ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇقام
جۇجى
1-«مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
«مۇقام» ئەرەپچە سۆز . بۇ سۆزنى ئالىملار بىر-بېرىگە ئوخشاشمىغان ھالدا ئىزاھلاپ كەلدى.
(1) ئورۇن چۈشەنچىسى: ياۋرۇپالىق مۇزىكا ئالىمى ئىدىلسون1913-يىلى«مۇقام» سۆزىنى «ئەڭ يوقۇرى ئورۇن»، يەنى ناخشىچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنىنىڭ ھوكۈمرانى بولغان خەلىپىنىڭ ئالدىدا تۇرغان چاغدىكى پەلەمپەي ياكى ئېگىز پەشتاق دەپ چۈشەندۈردى. ساكىس بىلەن لىئىمان. مىشاز قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل قاراشقا قوشۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بويان خېلى كۆپ ئالىملار مۇنداق قاراش ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئوردىسىدا ناخشىچىلارنىڭ خەلىپە ئالدىدا تۇرالايدىغان مۇنداق پەۋقۇلاددە شەرەپكە نائىل بۇلالىشى ناتايىن، ئۇلارنىڭ پەلەمپەي ياكى ئېگىز پەشتاختا تۇرىشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، دېدى.
(2) قائىدە، ئۆلچەم، قانۇن، شەكىل، قېلىپ چۈشەنچىسى: بەزى ئالىملار ئەرەپ تىلىدىكى «مۇقام» بىلەن گىرېك تىلىدىكى «نومجىن» ئارىسىدا ئوخشاش مەزمۇن بار، ھەر ئىككىسى «قائىدە» ياكى «قانۇن» دىگەنلىك بۇلىدۇ، دەيدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇقام» نىڭمۇ شۇنداق مەنىسى بار. ئالايلۇق، كىشىلەر «مۇقامغا قاراپ ئىش قىلايلى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. بۇ سۆز مۇزىكا ساھەسىدە « قېلىپ» ياكى « شەكىل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
(3)تون، فونېما، گامما، كۈي شەكلى چۈشەنچىسى:مۇنداق قاراشتىكىلەر «مۇقام» سۆزىنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى «ئاۋاز»، كېيىنچە قەدىمكى چالغۇ ئودنى چالدىغان مۇغەننىلەرنىڭ سول قول بارمىقى تۇرىدىغان ئورۇننى كۆزدە تۇتقان. چۈنكى مۇغەننىنىڭ سول قول بارمىغىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بويىچە ئوخشاشمىغان گامما چىقىرىشقا بولىدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى ئوخشاشمىغان كۈي شەكلى پەيدا بۇلىدۇ. شۇڭا «مۇقام» سۆزى « كۈي شەكلى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ ، دەيدۇ. 1976-يىلى نەشىردىن چىققان « سوۋىت ئىتتىپاقى قامۇسى. موزىكا قىسسىمى» مۇشۇ قاراشنى قۇبۇل قىلغان.
(4) كۈي ئاھاڭى، مۇزىكىلىق كۈي چۈشەنچىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇقام» سۆزى «
كۈي ئاھاڭى» ياكى «مۇزىكىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئالايلۇق، كىشىلەر « كونا مۇقامغا توۋلاۋەرمىگىنە» دېگەندە «ئاھاڭ» ياكى «كۈي» نى «مۇقام» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
(5)مېلودىيە چۈشەنچىسى: « جۇڭگو قامۇسى. مۇزىكا-ئۇسسۇل قىسسىمى» دا ئەرەپ مۇزىكىلىرىدىكى كۈي ئاھاڭى تۆت تونلۇق تەرتىپنى ئاساس قىلىدۇ. باراۋەر بولمىغان ھەر خىل ئېنتىرۋالدىن ھەر خىل شەكىلدىكى تۆت تونلۇق تەرتىپ بارلىققا كېلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق تۆت تونلۇق تەرتىپتىن بىر خىل كۈي شەكلى پەيدا بولىدۇ. دەپ خاتىرلەنگەن. ئەرەپ مۇزىكىلىرىدىكى يۈزدىن ئارتۇق مۇنداق كۈي شەكلى «ماقام» دەپ ئاتىلىدۇ.« مۇزىكانىتلار ماقامدا بەلگىلەنگەن گامما، ئاۋاز دائىرىسى، ئېنتىرۋال، تايانىچ تون شۇنداقلا مېلودىيىلىك ۋە رىتىملىق شەكىللەر بويىچە، پەۋقۇلاددى ھىسيات بىلەن پەلسەپىۋى پىكىرنى بىرلەشتۈرۈپ خالىغانچە ناخشا ئېيتىدۇ، مۇزىكا ئورۇنلايدۇ». ساكىس، ناتىر، يارگى قاتارلىق مۇزىكا ئالىملىرى « مۇقام» «پەۋقۇلئاددە گامما، پەۋقۇلئاددە كۈي قورۇلمىسى، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئاساسى مۇددىئانى ئالاھىدىلىك قىلغان مېلۇدىيە شەكلى »، « مېلۇدىيىنىڭسۈڭىكى ۋە مېلۇدىيە قېلىپى» ياكى بولمىسا « كۈي شەكلى مېلۇدىيە تۈرى» دەپ كۆرسىتىدۇ.
(6) پەۋقۇلئاددە زامان-ماكان بىرىكمىسى شۇنداقلا « پەۋقۇلئاددە مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى» چۈشەنچىسى ئەرەپ مۇزىكا ئالىمى ھەبىب. ھەسەن. توما « پەقەت مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىلا مۇقام ھادىسىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، يەنى بىر خىل رىتىم بىلەن بىر زاماندىكى بىركمىنى شۇنداقلا زۈرۈر ۋە ئېنىق ئاھاڭ بىلەن بىر ماكاندىكى بىرىكمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.» ئاتالمىش پەۋقۇلئاددە مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئالدى بىلەن بىرەر كۈي شەكلىنى ت6اللاپ، شۇ ئاساستا مېلۇدىيە شەكىللەندۈرۈشكە ، ئوخشاش بولمىغان .ودار بىلەن رىتىم ئارقىلىق ھەر قايسى باسقۇچلارنى تەشكىللەشكە توغرا كىلىدۇ. شۇ چاغدا مۇزىكا كۈيى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى « كۈي شەكلى- رىتىم مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى» دىيىلدۇ، دەپ قارايدۇ.
(7)مۇزىكا ژانىرى، يۈرۈشلەشكەن كۈي، چوڭ كۈي، مۇزىكا تۈرى چۈشەنچىسى: لىياۋ تىيەنرۈي ئەپەندى باش مۇھەررىرلىگىدەتۈزۈلگەن« مۇزىكا قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندىتەرىپىدىن ئىزاھلانغان «مۇقام» سۆزىدە؛11- ئەسىردىن14- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا، ئاسىتادىكى بەزى مىللەتلەردە ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ مۇقام كۈي شەكلى سېستىمىسى بويىچە شەكىللەنگەن چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. مۇقاملارغا كۈي شەكلىنىڭ ئەمەلى گەۋدىسىدىن باشقا مۇزىكىلىق ژانىر دېگەن مەزمۇن قۇشۇلدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: «مۇقام» « مەگام» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. ھالبۇكى «مەگام» مىلادىيە 10-ئەسىردە ئەرەپ ئەدەبىيات سەھنىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل ئەدەبى ژانىر. بۇ خىل ئەدەبى ئەسەرلەردە دىرامماتىك ھىكايىلەر قاپىيەلىك نەسىر بۇيىچە بايان قىلىندۇ. ئۇنى مۇزىكا ئاھاڭلىرىغا كىرىشتۈرۈپ ئېيتقىلى بۇلىدۇ. بۇ مۇزىكىلار ئۆز ئالىدىغا مۇستەقىل كىچىك كۈيلەردە بايان قىلىنىۋاتقان ھىكايىلەر ئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇزىكىغا ئايلانغاندىن كىيىن «مەگام» دەپ ئاتالغان، كىيىنكى كۈنلەردە «مۇقام »دىيىلگەن، دەيدۇ. «سوۋىت ئىتتىپاقى قامۇسى. مۇزىكا قىسسىمى» مۇ مۇقامنى « ناخشا مۇزىكىسى بىلەن چالغۇ مۇزىكىسىدىن شەكىللەنگەن يۈرۈشلۈك كۈيلەر» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.1960-يىلى نەشىردى چىققان « ئون ئىككى مۇقام» دىگەن كىتاپتا «ئون ئىككى مۇقام» لىرىك ناخشا ئاھاڭلىرى، ئېپىك داستان ناخشىلىرى، ئۇسسۇل بىرىكمە ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىق كۈي قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان گۇرۇپىلاشقان كۈي» دىيىلگەن. ھەمدە مۇشۇ تەپەككۇر بويىچە « شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ قۇرۇلمىسى ئېلىمىزدىكى قەدىمى چوڭ كۈي (<كۆسەن نەغمىلىرى> قاتارلىق< غەربى يۇرت چوڭ كۈيلىرى>) بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ، شۇڭا <.ون ئىككى مۇقام>نىڭ تەركىبىدىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ بىرىنجى چوڭ بۈلىگى<چوڭ نەغمە> دېيىلىدۇ، بۇ < چوڭ كۈي> دېيىلگەنلىك» دەپ يېزىلغان. مۇشۇنداق ئويلىنىش نەتىجىسىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەل ئىچى مۇزىكىلىرىنىڭ« ئەل ئىچى ناخشا-مۇزىكىلىرى»،« ئەل ئىچى چالغۇ مۇزىكىلىرى»،« ئەل ئىچى ناخشا-ئۇسۇل مۇزىكىلىرى»،«داستان مۇزىكىلىرى»،« ئەلنەغمە مۇزىكىلىرى» دەپ ئاتالغان ئۇزاق بىر مەزگىلنى نەزەرگە ئېلىپ،« ئون ئىككى مۇقام» نىڭ لىرىك ناخشىلىرى، ئېپىك ناخشىلىرى، چالغۇ مۇزىكىلىرى، ناخشا-ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە بىر گەۋدە بويىچە يوقۇردىكى« بەش تۈر» نىڭ ئىچىدىكى ھەر قاناق بىر تۈرگە كىرگۈزۈشكە مۈمكىن بولمىدى.مۇشۇلارغا ئاساسەن بەزى ئالىملار 20- ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا مۇقامنى پەۋقۇلئاددە «مۇزىكا تۈرى» دەپ قاراش لازىم دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى.
(8) ئەركىن ئودار چۈشەنچىسى:ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىرى مۇشۇنداق دىيىشكە ئادەتلەنگەن.ئۇلار ئۆز ئادىتى بويىچە «مۇقام» نى « ئەركىن ئودارلىق مۇزىكىلىق كۈي» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى مۇقامدى ئارىيە ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلساق، ئۇلار ئالدى بىلەن «ئەركىن ئودار»لىق كۈي نى ئېيتىپ بېرىدۇ.« جۇڭگومۇزىكا لوغىتى» دىمۇ مۇقام « چوڭقۇر ھىسىياتلىق، ئەركىن ئودارلىق مۇقەددىمە، ئەركىن رىتىملىق ئۇزۇن-قىسقا جۈملىلەر» دىن قوراشتۇرۇلغان، دەپ يېزىلغان.
(9)ئىختىيارى (دەماللىق) ئورۇنلاش چۈشەنچىسى: ئىدىلىسۇن مۇقامنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇ نوقتا نەزەرنى ھەممىدىن بالدۇر تىلغا ئالدى.ۋېنگىريىلىك مۇزىكا ئالىمى ساپۇچ. بىنسەي «مېلۇدىيە تارىخى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن « ئەل ئىچى مۇزىكىلىرى ۋە بەدىئى مۇزىكىدىكى <مۇقام> پىرنىسىپلىلى: تۈر ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ۋاريانتى» دېگەن ماقالىدە: « مۇقام دىگىنىمىز ئورۇنلۇغۇچى ئۈچۈن سەنئەتلىك لايىھلەپ بېرىلگەن ئۆلچەملىك ئەنئەنە، قانۇنىيەت ۋە ئۇسلۇبنىڭ يىغىندىسى. ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ ئىختىيارى(دەماللىق) ئورۇنلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مېلۇدىيىلىك فۇرماتسىيە ئۇنىڭ ئىجىتمائى ئۇسلۇب ئۆلچەملىرى ئاساسىدىكى خاسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ».«بۇ خىل بەدىئىلىكنىڭ جەۋھىرى شۇ يەردىكى، ئۇ چەكلەش ۋە ئەركىن بۇلۇش،مۇقىم ئۈلگە ۋە ئىختىيارى ئورۇنلاش، كوللىكتىپ ۋە شەخىس، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەنئەنە ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجادىيەت ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ».« ئۇمۇمەن ئەل ئىچىدىكى مېلۇدىيىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىجات قىلىنىشنىڭ ھەممىسىدە ماقام قوللىنىلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ۋاريانتى ئوتتۇرغا چىقىدۇ».« ئۆز پېتى تۇرۇۋېرىدىغىنى پەقەت ئادەتتىكى كۆرۈنۈش بىلەن ئاساسى قىياپەت بولىدۇ. قالغانلىرى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەركىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئورۇنلاشنىڭ ئكزى ئۇنىڭدىكى مەنە بىلەن ھاياتى كۈچنى مېلۇدىيىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرىدۇ» دەپ يازىدۇ.
«مۇقام» دىگەن بۇ سۆزنى ھەر خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بار: بىرى ھەر مىللەت ،ھەر قايسى رايۇنلاردىكى« مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» ئوخشاش ئەمەس.يەنە بىرى،«مۇقام» دىگەن بۇ سۆز تارىخى مۇساپە ۋە پايانسىز كەڭ زىمىندا ئۆز مەنىسىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ تۇرغان. شۇڭا، ھەر قايسى دۆلەت، ھەر قايسى مىللەت ۋە ھەر قايسى رايۇندىكى مۇزىكا ئالىملىرى شۇ جايدىكى شۇ جايدىكى «مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» نىڭ ئەمەلى ئەھۋالى بويىچە «مۇقام» دىگەن بۇ سۆزگە ھەر خىل تەبىر بەرگەن. «ئون ئىككى مۇقام» ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر مۇقامىغا قارىتا ، بىز ئۇنى « ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىنى بىر گەۋدىگە مۇجەسسەم قىلغان چوڭ ھەجىملىك ئونۋېرسال سەنئەت شەكلى» دەپ چۈشەندۈرىمىز.
2- مۇقام مۇزىكا ھادىسىسىنىڭ تارقىلىشى
نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئەھۋال بويىچە، مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى ئاساسلىقى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى ئۆز ئارا تۇتاش 19 دۆۋلەت ياكى ياكى رايۇنغا تارقالغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېلىمىزدىكى شىنجاڭدىن باشقا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۆزبېكىستان،تاجىكىستان، تۈرىكمەنىستان، ئەزەر بەيجان قاتارلىق ئەللەرگە؛ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىدىكى ئافىغانىستان،ئىران، ئىراق،سۈرىيە،تۈركىيە،قاتارلىق دۆلەتلەرگە؛ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى پاكىستان،ھىندىستان،قاتارلىق دۆلەت ۋە كەشمىر رايۇنىغا؛ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى مىسىر، لىۋىيە،تۇنىس،ئالجىريە، ماراكەش،ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان يېقىنقى يىللاردىن بويان ، ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئالبانىيىدىكى مۇزىكا ئالىملىرى ئالبانىيىنىڭ شىمالى رايۇنلىرىدا مۇقامنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ نوقتىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
دۇنيا خەرىتىسىنى ئاچساق،يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان « مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ بىر -بىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ شىمالى مېردىئان20 بىلەن 40 گىرادۇس ئارلىقىغا، شەرقى پاراللېل 95بىلەن 15 گىرادۇستىكى دائىرگە جايلاشقانلىغىنى كۆرىمىز.
3- مۇقام مۇزىكا ھادىسىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى
مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى بوستانلىق مەدەنىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ شەكىللەنگەن.
مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تەبىئى شارائىتى ئىنتايىن ناچار. ئەگرى-بۈگرى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، قورۇم تاغ تىزمىلىرى، ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرى، ئىلبورس تاغ تىزمىلىرى، كورد تاغ تىزمىلىرى، تاۋر تاغ تىزمىلىرى، زاگرۇس تاغ تىزمىلىرى، كافكاز تاغ تىزمىلىرى، ئاتلاس تاغ تىزمىلىرى بۇ رايۇنلارنىڭ رامكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.ھەيۋەتلىك تاغلار ۋە ئېگىز تاغ چۇققىلىرى پامىر، ئافىغانىستان، ئىران، ئەرەپ، ئاناتولىيە، تۇستىرىت، داگرىف، ۋىدىيان، ئەھكار تۆپىلىكى ۋە تارىم پەرغانە ئويمانلىغىنى ئارىىسىغا ئالغان،ياكى شۇ يەرلەرگىچە سوزۇلغان. نەچچە ئونمىڭ يىلدىن بېرى تىنىمسىز سۇقۇپ تۇرغان بوراننىڭ يۆتكىشى ۋە قۇم توزۇندىلىرىنىڭ چۆكمە بۇلىشى نەتىجىسىدە، بۇ يەردىكى ئىگىزلىك بىلەن ئويمانلىقنىڭ ئارىسىدا كەڭ كەتكەن قۇملۇق ۋە جەزىرە پەيدا بولغان. تەكلىماكان قۇملۇقى، قىزىل قۇم قۇملۇغى، ۋالان قۇملۇقى، شاش قۇملۇقى، ھىندىستاندىكى قۇملۇق، سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، سۈرىيە قۇملۇقى، ئەرەپ قۇملۇقى،لىۋىيە قۇملۇقى قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسى قۇملۇق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. گىيا ئۈنمەيدىغان قۇۋەتسىز يەرلەرنىڭ باش-ئايىغى كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت قارلىق تاغ چوققىلىرىدىن ئېرىپ چۈشكەن ۋە تاغدىكى بۇلاقلاردىن ئېقىپ كەلگەن سۇدىن ھاسىل بولغان تارىم دەرياسى، ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى، ھىندى دەرياسى، گانگ دەرياسى، تگرىد-يىفرات دەريالىرى،ئىككىدىن ئارتۇق دەريانىڭ قۇشۇلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئەرەپ، نىل دەرياسى، مۇراد دەرياسى،سېنېگال دەرياسىنىڭ ئەككى قىرغىغىدىكى تىندۇرما تۈزلەڭلىك، ئۇ يەرلەردىكى ئارال دېڭىزى، كاسپى دېڭىزى، قارا دېڭىز،ئەرەپ دېڭىزى، قىزىل دېڭىز،ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قاتارلىقلارنىڭقىرغىقىدىكى سوزۇنچاق، تار تۈزلەڭلىكتىلا يېشىللىق ۋە ھاياتلىقنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. بۇ رايۇنلارنىڭ كېلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغدىكى قۇرۇقلۇق خاراكتىردىكى كىلىمات بىلەن ئىسسىق بەلۋاغدىكى قۇملۇق خاراكتېرلىك كىلىماتقا ياتىدۇ. قۇرغاق، يامغۇر ئاز، بوران ۋە قۇم ئۇچۇپ تۇردىغان، قوياش نۇرى كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.ئېلىمىزدىكى شىنجاڭنى جەنۇبى قىسسىمىنى مىسال ئالساق، چەرچەن-چاقىلىق رايۇنىدا يىللىق ھۆل -يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ.جىلغا ئېغىزلىرى ۋە تاغ ئېغىزلىرىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 12 بالدىن يۇقۇرى، تېمپېراتۇرنىڭ ھەر كۈندىكى پەرقى 11 سېلسىيە گىرادۇستىن 16 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بارىدۇ. تارىختىكى سەيياھلارنىڭ بۇ يۇرتتىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەبىئى شارائىتنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىگىنى ئوبدان ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؛
قۇم دىسەك قۇملار دەريادەك ئاققان،
يىغىلسا شاماللار ئۇچار ئەگىشىپ.
كۆرۈنماس ئادەمنىڭ باسقان ئايىغى،
كەتكەنلەر بەك تولا يولىدىن ئېزىپ.
باش- ئايىغى يوق پايانسىز ئەتراپ
بولمايدۇ ھەرگىز نىشاننى بىلىپ.
ئۇياقتىن- بۇياققا ئۈتۈپ تۇرغانلار،
سۆڭىكىنى قۇيار خاتىرە قىلىپ.
سۇ دىسەڭ سۇ يوق ئوت-چۆپلەر تېخى،
بوران گۈرۈلدەيدۇ يالقۇندەك يېنىپ.
چىدىيالماي ئادەم-ھايۋانلار بىھۇش،
كىسەل ئازابىدىن قالىدۇ يېتىپ.
___(تاڭ دەۋرى) شۈەن جۇاڭ «بۈيۈك تاڭ خاندانلىغىدىكى غەربى يۇرت خاتىرىسى»
پايانسىز بۇ تۇپراقتا ئىنسى- جىن يوق،
چەت-چېتى كۆرۈنمەس كەڭرى بىر ماكان.
بىلگىلى بولمايدۇ ئۇزۇنلۇقىنى،
كەلگەن ئادەمنىڭ جېنى قالىدۇ ئاران .
كۈز پەسلى ياكى ياز ياكى باھار يوق،
ئۇچقان قۇش يوق ياكى ماڭغان ھايۋان.
كۆرۈنمەيدۇ گىيا، بىر تۈپ دەرەخمۇ،
قۇم ئىچرە شېخىل ياتىدۇ پىنھان.
كۆكە باقساڭ كۆكتە بىرلا تەڭرىتاغ،
ئاپپاق قارلىرىدىن كۆڭۈل پەرىشان.
_____ (چىڭ دەۋرى) لى شۈەن «جەزىرە ناخشىسى»
لېكىن، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان زەنجىرسىمان ئۇلۇنۇپ كەتكەن بوستانلىق مۇشۇ رايۇندىكى ئەجداتلار ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشىغان، قىز-ئوغۇللارنى قاتارغا قوشقان بۈشۈك. ئېلىمىزدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس جاڭ گۇاڭدا ئەپەندى: « ئېگىز تاغدىكى قارلارنىڭ ئېرىشى تۈپەيلى شەكىللەنگەن دەريا سۈيىدە سۇغۇرىلغان بوستانلىق پايانسىز قۇملۇقتىكى ھاياتلىق ئۈچۈن يېشىل ئارال. بۇ ئاراللارنىڭ مەۋجۇتلىقى سۇدەك ئاقىدىغان قۇملۇق دۇنياسىنىڭ < بىئولوگىيلىك ۋاكۇئۇم بوشلۇقى> نى بۇزغان. نىسبەتەن چوڭ كۆلەمدىكى جايلاردا ياكى مۇنبەت بوستانلىقلاردا تەرەققى تاپقان دېھقانچىلىق ياكى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن يېرىم چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى، ئاھالە ئولتۇراقلاشقان نوقتىلاردا بولسا ھوقۇق مەركىزىنى ياكى قەلئە بەگلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن» دەيدۇ. بوستانلىق ئادەملىرى ئۆزىدىكى قەيسەرلىك ۋە قەھرىمانە شىجائەتىگە، جاپا- مۇشاققەتىكە بەرداشلىق بېرىدىغان جەڭگىۋار روھقا، قايغۇ- ئەلەم ئىچىدە كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرالايدىغان ئىرادىگە، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان، مۋھرىبانلىق كۆرسىتەلەيدىغان تۇرمۇش ئىستىلىگە تاينىپ، ناچار موھىتنىڭ قورشاۋىدىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. قەدىمكى مىسىر، قەدىمكى بابىلون، قەدىمكى ھىندىستان، قەدىمكى پىرىسىيە، قەدىمكى تارىم قاترلىق مەدىنيەتنى ياراتقان. بۇ يەرلەر ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تۆمۈر قۇراللارنى ئىشلەتكەن، ئارپا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئەڭ بالدۇر يىتىشتۈرگەن، ئۆچكە، قوي، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن جاي، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۇددا دىنى، خىستان دىينى، ۋە ئىسلام دىينى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دىننىڭ مەنبىيى.
ھاياتلىق ئارىلى دەپ ئاتىلدىغان بوستانلىقلاردا سۈپسۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، ياپيېشىل دەرەخلەر باراقسان كۆكلەپ سايە تاشلايدۇ، ئاشلىق ۋە پاختا تاغدەك دۈۋلىنىدۇ، قوغۇن-تاۋۇز، مىۋە-چىۋەلەرنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ گۈزەل مەنزىرىنى «پەقەت چۆل-جەزىرىدىن ئۆتكەندىلا بوستانلىققا بارغىلى بۇلىدۇ» دىگەن بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بوستانلىق ئادەملىرى يېشىللىقتىن ئايرىلغان ھامان ئوتتەك كۆيدۈرۈۋاتقان ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ. قۇم ۋە بوراننىڭ ھۇجۇمىغا دۈچ كېلىدۇ. ئۇسسۇزلۇقتىن قىينىلىدۇ. باش-ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان چۆل، پايانسىز قۇملۇقتا نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىرمۇ ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. مۇشكۈل تەبىئى موھىت بوستانلىق ئادەملىرىگە پەقەت ئۆز-ئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق مەۋجۇتلۇق ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بۇلدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇ خىل شارائىت ئۇلاردىكى قۇيۇق ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى ۋە مېھماندوسلۇق ئادىتىنى يىتىلدۈرىدۇ.« ھەمراھ» دېگەن سۆز يەككە-يىگانە سەيياھنىڭ ئەڭ تاتلىق ئىنتىلىشى. ئۆزىگە بىر ھەراھ تېپىش زادىلا مۈمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، مۇزىكا__ ئايىغى چىقمايدىغان قۇملۇقتا يالغۇز كىتىپ بارغان بوستانلىق ئادىمى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىكەندەك يالغۇز قالغان، مۇڭلانغان،پەرىشان بولغان چاغدىكى مۇرەككەپ ھىسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە غەم-قايغۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى چارىگە ئايلىنىدۇ. تەنھالىق ۋەجىمجىتلىقنىڭ ئازابى بوستانلىق ئادەملىرىنى دەردىنى تۆكۈۋېلىشقا، باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىشقا زورلايدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىدىغان ئەڭ موھىم ۋاستىگە، يەنى مۇزىكىغا بولغان پەۋقۇلئاددە قىزىقىشى كىلىپ چىقىدۇ. مۇزىكا بوستانلىق ئادەملىرى ئۆز ۋۇجۇدىنى ئاشكارلايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك، دائىملىق ئۇسۇل بۇلۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئوتۇراقلاشقان رايۇنلارقا بارغا كىشى ئۇ يەردىكى قۇملۇق بىلەن بوستانلىقنىڭ، بوستانلىقنىڭ بىلەن چۆل- جەزىرىنىڭ شۇنداق ئېنىق ئايرىلىپ تۇردىغانلىغىنى، بىر تەرەپتى سېرىق قۇم، بىر تەرەپتە يېشىل دولقۇن؛ بىر تەرەپتە ھەسرەت، بىر تەرەپتە شاتلىق؛ بىر تەرەپتە تۇغۇلۇش، بىر تەرەپتە ئۈلۈم بۇلدىغانلىقىنىنى كۆرەلەيدۇ. مۇدھىش تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېكىلۇگىيلىك موھىت بوستانلىق ئادەملىرىدە تۇغۇلغىنىدىن خوش بۇلۇپ كەتمەيدىغان، ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ كەتمەيدىغان بىر خىل ئاڭنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا ئۇلارغا يۈكسەك ئۈمۈتۋار روھنى ئاتا قىلغان. كەڭ قۇرساق بۇلۇش، خۇش چاقچاق بۇلۇش، ناخشا ئۇسۇلغا ئامراق بۇلۇش، سۆزلىيەلەيدىغان ،كۈلەلەيدىغان بۇلۇش، ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر بۇلۇش بوستانلىق ئادەملىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى بۇلۇپ قالغان. يىغلاشنىڭمۇ ناخشا، كۈلۈشنىڭمۇ ناخشا بولغانلىقى ئۈلۈمنىڭمۇ ناخشا، تۇغۇلۇشنىڭمۇ ناخشا بولغانلىقى بوستانلىق ئادەملىرىنىڭ ھاياتىىنى مۇزىكا بىلەن چەمبەرچاس تۇتاشتۇرغان. بۇ خىل ئەنئەننىڭ زامانلار مابەينىدە ئۈزۈلمەي داۋانلاشقانلىقى بوستانلىق ئادەملىرىدە مۇزىكىغا بولغان پەۋقۇلئاددە ھىسسىياتنى ۋە پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
تارىخى كىتاپلاردىكى خاتىرلەر ئارخېلوگىيلىك قېزىلمىلار بىزنىڭ يۇقۇردىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ؛ قەدىمكى مىسىر، بابىلون، ئىران، شىمالى ھىندىستان،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەممىسىدە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان مۇزىكا مەدىنيىتى بار.پادىشاھ- خانلارنىڭ مەجبەرىسىدىكى قاپارتما ھەيكەللەردە كۆپ خىل چالغۇلارنىڭ ئوبرازى ئۇچرايدۇ. ھەر خىل قىياپەت ، ھەر خىل رەڭدىكى تام رەسىملىرىدە مۇزىكا تۇرمۇشىغا ئائىت بىر مۇنچە جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇردا بايان قىلىنغان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېكىلۇگىيلىك موھىت بوستانلىق مۇزىكا مەدەنىيىتىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن مۇقەررەر نەتىجە « مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى» نىڭ ئەڭ بالدۇرقى تارىخى تىندۇرمىسى مۇشۇنداق شەكىللەنگەن.
داۋامى بار....
[ 此贴被Xayih在2008-09-09 18:10重新编辑 ]