



ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكىمىتى بەنگوڭتىڭى 18 - ئاپرېل << 1 -ماي >> دەم ئىلىش كۈنى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى .
2008 - يىللىق << 1 - ماي >> خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى كىلش ئالدىدا تۇرماقتا << گوۋۇيۈەن بەنگوتىڭىنىڭ 2008 - يىللىق قىسمەن بايرام ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرشى >> غا ئاساسەن جايلار ، تارماقلارنىڭ بايراملىق ساياھەت ، قاتناش - تىرانسىپورت ، ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن 2008 - يىللىق << 1 - ماي >> خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى دەم ئىلىش تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى :
1 - مايدىن باشلاپ 3 - مايغىچە 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلىدۇ .
1- ماي قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنلۇق دەم ئىلىش كۈنى 3- ماي ( شەنبە ) ئارام كۈنى 4- ماي يەكشەنبىدىكى ئارام كۈنى 2 - ماي ( جۈمەگە ) تەڭشەلدى . بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر 4 - ماي كۈنى نورمال خزمەت قىلىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ گىزىتى
[ ajrim تەرپىدىن 2008-04-26 11:46 قايتا تەھرىرلەنگەن ]