ئىنسانىيەت يېشەلمىگەن سىرلار
ھاياتلىق نەدىن باشلانغان؟
ئالەم زادى قانداق ماددىدىن تەركىب تاپقان ؟ نىمە ئۈچۈن ئۇخلايمىز "." ئىلىم- پەن ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتىدۇ ، بىراق بىز ھازىرغىچە يەنىلا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمىدۇق .
يەر شارىنىڭ يادروسى نېمىدىن تەركىب تاپقان؟
يەر مەركىزى بىلەن يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ئارىلىقى ئاران4000 مىل (بىر مىل تەخمىنەن 16. 1 كىلومېتىر ) بولۇپ ، ئۇ يەردە چوڭلۇقى ئايدەك بىر قاتتىق تۆمۈر شار بار . بىز قېلىنلىقى 1800 مىلغا يېتىدىغان تاغ جىنسلىرى قاتلىمى ئۈستىدە ياشايمىز ، بۇ تا غ جىنسلىرى قاتلىمى يەرشارىنىڭ پوستى ۋە يەر يۈزىنى قاپلايدىغان ماددىنى شەكىللەندۈرگەن . ئۇنداققا ، بەر مەركىزى بىلەن يەر پوستى ئوتتۇرىدا قانداق ماددا بار ؟ بۇ ماددا ماگما بولۇپ ، ئالمىلار بۇ ماگمىنىڭ كونكرېت قايسى خىل مادىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ھەم ئەتراپتىكى مۇھىتقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
ۋاقىت تو ختىماي داۋام قىلامدۇ؟
ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە ، ۋاقىت ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىكەن .ئەمما ئېينىشتېين قارشىچە ، ۋاقىت پەقەت بىر خىل ئۆلچەم بولۇپ ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ، سول ۋە ئوڭ ، ئىلگىرى ۋە كېيىندىن سىرت بولغان تۆتىتنجى ئۆلچەم ئىكەن ، ئېينىشتېيننىڭ ۋاقىت -بوشلۇق ئۇقۇمىنى نەزەرىيە جەھەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ . بىراق ئەمەلىيەتتە ئورۇنداش ناھايىتى قىيىن . چۈنكى بىز پەقەت ۋاقىت ئوقى بويىچە بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىمىز . لېكىن ئاخىرى ، چوقۇم توغرا (يەكۈن چىقىرىدىغان ئادەم چىقىدۇ ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس .)
ھاياتلىق قەيەردىن كەلگەن؟
تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتى ئورگانىزمنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قانداق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەمما دارۋىننىڭ نەزەرىيىسى تۇنجى ئورگانىزمىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . ھېچقانداق ھاياتلىق ئىزى بولمىغان بىرىكمە دەسلەپكى ھاياتلىقنى ياراتقانمۇ ؟ تۇنجى ھاياتلىق تەنچە قانداق قۇراشتۇرۇلغان ؟ بۇنىڭدىن تەبىئەت ئازراقمۇ بېشارەت بەرمىگەن .
مۇز دەۋرنىڭ پەيدا بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولغان ؟
كىچىك كۆلەملىك مۇز دەۋرى ھەر 20~40 مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ ، چوڭ
كۆلەمدىكىسى ھەر 100 مىڭ يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ . ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ تەرتىپسىزلىكى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئۆزگەرتىپ، يەر شارىنىڭ ئۇشتۇمتۇت سوۋۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن . بىراق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ تەرتىپسىزلىكنىڭ يەر شارىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەسىرى پەقەت %1 نىلا ئىگىلەيدىكەن . كىچىككىنە بۇ تەسىر قانداق قىلىپ يەر شارىنىڭ كىلىماتىدا ئۇشتۇمتۇت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ؟
نېمىشقا DNAشىفىرىنى يېشىش لازىم؟
بىر تىپىك ئىنسانىيەت ھۈجەيرىسى تەركىبىدە ئالتە فۇت (بىرفۇت تەخمىنەن 0.3 مېتىرغا تەڭ ) ئۇزۇنلۇقتىكى DNAبۇلىدۇ ، بىراق پەقەت بىر دىيۇيم (بىر دىيۇيم تەخمىنى 2.54 مىللىمېتىرغا تەڭ ) لۇق DNAلا ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغان شىفىرنى ئېلىپ يۈرىدۇ ، قالغان قىسمى زادى نېمە ؟ بەزىلەر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كېرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بىراق بىئولوگلارنىڭ قارىشىچە ، ئاتالمىش بۇ كېرەكسىزDNA ئارىسىدىمۇ "بايلىق " بار ئىكەن .
ئورمان پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كتشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ھەممىگە مەلۇمكى ، ئورمان مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ . دەل - دەرەخ ئۆسۈش جەريانىدا پۈتۈن يەر شارىنى ئىللىتىدىغان باش جىنايەتچى كاربون (IV ) ئوكسىدىنى سۈمۈرىدۇ ، بىراق شۇنداق بولسىمۇ ، يەر شارى يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئىسسىماقتا .
شۇنىڭ بىلەن مۇنداق زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ . يەنى كەلگۈسىدە ، ئورمان كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتالمايدۇ ، بىراق ئورماننىڭ ئۈزلۈكسىز ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ ، پۈتۈن يەر شارنىڭ ئىللىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ .
چوڭ مېڭە ھەرىكەتنى قانداق ھېسابلايدۇ؟
چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستىراق بولىدۇ ، قولنى قىزىق تەخسە ئۈستىگە قويغاندا ، ئادەم نەچچە مىللىسېكۇنتتا ئاندىن ئىسسىقنى سېزىدۇ . ئۇنداقتا چوڭ مېڭە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق قىلىپ بۇ سېزىم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈش سېزىمى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ ، بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلىپ ، كەسلەنچۈكنىڭ تىلى بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە چىۋىننى تۇتالايدىغان ، قولىمىزنىڭ چۈشۈۋاتقان ئەينەك ئىستاكاننى تۇتالايدىغان توغرا يولىنىھېسابلاپ چىقالايدۇ ؟
يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇبى نېمە ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ؟.
تەخمىنەن 800 مىڭ يىل ئىلگىرى ، كومپاس جەنۇبنى كۆرسەتكەن بولسا ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋردە ، ئۇ شىمالنى كۆرسىتەتتى . يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلانغاندا ، ئىچكى يادروسىدىكى سۇيۇق مېتال قوچۇلۇپ بىر يەرگە يىغىلىپ ، بىر ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ . ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش پەيدا قىلغان ئىچكى يادرو ھەرىكىتى يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئىككى قۇتۇبىنى ئۆزگەرتىدۇ . مۇبادا ئېكتوپىك (باشقا ئورۇس ) جەريانى باشلانسا ، يەر شارى يەتتە مىڭ يىلدا ئاندىن جەنۇب ، شىمال ئالمىشىدىغان زور ئۆزگىرىشنى تاماملىيالايدۇ . بىر مىليون يىلدا بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3~2 قېتىم يۈز بېرىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .
قارا ئۆڭكۈر ئۇچۇرى نەگە كەتتى؟
قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ،ھەرقانداق ماددا ياكى ئېنېرگىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىشىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ .
ئەمما فىزىك خاۋكىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، مەلۇم خىل نەرسە قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ كېتەلەيدىكەن ، بۇ خىل نەرسە دەل "خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى "" دىن ئىبارەت مۇشۇنداق تاسادىپىي زەررىچىدۇر ، ئەگەر قارا ئۆڭكۈر مۇقىم قۇرۇلمىغا ئىگە ماددىنى چۈشۈرۈۋالسا ، ئۇنداقتا قار ئۆڭكۈر ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەن تولۇپ ، ھەرخىل ئېنىق بولمىغان شاۋقۇنلارنى چىقىرىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇرلار نەگە كەنتى؟
بىز نېمە ئۈچۈن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلمەيمىز؟.
مېتېئورولوگ لاۋرنتس بىر تۈرلۈك كومپيۇتېر ھاۋارايى تەقلىدىنى ئېلىپ بارغاندا ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارامېتىر نى بەشلىك پۈتۈنلەش ئارقىلىق ھېسابلىغان . بۇ كىيىن مەشھۇر كېپىنەك ئېففېكتى "" گە ئايلانغان . لاۋرېنتسنىك بۇ خىل ئۇسۇلى مېتېئورولوگلارنىڭ ئىمكانقەدەر توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېر مودېلىغا كىرگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مۆلچەر رايون ئارىلىقىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بەرگەن . بىراق ئىنتايىن توغرا سانلىق مەلۇماتلارمۇ بىزنى توغرا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۆلچەرلەش نەتىجىسىگە ئېرىشتۈرەلمىدى .
مېتېئورولوگلار يەنە ئاتموسفېرا ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى قاتارلىق ھاۋارايىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆپ خىل ئامىلنى چۈشىنىشى زۆرۈر . شۇڭا، نەچچە ئون يىلدىن كېيىنكى ياكى نەچچە ئەسىر كېيىنكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس .
نېمە ئۈچۈن كېسەللىك تارقىلىدۇ؟
تارقىلىشچان كېسەللىك ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل پاتوگېننىڭ سىرتقى ئىپادىسى . باكتېرىيىنىڭ يۇقۇملىنىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۇلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ قارشىلىق ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق ، بىراق ھېچكىم باكتېرىيىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئادەملەر توپى ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا دائىم قول يۇيۇشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك .
ئېغىرلىق كۈچى قانداق ھاسل بولىدۇ؟
نيۇتون ئاۋۋال ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىنى بايقىغان . ئۇ كىشىلەرگە ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىكى سىرنى ئېچىپ بەرگەن .ئەمما بىز پەقەت ئالەملىك تارتىش كۈچى ھادىسىنىلا چۈشىنىمىز ،ئەمما بۇنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسەن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى .
نېمە ئۈچۈن ئەزالىرىمىز قايتا ئۆسمەيدۇ؟
قىڭراق بارمىقىڭىزنى كېسىپ ئۈزۈۋەتكەندە ، بۇ بارماق سىز بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىدۇ . لېكىن سەمەندەرنىڭ بىر پۇتى ئۈزۈۋېتىلسە ، ئۇنىڭدا تەبىئىي ھالدا بىر پۇت ئۆسۈپ چىقىدۇ . بىز تىرنىقىمىز زەخىملەنسە ھەيران قالىمىز يۇ ، ئەمما ھايۋانلار ئەزالىرىنىڭ قايتا ئۆسۈش جەريانى شۇنداق تەبىئىي بىلىنىدۇ . ئالىملار نېمە ئۈچۈن ھەممىگە قابىل " ئىنسانلارنىڭ بۇنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقى بىلىشكە تەشنا .
ماتېماتىكلار رېمان قىياسنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟
. 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ، گېرمانىيىلىك ماتېماتىك خىلبېرت، ئەگەر قاتتىق ئۇخلاپ مىڭ يىلدىن كېيىن ئويغانسا ، بىرىنچى بولۇپ :رېمان قىياسى ئىسپاتلاندىمۇ ؟ دەپ سورايدىغانلىقىنى ئېيتقان . ھازىر 001 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ مەسىلە تاكى ھازىرغىچە يەنىلا جاۋابسىز . رېمان قىياسى ئاتالمىش رېمانzata فۇنكسىيىسى ئاساسىدا نۆلگە تەقسىملىنىدۇ . مەزكۇر قىياس ئامېرىكا كرايت ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن دۇنياۋى ماتېماتىكا مەسىلىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ ، مەزكۇر قىياسنى ئىسپاتلىغان ياكى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .
نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز". فىزىكلاردىن شەيئىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ ، دېگەن بۇ خىل مەسىلىنى سورىغاندا ، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلگەچكە ئۆلىدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ . ھەرقانداق شەيئى مەيلى ئۇ مىنېرال ماددا ، ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك ياكى ئاپتوموبىل بولسۇن ، ئاخىرى ھەممىسى پارچىلىنىپ يوقىلىدۇ . بۇ خىل ھادىسە ئىنسانىيەتئۈستىدە يۈز بەرسە ئادەم قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ . قېرىشنىڭ سەۋەبى DNA زىيانغا ئۇچرىغان بولۇشى شۇنداقلا خروموسوما ئۇچ دانچىسى يىگىلىگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر ھاياتلىقنىڭ قايسى چاغدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولساق ، يەنىلا ئېكولوگلاردىن ياردەم سوراش كېرەك ،بىراق ئۇلارمۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ ، پەقەت ئالدىن مۆلچەرلەپ بېرىدۇ ، خالاس.
مەنبە: بىلىم - كۇچ ژورنىلىدىن ئېلىندى.
[ manggutax تەرپىدىن 2008-04-27 10:43 قايتا تەھرىرلە ]