قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 304 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: چاخچاقنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرەمدۇق چاخچاقچىنىڭمۇ ؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 417 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 چاخچاقنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرەمدۇق چاخچاقچىنىڭمۇ ؟

0

چاخچاقنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرەمدۇق چاخچاقچىنىڭمۇ ؟
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Ataman تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-07-28)
  
چاخچاقنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرەمدۇق چاخچاقچىنىڭمۇ ؟



قەلەمكەش ئاكا ئاغىنەم ئابدۇرسۈل سىيتقا ئوچۇق خەت


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرۇسۇل ئاكا ! ياخشى تۇرىۋاتامسەن ، مىھماندوس ، خۇش چاخچاق ، مەردانە ئوغلانلارنىڭ ئارىسىدا كۆلكە چاخچاق بىلەن ئولتۇرۇپ يەنە چاقچاقچىلارنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئادەمنىڭ باغرىنى ئىزىدىغان رىئال قىسمەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ يۇرىۋاتامسەن ؟ سەن بىلەن ئالدىنقى يىلى توققۇس تارادا ھال مۇڭ بولغانچە مەن ئوقۇش سەۋەپلىك قايتا دىدارى مۇلاقەت بۇلۇش نىسپ بولمىغان بولسمۇ لىكىن سەن « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىدا ئۈزۇلدۇرمەي ئىلان قىلىۋاتقان چاخچاقچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى تەسىرلىك ۋە چىن بايانلاردىن بەزىدە ھۇزۇر ئالسام بەزىدە كۆزلىرىمگە ياش ئىلىپ . ئۇلار بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ئۇلىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۇك بۇلىۋاتقان ھالال ھەم سەمىمى ئەمگەكلىرىڭگە بولغان ھۈرمىتىم ئاشقان بولسا ، ئابلىكىم ھەسەننىڭ باھانىسى بىلەن ئابدۇخىلىل مىرخىلىل ئاكنىڭ خۇشچاقچاق ئوچۇق مىجەزى . دولقۇن روزىنىڭ ئۆتكۇر پىكىرلىرى . شەۋكەت ئىبراھىمنىڭ سەممىيتى . ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ تەمكىن ۋە ئوچۇقلىغى . شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى بىر جۈپ گۈل بولغان دىلمۇھەممەد جەفەرى ۋە ئابلەھەت زەپەرىلەر بىلەن تونۇشقانلىغىمدىن پەخىرلىك ھىسياتقا چۈمدۇم
شۇ تاپتا چاخچاق ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە يات بىر ماكاندا ئولتۇرۇپ سىلەر بىلەن قىسقا ئەمما كۆڭۇللۇك ئۆتكەن بىر نەچچە كۇنلۇك ھاياتىم توغۇرسىدا ئويلىنىپ غىرىپچلىق خاندانغا مەھكۇم بولغىنىمدا ئوت يۇرەك شائىر قەلەمكەشلەرگە . سەنئەتكارلارغا ، ئىلى باللىرىنىڭ بىشىغا نى نى قىسمەتلەر كەلسمۇ ئەسىرلەردىن بىرى دىھقانغا ئوزۇق ، شائىرغا ئىلھام بۇلۇپ ئەلنى ئۆز ئانىسدەك باغرىغا ئىلىپ پەرۋىش ئەتكەنچە ئۆز سەپىرىنى داۋام ئېتىدىغان دولقۇنلۇق ئىلى دەرياسى ۋە سىلەرنىڭ ئايىغىڭلارغا پايانداز بۇلىۋاتقان خۇشپۇراق گۈل باغلار بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سەن بىلەن بىللە سۇرىدىغان بارلىق قەدىردانلارغا سەن ئارقىلىق سالام يوللۇغۇم كەلدى
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسام ھەرگىزمۇ غىرىپسنماس ئىدىم . ياقا يۇرىتتا ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام ئىتىدىغان سورۇنلىرىڭلارنى ئەدەبىيات ، تارىخ ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئۇچۇرششىلىرىنى . ئەسئەت ئابدۇرشىتنىڭ چىراينى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ قىلىدىغان چاخچاقلىرىنى ئاڭلاشقا . ئاۋاز قوشۇشقا مۇيەسسەر بۇلار ئىدىم . دەپ ئويلاپ بارلىق بۇرادەرلەرنى چۇڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ئەسلىدىم
مەن دوستلارغا سەن ئارقىلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە سەن بىلەن ئىلى چاخچاقلىرى ۋە چاقچاقچىلىرى ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى . بۇ مەسلە مىنى ئىزچىل ئويغا سىلىپ كىلىۋاتقان بولغاچقا بەزى كۆڭۈل سۆزلىرىمنى سالامىم بىلەن قوشۇپ ئېيتىش قارارغا كەلدىم
ئاتا بوۋىلىرىمىز ھۇنەر نەسەپتىن ئارتۇق دەپ ئەر كىشىنىڭ ھۇنەر ۋە ماھارەت يىتىلدۇرشى توغۇرلۇق بىزگە نەسىھەت قىلىپ ئەر كىشىنىڭ يۇزىنى يورۇق قىلىدىغان ئون خىل ماھارەت ھەققىدە سۆزلەپ ئەڭ ياخشسى سۆزلەش ماھارىتى دىگەن ئىكەن . قابۇسنامىدە بۇ توغۇرلۇق مۇنداق بىر گەپ بار . ئەي ئوغۇل تىرىشىپ تىلىڭنى سۆزلەش ماھارىتى ۋە پاساھەت بىلەن بىزىگەيسەن . خەلىققە تاتلىق تىل بىلەن گۈزەل سۆزلەشنى ئادەت قىلغايسەن . ھەركىمنىڭ تىلى تاتلىق بولسا ئۇنىڭ دوستى كۆپ بۇلىدۇ . سۆزگە ئۇستا كىشى ھەر بىر سۆزنىڭ ئورنىنى تاپمىسا ئىيتمايدۇ . چۇنكى ھەر قانداق سۆز ئۆز جايىدا سۆزلەنمىسە ھەر قانچە گۈزەل بولسىمۇ تېتىقسىز بىلىنىدۇ
مىنىڭ نەزىرىمىدە چاخچاق – بىزگە ئاتا بوۋىمىزدىن ئۈدۈم بۇلۇپ قالغان سانسىز مەدەنى مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇش بىلەن بىرگە ئادەمگە خۇشاللىق ھىس تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان بىر تۇرلۇك سەنئەت ھىساپلىنىدۇ . خەلىقىمىز ئۆزىنىڭ توي توكۈن . ئولتۇرۇش . مەشرەپلىرىنى ناخشا سازسىز . كۆلكە چاخچاقسز ئۆتكۇزگەن ئەمەس . چۇنكى ئۇيغۇر خەلىقى خۇشاللىغىدىن ئاچچىق قىسمەتلىرى كۆپ . راھىتىدىن جاپاسى . دەرماندىن ئارمانى كۆپ قەۋىم بۇلۇش بىلەن بىرگە ھايات ياراتقان ئاچچىق قېسمەتلىرىنى پەلسەپىۋى پۇرىغى كۈچلىك ئىنكاسلىرى ، كۇلكىلىرى ئارقىلىق يىڭىپ ياشاشقا كۆنگەن مەردانە خەلىق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى ئارقىلىق ھايات بىغىنى ئۆزىگە خاس گۈللەر بىلەن بىزەپ ياشاشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان خەلىق . چاخچاق ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئەقىل پاراستىنى يىلتىز قىلغان ئاساستا خەلىق ئىچىدە پەيدا بۇلۇپ ئىنكاسى تىز . ھەق - ناھەق تۇيغۇسى ئۆتكۇر . ئىپادىلەش ئىقتىدارى دەل سەنئەتكارلار ۋە چاخچاقچىلار ئارقىلىق خەلقىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا ھەر دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان چاخچاقلىرى ۋە خەلىق چاخچاقچلىرىنى بارلىققا كەلتۇرگەنلىگى ھەممىزگە ئايان
ھەر بىر دەقىقىدە بىردىن پەلسەپە يارىلىدىغان ھاياتتا كۆلكە ۋە خۇشاللىقىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ياشىماق ھەممىلا مىللەتكە نېسىپ بۇلىدىغان بەخىت ئەمەس دەپ قارايمەن شۇ سەۋەپتىن مەن سىلەرنى ناھايىتى بەختلىك دەپ ھىس قىلىمەن
مىنىڭ قولۇمدىن ئانچە مۇنچە ساز چىلىش كەلگەچكە كىچىك تۇرۇپلا سورۇنغا قىتىلىپ چوڭ بولغان . شۇ جەرياندا نۇرغۇن چاخچاقچىلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئادەمنىڭ ئۇچىيىنى ئۈزىۋەتكىدەك ئېسىل چاخچاقلاردىن ھۈزۈر ئىلىپ مۇشۇ ياشقا كەلدىم . چۈنكى بىزنىڭ جەنۇپتىمۇ چاخچاق بار . لىكىن ئۇلار پىلاستىنكا چىقارمىغىنى بىلەن ھەممە يۇرىتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق چاخچاقچسى قىزىقچىسى . سازەندىنىڭ بۇلىدىغانلىغىنى ساڭا چۇشەندۇرۇش ھاجەتسىز بولسا كىرەك دەپ قارايمەن . بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈم كىرەككى بىزدىمۇ بىرەر ئىش ۋەقەگە دىققەت قىلىدىغان سەزگۇرلۇك . قىزىق گەپكە بولغان ھەۋەس ، ئشتىياق ۋە ئىنكاس باركى ھەرگىزمۇ چاخچاق قىلسا جىم ئولتۇرۇپ ئەتىسى ياكى يىرىم سائەتتىن كىين كۈلىدىغان گالدۇ - گۈلدۇڭ ساراڭ قىتىش ئادەملەر قەۋمىدىن ئەمەسمىز . روخسەت قىلساڭ بۇ گەپكە بىر چۇشەنچە بىرەي . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇرۇمچىدە بىر گەپ تارقالغان بەلكىم ئاڭلىغان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن . قەشقەرلىكنىڭ ئىنكاسى ئاستا . بۇگۇنى قىلغان چاخچاققا ئەتىسى ياكى يىرىم سائەتتىن كىين كۈلۈپ تۈرۈپ ھە سىلە ئەسلى مۇنداق دەپتىكەنلا دە ئەمدى چۇشەندىم دەپ كۈلىدۇ دىگەن گەپ تارقىلىپ بۇ مىسال قەشقەرلىكنى كەمسىتىشتە ناھايىتى ئوبرازلىق بىر جۇملىگە ئايلانغاندى . شۇڭا مىنىڭ بۇ گىپمكە رەنجىپ قالماسلىغىڭنى ئۆمىت قىلىمەن . كىچىك چاغلىرىمدا ماڭا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلىدىغىنى مانا مۇشۇنداق قەشقەرلىكنى كەمستىدىغان يۇمۇرلار ئىدى . بەش ئالتە يىل بۇرۇن ھىسامكام ئۈرۈمچىگە كەلگەندە . ئىمىنجان يۈسۈپ . ئابدۇرېھىم ھىيىت قاتارلىق سەنئەتكارنىڭ تەكلىپ قېلشى بىلەن تەبەسسۇم رىستۇرانىدا ھىسامكام بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش نىسىپ بولدى . ئۇ كۈنى ئەكرەم سىتىۋالدىمۇ بار ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇندىن تونۇشلۇغۇم بار ھەم يىقىن دوس بولغاچقا سورۇندا ئانچە سىقىلىش ھىس قىلماي ئەركىن ئازادە ئولتۇردۇم ، بىراق كۆڭلۇمدە ھىلى سورۇن باشلانغاندا قەشقەرگە تەۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چاخچاقنىڭ دەستىدىن ئوقۇپ تاشلىۋەتكەن توخۇدەك دۇگدىيىپ يىگەن تاماقنى ياندۇرغانچە تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قالىدىغان بولدۇق دەپ پەرەز قىلغىنىمنى يوشۇرمايمەن . مىنىڭ نەزىرىمدە غۇلجىلىق چاخچاقچىلار قەشقەرلىكنى تىلغا ئالماي . ئۇلارنى كەمستدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ چاخچاق قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن . لىكىن ئۇ كۇنى ھىسامكام بىلەن بەش ئالتە سائەت بىللە ئولتۇرۇپتۇق . سورۇندىكى ھەممىسى سەنئەتكار بولغاچقا ناخشا سازلار چاخچاققا كىرىشىپ ئاجايىپ قىزىزىپ كەتتى بىراق ھىسامكام چاخچاقلىرىنىڭ ئارلىغىدا بىر ئىغىز قەشقەرلىق توغۇرسىدا گەپ ئاڭلمىغاندىن باشقا دادام بىلەن بىللە ئولتۇرساممۇ خىجىل بولمىغىدەك پاكىز چاخچاقلار بولدى . ھىسامكامدىن قەلبىم سۇيۇندى . ئۇنىڭغا ئىچىمدە ئۈزۈن ئۆمۇر تىلىدىم . ئويلاپ باقسام شۇ كۇنى ھىسامكام ھىچكىمنى كەمستمىدى . ھىچقايسى يۇرىتلىق ھەققىدە گەپ قىلمىدى . ھىچكمنىڭ لەقىمى . ئەيىۋى توغۇرسىدا بىر ئىغىز گەپ قىلماي نەدە ئادەمنىڭ ئىسىگە كەلمەيدىغان . ئويلاپ باقمىغان بىر ۋەقە سۆز ھىكايە ياكى بىشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشلار توغۇرسىدا چاخچاق قىلىپ ھەممىزنى مەستخۇش قىلىۋەتتى . ئارقىدىن ئەكرەم ستىۋالدىنى مىنىڭ شاگىرتىم دەپ تونۇشتۇردى ( ئەمىليەتتە ھەممىز ئۇنى تونۇيتتۇق ) ھەم قىنى مىنى بىر دورىۋىتە دەپ ئەكرەمگە پۇرسەت بەردى . قارىغاندا ئۆزىنى دورىغۇچىلار ئىچىدە ھىسامكام ئەكرەمگە ئەڭ قايىل بولسا كىرەك دەپ پەرەز قىلدىم . ئەكرەممۇ ناھايىتى ياخشى لەتىپلەرنى سۆزلەپ بەردى . بىز دوستانە كەيپىيات ئىچىدە تارقاشتۇق . شۇنىڭدىن بىرى مەن بۇ ھەققىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم . ھازىر نامى چىقىۋاتقان ۋە ۋە ئەلگە تونۇلغان بەزى ياشلارنىڭ چاخچاق قىلىش ئۈسۈلى ھەققىدە ئويلاندىم . كىين نەسىردىن ئەپەندىگە ئائىت لەتىپلەرنى . جۇھا لەتىپلىرى نامىلىق كىتاپ ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن تەرمىلەر ژۇرنىلدا ئارلاپ ئىلان قىلىنىپ قالىدىغان يۇمۇرلارنى ۋاراقلىدىم . كاللامدا لەتىپە سۆزلىگۇچى دىگەن مەلۇم بىر ھىكايىنى قاملاشتۇرۇپ بايان قىلىپ بەرگۇچى بولسا چاخچاقچى دىگەن نەخ مەيداندا ئىجادىيەت قىلىدىغان يۇقۇرى ئىقتىدارلىق . كەم تىپىلدىغان تالانىتقا ئىگە ئەقىل ئىگىسى ئىكەن . دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھازىرقى بەزى چاخچاقچىلارنىڭ قىلىۋاتقان چاخچاقلىرى ھەققىدە يەنە ئويلاندىم . لىكىن بايقىغىنىم چاخچاق قىلماقنىڭ تەسلىگى ۋە ئادەمدىن زور تالانىت تەلەپ قىلدىغان قيىنلىغى يۇقۇرى بولغان بىر كەسىپ بۇلىشى بىلەن بەزى چاخچاقچىلاردىكى ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىلگى بولدى . ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجاد قىلىش سەنئىتى ۋە چاخچاق قىلىشنىڭ ، ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە تولۇق چۇشەنچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپلا چاخچاقچى ئاتىلىپ يۇرىت ئېچىدە قەدىرلەنگەنلىگى ئۈچۈن بىر يەرگە ھۆرمەت بىلەن تەكلىپ قىلىنغاندىن كىين باشقىلار ئۆزىگە تەلمۇرۇپ تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئىلاجسىز قىلىپ ئاۋال قىزىق ئەمەس . ئادەمنىڭ پەقەتلا كۈلگۇسى كەلمەيدىغان بىر گەپلەرنى قىلىپ بىقىپ . ئاندىن باشقىلار دەپ بولغان يۇمۇرلارنى دەپ بىقىپ . ئارقىدىن ھىسامكامنىڭ ئاۋازىنى دوراپ لەتىپە دەپ بىقىپ ئۇمۇ بولمسا كۇچەپ قيىنلىپ يۇرۇپ باشقا يۇرىتلارنى ياكى باشقا يۇرىتلىقلارنى كەمستىش ئارقىلىق ھەر ھالدا سورۇننى قىزىزىتىش ئارقىلىق يۇزىنى چۇشۇرمەي غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلىگىنى نەچچە قىتىم ئۈچراتتىم . بەزىدە بۇ بىچارىلەرگە نىمە جاپا چاخچاقچى بولىمەن دەپ ئويلاپ . تۇرداخۇننىڭ گىپى بويىچە چاخچاقچى بولىمەن دەپ قاملاشتۇرالماي قىينالغىچە دىھقان بازىرىدا ھاك ساتسا نىمە بۇلا دىگەن كۆز قاراشىقىمۇ كەلدىم . چاخچاقچىنىڭ بىر خۇشاللىغى بار . ئۇ بولسمۇ سورۇن ئەھلىنى تىلىقتۇرۇپ مۇزلاپ كەتكەن سورۇنىنى قىزىزىتىپ ھەممە ئادەمنى پۇتىغا قايناقسۇ تۇكۇلۇپ كەتكەندەك سەكىرتىۋىتىش . بىر بەختسزلىگى بار . ھەممە ئادەمگە خۇشاللىق بىرىپ ئۆزى يالغۇز مۇڭسىرىغاندا ھىچ يەردىن خۇشاللىق تاپالماي قىلىش . لىكىن ھاياتتا ھەممىلا ئادەمگە يالغۇزلۇق ھەمرا . يالغۇزلۇق ، غىرىپلىق كىشەنلىرىنى پەقەت ئەنە شۇنداق مەردانە تەبىئەتكە ئىگە ئەقىللىق ئادەملەر چاقالايدۇ . مۇڭغا چۆككەن ھاياتىنى ھەر بىر ئىغىز گىپى بىلەن تارمار قىلىپ يۇرىگى يىغلاۋاتقان ھالەتتە يەنە باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇرىگىنى ئىللىتىدۇ
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئۈن ئالغۇ لىنتىسدىكى چاخچاقلاردا بىر كۇنى بىر قەشقەرلىك دەپ گەپ باشلاپ بولغىچە يىنىدا بىر توپ ئادەمنىڭ كۇلىۋاتقان ئاۋازلىرى قوشۇپ بىرىلەتتى . مەن كىچىك بولغاچقا بۇ ئادەملەر نەدىن پەيدا بولغان ئادەملەر دەپ ھەيران قالاتتىم . كىين زامان تەرەققى قىلىپ ئاۋازلار سىنتەخسىلىك چىقىدىغان بولدى . بىز چاخچاقچىلارنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ چاخچاقتىن ھۇزۇر ئىلىۋاتقان بىر توپ ئادەمنىڭ كۆلكىسنى كۆرۇپ ئاندىن بۇ ئەسلى مۇنداق ئىشكەن دەپ چۇشەندۇق . كيىنكى چاغلاردا قويۇق يۇرىتۋازلىق پۇرىغىنى ئالغان چاخچاقلار سەل ئازىيىپ مەلۇم بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى . پېخسغىلىق . كۆرەلمەسلىك . ئىچى تارلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا ئائىت نۇرغۇن چاخچاقلار ئىجاد قىلىندى . بۇ يەردە يۇرىت مەسىلىسى ئەمەس ئىنسانى مەسىلە تارتىپ چىقىرىلىپ ھەممە ئەيىپ قەشقەرلىقتا ئەمەس ئادەملا بۇلىدىكەن مۇكەممەل بولمايدۇ . مۇكەممەل بولماسلىق ئادەمنى مەڭگۇ تىرششىقا . ئۆزىنى ۋە ئىدىيسنى تىنىمسز يىڭىلاشقا ئىلىپ بارىدىغان ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ دىگەن ئەندىزىگە ماس قەدەمدە چاخچاقچى ھەم چاخچاقنىڭ سانى ، سۇپىتى ئىزچىل ئۈسۈپ باردى . كىين ئۈيغۇر خەلىقنىڭ چاخچاققا بولغان ئامراقلىغى ۋە ھەۋىسى تۇپەيلىدىن ئۈرۈمچىگە نۇرغۇن چاخچاقچىلارنى تەكلىپ قىلىپ تويلاردا ۋە رىستۇنلاردا ئۇلارنىڭ بىر بىردىن ئېسىل ئادەمنى ئويغا سالىدىغان . كۆلىدىغان ئەمما چاخچاقنىڭ ۋەزنىگە يوشۇرۇنغان ئالەمچە قىممىتى ئارقىلىق ھۇزۇر بىرىش بىلەن بىرگە تەربىيگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت قوش لىنىيلىك قىممەت قارشىنى بەرپا قىلىپ چاخچاقنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەس بەلكى يەنە ئەھمىيتنىڭ بارلىغىنى بىزگە ھەقىقى ھىس قىلدۇردى .
لىكىن بەزى چاخچاقچىلار ئىزچىللىق بىلەن باشقا يۇرىتلىقلارنى كەمستىش رامكىسدىن چىقالمىغاچقا سورۇنلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ خەلىق بىلەن چاخچاقچىلار ئوتتۇرسىدا چاخچاققا نىسبەتەن ۋە چاخچاقچىغا نىسبەتەن ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ ئويلاپ باقمىغان كىچىك كۆڭۇلسىزلىكلەر يۇز بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ ئوسال بولدى . قارشى تەرەپنىڭمۇ دىلى ئاغىردى . ئۇلارنىڭ مەسخىرە تۈسىنى ئالغان گەپلىرى بىر ئادەم بىلەن ئەمەس بىر يۇرىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا يۇرتى ھاقارەتلەنگەن ۋە ئۆزىمۇ شۇ تەۋەگە ھىساپ ھالدا بىگۇناھ گۇناھكار بولغاندەك ھىسياتقا كەلگەن ئادەملەر بىئاراملىق ئىچىدە چاخچاقتىن كۈلۈپ ھۇزۇر ئالالمايلا قالماستىن چەكسىز بىئاراملىققا چۈشۈپ قالدى . بۇ يەردە مەخسەت چاخچاقچىمۇ مەلۇم بىر يۇرىتنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بىئارام كەيپىياتىدىن ھۇزۇرلۇنۇش ئەمەس سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۇرۇش . بىراق چىقىش نوقتا خاتا . بەلگىلەنگەن ئورۇن بىلەن نىشان خاتا . شۇڭلاشقا ھەر ئىككى تەرەپ سورۇنغا كۆڭۇل ئاچىمەن دەپ كىلىپ كۆڭۇلسىز بۇلىشى سىنڭچە چاخچاقچىنىڭ دىتىغا باغلىقمۇ ياكى جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە مۇلايىملىق بىلەن چاخچاققا قۇلاق سىلىپ ئولتۇرغۇچىدىمۇ ؟ چاخچاققا چىدىمايدىغان ئادەملەرنىڭ بۇلىشى تەبئى . بۇنداق ئادەملەرنى مەن كۆپ كۆرگەن . بىراق چاخچاقچى مىنىڭچە ئالدى بىلەن نەزەر سالغۇچى . بايقىغۇچى . ھىس قىلغۇچى سەزگۇچى ۋە ئالدىن كۆرگۇچى . بۇنداق بولغان ئىكەن بىر ئادەمنىڭ يارىسنى تاتلىسا ئاچچىغى كىلىۋاتقانلىغىنى بايقاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تۈز سەپسە چاخچاقچىدەك كۆپ سورۇننى كۆرمىگەن بەزى ئادەملەرنىڭ ئاچچىغى كىلىشى تەبئى ئىش . شۇڭا بۇنداق مەسىلنى ئالدى بىلەن چاخچاق قىلغۇچىدىن ئىزدەش كىرەك دەپ قارايمەن. ئەمەليەتتە قەشقەر بىلەن ئىلىنىڭ پەرقى ياكى ئورتاقلىغى توغۇرسدا تولۇقلىما چۇشەنچە بىرىش ۋە ياكى ئوخشمايدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ياكى خەلىقنىڭ بىشىغا كەلگەن ئورتاق قىسمەتلەر ئۈستىدە ئەزۋەيلەش ئارتۇقچە بىر ئىش . بىراق چاخچاقچىلار چوقۇم بۇ نوقتىنى ئىنىق ئايرىۋىلىپ ئاندىن ئەلنىڭ ئىچىگە سىڭگىنى ياخشى ئىكەن . چۈنكى پەقەتلا يۇرىتۋازلىق قارشى يوق قەشقەر خەلقى تارىختىن بىرى ئىلىدىن چىققان باتۇرلاردىن تارتىپ. سەنئەتكار . چاخچاقچىلارنى ئۆز پەرزەنتىنى سۆيگەندەك سۇيىدۇ . ئۇلارغا ئۈزۈن ئۈمۈر ۋە يۇكسەك ئەقىل پاراسەت تىلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ يىقىن ئادىمىدەك ھىس قىلىدۇ . بۇنداق كەيپىيات داۋام ئىتىۋاتقان بىر ئادەم تۇيۇقسىز يۇرىت ئايىرىلىپ بىراقلا يەكلىنىپ ھەممە ئادەمنىڭ كۈلىدىغان . باشقا بىر قەۋىمدەك چەتكە قاقىدىغان ، كەمستىدىغان ئوبكىتقا ئايلىنىپ قالسا ئەلۋەتتە دىلى ئاغرىيدۇ . چۈنكى ھازىر يۇرىتۋازىلىقنىڭ تارىختىن بىرى بىزگە ئىلىپ كىلىۋاتقان دىشۋارچىلىغىنى چۇشەنمەيدىغان ساۋاتسىز دىھقانمۇ قالمىدى . شۇڭلاشقا ھەممە ئادەم سەسكىنىپ تاشلىۋەتكەن كونا پالازدەك بۇ گەپنى ئەزۋەيلەش ھەر قانداق ئادەمنى جىلە قىلىپ زەردە گۆش قىلىشقا يىتىپ ئىشپ قالسا كىرەك دەپ قارايمەن
چاخچاقچىلار ئۆزىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ھۆرمىتنى . ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتنى بەك تۆۋەن مۇلچەرلىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا يۇرىتۋازلىق پۇرىغى ئىغىر بەزى گەپلەرنى دىسەملا بۇلىدىغۇ دەپلا يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىغىزدىن چىقىرۋەتكەن بىلەن ئۇ چاخچاق چاخچاقنىڭ ئىغىزىدىن چىقىپ بولغان كىين ئەلگە تەۋە بۇلۇپ كىتىپ ئۇنىڭ سەلبى تەسىرىنى مۆلچەرش قىين ئەھۋالدا قالىدىغان ئىش يۇز بىرىدىكەن
چاخچاقچى بىر گەپنى دىدىم دەپلا ئويلانماي دىگەن بىلەن ئاددى خەلىق . ئادەملەر توپى . ئۇنى باشقىچە مەنىدە قۇبۇل قىلىۋىلىپ شۇ بويىچە باشقا يۇرىتلىقلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ كەمستمەكچى بولسا ھىلىقى چاخچاقنى دەپلا باشقىلارنىڭ يىغىرىغا تىگىدىغان بىر ۋاستىگە ياكى يۇرىتۋازلىق قىلىشتا ئىشلىتىدىغان زەھەرلىك قۇرالغا ئايلىنىپ قالىدۇ . بىر سىنتەخسە بازارغا سىلىنسا ئۇنى باللارمۇ كۆرىدۇ . چوڭلارمۇ كۆرىدۇ . چەتئەلدىكى ئۇيغۇرنىڭ گىپىگە . ئاۋازىغا تەشنا بولغان قىرىنداشلىرىمىز كۆرىدۇ . چوڭلار بولسا چاخچاقنى كۆرگەندىن كىين نىمە قىلىدۇ مۇشۇلار يۇرىتۋازلىق قىلىپ دەپ ئاھ ئۈرۈپ قويىدۇ . بىلىملىك ئالىملار كۆرسە تىخىچە يۇرىتۋازلىق قىلىپىدىن چىقالمىغان بىر مىللەتنى قانداقمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق ئەقىل بىلەن ياشاۋاتقان بىر مىللەت دىگىلى بولسۇن ؟ دەپ ئويلايدۇ . كېچىك باللار كۆرسە دىمەك بۇ باشقا مىللەت بولسا كىرەك ياكى قەشقەرلىقلار بىلەن ئىلى خەلىقنىڭ بۇرۇندىن يۇيۇلماس بىر ئاداۋىتى بولسا كىرەك دەپ ئويلايدۇ
ئابدۇرسۇلكا مۇنۇ مېسالغا قۇلاق سال
قەشقەرنىڭ كوچسىدا مەكتەپتىن قايتىپ كىتىۋاتقان ئىككى بالىنىڭ باللارغا خاس دىئالوگلىرى
ئا ؛ بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ ؟
ب كىم دەيدۇ ئۇيغۇر ئەمەس دەپ
ئا ؛ تۇنۇگۇن ئۇنئالغۇ لىنتسى ئاڭلاپ قالدىم . غۇلجىدىن كەلگەن بىر داداش قەشقەرگە بارسام ئۇيغۇر يوق ھەممىسى قەشقەرلىك ئىكەن دەپ كىتپتىمىش
ب ؛ دادام ماڭا غۇلجىلىقنىڭ ھەممىسى قازاق بۇلۇپ كەتكەن خەق . ئۇيغۇرلار يوق دىگەن . دادام سودا بىلەن غۇلجىغا جىق بارىدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر بولمىغاندىن كىين ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بۇلدىغانلىغىنى بىلمسە كىرەك ؟
ئا ؛ بۇ گەپنى مۇئەللىمدىن قايتا بىر سوراپ باقمسام
ب؛( دومسيىپ تۇرۇپ ) تىخچە قايىل بولمىدىڭما
ئا ؛ بولدى قايىل بولدۇم يۇرە بولدى ئۆيگە تىزراق قايتايلى . قورىسغىم ئىچىپ كەتتى
ئۈرۇمچى ؛ مەلۇم ئىدارىنىڭ ئالدى . قەشقەردىن كەلگەن دىھقان دادا بىلەن ئەمدىلا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ كەلگەن قىزنىڭ سۆھبىتى
دادىسى ؛ باشلىقنىڭ ئىشخانىسغا كىردىڭىزمۇ قىزىم ؟
قىز ؛ ياق . كىرمىدىم
دادىسى نىمىشقا
قىز ؛ باشلىق غۇلجىلىقكەن
دادىسى ؛ ياخشكەنغۇ ؟ نىمىشقا كىرمىدىڭىز ؟
قىز ؛ غۇلجىلقلار قەشقەرلىكنى يامان كۆرىدۇ
دادىسى ؛ نىمىشقا بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئاداۋىتىمىز بولمسا
قىز ؛ ساۋاغداشلىرىم داۋاملىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ سۇقۇشاتتى . سەن قەشقەرلىك مەن غۇلجلىق دەپ . ئۇلار شۇ پىتى تالىشىپ . سوقۇشۇپ ئاران ئوقۇش پۇتتۇردۇق . غۇلجىلىق باللار بىزنى سەن قەشقەرلىق دەپ داۋاملىق كەمستىدۇ . بولدى كىرمەيلى باشقا ئىدارىغا بىرىپ باقايلى
دادا ؛ توۋا خۇدايىم ما ئشىنى ئەمدى ( ئىدارىنىڭ ئالدىدىن كىتىدۇ )
مانا قارا . مانا بۇ قەشقەر كوچىسدىكى ئىككى بالىنىڭ ئىلى بىلەن قەشقەر خەلىقىگە چاخچاقتىن كىلىپ چىققان بىر ئۇچۇردىن ئۆزىگە قۇبۇل قىلىپ باللارچە كاللىسغا سىڭدۇرگىنى
ئاۋۇ ئالى مەكتەپنى ئوقۇغان قىز ئوغۇللارنىڭ يۇرىت ئايرىپ سوقۇشقانلىغىنىڭ تەسىرى بىلەن باشلىقنىڭ ئىشخانىسغا كىرىشكىمۇ جۇرئەت قىلالماي كەتكىننى . مىنڭچە بۇ كۆرۇنۇشلەردىن بىز مەن تىلغا ئالغان بىمەنە چاخچاقلارنىڭ ھىدىنى ھىس قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سەلبى رولى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە ئاز تولا ئويلانماي قالمايمىز
جاھاندا ھەممە ئادەم بىر خىل سەۋىيە . بىر خىل ياش . بىر خىل قاتلام بولمىغاندىن كىين ئۇلارنىڭ چۇشىنىشمۇ تۇرلۇك بۇلىدۇ . چاخچاقچىلار شۇنچە جىق ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن ئەل تاللىۋالغان ئەقىلدارلار بولغاندىن كىين كىچىك باللارنىڭ ئىدىسيگە سۇدەك سىڭىپ كىرگەنچە تاشتەك قىتىپ كىتىدىغان يۇرىتۋازلىق ھەققىدىكى بەزى سۆزلەرنى قىلىشتا ئاۋال ئويلىنىپ بىقىپ بۇنىڭ تەسرى قانداق بۇلار دىگەن مەسلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ قىلىشى كىرەكمۇ قانداق ؟
مىنىڭچە بولغاندا چاخچاقتىمۇ ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەرەققىيات . يىڭىچە پەللە . دەۋىرگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئۈسۈلى بارلىققا كىلىشى كىرەك . چۇنكى ھازىرقى ئادەملەرنىڭ بىلىدىغانلىرى چاخچاقچىلاردىن ھەرگىز كەم ئەمەس . بىراق ئۇلاردا تىل ۋە ئىپادىلەش قابىليىتى . ئۆتكۇرلۇك بىلەن كۆزۈتۈپ شەيئىلەرگە ئوبىكتىپ باھا بىرىش ياكى ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر نوقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىش بار . مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى تالانىت بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ ئۆزىنى كىملا كۆرسە ياغاچچىلىق ياكى تامچىلىققا ئوخشاش ئۇگىنىمەن دەپلا ئۆگىنىۋالدىغان بىلىم ئەمەس
ئەلنىڭ نەزىرى چۇشكەن . ئەل تاللىۋالغان ئادەملەر ئۆزىنىڭ قەدىر قىممتىنى توغرا مۆلچەرلەپ مىللەت ئېچىدە ئىناغلىق گۇللىرىنى بەرپا قىلىدىغان ئىدىيە بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشى كىرەككى ھەممىلا ئادەم سەسكىنىپ بىزار بولغان يۇرىتۋازلىق ياكى بويى پاكارنىڭ بويىنى . چىچى يوقنىڭ بىشىنى . ئوسما قويغاننىڭ قىشىنى مەسخىرە قىلماستىن . كىشلەر ئوتتۇرىسدىكى بۇزۇلىۋاتقان تەڭپۇڭسىز كىشلىك مۇناسىۋەت . يىگىلەتقان ئەرلىك روھى . پەن تىخنكىنىڭ ئادەملەرنى غىرىپلىققا مەھكۇم قىلىۋاتقان پاجئەسى . ئۆز نەپسىنى كۆزلەپ باشقىلارنىڭ ئۇلۇپ تىرىلىشى بىلەن كارى يوق بەزى ئادەملەرنىڭ ھارامدىن قورىقمايدىغان ئاچكۇز نەپسانيەتچىلگى . ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە مىھىرى مۇھەببەت ساختىلىشىپ ھەممىلا ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسيەتچى ئىنسان تەبئىتى ھەققىدە ئىزدىنىشى . مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە مۇناسىۋىتگە ، يۇرىتلار ئارا ئىناقسىزلىق كەيپىياتى پەيدا قىلدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە نوقتىلارغا . ئومۇم ياكى شەخسلەرگە دىققەتتە تۇرۇپ ئۇنداق ئادەملەرنىڭ بىمەنە قىلىقلىرىغا . ئادىتىگە زەربە بىرىشى كىرەككى بۇنداق قۇرۇق سەپسەتىگە ئۇل سىلىپ بىرىدىغان نىزا ئۇرىغى تىرىيدىغان باغۋەن بۇلۇپ قالماسلىغى كىرەك . ھازىرقى جەميەتكە نەزەر سىلىشى تۇرمۇشنى كۆزىتىپ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسۈلىنى يارىتىشى كىرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن بىر چاخچاقچى مىڭ چاخچاقچى . مىڭ چاخچاقچى بىر چاخچاقچىغا ئايلىنىپ قىلىپ ھەممسلا ئوخشاش گەپ قىلىدىغان ، لىكىن ئۆزىگە خاس پىكىرى بولمىغاندىن سىرىت بىر قەشقەرلىقنىڭ باھاسى بويىچە بويىچە ناخشا ئىيتسا ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگىدەك ئاجايىپ مەردانە ، چاخچاق قىلسا ئادەم يىرگەنگىدەك لاۋازا دىگەندەك باھاغا ئىرىشىپ قىلىشتىن مۇستەسنا بۇلالمايدۇ
ئىسىڭدىمىكىن ھىسامكام توغۇرسىدا بەزى چاخچاقلار بار . ھەر ئاڭلسام بىئارام بۇلىمەن ئۇلارنىڭ پەلسەپىسى زىتىغا تىگىپ ، تىرىكتۇرۇپ گەپ قىلدۇرۇشمىش . لىكىن بىر ئادەمنىڭ شەخسيتىگە تىگىش ھەرگىزمۇ قىزىقچىلىق ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا قىلىنغان ھاقارەت . ئۇلار ھىسامكامنىڭ ياشانغان چىغىدىكى جىسمانى ئاجىزلىغىنى تۇتىۋىلىپ سەن ھاراق ئىچمسەڭمۇ مەستەك ماڭىسەن . قايسى كۈنى ئالدىراش كىتىۋاتسام بىر مەس ئاران ئاران مىڭىپ تاشلەپكىدە كىتىۋاتىدۇ . ئالدىغا ئۈتۈپ قارىسام ھىسامكامكەن ( ۋەيىت) مانا قارا بۇ چاخچاقمۇ ؟ مەن تۇنجى قىتىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان چىغىمدا غەزەپلىنىپ قىنىق قىزىزىپ ئاچچىغىمدا نىدا قىلدىم . ھەي ئېسىت مەردانە ئىلى خەلىقنىڭ چاخچاقلىرى ئەمدى كىلىپ مۇشۇنداق بىر توپ تىتىقسىز لاۋزا ئادەملەرنىڭ قولىغا قالدىمۇ ؟ بۇنىڭ نەرى چاخچاق ؟ سەن بۇ گەپلەرنى قانداق ئويلايسەن بىلمىدىم . بىراق مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى . چۇنكى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەقىل پاراسىتى بىلەن بىر ئۆمۇر چاخچاق قىلىپ . خەلىقنىڭ قەلبىدە ئۆلمەس ئوبرازىنى تىكلىگەن . نامىغا ئاتاپ رۇمانلار يىزىلىپ ، ئەل سۆيگەن قوللىغان ، بىر ئادەم ئاخىرى بىرىپ ياشىنىپ قالغاندا بىر توپ چاخچاقچى ئاتالغان لىكىن سەۋىيىسز گەپتىن باشقىنى قىلىشنى ئۇقمايدىغان بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسدا شەخسيىتى سۆرەپ چىقىلدىغان بىچارە ئەھۋالغا قالدىمۇ ؟ دەپ ئويلاندىم ئېچىم ئاچچىق بولدى
بۇ ھەقتە قابۇسنامىدە مۇنداق بىر مىسال بار . بىر ئادەم يىشى توقساندىن ئىشىپتۇ . ئۇ ھاسىغا تايىنىپ ئاران ئاران ماڭىدىكەن . بىر كۇنى ئۇ يولدا كىتىۋاتسا ياش بىر يىگىت قىزىقچىلىق قىلىپ بوۋا ھاسڭىزنى نەدىن ئالدىڭىز ؟ مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن دەپ بوۋاينى مەسخىرە قىپتۇ . بوۋاي ئورنىدا تۇرۇپ كىتىپ ياش يىگىتكە بۇنى مەندەك بەختلىك ئادەملەرگە بىكارغا بىرىدۇ . لىكىن سىنىڭ قاراپ كۇلگەنلىگىڭنى كۆرۇپ ھاسىغا ئۆلگىچە ئىرشەلمەيدىغانلىغىڭنى ھىس قىلدىم دىگەن ئىكەن . دىمەك ياش بوۋاينى مەسخىرە قىلۋاتىدۇ . لىكىن بوۋاي يىگىتكە مىنىڭ يىشىمغا كىرمەي تۈرۈپ ئۇلەرسەن دەپ ئۇنىڭ ھاقارىتگە كىنايىلىك جاۋاپ بىرىۋاتىدۇ . ئەگەر بىر چاخچاقچى بىر ئادەمنىڭ ئەيىۋى ھەققىدە گەپ قىلسا قارشى تەرەپنىڭ سۇكۇتتە تۇرۇشى مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس ئىت چىشلىسە مۈشۈك تاتلايدۇ دىگەن ئەنە شۇ .
مەن كىچىگىمدىن تارتىپ ئىلى ناخشىلىرىغا ھەۋەس ئېچىدە چوڭ بولدۇم . شۇنىڭ بىلەن يۇمۇرغا بولغان ھەۋىسىم بىللە ئىشىپ باردى . مەن پىلاستنكا چىقارمىغان بىلەن پەقەت بولمىدى دىگەندە ئۈزۈمنىڭ گىپىنى ئوڭشاپ قىلىش بىلەن بىرگە چاخچاقلاردىن ھەقىقى ھۇزۇر ئىلىپ ئىچ ئېچىمدىن كۇلەلەيمەن . مەن چاخچاققا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلساممۇ چاخچاق كەسپىدە مىنى ئوقۇتىدىغان مەكتەپ ياكى ئىلىدەك بىر موھىتتا چوڭ بولمىغانلغىم ئۈچۈن ئامالسىز ناخشا بىلەن تەنبۇر ئۇگۇنۇپ سەنئەت مەكتەپكە ناخشىدىن ئىمتىھان بىرىپ ئۆتتۇم . مىنىڭ ھەۋىسم مىنىڭ تەقدىرىم ۋە ھايات يولۇمنى بەلىگلەپ قويىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . باللىق چاغدا تەسىر قىلغان نەرسىلەر ئادەمگە مەڭگۇلۇك بۇلىدىكەن . كىيىن مىنى باشقىلا مەن ئىيتقان ناخشلارنى ئاڭلسا غۇلجىنىڭ نەدىن دەپ سورايدىغان بولدى . ئۇلارنىڭ مەندەك بىر قەشقەرلىكنى بايقىۋالالمىغىنغا كۈلۈپ تۇرۇپ مەن يەكەندىن دەپ جاۋاپ بىرەتتىم . مەن غۇلجىغا كۆپ بارىمەن . غۇلجىنىڭ گۇزەللىگىدىن ھۇزۇر ئالسام ماڭا يىڭىلىق تۇيۇلغان تۇرمۇش ئادەتلىرىگە چىن دىلىمدىن قايىل بۇلىمەن . بىراق ماكان ۋە موھىتتىكى پەرىق بىزدە ئاز تولا ئوخشمايدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بارلىققا كەلتۇرگەن بولسىمۇ لىكىن بىر بىرىمىزنى مەسخىرە قىلىپ . كەمستىپ كۆزگە ئىلماسلىق ئارقىلىق كۆڭۈلنى خوش قىلغىدەك ئۈنچىلىك خۇشاللىق تىخى ھىچكىمگە نېسىپ بولغىنى يوق . مىنىڭ نەزىرىمىدە يۇرىتۋازلىق پەقەت مىللەت ئۇقۇمى ئىنىق ئەمەس روھى پالەچ . ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ۋە مىللەتنىڭ سالاھيىتى ھەققىدە ئويلانغىدەك سەۋىيەنىڭ تايىنى يوق . ئاجىز مەجرۇھلارنىڭ قولىدىكى زاكۇن تايىغى . ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۇلۇك ھەقىقەتنىڭ ياكى ئىلى خەلقنىڭ ئومۇمۇميۇزلۇك ئىدىيسگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت قارشى ئەمەس . مىنىڭ نەزىرىمدىكى چاخچاقمۇ بىر ئادەمنىڭ ئەيىپىنى تارتىپ چىقىپ . ئادەملەرنى يۇرىت يۇرىتلارغا بۆلۈپ . كىمىلەرنىدۇ كەمسىتىپ . دىل ئاغىرىتدىغان قۇرال ئەمەس . ئۇ يۇكسەك ئەقىل پاراسەتنىڭ مۇجەسسمىنىڭ پارتىلىشى بۇلۇش بىلەن بىرگە جەميەتتە كەم بولسا بولمايدىغان سەنئەتنىڭ بىر تۈرى . سەنئەتنىڭ ئىجاد بۇلشىدىكى بىرىنچى مەخسەت خەلىققە زوق ئاتا قىلىش . ئەگەر سەنئەت ئادەمنى ئازاپلايدىغان . دىلىنى ئاغىرتىدىغان . كەمستىدىغان . مەسخىرە قىلدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالسا بۇ دەل قىيامەتنىڭ قايىم بولغىنى ئەمەسمۇ ؟ چاخچاقچىلار ئاغزاكى ئوبزۇرچىلار . ئۇلارنىڭ كۆزىدىن جەميەتتكى ناچار ئىللەتلەر ھەرگىزمۇ قاچالمايدۇ . ئۇلار ئەنە شۇنداق ناچار تەبىئەتلىك ئادەملەرنىڭ ئادەم سەسكىندىغان قىلىقلىرىنى قامچىلاش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇنداق قىلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىنىق چۇشەنچە بىرىدۇ . ئەيىپ نوقسانلار ۋە جەميەتكە . ئادەمگە ئورتاق بولغان ناچار خاھىشلار ئۇلارنىڭ تىل قامچىسى ئارقىلىق سازايى قىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئىبرەت ئىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۈچۈر بىلەن تەمىن ئىتىدۇ
ئابدۇرۇسۇل ئاكا ، مەن يالغۇزلۇق ئىلكىدە مانا مۇشۇنداق مالىماتاڭ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ ساڭا بۇ سالام نامەمنى يازدىم . بەزى پىكىرلەر ئۆستىدە سەنمۇ ئويلىنىپ باققان بۇلىشىڭ مۇمكىن . گەپلىرىمنىڭ ھەدىدىن ئىشىپ كەتكەن ياكى بەزى نوقتىلار ھەققىدە خاتا چۇشەنچىدە بولغان بولسام خاپا بولماي چىقىشقاق ۋە خۇش پىئېل مىجەزىڭ بويىچە تەرىڭنى تۈرمەي
پىكىرى پىشماپتۇ بۇ گۇينىڭ دەپ ئاچچىق كۈلۈپ قويارسەن . لىكىن بۇ مىنىڭ خۇسۇسى كۆز قارىشىم ھەم بىزنىڭ سۇيۇملۇك چاخچاقچىلىرىمىزدىن كۆتىدىغان ئۆمىدىم . لىكىن بىر ئىزگۇن نىيەت مەندىن مەڭگۇ يوقالمايدۇ ئۇ بولسىمۇ چاخچاقىلىرىمىز ئىلى دەرياسى كەبى تىخىمۇ ئۆركەشلەپ داۋام ئەتسۇن. چاخچاقچىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن بىشى مەڭگۇ ئامان بولسۇن . ھەممىزگە ئۆزىمىزنىڭ كاللىسى بىلەن ياشاپ . ئۆزىمىزنىڭ ئىغىزى بىلەن ھاياتنى داۋام ئىتىش نىسىپ بولسۇن . كۆرۇشكىچە ئامان بول . ئەزىز تىنىڭگە سالامەتلىك . ئائىلەڭگە خاتىرجەملىك ، قەلمىڭگە قۇۋۋەت تىلەپ – ئىنىڭ

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

2008 يىلى – 5- ئاينىڭ 13 - كۇنى بىيجىڭ  



بۇ تىما كونا مۇنبەردىكى ئۆزھالنىڭ تىمىسى ، مەن پەقەت ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈچۈن  ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويدۇم ، بارلىق ھوقۇق ئۆزھالغا مەنسۇب.ئۆزھال بۇ تىمىنى ئۆزنامىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ .....


تىمىسى يوقاپ كەتكەن دوسىتلارنىڭ مۇشۇ 10 كۈننى پۇرسەت بىلىپ تىزدىن ھەركەتكە كىلىشىنى سۇرايمەن ...ۋاقىت ئۇزارغانسىرى يازمىڭىزنىڭ ئەسلىگە كىلىش نىسبىتى شۇنچە تۈۋەنلەيدۇ ...
[ 此贴被bahtinur在2008-10-03 01:58重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-07, 11:31
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تېمىنى ئىزدەش :bahtinur
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 18:53 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
MIRAYID
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9571
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3405
شۆھرەت: 1151 نۇمۇر
پۇل: 614 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 662(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

غۇلجا چاقچاقچىلىرى «قەشقەر» ، «قەشقەرلىك» دىگەندەك سۆزلەرنى قوشمىسا چاقچاق قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:53 |
ilyaruk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-25

 

ئىنكاسلار يوقاپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:54 |
0999yurut
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24984
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 208
شۆھرەت: 233 نۇمۇر
پۇل: 853 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

Quote:
引用第1楼MIRAYID于2008-09-07 19:53发表的  :
غۇلجا چاقچاقچىلىرى «قەشقەر» ، «قەشقەرلىك» دىگەندەك سۆزلەرنى قوشمىسا چاقچاق قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى .


يۇرت ئورۇشى ئۇچۇن سىز ياغ بولماقچىمۇ ....
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 20:22 |
篮球美女
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 457
شۆھرەت: 472 نۇمۇر
پۇل: 1492 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

Quote:
引用第3楼0999yurut于2008-09-07 20:22发表的  :


يۇرت ئورۇشى ئۇچۇن سىز ياغ بولماقچىمۇ ....


ئەمسە گۆش بولۇپ بەرسە بولامتى مىنىڭچە غۇلجا دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپلا سىز بۇ ئىنكاسىنى دەھشەت يىزىۋىتىپىسز جۇما  ھە
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 22:42 |
musapir0991
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 426 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

Quote:
引用第3楼0999yurut于2008-09-07 20:22发表的  :


يۇرت ئورۇشى ئۇچۇن سىز ياغ بولماقچىمۇ ....



ھەق سۆزلىگەن گۇناھمۇ ؟
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 22:45 |
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1590
شۆھرەت: 1066 نۇمۇر
پۇل: 3 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 291(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ھە بالىلار ھە باشلاڭلار جەڭگە جىدەلنى !قېنى كىم نوچى ؟
ئەڭ ياخشىسى يۇرتۋازلىق قىلماڭلار ھە !ماقالىنى ئۇقۇپ چۈشنىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭلار بولمىسا مۇنبەر تۈرمىسى ھەر ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن ئۇچۇق!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 22:50 |
azmat0991
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 198 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

ئەلۋەتتە ئاشۇ بىرقىسىم چاخچاقچىلارنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش كىرەك،
غۇلجا چاخچىقىغا مەن تولىمۇ ئامراق لىكىن يىقىندىن بىرى قىلىنىۋاتقان چاخچاقلارغا قارايدىغان بولساق،
ساپلام يۇرۇتۋازلىق چىقىپلام تۇرىدۇ.خەلىق ئادىل تارازا ياخشى بولسا ماختايدۇ ،يامان بولسا ،تەنقىق قىلىدۇ،تەنقىق قىلغانلىق بىربىرىنى سۆككەنلىك بولمايدۇ،.
بۇشۇنداق ياخشى تىما بۇرۇنمۇ مەن ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم ھىلىھەم شۇنداق،
يانىلا ئاشۇ بىرقىسىم ساپاسىز چاخچاقچىلار كاللىسىنى سىلكىۋىتىشى كىرەك،
بۇچاخچاقلار ئاشۇ چاخچاقچىغالام ئەمەس بەلكى پۇتۇن ئۇيغۇر مىللىتىكە بىرىپ چىتىلىدۇ..
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:14 |
attergul
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 354 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-04

 

بۇ تىما ئەسلى بەك ياخشى يىزىلغان تىمىكەن .....سىلەر چۈشىنىپ ئىنكاس يازساڭلار بولامىكىن،
بىلىشىمچە يۇرتىمىز غۇلجىدا قەشقەرلىكنى كەمسىتىدىغان ئىشلا يوق.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:17 |
pascal
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26017
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 287 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-10

 

شۇنداق دەيمىزيۇ ، ۋاختى كەلگەندە يەنە ئاشۇنداق كەمسىتىدىغان ئىشنى قىلىمىز دىسە...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:16
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号