ بيۇروكراتلىق تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى، يۇقىرى- تۆۋەن ئىمتىياز قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشتىكى، ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ۋە سىياسىي نىشاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ۋاسىتىدۇر. ھوقۇق ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر تالىشىدىغان نەرسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىلدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي كۈچلەر ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى ئەمەس بەلكى ھوقۇق قۇرۇلمىسى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.
ئىنساننىڭ ھوقۇققا بولغان ئىستىكى تەگسىزدۇر، چۈنكى ھوقۇق يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسىنى رېئاللاشتۇرۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. تېخىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھوقۇق ئادەمنىڭ دۇنياغا بولغان ئاكتىپ ۋە بوي سۇندۇرۇشچان ئىستىكىنى ئاڭسىز قاندۇرۇشىدىكى يولدۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆزلۈك ئوبرازىنى ۋە قىممىتىنى ھوقۇق ئارقىلىق ئورنىتىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. دېمەك، ھوقۇق ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزگە ۋە دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھوقۇق، ناھايىتى تار دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ۋاسىتىسى، لېكىن ئۇ بەزىدە مەقسەتكە ئايلىنىدۇ. (بۇ چاغدا ھوقۇق ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئەس- يادىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قۇل قىلىۋالىدۇ). ئەنە شۇ چاغدا ئىنسان ھوقۇقنىڭ سۇبيېكتىغا ئەمەس بەلكى ئوبيېكتىغا، ھوقۇق ئىنساننىڭ ۋاسىتىسىغا ئەمەس بەلكى ئىنسان ھوقۇقنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ئۆز- ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ.
ھوقۇققا ئىلىنىشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تىزگىنلىمەكنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللۈكىنى، ھەتتاكى ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ جاننى تۇتۇش بىلەن ئوخشاش نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى ھوقۇق، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇرسىتى كەلسە خالىغان ئادەمگە، شۇنداقلا ھېچكىمگە تەۋە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھوقۇق كۆپ ھاللاردا ناھايىتى كۈچلۈك ئەخلاقىي سەزگۈرلۈكنى قوزغايدۇ. ماكياۋېللى شاھزادىگە ماكياۋېللىچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسلىھەتنى بەرگەندە، ئەخلاقنىڭ ئادەتتىكى ئاۋام ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇق بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. «شاھزادەم»، دەيدۇ ماكىياۋېللى، «ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك، لېكىن ئۇ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، رەزىللىكىمۇ قەدەم باسالىشى كېرەك.» دېمەك، ھوقۇق كۆپ ھاللاردا ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى سەزگۈر بوشلۇققا جايلاشقان.
ھوقۇق ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتكە تەرتىپ ئورنىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىنى مەركەزلەشتۈرگىلى، مۇئەييەن قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي كېلىشىم بويىچە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياراتقىلى ۋە ئادالەتنىڭ تەكشى تارقىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھوقۇقنىڭ مەجبۇرلاش ۋە زوراۋانلىق ماھىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ھوقۇقچىلىق ئىدىيىسى ئادەتتە دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنداقلا ھوقۇقنىڭ يېگانىلىقىنى ئۇنىڭ ھېچكىمگە تەلتۆكۈش ۋە مەڭگۈلۈك باقمەندە بولماسلىقتەك شەخسسىز ماھىيىتى قۇرۇپ چىققان. ھوقۇق نامسىز بولىدۇ، يۈزسىز كېلىدۇ، ۋاقىتسىز ئاخىرلىشىدۇ. ھوقۇقنىڭ شەخسسىز ماھىيىتى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان زورۋانلىق ئۆز نۆۋىتىدە بالايى ئاپەت، ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق، سىياسىي كرىزىس، شەخسنىڭ تەلۋە ئىرادىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشخۇمارلىق قاتارلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ھوقۇقنىڭ ماھىيىتىدىن ئالغاندا، ئۇ بىر ئىرراتسىئوناللىق (ئەقىلگە ئىگە بولمىغان ئەقىلسىز) كۈچتۈر. دەل مۇشۇ يەردە بىز ئەپلاتوننىڭ پادىشاھ پەيلاسوپ ئىدىيىسىنىڭ ۋەزنىنى ۋە يوشۇرۇن مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز. بۇ ھەم بىزنىڭ مۇھاكىمىمىزنىڭ مەركىزىي قىسمى بولغان زىيالىيلىقنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يول ئاچىدۇ. ئەپلاتون ھوقۇق بىلەن ئەقىلنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھوقۇقنىڭ ئىنساننىڭ ئىستىكىنىڭ مەقسەتلىك نىشانى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تىزگىنلىمەكچى بولغانلىقى تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئىستىكى بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىستىكى كۆپىنچە ھاللاردا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قارىغۇلارچە كۆزلەشتەك خاھىشقا ئىگە. دەل ئەقىل ئىنساننىڭ توختاۋسىز زورىيىشنى ۋە كۈچىيىشنى كۆزلەيدىغان تەلىپىگە چەكلىمىنى تونۇشتۇرىدۇ؛ ئۇنى ئىجتىمائىي قائىدە- يوسۇنلارغا بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلايدۇ ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى سىستېمىسىغا ئۇيغۇنلىشىشقا چاقىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئىستەكنىڭ توسقۇنسىز ھالدا ئۆزىنى قاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى ئۆزگىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە، مەنپەئەتىگە ۋە ئىدىيىسىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كەلگەچكە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئەقىل ئوخشاشمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان ئىستەكلىرىنى كېلىشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئەقىلنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك توقۇنۇشلار كېلىشتۈرۈلگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىشىنىڭ ۋە ئۇنى قوغدىشىنىڭ ماھىيەتلىك ئامىلىدۇر.
ئەپلاتون بىلەن دېموكرىتۇس ئىككىسىنىڭ ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيىدە ئىپادىلەنگەن ئوخشاشمىغان ئىدىيىلىرى تۆۋەندىكى نۇقتىدا ئۈستمۇ ئۈست چۈشىدۇ: يەنى، ھەر ئىككىسى ئادەمنى شەرت قىلغان: گەرچە بۇ خىل پوزىتسىيە ھوقۇقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر بىز ھوقۇققا يېقىن كېلىشنى خالىمايدىغان دېموكرىتۇسچە ئالىم بىلەن ئەپلاتونچە مەشھۇر پەيلاسوپ پادىشاھقا زىيالىيلىقنىڭ مەنىسى بويىچە مۇئامىلە قىلساق، شۇ نەرسە ئېنىقكى، زىيالىيلار ئەزەلدىن ھوقۇق ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ھوقۇققا يېقىن كەلمەسلىكى ۋە ئارىلاشماسلىقىنىمۇ ھوقۇققا بولغان ئالاھىدە پوزىتسىيىسنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. دېموكرىتۇسنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئەقىللىق ئادەم ئۆزى مەشغۇل بولىۋاتقان ئىلمىي ئىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان بولۇپ، ھوقۇق ئۇنى قىزىقتۇرالمايدۇ. شۇڭا ئۇ يېپىق ھالەتتىكى ئادەم بولۇپ، ئىجتىمائىيلىقى تۆۋەن، يەككە- يېگانە ھەم ھەقىقەتنىڭ ئىزدەنگۈچىسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن زىيالىيلار دېموكرىتۇس تىپىدىكى زىيالىيلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھوقۇقتىن نېرى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات مەسلىكى قىلىشقان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھوقۇقنىڭ ۋەيران قىلغۇچ كۈچىدىن ھەزەر ئەيلسە، يەنە بەزىلىرى ھوقۇقنى ئەخلاقىي چېكىنىشنىڭ ۋە ھەتتاكى رەزىللىكنىڭ تۈپكى مەنبەسى دەپ قارىغان (چۈنكى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھوقۇققا يوشۇرۇنغان مەجبۇرلاش ۋە زورۋانلىق كۈچى بەزىلەر تەرىپىدىن رەزىللىك دەپ قارالغاچقا، ئەخلاقنىڭ ماھىيەتلىك نىشانى بولغان ياخشىلىق بىلەن سىغىشالمايدۇ). دېموكرىتۇسچە زىيالىيلىق بىلەن ئەپلاتونچە زىيالىيلىق بىزنى زىيالىينىڭ چەكتىن ئاشقان مۇنداق ئىككى خىل ھالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ: جاھاندىن بىخەۋەر ھالدا ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىزدىنىشلىرى بىلەن بەنت بولۇش ياكى زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ھوقۇققا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش ھەمدە ھوقۇققا ھەقنى سۆزلەش. ئالدىنقىسى ئارىلاشماسلىق ئەندىزىسىنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى ئارىلىشىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئەپلاتوننىڭ قارىشىدا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە خۇددى پەيلاسوپلاردەك كامالەتكە يېتىشى شۇنداقلا پەيلاسوپلارنىڭمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىدەك ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئالدىنقىسى شەخسنىڭ پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىشىنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى شەخسنىڭ قىممىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇكەممەللىك ۋە ئادالەتنى ئورنىتىشقا قاتنىشىشى ئارقىلىق تۇرغۇزۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەھالەنكى، زىيالىيلارنىڭ ھوقۇققا ئارىلىشىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە ئويلىنىشى ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشى مۇقەررەر ھالدا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ھوقۇقنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر قەدەر مۇقىم تەرتىپىنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ كاپالىتى، دەپ قارايدۇ. ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشلەر مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان كونسېرۋاتىپ مەسلەكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئەقلىي ئاساسنى تەۋرىتىپلا قالماستىن، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پسىخىك جەھەتتىكى ئىلگىرىكى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى بەدەل قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ مەۋجۇت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەقلىيلىقىغا ئىشەنگەن ھوقۇق يەنە بىر خىل ئەقلىي شەرھلەش ۋە غايە تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشنى ھەرگىزمۇ ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ.
ھوقۇق _ ئىمتىيازدۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا ئىستىخىيىلىك مەسئۇل بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزىنى قوغدىمىغان ھوقۇق ئۆز- ئۆزىنى ئىچكى ئىنكارلاش بولغاچقا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئەقلىي ئاساسىنى ئاللىبۇرۇن يوقاتقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زىيالىيلىق ھوقۇقنىڭ مەۋجۇت تەرتىپىگە خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەل ئانتى _ زىيالىيلىق (زىيالىيلىققا قارشى) ئېقىمىدۇر. تارىختا بۇ خىل يۈزلىنىش خېلى كۆپ يۈز بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر مەشھۇرراقلىرى شۇكى، سائىنت سىمون بىلەن كومتې ئىككىسى ھەددىدىن زىيادە ئەقلىيلىك ئانالىز ۋە مۇھاكىمە تەرتىپىنىڭ ئاساسلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، دەپ قارىغان. چىن سۇلالىسىدىكى كىتاب كۆيدۈرۈش ۋە يۈەن سۇلالىسىدە زىيالىيلارنى «سېسىق توققۇزىنچى» دەپ قاراشلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
كىتاب كۆيدۈرۈش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ناھايىتى ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كىتاب كۆيدۈرۈش مۇنداق قاراشنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، كىتاب ھەقىقەتنى باشقىلارغا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاسىتىدۇر. كىتابقا پۈتۈلگىنى ۋاقىتنىڭ يىراق ئېقىنلىرىدا كونترول قىلىش بەسى مۈشكۈل بولغان بىر تارىخىي ھۆججەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، كىتاب كۆيدۈرۈش ھوقۇقنىڭ ھەقىقەتنىڭ تارقىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇشىدىكى ئەسەبىيلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقەتنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇچىغا چىققان بىر خىل ئانتى كۇلتۇر ھەرىكىتىدۇر. شۇڭلاشقا، ھەقنى كىتاب ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرمەكچى بولغان زىيالىيمۇ تەبىئىي يوسۇندا كۆيدۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە كۆيدۈرىلىۋاتقىنى ئەركىن تارقىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىگە ۋە بىلىشىگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەقىقەتتۇر.
قەدىمكى گرىكلار ھەقىقەتنى «ئايان بولۇش»، «ئاشكارىلىنىش» ۋە «ئېچىلىش» دەپ چۈشىنەتتى، يەنى ئايانسىزلىق ۋە يوشۇرۇنلۇق ھالىتىدىكى ھادىسىنىڭ بىلىنىشى ۋە كۆرۈنۈشى ئەڭ تەگ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقەت ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەت سۇبيېكتنىڭ ئىختىراسى ياكى بايقىشى بولماستىن، بەلكى ھادىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزىدە ئايان قىلىشى ئىدى. ھەقىقەتنى كىتاب ئارقىلىق ئايان قىلىش بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوش مەنىگە ئىگە: ئۇ ئەسلى ئايان قىلىنغان، يەنى مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلانغان ھادىسىنىڭ كىتاب يۈزىدە ئۈستىلەپ ئايان قىلىنىشىدۇر. ھەقىقەتنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ھوقۇققا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. ئادەمنىڭ تەگسىز، قاراڭغۇ، قۇتراتقۇ ۋە چەكسىز ئىستىكىدە باشقۇرۇلىۋاتقان ھوقۇق ھەممىنى ئاشكارىلاش ھادىسىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ھەقىقەت بىلەن بىللە تۇرالمايدۇ. ئەمىسە ھەقنى ھوقۇققا قانداق سۆزلەش كېرەك؟
ھوقۇققا ھەقنى سۆزلەش ئادەمدىن ئىنتايىن چوڭقۇر ئادالەت تۇيغۇسىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا مۇشۇ مەسىلە بىزنى زىيالىيلىقنىڭ ئېتىكىلىق مەنىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. زىيالىيلىقنىڭ ماھىيەتلىك ئېتىكىلىق مەنىسى ئۇنىڭ ھوقۇق بىلەن بولغان ساقلانغۇسىز مۇناسىۋىتىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى ئەقىل ئىنساننىڭ ئىستىكىگە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چەكلىمىنى تونۇشتۇرغىنىدەك، ئەخلاقمۇ ھوقۇققا ئۇنىڭ چەكلىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دەل زىيالىيلار ھەم خەتەرلىك ھەم شەرەپلىك بولغان ئەخلاقىي ۋەزىپىنى − ئەخلاقنىڭ ئىنساننىڭ بارلىق ئىش- پائالىيەتلىرىنى، جۈملىدىن ھوقۇقنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر. ئۇلار ماھىيەتلىك ھەم ئاداققى ئەخلاقىي قىممەت بولغان ياخشىلىق ۋە ئادالەتنىڭ ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئىسپاتىلىغۇچىلاردۇر. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئادەمنىڭ تار دائىرىدىكى ئۆزلۈك دۇنياسىدىن چىقىپ ئۆزگىنىڭ كۈلپىتىگە ھېسداشلىق قىلىشىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىشىنى ۋە ئۆزىنى ھېچكىمگە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئاستىدا كۆرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىگە يۈكلەنگەن ياكى ئۆزى تاللىغان مەسئۇلىيەتنى ھېچكىمگە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىيالىغان زىيالىيلار ئۆزىنىڭمۇ ھېچكىم شېرىك بولالمايدىغان ئادەملىك مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ يېگانە قىممىتىنى ھېس قىلالايدۇ. ھېسداشلىق زىيالىيلىق ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاساسىدۇر. ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ھېسداشلىق ئىنساننىڭ ھوقۇقتىن ھالقىغان يېقىنلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئىنسان بىر- بىرىگە ھوقۇق يوقىتىۋېتەلمەيدىغان مانا مۇشۇ ئىپتىدائىي ئۆز ئارالىق ھېسسىياتىدا يېقىنلىشىدۇ ۋە بىر- بىرىنىڭ باشقا قىممەتكە ئالماشتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان پۈتۈنسۈرۈك ۋە يەككە قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
دوستويېۋىسكى دائىم: «مەن ھەممىدىن گۇناھكار» دەيدۇ: ئۇ چار رۇسىيە دەۋرىدە مانا مۇشۇ چوڭقۇر گۇناھ تۇيغۇسىدا تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ھوقۇقنىڭ زورۋانلىقى يوقىتىۋېتەلمەيدىغان غۇرۇرىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھ تۇيغۇسى ئۇنىڭ غايەت زور ھوقۇق ماشىنىسى ئالدىدىكى بەقۇرۇلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى بولماستىن بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئېزىلگۈچىلەرگە ۋە خورلانغۇچىلارغا بولغان تېگى- تېگىدىن كېلىدىغان ھېسداشلىقتۇر. ۋىجداننىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشتۇر. گەرچە يەككە شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى غايەت زور ھوقۇق ماشىنىسى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ ئاجىز، ئايانچىلىق ۋە تىترەڭگۈ ئاۋازى ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەخلاقىي ئىدېئالى بولغان ياخشىلىقنى ھوقۇققا سۆزلەيدۇ، ياخشىلىقنىڭ بۇ پانىي دۇنيادىكى تەقدىرىنى ئايان قىلىدۇ.
دوستويېۋىسكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بىر نەچچە سېكونت ئىلگىرىلا ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئامان قالغاندا، قۇشنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ ھاياتقا قايتىدىن كۆز ئاچىدۇ. ئۇنىڭ رۇس ئىمپېراتورلۇقىغا ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ئۇنى ئۆلۈم جازاسىدىن ئېلىپ سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىبىرىيىدە ئۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ سوغۇق ماھىيىتىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئۇنىڭ سەزگۈندىكى ھاياتى ئۇنى ھەرگىزمۇ رۇس روھىيىتىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ رۇس ھاياتىغا ئارىلىشىدۇ، ئۇنى ئويلايدۇ، ئۇنى يازىدۇ. دوستويېۋىسكىنىڭ قارىشىچە، زىيالىيلارنىڭ خەلقتىن ئايرىلىشى بىر تراگېدىيىدۇر. ئۇنىڭ نەزەرىدە پۇشكىن دەل رۇس خەلقىنىڭ غۇرۇرى ئىدى. ئۇ پۇشكىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پۇشكىن ئۆزىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان بۇ تەربىيە كۆرگەن جەمئىيىتىمىزنىڭ پرىنسىپال پاتالوگىيىلىك ھادىسىلىرىنى تۇنجى بولۇپ تەكشۈرگۈچى ۋە خاتىرىلىگۈچىدۇر. ئۇ ئالدىمىزغا بىزنىڭ سەلبىي سورتىمىزنى − كېلىشىشنى رەت قىلىدىغان، ئارامسىز، ئۆزىنىڭ زېمىنى ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە ئېتىقادى بولمىغان، رۇسىيىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدىغان ۋە ھەقىقىي ئازاب تارتىشنى رەت قىلىدىغان سورتىمىزنى قويدى.»③
ھوقۇققا «ياق» دېيىش ئىسيانكارلىق دەپ قارالسا، ھەقىقەتكە «ياق» دېيىش نومۇسسىزلىقتۇر. ۋەھالەنكى، ھەقىقەت كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى قوغدىغۇدەك ھالى بولمىغان ئىدىيە بولۇپ قېلىشتەك پاسسىىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئاسانلا يۈز ئۆرۈگىلى، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالغىلى، بۇرمىلىۋەتكىلى ۋە ھەتتا يوق قىلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ھېچكىم رەت قىلالمايدىغان سىرلىق كۈچى بار. بۇ كۈچ نەدىن كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن ھەقىقەت ئالدىدا ھەممە ئادەم تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ بۇنى يەنىلا يۇقىرىقى گرېك ھەقىقەت قارىشى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىيلىقنىڭ بىزنىڭ ئىرادىمىزدىن تاشقىرى تۇرىدىغان ئۆزلۈكىدىن ئايان بولۇش كۈچى سۇبيېكتىنىڭ سەزگۈ ۋە چۈشىنىش دائىرىسىگە بۆسۈپ كىرەلەيدۇ. گەرچە ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىۋالغىلى بولسىمۇ، ئۇ ئاللىبۇرۇن ھازىردا بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئاللىبۇرۇن بىزگە ئايان بولغان، يەنى مەۋجۇتلۇقىنى ئايان قىلىپ بولغان. شۇڭا، ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئايانلىقى ئۇنىڭ يوقاتقىلى بولماس پاكىتچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەقىقىي زىيالىيلار ھەقىقەتنىڭ ئايان بولۇشىنىڭ گۇۋاھچىلىرىدۇر. ئۇلار ھەقىقەتكە ئىگە چىققۇچىلاردۇر. ھەقىقىي زىيالىيلار ھەقىقەتنىڭ ۋەزنىنى ئەڭ چۈشەنگۈچىلەردۇر: سوقرات تۆھمەت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندە، برۇنو ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندە، مارتىن لۇتېر ئۆزىنىڭ چۈشىنىشى ئاخىرلاشتۇرالماي قەستكە ئۇچرىغاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەتىل قىلىنغاندا، ئۇلار ھەق تەرىپىدىن تاللانغان، ھەقنى ئىزدىگەن، ھەقنى سۆزلىگەن، ھەققە ساھىب چىققان ۋە ھەققە قايتقانىدى.
4. زىيالىيلىقنىڭ ئۆلچىمى
«زىيالىي» دېگەن ئاتالغۇ غەرب دۇنياسىدا 1898- يىلىدىكى فرانسىيىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان. برۇنتېرنىڭ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشىگە كۆرە، زىيالىي دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم سىياسىي مەسىلىلەردىكى غۇرۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلارنى، شۇنداقلا ئىلىم- پەندىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنى، داڭلىق يازغۇچىلارنى، پروفېسسولارنى، سەنئەتكارلارنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇ تەبىرنىڭ لوگىكىلىق ئاقىۋىتىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەنى، ئەگەر بىرى جەمئىيەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ غۇرۇرىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان سانسكرىت تىلىنى ياكى ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلسا ھەمدە ئەخلاقىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە باشقىلاردەك سەزگۈر بولمىسا، ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرالمىسا، ئۇنى يەنە زىيالىي دېگىلى بولامدۇ؟
يۇقىرىقى زىددىيەت بىزنى زىيالىيلارنىڭ كۇلتۇر قىممىتى بىلەن ئىجتىمائىي قىممەتتە ئوينايدىغان ئوخشاشمىغان رولىنى ئايرىپ تەھلىل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىجتىمائىي قىممەت مەلۇم جەمئىيەتنىڭ ئىلغار ئاڭ فورمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنىلەرنى كۆرسەتسە، كۇلتۇر قىممىتى مەلۇم جەمئىيەت تەرىپىدىن شۇ جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق دەپ قارالغان ئىدىيىلەر، ئۆرپ- ئادەتلەر ۋە ئىشىنىشلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز زىيالىيلارغا مۇئەييەن كۇلتۇر مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارىتا ئالاھىدە مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن كۇلتۇر جاماسىدە باشلامچىلىق رول ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ توپى دەپ باھا بەرسەك، ئەلۋەتتە ئۇلارغا پەقەتلا مەدەنىيەت ئاچقۇچىلار سۈپىتىدە قارىغان بولىمىز. لېكىن، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مۇئەييەن جەمئىيەتتە ئارتقۇرماقچى بولغان ئىجتىمائىي رولىنى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ شۇ جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىمىز. ئالفرېد ۋېبېر جەمئىيەتتىن بىخەۋەر ھالدا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئۆزىنىڭ كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلغان زىيالىيلارنى «ئىجتىمائىيلىققا ئۆزىنى ئاتىمايدىغان زىيالىيلار» دېگەنىدى. بۇ گرامسىچە ئەنئەنىۋى زىيالىيلارنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدۇر. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كۇلتۇر قىممىتىنى ياراتقۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىزدىنىشىگىلا بېرىلگەن ماتېماتىك ياكى مۇزىكانتنى ناھايىتى كەڭچىل مەنىدىن ئالغاندا زىيالىي دېگىلى بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قاتنىشىش نۇقتىسىدىن زىيالىي دېگىلى بولمايدۇ. مېكېلانېجېلو لېئوناردو داۋىنچىنى فلورېنسىيىلىكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىككە پەرۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىپلىگەندە، دا ۋىنچى ئۆزىنى تەستە ئاقلاپ مۇنداق دېگەنىدى: «دەھەقىقەت، گۈزەللىك ھەققىدىكى ئىزدىنىش مېنىڭ ئەس- يادىمنى ئىگىلىۋاپتۇ.» بۇ يەردىكى قۇتۇلغۇسىز سوئال شۇكى، ئەجەبا گۈزەللىك، ئىلىم- پەن، تارىخ ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئەس- يادىمىزنى ئىگىلىۋېلىشى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كۈندىلىك ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى ئەس يادىمىزنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەكمۇ؟ سوقراتتىن تارتىپ شۇ نەرسە ئايان بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، گۈزەللىك، ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىدا بىر- بىرىدىن ئاداققى نۇقتىدا ئايرىلمايدۇ. گۈزەللىك ئىنساننى ياخشىلىققا يېتەكلىيەلەيدۇ، گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشىلىق ئىزدىگۈچىدۇر.
ئىلمىگە ئېرىشكەنلىك ياكى ئۇنىڭدا كامالەتكە يەتكەنلىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە دۇنيانىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سەگەك كاللىغا ۋە ئۆتكۈر نەزەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. زىيالىيلىقنىڭ ئەخلاقىي يۈزلىنىشى ۋە مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆزگىگە مەسئۇل بولۇش زىيالىيلىقنىڭ ماھىيەتلىك ئەخلاقىي بۇرچى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئىلىم- پەننىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن تۈزۈلگەن ئەخلاقىي چەك- چېگرىسى بولمىغان بىلەن، ئۇنىڭغا ئىگە بولغۇچىنىڭ باردۇر. خۇددى ئىلىم ھەقىقىتىنى ئىزدەش ھەقىقەتنى بايقاشقا بولغان كەسپىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ئايرىلمىغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئورتاق ياشاش مۇھىتى ھەققىدە، ئادىمىيلىك قىممىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە، باشقىلارنىڭ دەرد- پەريادى ھەققىدە ئويلاش، سۆزلەش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى ئىزدەش ئادىمىيىلىك مەسئۇلىيىتىدىن ئايرىلمايدۇ. بۇ ھەقتە فرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېخ كەميۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن، ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئارىلىشىشىمىز كېرەك. ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنغان ۋە ئېتىپ تاشلانغان كان ئىشچىسى، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى قۇللار، مۇستەملىكە ئاستىدىكىلەر، پۈتۈن دۇنيادىكى جازالانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سۈكۈتى ۋە ئۆزلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغۇچىلارغا مۇھتاجدۇر. مەن بىرىنچى ماقالەمدىن تارتىپ ئاخىرقى كىتابىمغىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدىم، ئېھتىمال بۇلار بەك كۆپتۈر؛ بۇنىڭ سەۋەبى پەقەتلا شۇكى، مەن ئۆزۈمنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئاتىغان، ئەگەر باشقىلار سۈكۈت قىلسا ياكى ئۇلارغا ئىككى خىل ھاقارەتتىن بىرنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بېرىلسە، ئۇلار ئۈمىدتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ، بىز ئۇلار بىلەن بىللە.»④
5. زىيالىيلىق ۋە مەشھۇرلىنىش ھادىسىسى

بىز يۇقىرىدا زىيالىيلىقنىڭ ئەخلاقىي مەنىسىنى قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەمدى بىز ئۇنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ئەخلاقىي مەنىسىنى، يەنى ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مەسئۇلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە چېتىلىدىغان قىسمىنى زىيالىيلارنىڭ ئىجتىمائىي مەشھۇرلىنىش ھادىسىسى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل ئېلىپ بارىمىز. شۇنداقلا مەزكۇر تېمىنى تېخىمۇ ئوبدانراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن 20- ئەسىر پەلسەپە تارىخىدا مەشھۇر بولغان ھايدېگگېر بىلەن لېۋىناس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شەخسنىڭ ھالقىلىق تارىخىي مىنۇتلاردىكى ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۆرىدىگەن مۇھاكىمىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، زىيالىيلارنىڭ مەشھۇرلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ چەكلىشى ئاستىدا بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتكە قاراپ چىقىمىز.
مارتىن ھايدېگگېر (1889-1976) «مەۋجۇتلۇق ۋە ۋاقىت» دېگەن كلاسسىك پەلسەپە ئەسىرى بىلەن 20- ئەسىر غەرب پەلسەپىسىگە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن گېرمان پەيلاسوپى. ئۇ ئۆزىدىن كېيىنكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇرراقى فرانسىيە پەيلاسوپى سارت(Sartre) ۋە دېررىدا (Derrida) دۇر. بەزىلەر ھايدېگگېرنى غەرب پەلسەپە تارىخىدىكى بۈيۈك پەيلاسوپلار قاتارىدا سانايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك باھا ئۇنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇغۇچىسى ۋە كېيىنچە «ئىلىم دۈشمىنى» گە ئايلانغان يەنە بىر يېتۈك پەيلاسوپ ئېممانۇئېل لېۋىناس (1905-1995) تەرىپىدىن بېرىلگەن. فرانسىيە يەھۇدىي پەيلاسوپى ئېممانۇئېل لېۋىناسنىڭ قارىشىچە، ھايدېگگېر چوقۇم غەرب پەلسەپە تارىخىدىكى تۆت گىگانت پەيلاسوپنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك، ئۇلار ئەپلاتون، ئارىستوتېل، كانت ۋە خېگېل. لېكىن لېۋىناس ئۆزىنىڭ ھايدېگگېرگە بولغان يۈكسەك باھاسى ئارقىسىدىن ئۇلىشىپ كېلىدىغان مۇنۇ تراگېدىيىلىك ھەقىقەتكە، يەنى ھايدېگگېرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىزمغا ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئىبارەت بۇ «پەلسەپەدىكى تراگېدىيە» گە بولغان ئەپسۇسلىنىشنىمۇ يوشۇرمايدۇ. لېۋىناسنىڭ قارىشىچە، ھايدېگگېر ئۆزىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق ئىرقىي يوقىتىشقا سۈكۈت قىلغانلىقىغا چوقۇم مەسئۇل بولۇشى كېرەك. لېۋىناس ئۆزىنىڭ «ئوخشاشمايدىغان ئەركىنلىك» دېگەن كىتابىدا: «بىز نۇرغۇن گېرمانلارنى كەچۈرىمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى مەڭگۈ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، ھايدېگگېرنى مەڭگۈ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ» دەپ ئۆزىنىڭ ئېنىق چەك- چېگرا ئايرىشتەك مۇرەسسەسىز پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇستازىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتىسىسلارغا ھېسداشلىق قىلىشى (بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ھايدېگگېر ناتىسستىزمغا بىۋاسىتە قاتناشقان) بىلەن ئۆزىنىڭ گېرمان جازا لاگېرىدا كۆرگەن كۈلپەتلىرى لېۋىناسنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدە چوڭقۇر بۇرۇلۇش ياسىغان، نەتىجىدە، لېۋىناس ھايدېگگېر قاتناشقان ناتسىستىزم ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئۇرۇشقا (ياكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق ئۇرۇشقا) بىر خىل مېتافىزىكىلىق ھادىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۆزىنىڭ قەدىمكى يەھۇدىي ئەخلاق ئىدىيىلىرىگە قايتىش روھىي بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان شۇنداقلا ھادىسەشۇناسلىق مېتودى ئارىلاشقان پەلسەپىسىنى ياراتقان. بۇ ئارقىلىق لېۋىناس كىشىلەرنى ياۋروپا مېتافىزىكىسىنىڭ ئۇل ئىدىيىلىرى بولمىش ئەركىنلىك (دېكارتتىن باشلانغان ھازىرقى زامان غەرب پەلسەپىسىدە بۇ ئىدىيە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاكسىئومىلىق ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان) ۋە ھۇمانىزملىق (ئىنسانپەرۋەرلىك) ئىدېئالى ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىغا دەۋەت قىلغان. ئۇ پۈتكۈل غەرب مېتافىزىكىسىنىڭ ئۆزلۈكنى (بۇ ئۆزلۈك لېۋىناسنىڭ چۈشىنىشىچە، ئۆزگىنى ئۆزىگە تارايتىش، بويسۇندۇرۇش ۋە يوقىتىشىنى كۆزلەيدىغان ۋە شۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولىدىغان شەخسىيەتچى ئۆزلۈكتۇر؛ بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، پۈتكۈل غەرب مېتافىزىكىسى ئۆزگىنىڭ ئۆزلۈك تەرىپىدىن يوقىتىلىشىنى يوشۇرۇن قوللاش خاھىشىغا ئىگە) يادرو قىلىشتەك ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىش ئارقىلىق (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خۇددى قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان) بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنى كۈنسېرى ئەستىن كۆتۈرۈلىۋاتقان چوڭقۇر ئەخلاقىي ئاڭ، ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت قاتارلىقلارغا قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىشكە دالەت قىلغان. ئۇنىڭچە، ئۆزگىنىڭ ھالقىمىلىقى مەننىڭ ئۆزلۈك مەركەزچىلىكىدىن ئىلگىرى ھەم ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك: مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكتىن ھەر ۋاقىت ۋە ئاللىبۇرۇنلا ئىلگىرى ھەم ئۈستۈندۇر. لېۋىناسنىڭ ئېدمۇند خۇسسېرلدىن باشلانغان ۋە ھايدېگگېرنىڭ فۇندامېنتال ئونتولوگىيىسىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ھادىسشۇناسلىق پەلسەپە ئېقىمىدىن ھالقىغان پەلسەپىسى ئەنئەنىۋى يەھۇدىي مەدەنىيىتىدىكى ئەخلاق بىلەن ئۇنىڭ مەسىلىلىرىگە بولغان ئالاھىدە سەزگۈرچانلىقىنىڭ ۋە ھالقىمىلىق خاھىشنىڭ (بۇنىڭدا ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي ئالاقىدە خۇدانىڭ ھەر ۋاقىت زاھىر بولۇپ تۇرىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) بىر خىل پەلسەپىۋى ئىپادىسى بولۇپ يەھۇدىي دىنىدىكى خۇدانىڭ يەتكۈزۈلۈشكە بۇيرۇلغان ۋەھىيلىرىنى ۋە يەھۇدىي پەيغەمبەرلىرىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان ئېتىكا تەلىملىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ پەلسەپىسىدە زوراۋانلىق، قىزغىنچىلىق ۋە يوقىتىلىش گىردابىدىكى ئۆزگىنىڭ (بۇ ئۆزگە بەلكىم قەدىمكى يەھۇدىي دىنىي كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان تۇل خوتۇن، ماكانسىز، كەمبەل ۋە يات ئادەم بولۇشى مۇمكىن) ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يۈزىدە پارلاۋاتقان «قاتىللىق قىلما» دېگەن مۇقەددەس ئەھكامغا جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئۇ بۇنى خۇدانىڭ ئۆزگىنىڭ يۈزىدە قالدۇرغان ئىزناسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ چاقىرىق ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن جاي ئالغان ئادەملەر تاللاشتىن ئىلگىرى ئادەملەرنى تاللىغان ياخشىلىقنى ياكى ئىزگۈلۈكنى ئويغىتىدۇ.
ماقالنىڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلسەك، لېۋىناسنىڭ ھايدېگگېرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇرەسسەسىز يوسۇندا سۈرۈشتۈرۈشىنى ھايدېگگېرنىڭ ناتسىسىزم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىنلا بولغان دەپ چۈشىنىش تولىمۇ ئاددىيلىقتۇر. چۈنكى لىۋىناس بۇ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئىچكىرىلگەن ھالدا ھايدېگگېرنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىلىرىدىن ئىزدىگەن. لېۋىناس بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، ھايدېگگېرنىڭ پەلسەپىسى مەننىڭ ئۆزلۈك بايقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزگىدىن پايدىلىنىدىغان ۋە ئاخىرىدا ئۆزگىنى پۈتۈنلەي ۋە ئىزچىل ئىنكارلايدىغان ئەنئەنىگە ئىگە غەرب مېتافىزىكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىللىك پەلسەپىسىدۇر، دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، لېۋىناس مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، بىر زىيالىينىڭ مەسئۇلىيىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قەدىمكى يەھۇدىي كۇلتۇرى ئىدىيىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ۋارىسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. خۇددى قەدىمكى يەھۇدىزمدا خۇدا بىلەن يەھۇدىيلار تۈرلۈك ھاياتلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە كېلىشىم (توختام) تۈزگەنگە ئوخشاش، ئەسەرمۇ ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ تاشقىلىشىشى (ئەسەرلىشىشى) ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمىدۇر ياكى ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسەر ئاپتورنىڭ ئىسمى بىلەن ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمىدۇر. بۇ كېلىشىم گۇۋاھچىلار، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ نازارەت خۇدانىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان نەزىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتور بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرى ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ بۇزغىلى بولمايدىغان كېلىشىم مەۋجۇت دېگەنلىك ئاپتورنىڭ ئۆز ئەسىردىكى ھەربىر سۆز، بەلگە ۋە ئىدىيە ئۇنىڭ كېلىشىمىگە قول قويۇشى بولغاچقا، ئۇ ئۇلارغا پۈتۈنلەي مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر. لېۋىناسقا نىسبەتەن، بۇنىڭ ئەندىزىسىنى يەھۇدىزمدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادىكى ھەربىر سۆز ھەرىكىتى ۋە ئىدىيىسى ئۈچۈن خۇداغا ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەجدادلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىكى شەرتلەرگە ئاساسەن زامان ئاخىرىدا بىرمۇ بىر ھېساب بېرىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، لېۋىناس ھايدېگگېرنى ئەسىرىدىكى، ھەرىكىتىدىكى ۋە ئىدىيىسىدىكى ھەربىر سۆزگە، بەلگىگە ياكى مەزمۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن بىراۋ شۇنى سورىماي تۇرالمايدۇكى، ھايدېگگېر پەلسەپە ساھەسىدىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا گېرمانلاردىن كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە مەڭگۈ كەچۈرەلمەسلىكى كېرەكمۇ؟ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەخلاق جەھەتتىمۇ خۇددى پەيغەمبەرلەردەك مۇكەممەل بولۇشى كېرەكمۇ؟ پەيلاسوپنىڭ ئەسىرى ئۆز گۇناھسىزلىقىنى ئۆزىنىڭ ئاپتورى − ياراتقۇچىسى بولمىش پەيلاسوپ بىلەن بولغان نىسبىي مۇستەقىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ساقلاپ قالالمامدۇ؟ بىزنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپلاردىن ياكى يازغۇچىلاردىن ئەخلاقىي مۇكەممەلىك تەلەپ قىلىشىمىز ئۇلارنى ئاۋۋال ئىدېئاللاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئادىمىيلىككە ئىگە شەخس سۈپىتىدە كۆرۈشكە قايتالماسلىقىمىز ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ قۇتۇلغۇسىز ئاقىۋىتىمۇ؟ بۇ سوئاللار بىزدىن مەسلىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنى بۇ يەردە قىيناۋاتقان مەسىلە، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىي بولغان ھايدېگگېرنىڭ نېمىشقا باشقىلاردىن كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە نەپرەتكە دۇچار بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتۇر. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ھېچ بولمىغاندا زىيالىيلار ياكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نېمىشقا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەسىلىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشتە، تەۋەككۈلچىلىككە تولغان مۇنداق بىر ئىلمىي قىياس بىزنىڭ بۇ ئاخىرى چىقماس مۇھاكىمىنى تۈگەللىشىمىزگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. مەن مەشھۇر روھ ئانالىزچى مېلېيىن كلېيننىڭ ئىدېئاللاشتۇرۇش (idealisation) دېگەن ئۇقۇمىنى لېۋىناسنىڭ ھايدېگگېرگە تۇتقان مۇرەسسەسىز پوزىتسىيىگە تەدبىقلاپ كۆرمەكچى ۋە شۇ ئارقىلىق زىيالىيلىقنىڭ ئېتىكىلىق مەنىسىنى يېڭى كۆرۈش بۇلۇڭى بىلەن تەمىنلىمەكچى. مېلېيىن كېلېيىننىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتنىڭ ئىدېئاللاشتۇرۇلۇشى ماھىيىتىدىن ئالغاندا ۋەيران قىلغۇچ قوزغىلىشلارغا (ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى (drives, قارشى بولغان بىر خىل قوغدىنىش مېخانىزمىدۇر؛ بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئىدېئاللاشتۇرۇش «ياخشى» ئوبيېكتىنىڭ يۈكسەلدۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇ «ياخشى» ئوبيېكت بىلەن «يامان» ئوبيېكت ئوتتۇرىسىدىكى چەك چېگرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئورۇن ئالغان. شۇڭا «ياخشى» ئوبيېكتقا مۇمكىنچىلىكتىكى پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەشكەن. ئىدېئاللاشتۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ سۈپەتلىرى ۋە قىممىتىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسەتكە، ئىدېئال ئوبيېكت ئىندىۋىدۇئال سۇبيېكتىنىڭ ئاتالمىش ئىدېئال كىشىلەرنى بەرپا قىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. (مېلېيىن كېلېيننىڭ ئېدىئاللاشتۇرۇش ھەققىدىكى قاراشلىرى ج. لاپلانس ۋە ج. ب. پۇنتالىسلار تۈزگەن «روھ ئانالىزنىڭ سۆزلۈكلىرى» دېگەن لۇغەتتىن پايدىلىنىلدى). مەن ئىدېئاللاشتۇرۇشنىڭ بىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك مېخانىزمىنى ئانالىز قىلماي، پەقەت ئۇنىڭ بىر قەدەر كەڭ مەنىدىكى ئېتىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە شەرھلىمەكچى.
ئېيتقىنىمىزدەك، «يامان» ئوبيېكتنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدىنىشتىكى مېخانىزم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىدېئاللاشتۇرۇلغان «ياخشى» ئوبيېكت ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات ساقلىنىپ قېلىشىغا پايدىلىق بولغان مەلۇم ئوبيېكىتقا ئاڭسىز ھالدا ئۈستلەپ قىممەت يۈكلەپ ئۇنى ئىدېئاللاشتۇرۇش (يۈكسەلدۈرۈش) جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە ئىدېئاللاشتۇرۇلغان ئوبيېكت پۈتكۈل پەزىلەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق جۇغلانمىسىغا ۋە شەخس قوغداپ قالماقچى ۋە ياقلىماقچى بولغان (ئىجتىمائىي) قىممەتنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلىنىدۇ.
زىيالىينىڭ مەشھۇرلىنىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىدېئاللىشىش ئامىللىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان، يەنى مۇئەييەن شەخسلەرنىڭ (تار دائىرىدىن مەلۇم كۇلتۇر كوللىكتىپى تەرىپىدىن، كەڭ دائىرىدىن ئالغاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەرىپىدىن) مەشھۇرلىنىپ ھۆرمەتلىنىشى، ياخشى كۆرۈلۈشى ۋە ھەتتا ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىدېئاللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل مەنىۋى جەريان نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي مەشھۇرلۇق ھادىسىسى يەنە نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىلغان، لېكىن بۇ ئامىللار مېنىڭ نۆۋەتتىكى تەھلىلىمنىڭ ئوبيېكتلىرى ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ھەققىدە توختالمايمەن. مەشھۇر زىيالىيلارنىڭ ئىدېئاللىشى، ئۆزىنىڭ كەڭ مەنىدىكى ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسىدىن ئالغاندا، كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا بويسۇنغان، ماسلاشقان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇئەييەن قىممەتلەرنىڭ مەلۇم شەخسلەردە ئەكس ئېتىلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. كوللېكتىپ ئۆزىنىڭ ھايات ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلەرنى مەلۇم شەخستە كۆرۈشتەك ئاڭسىز خاھىشچانلىقنى تەبىئىي ھالدا ھازىرلىغان. (بەلكىم بۇنى يەنە كارل گۇستاف يۇڭنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلىگىلى بولۇشى مۇمكىن) ياكى ئۇنىڭدىن كۈتىدۇ، ياكى باغلايدۇ. نەتىجىدە ئۇ شەخس كوللېكتىپ قوغدىماقچى بولغان قىممەتنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇش سۈپىتىدە ئالاھىدە نەزەردە قارىلىش ئوبيېكتىغا، يەنى پۈتۈنلەي سىمۋوللۇق قىممەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ. مەشھۇر زىيالىيلار ئۆزىگە مەنسۇپ بولماي قالىدۇ! بىز بۇ خىلدىكى شەخسلەرگە كوللېكتىپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ- ئارمانلىرىنى باغلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن باشقىلاردىن ھەرگىز كۈتمەيديغان نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىغا ناھايىتى ئاسانلا دىققەت قىلالايمىز. دېمەككى، مەشھۇر زىيالىيلار كوللېكتىپنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان سىمۋولغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەردە مەشھۇر زىيالىي بولۇش ھادىسىسىنىڭ دىققەتكە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان يەنە بىر يۈزى بار: سۇبيېكتىپلىقىدىن ئايرىلغان زىيالىي كوللېكتىپنىڭ ئىستىكى، ئارزۇ- ئارمانلىرى ۋە غايىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىغا خىزمەت قىلىدىغان ياكى خىزمەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ۋاستىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ئىدېئاللاشتۇرۇلىشىنىڭ ئىستىخىيىلىك مەنىۋى پائالىيەت ئەمەس (يەنى ئۇ ئۆزىگە مەقسەت بولىدىغان پائالىيەت ئەمەس) بەلكى كوللېكتىپنىڭ ياكى مەلۇم ئىندىۋىدۇئالنىڭ پسىخىك تەڭپۇڭلۇق ۋە قوغدىنىشقا ئېرىشىشكە ئىنتىلىشىنىڭ ئەگەشمە مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت يادىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك.
مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، مەشھۇرلىنىش كاتېگورىيىسىدىن يەر ئالالايدىغان زىيالىيلىق، يەنى ئاپتورلۇق، پەيلاسوپلۇق، يازغۇچىلىق، شائىرلىق ۋە ئالىملىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ (كىتابخانلارنىڭ) مەدەنىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋە مۇئەسسەلىرىنىڭ (قانۇننىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقىي تەرتىپلەرنىڭ) قىممەت ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك چەكلىمىسىدە بولىدۇ. چۈنكى زىيالىيلىق دەل ئاشۇ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى ۋە ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا ئۆزىنى تاشقىيلاشتۇرالايدۇ ۋە ئىجتىمائىيلاشتۇرالايدۇ.
يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزنىڭ يەكۈنى بىزنى زىيالىينىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاپىرىدۇ: زىيالىي قاچانكى مەدەنىيەت كوللېكتىپىنىڭ ۋە ياكى ئىنسانىيەتنىڭ تەلىپى، ئېھتىياجى ۋە غايىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىمىسا ياكى ئۇنى رەت قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۇ ئۆتۈشى زۆرۈر بولغان مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. زىيالىينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، يەنە بىر مەنىدىن ئالغاندا، ئىجتىمائىي كۇلتۇر توپىنىڭ زىيالىينىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ غايىسىنى نەزەرگە ئالماسلىقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا، لېۋىناس شۇنى دادىللىق بىلەن ئېيتالايدۇكى، ھايدېگگېر ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقتىن، دىندىن ۋە مىللەتتىن خالىي بولغان ئۆزئارا مېھرىبانلىق ھېسداشلىق ۋە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ غايىسىگە ئاسىيلىق قىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھايدېگگېر بىزنىڭ ئۇنى گىگانت پەيلاسوپ دەپ قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭدا رېئاللىشىشنى ئارۇز قىلغان (پەيلاسوپلۇققا ياندىشىپ كېلىدىغان) ئەخلاقىي قىممەتلىرىگە بولغان كۈتۈشىمىز ۋە تەلىپىمىزنى يەردە قويدى. لېۋىناسنىڭ تەنقىدى شۇنداق بىر نۇقتىئىينەزەرنى ئۆزىگە يوشۇرۇن ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، يېتۈك پەيلاسوپ ۋە كۆزگە كۆرۈنگە زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھايدېگگېر گېرمان خەلقنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ سەگەك ۋە مەسئۇلىيەتچان غۇرۇرىغا ئايلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ھايدېگگېر خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن كىشى ئۈمىد قىلغىنىدەك، ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىق ھەققىدىكى ئىدېئاللاشقان سىمۋولىغا ۋە شۇ ئارقىلىق رەزىللىكنى ئىنكار قىلىشتىكى ئەخلاقىي قوغدىنىش مېخانىزمىنىڭ سىمۋوللۇق ۋەكىلىگە ئايلىنىپ، ياخشىلىقنىڭ ئىدېئاللاشتۇرۇشىغا ھامىي بولۇشتەك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇ رولنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى دەل ئۇنىڭ ئىدېئاللاشتۇرۇش يۈكلىگەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ھالقىلىق مىنۇتلاردا رەت قىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.
لېكىن، بۇنداق تەنقىدنىڭ بىزنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ئاسارىتىنى تېزلا بايقىيالايمىز. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، لېۋىناس بىلەن ھايدېگگېر ئوتتۇرىسىدىكى زىيالىيلىق بىلەن مەسۇلىيەتنى چۆرىدىگەن يۇقىرىقى مۇرەككەپ دىئالوگ ئەمەلىيەتتە ئۆزلۈكنىڭ ئەركىنىكى بىلەن ئۆزگىلەر قوبۇل قىلغان ۋە ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان قىممەتلەر تەلەپ قىلىدىغان مەسئۇلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تاشقىي ئىپادىسىدۇر. چۈنكى ھايدېگگېر ئېھتىمال يەنە بىر خىل شەرھتە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز ئۈستىگە يۈكلىگەن تەلەپلىرىدىن ئۆزىنى ئەركىن تۇتالىغان ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىغا بويسۇندۇرالىغان شەخس دەپ قارىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ نۇقتىئىنەزەرگە كۆرە، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدىغان ئەركىن تاللىشى ئۇنى ئىدېئاللاشۇرۇلۇشنىڭ ئېزىتقۇلۇقىدىن (باشقىلار تەرىپىدىن يۈكسەلدۈرۈلۈشكە تۆلەيدىغان بەدەللىرىدىن) ھالقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭدىنمۇ، بۇ خىلدىكى قاراش ئۆزىنى ئۆزى ھەرگىز قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان كۆرۈنمەس رامكا ئىچىدە كۆرىدۇ. بىز شۇنى ئەڭ ئاداققى ئەمەلىيەت سۈپىتىدە بايقايمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە ئادەمگە مەسئۇلىيەت ھېس قىلدۇرالايدىغان ۋە ئارتالايدىغان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارشى ۋە ئۆلچىمى بار ھەمدە ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۇنىۋېرسالكى، ئۇ ھەممە ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدىكى ھاياتلىقنىڭ ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ داۋاملىشىش ۋە يۈكسىلىشىنى مەقسەت قىلغان. مانا بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئىدېئاللاشتۇرۇلغان قىممەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى مەسئۇلىيەتكە بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇرلىيالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
6. ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىق

ئەمدىكى خىزمىتىمىز زىيالىيلىق ھەققىدە بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن نەزەرىيىۋى بايانلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى زىيالىيلىق ھادىسىسىنى قىسقىچە تەكشۈرۈپ چىقىشتۇر.
ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە كۇلتۇر ھادىسىسىدۇر. كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىدىن قىسقىچە تەھلىل قىلىمىز: ئۇلار دىنىي، ئىلمىيلىك ۋە سىياسىي نۇقتىلاردۇر. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ دىنىي مەنىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى كۆپ دىنلارغا كۆچۈش ھەرىكىتى داۋامىدا زىيالىيلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ يېڭى دىننى قوبۇل قىلىشتا ئوينىغان خىزمىتى قوش ياقلىمىلىق بولدى: بىر تەرەپتىن ئۇلار يېڭى دىننىڭ روھىنى ئەينەنرەك يەتكۈزۈشكە كۈچىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئۇيغۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي كۇلتۇرى بىلەن مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن كېلىشتۈرۈش يولىنى تۇتتى. گەرچە زىيالىيلارنىڭ يېڭى دىنغا كۆچۈشكە تۇتقان پوزىتسىيىسى زىتلىق ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ دىنىي ماداراچىلىقتا ئوينىغان روللىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. (ئەلۋەتتە يېڭى دىنغا كۆچۈۋاتقان خەلقنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ كونا دىنىي تەركىبلەرنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۇنچە ئاسانلا يوقاپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەب شۇكى، ھەر قانداق ئىبادەت شەكلى تەكرارلىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ قېلىپلاشقان شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئىبادەتچى بىلەن ئىبادەت ئوبيېكتى ئوتتۇرىسىدىكى تايىنىش مۇناسىۋىتىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. بەزىدە بۇ روھنىڭ پاكلىنىشىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول دەپمۇ قارىلىدۇ. مانا مۇشۇ تەكرارلىق − تەكرارلاش − ئېتىقادچىلارنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئۆزىنىڭ ۋاقىت ئاسانلىقچە يوقىتىۋېتەلمەيدىغان ئىزىنى سېلىپ ماڭىدۇ). بۇ يەردە شۇ نەرسە ئالاھىدە تەكىتلىنىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قايسى دىننى قوبۇل قىلغان ۋاقتى بولسۇن، زىيالىيلار يېڭى دىننى شەرھلىگەندە ئۇنى ئەسلىدىكى روھىي بويىچە شەرھلەشكە دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ كۇلتۇرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ناھايىتى قەدىمىي بولغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە پەقەت ئۆزلىرىگىلا مەنسۇپ بولغان بىر يۈرۈش مىستىك قاراشلىرى، ئالەم قاراشلىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرىگە ئاڭسىز ۋارىسلىق قىلدى. دۇنيانىڭ مەنىسى، ھاياتلىقنىڭ تۈرلۈك جەريانلىرىنى ئاۋامغا يېڭى دىننىڭ سىستېمىلىق دىنىي قاراشلىرى ئارقىلىق شەرھلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان زىيالىيلاردا كۆرۈلىدىغان ئېلاستىك شەرھلەش ئۇسۇلى، يەنى يېڭى دىننىڭ ئورتودوكساللىق قاراشلىرى بىلەن ئۆز كۇلتۇرىنىڭ ئەنئەنىۋى شەرھلەش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈشى، بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يېڭى دىننىڭ ئاۋام ئارىسىغا تېزرەك تارقىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان يېڭى دىننى ئۆز كۇلتۇرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىلىرى بىلەن بېيىتتى.
شۇ نەرسە بىزنى داۋاملىق ھەيران قالدۇرىدۇكى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلاردەك كۆپ دىنغا كۆچكەن مىللەت دۇنيا تارىخىدا كەم تېپىلىدۇ. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىلغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراق بىرى دەل دىنىي خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان زىيالىيلاردا كۆرۈلگەن قىياندەك ئېقىپ كېلىۋاتقان يات دىننىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قوبول قىلىنىشىغا قارىتا ئۇيغۇر كۇلتۇرىدىن جاي ھازىرلاش خىزمىتىنى خېلى ئۇتۇقلۇق ئىشلىگەنلىكىدۇر. مانا مۇشۇ زىيالىلارنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بوي سۇنۇشى ۋە دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار قايسىلا دىننى قوبۇل قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشى كۆپ ھاللاردا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. تاكى قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرىسىدا دىنىي نىزا سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ئۇرۇش بولغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا دىنىي مەزھەپچىلىك ئۇرۇشى كەمدىنكەم يۈز بەردى.
ۋەھالەنكى ئۇيغۇز زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي خىزمىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا مۇستەقىل ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولماي كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى كۆپ ھاللاردا دىنىي مەنىلەرنى خەلققە چۈشەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىق تۇرمۇشىنى يېتەكلەش، خانلىقنىڭ ئەخلاقىي مۇكەممەللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاتنىشىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە ئاتىدى. مەيلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوردىسىدىكى دىنىي ئەربابلار، مەيلى قاراخانىلار خانلىقى ئوردىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئۆلىمالار، مەيلى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى يۇقىرى مەرتىۋىلىك بۇددا راھىبلىرى ۋە ياكى ئافاق خوجىنىڭ دەرگاھىدىكى نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ۋە مەيلى خانىقا- مەدرىسلەردىكى ئەينى زاماننىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرىدىغان مەشھۇر مۇدەرىسلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي بۇرچىنى يەكدىللىق ۋە بىر خىل بۇرچ سۈپىتىدە ئادا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنىلا مەۋجۇت ھوقۇق قۇرۇلمىسىدا ئىنتايىن نازۇك روللارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشتىن ئۆزىنى تارتالمىدى. ئۇلار كۆپ ھاللاردا دىنىي نوپۇز ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بولغان مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولدى؛ ھەتتا بەزى زىيالىيلار ئەتىۋارلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەرتىپىنى توغرا يولغا سېلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ مەنىۋى تەركىبلىرى بولغان ئاۋامنىڭ روھىي يېتىلدۈرۈشىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلاندى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ ئىچكى زۆرۈرىيىتىگە ئۆزىنى ئاتىغانلىقى ۋە ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ ۋاسىتىسى بولغانلىقىدىندۇر.
ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سوپىزم مەسلىكىنىڭ دىيارىمىزدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىنىي رولىغا ئىنتايىن كۆپ سەلبىي تەركىبلەرنى قاتتى. ئەزەلدىن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ يولى ۋە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز دىنىنىڭ ئەڭ ئورتودوكسال شەرھىيىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن خەلق بۇ قېتىممۇ بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلام دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ۋە دىنىي چۈشەنچىلىرى بويىچە ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەپسىر قىلىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، سەئىدىيە خانلىقىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى غايەت زور بولغان. ئىسلام دىنى تەرىپىدىن بېرىلگەن، گۇمانلىنىشقا ۋە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىمتىيازنى سۈيىئىستېمال قىلىش، شۇنداقلا دىنىي تەپسىر ۋە پەتىۋا چىقىرىش يولى بىلەن، زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەسلىككە خۇدانىڭ يولىغا ئاتالغان ھەممە دىنىي پائالىيەتلىرىنى، شۇنداقلا مۇراسىملىرىنى، روھىي دۇنياسىنى، تۇرمۇش شەكلىنى، ئىقتىسادىي ھاياتىنى تىزگىنلەپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىسلامدىن ياتلاشقان رادىكال ۋە ھەتتاكى سوپىزمنىڭ ئەڭ پاسسىپ راۋاجى بولغان نىھىلىزمچە دىننىي ئىدېئولوگىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىسلام مائارىپىنىڭ مۇشۇ ئىدېئولوگىيىنىڭ ئاسارىتىگە ئۇزاق ۋاقىت چۈشۈپ قېلىشى، بۇ خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىشىنىڭ زىيالىيلىق ئاساسىي بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىنىي كۇلتۇرىدا ئەسىرلەپ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بۇ ئىدېئولوگىيە ئۆزىنىڭ ئىسلام ئەسلىيىتىگە قايتىش ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن ئىسلاھ قىلىنىشقا بولغان مۇھتاجلىقىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئىسلام دىنىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى روھىغا ئەكىلىش ۋەزىپىسى تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام تۈرك دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن دىنىي ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى بىلەن ئۇچراشقان ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىچە ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلگە ئاشمىدى.
ئەمدى نەزەرىمىزنى ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ ئىككىنچى مەنىسىگە، يەنى ئۇنىڭ ئىلىم- پەنلىك رولىغا، تىكىمىز. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا شائىرلارنىڭ ۋە باشقا سەنئەتكارلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن سىرت مەھمۇد قەشقەرىدەك يېتۈك تىلشۇناسلارمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىق ئەنئەنىسىدە ئۆزىگە خاس رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ زىيالىيلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئۇلارنىڭ ئەسەر يېزىشى ئۆزىنىڭ نام شۆھرىتىنى چىقىرىشىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتنىڭ ۋە كۇلتۇرىنىڭ ئەۋەزللىكىنى ئاڭلىق ھېس قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشىدە ۋە شۇ ئارقىلىق كوللېكتىپ كۇلتۇر كىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا كۈچىگەنلىكىدە كۆرۈلدى.
يۇقىرىقى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» دە يېتىلمەكچى بولغان نىشان بىردۇر: ھەر ئىككىيلەن تۈركىي تىللارنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن قېلىشمايدىغان ئەۋزەللىكلىرىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىيات ئېلىپ كەلگەن كۇلتۇر كىملىكىنى ۋە ئۇنىڭ خاسلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار ئەمگىكىنىڭ سەمەرىلىك تەرىپى شۇكى، ئۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ دىنىي كىملىكىدىن سىرت ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم كىملىكى بولغان كۇلتۇر كىملىكىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغۇچىلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مېھنىتى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ ھەقىقىي كوللكېتىپ ئۆزلۈك ئېڭى سۈپىتىدە رەسمىي تىكلىنىشىگە ئاساس بولۇپ قالدى.
يەنە بىر تۈركۈم زىيالىيلار ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ كۇلتۇر ھاياتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەزمۇنلىرىنى ئىپادە قىلدى. مەسىلەن: يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەھمەد يۈكنەكنى قاتارلىق ئېتىكىشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن شەرق ئېتىكشۇناسلىقىدىكى مۇھىم ئامىل بولغان پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق روھنىڭ تاكامۇللىقىغا ئېرىشىش خاھىشىنى بايقايمىز. بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىكا ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قېلىپلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر تۈركۈم شائىرلار، مەسىلەن، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىقلار ئەسەرلىرىدە شەرق شېئىرىيەت ئەنئەنىسىدىكى نۇرغۇن ئامىللارنى ئىپادىلەشتىن تاشقىرى، تېخىمۇ مۇھىمى يەرلىك كۇلتۇرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىنىمۇ جىددىي ھېس قىلدى. ئۇلار شاھ مەشرەپتىن باشلانغان مۇنۇ يېڭىچە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە، يەنى ئەدەبىياتنىڭ يەرلىك كۇلتۇر ھاياتىنى ئىپادىلەش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى داۋاملىق تۈردە شەرق ئەدەبىياتىدىكى زىيادە رومانتىكىلىققا پېتىپ كېتىشتىن تەدرىجىي ئازاد قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ئىنتايىن يېقىن بىلىنىدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەجرىبىسىنىڭ ئوبيېكتى بولغان كۈندىلىك ھاياتنى يېزىشقا − يەرلىك كۇلتۇر رېئالىزمغا قايتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ئارقىلىق يەرلىك كۇلتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس تەجرىبىلىرىنى ئىپادىلىشى خەلققە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇشتا ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا يەرلىك كۇلتۇر كىملىكى ئېڭى تۇرغۇزۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان روللارنى ئۆتىدى. خەلق سەنئەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە مۇھتاج بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە داڭلىق شەخسلىرى جەلپ قىلارلىق ۋە ھەقىقىي تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى تونۇشقا، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشكە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىلىدىن ئۆزگىچە شەكىلدە زوق ئېلىپ تۇرۇشقا مۇھتاج. بۇ ئارقىلىق خەلق ئۇ كۇلتۇرىنىڭ ئىنتايىن باي ئەخلاقىي قىممەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشپلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ سۈپىتىدىكى مەنىۋى يۈكسىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىيات ئارقىلىق خەلق ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگىچە سېزىمچانلىقتا تۇيالايدۇ، ئىپادىيەلەيدۇ. ئەدەبىيات ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھاياتقا قاتنىشىشنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر.
ئابدۇرېھىم نىزارى بىلەن موللا بىننى موللا يۈسۈپلەرنىڭ ئالدى بىلەن قىلغىنى دەل خەلقنىڭ ئەدەبىيات ئارقىلىق كۆرمەكچى بولغان ئۆزلۈك ئوبرازىنى يارىتىش بولدى. مەسىلەن: ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «رابىئە سەئىدىن» داستاندا ئىپادىلەنگىنى يەرلىك كۇلتۇرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولغان رېئال ۋەقەلىك بولۇپ، شەرقنىڭ ئەدەبىياتىدا قايتا - قايتا يېزىلغان «لەيلى- مەجنۇن»، «ۋامۇق- ئۇزرا» ۋە «پەرھاد- شېرىن» قاتارلىق ئۆزگە كۇلتۇرغا خاس پروتىتىپلىق ئوبرازلاردىن پەرقلىنىدۇ؛ بۇ ئارقىلىق نىزارى يەرلىك خەلقنىڭ ھېس- تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭلىق تونۇدى. ئۇنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز كۇلتۇرىنىڭ ئايرىملىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى تەكتىلدى. يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىيات بىلەن خەلقنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتى بۇزۇپ تاشلاندى، خەلق ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئۆزىنىڭ كۇلتۇرىغا تەۋە بەدىئىي شەكىلدە ئىپادە قىلدى ۋە ئۇنى ئەسلى ھالىتى ئارقىلىق ھېس قىلىش ۋە ئاڭلىق تونۇش باسقۇچىغا كىردى. بۇ خىل يۈزلىنىش 20- ئەسىرگە كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدا تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. دېمەك، ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ ئىلىملىك مەزمۇنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سەنئەتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بارغانسېرى يەرلىك كۇلتۇر ئېڭى ۋە كىملىكىنى بايقاشقا ۋە تۇرغۇزۇشقا بولغان تىنىمسىز خىزمەتلىرى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىدۇر.
ئەمدى نەزىرىمىزنى ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ سىياسىي مەنىسىگە يۆتكەيمىز. ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ سىياسىي مەنىسى ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كۆردى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىنىي خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىشى، زىيالىيلارنىڭ يات ئەللەردىن، مەسىلەن، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كىرگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىزملار يەنى كوممۇنىزم، پانىيچىلىق (زەمەنىزم)، ئىسلام ئەسلى تەرىقەتچىلىكى قاتارلىق رەڭگارەڭ ئىزملار بىلەن تونۇشۇشى ۋە ئۇزاق ئەسىرلىك بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلغان بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭ يات ئەل كۇلتۇرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلۈك ئوبرازىنى نوقۇل دىنىي خىزمەتلەر ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىگىلا باغلاپ چۈشىنىشتىن قۇتۇلۇپ، نەزىرىنى خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇق تەقدىرىگە تىكىشكە، ئۇ ھەقتە ئويلىنىشقا باشلىدى. جەمئىيەتكە ئارىلاشماي ئۆزىنىڭلا كويىدا يۈرۈش ھەم خۇدانىڭ ئۇ ئالەملىكى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىش خاھىشىنىڭ ئورنىنى رېئاللىقنىڭ جىددىي تەلىپى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تەخىرسىز مەسىلىلەر مەسىلەن، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دىنىي ئىدېئولوگىيىنى كونترول قىلىۋالغۇچىلارنىڭ نوپۇزىغا زەربە بېرىش ئارقىلىق دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنىي تەرتىپنى ئورنىتىش، مائارىپ ئارقىلىق ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، خەلقنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئويغىتىش قاتارلىقلار ئېلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر تۈرتكىلىك سەۋەبى سوپىزم مەسلىكىنىڭ تەسىرىگە ئەسىرلەپ ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىسلام ئېتىقادىغا كۈچلۈك گۇمانىزملىق نۇقتىدىن قاراپ چىقىش بولدى.
مەسىلەن، مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇقادىر داموللام ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق رىياكار موللىلار تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ ۋە مەۋجۇت سىياسىي ھوقۇقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇرمىلىنىپ كەتكەن دىنىي تەرتىپكە يېڭىباشتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى شۇ بولدىكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنىڭ فورمالىزملىق ۋە ئاخىرەتچىلىككىلا ئاتالغان دىنىي ئېتىقاد مەسلىكى بولۇپ قېلىشىنى كەسكىن رەت قىلىپ، دىننى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كەلدى. يەنى، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھىغا − ئىسلامنىڭ تەرەققىيپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر، ئورتودوكسال ۋە ئېتىكىلىق قىممەتلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشتەك روھىغا قايتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلغاندا «خار» ۋە «زەبۇنلۇق» تىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن تۈپكى ياشاش ھوقۇقى مەسىلىسىگە جاۋاب تاپماقچى بولدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىنىي ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ رېئال مەنىسى ئۇنىڭ سىياسىي غايىسىدە كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەب، ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ دىنىي ئاقارتىش بىلەن سىياسىي ئويغىنىشنى بىر- بىرىدىن ئايرىلماس ئىككى تەرەپ سۈپىتىدە چۈشەنگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان دىنىي ئاقارتقۇچى بولۇپ قالدى.
شۇنى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەسكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆز زامانىسىغا كۆرە بىر يۈرۈش ئىلغار قاراشلىرى ئۇنىڭ بەختسىز ئۆلۈمىدىن كېيىنكى نۇرغۇن زىيالىيلارغا دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەش ۋە قوزغىتىش رولىنى ئۆتىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەلتۆكۈس ئەمەلگە ئېشىپ كەتمىگەن بىر يۈرۈش دىنىي ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدىلەتىن يېتىلىۋاتقان ئىدىيە قاراشلىرى توپىدىكى پانىيچىلىق (زەمەنىزمچىلىك: بۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇت قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە بۇ دۇنيادىن ماددىي ۋە روھىي يۈكسىلىش تېپىشنىڭ ئاخىرەتلىككە يۈزلىنىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان دىنىي مەسلەكتۇر) بىلەن باقىيچىلىقنىڭ (يەنى بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى، ھادىسىۋى ۋە ماھىيەتسىزلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئۇ دۇنيانىڭلا ئېتىقادچىلار ھەقىقىي قوغلىشىشقا تېگىشلىك ئاداققى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت باقىيچىلىق قارىشىدا دىنىي پەرھىزچىلىك − دىنىي ئېسكېتىزم − تەركىبلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا روھنى پانىيلىقتىكى ئۆزگىرىشچانلىق، تەننىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىدىن ھالقىتىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتقا قايتۇرۇشتەك ئىستەك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەسلەكنى تېخىمۇ كەينىگە سۈرسەك، ئېھتىمال ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ئەپلاتوننىڭ ئىككى دۇنياچىلىق قارىشىدىن تېپىش مۇمكىن) زىددىيەتلىك مۇناسىۋىتىنى تېپىش مۇمكىن. ئابدۇقادىر داموللام ئەينى دەۋردىكى بىر تۈركۈم تاتار زىيالىيلىرىدىن قوبۇل قىلغان مەسلەكلەر ئۆز دەۋرىگە كۆرە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن زىيالىيلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئىنكاسى ئىدى: يەنى ئۆز دەۋرىنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت كىلىماتىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىۋېرسال دىنىي تەرتىپنى ئورنىتىشنى كۆزلەيدىغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى قارىشى بىلەن يەرلىك كۇلتۇرنىڭ پەقەت پانىيچىلىق مەسلىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدىلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولغان گۈللىنىش ۋە مەۋجۇتلۇق مەسىلىلىرى ئىدى. ئالدىنقىسىدا بەزى چاغلاردا ئىسلام دىنىي ئىسلاھاتى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىسلاھاتى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىزدەيدىغان دىنىي ئوتوپىيىلىك قاراش ئالغا سۈرۈلسە، كېيىنكىسىدە يەرلىك كۇلتۇر كوللېكتىپىنىڭ پانىيلىق خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كونكرېت مەۋجۇدلۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئىنتىلىش خاھىشى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىش ئىنتايىن تەس بولغان زىددىيەت ماھىيەتتە دىنىي كۇلتۇر بىلەن مىللىي كۇلتۇرنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۈستمۇئۈست چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ماھىيەتلىك پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن زىيالىيلار يۇقىرىقى ئىككى خىل كۇلتۇر شەكلىنى بىر- بىرىگە كېلىشتۈرۈشنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ سىياسىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنى ھە دېگەندىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بىلەن تەمىنلىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن تاتار زىيالىيلىرى ئەنئەنىۋى دىنىي خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى؛ بەزىلىرى بولسا كۆپرەك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە رادىكال سىياسىي مەسلەكلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق دىنىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولدى. سىياسىي پراگماتىزملىق ئىدىيىگە بارغانسېرى مايىل بولۇش ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىدا ۋە ئۆزلۈك ئوبرازىدا (ئۆزىنى قانداق كۆرۈشىدە) ئۆزگىرىش ياسىدى. زىيالىيلىقنىڭ دىنىي مەنىسى ئىجتىمائىي ھالەت ۋە سىياسىي غايە بىلەن مادارا قىلىشتەك يېڭى يۈزلىنىشكىمۇ تاقەت قىلىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي مەسلەككە خىزمەت قىلىشقا بۇيرۇلۇشتەك رولىنى ئەمدى داۋاملىق ئېلىۋېرىشنى رەت قىلىپ، قويۇق ۋە بەزىدە رادىكال ھەم پانىيچىلىق ئىدېئولوگىيىسى بىلەن كۆپ ھاللاردا ئارىلىشىپ كېتىدىغان مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ۋە تەرغىباتچىسىغا ئايلاندى. بۇ ئېقىم ئۆز نۆۋىتىدە چوڭ تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيىسى بىلەنمۇ ئارىلىشىپ كەتتى.
گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىدىيىسىدە ئىپادىلەنگىنى يۇقىرىدا بىز قىسقىچە ئارقا كۆرۈنۈش سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مۇرەككەپ ئىدېئولوگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالغان خەلقنىڭ زىيالىيسىنىڭ كوللېكتىپ سىياسىي كىملىك بىلەن دىنىي كىملىكنى بىرلەشتۈرۈش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئەينەن كۆرۈنۈشى بولدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە ئەكس ئەتكەن يۇقىرىقى مۇرەككەپلىكلەر ئۆز دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرىغىمۇ ئورتاق ھالەت ئىدى؛ بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىقىغا خاس بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ تىپىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. شۇنىسى، يۇقىرىقى مۇرەككەپ زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھەل قىلىنىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، پانىيچىلىق بىلەن باقىيچىلىق، ئۇنىۋېرسال ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن يەرلىك كۇلتۇرنىڭ ئۆزىنى بەلگىلەشكە ۋە ئىپادىلەشكە بولغان ئىنتىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىر تارىخىدىكى ھەربىر ئۆزگىرىشكە ئۆز تامغىسىنى بېسىپ ماڭدى.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۈيقەستلىك ئۆلۈمىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان يەنە بىر تۈركۈم زىيالىيلار مەسىلەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار سىياسىي ئاڭ ۋە غايە جەھەتتە ئالدىنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ پانىيچىلىق يولىنى تۇتتى. ئۇلارنىڭ يات ئەللەردە ئۇچراشقان ئىدىيىلىرى ئۇلارنى شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشەندۈرگەنكى، ئۈزۈل- كېسىل مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، ھەقىقىي سىياسىي ئاڭنى ۋە ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەب ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەقىقىي پراگماتىزمچىلار دېيىشكە بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىق قارىشىنى كۈچلۈك ئەمەلىي ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. يۇقىرىقى زىيالىيلارنىڭ ئالدى بىلەن قىلغىنى ئاكا- ئۇكا مۇسابايوپلار ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە باشلىغان تۇنجى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ مۇكەمەللىككە ۋە ئەمەلىيلىككە ئىگە قىلىش بولدى. ئۇلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنەتتىكى، ئۇيغۇرلاردا يېڭىچە مائارىپ ئارقىلىق باشلانغان ئاقارتىش ئىدىيىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەم ۋە چوڭقۇرلۇقتا ئېلىپ بېرىشلا بارلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئۇلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى ئۇلارنىڭ ئانتونىئو گرامسى ئېيتقان «ئورگانىك زىيالىيلار» غا ئايلاندۇرغانىدى.
لېكىن، ئۇلارنىڭ غايىسى مەۋجۇد سىياسىي ھوقۇق تەرىپىدىن تەھدىت دەپ قارىلىپ، ئۇلار شەپقەتسىزلەرچە قەتىل قىلىندى. شىڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق يوسۇندا قەتىل قىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلار تارىخىدىكى قانلىق بەت بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئاشۇ دەۋرلەردە توپتوغرا بىر ئەۋلاد ئۈمىدلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، قەدىمدە كۇلتۇر ياۋايىلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغان «كىتاب كۆيدۈرۈش» ۋەقەسىدىكى ئانتى- زىيالىيلىق ئۆزىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئەرۋاھىنى كىشىلەرگە قايتا نامايان قىلدى. ئەگەر كىمكى ھوقۇققا ھەقنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى كۆيدۈرۈلگەن كىتابتەك يوق قىلىنىدۇ.
ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ شۇنداقلا ئۇلار كەبى نۇرغۇنلىغان ئۈمىدلىك ۋە تالانتلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سىستېمىلىق قەتىل قىلىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇققا ھەقنى سۆزلەيدىغان تېخىمۇ نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تېزلەشتۈردى. بۇ ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن زىيالىيلار شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، سىياسىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىش ۋە ئالدىنقى دەۋردىكى زىيالىيلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش ھەققىدىكى تامامەن پىشىپ يېتىلمىگەن غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەش كېرەك ئىدى. نەتىجىدە سىياسىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە پراگماتىزملىق سىياسىي مەسلەك سۈپىتىدىكى ھەرىكەت پروگراممىسى ئىچكى- تاشقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۈركىسىدە مەيلى ئۇ ئۆزلۈكىدىن پىشىپ يېتىلگەن ياكى سۈنئىي مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بولسۇن ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ تەقەززا دەل سىياسىي كۈرەشنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولغان قوراللىق كۆرەشكە تەرەققىي قىلىشى ئىدى. گومىنداڭچىلارغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مانا مۇشۇ تەقەززانىڭ مەھسۇلى ئىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىق تارىخىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ دەۋرىنى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھەرگىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان ئانتى- زىيالىيلىق ھوقۇق زومىگەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇشى ياكى ئۇنىڭ ستالىن قاتارلىق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى سەۋەبىدىن ئاللىبۇرۇن مەغلۇپ بولۇشىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك سۈپىتىدە بېكىتىلىپ بولۇنغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن ئاسانلىقچە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان پەرقلىق سىياسىي ۋە دىنىي مەسلەكلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشى ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسلەكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن تاللىشىنىڭ مەھسۇلى دېگەندىن كۆرە، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاللىشى − ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا ئالاھىدە قىسمەتكە قېلىشنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاقىۋىتىنىڭ سەۋەبى دېگەن تۈزۈك ئىدى. بۇ مەسلەكلەر يىغىپ ئېيتقاندا، كوممۇنىزم مەسلىكى، پان ئىسلامچىلىق ئەقىدىسى ۋە چوڭ تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيىسى ئىدى. بۇ مەسلەكلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشى تېخى ئەمدىلا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي ئورنىنى، يەرلىك كۇلتۇر كىملىكىنى ۋە ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئاڭلىق بىلىۋاتقان ۋە قۇرۇپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قارىشىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى ۋە ئېنىق لاگىرلارغا بۆلۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى بىر - بىرى بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە ئاپاردى. مەسىلەن، گەرچە كوممۇنىزم مەسلىكى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسى ئۇنىۋېرسال ئادالەتلىك جەمئىيەت قۇرۇشتەك يۈكسەك غايىدە بىر- بىرى بىلەن سىغىشالىسىمۇ، لېكىن بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاداققى مەنىۋى تۈۋرۈكى مەسىلىسىدە قەتئىي چىقىشالمايتتى. يەنى، ئىسلام دىنىدا ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرق ۋە مىللەت پەرقى بولمىغان جەمئىيىتىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدە ئىسلام شەرئىتى بويىچە ئورناتقان جەمئىيەتنىڭ ئۆرنىكى بويىچە بەرپا قىلىنىشى تەرغىپ قىلىناتتى. لېكىن كوممۇنىزم مەسلىكى كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى ئىرقىي، دىنىي ۋە مىللىي پەرق يوقالغاندىلا بەرپا بولىدىغان پانىيلىق خاراكتېرى كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال غايە ئۈستىگە قۇرۇشنى تەرغىب قىلاتتى. ئالدىنقىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى يېتەكچى قىلاتتى، كېيىنكىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە كىمنىڭ ئىگىدارلىق قىلىشى، ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ بەلگىلەشچانلىقى ۋە پرولىتارىياتنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. دېمەك، 40- يىللاردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەسلىدىن كېلىشەلمەيدىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بىر- بىرى بىلەن كېلىشەلمەيدىغان سىياسىي تاللاشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئاقىۋەتتە ئىچكى بۆلۈنۈش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئوخشىمىغان سىياسىي مەسلەككە خىزمەت قىلىشقا قالغان زىيالىيلار بىر قەدەر ھالقىما كۆزىتىش بوشلۇقىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى مەسلەكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن ئەنئەنىۋى سىياسىي غايىسىنى بىر تەرەپلىمىلىككە تولغان رادىكاللىق خاھىشلىرىغىمۇ ئىگە قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ دىنىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي مەنىسى يۇقىرىدا بىز قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندەك بىر قەدەر مۇرەككەپ قاتلاملارغا ئىگىدۇر. مانا مۇشۇ زىيالىيلارنىڭ قايسى مەسلەكنى تاللىشى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى تۇرمۇشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا يارىتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ كەلمەكتە. ئەمدى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەيدىغىنىمىز، ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يۇقىرىقى تەھلىلىمىزنىڭ بايانى سۈپىتىدە قىسقىچە تەھلىل قىلىشتۇر.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىزنى ئۇنى يېڭىچە مائارىپ ئارقىلىق بارلىققا كېلىشكە باشلىغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تېخىچە ئاياغلاشمىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنىڭ ئىچىگە قويۇپ تەكشۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھېلىھەم ئابدۇقادىر داموللام زامانىسىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا گاھى كۈچلۈك، گاھى ئاجىز تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مۇنۇ تۈپكى ئىدىيىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىشىنىشى ياكى بىر قەدەر تۆۋەن نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېسداشلىقىنى يوقاتقىنى يوق. مەۋجۇد مەسىلىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى بويىچە جاۋاب ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش، ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە تۈزەش ئېلىپ بېرىش ئۇنچە يېڭىلىق ئەمەس، تارىختا بۇنىڭ ئۈلگىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىنىي نوپۇز ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىشى نېگىزلىك ھالدا ئۇلارنىڭ ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش غايىسىدە كۆرۈلىدۇ. يەنى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىگە ئىسلام دىنىنىڭ قاتتىق ئورتودوكسال ئەمرى مەرۇپلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى مەسىلىنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كەسكىن دىنىي ئەھكام بولۇشتىن تاشقىرى يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي ھاياتىدىكى قىبىلنامە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىدا ۋە ھەرىكىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش ئويى كۆپ ھاللاردا كۈتۈلگەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنتايىن نۇرغۇن تەرەپلەردىن چۈشەندۈرگىلى بولسىمۇ، تۆۋەندە پەقەت تېما ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە تەرەپنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن يۈزە ۋە فورمال تەرىزدە چۈشىنىۋېلىنىشى، ئەخلاقىي تەربىيىدىكى ئۇچىغا چىققان يۈزەكىلىك ۋە شەكىلۋازلىق، ئەخلاق ئىلمىنىڭ مۇنتىزىم پەلسەپە ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى، باشقا ئەللەرنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلماسلىقى، جۇڭگونىڭ ئاستا- ئاستا كېيىنكى سانائەتلىشىش دەۋرىگە كىرىشى بىلەن كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشنى قوغلىشىش بىلەن ئەخلاقىي قىممەت ئوتتۇرىسىدىكى ساقلانغۇسىز توقۇنۇش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاق كۇلتۇرىنىڭ نەزەرىيىۋىلىككە كۆتۈرۈلمەسلىكى، ئەنئەنىۋى ئائىلە قارىشىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك كرىزىسقا ئۇچرىشى، دۇنيادا كۈنسېرى مودا بولۇۋاتقان خېدونىزمچە (سەزگۈ ئەزالارنىڭ ھوزۇرىنى قوغلىشىدىغان شادىمانپەرەسلىك پەلسەپە ئېقىمى) ياشاش قارىشىىڭ يېڭىباشتىن باش كۆتۈرۈشى، ئاياللار ھوقۇقى مەسلىكى (فېمىنىزم) نىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ھەم يەرلىك ھەم دۇنياۋى نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزىتىشىمىزنى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدىشىمىزنى تەلەپ قىلىدى. شۇڭا ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلغان بولۇپ، ئەخلاقىي ئىسلاھاتچىلىق مۇقەررەر يوسۇندا مۇرەككەپلىككە ئىگە.
شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ مەنبەسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئېدىئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىشىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قارالدى. لېكىن، ئەخلاق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا غەربكىلا ئارتىپ قويۇش نۇرغۇن زىيالىيلارنى گەرچە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەۋاتقاندەك قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرسەتسىمۇ، رېئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. زىيالىيلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى بىلىپ- بىلمەي مەۋجۇت ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆزلىرىنى ئەپقاچتى. چۈنكى غەربنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ قۇربانلىق بۇيۇمىغا ئايلىنىشى بۇ زىيالىيلارنى مەسىلىنى ئۇنىڭ ھەقىقىي رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇراتتى. شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ جامائەت پىكرىنى بىر قوللۇق كونترول قىلىش ئىستىكىنى قاندۇرۇشىغا پايدىلىق ئىدى. خۇددى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى كېسسېنگېر بىر قېتىملىق نۇتقىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىدەك، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ دوستلۇقىدىن كۆرە دۈشمەنلىكىنى بەكرەك ئۈمىد قىلاتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇلار خەلقنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا ئۇلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ھەققىي ئىشەندۈرەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېدىئولوگىيىلىك ئىمتىيازىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيتتى.
بۇ زىيالىيلارنىڭ ئامېرىكىنى ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىشنىڭ مەنبەسى دەپ قارىشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا جىنسىيەت تەرغىپ قىلىنغان كىنو- فىلىملىرى سەۋەبىدىنلا ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى غەربنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىنتايىن يۈكسەلگەن ئەخلاق ئىدىيىسىنى ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى، مەسئۇلىيىتى، ۋىجدانى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، مېيىپلار ھوقۇقى، لىبېرال مائارىپ ئىدىيىسى، ئادالەت قارىشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئىنتايىن كەڭرى ۋە چوڭقۇر ئەخلاق قارىشى سىستېمىسىنى ۋە ئەمەلىيىتىنى نەزىرىدىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تار دائىرىدىكى ئەخلاق قارىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەخلاق مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزىنى تونۇشىنى ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە قىلدى.
ئەخلاق مەسىلىلىرىنى نوقۇل ۋە ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە ھالدا جىنسىيەت مەسىلىسى دەپلا قارىۋېلىش بىر تۈركۈم زىيالىيلاردىكى ئەجەللىك خاتالىقتۇر. ئەلۋەتتە جىنسىيەت مەسىلىسى ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ سەزگۈر ئەخلاقىي مەسىلىلىرىدىن بىرى، لېكىن ئۇ بىردىنبىر ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن فرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسسانىڭ «دونداق» دېگەن ھېكايىسى ئۆرنەك خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ھېكايىدىكى ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەن پاھىشە ئايالنىڭ ئۆز دۈشمىنىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىنى رەت قىلىشى، بىزگە ئەخلاقنىڭ جىنسىيەت كاتېگورىيىسىدىن ھالقىيدىغان قىسمىنى، يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئېتىكىلىق قىممەت دەرىجە پەرقىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ھېكايە يەنە ئەخلاقنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا تەۋە ئالاھىدىلىكنى يەنى يەككە شەخسنىڭ مەيلى ئۇ قانداق ئەخلاقىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كوللېكتىپنىڭ تەقدىرىگە ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئاڭسىز كۆڭۈل بۆلۈشتەك خاھىشقا ئىگىلىكىدەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. جىنسىيەت بىرخىل يەككە- يېگانە ھادىسە بولماستىن بەلكى ئىنتايىن چوڭقۇر كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ بوشلۇقى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ كۆپ ھاللاردا دىنىي، ئەخلاقىي ۋە مىللىي ئاڭنىڭ يوشۇرۇن تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ نوقۇل جىنسىيەت مەسىلىلىرىدىن سىرت يەنە ئەركىنلىك، مەسئۇلىيەت، بۇرچ، ئىنسانلىق ھوقۇقى، ياخشىلىق، ئادالەت، ۋىجدان، بەخت قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىۋى تېمىلىرى بولۇپ، ئۇلار شەخسنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي ھەرىكەت دائىرىسىنى كۆزىتىشتىكى ۋە ئۇلار ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇملاردۇر. جىنسىيەت مەسىلىسىنىمۇ ئەخلاق نۇقتىسىدىن يۇقىرىقى بىر يۈرۈش ئۇقۇملار دائىرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلايمىز.
ئۇيغۇر زىيالىيلىقىدا نۆۋەتتە ئەڭ تەخىرسىز بولۇۋاتقان مەسىلە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەنقىدلىشى ياكى ماختىشى ئەمەس بەلكى مۇشۇ خىزمەتنى قىلىدىغان ئۆزلىرىنىڭ ئالدى بىلەن زادى قانداق بولۇشى ھەققىدىكى ئۆلچەمنى تېپىپ چىقىشىدۇر. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەشھۇرلىنىش ھادىسىسىدا تارىختىن بېرى كۆپ كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئەخلاق مەسىلىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن چىقىپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردۇر. زىيالىيلىرىمىزدىكى كوللېكتىپ ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ھەققىدە ئويلىنىش نۆۋەتتىكى بارلىق ئەخلاقىي ئويلىنىشنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك. چۈنكى زىيالىيلار كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ تەلىپىگە كۆرە، بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئېسىل قىممەتلىرىگە سىمۋول بولۇشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە بارلىق ئەخلاقىي قىممەتلەرنىڭ ئەكس ئېتىلىشىمۇ بولۇشى كېرەك. ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، زىيالىيلىقنىڭ مەشھۇرلىنىشى كوللېكتىپنىڭ ئىدېئالىغا خىزمەت قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغاچقا، ئۇلار كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ رېئاللىشىشىدىكى ۋاسىتىدۇر. ھەرقانداق شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئىرادە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن زىيالىيلاردىن، مەشھۇر بولماقچى ھەم بولغان زىيالىيلاردىن مۇئەييەن ئەخلاقىي مۇكەممەللىكنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى كوللېكتىپ ئىرادىگە كۆرە، ئەخلاقنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك قىممەت شەكلى بولغان ياخشىلىق دەل كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر زىيالىيلار بۇنى رەت قىلسا ياكى بۇ تەلەپنى ئورۇندىيالمىسا، تەبىئىي ھالدىلا كوللېكتىپنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ. بۇ كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئىچكى زۆرۈرىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. لېكىن تارىختىن بېرى نۇرغۇن مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھالقىلىق مىنۇتلاردا كوللېكتىپ كۈتكەن ئەخلاقىي تەلەپنى قايتا- قايتا يەردە قويۇپ كەلدى. بۇ، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەخلاق توغرىسىدا ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان ۋەزلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويدى. كوللېكتىپ ئىرادە زىيالىيلاردىن ئەخلاقى ئاڭ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنى كۈتۈش جەھەتتە ئەخلاقى مۇكەممەل بولۇش مەسلىكىنى (Perfectionism) ياقىلايدۇ. ئۇ زىيالىيلاردىن ئاڭ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇشنى مۇرەسسەسىز تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەرقانداق بىر زىيالىيدىن ئەقىل ۋە پەزىلەت جەھەتتە كەمكۈتىسزلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپنى ئورۇندىيالىغانلارلا ئوخشاشمىغان ئىشىنىش ۋە ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر توپىدىن تەركىب تاپقان ئابستراكىت مەنىدىكى كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ تەلىپىنى ئۆزىدە نامايان قىلالىغان بولىدۇ. كوللېكتىپ ئەنە شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئاشۇ شەخستىن كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ، ئۇ كوللېكتىپنىڭ رېئاللاشقان ھەم رېئاللىشىدىغان ئىرادىسىنىڭ ھەقىقىي سىمۋولىغا ئايلىنىدۇ.
ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىقىدا كوللېكتىپ كۈتۈۋاتقان ئەمەلىي ئۆرنەكلىك ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنىڭ زىيالىيلاردا كەم كۆرۈلۈشى زىيالىيلىق ھەققىدىكى ئېنىق ئۆلچەمنى تا ھازىرغىچە مەيدانغا كەلتۈرمىدى. كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سەركىسى سۈپىتىدە ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ئۈچۈن ئابدۇقادىر داموللامنى، 30 - يىللىرى ئۈچۈن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالالىشى، لېكىن ھازىرقى ئۆرنەككە كىمنى چۈشۈرۈشنى بىلەلمەسلىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئەھۋاللا مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. زىيالىيلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىدە ئىپادىلەنگەن بىر - بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان زىددىيەتلىك تەركىبلەرنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى ئۇيغۇرلاردا نۆۋەتتە بىرەر ئېدىئال زىيالىي ئوبرازىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بېرەلمىسە كېرەك. نۆۋەتتە زىيالىيلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك بىلەن كوللېكتىپ ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان مەجبۇرىيەت ئالدىدا ئىنتايىن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى زىددىيەتلىك ھالەتنىڭ سەۋەبىدۇر. زىيالىينىڭ زىددىيەتلىك مەۋجۇتلۇق ھالىتى بىزگە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا خۇددى ئارگېنتىنا يازغۇچىسى بورخېس ئېيتقاندەك قەھرىمانلىق بىلەن مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت زىددىيەتنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىدەك مۇمكىنچىلىكتىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ. قەھرىمانلىق بىلەن مۇناپىقلىقنىڭ ئارىلىشىپ تۇرۇشى ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەر ۋاقىت ئايرىپ تۇرۇشى كېرەك بولغان يۈكسەكلىك بىلەن پەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە ئەخلاقىي قاراشنىڭ ئاساسى بولغان يۈكسەكلىك بىلەن پەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك (قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىردەكلىكىدىن تەركىب تاپقان ئىككىلىك مۇناسىۋىتى) پەرق گۇمران بولىدىكەن، ئۇ جەمئىيەت ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان قىممەت ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي دەرىجە (تەبىقە) پەرقىنىڭ ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدەك خەتەرلىك ھالەتتە بولىدۇ. بۇ، ھەممە قىممەت بىر- بىرى بىلەن ئالمىشالايدىغان، شۇڭا ھېچقانداق قىممەت ئالاھىدە بولمايدىغان ئەھۋالنىڭ نىھىلىزمچە ئىپادىسىدۇر. دېمەك، نۆۋەتتىكى زىيالىيلىق كېلىشتۈرۈش تەس بولغان زىددىيەتلىك تەركىبلەرنىڭ مەلۇم يەككە ئىدىيە سۇبيېكتىدا (ئادەمدە) تەڭلا مەۋجۇت بولالىشىدىن ئىبارەت مۇمكىنچىلىكىدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىققا تولغان زىيالىيلىقتۇر؛ نېمىنى ۋە كىمنى تاللاشقا ھەرۋاقىت يۈزلىنىشى كېرەك بولغان زىيالىيلىقنىڭ ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي تەرتىپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى قالايمىقانچىلىقىدۇر. بۇ قالايمىقانچىلىق ئېنىق تەرتىپكە ۋە ئۆلچەمگە موھتاج، ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ۋە يېڭىچە تەپەككۇر بۇ تەرتىپنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ھالقىلىق ئامىللاردۇر.
خاتىمە

يۇقىرىدا زىيالىيلىقنىڭ تەبىرى، ئۇنىڭ كۆپ خىل مۇمكىنچىلىكلىرىگە قاراپ چىقتۇق ۋە شۇنى كۆردۇقكى، زىيالىيلىق مەدەنىيلەشكەن جەمئىيەتنىڭ بىرخىل ئىنتايىن مۇھىم بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېتىكىلىق، ئىلمىي ۋە دىنىي يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ مۇئەييەن سىنىپقا تەۋە بولماسلىقى ئۇنى بىر قەدەر ئەركىن ۋە يىراقنى كۆرەر كۆرۈش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئىدېئولوگىيىلەر بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى ئۇنى چەكلىمىگە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت ھالىتى ئۇنىڭدىن يېتىلگەن ئەخلاق ئېڭىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەخلاق زىيالىيلىق ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان تۈرلۈك قىممەتلەر ئىچىدىكى بىر قىممەت ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتۇر. چۈنكى ئۇ زىيالىيلىقنىڭ دىنىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي مەنىلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭدەك، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت زىيالىي ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەركىنلىكنى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. زىيالىيلىقنىڭ مەشھۇرلىنىش ھادىسىسىنىڭ ئاساسىمۇ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، شۇنداقلا كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىنىڭ ياخشىلىق ئۆلچىمى كۆپ ھاللاردا ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي تەرتىپنىڭ ياخشىلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت غايىسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەچكە، ئۇ يەككە زىيالىيدىن ھەم ئەخلاقىي مۇكەممەللىك تەلەپ قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. زىيالىايلىق تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىگە ۋە باشقا ئىدىئولوگىيىلەرگە ۋاسىتە بولۇشقا بۇيرۇلۇشنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋاسىتە قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئىنكاسىدۇر. زىيالىيلىق زىددىيەتنىڭ توقۇنۇشى ۋە ھالقىتىلىشىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر.
ماقالىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا كۆرگىنىمىز تا ھازىرغىچە ئاياغلاشمىغان ئاقارتىش ئىدىيىسىدۇر، ئۇيغۇر زىيالىيلىقنىڭ رادىكال ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ تەسىرىدە بولۇشى ئاقارتىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىككە ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە قىلىشتىن تاشقىرى، يەككە زىيالىينىڭ ئىدىيىسىنى كۆپ ھاللاردا بىر- بىرى بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتلىك تەركىبلەرگە تولدۇردى. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا زىيالىيلىقنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى تا ھازىرغىچە بېكىتىلمەي كەلدى.
ئاخىرىدا ماقالىمىزنى تۆۋەندىكى ئايىقى چىقماس سوئال بىلەن ئاياغلاشتۇرىمىز: زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى پەقەت مۇشۇلارمۇ؟ ياق، بۇلا ئەمەس. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۈزى بولۇشى مۇمكىن. زىيالىينىڭ كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ خىل ئىپادىگە تولغان يۈزى ماھىيەتتە بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ يۈزىدۇر. ئۇ ئۆزگىنىڭ يۈزىدۇر، ئۇ كەلگۈسىنىڭ كۆلەڭگىسىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، زىيالىينىڭ يۈزى ئادەمنىڭ ھەقىقىي يۈزىدۇر، بىزنىڭ نىقاب ئاستىغا ئېلىنغان يۈزىمىزدۇر. ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمىزكى، زىيالىيلىق شەخس بىلەن كوللېكتىپ، ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەت ۋە سۇبيېكتنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئىچىدىكى ئالاھىدە مەۋجۇدلۇق ھالىتىدۇر.
ئىزاھاتلار:
① بۇ ماقالىدە «مەدەنىيەت» ۋە «كۇلتۇر» دېگەن ئىككى ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ، بىز تا ھازىرغىچە بۇ ئىككى ئاتالغۇنى پەرقلەندۈرمەستىن، بىرلا سۆز بىلەن «مەدەنىيەت» دەپلا ئېلىپ كەلگەنىدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئۇقۇم ئەكس ئەتتۈرگەن رېئاللىق بىر- بىرى بىلەن شۇ قەدەر مۇناسىۋەتلىك بولۇشقا قارىماي، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئىنتايىن ئىنچىكە پەرقلەرمۇ بار. ئىنگلىزچىدا بۇ ئىككى ئاتالغۇ بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ،«Civilization» ۋە «Culture» دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. خەنزۇ تىلىدا بولسا «Civilizution» نى «文明» «Culture» نى «文化» دەپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىزمۇ بۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق تىلىمىزدىكى ۋە تەپەككۇرىمىزدىكى ئۇقۇم مۇجمەللىكىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. مەن بۇ يەردە ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ، «Civilization»، «文明» ئۈچۈن ئەسلىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان «مەدەنىيەت» سۆزىنى؛ «Culture»، «文化» ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنگلىزچىسىنى ئاساس قىلىپ، «كۇلتۇر» سۆزىنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. سەۋەب، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ خەلقئارالىق ئاتىلىشىنى قوبۇل قىلىشتۇر، ئىنگلىز ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ ئاتالغۇلار ھەققىدىكى قارىشى مۇنداق:
«Culture» دېگەن بۇ ئۇقۇم لاتىن تىلىدىكى«Colera»، يەنى تەربىيە كۆرگەن دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئىنسان پائالىيىتىنىڭ شەكىللىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەنە ئاتا قىلىدىغان سىمۋوللۇق قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن خىلمۇ خىل تەبىرلەر ئۇنى چۈشىنىشتىكى ئوخشاشمىغان نەزەرىيە ئاساسلىرىغا ۋە ئۆلچەملەرگە قارىتىلغان. ئىنسانشۇناسلار كۆپ ھاللاردا بۇ ئاتالغۇنى ئىنسانلارنىڭ سىمۋوللۇق ھالدا ئۆز تەجرىبىلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىش ۋە ئالاقە قىلىشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئاتالغۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىمىنى ئۆز ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ۋە مەكتەپ قاتارلىق باشقا مائارىپ مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ۋە ئۇنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەزىدە ئىنساننىڭ مائارىپ ئارقىلىق سەنئەتتىن زوقلىنىش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇئەييەن ئىرقنىڭ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ قىممەت قارىشى، ئۆرپ- ئادىتى، ئىشىنىشلىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بۇ ئاتالغۇ كارخانىنىڭ قىممەت قارىشىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
ئەمدى «Civilization» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە كېلەيلى: بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاتالغۇ ئالدىنقى ئاتالغۇنى يەنى كۇلتۇرنى شەرت قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇئەييەن بىلىم ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى كۇلتۇر توپى شەكلىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ كۆپ ھاللاردا تېرىقچىلىق، شەھەرلىشىش، مەتبەئە، ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە قاتارلىقلاردا بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بىرەر مۇرەككەپ جەمئىيەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ مەنىسى «Culture» بىلەن بەكلا يېقىن كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۇلتۇر ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدە سۈپىتىدىكى خاراكتېرىنى سۈپەتلەشتە قوللىنىلىدۇ، ئىنساننىڭ قېلىپلاشقان ھەرىكىتىنى بىلدۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ياۋايىلىقتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. «Civilisation» يەنە «Culture» لىق كىملىكنىمۇ بىلدۈرىدۇ. يەنى، ئۇ تەرەققىي قىلغان مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ «Culture»ىنىمۇ تەسۋىرلەيدۇ. ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ، مەيلى ئۇ تەرەققىي قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، ئۇنى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىدىغان ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشلىرى، ئۆزگىچە ئۆرپ ئادەتلىرى، سەنئىتى قاتارلىقلاردا بولىدۇ، مۇشۇ مەنىدە ئۇلار بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ «Culture» سۈپىتىدىكى ئەدەبىياتى، سەنئىتى، بىناكارلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ.
② سەيمىل خاتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنۇشى» دېگەن كىتابىغا بېرىلگەن باھا، تەنقىد ۋە ئۇ ھەقتىكى ماقالىلار ھەم كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئېدۋارد سەئىدنىڭ «تەبىرلەرنىڭ توقۇنۇشى» (ئېدۋارد سەئىد، «سۈرگۈنلۈك ھەققىدە ئويلىنىش ۋە باشقا ئەدەبىي خاتىرىلەر»، (ئىنگلىزچە)، (كامبرىچ: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2000 - يىل 569 -، 590) دېگەن ماقالىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. سەئىد مەزكۇر ماقالىسىدە خاتىڭتوننىڭ نەزەرىيىسىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئىزچىل خاھىشىنى، يەنى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ چوقۇم غەرب بىلەن توقۇنۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە بۇ توقۇنۇشتا غەربنىڭ چوقۇم يېڭىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت شوۋىنىزم ۋە جېدەلخورلۇققا تولغان خاھىشىنى تەنقىد قىلىدۇ. شەئىدنىڭ قارىشىچە، خانتىڭتون ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر- بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا بۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقچى ۋە كېڭەيتمەكچى بولىدۇ. سەئىد تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خاتىڭتوننىڭ مەدەنىيەت ئانالىزى ۋە ئۇنى تۈرلەرگە ياكى سىياسىي تەھلىل ئۈچۈن ئايرىلغان مەدەنىيەت لاگېرلىرىغا ئايرىش ئۇسۇلىنىڭ ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھەم ئىلمىيسىزلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خاتىڭتون ئۆزىنىڭ دىققىتىنى تارىخ ۋە مەدەنىيەت شەكىللىنىشىنى ئېھتىياتچان تەتقىق قىلىشقا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئانالىزغا كۆپرەك مەركەزلەشتۈرگەچكە، ئۇنىڭ دەلىلىنىڭ ئاساسى بولغان ماتېرىياللار ئاساسەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قول ماتېرىياللاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئانالىزى بىزنىڭ مەدەنىيەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، قانداق مېخانىزمنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى كونكرېت تەجرىبىمىزگە ۋە نەزەرىيىۋى چۈشىنىشىمىزگە ئوخشاشمايدۇ. شۇنىڭدەك، سەئىدنىڭ تەكىتلىشىچە، مەدەنىيەتنى خاتىڭتونچە بۆلۈش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستۇر، چۈنكى بۇ بەكلا دوگماتىك ۋە تار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل بۆلۈش مەدەنىيەتكە بىر ئۆزگەرمەس ھادىسە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغاچقا، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، بۆلۈنۈشى، قوشۇلۇشى ۋە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇشىدەك ناھايىتى مۇرەككەپ جەريانلارنى نەزەر دائىرىسىنىڭ سىرتىغا قويغان. ھەتتا ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئىچىدىمۇ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە قارشى بولغان ئانتى مەدەنىيەت ئېقىمى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى ئانتى مەدەنىيەت ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى تەنقىد ئاستىغا ئالىدۇ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئۇلى ھەم ئۆزگەرمەسلىكىنىڭ كاپالىتى دەپ چۈشىنىلىدىغان قىممەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىڭتونچە ئۆزگەرمەس مەدەنىيەت كىملىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا سەئىد، خاتىڭتوننىڭ كاپىتالنىڭ يەر شارىلىشىشىدىن ئىبارەت ھەممىگە ئايان يۈزلىنىشكە ۋە تەتقىقات قىزغىنلىقىغا سەل قارىغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ.
③فېئودور دوستويېۋىسكى: «يازغۇچىنىڭ خاتىرىسى» (ئېنگلىزچە 2 – توم) (نيۇ يورك: چارلېز سكرىبنېز نەشرىياتى، 1949 - يىل ) 959 -، 960 – بەتلەر.
④ئالبېخ كەميۇ: «سىسفۇس ئەپسانىسى ۋە باشقا ئەدەبىي خاتىرىلەر» (فرانسۇزچە) (پارژ گاللىمارد، 1959 – يىل) ، 211- بەت

مەنبە: مەمتىمىن ئەلانىڭ «پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات» بلوگى
تېما تەستىقلىغۇچى : arghtugh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-10, 06:05
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-10 14:02 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 304
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
پۇل: 96 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18

 

زىيالى دىگەن بۇ سۆزگە ئېنقلما بىرشى ئاسان ئش ئەمەسكەن .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 14:24 |
zaynap305
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 288 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئارغتۇغ، جاپا چىكىپسىز...رەھمەت!...يىراقلاردا مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن ئويلىنىۋاتقان ئەزىز قېرىندىشىمىز مەمتىمىن ئەلا ئامان بولسۇن!...ماقالىدىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقى مېنى جەلپ قىلىۋالدى...مەن بۇ ماقالىنى يەنە ئىككى قېتىم ئوقۇماقچى...بۇنداق ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇش كۇپايە ئەمەس...مۇشۇنداق ياش بىر تۈركۈم زىيالىلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز....زىيالىلىق قالپىقىنى كىيگەن ئۇيغۇرلار بۇ ماقالىنى ياخشى ئوقۇپ ھەزىم قىلىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى، ئۆزىنىڭ جانباقتىلىق سايىسى ئەلەڭگىپ تۇرغان يۈزىگە ئەينەكتىن يەنە بەر قېتىم قاراپ چىقىشى،كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى كېرەك.مۇشۇنداق ماقالىلەرنى ئابدۇكېرىم راخمان، ئازات سۇلتان، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق «زىيالىلىرىمىز» ئوقۇمدىغاندۇ؟
لېۋىناستىكى ئاجايىپ روھتىن تەسىرلەندىم.ئاپتورغا ئامېرىكا مۇتەپپەككۇرى دانېل بېلنىڭ دېگەن كىتابىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.(Daniel Bell, 1919-?,Intellectual and University) «زىيالى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت»
مەمتىمىن ئەلانىڭ سوغۇققان، ئىلمىي قاراشلىرىغا ھەشقاللا.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 15:02 |
turditohti
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

مول بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكەن ئاپتۇرغا ۋە ئەسەرنى يوللىغۇچىغا چىن دىلىمدىن ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 16:02 |
atilla9
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 01:22 |
90uygur
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 283 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

زىيالى دىگەن ئۇقۇمغا نىسبەتەن توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .رەخمەت  
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-17 17:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-20 17:53
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号