Quote:
引用第3楼Asimjan于2008-09-09 19:37发表的 :
مەزكۈر تەپسىردە <<قۇرئان كەرىم>>دىن ئېلىنغان 2- نەقىل (سۇرە ھېجىر27-ئايەت)بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئوخشىماسلىق بار ئىكەن. تېما ئىگىلىرىنىڭ چۇشەندۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن.شۇڭا بۇ يەردە مەنمۇ<<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى يۇقىرىقى نەقىل بىلەن پەرقلىق بولغان ئايەتنى نەقىل قىلىپ ئۆتەي:<<جىنلار(يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس)نى ئىلگىرى تۇتۇنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق>>(سۇرە ھېجىر 27-ئايەت)
ئاللا ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن!
قىرىندىشىم،تەپەككۇر قىلغىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.ھەقىقەتەن بۇ بىر ئايەتتە جىننىڭ تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن يارتىلغانلىقى،ئادەمنىڭ بولسا تۇپراقتىن يارتىلغانلىقىدىن ئاللاھ ئىلىم ئىگىللىرىگە خەۋەر بىرىدۇ.ىمەك،بۇ تەپسىردە ئايەتنىڭ ساپ مەزمۇنىغا ھىچقانداق نوقسان يەتكۈزۈلمىگەن،بەلكى،تىخىمۇ كىڭەيتىلىپ چۈشەنچە بىرىلگەن.بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىزپەقەت قۇرئان كەرىمنىڭ تۈپ مەزمۇنىدىن ئازغىنەشەرئىي قىلىنغان قىسمى.مۇنداق بىر ھۆكۈم بار،شەرئىي كىتاپلاردا دىيلىشچە بىر ئايەتنىڭ 100مەنىسى بولۇپ ئۇنىڭ بىر بۆلىكىلا ئالىملارغا بىلدۈرۈلگەن.قالغان قىسمىنى بولسا ئاللاھ ئىگەمنىڭ ئۆزىگە مەلۇمدۇر.ھىچقاچان ھەممە ئۆلىمالارنىڭ مەلۇم ئايەتكە مەلۇم مەزمۇندىلا تەپسىر بەرگەنلىكىنى كۆرمەيمىز.ئارىدا چوقۇم چۈشەنچە پەرقى بولىدۇ.
مانا بۇ ئاللاھنىڭ <<ھەر بىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات باردۇر>>سۇرە يۈسۈف 76- ئايەت.دىگەن سۆزنىڭ ئىپادىسىنى نەق مۇشۇ يەردە تاپىدۇ.دىمەك بىزنىڭ بىلىپ قىلىشىمىز ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى،قۇرئاننىڭ ھەممىدىن ئىلىملىك،چەكسىز قۇدرەتلىك،ئۆتمۈشنى ھەم كەلگۈسىنى بىلگۈچى رەب تائالاھ ۋەتەقەددەس تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى كۆپلگەن جاھىللەرگە بىلدۈرۈپ قويۈش بىلەن بىرگە.مانا مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمە ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ سېرىدۇر.ھەقىقەتەن قۇرئان ھىكمەتتۇر،مۆئجىزىدۇر،چەكسىزلىككە ئۈندىگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن نۇرلۇق ھىدايەتتۇر.چەكسىز ھەمدۇ-سانا بىزلەرنى ئىمان بىلەن،ئىلىم بىلەن ئەزىز قىلغان خالىقۇل ۋۇجۇتقا بولسۇن،ئۇ ھەقىقەتەن بارچە نوقساندى پاكتۇر.