قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 588 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۈرۇمچى ئۇي باھاسىغا  قىزقامسىلەر..؟!؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

oguzogly
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 355 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 425(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 ئۈرۇمچى ئۇي باھاسىغا  قىزقامسىلەر..؟!؟

0
     بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ ۋېي يېقىندا مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆي باھاسى تەڭشەلمىگەن شەھەرلەردە باھا تەڭشىلىدۇ، تەڭشەش بۇ يىلنىڭ 3 - ۋە 4 - پەسلىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، 2006 - يىلى ۋە 2007 - يىلى ئۆي باھاسى بەك تېز ئۆرلىگەچكە، ئۆي - زېمىن كارخانىلىرى ئالغان پايدا ھەددىدىن كۆپ بولدى، مۇشۇ ئامىل ئۆي باھاسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. جۇڭ ۋىي ئەپەندىنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ يۆلىنىشى توغرىسىدىكى ھۆكۈمگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىشقا بولىدۇ، ئەمما تەڭشەش سەۋەبى توغرىسىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئۆي سېتىۋېلىش كۈچىدىن خېلىلا چوڭ پەرق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆي باھاسى تەڭشەش باسقۇچىغا كىرىدۇ، دېگەن قاراشقا بەكرەك مايىل بولۇشقا بولىدۇ. ئەمىسە بىز ئۆي سېتىۋېلىش كۈچى نۇقتىسىدىن ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى:
ئۆينىڭ ئولتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە سودا تەۋەككۈلچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدارى بار. بولۇپمۇ ئۆلتۇرۇش ئىقتىدارى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۆي ئولتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغاندا ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما ئىستېمال بۇيۇمىنىڭ باھاسى ئىستېمالچىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش سەۋىيىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. خەلقئارادا ئۆي باھاسى كىرىم نىسبىتى بىلەن ئۆي باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئەمەلىي ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. " ئۆي باھا - كىرىم نىسبىتى" بىر رايوننىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى بىلەن ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نىسبەت يۇقىرلىغانسېرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلىگەنسېرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ. 1996 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماكانلاشتۇرۇش مەركىزى نەشىر قىلغان دۇنيادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش دوكلاتىدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ پايتەخت شەھىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلغان: بىر يۈرۈش ئۆينىڭ مۇۋاپىق باھاسى ئاھالىلەر يىللىق كىرىمىنىڭ ئىككى، ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىشى كېرەك. ئەگەر بەش ھەسسىسىگە يەتسە، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا مادارى يەتمەيدۇ، ئۆي - زېمىن بازىرىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆي بازىرىدىكى " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" ئاساسىي جەھەتتىن بۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى 2.8 ھەسسىسىگە يېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر چىقارغان " مۇۋاپىق ئۆي باھاسى" نىڭ " ئۆي باھا كىرىم بىسبىتى" ئۈچ ھەسسىسىدن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. يەنى بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە بولغان كىرىمىگە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولغان " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاندېرىۋ ھامىر جۇڭگونىڭ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەھلىل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنى دۇنيا بانكىسى ئېتىراپ قىلغان " نىسبەت كۆڭۈلدىكىدەك" نىسبەت، ئەلۋەتتە. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىتىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. گۇۋۇيۈەننىڭ 1998 - يىلدىكى 23 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: بىر رايوندا قۇرۇلۇش كۆلىمى 60 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئەرزان، قۇلاي ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بىلەن ئەر - ئايال ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت تۆت ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇش كېرەك، دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما ئەينى چاغدا بېكىتىلگەن ئەرزان، قۇلاي ئۆينىڭ قاپلاش دائىرىسى نوپۇسى %80 تىن ئاشىدىغان " ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر" ئىدى.

    "ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" تۆت ھەسسە دەپ بېكىتىش ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن يۈكۈن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شېنجىننىڭ 2004 - يىلى ۋە 2005 - يىلدىكى " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" 6.52 ۋە 9.83 ھەسسە بولغان بولسا، 2006 - يىلى 15.76 ھەسسىسىگە، 2007 - يىلى 20 ھەسسىسىگە يەتكەن. شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەركىزىي شەھەر رايونلىرىنىڭ ھەتتا 30 ھەسسىسىدىن 50 نەچچە ھەسسىسىگىچە يەتكەن. خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" تىن ئىبارەت بۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىگەندە، ئېلىمىزدە ئۆي باھاسىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش كۈچىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما بىز بۇ نىسبەتلەرنى سېلىشتۇرغان چاغدا، ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىدىن ئىبارەت يوشۇرۇن ئامىلغا سەل قارىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن كېلىدۇ. ئۇ جايلاردىكى خەلق بۇلاردىن غەم يەپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمىدىكى ئەمەلىي پۇل سوممىسى ئىنتايىن يۇقىرى. باشقىچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم كىرىمى ئىستېمالغا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىلىقلار پۇلنى غەم يېمەستىن سۇدەك خەجلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەتتىن ئىبارەت يۆلەنچۈكى بار. ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللىشىش دەرىجىسىگە بارمىدى، ئامما ئۆزىنىڭ " غەملىمە" مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىجتىمائىي كاپالەت بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ساھەلەرنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 20 يىلدا ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئوقۇش ھەققى 25 ھەسسە، داۋالىنىش خىراجىتى 19 ھەسسە ئاشقان. بۇ پۇقرالار كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي سېتىۋېلىشقىلا ئىشلەتمەستىن يەنە يۇقىرقى زۆرۈر خىراجەتلەرگىمۇ مەبلەغ غەملىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا كاپالەت ئامىلىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندا، ئېلىمىزنىڭ " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" خەلقئارا ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولاتتى. ئەمما ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە " ئۆي باھا كىرىم نىسبىتى" خەلقئارا ئۆلچەمدىن ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىل تەتۈر ئايلىنىش ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئۆي سېتىۋېلىش كۈچىدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەن. شېنجېندا ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى دەل سودا تەۋەككۈلچىلىكىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ، جىددىي خورىغان سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكى يۇقىرى ئۆي باھاسىنى قوللاشقا قۇربى يەتمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. 1 - سەپتىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالى شېنجېندىكىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. شېنجېندا ئۆي باھاسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى چۈشكەن چاغدا، ئۆي باھاسىنى تەڭشەش باسقۇچىغا كىرمىگەن شەھەرلەرمۇ ھامان شېنجېن ماڭغان يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ ئۆي - زېمىن بازىرىدا پەيدا بولغان ئۆي تەمىنلەش تەڭپۇڭسىز بولۇشتەك ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە يەنى كۆلىمى چوڭ ئۆيلەر ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش، ئوتتۇرا، كىچىك كۆلەمدىكى ئۆيلەر ئېھتىياجنى قامدىيالماسلىق مەسىلىسى ئاممىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى پەيدا قىلدى. مەركەز ئىلگىرى سىياسەت تۈزۈپ، 2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇيان تەستىقلانغان، يېڭى قۇرۇلۇش باشلانغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى 90 كۋادىرات مېتىردىن تۆۋەن تۇرالغۇ كۆلىمىنى سالىدىغان ئۆي ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمما بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، بۇ نىسبەت ئاران %24.31 كە يەتتى. بۇ يەردىكى ئاساسىي سەۋەب ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى، كۆلىمى چوڭ ئۆيلەر بازاردا ئاساسلىق ئورۇننى تارتىۋالغانلىدۇر. ئەڭ مۇھىمى، نۆۋەتتىكى تەلەپ بىلەن تەمىنلەش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئاممىنىڭ سېتىۋېلىش ئەمەلىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان.

     ئومۇمەن ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ يېڭى ئۆي قەرز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىستېمال ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. يېقىندا مەركىزىي بانكىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر پوئېنىت ئۆستۈرگەنلىكى ئۆي - زېمىن بازىرىغا يەنە بىر زەربە بولدى. باھانى چۈشۈرۈپ ئۆي سېتىش ئۆي - زېمىن كارخانىلىرى يۈزلەنمىسە بولمايدىغان تاللاشقا ئايلاندى. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۆي باھاسىنى بالدۇر چۈشۈرۈش كېچىكىپ چۈشۈرگەندىن ياخشى.  

مەنبە؛ رادىئو تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-09, 10:26
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 14:05 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 320
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
پۇل: 1060 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

تىزراق چۇشسە بولاتتى    بىز ئوي ئالايلى دىگەن بىراق بەك قىممەت
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:36 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

چۈشسمۇ چوڭ كۆرسەتكۈچ  بۇيچە چۈشمەسلكى مۇمكىن .ھازىر ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش باسقۇچىدا ئەگەر بىريلدىن كيىن تەكشەلگەن تەدىردمۇ بۇگۈنكى باھاغا يېقىنلشى مۇمكن ئەمەس .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:32 |
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3405
شۆھرەت: 1151 نۇمۇر
پۇل: 614 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 662(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

شىنجاڭدىكى ئۆي باھاسى توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ يوققۇ ؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 21:43 |
aynuri888
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29269
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 633 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 419(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ھازىر يەر،ماتىرىيال،ئەمگەك كۈچى باھاسى ھەممىسى ئۆرلەپ كەتتى،بۇ نوختىدىن قارىغاندا ئۆي باھاسى چۈشۈشى ناتايىن.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 22:30 |
verykkk4
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 顶顶顶488

在遇到你之前,我对人世间是否有真正的圣人是怀疑的;而现在,我终于相信了!我曾经忘情于汉廷的歌赋,我曾经惊讶于李杜的诗才,我曾经流连于宋元的词曲;但现在,我才知道我有多么浅薄!

-------------------------------------
签名:工商企业管理类论文
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 23:06 |
yolwas0994
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22321
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 197 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

ئۆي باھاسى يىقىندا چۈشىدۇ. بۇ ئىشەنچلىك گەپ. دۆلەتنىڭ يىقىنقى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆي مۈلۈك سودىگەرلىرىگە بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولدى.ئىچكىردە بۇ سىياسەت تۈپەيلىدىن پايدا ئالالماي بىنادىن سەكرىگەن خوجايىنلار بەك كۆپ.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 10:51 |
salam0999
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
پۇل: 331 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-01

 

غۇلجىدىمۇ ئۇي باھاسى مۇقىمسىز .  ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقان  ئاساسى ئامىل يەنە شۇ مۇشۇ يولداشلار ، بۇلار ئىچىكىرىدە ئۆي قىممەت بولغانلىغى سەۋەپلىك ،  مىللىلارنىڭ قورۇ - جايلرىنى دىگەن باھاسىغا سىتىۋىلىپ بارىدۇ ،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 16:24 |
taqke9b
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29575
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-24

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 02:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﺎ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:16
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号