قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 88 قېتىم كۆرۈلدى
nurbiya421
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 يىغلىما دوستۇم!

0
          سەن يىغلاۋاتاتتىڭ ! شۇنداق ئوماق ، ئاجايىپ شوخ قىز ئىدىڭ!كۈلۈشكىلا يارالغاندەك ئىدىڭ . نېمە بولدى دوستۇم ساڭا! يىغلاۋاتىسەن!، يىغلاپ ،  ئېسەدەپ گىپىڭنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتىسەن . يىغاڭ يۈرىكىمنى ئىزىپ ، مېنىمۇ يىغلاتتى . ساڭا نېمىدەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەيۋاتاتتىم ، چۈنكى سەن بىز بىر توپ قىزلارنىڭ ‹‹مۇھەببەت يارىمىز››نىڭ ئەڭ داۋالىق مەلھىمى ئىدىڭ ! بىزنىڭ يىغىلىرىمىزنىڭ ئاخىرىنى كۈلكە بىلەن چىقىراتتىڭ . قىزىقچىلىق قىلىپ ، بىردەم بولسىمۇ شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇراتتىڭ . كەيپىياتىمىز تۇراقلاشقاندا ، ئاندىن رەت قىلىپ بولماس تەكلىپلەرنى بېرەتتىڭ ، سىنىڭ تەكلىپىڭ بىلەن ئىش كۆرۈپ ، زىيان تارتىپ باقمىغان ئىدۇق . يىگىتلىرىمىزمۇ بىرەر ئىشقا مەسلىھەت بېرەلمەي قالسا‹‹زۇلپىيەدىن سوراپ باقە؟نېمە دەيدىكىن! ›› دەيتتى .
    شۇنداق ، تولىمۇ سوغۇققان ، ئەقىللىق قىز ئىدىڭ ! سەن بار يەر كۈلكە بار يەر ، سەن بار يەر ئىللىقلىق بار يەر ئىدى . لېكىن ، بۈگۈن سەن يىغلاۋاتاتتىڭ ..
بۇرۇنقى يىگىتىڭ سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى ، ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىگە قاراپ بىز ھەۋەس قىلاتتۇق‹‹مۇشۇ دوستىمىز مۇشۇ خىل مۇھەببەتكە لايىق . ئۇنىڭغا قانچىلىك قىلسا ئەرزىيدۇ›› دەپ ، يەنە ‹‹ئەجەبمۇ تەلەيلىك يىگىت ئىكەن ئاشۇ ئەركىن ، زۇلپىيەنى كەلتۈرۈۋالدى دېسە بىلەن››دەيتتى بەزىلەر .
سەن تولىمۇ ئەركە قىز ئىدىڭ ، تېخى مۇشۇ تەتىلدە ، داداڭنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېگىنىڭنى ، ئاپاڭنىڭ سېنىڭ كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ ‹‹نېمە قىلىپ بېرەي قىزىم!›› دېيىشلىرىنى كۆرۈپ ، سەندىكى ئىشەنچ ، خۇشاللىق ، شوخلۇق ، كۈلكە......لەرنىڭ مەنبەسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگەن ئىدىم .
     بۇ يىلنىڭ بېشىدا سەن يىگىتىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىڭ ، بىزنى ھەيران قالدۇرۇپ شۇ قارارنى چىقاردىڭ ، بىچارە يىگىتىڭمۇ ، بىزمۇ سېنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭگە ، ھېلىقى جۈرئەتلىك زۇلپىيە ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىشكە ئامالسىز ئىدۇق . ‹‹ئاتا–ئانام قوشۇلمىغان توي ئىشىغا مەنمۇ قوشۇلمايمەن ، ئانام بىلەن دادامنىڭ بەخت تىلىشى بىلەن ئۆيدىن چىقمىسام ، كىيىنلىكىم ياخشى بولمايدۇ›› دەپ گەپنى تۈگەتتىڭ . سەن شۇنداق قىلدىڭ . ئاتا–ئاناڭ يىگىتىڭنى سودىگەركەن ، قىزىمىز مۇقىم تۇرمۇشتا ياشىسىكەن دەيمىز ، دەپ رەت قىلدى . شۇ چاغدىمۇ سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يىغلىمىغان ،‹‹ سەن يىغلاشنىمۇ بىلەمسەن ، توشقىنىم ؟›› دېسەم ، كۈلۈپ تۇرۇپ ، ‹‹راست گەپ قىلسام ، ئەركىننىڭ ئالدىدا بىر يىغلاپلا ئىچىم بوشاپ قالدى ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بوپقالسام بولىدىكەن ، ئاتا–ئانام ماڭا باقىۋەندە ئەمەس، ئۇلانى رازى قىلاي ›› دېدىڭ . شۇنداق قىلىپ سىلەر ئايرىلىپ كەتتىڭلار...........لېكىن ، ئۇ يەنىلا سەندىن ئۈمىدۋار ئىدى  .
      ‹‹بۇنداق يۈرسەم بولمىغۇدەك ، مېنى قوغلىشىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئىشەنچلىكرەك بىرىنى تاللاپ ، ئازراق چۈشىنىشىپ توي قىلسام ، ئاندىن مەنمۇ ، ئۇمۇ بەختلىك بولغىدەك ››  دېدىڭ . بىزمۇ سېنى قوللىدۇق ، چۈنكى سېنى قوغلىشىۋاتقانلار كۆپ ئىدى ، يەنە كېلىپ مەكتىپىمىزنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى ، ئېنىستىتۇتىمىزنىڭ كېلىشكەن يىگىتىدىن بىر–ئىككىسى ، يۇرتىمىزنىڭ بۇ يەردە قېلىپ ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان بالىلىرىدىن بىر نەچچىسى سېنى قوغلىشىۋاتقان ئىدى . سەن شۇلارنىڭ بىرىنى تاللىساڭ ، ئېنىقكى ، بەختىڭنى تاپاتتىڭ ، چۈنكى سەن باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدىغان ھەم بەختكە ئېرىشىشكە سالاھىيىتىڭ توشىدىغان قىز ئىدىڭ ................ئەپسۇس ، سېنى قارا باستى دوستۇم!!
      سەن يىغلاۋاتىسەن ئوماق دوستۇم! ‹‹ئاشۇ چاغدا نېمىشقا سېنى تىللاپ بولسىمۇ توسمىغاندىمەن؟›› دەپ مەنمۇ يىغلاۋاتىمەن . سېنىڭ قارا باسقاندەك بىر ئىشقا يولۇققىنىڭغا مەنمۇ سەۋەبچىدەك ، ئۆزەمنى ئەيىبلەپ ئولتۇرىمەن . شۇ كۈنلەردە سەن بىر شىركەت ئېچىش خىيالى بار ، قەددى–قامىتى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بىر يىگىت بىلەن يېقىنلىشىپ كەتتىڭ ، سەن بىلەن بىر قېتىم تاماققا بىللە چىققاندا ئۇنى كۆرۈپ ‹‹بىر يەرلىرى ھىيلىگەر ئىكەن بۇ بالىنىڭ ، بەك ئىش كۆرۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، يەنە كېلىپ بەك چوڭ چىرايكەن ،(سەن ئوماق بالىلارغا بەك ئامراق ئىدىڭ) بولدى قىلە بۇ بالىنى...>> دېسەم ، كۈلۈپ كېتىپ ‹‹ئىچى يامان ، چىدىمايۋاتىسەن–ھە!››دەپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتىڭ .
       ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، ئاشۇ بالا بىلەن يۈرۈپ قالدىڭ  ، ‹‹نېمىشقا؟›› دېگەن سوئالىمغا سەۋەب كۆرسىتەلمىدىڭ ..‹‹بىلمەيمەن ئاداش ، تۇيغۇم بۇ بالىنى ماڭا يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ ››دەيتتىڭ . ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى ، ساڭا باشقا يىگىتلەر ۋاي دىگەندەك ۋاي دېمەيتتى ، كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرۈشكە شۇنچىلىك ئامراق ئىدىڭ  ، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقىلار سېنى تەكلىپ قىلاتتى ، ئۇ بۇ قاتاردا يوق ئىدى . يولدا ھارۋىدىن ، يايمىچىلاردىن بىر نەرسىلەرنى ئازۇر–كۆپتۇر ئېلىپ ماڭاتتىڭ ، ‹‹بۇلارنى بىز ئازراق بىر نەرسىسىنى ئېلىپ بولسىمۇ قوللاپ قويايلى››دەيتتىڭ ، سېنى قوغلاشقانلار جېنىدا ، سەن بىلەن بىللە ماڭسا سەندىن گەپ سوراپ ، سېنى كۈلدۈرۈپ ھارمايتتى . لېكىن ، ئۇ ئۇنداق قىلمايتتى . سېنى تولا يىغلىتاتتى . سېنىڭ قىلىقلىرىڭ قىزبالا بولغان مېنىڭمۇ ئىچىمنى كۆيدۈرەتتى . لېكىن ئۇ بالا ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، پەقەت ئاغزىدا گېپىلا بار ئىدى . سەن ئۇنىڭغا قىزىققاندىن كېيىنلا ساڭا ھەر خىل يوللار بىلەن ئازار بىرىشنى باشلىغان ئىدى . بۇ گەپلەرنى ماڭا دەيتتىڭ ، مەن باشقا دوستلىرىمىزغا دەيتتىم . شۇڭا ھېچكىم سېنى قوللىمايتتى . ئىككىڭلارنىڭ بىللە ماڭغىنىنى كۆرگەن دوستلىرىمىز يۈزۈڭدىن–يۈزۈڭگە ‹‹چوڭ بىر ئادەم بىلەن كېتىۋېتىپتىكەنسەن ،كىم ئۇ ؟ خېلى نەزەرىڭ ئۈستۈن ئىدى  ، نېمە بولدۇڭ؟ ئەركىن كۆرسىمۇ زاڭلىق قىلىدۇ جۇمۇ سېنى!›› دەيتتى . لېكىن ، سەن يەنىلا سەۋەبسىز ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئىدىڭ . ئىچىم سىقىلاتتى . سېنى ساراڭ بولدىمىكىن دەيتتىم .
        ئارىدا سەن ماڭا ئۇنىڭ ، ھېلىقى ساڭا تاتلىق گەپلىرى بىلەن ئۆزىنى ئالىيجانابلىقتا چېكىگە يەتكۈزگەن ئادەمنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ تاپقان بىر قىزى بار ئىكەنلىكىنى دېدىڭ . بېشىمدا چاقماق چاقتى دوستۇم ! ئەجىبا سەن كۆرىدىغان كۈنمۇ بۇ؟؟ دېيىشىڭچە ، ئۇ باشقا يۇرتلۇق بىر قىز بىلەن توي خېتى ئالماي بىر ئۆيدە تۇرۇپ ، ئاندىن بالىلىق بولۇپ قالغان ئىكەن . بۇ ئىشلارنى ھېچكىم ئۇقمايدىكەن . بالا تۇغۇلغاندا ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلىپ قېلىپ ، ھېلىقى قىزنى ئۆيىگە ئەكىتىپ بېقىۋېتىپتۇ . دېمەك ئۇ بىر بالىنىڭ دادىسى ئىكەن . مەيلى نىكاھسىز بولسۇن ، ئۇ يەنىلا بىر بالا ئىدى . ئۇ بۇ ئىشلارنى ساڭا شۇنچىلىك توغرا چۈشەندۈرگەن ئىدىكى ، ئۇ ھېلىقى قىزنى پەقەت ياخشى كۆرمەيمىش ، پەقەت بىردەملىك ئېزىقتۇرۇش بىلەن شۇنداق بوپقاپتىمىش ، ئىككىسى ئەزەلدىن توي قىلىشنى ئويلاپ باقماپتىكەن ، بالىنى ئالدۇرىۋېتىدىغان چاغدا پۇل يوق بوپقېلىپ ، تۇغۇلۇپ قاپتىكەن . ئۇ بالىنى سەن باقساڭ ، ئۇ قىزنى رازى قىلىپ يولغا سەپ قويارمىش.......توۋا قىلدىم ، ياخشى كۆرمىسە بالا نەدىن پەيدا بولىدۇ دوستۇم؟ ئۇلار ھايۋان ئەمەسقۇ؟....سەنمۇ دۆتمۇ شۇ گەپلەرگە ئىشىنىدىغان؟ شۇ رەسۋاچىلىقلارنى ساڭا بىز دېگەن بولساق ، ئاچچىقلاپ ، بېرىپ شۇ ئادەم بىلەن ئۇرۇشاتتىڭ ، لېكىن ، سەن بۇ گەپلەرنى ناھايىتى توغرا چۈشىنىپ دەۋاتاتتىڭ . سېنى ، سەندەك قەدرىنى ، ئىززىتىنى بىلمىگەن دۆت دوستۇمنى ئۇرغۇم بار ئىدى . لېكىن ، بۇرۇندىن تارتىپ تىكلىگەن ئابرويۇڭ بىلەن ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمايتتىم ، سەن يەنىلا شۇ زۇلپىيە ئىدىڭ ، پەقەت بەك تاتلىق يالغان گەپلەر ، بىردەملىك ھېسسىيات سېنى ئازدۇرىۋاتاتتى . سەن ئازغان ئىدىڭ ، ئۆزەڭگە ياراشمايدىغان دەرىجىدە ئازغان ئىدىڭ . سەن كىم ئىدىڭ ، كىملەر ئۈچۈن كىم بولىۋاتىسەن دوستۇم؟؟
     سەن ئۇ قىز توغرىلىق ئويلاپ باقتىڭمۇ دوستۇم ؟ نىكاھسىز ، توي خېتىسىز ، ئاتا–ئانىسىنىڭ خەۋىرىسىز بىر ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ ، بالا تۇغالىغىدەك دەرىجىگە بارغان قىزنىڭ ئاشۇ ئادەمنى سەندەك بىر ساددا قىزغا ئېرىشتۈرۈشىگە يول قويىدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭ ؟ سەن بىلەن بىز ئاتا–ئانىمىزنىڭ خەۋىرىسىز شەھەر ئاتلاپ چىقالامدۇق؟؟ ياق دوستۇم ، بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىزگە ئۇلار ئىگە ....ئۇنداق بولمىغاندىمۇ بىزدە نەدىمۇ بىر ئەر بىلەن توي قىلماي تۇرۇپ ، بىر ئۆيدە تۇرۇش جۈرئىتى بولسۇن؟؟ گۈلدەك ۋاقتىڭدا ، ‹‹ئۆگەي ئانا›› دېگەن نامنى ئېلىپ يۈرگۈڭ بارمۇ ؟ سەن شۇ نامغا لايىقمۇ؟بىر ئۆي دېگەندە ۋارقىراش–جارقىراش بولمامدۇ ؟ ئۆز بالاڭ بولغىنىدا ، نېمە دىسەڭ ھېچكىمگە غەلىتە بىلىنمەيدۇ . لېكىن ، ئۇ خەقنىڭ بالىسى ..ھېچنىمە دېيىش ھوقۇقۇڭ يوق . ياخشى تەربىيىلەنسىغۇ بىر گەپ ، لېكىن كىممۇ ھازىرلا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى بىر قىز بولۇپ تەربىيىلىنىشىگە كېپىل بولالايدۇ؟ يەنە كېلىپ تومۇرىدا شۇ قەدەر قورقماس، ‹‹باتۇر›› ئانىنىڭ قېنى ئېقىپ تۇرسا...............
       ‹‹ھېلىمۇ ئۆيدىكىلەرگە دېمىگەن ئىكەنمەن ، بولمىسا قانداق قىلار ئىدىم؟›› دەپ يىغلىدىڭ . شۇنداق ، سەن تېخى ئۇلارغا دېمىگەن ئىدىڭ ، لېكىن ئۇنى كۆڭلى خاتىرجەم بولسۇن دەپ ئۆيدىكىلەر قوشۇلدى دەپ قويغان ئىدىڭ . ‹‹ئۇنىڭغا بېسىم بولمىسۇن دەيمەن ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزەم قايىل قىلارمەن ئاپامنى›› دېگىنىڭدە ، مەن ‹‹ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساق سەندەك دوستۇم يوق ، ئاپاڭغىمۇ دەيمەن ھەممە ئىشنى›› دېدىم ، بولدى دوستۇم ، ئەمدى يىغلىما ، سەن كۈلسەڭ بولىدۇ . ‹‹باشقىلار ئىككىمىزنىڭ بىللە ماڭغىنىنى كۆرگەن ، مەن جىق دوستلىرىمغا دېگەن ئىدىم...........›› قارا ، مېنىڭ يىشۇ دوستۇم ، بۇ باھانەڭنى!‹‹ياخشى گەپمۇ 3 كۈن ، يامان گەپمۇ 3 كۈن›› ، ماڭساڭ ، تۇرساڭ ، تاماق يېسەڭ نېمە بوپتۇ دوستۇم ؟ ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلار بولمىغان بولسىلا بولىدۇ. ھازىر خەقنىڭ گېپىدىن قورققىنىڭ بىلەن ، كېيىنكى تۇرمۇشنى ساڭا خەق ياشىشىپ بېرەلەمتى ! ئۇنىڭ دوستى بىلەن قىزىرىشىپ قاپسەن . ئۇ ساڭا ‹‹ئايالى بار ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ نېمە قىلاي دېگەن ؟›› دەپتۇ . يىغاڭمۇ شۇ سەۋەبتىن كۈچىيىپتۇ . كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ دەي دوستۇم . ساڭا بۇ ھەق بولدى . مانا مۇشۇنداق بىر زەربە بولمىغىچە ، سەن ھۇشۇڭنى تاپمايتتىڭ . ئەمدى بىلگەنسەن . ئۇ دوستىغا شۇنى پۇراتمىغان بولسا سېنى يۈرەكلىك ھالدا خەقنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانغا چىقىرالامتى دوستۇم؟ مانا بۇ سەن ئىشەنگەن ئادەمنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى ..سېنى ئەركىننىڭ زارى تۇتتىمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە .
      ئەمدى يىغلىما دوستۇم ، ھاياتقا ، رىئاللىققا قايتقىن . كىملىكىڭنى ، ئۆزلۈكىڭنى تاپقىن ، ئەتراپىڭغا قارىغىن.....ئوقۇشۇڭ قانداق مۇھىم-ھە؟ كېلەر يىلى ماگستىر ئاسپرانتلىقنى پۈتتۈرىسەن ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەڭنى ياخشى ياز! بىزگە دوكتۇرلۇق ئوقۇيمەن دېگەن ئىدىڭغۇ ! ئوقۇ دوستۇم! سەندە بار زېھىن، سەندىكى ئۆتكۈرلۈك بىزدە بولسا بىزمۇ ئوقۇيتتۇق ! ئاتا–ئاناڭنى ئويلا ! ئۇلار يۈرەك پارىسىنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس بىرى ئۈچۈن ياش تۆكىۋاتقىنىنى بىلسە قانچىلىك ئازابلىنار–ھە؟
    ئوقۇشۇڭ تۈگىگەندە ساڭا تەلمۈرىۋاتقان ، سەن بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى ، بۇرۇن ئائىلە ، بالا تەمىنى تېتپ باقمىغان ، سەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلە ھوزۇرىنى سۈرىدىغان ، سېنى ھاياتىدىكى تۇنجىسى ھەم ئاخىرقىسى قىلالايدىغان ، ئاللاھ  ئاتا قىلغان ئوماق پەرزەنتىڭلارنى تەڭ ئەركىلىتىپ ، تەڭ تەربىيىلەپ چوڭ قىلىدىغان بىر كۆڭلى پۈتۈن ، ئىمانى پۈتۈن ئەركەكنى تاللىغىن . باشقا قىزلارنى قىزىقتۇرىدىغان ، ساڭىلا قىزىقىدىغان ئاشۇ يىگىتلەرگە قارىغىن . نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقىنى تىلەپ تاپما جېنىم ، سەن بەكمۇ بەختلىك بولۇشۇڭ كېرەك ، سېنىڭ مۇشۇ يىغاڭ يىغىلىرىڭنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالغاي ئىلاھىم!
      يېشىڭنى سۈرتۈپ دىللارغا ئارام بېغىشلايدىغان ، بەكمۇ تاتلىق كۈلكەڭنى باشلا . ئۇ ئەمدى چىرايىڭدىن ئۆچمىسۇن ، ئاللا ساڭا ، بىز قىزلارغا بەخت ئاتا قىلسۇن ، لېكىن بۇ بەخت پۈتۈن بەخت بولسۇن! قولۇڭنى بەر! مەن ساڭا بۇرۇنقى پارلاق يولۇڭنى كۆرسىتىپ قوياي! ئەمدى قايما دوستۇم !ئازماس ئاللاھتۇر! بىر ئازدىڭ ، ھەرھالدا ۋاقتىدا ياندىڭ ، لېكىن ئەمدى ئازما جانىم! كەل !كۆز يېشىڭنى سۈرتۈپ قوياي! قارا ! قاپىقىڭ ئىششىپ ، بەك سەتلىشىپ كېتىپسەن، بۇرۇندىنغۇ سەت ئىدىڭ ئەمدى........ھە! ياخشى ، مانا مۇشۇنداق كۈلە جان دوستۇم! قارا چۈشلەرنى ئۇنۇت! سەن يەنىلا بىزنىڭ پەخرىمىز ، ئامراق دوستىمىزسەن!
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-10, 03:59
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 01:19 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kusan2
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 7941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 824
شۆھرەت: 517 نۇمۇر
پۇل: 1979 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

بەزىدە ئادەمنى ئاشۇنداق قارا بېسپ قالىدۇ.بۇنداق چاغدا ھەر قانداق ئەقىللىق ئادەممۇ ئازمايمەن دىيەلمەيدىكەن.يازمىڭىز ياخىشى چىقىپتۇ.   
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-11 10:43 |
miskin0996
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20

 

<كۈڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ>دەپ قايسى ئۇلۇقلىرىمىز ئېيىتقان بولغىدى ھە!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-16 23:39 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3527
شۆھرەت: 3328 نۇمۇر
پۇل: 11123 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

تەسىرلىك تەسۋىرلەر ئىكەن. مۇنداق قىسمەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-19 10:25 |
aytolun
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30204
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

قىز بالا  دىگەن  ئوقتا  توختىماي  پوختا توختاپتۇ  ،دىگەن  مۇشۇدە  ئۇ قىزنىڭ   بالدۇراق  ھۇشىنى  تېپپىلىشىنى  بەكمۇ ئۇمۇت  قىلىمەن.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-19 10:35 |
humaru
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19

 

ئەجەپ مىجەزى ماڭا ئوخشايدىغان قىزكەنغۇ بۇ؟ ئىلاھىم تەقدىرىم ئوخشاپ قالمىغىيىتتى.......
  ئۇنىڭغا يەنە چېكىنىشكە پۇرسەت بار ئىكەنغۇ، ئاللا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كامىل ئەقىل ئاتا قىلغاي.....
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-19 10:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-20 17:32
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号