ئاپتۇر ئەپەندىم سىز ئوقۇتقۇچىمۇ ؟ ئۇنداق بولسا ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن . بىراق مەن يەنە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىيەلمەيمەن .
چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن بۇ بايرام ئوشۇقچە ،ئۇلارنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش سالاھتىمۇ يوق . سىز بۇ دىگەنلىرىمگە غەزەپلەنمەي تۇرۇپ ،ئەمدى پاكىتنى ئاڭلاڭ .
ئاۋۋال سىزدىن سوراي : ئوقۇتقۇچى دىگەن نىمە ؟ ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى شۇنداققۇ ؟ ئۇقۇتقۇچى دىگەن ئەسلە بىر باغۋەن . ئەجەبا سىلەرنىڭ قانچىلىكىڭلار باغۋەنلىك بۇرچىڭلارنى ئادا قىلالىدىڭلار ؟ قانچىلىكىڭلار ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ تىكلىنەلىدىڭلار ؟ قانچىلىكىڭلار ئۆ زئوقۇغۇچىلىرىڭلارغا ئۈلگە بولۇپ ماڭالىدىڭلار ؟ ئوقۇتقۇچى دىگەن ئەجەبا مەسۇم بالىلارنى باشقۇرىدىغان قارانچۇقمۇ ؟ ياكى پەقەت كىتاپتىكى بىلىملەرنى باشقىلارغا ئىستىمال قىلدۇرىدىغان شۇنداق بىر ئۈگەتكۈچىمۇ ؟ ياق ، ياق ئۇنداق ئەمەس ، ئۇنداق ھەم بولماسلىقى كىرەك . ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن مىللىتىمىز زاۋال تاپىدۇ . توغرسىى ئوقۇتقۇچى چوقۇم كەسپى جەھەتتىنلا ئەمەس ، چوقۇم يەنە ئىچكى ساپا جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ يېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۇن تىرىشىشى كىرەك . شۇنداق بولالىغان چاغدىلا ، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەيدۇ ، شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارمۇ بالىلىرىنى ئىشەنچىلىك بېرەلەيدۇ ، ھازىر ئىنىقكى يەنە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيسى شۇنداق تار ، ئۇلار يىتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئىدىيسى شۇنداق تار . ئۇلار چوڭقۇر پىكىر قىلالمايدۇ ، ھەتتا يەنە نۇرغۇنلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپمۇ قورساق بىقىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قۇرتلارغا ئايلىنپ قالماقتا . ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇ نىڭغا مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى بىزدىلا ئەمەس دەپ جار سالىدۇ . بىراق يەنىلا ئاساسلىق مەسئۇلىيەت سىزدە . چۈنكى سىز ھەقىقى بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز سىز قىلالايسىز ، يەنە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار شۇنچىلىك چۈشكۈن ،ئۇلار ئەسلى بۇ سەپكە خاتا كېلىپ قالغان ، ئەمدى ئويلاپ باقايلى ، بۇ چۈشكۈن ئادەملەرنىڭ تەربىيىلىگەن باللىرى قانچىلىك بولماقچىدى ، ئۇ بالىلارمۇ ئاخىر شۇ چۈشكۈنلىك ئىچىدە قالمامدۇ ؟
بولغان ئىشتىن بىرنى دەپ بېرەي : ئارىمىزدا ئوقۇتقۇچى بالىلاردىن بىر قانچىسى بولىدىغان ،بىر قىتىم ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدۇق ، پاراڭ ئارىسىدا ئۇلارئۆز _ ئارا << ئاداش ، سەن دەرىس ئۆتىدىغان سىنىپتىكى ھىلىقى تاكراڭنىڭ Q Qنومۇرىنى دەپ بەرمەمسەن >>دەپ چاخچاق قىلىشتى . بۇ ئىش راست ياكى يالغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، بۇ ئوقۇتقۇچى دەيدىغان گەپمۇ ؟ ئۇلار دەۋاتقان قىزلار تېخى ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى ئىدىغۇ ؟ .
ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى سەتچىلىكلەرنى يازمايلا قوياي ،ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپى مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى دىگەن بوزەك خىزمەت دەپلا قىلىدىغانلار بەك جىق . ئاساسەن كۆپى پۇل بىلەن يول بىلەن ئورۇنلاشقان . ھەي بولدىلا دىمەيلا قوياي ، بولمىسا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارلىنىپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ .
يىغىپ ئىيتقاندا ئوقۇتقۇچى دىگەن ئۆزىگە ۋە ئالدىدىكى بالىلارغا يۈز كىلەلىشى كىرەك ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە يۈز كىلەلىشى كىرەك ، شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلار . شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارلا ئوقۇغۇچىلىرى قەلبىدە ئابىدە بولۇپ تىكلىنەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردۇر ،( شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ بايرامدا تېلىفۇن ساقلاپ قالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار
)
خوش ، بەزى گەپلەرنى سەل ئاغرىتىپ ئىيتتىم ،كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز ، ئەلۋەتتە دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ . ئەلۋەتتە مەنمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناھايىتى ساپالىق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ۋە تىلەيمەن . ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ناھايىتى ئېسىل . بىراق بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەسلى پايپاق ساتىدىغان نىمىلەر . بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىدە ، پەقەت ئادەم ئىسىل بولسا ، ئىسىل ئوقۇتقۇچى بولالىشى ناتايىن ، ئەڭ مۇھىمى ھەقىقى ئېسىل ئوقۇتقۇچى بولۇش . شۇ چاغدا ھىچكىم پۇشايمان قىلمايدۇ .
ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتسام ، ئۆزۈممۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى ، مەنمۇ ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم . چۈنكى ئۇلار ماڭا ھەم شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . بىراق ھازىر ئويلاپ باقسام ، ئۇلارنى ھازىرمۇ شۇنچلىك ياخشى كۆرسەممۇ (گەرچە ئۇلار ھەم ئېسىل بولسىمۇ )بىراق ھەقىقى ئوقۇتقۇچى دەپ ئىتىراپ قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن ئاران بىر ئىككىسىلا بار ئىكەن .