بىزدىكى ئەخلاق ۋە ئېتىقات كىرزىسى
تۇردى توختى
ئەخلاق بىلەن ئېتىقات مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئادىمىلىك كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان ،مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسى ۋە مەنىۋى روھىنى پاكلايدىغان مۇھۇم مەسىلىلەر بۇلۇپ ،ئەخلاق ۋە ئېتىقات مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىدە يوقالسا شۇ مىللەت يوقۇلۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ چۇقۇمكى پۈچەكلىشىپ ،زەئىپلىشىپ ،ئۈزىنىڭ قانداق مىللەت؟ ئەجدادى كىم ؟ئۇ قانداق ماددى مەنىۋى بايلىقلارنى ياراتقان؟ نىمىنى ئۇلۇغلايدۇ؟ نىمىنى نۇمۇس بىلىدۇ؟ قاتارلىقلارنى بىلمەيلا قالماي،شالغۇتلاشقان بىر<<زامانىۋى مىللەت>>كە ئايلىنىپ ئۈزىنىڭ نەسلى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر ئاسى ،روھى قۇرۇق، بىر ئادەملەر تۇپىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئەخلاق ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئادەملەر بىلەن جەمىيەت ئوترىسىدكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ھەركەت مىزانى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدكى ياخشى يامانغا باھا بىرىپ كىملەرنىڭدۇر بولمۇغۇر ھەركەتلىرىنى چەكلىسە يەنە كىملەرنىڭدۇر ئىلھاملاندۇرۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلىرىنى قوللايدۇ بۇنىڭدىن بىز ئەخلاقنىڭ كىشىلەر ئارىسىدكى ۋە ئادەملەر بىلەن جەمىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە چەك قۇيۇپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى تەكپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت غايەت زور رۇلىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئەخلاقنىڭ بۇنداق يۇكسەك رۇلىنى ھەرقانداق بىر چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئۈستىقۇرۇلما ئالالمايدۇ ۋە ئېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس،ئەخلاقنىڭ تەڭشەش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگىنى ھىچقانداق بىر كۈچ ئۈستىگە ئېلىپ بۇلالمايدۇ.يۇقارقىلاردىن قارىغاندا ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۈرسۈتۈپ روھىنى پاكلاندۇرۇپ ،ئادەملەنىڭ ئۈزىگە زۇلۇم سېلىشىدىن ئىبارەت بۇ قاندىكى ئالاھىدىلىكى داۋالالايدىغان بىردىن-بىر دوختۇردۇر.
ئېتىقات مەسىلىسى بولسا كىشىلەرنىڭ نىشان ۋە ئەجدادىغا تىۋىنىش مەسىلىسى بۇلۇپ ئېتىقاتلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى مۇستەككەم،يۇلى داغدام بۇلۇپ ئۇ داۋاملىق ئەسلىنى ،ئەجدادىنى ئۇلۇغلاش بەدىلىگە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.ئۇنداق كىشىلەر كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەپ تەرەققى قىلىش جەريانىدا ھەم باشلىنىش نوقتىسىنى ھەم بارىدىغان نوقتىسىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىپ قويمايدۇ.
ئەجدادىغا تىۋىنىش بولسا مىللەتنىڭ يىلتىزى(باشلىنىش نوقتىسى)غا بولغان ئۇلۇغلاش بۇلۇپ شۇ ئاساستا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان ماددى ۋە مەنى بايلىقلىرىنى قوغداپ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۈزىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تاپىدۇ.
تەرەققىيەت بولسا ئەجدادىغا تىۋىنىش ۋە ئۇنىڭ يۇلىنى تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇشنى چەتكە قاقمايدۇ،كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىسىدىن ۋاز كىچىشىنى تېخىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ.مۇشۇنداق بىر رىياللىق ئاستىدا بىزدىكى ئەخلەق ۋە ئېتىقات قانداق بۇلاۋاتىدۇ؟
1.بىزدىكى ئەخلاق كىرزىسى
ئېلىمىز تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق يېقىنقى 100يىلىنىڭ ئالدى كەينى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە فىيۇۋداللىق ئەخلاق ئېغىر خىرىسقا دۇچ كىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەركەت تەرەپدارلىرى ئوترىغا قويغان بەزى كۆز قاراشلار ئەخلاق سۈپىتىدە باش كۈتۈرۈشكە باشلىغان،كونا-يېڭى دىمىگىراتتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە فىيۇۋاللىق ئەخلاق بىلەن يەنەكۆپ خىل ئىدىيەلەرنىڭ ئۈزى ئەخلاق دەپ قارىغان بەزى نىزاملىرىمۇ بىرگە مەۋجۇت بولغان بۇنداق ئەبجەش ئەخلاقى كۆز قاراشلار مىللىتىمىز كىشىلىرىگىمۇ تەسىر كۈرسۈتۈپ مىللىتىمىزدە مىللى ئەخلاق بىلەن بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان ھالەتلەر شەكىللەنگەن.بۇ ھال مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۈرسۈتۈپ مىللىتىمىز ئىچىدە شالغۇت ئەخلاق ئىزنالىرى پەيدا بولغان.
1949-يىلدىن كىيىنكى ئىككى تۇرلۇۈك چوڭ سىياسەت مىللىتىمىز كىشىلىرىدىكى ئەخلاقنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جۇڭگۇ مىللەتلىرىنىڭ ئەخلاقىنى ئېغىر ھالسىراش گىرداۋىغا باشلاپ قۇيۇپ،مىللىتىمىزۋە مىللەتلەر ئەخلاقىنى ئېغىر كىرسىزغا پاتتۇرۇپ قويدى.
بۇنىڭ بىرى 1949-1978-يىلغىچە بولغان ئىدىيەنى مەرگەز قىلىش جەريانىدىكى ئەخلەقنىڭ سۇسلىشىشى بولدى.بۇ جەرياناندا پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئاسالىق سىياسەتلىرى بىر تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇش مەنىۋى مەدىنىيەتنى قىزىللاشتۈرۈش بولغا<< ئاچ قوساق ئىدىيە تاۋلاش>>ھەركەتلىرى ئىدى كىشىلەر ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇشتا ئۆتۈش بىلەن بىرگە بىزگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىپ كىلىۋاتقەن ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ئاساسى جەھەتتىن يۇقۇتۇپ ،بالىسى ئاتىسىنى،ئاتىسى بالىسىنى تۇنىمايدىغان نا ئەخلاق جاھاننى قاپلاپ كەتتى.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ 30يىلدا روھنى(ئىدىيەنى)ساپلاشتۇرۇش پالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ كام بولسا بولمايدىغان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى نابۇت قىلىپ ،تولدۇرۋالغۇسىز مەنىۋى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.شۇنىڭ بىلەن ھەم مەنىۋى ئېچىرقاش ھەم ماددى ئېچىرقاش پەيدا قىلىپ ئەخلاقنىڭ جۇلاسىنى سۇسلاشتۇرۇۋاتتۇق.
بۇنداق روھنى مەرگەز قىلىش پالىيىتى تەبى ھالدا باشقا مىللەتلەر قاتارىدا مىللىتىمىزنىڭ ئىچكى قاتلاملارغۇچە سىڭىپ كىرىپ مىللىتىمىزدە ئېغىر ھالدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،مىللەتنىڭ ساپاسى تۈۋەنلەش يولىنىشىگە قاراپ مەڭدى .مىللى ئەخلاقى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.
ئىككىنچىسى بولسا 1978-ھازىرغىچە بولغان ئىقدىسادى قۇرلۇشنى مەرگەز قىلىش بۇلۇپ بۇ ئەمىليەتتە ئىنتايىن دانالىق بىلەن چىقىرىلغان بىر ئۇلۇغۋار دۆلەت سىياسىت بۇلۇپ،دۆلەتنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساس ئىدى. بۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىز يەنە بىر ئېغىر سەۋەنللىككە يول قۇيۇپ ئەخلاقنىڭ بۇزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.بىز بۇ جەرنادا ئىقدىسادىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ مەنىۋىيەتكە سەل قارىدۇق.
ئۇزۇندۇن بۇيانقى مەنىۋى ۋە ماددى ئېچىرقاشتا تۇرۇپ كەلگەن كىشىلىرىمىز ئىقدىساتنى تەررەققى قىلدۇرۇشنىلا ئويلاپ نىمىڭ كىشلىك پەزىلەت؟نىمىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇلۇپ قالدى.بۇنىڭ تۇرۇتكىسىدە پۈتۈن مەمىلىكەت مىقياسىدا 1994يىلغا كەلگۈچە قىزىل كۆزلۈك،يالغانچىلىق،لۇكچەكلىك ھۇكۈمەتسىزلىك ،بۇزۇقچىلىق ئىللەتلىرى يامراپ ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر ئىجدىما لۆگجىگە ئايلاندى،بۇ ھال مىللىتىمىز كىشىلىرى ئىچىدىمۇ پۇلپەرەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەخلاقنى كەرەك قىلمايدىغان مەنىۋى نامراتلىقنى پەيدا قىلدى .پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇشتەك قۇللۇق ئىدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
1994-يىلدىن كىيىن دۆلىتىمىز بىر قىسىم دۆلەت سىياسەتلىرىنى تۈزۇپ يوقۇتۇپ قويغان ئەخلاقىمىزنى،ئەنئەنىمىزنى قايتا جۇلالاندۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ بۇ تەبىرلەر ئىقدىسادنىڭ ئالدىدا راۋان يۇرۇشمەي كىشىلەردىكى بۇزۇلغان ئەخلاقى قاراشنى تۈپتىن ئوڭشاپ كەتەلمىدى.
يۇقارقى سەۋەپلەر ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پىزىلوگىيەلىك ماسلىشىنىڭ تۇرۇتكىسىدە مىللىتىمىز ئەخلاقى ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلدى.بۇنىڭ بىلەن كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان،چوڭلار كىچىكلەرنى ئاسرىمايدىغان ،ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنى مەنسىتمەيدىغان ئىللەتلەر باش كۈتۈرۈپ كىشىلەر ئەخلاقىدا غەيرى نەرسىلەر پەيدا بۇلۇپ ،مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق نامراتچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2. ئېتقاتنىڭ سۇسلىشىشى
ئەخلاقنىڭ يۇقارقىدەك كىرزىسى تەبىئى ھالدا بىزدىكى ئېتىقاتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مىللەتنىڭ ئەجدادىغا بولغان سېغىنىش ۋە ئۇلۇغلاش ئېڭى سۇسلىشىپ كەتتى.ھەرقانداق بىر مىللەت ئەجدادىغا سېغىنىش ئىدىيەسىنى سۇسلاشتۈرۈپ قويىدىكەن چۇقۇم ئۇنىڭ ئېتىقادى(نىشانى)دا ئوزگىرىشىش بۇلۇپ ئەجدادىدىن ياتلىشىش كىلىپ چىقىدۇ بۇ تارىخنى ئۇنتۇغانلىق بىلەن باراۋەر بۇلۇپ ،رىياللىق مۇشۇنداق داۋاملىشىيبارسە كەلگۈسىدىكى كىشىلىرىمىز ئۈزىنىڭ قانداق مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ ،ئۇزىنىڭ تارىخنى ئۈزۈپ قۇيۇدۇ.
ھازىرقى رىياللىقنى گۈزىتىدىغان بولساق ،بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىز ،ئوترا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى تارىخمىزنى،ئەجداتلىرىمىزنى قانچىلىك بىلىدۇ؟بۇنى مەكتەپلەر تەربىيەسى بىلەنلا ياخشىلاپ كەتكىلى بۇلامدۇ؟ مىنىڭچە بۇ مەسىلىنى يالغۇز مەكتەپلەر تەربىيەسى ئارقىلىقلا ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
پەرزەنتىلەرنىڭ ئەجدادىغا تىۋىنىش ،ئىتىقات تۇرغۇزۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ مەسئۇليىتى يوقما؟مىنىڭچە مەسئۇليەت ئىنتايىن ئېغىر .ئاتا-ئانىلار ۋە چوڭلار ئوز پەرزەنتىلىرىگە مىللەتنىڭ تارىخنىنى مەدىنىيەتىنى ئۈگەتمىسە،مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا مەدىنىيەتگە قوشقان تۆھپىسىنى بىلدۈرمىسە ئەۋلاتلار ئەجداتلاردىن تېخىمۇ ياتلىشىپ كېتىدۇ.
بىز بۇ مەسئۇليەتنى قانچىلىك ئادا قىلالىدۇق؟بىز بۇ نوختىنى ئوبدان ئويلىنىپ كۈرىشىمىز لازىم.ئەگەر بىز بۇ مەسئۇليىتىمىزنى ئادا قىلالىغان بولساق ھازىرقىداك ئامرىكىنىڭ كوچا ئۇسۇلىنى خەلىق ناخشىلىرىمىز قاتارىدا 12مۇقامنى ھىچنىمە قاتارىدا كۈرىدىغان ياشلىرىمىز يىتىشىپ چىقماس ئىدى.مانا بۇ مىللەتتىكى ئېتىقات كىرسىزى بولماي نىمە؟بۇنى كىم كەلتۈرۇپ چىقاردى؟ھازىرقى ئەۋلاتلىرىمىزمۇ؟ ياق بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسى ئامىل يېنىلا ئاتا-ئانىلىرىمىز ،چوڭلىرىمىز.
بىز ئەۋلاتلىرىمىزغا تەربىيە بەرگەندە چۇقۇم ياخشى -يامان نوختىسىدىن چىقىپ ،ئۇلاردا ۋەتەنگە ،مىللەتكە بولغان چۇڭقۇر مىھرى -مۇھابەتنى سىڭدۈرىدىغان بولساق چۇقۇمكى بىز مىللەت دۇچ كەلگەن ئېتىقات(نىشان)كىرزىسىدىن قۇتۇلۇپ پەرزەنتىلىرىمىزنى غايىلىك(ئېتىقاتلىق)كىشىلەردىن قىلىپ تەربىلەپ چىقالايمىز.
قىسقىسى ھەرقانداق بىر مەللەتتتە ئەخلاق ۋە ئېتىقات بۇزغۇنچىللىققا ئۇچرايدىكەن شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى قاراڭغۇ بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخلاقى پەزىلەت ۋە ئېتىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ مىللىتىمىز ۋە پۇتكۈل دۆلىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ئەخلاق ۋە ئېتىقات كىرزىسىدىن تىزراق قۇتۇلۇز تېخىمۇ يېڭى مەدىنىيەت نەتىجىلىرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
[ 此贴被turditohti在2008-09-11 14:08重新编辑 ]