رامىزانلىق40ۋەسىيەت،
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،
رامىزان ئىيى كەلگەن ۋاقتىدا بىز‹‹بىزگە رامىزاننى يەتكۇزۇپ بەرگەن ئاللاغا ھەمدىلەر بولسۇن››دەيمىز،لىكىن موشۇنداق چوڭ بىر نىئمەتنى غەنىمەت بىلمەسلىك ۋە ئۇنى بىكاردىن بىكار زايا قىلىۋىتىش ھىساپلاپ بولالمىغىدەك دەرىجىدە چوڭ زىيان ۋە تەسۋىرلىگۇسىز چوڭ يوقىتىشتىن ئىبارەت،بۇ ئۇلۇغ ئايدىن زىيان تارتىپ ھەسرەت چەككۇچىلەردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۇچۇن،ئى مۇسۇلمان قىرىندىشىم سىزگە تۆۋەندىكى 40ۋەسىيەتنى تەقدىم قىلىمەن،بۇ ۋەسىيەتلەر ئاللا خالىسا سىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئاللانىڭ رىزاسى بىلەن غەلبە قازانغۇچىلاردىن بولىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ؛
1-بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ئۆزىڭىزدىن ھىساپ ئالىدىغان،ۋە ئەمەللىرىڭىزنى تۇزەيدىغان،ھاياتىڭىزغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ ئۇنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرىدىغان بىر باشلىنىش نوقتىسى بولىشىغا تىرىشچانلىق قىلىڭ ۋە قىزىقىڭ،
2-بۇ ئايدا ساھابىلەردىن ۋە بۇرۇن ئۆتكەن ياخشى مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىڭىزگە ئۇلگە تىكلەڭ،
3-ئاينى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا‹‹ئى ئاللا بۇ ئاينى بىزگە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر ئىيى ،خاتىرجەملىك ۋە سالامەتچىلىك ئىيى قىلىپ بەرگىن،ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم››(تىرمىزى توپلىغان ھەدىس)دەپ دۇئا قىلىڭ،
4-ئۆزىڭىزنى مەسجىدكە بۇرۇن بىرىشقا ۋە پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئۇنسى-ئۇلپەت بولۇشقا،ۋە ياراتقۇچىڭىزغا مۇناجات قىلىشقا ئادەتلەندۇرۇڭ،
5-بىرىنچى سەپكە ھىرىس بولۇڭ،‹‹موبادا كىشىلەر ئەزاندا ۋە بىرىنچى سەپتە نىمە بارلىقىنى بىلسە ئىدى،ئۇنىڭغا چەك تاشلاش ئارقىلىقلا ئىرىشكىلى بولىدىغان بولسىمۇ ئەلۋەتتە چەك تاشلىغان بولاتتى،››(بۇھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم يەتكۇزگەن)
6-ھەر نامزدىن كىيىن ۋە سەھەر ۋاقتى،ئەسىردىن كىيىن ۋە شامدىن بۇرۇنقى ئاخىرقى سائەتكە ئوخشاش باشقا پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ئاللانى كۆپ ئەسلەڭ، ئىستىغپارنى كۆپ ئىيتىڭ،ۋە دۇئانى كۆپ قىلىڭ،ئىپتارنىڭ قىشىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ‹‹روزا تۇتقىچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدىكى دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ››(ئىبنى ماجە توپلىغان)
7-ھەركۇنى 12رەكئەت نەپلى نامازنى داۋاملاشتۇرۇڭ،‹‹ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەندە ھەركۇنى پەرىزدىن باشقا 12رەكئەت نەپلى ناماز ئوقۇسا ئاللا ئۇنىڭ ئۇچۇن جەننەتتە بىر ئۆينى بىنا قىلىدۇ››(مۇسلىم يەتكۇزگەن ھەدىس)
8-تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ،‹‹كىمىكى ئىمام بىلەن ھەتتاكى ئۇ قايتقىچە ناماز ئوقۇسا ئۇنىڭغا پۇتۇن كىچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ئەجىرى يىزىلىدۇ››(ئەبۇ داۋىت،تىرمىز توپلىغان،ئەلبانى ئىشەنچىلىك دىگەن)
9-كۇچىڭىزنىڭ يىتىشىچە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇڭ،ئەگەر بامداتتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتلا بولسىمۇ مەيلى،ئاللادىن ئۇنىڭ مۇناجاتلىرى بىلەن لەززەت ئىلىشقا ياردەم تىلەڭ،
10-ھەرقىتىم تاھارەت ئالغىنىڭىزدىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى قولدىن بەرمەڭ،‹‹ھەرقانداق ئادەم چىرايلىق،مۇكەممەل تاھارەت ئالسا ۋە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ۋە پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭغا يۇزلەنسە ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولدى››(مۇسلىم توپلىغان)
11-ئىككى رەكئەت زۇھا نامىزى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ‹‹سىلەرنىڭ ھەربىر ئۇگەڭلەرگە سەدىقە كىلىدۇ،ھەربىر سۇبھانەللاھ ئىيتىش سەدىقە ھىساپلىنىدۇ،ھەربىر ئەلھەمدۇلىللا ئىيتىشمۇ سەدىقە ھىسابلىنىدۇ،ھەربىر ئاللاھۇ ئەكبەر ئىيتىشمۇ سەدىقە ھىسابلىنىدۇ،ياخشىلىققا بۇيرۇشمۇ سەدىقە،يامانلىقتىن توسۇشمۇ سەدىقە ھىسابلىنىدۇ،زۇھادا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ئاشۇنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ››(مۇسلىم يەتكۇزگەن)
12-ئۆيىڭىزدە مۇئەييەن نەپلى نامازلارنى ئوقۇڭ،‹‹ئۆيۇڭلاردىمۇ ناماز ئوقۇڭلار،ئۇنى قەبىر قىلىۋالماڭلار››(بۇخارى توپلىغان)
13-ئۆزىڭىزگە مۇئەييەن ۋاقىتىنى بىكىتىپ شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىڭىزغا مۇناجات قىلىڭ،ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاڭ،بۇنىڭ قەلبىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشقا بەك پايدىسى بار،
14-سەجدىنى كۆپ قىلىڭ،‹‹بەندە سەجدە قىلغاندا پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يىقىن بولىدۇ،دۇئانى كۆپ قىلىڭلار››(مۇسلىم يەتكۇزگەن)
15-بامدات نامىزىدىن كىيىن ناماز ئوقۇغان جايدا ئولتۇرۇپ ئاللاغا زىكرى ئىيتىشقا ھىرىس بولۇڭ،‹‹كىمىكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا ئاندىن تاكى كۇن چىققۇچە ئولتۇرۇپ ئاللانى ئەسلىسە ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ئۇنىڭغا ھەجنىڭ ۋە ئۆمرنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ،››(تىرمىزى توپلىغان)
16-نامازنىڭ ئاخىرىغا ئەھمىيەت بىرىڭ،‹‹كىمىكى ھەر نامازدىن كىيىن 33قىتىم سۇبھانەللا ئىيتسا،ۋە 33قىتىم ئەلھەمدۇلىللا ئىيتسا ۋە 33قتىم ئاللاھۇ ئەكبەر ئىيتسا ئاشۇ 99قىتىم بولىدۇ،ئاندىن كىيىن ئۇ ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق،ئاللانىڭ شىرىكى يوق،بارلىق پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئاللاغا خاس،ئاللا ھەممىگە قادىر دىسە ئۇنىڭ ەۇناھلىرى دىڭىزنىڭ كۆپۇكىدەك بولغان تەقدىردىمۇ مەپىرەت قىلىنىدۇ››(مۇسلىم توپلىغان)
17-مۇئەييەن ۋاقتىڭىزنى ئاللانىڭ مەخلۇقاتلىرى توغۇرسىدا تەپەككۇر قىلىشقا ئاجىرتىڭ،تەپەككۇر ياراتقۇچى زاتقا ۋە ئۇنىڭ يۇكسەكلىكىگە بولغان ئىماننى زىيادە قىلىدۇ،ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتنى ۋە ئۇنىڭغا يىپىشىشنى ئاشۇرىدۇ،ئۇنىڭ ياردىمىنى ۋە نىئمىتىنى تىلەشكە تۇرىتكە بولىدۇ،
18-مەسجىدلەردە ئىلىپ بىرىلىدىغان فىقھى ۋە باشقا ئىلمى دەرىسلەرگە قاتنىشىڭ،تىلاۋەت سورۇنلىرىغا ھازىر بولۇشقا ھىرىس بولۇڭ،
19-ئۆزىڭىزنىڭ خاس ياتىقىڭىزغا بەزى سۆزلەرنى ياكى قىسقا ھەدىسلەرنى چاپلىۋىلىڭ مەسىلەن؛‹‹كىمىكى ئىمان ئىيتقان ھالەتتە ۋە ساۋاپ ئۇمىد قىلغان ھالەتتە رامىزان روزىسىنى تۇتسا ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىندى››دىگەندەك،
20-ئىپتار ۋاقتىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ،
21-دۇئانى كۆپ قىلىڭ،رامىزان دۇئا ئىيىدۇر،
22-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد سالامنى كۆپ يوللاڭ،بولۇپمۇ جۇمە كۇنى،
23-بىرەر سورۇندا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن تۇرىدىغان ۋاقىتتا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ،
24-بىرەر گۇناغا بىرىلىپ كەتكەن بولسىڭىز،تاھارەت ئىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇڭ،
25-كۇچىڭىز يەتسە رامىزان ئىيىدا ئۆمرە ھەجنى ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ،
26-كىشىلەرنى داۋاملىق ئاللانىڭ يولىغا سۆزلەش ئۇسلۇبىڭىزنى يىڭىلاڭ،ۋە سۆزلەشكە مۇناسىپ تىما تاللاڭ،
27-مەسجىدتە دەۋەت ئىلىپ بىرىڭ،
28-داۋاملىق قۇرئان تىلاۋەت قىلىش،ۋە ئۇنى تەپەككۇر بىلەن ئوقۇڭ،ھەركۇنى قۇرئاندىن ئوقۇيدىغان مەلۇم ۋەزىپىڭىز بولسۇن،
29-تىلىڭىزنى يالغاندىن،غەيبەت ۋە چىقىمچىلىقتىن ساقلاڭ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ھەرقانداق ئادەم يالغان گەپنى تاشلىمىسا ئۇنىڭ تاماق يىمەي ،سۇ ئىچمەي تۇرىشىغا ئاللانىڭ ھاجىتى يوق››دىگەن،
30-ئاللاغا دەئۋەت قىلىشتا روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئىپتار قىلىدىغان ئورۇنلىرىنى چىڭ تۇتۇڭ،
31-جامائەتنى ئىپتارلىتىڭ ۋە ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ مۇناسىۋىتىڭىزنى كۇچەيتىڭ،
32-يىيىش،ئىچىش ۋە باشقا ئىشلاردا كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئومومى ئەدەپلىرىنى ۋە روزىغا خاس ئەدەپلىرىنى ئۇگىتىڭ،
33-يۇرتىڭىزدىكى كەمبىغەللەرنى يوقلاڭ ۋە ئۇلارغا ئىجتىمائى ئىقتىسادى ياردەملەرنى بىرىڭ،
34-كۆزىڭىزنى ھارامغا قراشتىن،تىلىڭىزنى ھارامنى سۆزلەشتىن،قۇلىقىڭىزنى ھارامنى ئاڭلاشتىن يىغىڭ،مۇناسىپ بولمىغان،ياخشى گەپلەر بولمايدىغان ئولتۇرۇشلاردا ئولتۇرماڭ،
35-سەدىقىنى كۆپ قىلىڭ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئىيىدا سەدىقىنى كۆپ قىلاتتى،
36-ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئىسلام ئىڭىغا ئىگە قىلىش ئۇچۇن تىرىشىڭ،ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن سىستىمىلىق ئىش ئىلىپ بىرىڭ،
37-ئىپتار ۋاقتىدسا تاماقنى كۆپ يىمەڭ،تاماقنى كۆپ يىيىش ئادەمدە كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ،داۋاملىق توق يۇرۇش دۆتلۇكنى ۋە قەلبنىڭ قىتىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ،
38-رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىڭ،رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇتۇن ئۆيدىكىلەرنى ئويغىتاتتى ۋە ئىشتاننى چىڭىتاتتى،
39-ھەر بىر ئىشىڭىزدا ئاللانى ئۆزىڭىزگە كۇزەتچى قىلىڭ،روزىنىڭ مەقسىدى بولغان تەقۋالىقنىڭ ئىشقا ئىشىشى ئۇچۇن مەيلى ئاشكارا مەيلى يۇشۇرۇن جايدا بولسۇن ئاللاغا داۋاملىق تەقۋالىق قىلىڭ،
40-نىيىتىڭزنى ئاللاغا خالىس قىلىڭ،روزىڭىز ئارقىلىق پەقەت ئاللا رىزىلىقىنىلا كۆزلەڭ،
مەنبە . ئۈممەت