قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 338 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: تاماكا چىكىش نىمشقا چەكىنلدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

damima
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 23929
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 تاماكا چىكىش نىمشقا چەكىنلدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 baturjangqi 从 ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ 移动到本区(2008-09-09)

  
تاماكا چېكىش ھارامدۇر. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك دەلىلى بار؛ بىرى ئەقلىي دەلىل، يەنە بىرى نەقلىي دەلىل.

ئەقلىي دەلىل:
ئىسلام دىنى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىدىن مەنئى قىلىدۇ. تاماكا يۇقىرىدىكى بەش خىل نەرسىنىڭ ھەممىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى چېكىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زىيانلارنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز:

1 -   تاماكا بەدەنگە زىيانلىق. بەدەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئامانىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز مۈلكى ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئاللاھ تەئالا كۆرسەتكەن يول بويىچە پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا ئاللاھ تەئالاغا تەسلىم قىلىش لازىم.

بىر ئادەمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ دەپ قولىنى ياكى پۇتىنى ۋە ياكى قانداقلا بىر ئەزاسىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمىغاندەك تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزىشىمۇ توغرا ئەمەس.

تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق بىر نەرسە ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. جۈملىدىن دۇنيا بويىچە راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغۇچىلارنىڭ 90 % تاماكا چەككۈچىلەردىن بولغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، بۇ توغرىدا ماقالىلار يېزىلدى. مانا بۇ تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى تاماكىنىڭ قېپىغا «تاماكا ساقلىڭىزغا زىيانلق» دېگەن مەزمۇندا بىر ئاگاھلاندۇرۇش يېزىپ قويىدۇ. ئۇلار بۇنى، تاماكا چېكىپ زىيانغا ئۇچراپ، شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغۇچىلار بولۇپ قالسا، سوت مەھكىمىسىدە بىز «تاماكا زىيانلىق» دەپ قېپىغا يازغان ئىدۇق، دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق دەۋا - دەستۇرلەر بولۇپ تۇرىدۇ. خەلقئارالىق گېزىت - ژورناللاردا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.  

2- تاماكا ئەقىلگە زىيانلىق. چۈنكى تاماكىنى چېكىپ باقمىغان كىشى چەكسە، ياكى چېكىپ ئادەتلەنگەن كىشى كۆپ چەكسە ياكى قاتتىق شۇرىسا ئازراق مەست قىلىدۇ. بۇ مۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.  پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: «كۆپى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

3- تاماكا مالغا (ئىقتىسادقا) زىيانلىق. چۈنكى چېكىدىغان تاماكىنى پۇلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاماكا ئالغان پۇل ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمەستىن قولدا قالغان پۇلنىڭ ئاز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، ھەرقانداق كىشى ئاسانلا بىلەلەيدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چەككەن كىشى ئائىلىسىگە يىمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېلىشنىڭ ئورنىغا تاماكا ئېلىپ چېكىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر كۈن تاماكىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلنى يىغسا، يىغىلغان پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى راھەت - پاراغت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى، بالىلىرىنى ئۇبدان ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە پايدىلىق بىر ئادەم قىلىپ سۇنۇشى مۇمكىن.

4- تاماكا جەمىيەتكە زىيانلىق. مەسىلەن: تاماكنىڭ ئىسى ھاۋانى بۇلغايدىغان بىر زەھەر بولغاچقا تاماكا چەككەن كىشى ئايالىغا، بالىلىرىغا، ھەمراھلىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن بىر ئۆيدە 4 سائەت بىللە ئولتۇرغان كىشى 10 دانە تاماكا چەككەندەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىپ ئۆپكە، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ كېسىلى باشقىلارغا يۇقىدۇ. بولۇپمۇ يۆتەلگەن چېغىدا شۇنداق بولىدۇ.

سۇ ۋە ھاۋا ھايات ئۈچۈن ئاساسلىق ئىككى ماددە. سۇنى بۇلغىۋېتىش مەنئى قىلىنغاندەك ھاۋانى بۇلغىۋېتىشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. بىر كۆلنىڭ سۈيىگە بىر زەمبىل پوقنى تۆكۈش قانچىلىق يامان ئىش بولسا، تاماكا چېكىپ ھاۋانى بۇلغاشمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك يامان ئىش. بۇنى ئەقىل-  پاراسەت ئىگىلىرى بايقىيالايدۇ.

5- تاماكا ئەخلاققا زىيانلىق. چۈنكى تاماكا ھەرگىز مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ ئادىتىدۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقنى دىنىدىن ئۆگىنىشى لازىم. دىنى نېمىگە بۇيرۇسا، ئۇنى قىلىش، نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىش دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ئەخلاقتۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغان ئىشنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر بىھۈدە سۆز- ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر» (مۇئمىنۇن سۈرىسى 23/3).

تاماكا چېكىدىغان كىشى تاماكا ئېلىشقا پۇل تاپالمىغان چاغلاردا جىلە بولۇپ بىكاردىن- بىكار باشقىلارغا ئاچچىقلايدۇ. بەزىلەر بىلەن تىللىشىدۇ. بەزىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ. بەزىدە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كىشىلەر ئۇرۇشىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى، ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىسى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن ناچار بولىدۇ.

تاماكا چىكىدىغان كىشى بەزىدە بالىلىرىغا ئازار بېرىدۇ. ئايالىغا دەشنەم قىلىدۇ. بەزىدە ئۆزىچە چىچاڭلاپ ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىپ ئايالىنى تۇل، بالىلىرىنى يېتىم، ئۆزىنى دىۋانە قىلىپ قويىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئاغزى سېسىق، يۈزى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ.

تاماكىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلىرى بار. بۇ زىيانلار تۆۋەنكىچە:

ئا - ھەر كۈن تاماكا، چاقماق ياكى سەرەڭگە ئېلىشقا چىقىم بولغان پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلىدىغان بولساق، مۇدھىش بىر رەقەم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا ھېسابلاپ باقايلى قېنى. ئاندىن بۇنىڭغا تاماكىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشقا كەتكەن مەبلەغنى قوشۇپ باقايلى. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىك بولۇش كېرەك ئەمەس.

ب - تاماكا چېكىش دۇكان، ئۆي، زاۋۇت - فابرىكا، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋە باسما زاۋۇتلىرى قاتارلىق جايلارغا ئوت كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. كۆيۈپ كەتكەن ئۆي، كارخانا، ئاپتومۇبىل ۋەھاكازالارنىڭ كۆيۈپ كېتىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرگەن چېغىمىزدا يەنە تاماكا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ.

نەقلىي دەلىل
تاماكا چېكىشنىڭ ھاراملىقىغا يۇقىرىدىكى ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندە نەقلىي دەلىللەر كەلتۈرىمىز: تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا، قوشنىغا ۋە ئىقتىسادقا زىيانلىق ھەرقانداق نەرسىنى ھارام قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىمىز:

1- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (ئەئراف 157- ئايەت). (تاماكا زىيانلىق، ناپاك، سېسىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر).

2- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن تەھلىكىگە ئاتماڭلار» بەقەرە 195- ئايەت). (تاماكا راك ۋە ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشاش تەھلىكىلىك كېسەللەرنى كەلتۈرىدۇ. تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى تەھلىكىگە ئاتقان بولىدۇ).

3- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29- ئايەت) (تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئالدىرىماي ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ)‹

4- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تۇغقانغا، يوقسۇلغا، يولدا قالغۇچىغا ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن. چۈنكى بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا دائىما رەببىگە نان كوردۇر» (ئىسرا 26 - 27- ئايەتلەر ) (تاماكا چېكىش مالنى بۇزۇپ چاچقانلىقتۇر ۋە ئىسراپ قىلىشتۇر).

5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى، نەۋەۋى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چېكىش بالا - چاقىلارغا، دوست - بۇرادەرلەرگە، قولۇم - قوشنىلارغا ۋە پۇل- ماللارغا زىيان سالغانلىقتۇر).

  6 - پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : «كىمكى ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، قوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن» (بۇ خارى رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن ئايالىغا، بالىلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ پەرىشتىلەرگە ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ).

7- پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرىڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىن تاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ؟» (تىرمىزى). (تاماكا چېكىدىغان كىشى مېلىنى تاماكىغا خەجلەپ جىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن چىرىتىدۇ).

خۇلاسە قىلىپ ئېتقاندا ئىسلام دىنى جاننى، ئەقىلنى، مالنى ۋە نومۇسنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. اللە تائالا ھەممىمىزنى، بۇلارنى ساقلاپ ئاخىرەتكە پاكىز ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن.

مەنبە.ئاخرەت مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : baturjangqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-09, 13:05
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 20:54 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
0999yurut
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 208
شۆھرەت: 233 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

تاماكا چېكىشنى تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

سىز تاماكا چېكىشنى تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
20 مىنۇتتىن كېيىن :

قان بېسىمى ، تومۇرنىڭ سوقۇشى ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپىراتۇرسى نورمال ھالەتكە قايتىدۇ .

8 سائەتتىن كېيىن :

قان تەركىبىدىكى نېكوتىن بىلەن كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارىنىڭ يېرىمى ئازىيىپ ، ئوكسىگىن مىقدارى نورمال ھالەتتكە يېتىدۇ .

24 سائەتتىن كېيىن :

بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدى يوقاپ ، ئۆپكىدىكى بولغانغان ماددىلار تازلىنىشقا باشلايدۇ .

48 سائەتتىن كېيىن :

بەدەندىكى نىكوتىن تۇگەپ ، تەم تۇيغۇسى بىلەن پۇراش سىزىمى ياخشىلىنىدۇ .

2-12 ھەپتىدىن كېيىن :

ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقى 30% ئاشىدۇ .قان بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشىلىنىدۇ .

1 يىلدىن كېيىن :

تاجىسىمان ئارتېريە قېتىشىش خارەكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بىرىش خەتىرى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا 50% ئازىيدۇ .

5 يىلدىن كېيىن :

ئىلگىرى كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى 50% كە يېقىن تۆۋەنلەيدۇ .يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ -خەتىرى 50% ئازىيدۇ .

15 يىلدىن كېيىن :

تاجىسىمان ئارتېريە قېتىش خارەكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكى بىلەن تەڭلىشىدۇ .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:18 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

قايلى قىلارلىق ،پاكىت دەللىرى بىلەن چشەنچە بىرپسلەر .منىڭچە بۇنڭغا نۇرغۇن كشلەر قايل بولماي تۇرالماديدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:22 |
karwanyoli
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 220 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

كۆپلىگەن كىشىلەر ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . ئەگەر تاماكىنىڭ ھاراملىقىغا يۇقارقى ئۆلچەم بىلەن باھا بەرسەك ئۇنداقتا تاماكا ھاراققا قارىغاندا مىڭ ھەسسە ھارامدۇر . چۈنكى تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەركىبلەر مىڭ خىل دىن ئاشىدۇ . ھاراقنىڭ بولسا شۇ ئىسپىرىت .
ئەگەر پەيغەمبەر سەللەلاھ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ ۋاقتىدا تاماكا بولغان بولسا ئېدى ، تاماكا مۇسۇلمانلار يىراق تۇرۇشقا تىگىشلىك بىرىنچى ھارام دىيىلىشى مۇمكىن ئېدى .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:27 |
QOGHLANI
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1037
شۆھرەت: 258 نۇمۇر
پۇل: 1792 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كىرەك.......
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:31 |
0999yurut
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 208
شۆھرەت: 233 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

Quote:
引用第2楼kalkvn117117于2008-09-09 21:22发表的  :
قايلى قىلارلىق ،پاكىت دەللىرى بىلەن چشەنچە بىرپسلەر .منىڭچە بۇنڭغا نۇرغۇن كشلەر قايل بولماي تۇرالماديدۇ .

قايىل بولۇپسىز بىراق باش سورىتىڭىز ..........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:47 |
篮球帅哥
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 412 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

Quote:
引用第2楼kalkvn117117于2008-09-09 21:22发表的  :
قايلى قىلارلىق ،پاكىت دەللىرى بىلەن چشەنچە بىرپسلەر .منىڭچە بۇنڭغا نۇرغۇن كشلەر قايل بولماي تۇرالماديدۇ .

قايىل بوپسىز ، بىراق سىز يەنە تاماكا چىكىۋىتىپسىزغۇ
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 22:16 |
ablattohsun
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 97 نۇمۇر
پۇل: 168 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-23

 

بايانىڭىز ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق . مەن تاماكا تاشلىغىلى 5يىل بولدى. ھازىر سالامەتلىگىم بەك ياخشى.تىمىڭىزغا رەھمەت     
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 22:37 |
90uygur
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 532 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مېنىڭ ئىرادەم ئاجىز ئىكەن ھېچ تاماكا تاشلىيالماي قالدىم ،تاشلىساممۇ بىرەر سەپەرگە چىقىپ قالسام ئەڭ بۇرۇن تەييارلايدىغىنىم تاماكا ،ھەي قاچانمۇ تاشلارمەن .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 23:04 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
پۇل: 1060 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بەك ياخشى يوللاپسىز رامىزاندا ساۋاپقا ئىرىشەي دەپسىزدە ؟ زادىغۇتاماكادىگەن ياخشى نەرسە ئەمەس ، تاماكاچىكىدىغانلار كوڭلەرگە كەلمىسۇن تاماكا چەككەنلەر ئاچچىغى كەلسە ئىتقىلا ئوخشايدۇ
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 00:59 |
كۈيلەر
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئىرادە كۈچلۇك بولسا تاشلىغىلى بۇلدۇ..... بۇ يوللانغان تېما كىشىنى ھەقىقىتەن قايىل قىلدىكەن .... دوسلار تاماكا تاشلاشقا تىرىشايلى!!!! .... ۋاي ئىسىت چىڭ ۋارقىراپ سالدىم سەل خىجىل بۇلۋاتىمەن . خۇددى مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار تاماكا چىكىدىغاندەك ، بۇ گېپىم پەقەت تاماكا چىكىدىغانلارغا تەگسۇن ئەمسە !!!!!
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 01:00 |
bihlan007
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26917
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 197 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

تاماكا دىگەن يېقىن كىلىدىغان نەرسە ئەمەس!!!
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 12:48 |
axikjan
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 26092
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 270 نۇمۇر
پۇل: 970 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئىنشا ئاللا رامىزاندا تاماكىنى تاشلاشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن ، رەھمەت دوسىتلار ، ياخشى تىمىلىرىڭلار ئۇزۇپ قالمىسۇن
سەھرا سۈتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 13:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:29
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号