قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 170 قېتىم كۆرۈلدى
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2555
شۆھرەت: 1975 نۇمۇر
پۇل: 2784 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 845(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 توتېم؛پوتبول ۋە دۇنيا

0
توتېم؛پوتبول ۋە دۇنيا

ھەر قانداق ئادەمنىڭ بالىلىقىدىكى مۇھىتى كىيىنكى ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتسە كېرەك . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆيۈمدە تەكچە-ئۇيۇقلاردا ھەر خىل ئەدەبىي كىتابلار تىزىقلىق تۇراتتى ، شۇ كىتابلاردىن داۋاملىق زوق ئېلىپ تۇراتتىم . تۇرۇشلۇق ئائىلەم تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىدا بولغاچ كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ مەيدانغا كىرىپ چوڭلارنىڭ ھەر خىل  ھەركەتلىرىنى جۈملىدىن توپ ئويناشلىرىنى كۆرۇپ تۇراتتىم . كېيىنچە مەكتەپتىن قايتىپ كېلەتتىم - دە ، بوخچامنى تاشلاپ قويۇپ مەيدانغا كىرىپ كەتسەم تەڭتۈش ئاغىنىلىرىم بىلەن ۋاسكىتبول ، ۋالىبول ، پۇتبول ئويناپ قىزىپ كېتىپ  قوساق ئاچقانلىقىنى ،  قاراڭغۇ چۈشكەنلىكىنى تۇيمايلا قالماستىن ، ھەتتا بوخچامدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان تاپشۇرۇقلارنىڭ تېخى ئىشلىمىگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەتتىم . ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ  كۆپ قېتىم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماختاشلىرىغا  مۇيەسسەر  بولغان ئىدىم . شۇ سەۋەپتىن ھازىرغىچە يازغۇچى-شائىرلارغا ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىغا ئىخلاسىم ۋە ھۈرمىتىم چەكسىز .
تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ئىشتىياقىم بولغاچ ، بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ پەيتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تولۇق دىگۈدەك كۆرۈپ چىقتىم .(ئاخىرقى پەيتلەردە توردا مۇسابىقىنى كۆرۇش مەنزىلىنى پەقەت تاپالمىدىم)ئۆتكەن يىلى تىلۋىزوردىكى ھەر خىل ئىلانلاردىن بىزار بولغاچ ، ئۆيۈمدىكى سىملىق تىلۋىزىيىنىڭ سىمىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدىم ، كومپىيوتېر ئالدىدا بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا پوتبول مۇسابىقىسىنى يېرىم كىچىگىچە ئولتۇرۇپ كۆرۇپ چىقتىم . مۇسابىقە ۋاقتى بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتقا نىسپەتەن كېچىسى باشلىندىغان بولغاچ ، مۇسابىقە بامدات نامىزىغا تاكتاك ئورغان ۋاقتىدا ئاخىرلىشاتتى . كېچىسى توردا مۇسابىقە كۆرۇپ ، كۈندۈزى خىزمەت ئورنۇمدا مۈگىدەپ ياكى بولمىسا يىغىن زالىغا كىرىپ كىرىسلودا ئۇخلاپ دىگەندەك بىر ئاي جەريان ئۆتۈپ كەتتى . (ئەسلىدىغۇ پۇتبول دىگەن كاساپەتنى 4-5 ئاغىنە بىللە ئولتۇرۇپ ۋاقىرىشىپ-جاقىرىشىپ ، تەھلىل قىلىشىپ كۆرسە بەكمۇ قىزىيىتتى.) ئۆز ۋاقتىدا توردىن مۇسابىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا نۇرغۇن ھاياجانلارغا ۋە چېكى يوق خىياللارغا چۆككىنىم ئىسىمدە . مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى بىر ئاي ئەتراپىدا بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش ئارزويۇم غالىپ كەلدى .
ئىنسانىيەت زىمىنغا ئاپىرىدە بولغاندىن كىيىن ، بارا-بارا تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق توتېم ئېڭى پەيدا بولدى . بۇ جەرياندا قەھرىمانلىق ، تەۋەككۈلچىلىك ۋە قەيسەرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان مىللەتلەردە ئۆزگىچە توتېم ئەنئەنىسى يەنى مەدەنيىتى شەكىللەندى . جاھان ۋە زامانغا نىسپەتەن يۇمشاق قۇرۇتتەك ئىدىيىدە سىڭىپ كىرىشنى قىنىدا شەكىللەندۇرگەن مىللەتلەردە بولسا ئۆزگىچە ۋە خىيالى تۇيغۇدىكى توتېم ئېڭى مىللەتنىڭ قىنىدا شەكىللەندى.رىتسارلىق(چەۋەندازلىق) دەۋرىدىكى مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارا بولغان يەكمۇ-يەك تۇتىشىدىغان (گىلادىياتور فىلىمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇڭ) قەھرىمانلىق زاماننىڭ ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنىڭ ئىلغارلىشىشى بىلەن تەنتەربىيە ساھەسىگە كۆچتى . دۇنيا تۇغرىسىدا مۇلاھىزە يۇرگۈزۇشكە خۇمار كىشىلەرگە ئايانكى ، بۇرۇنقى دەۋردىكى جاڭ-جۇڭ قىلىچلار ئارقىلىق قەھرىمانلىق يارىتىدىغان ۋە كىشىلەر چوقۇنىدىغان باتۇرلۇق تارىخىنىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ تەنتەربىيە ساھەسىگە ئالماشتى . تەنتەربىيە تۈرلىرى نۇرغۇن بۇلۇپ ، دۇنيا خەلقى ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە كۆرۈش تاماشبىنى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تۈرلەردىن پۇتبول، ۋاسكىتبول ۋە بوكىستىن ئىبارەت . (ئەلۋەتتە باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىمۇ چەتكە قاقمايمىز.) لىكىن مۇشۇ 3 تۈرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولىشى شۇنداقلا ئىقتسادى قىممەت يارىتىش جەھەتتە يۇقۇرلىقى ھازىرقى زاماندىكى بىر كۆز يۇمغۇسىز رىئاللىق . ئۇنداقتا پۇتبولنىڭ سىھرىي كۈچى نەدە ؟ نېمىشقا پۇتبولنىڭ تاماشبىنلىرى ئەڭ كۆپ ؟ پۇتبول تەنتەربىيەنىڭ ۋەكىلى (سىموۋۇلى) سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندۇ ؟ پۇتبول چولپانلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى باشقا تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭكىدىن كۆپ ؟.......
پۇتبول مۇسابىقىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۆرگەندە ، شائىردەك ھاياجانلانغان ، توپ قاپقىغا كىرگەندە گۈدەك بالا ئۇيۇنچۇقنى كۆرگەندەك قىقاس-چوقان سىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس . پۇتبول كوللىكتىپ بىر تەنتەربىيە تۈرى(ھەركىتى)بولۇپ،ئېغىر تەنتەربىيە ھەركىتىگە كىرىدۇ . مەيداندىكى پۇتبولچىنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى ، بەدەن ساپاسى ، مۇسابىقە جەريانىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئەقلىي ئىقتىدارىنى ساقلىيالىشى ، ئاخىرقى پەيتلەرگىچە ئۈمىدۋار ، جۇشقۇن بولىشى ، كوللىكتىپ يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان بولىشى ، ھۇشيارلىق ۋە چىدامچانلىقنى سىنايدىغان ئەڭ ئىسىل تەنتەربىيە تۈرىدىن ئىبارەت . پۇتبول بەزىدە مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ بەدەن ساپسىنى ئىپادىلەيدىغان كۆچمە مەنىدىكى «گىلادىياتور» مەيدانىدىن ئىبارەت . ئاجىزلار ھامان رەھىمسىزلەرچە شاللىنىپ كېتىدۇ . غالىپلار تەنتەنە قىلىشىدۇ . تارىخىتىن بىرى چىمپىيون بولغان كوماندىلارنى دۆلەت زۇڭتۇڭ(جۇمھور)لىرى ئالدىغا چىقىپ قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدىغان كۈن تەرتىپلەر دۆلەت ئىپتىخارى ۋە روھنىڭ زامانىۋى ۋاريانتىدىن ئىبارەت . تارىختىمۇ غالىپ گىنرال(قۇماندان)قۇشۇننى دۆلەت ئاتىسى بىۋاستە كۈتىۋالاتتى . مانا بۇ «زامانىۋى ئۇرۇش»تىن ئىبارەت .
ھازىرقى زاماندا پۇتبول مىللەتنىڭ(دۆلەت) غۇرورى ، مەنىۋى كامالىتى ، مىللى ئاڭنىڭ سەلتەنىتى ، نوچىلىقنىڭ بەلگىسى ، دۆلەتنىڭ قۇدرىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلنىۋاتىدۇ .
پۇتبول قارىماققا ئاددىلا يۇمۇلاق نەرسە ، مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان كوماندىلارنىڭ %99 ئۆز ماھارىتى ۋە قان تەرىگە تايىنىدۇ . بۇ يەردە %1 تەلەيگە باغلىق . (رېپىرنىڭ خاتالىقى ، كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن دەسلەپتە ئۇچۇراشماسلىق ......دىگەندەك) دۇنيا بىر كۆرەش سەھنىسى ، ماھىيەتتە تەنتەربىيىچىلەر دۇنيادا زامانىۋى كۆرەش مەيدانىغا چۈشكەن ئەزىمەتلەردىن ئىبارەت .
ياخشى ئوينالغان بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆزىتىپ باققانلارغا ئايانكى ، پۇتبولمۇ بىر خىل سەنئەت تۈسىنى ئالغان ، قاپقىغا كىرگەن ئىسىل توپلارنى«گۈزەل توپ» دىيىش دەل سەنئەتلىك خۇسوسيىتىنى ھېس قىلغانلارنىڭ باھاسى بولسا كېرەك . پۇتبول دىگەننى مەيدىسىدە تۈكى بار ، پاچىقى شىر ئادەم ئوينىسا بەكرەك قىزىيدۇ ، دىگەن گەپلەرمۇ بار . ئەمەليەتتە تەنتەربىيە بىر مىللەتنىڭ بەدەن ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى مىللەت روھى ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت . بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا پوتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلەرگە ئايانكى ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەرگىچە ئۆز ئىشەنچىنى ساقلىغان كوماندىلار ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كىشىلەر قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى .
پۇتبول بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .پۇتبول مەيدانىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىپادىسى ئۆزگىچە ، ئوخشاشمىغان ھالەتتە بولۇپ ، بىرازىليىلىكلەرنىڭ جاسارىتى ، ئەنگىليىلىكلەرنىڭ چەبدەسلىكى ، فىرانسوزلارنىڭ رومانتىكلىقى ، تۈركىيىلىكلەرنىڭ قاراملىقى ، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ جەسۇرلىقى دەل پۇتبول ئارقىلىق نامايەن بولغان . پۇتبول مەيدانى مىللەتلەرنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەيدىغان جەڭگاھتىن ئىبارەت . بەزى كوماندىلارنىڭ  كەينى -كەينىدىن مەغلۇپ بولىشى ، مەيدانغا چۈشسە پۇت-قولى تىتىرەپ ، بوشىشىپ ، توپتىن بىرنى يىسىلا لاسسىدە بوشاپ ، تەمتىرەپ كىتىشى ، تاماشبىنلارنىڭ نىمە دەپ سەتلىشى بىلەن كارى يوق ، ھۇجۈمغا ئۆتەلمەي مۇداپىئەدە تۇرۇپ قىلىشىمۇ بىر خىل چۈشكۈن ، پاسسىپ خاراكتىردىن ئىبارەت . بەزى كوماندىلار ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە ئۈمىدۋار بولۇپ ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ ئۆزلۈكسىز ھۈجۈم تەشكىللەيدۇ . ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ، باشقىلار كۈتمىگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ ئۆز مىللىتىنىڭ روھىنى يارقىن ئىپادىلەيدۇ . بەدەن ساپا ، تاكتىكا ، مىللىي روھ ،  تېخنىكا ، ئۇيۇشۇش كۈچى ، كوللىتىۋىزىملىق ئاڭ شەكلى پۇتبول مەيدانىدا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ .
بۇ قىتىم يىڭىلىپ قالغان كوماندا يۈرىكىدىن يىغلىيالسا كىلەر نۆۋەتتىكى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقى ، ناۋادا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يىڭىلىپ قالغان بىزلىمۇ دىگەن شەرمەندە پىسخىكىدا بولسا مەڭگۈ پۇتبول مەيدانىدا باشقىلارنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قىلىشى مومكىن .
ھاسىلى كالام ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تەنتەربىيە دىسە كۆڭۈل ئىچىش ، قاتتىق ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، سەل قاراش ، دوستلۇق بىرىنچى ، مۇسابىقە ئىككىنچى دىگەن شۇئارسىمان چاقىرىقلارنى تۇلا ئاڭلاپتىمەن . ھازىرقى زاماندا خەلقئارا مۇسابىقىلەر بولسا ئۆز دۆلتىنىڭ ئالغان مىدال سانى بىلەن ماختانمايدىغان كىشىلەر بولمىسا كېرەك . نىگىرلار تەنتەربىيە ئارقىلىق دۇنيادا ئۆز قەددىنى تىكلىدى دىسە ئارتۇقچە كەتمەس . ئۇيغۇر خەلقىمۇ تارىخىتىن بېرى قەھرىمانلىق ، قاراملىق ، تەۋەككۈلچىلىك خىسلەتلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك قىسسەلەرنى ياراتقان . مىللىتىمىزمۇ تەنتەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى ئانچە - مۇنچە ھېس قىلىپ يەتتى . مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتقان تەنتەربىيىچىلەردىن پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر، بوكىس شاھى ئابدۇشۇكۈر ، ئابدۇراخمان ،  ۋاستىكىتبول ماھىرى ئادىلجان ۋە يەنە باشقا نامى تىلغا ئىلىنمىغان مۇنەۋەر تەنتەربىيىچىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كىلىپ مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئويغاتقۇسى ۋە جاھان ئەھلىگە تۇنۇتقۇسى !

مەنبە؛توتېم

تېمىلېرىمنى بىر-بىرلەپ ئىزدەۋاتىمەن،مەنپەئەت توغرىسىدا ئەبجەش خىياللار دىگەن بىر تېمامنى تاپالمىدىم،دوستلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : totem
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-09, 08:42
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 16:41 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
atikam
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1275
شۆھرەت: 1226 نۇمۇر
پۇل: 3974 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 776(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

تىمىللىرىڭىزنى تېپىۋالغانلىغىڭىزدىن تولىمۇ خۇشالمەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،يەنىمۇ زىرىكمەي ئىزلەڭ،،،،،،،،،،،،،،،، نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى قايتا تىپىۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن      
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 16:55 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5629
شۆھرەت: 2513 نۇمۇر
پۇل: 2 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ئۇ تىمىڭىزنى مەن كۆرگەن ئىدىم لىكىن سىزگە ... بولدىلا سىز بەك ئەقىللىق  ئادەم  شۇڭا ئۆزىڭىز تىپۋىلىڭ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:32 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3113
شۆھرەت: 1614 نۇمۇر
پۇل: 6499 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بۇرادەر ، سىزنىڭ « ئەبجەش خىياللار » دىگەن تىمىڭىزنى مەن گوگىلدىن ئىككى سائەت ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم .( سىزنىڭ يازمىڭىزنى )
بولسا ئۇ تىمىنىڭ باش تېمىسىنى تەپسىلى قالدۇرۇپ قويىڭە ، مەن يەنە ئىزدەپ باقاي .
ياكى بولمىسا بۇ يەرگە كىرىپ ئۆزىڭىز ئىزدەپ باقامسىز ؟
http://www.uygoogle.cn/
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:32 |
arslanar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26

 

توغرا ھازىرقى تەنتەربىيەرىقابەت ۋە ئىقدىسات تەنتەربىيەسى تەنتەربىيەھەركتى تەرەققى قىلغان مىللەت چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇ،
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:55 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئادەم مەلۇم نەرسگە بەق قىزقىپ كەتكەننى باشقا نەرسلەرگە سەل قارايدغان بۇلۇپ قالدىكەن .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 20:55 |
SALAHIDIN$
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 186 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-22

 

مەنمۇ سىزدەكلا پۇتبولغا بەك قىزىقىمەن ،ئەپسۇسلىنىدىغىنىم پۇتبول مۇنازىرىسى (پۇتبول مۇنازىرە مۇنبىرى ) يوق بۇلۇپ كىتىپتۇ ،ھەجەپ ياخشى ئۇچۇرلار ......بار ئىدىدە؟!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:29
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号