تارىخى ئىپوس ئوغۇزناما داستانىدا ئوغۇزلار بۆرە نەسلىدىن دىيىلگەن ،بۇ شۇ داستان ئارقىلىق كۆپىنچىمىزنىڭ يۈرەكلىرىگە ئورناپ كەتكەن .لېكىن ئادەم ھەرگىز بۆرە بىلەن ئەۋلات قالدۇرالماس .بۇ ئاللاھ ياراتقان تەبىئەت قانونىيىتىگە خىلاپ .شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق ھۇن تۈرۈك ئوغۇزلار بۆرە نەسلىدىن ئەمەس .رىۋايەت يەنىلا رىۋايەت .ھايۋان يەنىلا ھايۋان .لېكىن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بۆرە روھىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ دۇنيانىڭ تارىخ چاقىنى ئىلگىرلەتتى ،ياۋرۇ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى ھەتتا ئامىرىكا قۇرۇقلىرىنى زىل زىلىگە سېلىپ ئۆچمەس مەدەنىيەتنى ياراتتى .شىئەندىكى پىرامىدالار ،ھايتى مىكسىكا ،لاردىكى غەلىتە قۇرلۇشلار پىرامىدالار ،تاج ماھال مەقبەرىلىرى ،جوڭگۇ دىكى تۆت چوڭ كەشپىيات ،دۇنياغا تارالغان ئۇن تائاملىرى ،يىمەك ئىچمەك كىيىم كىچەك مەدەنىيەتلىرى..................................................،غەربىي رايوندا ياشاۋاتقان ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن ياراتقان مۆجىزىلەردور .ئەجداتلرىمىز توختىماي ئالغا باسقان ھەرگىز تۈلكىگە ئوخشاش قورقۇنچاقلىق بىلەن ياشىمىغان .ھەرگىز ئارقىغا چىكىنمىگەن .لەۋزىدە تۇرغان .ئەرلىرىمىز ھەقىقى ئەركەك روھىنى نۇرلاندۇرغان .
بۆرە روھى ھازىرمۇ ئۆلگىنى يوق ،ئەزىمەتلىرىمىز توختىماي ئالغا باسماقتا .ئۆزىنى تاشلاپ لايغەزەللىك قىلغانلار يەنىلا ئاز ساندا .
شۇڭا دەيمەن ئەي ئىلىم ئەجدادىڭ ئۇدۇم قىلغان بۆرە روھى بىلەن پەخىرلەن .
ئىندىئانلارمۇ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تۆۋەندە ئىندىئانلار ئورۇنلىغان بۆرە موزىكىسىنى ھوزورۇڭلارغا سۇناي.بىزمۇ ئۆزىمىزگە خاس بۆرە موزىكىسىنى ئىشلەپ چىكىپ باقساق ھە ..!!!!
مەنبە:يۇكۇ