دېھقانلىرمىزغا بەك تەس بۇلىدىغان بولدى
تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئۆيىمىزنىڭ ئۈستىدىكى تەكلىكتىن(ئۈزۈملۈك)يىغا ئاۋازى كىلۋاتاتتى،قورقۇپ بېرىپ قارىساق بىزنىڭ بىر خوشنىمىز تۈنۈگۈن كىچە كەلگەن ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ كاساپىتىگە كەتكەن تەكلىكنى(ئۈزۈملۈك)كۈرۈپ ئىچى سېيرىلىپ كۆزيىشى قىلۋاتقان ئىكەن.
بىزمۇ بۇ ئەھۋالنى كۈرۈپ بەك ئازاپلاندۇق،.،،،، بىزنىڭ يۇرىتقا ھەقىيقەتەن چاقىرىلمىغان بىر مىھمان كىلىپ جاپاكەش دېھقانلىرمىزنىڭ تەكلىرنى مۇشۇنداق تۇڭلىتۋەتكەن ئىكەن.......
گەرچە بۇ قىتىملىق تۈۋەن ھاۋارايى تۇغۇرسىدا مەلومات بەرگەن بولسىمۇ لىكىن يەرلىكتىكى ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئىلىش چارىلىرنى قوللانماسلىق،تەشۋىق قىلماسلىقىدىنمۇ بۇ قىتىملىق ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى تاپقىلى بۇلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ سەۋەپ بۇلالمايدۇ.
خەيىر قېرىنداشلىرىم..............بۇ يىل بىزنىڭ بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كۈنى بەك تەس بۇلىدىغان بولدى.
قىنى ئاپەت كۆرۈنۈشلىردىن پارچىلەرنى كۈرۈڭلار..
تەكلىكىنى كۈرۈپ كۆزيىشى قىلۋاتقان دېھقان ئايال
ئۈششۈتۈپ قويغان تەك (ئۈزۈملۈك)
ئۈششۈپ كەتكەن ئۈزۈملۈك
سۇغۇقتىن تۇڭلاپ كەتكەن ئۈزۈم بىخى(ئادەتتە مۇشۇ بىخلاردىن ئۈزۈم كۈتۈرلۈپ چىقىدۇ)
بىر ئائىلىكنىڭ تەكلىكى پۈتۈنلەي تۇڭلاپ كەتكەن
ئەسلى ئۈزۈملۈكنىڭ تىلى مانا مۇشۇنداق بۇلىدۇ.ئاپەت تەگمىگەن تەك(ئۈزۈملۈك)
كۆپلىگەن ئۈزۈملۈكلەر بۇ ئاپەتتىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى.
پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئۈزۈملۈك،ئاپەتكە ئۇچىرمىسا بۇ تەكلىكتىن موسىغا 10مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بۇلىدۇ.
ئۈزۈملۈكنىڭ بىخلىرى پۈتۈنلەي تۈگەشتى.قۇرۇپ كەتتى
ئاپەتتىن ئامان قالغان يىگانە بىخ
قاراڭ بۇ ئۈزۈم تاللىرغا،سۇغۇقتىن بۇلۇپ كەتكىنىنى
ئۈششۈكنىڭ ئىلىپ كەلگەن زىيىنى
ھەي دوسلار رەسىملەر تۈگىدى...بۇ قىتىملىق ئاپەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئىلىش،خىزمىتى ئىشلەنمىگەچكە(ئاپەت بەك تۇيۇقسىز كەلگەچكە) زىيىنى بەك جىق بۇلۇپ كەتتى.ئادەتتە تۇرپاننىڭ ئۈزۈمىدىن ياخشى ئىشلىسەك بىرمو ئۈزۈملۈكتىن10مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بۇلىدۇ.
بۇ قىتىملىق ئاپەتتە زىيانغا ئۇچىرغان ئۈزۈملۈك 1000مىڭ مودىن ئۇشۇق بۇلۇشى مومكىن..
مال باھاسى،ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كىتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ دىھقانلىرمىز ئەمدى نىمىگە تايىنىپ يىلنى چىقىرار؟ بەلكىم بۇ بىزنىڭ يۇرىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ سۇئال بۇلىشى مومكىن....