ھاياتقا ئىڭەلەپ كۆزئاچقاندىن كېيىن،كائىناتنىڭ سىر-مۆجىزاتلىرىغا ھەيران بولغان ھالەتتە ئاستا-ئاستا بالىلىق مەۋسۈمى بىلەن خوشلىشىپ ياشلىقنىڭ بەڭۋاش كوچىلىرىغا ئۆزەممۇ تۇيمايلا قەدەم بېسىپ قالدىم.ھەممىگە قىزىقىش،تەلپۈنۈش،ئوتتەك ئىشتىياق قەلبىمنى ھامان غىدىقلاپ ئۆز مەيلىمگە بوي بەرمەيتتى.تەبىئەتتىن زوق ئېلىپ،گۈزەل نازنىنلارنىڭ لاپپىدە جىلۋە ئىتىشلىرىدىن مەستخۇش بۇلۇپ، خىيالى تۇيغۇدا ياشاۋاتقان كۆنلىرىمدە تاسادىبى كۆزئالدىمدا پەرىدەك سىمايىڭ پەيدا بۇلۇپ قالدى.
-سەن كىم؟
-مەن جانانمەن.
-سېنىڭ ئاداقى نىشانىڭ نىمە؟
-مېنى چۈشەنگەنلەرگە ئىككى ئالەملىك ئۆزەمنى بېغىشلاش.
ئۇنىڭ جىنەستىدەك لەۋلىرى،دېڭىزدەك تىنىق كۆزلىرى،لالىرەڭ قىزارغان مەڭزىلىرى،چۆچۈپ تۇرغان ئاھۇ كۆزلىرى بىلەن يەرگە ئۇياتچان بېقىشىدىن قەلبىمگە شۇ ھامان ئۆزەممۇ ئىپادە قىلىپ بېرەلمىگۈدەك ئىسسىق بىر سېزىم سىھىرلىك خەنجىرى بىلەن ھۈجۇم قىلىپ كەلدى.شۇندىن بىرى مەن ئىككىگە پارچىلاندىم.ۋۇجۇدۇم سۆي، دەپ ئۆزلۈكسىز خىتاپ قىلىپ تۇراتتى،ئەقلىم ئالدىرما،كۆزەتكىن،سەن ئىزدىگەن پەرى بۇ ئەمەس،دەپ ئۈنسىز نىدا قىلاتتى.ۋىسالنىڭ تەشنالىقى قەلبىمنى ئەللەي ئەتكەن بولسا، ئازاپنىڭ چېكى يوق چۆللىرى مېنى قىيناپ يۈرەك رېلىسىمداگورزىنتال يۈنىلىشتە ئالغا ئىلگىرلەيتتى.ئاھ،جانان!...ئاخىرى مېنى قامال قىلىپ، قەلىب قەلئەيىمنى ئىشغال قىلدىڭ.بۇ خۇددى كىيىكنىڭ تەجىربىلىك ئوۋچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشكىنىگە ئوخشايتتى.(كېيىن بىلدىم)
سەنسىز كۈنلەر ماڭا بۇرانلىق كېچە،ھۇقۇش ھوۋلاپ تۇرغان ئەسكى سوقمىلىق،خىرە مەنزىرە تۇيغۇسىغا چۈمۈلدۇرۇپ،قەلىب قەدەھىڭدە سۇنۇلغان سەۋدالىق شارابى يۇرەكنى تىلغاپ،نىمجان روھىمنى ھەسرەت قەپىسىگە مەھكۈم ئەيلىدى.قەلب قۇياشىڭدىن چاقنىغان نۇر ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۇپ كۆل،روھىمنى قۇل قىلدى.جاناندىن تارىغان خۇش ھىد چەكسىز ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلدى، ئەسەبىي خىيال تىنىمنى ئازابلىدى.
ئاشىق يۈرەكىمدىن ياڭرىغان پىغانلىق كۈيگە بۇلبۇللار مەستخۇش،كاككۇكلار ئۇنسىز، پۈتۈن كائىنات مىسكىن ھالدا كەچمىشلىرىمنى ئاڭلىغاندەك، تەڭرىتاغ قار-مۇزنى يېپىنچا قىلىپ ھەسرەتلىك كۆزلىرىمگە مېھىر بىلەن بېقىپ قەلب ئورتاقلىقى بىلەن قۇلاق سالماقتا ئىدى.شۇندىن بىرى ھەسرەت ھاسىسىغا تايانغان پېتىم يېڭى مەنزىلگە ئاتلاندىم.ئازاب دەرياسىنى كەزدىم،ھېجران قۇملىرىغا كۆمۈلۈپ ۋۇجۇدۇمنى تاۋلىدىم.ئاداققى ۋىسالنى كۆزلەپ ماڭدىم،ماڭدىم،...جاھىللارچە ماڭدىم.ئاقىۋەت ساماۋى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك گۈزەل بىر ۋادىغا قەدەم بېسىپ سىنىڭ تۇنۇش ھېدىڭنى ھېدىلاپ قالدىم،مەن چەكسىز ئۈمۈدلەنگەن ھالدا جانان تامان ماڭدىم.ۋاي پەلەك،ماۋۇ دەھشىتىڭدىن ئۆرگىلەي!شەرىقتىن،غەرىپتىن،شىمالدىن،جەنوپتىن،ئوڭدىن،سولدىن ...سىنىڭ ۋىسالىڭنى ئىزدەپ كەلگەن بەرنا يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىگە نازلىق قىيا بېقىپ،قاشلىرىڭنى ھىمىرىپ،<كەل>دەيتتىڭ.لەۋلىرىڭدە ئۆز گۈزەللىكىڭگە شەيدا بولغان بىچارىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن مەسخىرە ئارىلاش ھۇزورلىنىش،ئۆزەڭگە تەمەننا ئەيلىگەن ھالىتىڭ مىنىڭ ساڭا بولغان دەسلەپكى چۇشەنچەمنى توزغاقتەك توزىتىۋەتتى.بۇرۇنقى نۇرلۇق سىمايىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئاستا-ئاستا ئۈچۈشكە باشلىدى.سىنىڭ شەرمەندە ئەپتى-بەشىرەڭ ۋاقىتنىڭ ئادىل سىناقلىرىدا ئۆز ماھىيىتىنى تولۇق كۆرسەتكەن ئىدى.ھاھاھاھاھاھاھا...كۆلكەمنىڭ ئۆزەمنىڭ نادانلىقىنى مەسخىرە ئەتكەنلىكى ياكى سىنىڭ رەزىل قىياپىتىڭگە كاچات ئۇرغانلىقنى بىلمەيتتىڭ.شۇ ھازا بىر مىنۇت تىڭىرقاشتىن كېيىن،شىكەستىلەنگەن يۇرۇكۈمنى يالاشقا باشلىدىم.بۇ خۇددى كۆك بۆرىنىڭ ياۋنىڭ ئوقىدا يارىلانغاندا ئۆز يۈرىكىنى يالاپ ساقايتقانغا ئوخشايتتى...ئىچ-ئىچىمدىن چىققان مەمنونلۇق كۆلكە لىۋىمدە قېتىپ قالدى.يۇقال،ئالدامچى سۆيگۈ!
غەم باسقان كۇلداندا قالدى ئەسلىمە،
يۇقالغىن قەلبىمدىن ئەسەبى ئىستەك.
دېلىمنى،زېھنىمنى ئۇغۇرلاپ ئاپسەن،
زارلىدى،قاقشاپلا ئۆتتى بۇ يۈرەك.
يۇرەكنى ئالقانغا ئېلىپ مەن ئاستا،
زەن سىلىپ قارىدىم يىنىش-يىنىشلاپ.
پىغاندا قىپ-قىىزىل قانغا تولسىمۇ،
گۈل بەرگى رەت قىلار ھامان ياتسىراپ.
خەيرى-خوش ئالدامچى سەبى مۇھەببەت،
يۇقالغىن قەلبىمدىن دەرھال چىقىپ كەت.
ئاقىۋەت چۈشەندىم خۇيۇڭنى سىنىڭ،
قەلبىمدە قالغىنى پەقەتلا نەپرەت.
مېھرىڭدىن بەرسەڭمۇ بىر كاسا شاراپ،
رەت قىلىپ مەڭگۈگە ياشايمەن سەنسىز.
يىلىنما كۆڭلۈمنى ساڭا بەرگەندىن،
كۆز يۇمۇپ ئىچەيمەن زەھەر ساختىپەز.
ئەلۋىدا، ياش تۆكمە پۇشايماندا سەن،
كۆرگۈم يوق چېھرىڭنى،ئازابىڭنى ھەم.
يوقالدىڭ قەلبىمدىن مەڭگۈگە ئەمدى،
كۆرگۈم يوق ئەبەدى كۆلكەڭنىمۇ ھەم.
مەنبە؛توتېم
[ 此贴被totem在2008-09-09 23:18重新编辑 ]