قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 169 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: مىيىت ئۇچۇن سەدىقە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن دۇئا قىلىش،،،،،،،،،،،،،،، پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

damima
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23929
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 293 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 مىيىت ئۇچۇن سەدىقە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن دۇئا قىلىش،،،،،،،،،،،،،،،

0

مىيىت ئۈچۈن سەدىقە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن»، دەيدۇ. («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھقا: «ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا، بىرەر سەدىقە بەرگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلسام، ئۇنىڭغا ساۋابى بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەردى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: مىيىت نامىدىن سەدىقە قىلىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ساۋابىنىڭ مىيىتقا يېتىدىغانلىقى. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىنسان ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجم 39- ئايەت) دېگەن سۆزىگە زىت ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇ ئايەت كۇففارلار توغرىسىدا كەلگەن. ئىنسانلار سۆزى ئومۇمىي بولۇپ، بۇنىڭدىن خاسلىق مەقسەت قىلىنغان. يەنە بىر تەپسىردە ئىنساننىڭ سەئيى قىلغانغا ئېرىشكىنى ئادالەت يۈزىسىدىن ئىكەنلىكى، لېكىن پەزلى يۈزىسىدىن ئېيتقاندا ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنىڭ كاتتىلىقى، يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىپ، ياخشىلىقلارنى ھەسسىلەپ بېرىدىغانلىقى، مۇئمىنگە باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىنىڭ دۇئاسى ۋە ئەھلى-ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان سەدىقىلىرىنىڭ ساۋابىنىڭ يېتىپ تۇرىدىغانلىقى. بۇ خۇددى ئاتا-ئانا بالىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، بالىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ (يەنى ساۋابمۇ يېزىلمايدۇ، گۇناھمۇ يېزىلمايدۇ)، پەقەت مۇشۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى يېزىلىپ تۇرىدۇ: داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم ۋە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنتلەردىن ئىبارەت»، دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ قاراشنى تەكىتلەيدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇ ئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش). ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم (يەنى، باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنت». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابىنىڭ مىيىتقا يېتىپ تۇرىدىغانلىقى. چۈنكى، ئۇ كىشى بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئىشلارنى ھازىرمۇ قىلىپ تۇرغاندەك ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تەرغىب قىلىش. ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم تارقىتىش ۋە ئۆگىتىشىنىڭ پەزىلىتى.

مەنبە: رىيازۇسسالىھىين ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


تېما تەستىقلىغۇچى : MuzTagh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-09, 18:21
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 21:18 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
dubay
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28983
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 448 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

ئاتا-ئانىمىزنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ-مەغپىرىتى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز،ھەم ئۇلار ھەققىدە ئىككى ھەركەت ناماز ئوقۇپ ئۇ دۇنيالىقىنىڭ ياخشى بولىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمىز....ھەدىس روھىدىكى ھىكمەت تەۋسىيە شۇ.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 11:45 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 304
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
پۇل: 96 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18

 

مەن پەقەت ئككىسنى بىلدكەنمەن . ئككىنچى تۈرنى بىلمەيتتىم .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 14:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-20 17:52
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号