قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 376 قېتىم كۆرۈلدى
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5508
شۆھرەت: 2372 نۇمۇر
پۇل: 629 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى.

0



نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى




ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 - يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى - قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933 - يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دىگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان.
نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا »، « بۈيۈك جۇڭگۇ »، « قىزىم يېغلىماڭ »، « ئۇنۇتما »، « گېزىت » قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ھەم ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بويان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن - قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن » داستانىنى يازدى. بۇ داستان 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندا خەلق ئىچىدە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شائىر داستاننى قايتا -قايتا ئىشلەپ ۋە تولۇقلاپ 1948 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ باستۇرغان.
« مىڭ ئۆي ۋە پەرھات- شېرىن » داستانى مەزمۇنىنىڭ يېڭى ۋە موللىغى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچام ۋە مۇكەممەللىگى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
نىمشېھىت ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاقسۇدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلدە « لەيلى - مەجنۇن » داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى بىرنەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ، شۇ ئاساستا « لەيلى-مەجنۇن » ئوپىراسىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئوپىرا سەھنىلەردە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئوپىرانىڭ تولۇق نۇسخىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يوقىلىپ كەتكەن. ئوپىرانىڭ پەقەت ئۈچ پەردىسىلا ساقلىنىپ قالغان.
ئازادلىقتىن كىيىن شائىر نىمشېھىت شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ، قايناق ھىسياتقا، باي پەلسەپىۋىي پىكىرگە، ئۆتتەك قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان شېئىرلىرى بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ « ئالدىدا »، « سېغىندىم »، « يۈرەك سۆزى »، « ئۇسسۇل »، « تارىم قىزى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ دۇمبىقىنى چالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ئازاد يېڭى دەۋرنى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئەمگەكچى خەلقنى كۈيلىدى.
ئازادلىقتىن كىيىن نىمشېھىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، « شېئىرىيەت »، « يەنخې » ، « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە « نىمشېھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما » نى نەشىر قىلدى.
نىمشېھىت ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيەتتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىجادىيىتىگەمەنبە قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدا كۆپلىگەن خەلق قوشاقلىرىنى،خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ رەتلىگەنىدى.
تالانتلىق شائىر نىمشىھىت 1972 - يىلى ۋاپات بولدى.








پېقىرنىڭ ئىقرارى



(مۇسەددەس)

نىمشىھىت


پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاقشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن - يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتى - زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق - قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زېمىنغا ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەر - زەقۇم يېدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە .
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!


ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلۇمى بىداد نالە - پەرياد ئۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى .
قان بىلەن ئالۇدە قول - بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بەلكى قول - پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

كىمگىدۇر روزى - ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلۇمى - سىتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشى -ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم ؟!...
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم -يېتىمە تۇللىرى .
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىجدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟

قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ،
دائىما قايغۇ - ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز .
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

ۋاھ ...ئەجەب قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان « مېھمانىكەن »،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھېلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟!...
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەت - گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان .
كۆزۈڭ كىچىك، تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان - يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ھەم ھالى زەبۇن .
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاج -ۋاجىگۇن ،
باستى تۆھمەت - پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن .
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ...

ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بولۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسپى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسپى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بېرى بۇ قانۇن ئىرۇر ، شۇنداق بولۇر ...
ئاقىۋەت گۈم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ...





مەنبە : تارىم ژورنىلى

1985-يىل8-ساندىن ئىلىندى .


تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-09, 02:38
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل:+10(baturjangqi) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 10:03 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5508
شۆھرەت: 2372 نۇمۇر
پۇل: 629 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

بەزى دوسلۇرۇمنىڭ بۇ ئەسەرنى باشقا مۇنبەردىن يۆتكەپ ئەكلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ دەپ مىنى خاتا چۈشنۇپ قالماسلىغىنى سورايمەن بۇ تىمنى مەن بۇرۇنمۇ باشقا مۇنبەردە يوق ۋاقتىدا دىيارىم مۇنبىرگە يوللىغان ، كىلىش مەنبەسىنى تىخمۇ ئىنىق ئەسكەرتىپ قوياي .

تارىم ژورنىلى :  1985 - تىل 8- ساندىن ئىلىندى .
بۇ ژورنالدا يەنە  نۇرغۇن داڭلىق  شەخىسلىرىمىزنىڭ  مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنمىغان ئىسىل ئەسەرلىرى بار   شۇ يىللاردىكى ژورناللار قولۇڭلاردا بولسا ئىرىنمەي مۇنبەرگە يوللاپ قويشۇڭلارنى  ھەمدە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پايدىلنىشنى سورايمەن .


بۇ ژورنالدا يەنە .
نىمشىھىت داموللامنىڭ تەرجىمھالى ۋە  شېئىرلىرى .
پىشقەدەم شېئىر ۋە ژورنالىسىت ئابلىز ناسرى .
خېۋىر تۈمۈر ئەپەندىنىڭ ئۇنتۇلماس شۈ كۈن .
لىرىك شائىر مۇھاممەتجان سادىق .
تۇرغۇن ئالماس  قاراتلىق نوپۇسلڭق ئەرباپلىرىمىزنىڭ  ئىلمى ماقالە ۋە  تىملىرى بار ، مۇمكىن بولسا  بىرمۇ-بىر مۇنبەرگە يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئويلاۋاتمەن
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 10:46 |
0999yurut
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
پۇل: 693 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18

 



يىقىندا  كونا بىر ساندۇقنى ئاختۇرۋىتىپ  ، مۇقاۋىلىرى سارغايغان 32 فۇرمات ، 16 بەتلىك بىر كىچىك كىتاپچىنى  ئۇچۇرتىپ قالدىم . كىتابچە  پۇتۇنلەي قولدا يېزىلىپ ، شىفىگرافتا  بېسىلغان ، ئىپتىدائى ئىكىنچى يىللىقلارنىڭ دىنىي دەرىسلىكى ئىدى . بىسىلغان ۋاقتى 1948- يىل ئىيۇن . غۇلجا شەھرى دەپ يېزىلغان .
كىتابچىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە ئىككى كوبلىت بىر پارچە شېئىر بېرىلگەن . ئۇنۇڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولۇدىكى ، بۇ كىتابچە شائىر نىمشىھتنىڭ بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپتۇرلۇق سالاھىتىنى مۇشۇ شېئىر ئىچىگە يۇشۇرغان .يېقىندا نەشىردىن چىققان نىمشىھىتنىڭ تولۇق توپلىمى ۋە ئۇنىڭ بۇرۇن ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرى ئىچىدە بۇ ئىككى كوبلىت شېئىر يوق بولغاچقا ،  بۇ شېئىرنى جامەئەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە سۇنۇلغان .
--- ئىسھاق باستى

نەچچە يىلدىن ئاھ ئۇرۇپ ئەلەم ،
دەۋردىن نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان قەلەم .
ھەقتائاللا لۇتپى بىلەن ئەيلەپ كېرەم ،
بولدى مەكتەپ بىز ئۈچۈن باغۇ -ئېرەم .

ئەي ۋەتەن ئوغلانلىرى پۇرسەت بۇ دەم ،
مەرىپەت مەيدانىغا تاشلاڭ قەدەم .
ئۇيقىدىن كۆتەر بېشىڭنى ئەي سەنەم ،
ساڭا ساقلاپ نىم شېھىتنىڭ كۆزى نەم .
[ 此贴被0999yurut在2008-09-09 13:29重新编辑 ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(baturjangqi) ياخشى ئىزاھا ..
شۆھرەت:+5(kunkiz)
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 11:44 |
uzunjahan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29040
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 166 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11

 

كۈنقىز ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپتۇ. ياخشى تىما تورداشلارنىڭ ئورتاق بايلىقى. پەقەت كۈنقىز ئەسكەرتكەندەك، مەنبە تولۇق ئەسكەرتىلسىلا بولدى.
شائىر نىمشىھىتنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «نىمشىھىت ئەسەرلىرى» دىگەن توپلامنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار. تورداشلار كۆرۈپ مەنپەئەتلەنگەي.
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=288
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 13:46 |
mardan521
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26128
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 276 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە مەرسىيە

نىم شىھىت

نىمە دەپ قىلاي ئاي كاج پەلەك ھىكايىتىڭنى؟
پاش ئەيلەيىن ئەلگە سەنىڭ شىكايىتىڭنى،
كورگەنمۇ خەلق بىرەر قەتىم ئىنايىتىڭنى؟
تاشلارسەنمۇ قىلىپ كەلگەن رىيازىتىڭنى؟!


مانا بۇگۇن ھەممىگە تەڭ قايغۇ سالدىڭ،
كارابىمنى سۇدىن ئەلىپ لايغا سالدىڭ!
مىللىتىمنى بىردەك بۇگۇن ۋايغا سالدىڭ،
كىملەر سويسۇن سەنىڭ مۇنداق ئالامىتىڭنى!؟


تۇيۇقسىزدىن سالدىڭ بۇگۇن بىزگە ماتەم،
قايان كەتتىڭ، ئەخمەتجان!؟" دەر ھەممە ئادەم!
ئاھ جىگىرىم ،قەرىندىشىم قاسىم-زادەم،
قىزغاندىنمۇ بۇگۇن بىزدىن ھىدايىتىڭنى؟

قانداق قىلاي ئاھ جۇدالىق سەندىن بۇگۇن،
پىراقىڭدا قان يىغلىسام كۇندۇز ۋە تۇن،
زەرداپ تولغان يۇرەك قانداق بولار پۇتۇن؟
خەلق قوپاردى، بۇگۇن سەنىڭ قىيامىتىڭنى!


تۇتتى ئەجەل يەردە ئەمەس، كوكتە ئەمەس،
تۇمان-بۇلۇت ئارىسىدا يولۇقتى بەس،
جەسىتىڭنى تاپماقمۇ خوپ بولدىكى تەس،
يادلىغانسەن جان ئۇزگەندە ۋىلايىتىڭنى!


يەشىڭ كىچىك ئىدى،لەكىن قەدرىڭ ئۇلۇغ،
ھەر بىر ئىشقا پاراسىتىڭ ئىدى تولۇق،
كۇتكەن ئىدى، خەلق سەندىن يورۇقچۇلۇق،
ئارمان بىلەن تاشلاپ كەتتىڭ ساباھىتىڭنى.
ۋەدە بەرگەن خەلق سەنى ياقلايمىز دەپ،

كوز قارىسى كەبى سەنى ساقلايمىز دەپ،
سىزىقىڭدا تارىخ بەتىن ئاقلايمىز دەپ،
ئەلىپ كەتتىڭ ئوزۇڭ بىلەن شايائىتىڭنى .
شۇم قۇشلاردىن باغنى ئازاد قىلغانىدىڭ،

يىرتقۇچلارنىڭ يۇرەك-باغرىن تىلغانىدىڭ،
زەھەر تىلىن قارماق بىلەن ئىلغانىدىڭ،
كورگەن ئىدۇق سەنىڭ قانچە كارامىتىڭنى.
تەنىڭ كەتتى، لەكىن روھىڭ بىزگە يولداش،
ھەر سائەتتە ،ھەر مىنۇتتا ئىشتا قولداش،

مەيۇسلەنمە ،سەن ئەلىڭدىن ، ئەي ۋەتەنداش،
ھىچ بۇزۇلماس شەيتان سەنىڭ ئىمارىتىڭنى!
بوشقا كەتمەس بىزنى قىلغان تەربىيىتىڭ،
قۇلاقتا بار سەنىڭ قىلغان نەسىھىتىڭ،

ئورۇندىلار ئەلگە قىلغان ۋەسىيىتىڭ،
ئوزۇڭ شۇنداق ئۇگەتكەنتىڭ جامائىتىڭنى.
ھەممىگە تەڭ كەلدى بۇگۇن دەرد بىلەن غەم،
چارە يوقتۇر، باشقا چۇشتى ئەغىر ئەلەم،

تارىخىڭنى يازار ئەمدى ئالتۇن قەلەم،
ھورمەت بىلەن ساقلايمىز بىز ئامانىتىڭنى!
ئەي نىمشەھىت ،دۇنيادا ھىچ كامال بارمۇ؟
مەرسىيەدىن ئوزگە ئىشقا ماجال بارمۇ؟

سەبىر دەمەي بۇ قىسمەتكە ئامال بارمۇ؟
ھورمەت بىلەن ساقلايمىز بىز ئامانىتىڭنى!


1949-يىلى غولجا
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kunkiz)
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 15:41 |
baturjangqi
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 11262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3097
شۆھرەت: 1588 نۇمۇر
پۇل: 1230 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

Quote:
引用第1楼kunkiz于2008-09-09 10:46发表的 :
بەزى دوسلۇرۇمنىڭ بۇ ئەسەرنى باشقا مۇنبەردىن يۆتكەپ ئەكلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ دەپ مىنى خاتا چۈشنۇپ قالماسلىغىنى سورايمەن بۇ تىمنى مەن بۇرۇنمۇ باشقا مۇنبەردە يوق ۋاقتىدا دىيارىم مۇنبىرگە يوللىغان ، كىلىش مەنبەسىنى تىخمۇ ئىنىق ئەسكەرتىپ قوياي .
تارىم ژورنىلى :  1985 - تىل 8- ساندىن ئىلىندى .
بۇ ژورنالدا يەنە  نۇرغۇن داڭلىق  شەخىسلىرىمىزنىڭ  مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنمىغان ئىسىل ئەسەرلىرى بار   شۇ يىللاردىكى ژورناللار قولۇڭلاردا بولسا ئىرىنمەي مۇنبەرگە يوللاپ قويشۇڭلارنى  ھەمدە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پايدىلنىشنى سورايمەن .

.......



ئەجەپ ئىسىل قىزبالا - ھە مۇشۇ ! رەھمەت ئوماق سىڭلىم ، بولسا بىر شۇنداق قىلىڭە ، بىزمۇ كۆرىۋالايلى ئۇ ئەسەرلەرنى .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 20:30 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 229 نۇمۇر
پۇل: 787 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18

 

مەن ھەممىنى ساقلىۋالدىم رەھمەت سىلەرگە      
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 13:33 |
dos1988
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ياخشى ئادەمتى رەخمىتى!!!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 14:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-18 11:46
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号