قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 127 قېتىم كۆرۈلدى
koktugh1
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23851
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 204 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق

0
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
              ئەزىز ئەيسا
ئۇستازمەن ،نامىم شام نۇرلىرى چاقناق ،
نۇرۇمدىن نادانلىق قاچىدۇ يىراق
خىزمىتىم شەرەپلىك جاپالىق ھەرۋاق
سېرىق تال بۇ ھالىم ئۇسالدۇر  بىراق
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق

ئەل-ۋەتەن بەختىگە يېنىشىم كېرەك،
ئەۋلاتقائەقىل-كۈچ بىرىشىم كىرەك
يانماققا ئاۋال ماي تېپىشىم كىرەك
ھەي ئسىت ئامالسىز سۆزلىشىم كىرەك
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
بىزلەرگە قاتتىقتۇر ئىنتىزام-تەلەپ
ۋە لىكىن نىسىۋە كىپەكسىز ھەلەپ
دەرىسخانە،ئشىخانە كونا، زەي، رەپ-رەپ
سانالدۇق يېڭىدىن سېسىق توققۇز دەپ
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
يانچۇقلار قۇرۇقتۇر تاماقلار مايسىز
قۇرساقلار گۈلدۇرلەپ تاراقلار مايسىز
خۇتۇنلار گاداي دەپ ۋالاقلار مايسىز
يۈزلەرنى بىر ئالدى قورۇقلار مايسىز
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
تېلىۋۇزۇر ،گېزىتتە دەيدۇ؛<< ھۆرمەتلىك >>
<<پۇلى جىق كۈنلىرى خۇشال ئامەتلىك >>
بىلىنەر بۇ سۆزلەر ئاچچىق مىننەتلىك
ئاتالدۇق <<چۈپەي،ھەم قۇرۇق سۆلەتلىك >>
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
باشقىلار ئىش    ھەققى    ئۈسىدۇ      پىنھان
بىزلەرگە   قۇشۇلسا      چىقىدۇ      بۇران
<<ئىئانە>>،<<ياردەم>> لەرتۇش تۇشتىن شۇئان
مەجبۇرى قول سۇزۇپ ئۈلگۈرەر ئاران
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
ھالىم نە بارى-بىر يېنىشىم كېرەك
كۆرسەتكۈچ نۇمۇرغا يىتىشىم كېرەك
نۇمۇر دەپ ئەۋلاتنى گوللىشىم كېرەك
باش تارتسام پاكەننى تۈلىشىم كېرەك
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
بىزلەردىن ئەۋلاتلار رازىمۇ ھازىر ؟
ياق!بولغاچ ئۇقىماي لوبەن، مىليونىر
خارلاشتى زىيالى ئاتىلىپ<< زىغىر  >>
شۇمۇ ھە؟!ئىلىمگە ھۆرمەت ۋە مېھىر!!
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
بىلىمىز، ئەۋلاتتا سۇپەت ئۆسمىدى
سەۋەپكى يەرلىكتە غەيرەت ئۆسمىدى
خەلىقتە كۆزقاراش مەدەت ئۆسمىدى
ئىلىمگە، ئالىمغا ھۆرمەت ئۆسمىدى
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق

قانۇننى بىر ئوبدان تۈزگەنتى مەركەز
ۋە لىكىن ئىجراسىز بولدى ئاق قەغەز
پۇل تاپتۇق ئاي-ئايلاپ چۆلىشىپ كىۋەز
بۇ سەپنى قاپلىدى ساختىلىق- مەرەز
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق

ئۆمەكلەر سەپ تارتىپ كىلەر تەكشۇرۇپ
سىياسى ئۆلچەمدە بەكمۇ چىڭ تۇرۇپ
كۈن ئۈتەر تەسىرات خاتىر تولدۇرۇپ
سۈپەتنى سۆزلىمەس بىرسى قىستۇرۇپ
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
بۇ ھەقتە پەلەككە يەتتى دات-پەريات
رەھبەرلەر بىلمەسمۇ ؟كۇرۇندۇققمۇ يات
ئىش تامام بۇلارمۇ بىلەن تەشۋىقات
ئىدىيە قايسى كۈن بۇلىدۇ ئازات؟؟
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
ھەي ئىسىت بۇ كەسىپ ئۇلۇقتى ئۇلۇق
ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئۈمۈدى تۇلۇق
ئوخشىغاچ مازارغا ئۇماچسىز قۇرۇق
تېلىققان كۆزلەرگە كۈرۈندى سوغۇق
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
  
خەلقىمگە قىلايمەن شۇنداق   بىر خىتاپ
ئەتىنىڭ ئۈمىدى –ئۇستاز نۇر ئاپتاپ
قانچىلىك يانىدۇ بۇ شام مايسىراپ
ئۆچسە شام قىيامەت كەلمەمدۇ قاپساپ؟
مۇئەللىم –مايسىراپ يانغان شام-چىراق
   ئاقسۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : baturjangqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-10, 03:06
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئۆزىگە خاس م ..
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-10 11:04 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
tohri
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
پۇل: 414 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

ئوقۇتقۇچىلارنى مەدھىلەپ ياخشى يېزىپسىز@!! ئوقۇتقۇچىلار ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرى ئەمەسمۇ!!
    لېكىن بەزى ئەخلاقسىز، پەسكەش، ھەتتا پەسكەشلىكتە ئۆزىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىپلاسلارچە، ئىبلىس كەبى قول سوزىدىغان ئوقۇتقۇچىلرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ!!@# ئەنە شۇنداق رەزىللىكلەرنىمۇ قامچىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!!
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 11:38 |
payzi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3637
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

شۇنداق ئېسىل شېئىرغا ماۋۇ يوقۇرىقى قەۋەتتىكى ئاداش نېمە دەپ ئىنكاس يېزىپ  يۈرىدۇ، مېڭەمنى قوداڭشىتىپ؟! ئىنكاس يېزىشنى بىلمىسەڭ جىم ئولتۇرە، ھېچكىم سېنى گاچا دېمەيدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 12:54 |
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1026
شۆھرەت: 1418 نۇمۇر
پۇل: 412 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

بۇ شېئىرنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما بوپقالدى.
مۇئەللىملەر ھەقىقەتەن جاپاكەش،مۇئەللىمنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدۇ.
ئالەمدىكى بارلىق ياخشى تىلەكلەرنى سىلەرگە سۇنىمىز.             
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 00:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-20 17:34
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号