‹‹ رەڭدار قەشقەر›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تۇنجى بولۇپ قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان ‹‹ رەڭدار قەشقەر›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكىدىكى 42 نەپەر كىچىك ئارتىس ۋە 11 نەپەر خىزمەتچى خادىم 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ، بېيجىڭدا ئويۇن قويۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار سەنئەت كەسپىي جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بولۇپمۇ رايونىمىز تەۋەسىدىكى بىر قىسىم سەنئەت تالانتى بار بالىلارنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تەسىر دائىرسى كەڭ بولغان تەشۋىقات سورۇنلىرىدا نومۇر ئورۇنداپ چىقىشى ، رايونىمىزنىڭ بالىلار سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شاڭگاڭ ‹‹ سۇمرۇغ›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق داڭلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بالىلار ئەدەبىيات-سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇلتۇر 12- ئايدا ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى قويۇق ، قەدەمىي مەدەنىيەت-سەنئەت يوشۇرۇن بايلىق مەنبىيىگە ئىگە ، مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ كەلگەن قەشقەردە ‹‹ رەڭدار قەشقەر ›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە دۆلەتنىڭ 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ تەربىيىلىنىش، تۇرمۇش، پائالىيەت خىراجىتىگە ئىشلەتتى. ئۆمەك تەركىپىدە يەنە قەشقەر بالىلار فوندى تەسىس قىلىنىپ ، ئويۇن قويۇش ئارقىلىق كىرگەن ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى قەشقەردىكى ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش بېكىتىلدى . ‹‹ رەڭدار قەشقەر ››بالىلار سەنئەت ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىن بىر دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ ، ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 12 ياش، ئەڭ كىچىگى 6 ياشتا . سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قەشقەر ۋىلايىتى، قەشقەر شەھىرى ۋە ‹‹سۇمرۇغ›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن ، ئۇلار تاجىكىستان، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى قاتارلىق كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىدىكى سەنئەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە داڭلىق ناخشىچى، قەشقەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ئەركىن ئابدۇللا قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ، كىچىك ئارتىسلارنى سىستېمىلىق تەربىيىلىدى. ‹‹ رەڭدار قەشقەر›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكى بۇ قېتىم 9- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى داڭلىق ‹‹باۋلېي›› تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندايدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ سەنئەت كېچىلىكىنى پۈتۈن مەملىكەتكە نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋخۇي مۇنداق دېدى:‹‹ رەڭدار قەشقەر ›› بالىلار سەنئەت ئۆمىكىدىكى كىچىك ئارتىسلار سەنئەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق تاللىشىدىن ئۆتكەن ، ئۇلار كەسپىي سەنئەتكارلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 8 ئايدىن ئارتۇق مەشىقلەندى . ئۇلارنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ‹‹ ئالتۇن كارتىسى›› دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ پايتەختكە بېرىپ ئويۇن قويۇشى، شىنجاڭنىڭ بالىلار سەنئىتىنى مەملىكەتكە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى