قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 1237 قېتىم كۆرۈلدى
halqigvl
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29244
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 1998-يىلىدىن2008-يىلىغىچە بولغان ئەسلىمەم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 totem 设置为精华(2008-09-07)
                                                                 مۇقەددىمە                        
ئەزىز قېرىنداشلىرىم،ياخشىمۇسىلەر،يىراق گۇاڭدوڭ ئۆلكىسنىڭ جوڭشەن شەھىرىدە تۇرۇپ ھەممەيلەنگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن.تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ قىسقىچە ئەسلىمەمنى  يېزىش  ئارقىلىق ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلىسەم ئۆزەمنى تولىمۇ  بەختلىك دەپ ھېسابلايمەن.                      
                                                                 (1)
ئاتام مېنى داخىيەن پويىز ئىستانىسىسىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ بېيجىڭغا بارىدىغان بېلەتنى ئېلىپ بولۇپ، بىردەم پاراڭلىشىپلا ئۆيگە ئالدىرىدى،دېمىسىمۇ ئەتىگەندە  ئانام(“مومام» دېگەن مەنىدە ،تۇرپان شىۋىسى) ئۆيدە مىجەزى يوقلا قالغانىدى.ئاتام مېنى بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىككى ئۇيغۇر  ئەر كىشىگە تۇنۇشتۇرۇپ ،سەپەردە ماڭا قاراپ قويۇشنى ئۆتۇنۇپ ئۆيگە ماڭدى.پويىز كېلىشكە يېرىم سائەتتەك قالغاندا ھەممەيلەن رەتكە تىزىلدۇق،ۋاگون سۇپىسىغا كىرىپ بولۇپلا جىددىلىشىشكە باشلىدىم،تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇشۇم ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك بىر يىراق يەرگە.شۇڭا بارغانسېرى جىددىلىشىپ كېتىۋاتاتتىم،ئۈرۈمچى-بېيجىڭ لىنىيىسى پويىزى ئاخىرى يېتىپ كەلدى،پويىزغا چىقىپ بولۇپلا خۇددى بىرەيلەن مېنى باشقا بىر يەرگە ئاپىرىۋېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتىپ ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ كىم بولۇشىغا قارىماي توختىماستىن"بۇ بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزمۇ؟ بۇ بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزمۇ؟"دەپ قايتىمۇ-قايتا بىر نەچچەيلەندىن سورىدىم،قارشى تەرەپ"شۇنداق"دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتىم.پويىز قوزغالدى،تېخىمۇ جىددىلىشىپ پويىز خىزمەتچى خادىمىدىن   "بۇ بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزمۇ؟"دەپ سورىدىم، ئۇمۇ"شۇنداق"دەپ جاۋاپ بەردى،شۇندىلا ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم،لېكىن كۆڭلۈم  يەنىلا جايىدا ئەمەس ئىدى،مانا سەپەرگىمۇ چىقتىم،سەپەر نىشانىم چاڭچۈن.بۇندىن كېيىن قانداق ئىشلار  يۈز بېرىپ كېتەر؟نېمىمۇ بولۇپ كېتەرمەن؟شۇلارنى ئويلىغاچ خىيالغا پاتتىم      
(2)                                            
تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى پۈتتۇرۈپ بولۇپ يازلىق كانىكولغا چىققان ۋاقتىم ئىدى،ئەمدىلا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىزىكا فاكولتېتىنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئۈچىنچى ئاچام تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قەۋەتلا خۇش بولۇشقان بولسىمۇ ئاچام ئۆزى ئانچە خۇشال ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇخلاۋاتسام ئاچام مېنى ئويغىتىپ مېنىڭ كەلگۈسىم توغرىسىدا پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى،مېنىڭ قانداق ئويدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ باقماقچى بولۇۋاتقانلىىقىمنى ئېيتتى.مەن ئۆزەمنىڭ تەبىئى پەننى تاللايدىغانلىقىمنى،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خىمىيە كەسپىگە كىرگۈم بارلىقىنى ئېيتتىم.تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تارتىپلا چوڭ ئاچامنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خىمىيە دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىپ(چوڭ ئاچام مەن ئوقۇيدىغان مەكتەپتە بىئو-خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى،شۇڭا مۇھىم دەپ قارىغان جايلارنى ئالدىنئالا ماڭا ئۆگىتىپ قوياتتى.)،خىمىيە ئوقۇتقۇچۇمنىڭمۇ ماختىشىغا ئېرىشىپ  ئۆزەمچىلا خىمىيەگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپ قالغانىدى.ئۈچىنچى ئاچام مەندىن خىمىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ نېمە خىزمەت قىلغۇم بارلىقىمنى سورىدى،ئەمەلىيەتتە مەندەك كىچىمكىدىن باشلاپ ئاچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولۇپ،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى،ئۆيدە گەپ ئاڭلايدىغان بالا،تالا-تۈزدە يۇۋاش  قىز بولۇپ ،ھەممەيلەن ئامراقلىق قىلىدىغان،ھەممە ئىشلىرىنى ئاچىلىرى پۈتكۈزۈپ بېرىپ ،مۇشۇ ۋاقىتقا كېلىپ تۈزۈك تاماقمۇ ئېتەلمەيدىغان،ھەممە ئىشتا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇ بويىچە قىلىدىغان قىلچىمۇ مۇستەقىللىقى يوق بىر قىزغا نىسبەتەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ،خىمىيە كەسپىگە كىرەلىسەم دەپلا ئۇنىڭدىن باشقا ئارزۇ-ئۈمىدىممۇ،غايەممۇ يوق ئىدى.ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خىمىيەدىن باشقا نېمىنى ئۆگىنىشىم كېرەك،پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن نېمە خىزمەت قىلىمەن دېگەننى  ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.شۇڭا ئاچامغا "ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قانداق خىزمەت قىلغۇم بارھەم قىلىمەن بۇنى ئويلىشىپ باقمىدىم"دېدىم.ئاچام"سىز ئىجتىمائى پەننى تاللاپ ئىمتىھان بېرىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟قاراڭ.سىزدىن چوڭ تۆتەيلەن ھەممىمىز تەبىئى پەننى تاللىدۇق،ئالى مەكتەپتىمۇ ئوقۇدۇق،ھېچبىرىمىزنىڭ تۈزۈكرەك نەتىجە قازانغىنىمىزنىڭ تايىنى يوق.مەن ئوقۇش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ فىزىكىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم،مانا ئەمدى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىمەن،بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆزەم ماس كەلمەيدىغان پەن بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغىنىمنى ئويلىساملا يۈرىكىم ئېچىشىدۇ!قىزلارغا  ئىجتىمائى پەن بەكرەك ماس كېلەمدىكىن دەپ ئويلايمەن،سىز بولسىڭىزمۇ ئىجتىمائى پەندە ئوقۇپ بىرەر نەتىجە قازىنىپ باققان بولسىڭىز دەيمەن...ھازىر ئوقۇۋاتقان مەكتىپىڭىزنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك،ئىچكى ئامىل مۇھىملىقى مۇھىم،ئەمما تاشقى ئامىلنىڭمۇ تەسىرى بار،شۇڭا كېلەر مەۋسۈمدىن باشلاپ شەھەرلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ قويايلى ،ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھان نەتىجىڭىز يۇقىرى بولسا نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرەلەيسىز.ئاندىن كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنىشتىن چوڭراق ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.قانداق؟"دېدى."ئەلۋەتتە بولىدۇ،لېكىن 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى قىممەت تۇرسا"دېدىم مەن ئاچامغا.ئاچام"ھېچقىسى يوق،پۇلنى مەن چىقىرىمەن،سىز ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇسىڭىزلا بولدى"دېدى.شۇنىڭ بىلەن كېلەر ماۋسۈمدىن باشلاپ  1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ ،ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.ئىمتىھانمۇ ئاياقلاشتى.بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چوڭ ئاچام تېلىفۇن قىلىپتۇ،ئىمتىھان نەتىجىڭىز ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن،ئىجتىمائى پەنلەر بويىچە تۇرپان بويىچە بىرىنچى،ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئىككىنچى ئىكەن،ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرىشكىمۇنومۇرىڭىز توشىدىكەن،سىز ئارزۇيىڭىزغا شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەرنىلا تولدۇرۇپسىز، شۇڭا بىر ئامال قىلىپ ئارزۇيىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باقايلى،ئىچكىرىدە ئوقۇڭ بولامدۇ؟"دېدى.بۇنى ئاڭلاپ ئاپام"سىز ھېچقانداق جاپا تارتىپ باقمىغان،تاماقمۇ قىلالمايسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگەبۇنداق يۇۋاش تۇرسىڭىز،ئىچكىرىدە جاپا تارتىپ قالىسىز،بولدى شىنجاڭدا ئوقۇۋېرىڭ"دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئارزۇيۇمنى ئۆزگەرتمىدىم.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالدىم.98-يىل9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاتام،ئاپام مېنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان    تۆتىنچى ئاچام دوستى بىلەن  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا  بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن،بىز كېلىشىمىز بىلەنلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىپ بەردى.ئۆيدىكىلەرنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ياتاقداشلىرىم بىلەن تۇنۇشتۇم.خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىمتىىھانىغا قاتناشتۇق ھەم نەتىجىمىزگەئاساسەن خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش بۆلىمىىنىڭ يۇقىرى،ئوتتۇرا،تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپلارغا قۇبۇل قىلىندۇق.مەن تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپقا قۇبۇل قىلىندىم.مەكتەپ بىزگە ھەربى مەشىق ئورۇنلاشتۇردى.ھەربى مەشىق كوماندىرىمىز خەنزۇ ئىدى،ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغان چاغدا "مېنىڭ ئىسمىم مەيجىيەن"دېگەن گېپىنىلا ئۇقالىدىم،قالغان  گەپلىرىنى ئۇقالمىدىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئەپلەپ-سەپلەپ  مەشىقنى تۈگەتتۇق.                                                                            
ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا تۆتىنچى ئاچامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم،بىر مەۋسۈملۈك كۇرستا كېلىپ-كېتىشتە ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئوقۇدۇم،لېكىن ماڭا بىر نەرسە  يۇقىدىغاندەك ئەمەس،ئۆزەمنىڭ ئېنگىلىز تىلىغا  قەتئى قىزىقىشىم يوق،خېلى مەجبۇرلاپ ئۆگىنىپ باقتىم،يەنىلا شۇ.ھەي،چەت ئەل تىلى دېگەننىمۇ ئۆگىنەمدىغان،نېمىدىگەن تەس دېگىنىمچە ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشتىن يالتايدىم. ئىككىنچى مەۋسۈمدە ئاچامغا كۇرسقا قاتناشسام پۇل ئىسراپ بولىدىغان بولغاچقا ئۆزلۈكىمدىن ئۆگەنگۈم بارلىقىنى ئېيتىپ كۇرسقا كىرىشتىن قۇتۇلدىم.كۈندە مەكتەپتە ئۈچ ۋاق تاماق يەپ،سىنىپقا كىرىپ دەرس ئاڭلاپ،دوسلىرىم بىلەن ئايلىنىپ كۈن كەچ قىلىۋاتقان  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادىل ئىسىملىك يۇرتلىقىم مېنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتقان چېغىمدا ئۇچرىتىپ دەرستىن سىرت نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى سورىدى،مەن"ھېچنىمە"دەپ جاۋاپ بەردىم.
-"ئېنگىلىز تىلى ياكى كومپىيوتېر ئۆگىنىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟"دەپ تەكلىپ بەردى ئۇ.
-" ئېنگىلىز تىلى تەسكەن، كومپىيوتېرغا قىزىقمايمەن. "دېدىم مەن.                
-ئۇنداقتا باشقا بىرەر نەرسە ئۆگىنىش پىلانىڭىز بارمۇ؟                                -يوق                                                                              
-ئەمىسە مەن سىزگە پەلسەپە ئۆگىتەي قانداق؟                                 -ماقۇل.                                                                              
شۇنداق قىلىپ ئادىل ماڭا "ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تاللانما"،"بېكون كىشىلىك ھايات"،” "ئەپلاتون پاراڭلىرى"قاتارلىق ئۈچ كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئېلىشىپ بېرىپ،بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەسىراتىمنى سۆزلەپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.مەن كىتابلارنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم ھەم قىزىقىپمۇ قالدىم.
.ئوقۇپ بولۇپ ئادىلغا تەسىراتلىرىمنى سۆزلىدىم،ئۇ ماڭا يەنە بىر قانچە كىتابنى تەۋسىيە قىلدى.مەن ئۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە  رادىي فىشنىڭ "جالالىدىن رۇمى"دېگەن كىتابىنى بېرىلىپ ئوقۇدۇم،سوفىستىك شائىر،ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزىم ئېقىمىنىڭ نەزىرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى،مۇتەپپەككۈر ۋە شائىر جالالىدىن رۇمى مېنى قاتتىق جەلپ قىلىۋالغان ئىدى.بۇ كىتابنى ئوقۇپ ئۆزەمنى باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.ئادىلمۇ مېنىڭ پەلسەپەگە خېلى قىزىقىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ مېنى ئانچە يېتەكلىمەيدىغان بولدى. ھەش-پەش دېگۈچە ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالدىم.بىر كۈنى دوسلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام دوستۇم  مەريەمگۈل ماڭا: "ھازىر چەت ئەل تىلىمۇ خېلىلا مۇھىم .ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگىنەلمىگەندىن كېيىن ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ باقساڭ بولمامدۇ.ياتاقدىشىم سارا ئۆتكەن مەۋسۈمدە ياپونلار ئۆزى ئاچقان كۇرسقا كىرىپ خېلى بىر نېمىلەرنى بىلىپ قالدى،بۇ مەۋسۈملۈك كۇرسىمۇ ئېچىلايلا دەپ قالدىغۇ دەيمەن"دېدى.شۇنىڭ بىلەن سىناپ بېقىش نىيىتىدە ياپون تىلى كۇرسىغا تىزىملاتتىم.نەدىن بىلەي،ياپون تىلىغا شۇ بىر كىرىپ كېتىشىم بىلەن تەقدىرىمنىڭ بۇ تىل بىلەن  چەمبەرچاس باغلىنىپ كېتىشىنى!ياپون تىلى كۇرسىنى ياماموتو فامىلىلىك كيوۇ توۇ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى (ئەپسۇس،بۇ يىگىت بۇلتۇر10-ئايدا ياپونىيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.)بىلەن كاۋاكامى فامىلىلىك ئوقۇغۇچى ئاچقان بولۇپ،ھەر ئىككىسىلا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئىكەن. ياماموتونىڭ ئۇيغۇرچىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا دەرسنى ئۇيغۇرچىدا سۆزلىسە،كاۋاكامىنىڭ ياپونچە تەلەپپۇزى توكيوۇ تەلەپپۇزىغا يېقىن بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارغا توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىتىدىكەندۇق.كۇرس 10-ئاينىڭ15-كۈنى باشلىنىدىغان بولدى.لېكىن ياماموتونىڭ كيوۇ توۇ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى  رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ،ياپونىيىگە قايتىپ كەتتى.دەرسنى كاۋاكامى باشلىدى،سىنىپتا  30نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى.بەزىلىرى ماڭا ئوخشاش ياپون تىلىدىن ئاساسى يوقلار بولسا،بەزىلىرى ئالدىنقى مەۋسۈمدە ياماموتو، كاۋاكامىنىڭ كۇرسىغا قاتناشقانلار ئىدى. كاۋاكامى ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ دەرسنىڭ ھەممىسىنى ياپونچىلا سوزلەيدىغان،دەرسلىك ماتېرىيال بويىچە دەرس سوزلىمەي،ئۆزى خالىغان جۈملە شەكلىنى دوسكىغا يېزىپ،جۈملە شەكلىگەئاساسەن ئۆزى جۈملە تۈزەپ،يەنە ئوقۇغۇچىلارنى  تۈزەتكۈزىدىغان قىلغان ئىدى،بۇ ئۇسۇلغا  بولۇپمۇ ئۇنىڭ  ياپون تىلىدىلا دەرس   سۆزلىشىگە   نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كۆنەلمىدى دە، ئارقا –ئارقىدىن كۇرسنى تاشلىدى.شۇنىڭ بىلەن كۇرستا تۆتەيلەنلا قالدۇق، بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان  ياپون تىلىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ،پەلسەپە ئۆگىنىشنىمۇ تاشلىغانىدىم.                                          
2003-يىلى2-مەۋسۈم،پات ئارىدىلا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولغاچقا  ھەممەيلەن خىزمەت ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق،مېنىڭ كەسپىم قانۇن توغرىلىق ئەمەس،ياپون تىلى توغرىلىق خىزمەت تاپقۇم بار ئىدى،ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ،ئۈرۈمچىدىكى بىر كىچىك ساياھەت شىركىتىدىن يول باشلىغۇچىلىق خىزمىتىنى تاپتىم،6-ئايدىن باشلاپ پىراكتىكا قىلغاچ ئىشلەيدىغان بولدۇم.شۇغىنىسى 4-ئايدىن باشلاپلا سارس دېگەن گەپ ھەممە يەردە  ئەۋج ئېلىپ كەتتى.6-ئايغا يېقىن ساياھەت شىركىتىگە تېلىفۇن قىلدىم،ئۇلار ھازىر سودا ئەھۋالىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى،شۇڭا 6-ئايدا كەلمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى ،كېيىنچە لازىم بولسا ماڭا تېلىفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇيان ئويلا،بۇيان ئويلا،جەنۇبى شىننجاڭغا بېرىپ پىدائى بولغاچ،ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم،چۈنكى  مۇشۇ يىل 1-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەلسەپە كەسپىگە ياپون تىلىنى چەت ئەل تىلى قىلىپ بېرىدىغان  ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانتىميۇ نومېرىم كەملەپ قېلىپ ئۆتەلمىگەن ئىدىم،مۇبادا پىدائى بولغاچ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلسام ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىمالىممۇ بار ئىدى،يەنە كېلىپ پىدائى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرەتتى.6-ئاينىڭ 23-كۈنى،كۈرىھارا ئسىملىك ياپونلۇق دوستۇمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم،ئارىلىقتا  ئۇ مەندىن"ساياھەت شىركىتىدىكى خىزمىتىڭ سۇغا چىلاشتى،ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟"  دەپ سورىدى،مەن ئۆزەمنىڭ پىدائى بولۇش ئويۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم،ئۇ قىزىقسىنىپ "پىدائى بولساڭ نېمە  ئىش قىلىدىكەنسەن؟ ئېيىغا   قانچە مائاش ئالىدىكەنسەن؟"دەپ سورىدى،مەن"جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر كەنتىگە تەقسىم قىلىنىپ،سېكىرتارنىڭ ياردەمچىسىدەك خىزمەت قىلىدىكەنمەن،ئېيىغا  600سوم مائاش ئالىدىكەنمەن" دېسەم،ئۇ چۆچۈپ،"نېمە!؟سەن يا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىساڭ،سەن دېگەن ياپونچە بىلىدىغان تۇرساڭ،.ئاشۇ 600سومنى دەپ ئىشلەمسەن؟ئۇنىڭ ئۇستىگە سەن پىدائى بولساڭ زايە كېتىسەن.مۇنداق قىلايلى،سېنىڭ ياپون تىلىڭ ئالاھىدە  ياخشى،لېكىن   سېستىمىلىق ئۆگەنمىگەن،شۇڭا شاڭخەيگە ياكى بېيجىڭغا بېرىپ ياپون تىلىڭنى پۇختىلىغاچ سېستىمىلىق ئۆگەن،ئاندىن كېيىن شۇ يەردە ئىشلىسەڭ مۇشۇ سەۋىيەڭ بىلەن 3000~ 2000سوم مائاش ئالالايسەن،تەجرىبە ھەم پۇل توپلىغاچ ئىككى يىلچە ئىشلىسەڭ مەنمۇ ساڭا ياردەم قىلىمەن ،ياپونىيىگە چىققىن،توكيوۇدا ياپون تىلى مەكتىپىگە كىرىپ،ئوقۇغاچ،ئالى مەكتەپكە ياكى ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇ،ئاندىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇ.ئاندىن مانا بۇلاردەك ئۇيغۇرلارغا تۆھپە قوشالايسەن دېگەچ كومپىيوتېرىدىن "ئۇيغۇر ئايال دوكتورلىرى "دېگەن ماقالىدىكى ھەكىمە ئەرشىدىن قاتارلىق دوكتورلارنىڭ سۈرىتىنى  كۆرسەتتى.توۇكيوۇ دا ياپون تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان چېغىڭدا ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇساڭ بولىدۇ.ئاپامنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ياپون تىلى مەكتەپلىرى بار.ياپونىيىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ياپون تىلىدىن باشقا بىر تىلنى بىلىشىڭ كېرەك،سەن خەنزۇ تىلىنى تاللىساڭ بولىدۇ.ياپون تىلىدىن باشقا چەت ئەل تىلى بىلمەيدىغان نۇرغۇن جوڭگولۇقلار خەنزۇچىنى چەت ئەل تىلى قىلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدۇ."دېيىشىگە مەن دەرھاللا"ئەمىسە مەن ئۇيغۇرچىنى تاللىسامچۇ؟"دەپ سورىۋىدىم،ئۇ مېنىڭ ساددىلارچە سورىغان سۇئالىمدىن  كۈلۈپ"ئۇيغۇچە  ئېتىراپ قىلىنمايدۇ"دېدى.مەن "سېنىڭ بۇ پىلانلىرىڭغۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ،لېكىن ئەمەلگە ئاشماسمىكىن، مېنى ئوقۇتىمەن دەپ ئۆي بۇرۇنقىدىن  خېلىلا قۇرۇقدىلىنىپ قالدى،مەن ئازراقمۇ قايتۇرمايلا يەنە ئىچكىرىگە بېرىپ ئوقۇيمەن دېسەم ئىقتىساد جەھەتتىن  ئىمكانىيەت يار بەرمەيدۇ."دېدىم. كۈرىھارا "ئوقۇيدىغان پۇلنى مەن بېرەي،مانا،بۇ دوللارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساڭ 6000سومدىن ئازراق ئاشىدۇ.جەنۇبى قۇۋۇققا بېرىپ خەلق پۇلىغا تېگىشىپ كەلسەڭ بولىدۇ."دەپ بىر مۇنچە دوللارنى ئالدىمغا تاشلىدى.مەن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم،5يىلدىن بېرى بۇنچىلىك پۇلنى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ باققان بولساممۇ ئۆيدىن ئېلىپ تاپشۇرۇۋاتقاچقا ،قاچان،قانداق قايتۇرىمەن دېگەننى بەكمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمىگەنىدىم. 6000سوم مەن ئۈچۈن خېلىلا كۆپ ھېسابلىناتتى،مۇبادا بۇ پۇلنى قۇبۇل قىلىپ قالسام ،قايتۇرمىسام بولمايتتى.يەنە قاچان قايتۇرىمەن دەپ ئولتۇرىمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايالنىڭ پىلانى بويىچە بولسا ئىچكىرىگە بېرىپ ئوقۇيدىكەنمەن،ئىشلەيدىكەنمەن...ئۆزىنىڭلا گېپىنى قىلىدىكەن .شىنجاڭدەك ياخشى يەر تۇرسا ئىچكىرىگە بېرىپ نېمە قىلىمەن،يەنە كېلىپ مۇشۇ خەنزۇچە سەۋىيەم  بىلەن ئىچكىرىدە ئىشلىيەلەيتتىممۇ؟...شۇلارنى ئويلاپ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلدىم.ئىچكىرىگە بارغۇم يوقلىقىنى،كەلگۈسىدە بۇ پۇلنى  قايتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، يەنە كۇرىھارا نىڭ  ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتتىم.لېكىن بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە كۈرىھارانىڭ يۇقىرىقى گەپلىرىنى ئويلىدىم...                                                                                        
ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ياتاقتا كىر يۇيۇپ تۇرسام،كۈرىھارا تېلىفۇن قىلىپ،"ۋاقتىڭ بولسا ياتىقىمغا بىر كەلسەڭ بوپتىكەن"دېدى.مەنمۇ ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپلا ئۇنىڭ ياتىقىغا باردىم.ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ بولۇشىمىزغىلا ئۇ ماڭا"مەن سېنىڭ ئىشىڭ توغرۇلۇق كۆپ ئويلاندىم.مۇنداق قىلايلى،ئاۋال ئۇئې گاكى مۇئەللىم (شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى) نىڭ قېشىغا بېرىپ ياپون تىلى 1-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باق،ئۆتەلىسەڭ مەن مۇناسىۋىتىمگە تايىنىپ بىر ئامال قىلىپ سېنى ياپونىيىگە ئەپ چىقىپ قوياي،باشتا مېنىڭ ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوقۇ،ياتاق،تاماقتىن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ،ئوقۇغاچ كەچتە 2~3سائەت ئىشلىسەڭلا بولىدۇ.جاپا تارتساڭمۇ بىرەر يىللا جاپا تارتىسەن،ئاندىن كېيىن ئەھۋالىڭ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ؛ئەگەر1-دەرىجە ئىمتىھانىدىن  ئۆتەلمىسەڭ تۆنۈگۈن دېيىشكىنىمىز بويىچە ئىش كۆرەيلى.پۇلنى قايتۇرۇشتىن غەم يەپ كەتمە،6يىلنىڭ ئىچىدە قايتۇرساڭمۇ بولىدۇ.بۇرۇنقى ئىقتىسادىم بولغان بولسا ساڭا ئۇنچىلىك پۇلنى بېرىۋېتەتتىم،لېكىن ھازىر مېنىڭمۇ خىزمىتىم يوق،شۇڭا ساڭا ئارىيەتلا بېرىپ تۇرالايمەن.بىز بۇ پۇلغا  بىر توختامنامە تۈزەيلى،ئىككەيلەن ئىمزا قويايلى،ئاندىن ئۇئې گاكى مۇئەللىم گۇۋاھچى بولۇپ قول قويسۇن،قانداق؟"دېدى.مەن يەنە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ،ئۆيگە تېلىفۇن قىلدىم،چوڭ ئاچام قوشۇلغۇسى يوقلا"قاراپ باقايلى"دېدى.ئۇئې گاكى مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم،لېكىن گىرامماتىكا قىسمىدىن ئازراق نومېرىم كەملەپ قالدى. ئۇئې گاكى مۇئەللىم بىلەن خوشلاشتۇق.كۇرى ھارا بەكلا خۇشال ئىدى،"قارا،دېمىدىممۇ سېنىڭ ياپونچە سەۋىيەڭ ئۈستۈن دەپ،تەييارلىقسىزلا1-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئازراقلا نومېرىڭ كەملەپ قالدى.يەنە ئازراقلا تىرىشساڭ ئۈمىد زور،يەنىلا بېيجىڭ ياكى شاڭخەيگە بېرىپ ياپون تىلىنى  بىر يىل  سېستىمىلىق ئۆگىنىپ ،ئىشلىگىن.ئىشلىسەڭ يەنە تەجرىبە توپلايسەن ئەمەسمۇ."شۇنداق قىلىپ پۇلنى ئارىيەتكە ئالدىم.5يىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇشۇممۇ پۈتتى،ئۆيگە قايتتىم.ئۆيدىكىلەر مېنىڭ خىزمەت ئىشىم توغرىلىق پاراڭلىشىپ،چوڭ ئاچام" تەپتىشكە كىرگىنىڭىز  ياخشى،بۇلتۇر بىر مەۋسۈم تەپتىشتە پىراكتىكا قىلغاندا باشلىقلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزگە ئامراق بولۇپ قاپتىكەن.بۇ قېتىم  ئازراقلا يول ماڭساق ئىش پۈتىدۇ"دېدى.ئىككىنچى ئاچام "بولسا ھازىردىن باشلاپلا غېنى(ئىككىنچى ئاچامنىڭ يولدىشى،ئادوۋكات)غا ئەگىشىپ ئىشلەپ يۈرۈپ،ئۆگەنگەچ ئادوۋكاتلىققا ئىمتىھان بەرسۇن.ئاندىن ئادوۋكاتلىق قىلسا بولىدۇ ئەمەسمۇ.".ئۈچىنچى ئاچام"قەمبەرخان(كۇرى ھارا نىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى)نىڭ تەكلىپىمۇ بولىدىكەنغۇ.ئۆتكەندە مەكتىپىمىزگە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى كېلىپ نۇتۇق سۆزلىدى.نۇتىقىدا"پۇلنىڭ نەدىن كىرىپ ،نەگە چىقىۋاتقانلىقىنىغا دىققەت قىلىڭلار.بالىلىرىڭلارنى ياخشى تەربىيلەڭلەر،مۇبادا ئىككى بالاڭلار بولسا بىرىنى يېنىڭلارغا قويۇپ ،يەنە بىرىنى چەتكە چىقىرىڭلار.سىرتتا پۇل ۋە ئىقتىدار توپلاپ شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئەكەلسۇن.بۇرۇن چەت ئەللىكلەر بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئەپ چىقىپ كەتكەن بولسا،ئەمدى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.ھەرگىز ھەممە بالىلىرىڭلارنى يېنىڭلارغا ئەكىلىۋېلىپ،ئارزۇلاپ  يولىنى توساپ قويماڭلار"دېدى.شۇڭا   مەنچىمۇ خەلچىگۈل شىنجاڭدىن ئايرىلىپ كۆرۈپ باقسۇنمىكىن دەيمەن.باشتا ئىچكىرىگە بېرىپ،ئاندىن شۇ ئارقىلىق چەت ئەللەرگە چىقسا بولىدۇ ئەمەسمۇ.كېيىن توي قىلىپ قالسا بۇنداق پۇرسەتمۇ يوق".تۆتىنچى ئاچام بولسا  "مەمۇرى خادىملىققا ئىمتىھان بېرىپ،ھۆكۈمەتتە ئىشلىسۇن"دەيتتى.مېنىڭ بولسا ياپون تىلىنى ئىشلىتىدىغان خىزمەتتىن  باشقا خىزمەتنى ئىشلىگۈم يوق ئىدى،شۇڭا يەنىلا  كۈرىھارا بەرگەن پۇلنى ئىشلىتىپ،ئىچكىرىگە بېرىپ ياپون تىلى سەۋىيەمنى ئاشۇرۇپ ،شۇ يەردە ئىشلەشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلاپ تۇراتتىم. لېكىن ھازىر ھەممەيلەنگە مېنىڭ  خىزمەت مەسىلەم ئەمەس،ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. چۇنكى شۇ كۈنلەردە ئاپامنىڭ سالامەتلىكى خېلىلا ناچار ئىدى.ئاتام،ئاچىلىرىم پىداكارلىق بىلەن ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.ئاپامغا"9-ئايدا  ئىچكىرىگە بارىمەن"دېيەلمەيتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىن بېيجىڭ،شاڭخەيدىكى  چەت ئەل تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقتىم.ئوقۇش،ياتاق پۇللىرى مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە قىممەت ئىدى.كۇرى ھارا دىن ئارىيەت ئالغان پۇل يېرىم مەۋسۈملۈك ئوقۇش،ياتاق پۇلىغىمۇ چىقىش قىلمايتتى،ئۆيدىكىلەردىن يەنە پۇل ئېلىۋەرسەم بولمايتتى.چىشىمنى چىشلەپ ئاپامغا قارىدىم.شۇ دەھشەتلىك قىش،ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ چىرايى شۇنچىلىك سۇلغۇن ئىدى، كۈننى  ئەنسىرەپلا كەچ قىلاتتۇق... قىش ئۆتۈپ ئاپامنىڭ كېسىلىمۇ مۆجىزىدەكلا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.مەن تۇنۇشلىرىم ئارقىلىق شەرقى شىمال پىداگوگىگىكا ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ياپونغا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەيدىغان مەكتەپنى تاپتىم.بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ ئانچە  قىممەت ئەمەس بولۇپ،ياتاق ۋە باشقا ئىستىمال سەۋىيىى مەن قۇبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە ئىدى.مەن مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپىغا تىزىملاتتىم.ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغانسېرى قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم،نېمە ئەمدى جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە بارىمەن دەپ يۈرىمەن ھە دەپ ئويلايتتىميۇ،بۇ ئويۇمنى سىرتقا چىقىرالمايتتىم.چۇنكى ئاپام مېنىڭ چاڭچۇنگە بېرىشىمغا تولىمۇ تەستە قوشۇلغان بولۇپ،ئىچىمدىكىنى دېسەملا"بولدى بارمىسىڭزا"دەۋېتىدىغاندەكلا تۇراتتى.ئاران كەلگەن پۇرسەت،ئىشلىيەلمىسەم ئوقۇپ بولسىمۇ كېلەرمەن.كۇرىھارانىڭ پۇلىنى ئۆزەم تۆلىيەلمىسەم،توي قىلغان چاغدا يىگىت تەرەپتىن كېلىدىغان تويلۇقتىن 6000سومنى ئۆزەم ئېلىپ قېلىپ،كۇرىھاراغا قايتۇرۇپ،قالغىنىنى ئۆيدىكىلەرگە بېرەرمەن دېگەن ساددىلارچە ئوي بىلەن  قورقۇپ تۇرساممۇ  يەنىلا  سەپەرگە چىقىش قارارىغا كەلدىم.
(3)
-تاماق يەۋالامدۇق؟دېگەن سۆز خىيالىمنى بۆلدى،بېشمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،ھېلىقى ئىككى ئۇيغۇر سەپەردىشىمنىڭ بىرسى ئىكەن.مەن "ماقۇل" دېگىنىمچە يەيدىغان نەرسىلىرىمنى چىقاردىم.پويىز شىئەندىن ئۆتتى،ئۆيدىن ئەپ كېلىۋالغان نان بىلەن قورۇلغان قوي گۆشىنى چىقىرىپ ئەمدى يەۋاتسام،ئۇدۇلىمدا ئولتۇرغان خەنزۇ"نېمانداق ناچار پۇراق بۇ،قانداق يەۋاتىسەن؟"دېۋىدى،مەن ئىشەنمىگەندەك"سەن ماۋۇ قوي گۆشىنىڭ پۇرىقىنى دەۋاتامسەن؟"دەپ سورىۋېدىم،"ھەئە"دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ.توۋا،قوي گۆشىنىڭ پۇرىقىنىمۇ ناچار پۇراق دەيدىغان ئادەم باركەن ھە،يەپ باقمىغاندىن كېيىن بىلمەيدۇدە بۇلار دەپ ئويلىغىنىمچە ئۇنىڭغا مەن يەۋاتقان قوي  گۆشىنىڭ ناھايىتى تەملىك ئىكەنلىكىنى،ئىشەنمىسە يېڭى بىر چوكىدىن ئېلىپ تېتىپ بېقىشىنى ئېيتتىم،ئۇ رەھمەت ئېيتىپ رەت قىلدى.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بېيجىڭ غەربى پويىز ئىستانىسىغا يېتىپ باردۇق.سەپەرداشلىرىممۇ ئۆز يولىغا مېڭىشتى.مەن  بېكەتنىڭ ئالدىدا ئادىل(جوڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىدا پاراللىل ئوقۇپ،ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا تەييارلىقتا ئوقۇغان چاغلىرىدىمۇ ئىككى يىل مەكتەپداش بولۇپ ئوقۇغان ئىدۇق.مەن 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇرپاندىن يولغا چىققان بولۇپ،3-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرس باشلىناتتى،شۇڭا بېيجىڭغا بېرىپلا چاڭچۇنگە يولغا چىقمىسام بولمايدىغان بولغاچقا،ئۆيدىكى چېغىمدىلا ئادىلغا تېلىفۇن قىلىپ،3-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇرپاندىن يولغا چىقىدىغانلىقىمنى،شۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ چاڭچۇنگە بارىدىغان  بېلەتنى  ئېلىپ قويۇشىنى ئېيتقانىدىم.ئۇمۇ بېلەتنى ئېلىپ قويىدىغانلىقىنى ھەم مېنىڭ پويىز ئىستانىسىسىدىن چىقىپلا ساقلاپ تۇرۇشۇمنى ،ئۆزىنىڭ كۈتۈۋالغىلى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.) نى ساقلاپ تۇردۇم.ئادىلمۇ كەلدى،سالاملىشىپ بولۇپ تاماققا ماڭدۇق،ئاپتوبۇستا خېلى ۋاقىت مېڭىپ، بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا يېتىپ باردۇق،مەن ئاشخانىغا بارىدىغان يول بەكلا يىراقكەن دەپ ئويلىغاچ ،ئادىلنىڭ مەكتىپىدىن پويىز ئىستانىسىغىچە  قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى سورىۋېدىم،"ئىككى سائەتكە يېقىن "دەپ جاۋاپ بەردى .بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم،ھەم ئىچىمدە:نېمىدىگەن يىراق،مەن بولسام تېلىفۇننى ئالغان چاغدىلا بېلەت ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغان بولاتتىم ھەم ئالايىتەن ئىككى سائەت ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ كۈتۈۋالغىلى چىقىپ يۈرمەستىم.دەپ ئويلىدىم.ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ئادىل "نېمە يەيسىز؟"دەپ سورىدى،مەن "ئۈگرە يەيمىكىن"دېسەم ئۇ"بۇ شىنجاڭ ئەمەس،سىز خالىغان ھەممە نەرسە بار،ئۈگرە يوقكەن،باشقا تاماق بۇيرۇتۇڭ"دېدى.دېمىسىمۇ بۇ ئاشخانىغا كىرىپلا ئەجەبلىنىپ مەن ئادىلدىن "مۇشۇمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىمۇ؟بىرەر ئۇيغۇر كۆرۈنمەيدىغۇ؟"دەپ سورىسام،ئۇ"ئاشخانا ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بار،سىرتتىكىلەر  ئاساسلىقى خۇيزۇ،يەنە ئازراق خەنزۇلارمۇ بار" دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.شۇنىڭ بىلەن سۇيقاش بۇيرۇتتۇم.تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن جەنۇبى پويىز ئىستانىسىغا يولغا چىقتۇق.ئادىل مېنىڭ ئىچكىرىدە  ئىشلىگۈم بارلىقىنى ئاڭلاپ"مەنمۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىداتۇرۇۋاتىمەن.ماڭا قانچە يۇقىرى مائاش بېرىشىدىن قەتئى نەزەر  ھەرگىز بۇ يەردە ئىشلىمەيمەن.ئىچكىرىدىن جاق تويدۇم"دېدى.ئۇ مېنىڭ يول بويى سىرتقا قاراپ".ئاۋۇ يەر قەيەر،ئاۋۇ خەتنىڭ مەنىسى  نېمە؟"دېگەنلىرىمگە قاراپ،ئامال بار چۈشەندۈرۈپ ماڭدى ھەم "بۇنداق كۆرگىڭىز بار ئادەم بالدۇرراق كەلسىڭىز بولمامتى،ھازىر مەنمۇ ئالدىراش بولمىغاندىن بىرەر ھەپتە ئوينىتىپ قويۇپ،چاڭچۇنگە يولغا سېلىپ قوياتتىم ئەمەسمۇ."دېدى."ياق،ھېلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم" دېدىم مەن. ئۇ مېنى چاڭچۇنگە بارىدىغان پويىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،يولدا ئىچىدىغانغا ئىچىملىك ئېلىپ ،ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي قولۇمغا تۇتقۇزدى ھەم يولدا دىققەت قىلىشىمنى تاپىلاپ خوشلاشتى.توۋا،بۇرۇنلارتىن كۆرۈشسەك سالاملىشىپ قويۇپلا ئۆز ئىشىمىزنى قىلىپ ئىزدىشىپمۇ كەتمەيدىغان ئادەملەر ئىدۇق.ئەمدىلىكتە شۇنچە يىراق مەكتىپىدىن ئالايىتەن  كەپتۇ،بېلەتنى بېرىپ بولۇپ،چاڭچۇنگە ماڭىدىغان  پويىز ئىستانىسىغا بارىدىغان يولنى،ئاپتوبۇس نومېرىنى دەپ بېرىپلا مەكتىپىگە قايتىپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،چاڭچۈنگە بارىدىغان پويىزغىچە ئۇزىتىپ قويدى،يەنە تېخى ئاۋارىچىلىق دېمەي يەنە نەچچە كۈن ئوينىتىپ قوياتتىم دەۋاتسا ھە.ئىچكىرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار مۇشۇنغاق مېھرىبان بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟...                                                                              
پويىز قوزغالدى.ئەتراپتىكىلەرگە سەپسالدىم،ھەممىسىلا ناتۇنۇش چىرايلار.ئاھ،خۇدا،ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ئەتىدىن-كەچكىچە مۇشۇ خەق بىلەن يۈرەرمەنمۇ؟ئەمدى ئۆزەمنىڭ ناتۇنۇش بىر جايغا كەلگەنلىكىمنى ھەم كېتىۋاتقانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتماقتا ئىدىم...                                                    
پويىز3-ئاينىڭ14-كۈنى سەھەر سائەت 5تىن ئازراقلا ئۆتكەندە چاڭچۇنگە يېتىپ كەلدى،ھاۋا قاتتىق سوغۇق ئىدى.پويىزدىن چۈشۈپ،شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مەركىزى رايونىغا قاراپ ماڭدىم.مەن بارىدىغان مەكتەپ شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جىڭ يۇې تىيەن دېگەن تارمىقىدا بولۇپ،ئاۋال مەكتەپ مەركىزىگە بېرىپ ئابلەتجان(شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،دوستۇمنىڭ ساۋاقدىشى،مەن يولغا چىقىش ئالدىدا دوستۇم ئارقىلىق تۇنۇشقان.)بىلەن كۆرۈشسەم،ئۇ مېنى جىڭ يۇې تىيەندىكى تارماق  مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچى بولغانىدى. ئابلەتجان مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم رەسمىيەتلىرىمنى شۇنداق ئەستايىدىل بېجىرىپ بەردى ھەم  بۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى،مەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ،مېنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن مەكتىپىگە كەتتى.توۋا،ئىچكىرىدە ئوقۇغان بالىلار نېمانداق ياخشىدۇ؟ئادىل، ئابلەتجاننىڭ ماڭا بەرگەن ياردەملىرى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈرگەنىدى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان چاغلىرىمنى ئەسكە ئالدىم.ياتاقدىشىمنىڭ دوستلىرى كېلىپ قېلىپ،ياتاقدىشىم تېخى قايتىپ كەلمىگەن بولسا،ياتاقدىشىمنىڭ دوستلىرىغا ياتاقدىشىمنىڭ ئالبومىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتىم،ياتاقدىشىمنى چاقىرىپ بېرىش،ئۇنىڭ دوستىنى تاماققا ئەپ چىقىش دېگەندەك ئىشلارنى خىيال قىلىپمۇ قويمايتتىم.مەكتەپنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن يول سوراپ قالسا ئاددىيلا جاۋاپ بېرىپ،يولغا سالاتتىم.5يىلنىڭ ئىچىدە بىرەر قېتىممۇ ئادىل، ئابلەتجانلار قىلغان ياخشىلىقنى بىرەرىگە قىلىپ باققىنىمنى ئويلاپ بولالماي،يۈزۈم قىزىرىشقا باشلىدى،شۇ چاغدا مەندە مېھرى-مۇھەببەت دېگەن نەگە كەتتىكىنە؟دەپ ئويلاپمۇ قالدىم.                                                      
دەرس باشلاندى،ئاتاقتا يۇقىرى سەۋىيىلىك سىنىپ بولغىنى بىلەن،ئوقۇغۇچىلىرى ياپون تىلىدا ئارانلا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرالايدىغان سەۋىيىدە ئىدى.پەقەت يېزىق جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيىلىكلەر خېلى كۆپ ئىدى.مەن بولسام شىنجاڭدا ئاللىمۇقاچان ياپونلار بىلەن بىمالال ئالاقىلىشالايدىغان،ياپونىيىدە ئىككى يىل تۇرغانلارمۇ مېنىڭ ياپونچە سۆزلىگىنىمنى ئاڭلاپ "مەن سەندىن ئۆگەنسەم بولغىدەك"دېگۈدەك، كۇرىھارا باشقا ياپونلارغا مېنى تۇنۇشتۇرغاندا "مەن تۇنۇيدىغان جوڭگولۇقلار ئىچىدە خەلچىگۈلنىڭ  ياپونچە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى،ھەتتا بېيجىڭدىكى مەن تۇنۇيدىغان ياپون تىلى كەسپىدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ خەلچىگۈلنىڭكىگە يەتمەيدۇ.تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىنىمدا بۇ قىز بىلەن ئىككىنچى ئارلاشمايمەن دەپ ئويلىغانىدىم،چۇنكى ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشسا  ئۇنىڭ ياپونچە  سەۋىيىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا،خەنزۇچەياكى ئۇيغۇرچىدە سۆزلىشىش مومكىن ئەمەس،ياپونچىلا سۆزلىشىش كېرەك، بۇنىڭدا مەن  خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە ھېچقايسىسىنى ئۆگىنەلمەيتتىم. "دېگۈدەك سەۋىيىگە يېتىپ بولغانىدىم. چاڭچۇندە پەقەت بۇرۇن
ئۆگەنگەنلىرىمنى پىششىقلايتتىم خالاس.بۇ يەرگە كېلىپ ياپون تىلى سەۋىيەرىمنى ئاشۇرىمەن دەپ پۇل ئىسراپ قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغىمۇ كېلىپ   قالدىم.لېكىن بۇ يەردە
ياپونچە سەۋىيەمنى ئاشۇرالمىغان بىلەن خەنزۇچە سەۋىيەرىمنى ئاشۇرالايتتىم،شۇنىڭ بىلەن كۈندە ما جۇو،يۈجىڭ قاتارلىق ياتاقداشلىرىم  بىلەن بىللە سىنىپقا كىرىپ ،بىللە چىقىپ،كەچتە ۋاسكىتبول ئويناپ بىر مەۋسۈمنى تۈگەتتىم.يېنىمدىكى  پۇلۇممۇ تۈگەشكە ئاز قالغانىدى.خىزمەت ئىزدەش توغرىلىق ئىزدىنىۋاتقىنىمدا ياتاقدىشىم ما جۇو ماڭا دالىيەنگە بىللە بېرىپ خىزمەت ئىزدەش ئويىنى ئېيتتى،مەن خۇشاللىق بىلەن رازىلىقىمنى بىلدۈردۈم.مەن كېلىشتىن بۇرۇن بىر ئۇيغۇر يىگىت(مەن كەلگەن چاغدا ئۇ يىگىت ياپونىيىگە چىقىپ كەتكەنىكەن.) بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن بۇ قىز مەندىن ئىككى ياش كىچىك بولۇشىغا قارىماي،مەندىن خېلىلا كۆپ نەرسىلەرنى بىلەتتى،ھەم ئۇيغۇرلار توغرىلىقمۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلەتتى. 2004-يىل7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ما جۇو بىلەن دالىيەنگە يېتىپ كەلدۇق.ئەتىسىلا ئۇ ماڭا دېڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن (ما جۇو بۇرۇن دالىيەندە ئۈچ يىل مەخسۇس كۇرستا ئوقۇغان،شۇڭا دالىيەننى خېلىلا پىششىق بىلەتتى.)،شىڭ خەي مەيدانىغا ئاپاردى.ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم   ئۆز كۆزۈم بىلەن دېڭىز كۆرۈشۈم ئىدى،شۇڭا ھاياجاندىن سەكرەپ كەتتىم. ما جۇو"مەن سېنىڭ مۇشۇنداق خۇشال بولۇپ،ھاياجانلىنىپ كېتىدىغانلىقىڭنى بۇرۇنلا  بىلەتتىم.مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق،قىزغىن مىجەزىڭلەرگە تولىمۇ ئامراق.لېكىن بەزى كونا قاراشلىرىڭلار قەتئى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.قارىسام سېنىڭمۇ شۇنداق قاراشلىرىڭ  خېلىلا ئېغىركەن.شۇ يۇرتداشلىرىڭنى مۇشۇ يەرلەرگە كېلىپ ياشاپ باقسا،شۇ كونا،جاھىل قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ باقسىكەن دەيمەن.بولسا سېنىمۇ ئۆزگەرتسىكەن دەيمەن.سىلەرنىڭ يەنە بىر قىلىقىڭلارغا قەتئى چىدىمىدىم.بىزنى بۇيۇم ئورنىدا  كۆرۈپ،پايدىلىنىشنىلائويلايدىكەنسىلەر.ئۇ(ئۇيغۇر مۇھەببىتىنى دېمەكچى)ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.لېكىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق"مەن ھازىرچە سەن بىلەن ئاشنا ئورنىدا ئارلىشىۋاتىمەن،كەلگۈسىدە يەنىلا يۇرتۇمدىكى ئۇيغۇر مۇھەبىتىم بىلەن توي قىلىمەن. "دېگەنىدى.ئۇ شۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.ئۇ مەن بىلەن ئارىلىشىپ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقاردى،خەنزۇچە،ياپونچە(ما جۇو ئۇنىڭغا ياپونچە تەكرار قىلىپ بېرەتتى.)ئۆگىنىۋالدى،مەنچۇ؟ھەسرەتتە قالدىم."دېدى. مەنمۇ  پايدىلىنىش مەقسىتىدىلا بۇلار بىلەن ئارلىشىۋاتقان بولساممۇ،بايىقى  گەپنى ئاڭلاپ،تۇرۇپلا ما جۇو غا  ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ قىزدا نېمە گۇناھ؟!... ...                                                          
  خىزمەت ئىزدەش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتۇق. ما جۇو "خىزمەت تېپىش  ئۈچۈن خىزمەت تەجرىبىسى كېرەك بولىدۇ،بىزدەك خىزمەت تەجرىبىسى يوقلارغا نىسبەتەن گۇۋاھنامە ئەڭ مۇھىم.مېنىڭ مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەم بىلەن ياپون تىلى 2-دەرىجە لاياقەتلىك كىنىشكەم بار.سېنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەڭ،باكلاۋېرلىق ئۈنۋانىڭدىن باشقا قانداق گۇۋاھنامەڭ بار؟"دەپ سورىدى.مەن شىنجاڭدا خىزمەت ئىزدەشتە تولىمۇ مۇھىم بولغان گۇۋاھنامە  خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ7-دەرىجىلىك لاياقەتلىك گۇۋاھنامەم بىلەن دۆلەتلىك ئالى مەكتەپلەرنىڭ كومپىيوتېر ئىمتىھانىنىڭ 1-دەرىجىلىك گۇۋاھنامەمنى كۆرسەتتىم. ما جۇو قىزىقسىنىپ بۇ ئىككى گۇۋاھنامىنىڭ مەنىسىنى سورىدى،ئۇ مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ"ئىككىسىنىلا سومكاڭنىڭ ئىچكىرىگە سېلىۋەت،بۇ يەردە خىزمەت ئىزدىگەندە بۇلارنى كۆرسەتمىسەڭمۇ بولىدۇ.ئەھمىيىتى يوق.چۇنكى خەنزۇچە سەۋىيە جەھەتتە باشقىلار سېنىڭ ئىنكاس،سۆزلەش،يېزىشىڭغا قاراپلا قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالالايدۇ. كومپىيوتېر ئىمتىھانىنىڭ 2-دەرىجىلىك گۇۋاھنامەڭ بولغان بولسا كۆرسەتكەن بولساڭ بولاتتى.1-دەرىجىلىك سەۋىيە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە،بۇنداق سەۋىيە ھازىر كىمدىلا بولسا بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيە.شۇڭا ئالايىتەن كۆرسەتمىسەڭمۇ بولىدۇ."دېدى.بۇنى مەنمۇ توغرا  تېپىپ،سومكامدىن ئىككىنچى چىقارمىدىم.قىززىق ئىش،بىر چاغلاردا مۇشۇ ئىككى ئىمتىھان ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشمىدىم ،قانچىلىك ئىزدەنمىدىم ،گۇۋاھنامىنى قولۇمغا ئالغاندا قانچىلىك ھاياجانلانمىدىم، بۇ ئەزىز ئىككى گۇۋاھنامەم مانا ئەمدى بۇ يەردە ھېچنىمە ئەمەس ئىدى.بىر چاغلاردا سىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بىر ۋاقىتلارغا كېلىپ ئەرزىمەس، كېرەكسىز نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن،ھەتتا سىزگە يۈك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن....                                                            
خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن شىركەتلەرگە تەرجىمىھالىمىزنى ئەۋەتتۇق،لېكىن بىرەر شىركەتمۇ بىزنى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرتمىدى.دالىيەن پاكىزە،ئامانلىقى خېلىلا كاپالەتكە ئىگە،ئادەملىرىمۇ  مېھرىبان(چەتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قاقمايدۇ،باشقىلاردىن يول سورىسىڭىز ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرسىتىپ قويىدۇ.)شەھەر بولغاچقا، ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىماي، ئەتراپ  ئۆلكىلەردىكى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىن   دالىيەنگە كېلىپ خىزمەت ئىزدەيدىغانلار كۆپ ئىدى. ياپونىيىدە نەچچە يىل بىلىم ئاشۇرغان،خىزمەت قىلغان تەجرىبىسى بار ئىختىساسلىق خادىملار  دالىيەندە تولىمۇ  كۆپ ئۇچرايتتى.شۇڭا ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ئىمتىھان ئالغۇچىدىن ئاشۇنداقلارغا سېلىشتۇرۇلۇپ دائىم زەربىگە ئۇچراپ تۇراتتۇق.جەنۇبنىڭ ئادىمى ھىيلىگەر،كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ،پۇلنىلا تۇنۇيدۇ، مېھرى-مۇھەببەت كەمچىل دەپ ئويلايدىغان بەزى شىماللىقلار بولۇپمۇ ياپون تىلى بىلىدىغانلار قابىلىيىتى بولسىمۇ ،جەنۇبتا راۋاجلىنىشنى خالىماي،شىمالدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ بولغاچقا،بىرىنچى بولۇپ دالىيەننى تاللايتتى.بۇنداق بولغاندىن كېيىن مەن بىلەن  ما جۇو نىڭ خىزمەت توغرىلىق تۈزۈكرەك تۇنۇشىمىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا  بىرلا قېتىمدا ياخشىراق خىزمەت تېپىشىمىزدىن چوڭ ئۈمىد يوق ئىدى.لېكىن ياپون تىلىنى بىلىپلا قالسىڭىز،دالىيەندە ئادەتتىكى ئۇششاق-چۈششەك خىزمەتنى تاپماق تەسمۇ  ئەمەس بولغاچقا،ھەر ھالدا  جان باققىلى بولاتتى. 8-ئايغا يېقىن  ما جۇو ئىككەيلەن ھاكاتايا دېگەن بىر ياپونچە تاماقخانىغا كىرىپ،كۈندە كەچتە 4سائەتلا ئىشلەيدىغان،سائىتىگە 6سوم مائاش ئالىدىغان كۈتكۈچىلىك خىزمىتىنى تاپتۇق. ئىككەيلەن كۈندۈزى ياپون تىلى  1-دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلاتتۇق.كەچلىكى بىللە خىزمەتكە بېرىپ،بىللە يېنىپ كېلەتتۇق.مەكتەپتە ئىجىل –ئىناق ئۆتۈشكەنىدىقيۇ،دالىيەندە بىر ئۆيدە ياشاپ كۈندە دېگۈدەك كۆڭۈلسىز ئىشلار چىقىپ تۇردى.چۇنكى ما جۇو بىلەن جوۇ روڭ(ما جۇو نىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ھەم دوستى،ئۈچىمىز بىللە تۇراتتۇق.)ئەتىدىن-كەچكىچە مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئارلىشىۋالاتتى.تاماق ئەتسەم"بۇ قانداق  تاماق؟نېمىشقا بۇ كۆكتاتنى قوشىسەن؟نېمىشقا بۇ كۆكتاتنى قوشىمايسەن؟مۇنداق قىلساڭ بولمامدۇ؟" دېيىشلىرى.تاماق يېسەم "نېمىشقا تاماق يېگەچ،چاي ئىچىسەن؟بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق......دېيىشلىرى،نەرسە-كېرەك سېتىۋالسام،"نېمىشقا بۇنداق قىممەت نەرسىنى سېتىۋالدىڭ،ئارزۇلىغىدەك نەرى بار؟"دېيىشلىرى...ئەزەلدىن ئۇيغۇرلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىپ ياشاپ،ئۆزىمىزنىڭكى توغرا دەپ ياشاپ كېلىۋاتقان مەن ئادەتتە ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە  پەرۋا قىلماي،ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى ئۇسۇلىدا ئىش تۇتۇپ مېڭىۋېرەتتىم.بەزىدە ئاچچىقلاپ"سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار"دەيتتىم.بۇنىڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالاتتۇق.بۇنداق  كۆڭۈلسىزلىك مەن دالىيەندا تۇرغان 10ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئىزچىل داۋاملاشتى. ئۈچەيلەن بىللە ياشاش جەريانىدا    ئوتتۇرىمىزدىكى مەدىنىيەت ئەندىكىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشتۇق.كۈندە دېگۈدەك كۈندىلىك خاتىرە ،ئۇيغۇر دوستلىرىمغا خەت،ياپون دوستلىرىمغا ئېلخەت  يېزىپ بولغان ئىشلارنى بايان قىلاتتىم. ئۇيغۇر دوستۇم ئۆزىمۇ ئىچكىرىدا ئوقۇيدىغان بولغاچقا مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشىنىپ،ماڭا"ئۇنداق قىلىڭ،مۇنداق قىلىڭ"دەپ ئۆگىتەتتى. ياپون دوستۇم مىزۇې(كيوۇ توۇ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى كەسپىنىڭ  تەتقىقاتچىسى)  مۇ قەشقەردە بىر ھاجىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ،تەتقىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ماڭا ئوخشاشلا يات مەدىنىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراۋاتاتتى.ئۇ"مېنىڭ مۇسۇلمان  دوستلىرىم بولسىكەن دەيمەن ،لېكىن ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان بولغۇم يوق"دەيتتى ھەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ ئېلخەت ئېۋەتەتتى .                                        
كۈرىھارا بولسا مەردانىلارچە: "بىز پەقەت ئۆزىمىزلا مەۋجۇت.شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ۋە مەدىنىيىتىدىن پەخىرلىنىپ ياشايلى.مەن جوڭگودىكى ۋاقتىمدىمۇ باشتىن-ئاخىر ياپونلۇق بولۇپ ياشاپ كەلدىم.گەرچە شۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانچە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ."دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى. كۈرىھارا يەنە ئۆزىنىڭ جوڭگو بانكىسى كارتىسى ۋە ئامانەت ساقلاش قەغىزىنى پوچتا ئارقىلىق ئېۋەتىپ"ئىچىدە 2000سومغا يېقىن پۇل بار،سەن ئىشلەتكىن.ياش ۋاقىتتا پۇل كېرەك بولىدىغان جايلار كۆپرەك بولىدۇ.مەخپى نومېرى بۇ قەغەزگە يېزىقلىق. مېنىڭ  ھازىرچە  جوڭگوغا بېرىش پىلانىم يوق.ياپونىيىدە بولسا بۇنچىلىك پۇلغا  ھېچنىمە خىراجەت قىلغىلى بولمايدۇ.شۇڭا سەن ئىشلەتكىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق.بۇ پۇلنى كېيىن قايتۇرساڭ،قايتۇرمىساڭ ئىختىيارىڭ.مۇبادا زادى قايتۇرغۇڭ بولسا ماڭا قايتۇرماي ئىزدىنىش يولىدا ئىقتىساد جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان  ياشلارغا بەرگىن. "دېگەنىدى.مەن كۇرىھارادىن پۇل تەلەپ قىلىپ   ئەمەس، بەلكى دوست بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەھۋالىمنى بايان قىلغان ئىدىم.لېكىن كۇرىھارا مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ بىلمىدىم،ماڭا يەنە پۇل بەرگەنىدى.ئەمدىلىكتە بۇنى چۈشەندۈرسەممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى.بولدى،بۇندىن كېيىن ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ كۇرى ھاراغا دېمەيمەن.بولمىسا يەنە مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ،ئۇ ماڭا ياردەم قىلىمەن دەپ تۇرۇۋېلىشى مومكىن.                                                            
12-ئايغا يېقىن ھاكاتايا دىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ،ياپون تىلى 1-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشتىم.ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ،كومپىيوتېرنىڭ                      
نى ئىشلىتىپ،قۇرۇلۇش خەرىتىسى سىزىدىغان   بىر كىچىك شىركەتتە يېزىقچە CAD
تەرجىمانلىق خىزمىتىنى تاپتىم.بۇ خىزمەت شۇنچىلىك ئاددى ئىدىكى،بەزى كۈنلىرى ياپون خېرىدارلاردىن ئېلخەت كېلىپ قالسا تەرجىمە قىلاتتىم ھەم ياپونچە ئېلخەت قايتۇراتتىم.بەزىدە شىركەتتىكىلەرنىڭ خەرىتە توغرۇلۇق چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرى بولسا تەرجىمە قىلىپ خېرىدارغا ئېۋەتەتتىم،ھەم جاۋاب كەلسە شىركەتتىكىلەرگە تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم.خىزمەت ئاددى بولغاچقا مائاشىمۇ ناھايىتى ئەرزان (800سوم)ئىدى.3-ئايدا ياپون تىلى1-دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسى چىقتى،لاياقەتلىك بولغانىدىم.ئەمدى ياخشىراق خىزمەت تاپماق تەسمۇ ئەمەس ئىدى.ئىشلىگەچ دالىيەن ئىچىدىن خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم.لېكىن تاپقان خىزمەتلەرنىڭ مائاشى يەنىلا تۆۋەن (ئىككى مىڭ سومغا يېقىن)ئىدى.شىنجاڭدا ئىشلىسەممۇ شۇنچىلىك مائاش ئالۇرمەن،بۇ يەردە شۇنچىلىك پۇلغا بۇنداق جاپا تارتىپ نېمە كەپتۇ؟دەپ ئويلاپ ئۇ خىزمەتلەرگە رازى بولمايتتىم.ئۇنىڭسىزمۇ ئۈرۈمچىدە ۋاقتىمدا ياپون تىلى كورنېرىدا تۇنۇشۇپ قالغان قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىدىغان  ئۇئې ھارا ئەپەندى يېقىندىلا ئالاقىلىشىپ  ئۆزىنىڭ بىر ياردەمچىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى،خالىسام 1600سوم مائاش بېرىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.مەن ئىچكىرىدە پۇرسەتنىڭ كۆپلىكىنى ھەم  ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى خىزمەتنى تاپالايدىغىنىمنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانىدىم. داۋاملىق  ئۇچۇر ئىزدىدىم.بىر كۈنى گېزىتتىن "ئالتۇن كۆۋرۈك"دېگەن شىركەتنىڭ" شىمالدىكى  ياپون تىلى ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەنۇبقا تۇتاشتۇرايلى"سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم.ماقالىدە خوجايىن ئىنو ئۇئې ئەپەندى  شىمالدا ياپون تىلى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېشىندا ئىكەنلىكىنى ،جەنۇبتا بولسا تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبنىڭ مائاشى شىمالنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ،شىركىتىنىڭ جەنۇبقا بېرىپ  تەرەققى قىلىشنى خالايدىغان ياپون تىلى  ئىختىساس ئىگىلىرىگە باشتىن –ئاخىر ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى يازغانىدى.مەن ياتاققا قايتىپ ماجوۇ بىلەن يۈجىڭ(يۈجىڭ ياپون تىلى 1-دەرىجە ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپلا خىزمەت تېپىش ئۈچۈن داليەنگە كېلىپ،بىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى.) گە بىللە بېرىش توغرىلىق تەكلىپ بەردىميۇ ئىككەيلەنلا رەت قىلىشتى.ئۇلار  ماڭاقايتا-قايتا نەسىھەت قىلىپ،مېنىڭ ئاقكۆڭۈل،تۈزلۈكىمنى،جەنۇبلۇقلارنىڭ بولسا ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ،دائىم ئادەم ئالداشنى پىلانلاپ تۇرىدىغانلىقىنى،پۇلنىلا كۆزلەپ مېھرى-مۇھەببەتنىڭ سۇسلىقىنى،شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئاز پۇل تاپسىمۇ دالىيەندە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى،جەنۇبقا بارغۇسى يوقلىقىنى،بولسا مېنىڭمۇ دالىيەندە قېلىپ خىزمەت قىلىشىمنى،ياخشى خىزمەتنىڭ چوقۇم تېپىلىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.مەن ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي،خىزمىتىمدىن ئىستىپا سوراپ، "ئالتۇن كۆۋرۈك"كە تېلىفۇن قىلىپ،شېنجېنغا بېرىشنى تىزىملاتتىم.پويىز ئىستانىسىسىغا ماجوۇ ،يۈجىڭ ،جوۇ روڭ ئۈچەيلەن چىقتى،يۈجىڭ يىغلاپلا تۇراتتى.گەرچە بۇ  ئۈچىسى بىلەن دائىم گەپ تالىشىپ تۇرساممۇ ئاساسى جەھەتتىن ئىجىل ئۆتەتتۇق.قىسقىسى دوستلاردىن بولۇپ قېلىشقانىدۇق.مېنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە دالىيەندە خىزمەت قىلغۇم بار،لېكىن ماڭا  دالىيەندىنمۇ قەدىرلىك يۇرتۇم شىنجاڭ بار،شىنجاڭدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان مائاشنى  ئېلىپ،ئۇزۇن مۇددەت بىر يات شەھەردە ياشاش مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.شۇڭا نېمە بولسام ئالدىمغا قاراپ ياشىشىم كېرەك.بولمىسا مېنىڭ ئىچكىرىگە كەلگىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟                                                      
دالىيەندىن شېنجېنغا بېرىش سەپىرىگە "ئالتۇن كۆۋرۈك"كە مەندىن باشقا  يەنە ئىككەيلەن(بىر قىز(جوۇ جىيەن شىيۇ)،بىر يىگىت(نى شىياۋ فېڭ)تىزىملىتىپ،ئۈچەيلەن بىللە يولغا چىققانىدۇق.قىز ياپونىيىدە ئۈچ يىل، يىگىت ئىككى يىل تۇرغان بولۇپ،ھەر ئىككەيلەن ئەمدىلا ياپونىيىدىن قايتىپ كېلىپ،دالىيەندە خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت چىقمىغاچقا پۇرسەت ئىزدەپ ،"ئالتۇن كۆۋرۈك" ئارقىلىق شېنجېنغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى.مەن جوۇ جىيەن شىيۇ بىلەن دالىيەندىكى بىر شىركەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا كۆرۈشكەن بولغاچقا،پويىز ئىستانىسىسىدا كۆرۈشۈپلا باش لىڭشىتىشتۇق.ئۈچەيلەنلا ياپون تىلىدىن ئىبارەت ئورتاق تىل بولغانلىقى ھەم  ياش پەرقىمىزمۇ چوڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن  ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق.4-ئاينىڭ23-كۈنى ئەتىگەندە  شېنجېن پويىز ئىستانىسىسىغا يېتىپ كەلدۇق.پويىز ئىستانىسىدىن شېن جېن ئۇنۋېرسىتىتىغىچە("ئالتۇن كۆۋرۈك"نىڭ تارماق شىركىتى شېن جېن ئۇنۋېرسىتىتىغا يېقىن بىنادا ئىدى.)  مېترو دا  ئولتۇرۇپ باردۇق. مەن تۇنجى قېتىم مېترو دا ئولتۇرغىنىمدىن خۇشال ئىدىم.ياپونىيىدە تۇرۇپ نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئېغىر –بېسىق بولۇپ كېتىشكەن بۇ ئىككەيلەن مېنىڭ نېمىگە شۇنچە خۇشال بولۇۋاتقانلىقىمنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.شېن جېن ئۇنۋېرسىتىتىغىمۇ يېتىپ كەلدۇق.شېنجېن "ئالتۇن كۆۋرۈك"تە ئىشلەۋاتقان ساۋ يۈخۇا ئىسىملىك قىز ئالدىمىزغا چىقتى. ئۇمۇ جوۇ جىيەن شىيۇ بىلەن نى شىياۋ فېڭغا ئوخشاشلا لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ،ئىككىسىنىڭ ئەكسىچە جەنۇبقا ھەۋەسلەنگەچكە(جوۇ جىيەن شىيۇ بىلەن نى شىياۋ فېڭ ئىككىسىلا جەنۇبقا ئۆچ بولۇپ،پەقەت ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈنلا شېنجېنغا ئاتلانغانىدى.) ياپونىيىدە ئىككى يىل تۇرۇپ،جوڭگوغا قايتىشىدا ئۇدۇللا جەنۇبقا كېلىپ خىزمەت تاپقان ئىدى.بىز جەنۇبى تاغ دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىغىلا بىر  ياتاققا ئورۇنلاشتۇق.سۇخانىغا قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىشىمگە شۇنداق چوڭ قاپقارا بىر نېمە تۇرماسمۇ،"ئاپا!"دەپ چىرقىرىدىم.جوۇ جىيەن شىيۇ بىلەن نى شىياۋ فېڭ يۈگۈرۈپ كىرىپ، قاپقارا نەرسىدىن قورقۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ،بېشىنى چايقىشىپ"ھەي،نېمىدىن قورقاتتىڭ؟سۇۋەرەكقۇ بۇ،ياپونىيىدە بۇنىڭدىنمۇ چوڭلىرى بار"دېيىشىپ چىقىپ كېتىشتى.سۇۋەرەكلىكىغۇ سۇۋەرەك،لېكىن بۇنداق سۇۋەرەكنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.ئىچكىرىنىڭ نەرىگە بارسام ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىم  مۇسۇلمانلار  ئاشخانىسى ئىزلەش ئىدى،بۇ قېتىممۇ نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئاددىغىنە جايلاشتۇرۇپ بولۇپلا ئاشخانا ئىزدەشكە ماڭدىم.يولدا كېتىۋېتىپ ئىككى قىز ئۇچرىۋىدى،شۇلاردىن سوراي دەپ شۇلار تەرەپكە قاراپ مېڭىپ،يېقىنلاشقاندا “كەچۈرۈڭ”دېدىميۇ،توختاپ قالدىم.چۈنكى ئۇلار مەندىن قورقۇپ،چىرقىراپ قېچىشقا تەمشىلىۋاتاتتى.مەن ھەيران قېلىپ ئۇ ئىككىسىگە قارىدىم،ئۇ ئىككەيلەن سەل خىجىل بولغاندەك بولۇپ كېتىپ قالدى.”نېمە ئەمدى بۇ،شىمالغا قەتئىلا ئوخشىمايدىكىنا،ئادەمدىنمۇ بۇنداق قورققىلى تۇرسا قانداق ياشايدىغاندۇ بۇ جەنۇبتا؟”شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كېنتاككى غا بېرىپ،خىزمەتچىسىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانىنىڭ ئورنىنى ئېيتىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم.ئۇنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنى بويىچە ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى تاپتىم.                                          
ئەتىسىلا بىر شىركەتكە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا باردۇق.مىجەزى ئوچۇق،روھلۇق خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمەن دېگەن خوجايىن ئەكسىچە كەمسۆز  جوۇ جىيەن شىيۇنى قۇبۇل قىلدى.شېنجېن"ئالتۇن كۆۋرۈك"نىڭ دېرىكتورى ئايۇمى (شىركەت خوجايىنىنىڭ سىڭلىسى)نىڭ دېيىشىچە ئۇ خوجايىننىڭ مېنى قۇبۇل قىلغۇسى بولسىمۇ،مەن بەكلا مۇنەۋۋەر بولخاچقا،شىركەتنى ياراتماي قېلىپ،نەچچە كۈن ئىشلە-ئىشلىمەيلا  دەرھاللا ئىستىپا بېرىشىمدىن ئەنسىرەپ قۇبۇل قىلماپتۇمىش.ئەتىسى فۇتىيەن رايونىدىكى مېي ياڭ دېگەن شىركەتكە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا باردۇق.مەن گەرچە تىجارەت بۆلمىگە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولساممۇ،مەمۇرى بۆلمىنىڭ باشلىقى سۇزۇكى ئەپەندى مېنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر بىلىپ،قىيىن بولسىمۇ بۇ قىز قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ،سۈپەت باشقۇرۇش بۆلمىدە تەرجىمان،قوشۇمچە سۈپەت باشقۇرۇش ۋە قوغداش ئۆلچىمى  
(ISO)
گە مەسئۇل بولۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى ھەم مېنى دەرھال قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى،بىر يىلدىن كېيىن مۇئاۋىن مۇدىر قىلىپ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى،بېرىدىغان مائاشىغا رازىمۇ ئەمەسمۇ ئىپادە بىلدۈرۈشىمنى سورىدى.بۇلار بېرىدىغان  مائاش  دالىيەندىكى مائاشىمدىن 4ھەسسە يۇقىرى بولۇپ،مەن ئەلۋەتتە رازى ئىدىم.بۇ يەرگە يۇقىرى مائاش ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنىدىميۇ،لېكىن بۇنداق تېز بولۇپ كېتىشىنى ئويلىمىغانىدىم. ئەڭ مۇھىمى  يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغان ياپونلار مېنىڭ راۋان  ياپونچەمگە ھەم شۇنچە يىراق يەردىن قورقماي كەلگىنىمگە قاراپ مېنى بەكلا مۇنەۋۋەر دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشقان ئىدى.شۇنداق قىلىپ مېي ياڭ دا ئىشلەشكە باشلىدىم.كۈندۈزى ئىشخانىدا ئىشلىگەندىن تاشقىرى يەنە ھەر ھەپتە ئالتە سائەت  شىركەتتىكى بۆلۈم باشلىقى  دەرىجىسىدىن يۇقىرى باشلىقلارغا ياپون تىلىدىن دەرس ئۆتتۈم.مېي ياڭ پىرىنتېر بىلەن كۆپەيتىش ماشىنىسىنىڭ سىرتقى قېپىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىپىك ياپونىيىنىڭ شىركىتى بولۇپ،دەسلەپتە سېخقا كىرىپ،ئۇۋاق ماتېرىيالنى ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسا قىزىتىش،سوۋۇتۇشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ،ھەر خىل شەكىللىك قاپ بولۇپ چۈشۈشىگە قاراپ  مۇنداقمۇ مۆجىزە بولىدىكەن ھە دەپ داڭ قېتىپ  قالغانىدىم. شىركەتتىكى مەنزىرىلەر بەئەينى “ياقا يۇرتلۇق قىزلار”دېگەن تېلۋىزىيە تەرجىمە فىلىمىدىكى مەنزىرىلەرگە ئوخشايتتى.چۈمۆلىدەك كۆپ ئادەم،ھەممەيلەن كۈنلۈكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئالدىراش مېڭىشىۋاتقان،ئەمدىلا ئون سەككىزلەرگە كىرىپ،ئېيىغا   سەككىز-توققۇز يۈز سوم ئېلىپ مۆمۈنلەرچە ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان،شۇ ئازغىنە مائاشىنى ھەتتا ئۆزىدىن ئېشىنىپ ئۆيىگە ئېۋەتىپ،ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىپ،ئۇكا-سىڭىللىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان،سېختا گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن ھېچنىمىدىن ھېچنېمە يوقلا دەككە ئىششىتىپ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاۋاتقان قىزلار...          ئىشخانا ئىچى بولساھەممە بىر-بىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىپ      ياشايدىغان،كەيپىياتىنىڭ دىمىقتىلىقىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىۋېتىدىغان  خىزمەت مەيدانى  ئىدى.مېنىڭ باشلىقىمنىڭ فامىلىسى ئېي مورى بولۇپ،ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدە ئىشقا كىرىشىپ،كەچ سائەت ئوندا ئىشتىن چۈشىدىغان،ھەتتا  ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كەچ ئىشتىن چۈشىدىغان،ئەمدىلا ئوتتۇز سەككىزگە كىرگىنىگە قارىماي،تەڭدىن تولا چېچى ئاقارغان،تېخىچە توي قىلماي،خىزمەتلا قىلىدىغان ئادەم ئىدى،خىزمىتىدىن ئاساسەن پۇتاق تاپقىلى بولمايتتى.شۇنىڭغا تۇشلۇق قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى.ئۇيغۇرلاردىن ئېي مورى غا ئوخشاشتىن ئونىسى بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنچىلىك كۈنگىمۇ قېلىپ كەتمەستۇق ھە!دەپ ئويلايتتىم مەن ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىدىغان،قىلالايدىغىنىغا قاراپ.ئۇ مېنى ۋاڭ لېي ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ يېتەكلىشىگە ئورۇنلاشتۇردى.لېكىن شېنجېندەك رىقابەت كەسكىن بىر شەھەردە قارشى تەرەپكە ئۆگىتىپ قويسا ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىپ،ئورنىنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ،ئاساسەن باشقا  بىرەيلەنگە ئۆگەتمەيدىغانلىقىنى كېيىنچە ئۇقتۇم.مەن شىركەتكە كىرىپ،بىپەرۋا  يۈرۈپ،ئىككى ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ  خىزمەتكە قەتئىلا يېتىشەلمەيۋاتقىنىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ۋاڭ لېينىڭ ماڭا قەتئى ئۆگەتمەيۋاتقانلىقىنى،مېنىڭمۇ خىزمەتكە يېتىشەلمەيۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئېي مورى ماڭا ئۆگىتىشكە باشلىدى.ئەپسۇس،بۇ چاغدا خەنزۇچە ئاساسىمنىڭ ئاجىزلىقى،ئۆزەمگە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ھەم جەنۇبنىڭ سۈيىگە  كۆنەلمەسلىكتىن ھەر ھەپتىدە  ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇشلار  مېنىڭ خىزمەت ئىگەللەش  سۈرئىتىم ۋە ئۈنۈمىمگە   خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەنىدى.قىسقىسى ئېي مورى ئۆگەتسىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقاچقا،مەن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتاتتىم.مەن مېي ياڭغا كىرىپ،ئۈچ ئاي توشتى،ھېچكىم مېنى"سىناقتىن ئۆتەلمىدىڭ، ئىشتىن بوشىتىلدىڭ"دېمىدى،قاتتىق خۇشال ئىدىم. ئېي مورىدەك مۇنەۋۋەر باشلىقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەپ،ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگىنىش خىيالىم  بار ئىدى.ئەپسۇس،بۇ خۇشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى.مەن بىلمەستە ئېي مورى"ئالتۇن كۆۋرۈك"بىلەن سۆزلىشىپ مېنىڭ مىجەزىمنىڭ ياخشى،تىرىشچان ئىكەنلىكىمنى،لېكىن خىزمەت تەجرىبەم بولمىغاچقا مىسمىسلىقىمدىن تىرىشساممۇ يېتىشەلمىگەنلىكىمنى،شۇڭا يەنە بىر ئاي ئىشلىگەچ باشقا خىزمەت ئىزدەپ تېپىۋېلىشىمنى ئېيتىپ   مېنى يەنە داۋاملىق ئىشلىتىشنى رەت قىلىپتۇ.بۇنى مەن ئۈچ ئايلىق سىناق ۋاقتىم توشۇپ يەنە يېرىم ئاي ئۆتۈپ،" ئالتۇن كۆۋرۈك"ماڭا باشقا بىر خىزمەتنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم.("ئالتۇن كۆۋرۈك" ماڭا باشتا بۇ ئىشنى ئۇقتۇرماي. ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئۇقتۇرغانىدى.)بۇ گەپ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى،گەرچە ئۆزەمنىڭ ھەقىقەتەن بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ مېي ياڭ دىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى.پۈتۈن بىر كۈن يىغلىدىم."ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋەتتىم،ئەمدى قانداقمۇ قېرىنداشلىرىمغا يۈز كېلەلەيمەن"دەپ ئۇچۇر يوللايتتىم ئەكرەم(دالىيەندىكى چاغدا تۇنۇشۇپ قالغان يىگىت.دالىيەن تەبىئى سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى)گە.ئۇ"ياق،ئۇنداق ئىش يوق.تىرىشىڭ"دەپ تەسەللى ۋە ئىلھام  بېرىپ تۇراتتى.شۇ كۈنلەردە دوستۇم مىزۇئې قەشقەردىكى دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ ياپونغا قايتىش ئالدىدا تۇراتتى،ئۇ ۋاقتى يەتسىلا مېنى يوقلاپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.دېگەندەك نەچچە كۈن ئۆتۈپلا شېنجېنغا كەلدى. مىزۇئې بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولغاچقا ئۇيغۇرچىسىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشىلاپ،ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى چۈشىنىدىغان،ھەتتا بەزى ھەركەتلىرى،ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىدەكلا بولۇپ كەتكەنىدى.مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپلا مىزۇئېگە ھازىرقى شىركەتتىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاچقا ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىمنى،يەنە ئىككى ھەپتىگە قالمايلا مېي ياڭدىكى ۋاقتىمنىڭ توشىدىغانلىقىنى  ئېيتتىم.مەن ئۈچۈن ئالەمچە چوڭ ئىش بولغان بۇ ئىش مىزۇئې ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەستەك ئىدى.ئۇ ئەجەبلەنگەندەكمۇ ئىنكاس قايتۇرماي"ئەمىسە كېيىنكى قەدەمنى قانداق باساي دەيسەن؟"دەپ سورىدى.مەن"ئالتۇن كۆۋرۈك"نىڭ ماڭا ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى خىزمىتىنى تۇنۇشتۇرغانلىقىنى ،لېكىن ھازىرچە بۇ خىزمەتنى قىلغۇم يوقلىقىنى(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياپون تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدا مېنىڭ ئارزۇيۇم ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئىدى.بۇنى مىزۇئېمۇ بىلەتتى.لېكىن مېي ياڭدا ئۆزەمنىڭ ياپون تىلىدىن باشقا ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىمنى تۇنۇپ يېتىپ،باشقىلار مەندىن شۇنچە كۆپ نەرسىنى بىلىدىغان تۇرسا،مەن نېمەمگە باشقىلارغا ئۆگىتىمەن دەپ يۈرۈيمەن،ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن  ھېچبولمىسا ئازراق بولسىمۇ كۆپ نەرسىنى بىلىشىم كېرەكقۇ ئاخىر.شۇڭا ھازىرچە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ دېگەن ئوي ھەم يىقىلغان يېرىمدىن تۇراي دېگەن ئوي بىلەن  ئىقتىساد جەھەتتىن زادى قىينىلىپ بولالماي قالسام ئاندىن بۇ يەردە ياپون تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولىمەن،بولمىسا ئوقۇتقۇچى بولماي،يەنە كارخانىدا ئىشلەيمەن دەپ قارار قىلغانىدىم.)،مېي ياڭ دىن ئايرىلغاندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەيدىغىنىمنى ئېيتتىم. مىزۇئې ئەسلىدە  ئۈچ-تۆت كۈنلا تۇرۇپ ياپونىيىگە قايتىمەن دەپ ئويلاپتىكەن.ھەم ۈىزىسىنىڭ ۋااقتىمۇ  شۇنچىلىكلا قاپتىكەن،لېكىن مېنىڭ  ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشنى بەكلا ھار ئېلىپ،تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ،شىياڭگاڭغا بېرىپ،ۋىزا ۋاقتىنى ئون بەش كۈن ئۇزارتىپ كەلدى ھەم ئۆزىنىڭ كيوۇ توۇ ئۇنۋېرسىتېتىدا  كۈندە ئىككى ۋاقلىق ناتتوۇلا(ئوزۇقلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان پۇرچاق)لا يەيدىغانلىقىنى،پەقەت يىل ئاخىرىسىدا مەكتىپىنىڭ ئۇزىتىش چېيى ئۆتكۈزسە،ئاسپىرانت،دوكتۇرلار ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان بولغاچقا،پۇلغا چىداپ قاتنىشىدىغانلىقىنى،ھەم شۇ كۈنىلا ياخشى يېيەلەيدىغانلىقىنى(بۇنداق دېسەم چۆچۈپ كەتمەڭ،ياپونىيىنىڭ مىزۇئې دېمەتلىك ياشلىرى تۇغۇلۇشىدىنلاتوقلۇقتا ياشىغاچقا يېمەك-ئىچمەككە بېرىلىپ كەتمەيدۇ،بىزدەك،خەنزۇلاردەك بىر قېتىمدا كۆپ يەۋېلىش،بىرەر نەرسىنى شۇنداق يېگۈسى كېلىش دېگەندەك ئىشلار ئۇلاردا ناھايىتى ئاز.پەقەت يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئۈچۈنلا تاماق يەيدىغانلار،ئەتىگەندە تاماق يېسىمۇ چۈشلۈك تاماق  يېمەي،كەچلىك تاماق يەيدىغانلار كۆپ،شۇڭىمۇپۇلىنى يېمەك-ئىچمەككە ئانچە خەجلەپ كەتمەيدۇ.) ئاسپىرانتىق دېسسىرتاتسىيىسىنى كۈندە ئىككىلا  سائەت ئۇخلاپ،باشقا ۋاقىتتا ماتېرىيال كۆرۈپ يۈرۈپ تاماملىغانلىقىنى،ياپونىيىدىن شاڭخەيگە بېرىش سەپىرىدە پۇل تېجەش ئۈچۈن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرماي،پاراخوتقا  ئولتۇرۇپ،يولدا ئىچى ئېلىشىپ،ئۈچ كۈن قاتتىق  قۇسۇپ كەلگەنلىكىنى،قەشقەردىكى چېغىدا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچىگەنلىكىنى،ھەتتا مەجبۇرلاش خاراكتىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى(مىزۇئې قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان چاغدا ئۇيغۇرچە كىيىنىپ،كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ ياشىغان.بۇ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگۈسى بارلىقىدىن ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈش،شۇنداقلا شۇ تۇرمۇشنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئىكەن."ئىسلام دىنىغا كىرسەم ھەجگە بارالايمەن،مەندەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت.لېكىن شۇنى دەپلا مەجبۇرەن ئىسلام دىنىغا كىرگۈم يوق.مۇسۇلماندىن دوست تۇتقۇم بار،لېكىن ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان بولغۇم يوق."دەيتتى مىزۇ ئې.)،ئۇيغۇرلارنى بۇرۇندىن سۆيۈپ كەلگەن ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ھاياتىنىڭ نىشانى قىلغان مىزۇ ئېگە  بۇ ئىش  تولىمۇ ھار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خىجىل بولدۇم،دالىيەنگە،شېنجېنغا كۆنەلمىگەنلىكلىرىمنى،ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىمنى بەك  جاپا تارتتىپ كەتتىم دەپ  ئويلاپ ۋايساپ كەتكىنىمنى،مىزۇ ئېنىڭ بولسا مەندىن نەچچە ھەسسە جاپا تارتىپ  تۇرۇپمۇ قىلچە ۋايسىماي تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ خىجىل بولدۇم،ئوخشاش ئادەم تۇرۇپ مىزۇ ئې شۇنچە جاپالارغا چىداپتۇ يۇ، مەن نېمىشقا چىدىمايمەن؟! مىزۇ ئې يەنە "مائارىپىمىز قالاق دەيدىكەنسەنۇ،قانداق تىرىشىپ ئۆزەڭنى كۈچلەندۈرۈشنى ئويلىمايدىكەنسەن.ۋاڭ لېينى ئۆگەتمىدى دەيسەن،ئۇنىڭ ساڭا ئۆگىتىدىغان مەجبۇرىيىتى يوق.ئۆگىتىمەن دەپ بىرەرسى ساڭا ناننى چايناپ ئاغزىڭغا سېلىپ قويسا بولامتى؟شىركەت دېگەن شىركەت،مەكتەپ ئەمەس،ھەممىنى ئۆگىتىدىغان،شۇڭا كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئۆزەڭ باشتا ماتېرىيال كۆرۈپ ئۆگىنىشىڭ،كاللاڭدا ئازراق ئۇقۇم پەيدا بولغاندىن كېيىن،يەنە چوڭقۇرلاپ بىلەلمىگەندە ئاندىن باشقىلاردىن سورىشىڭ كېرەك.مۇبادا شۇ چاغدىمۇ ۋاڭ لېي ساڭا ئۆگەتمىسە،ياپون تىلى بىلىدىغان بولغاندىن كېيىن ئېي مورى دىن سورىساڭمۇ بولىدىغۇ،ئۆزەڭدە بار ئالاھىدىلىكتىن نېمىشقا پايدىلانمايسەن؟يەنە تېخى باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىدىكەنسەن. ئېي مورى مۇ ئۆگىتىپ قويمايدۇ  دېسەڭ مەن ئىشەنمەيمەن.3ئايدىن بېرى تەرجىمان بولدۇم دەپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەيلا،بۆلۈم باشلىقىنىڭ گېپىنى باشقىلارغا،باشقىلارنىڭ گېپىنى بۆلۈم باشلىقىغا يەتكۈزۈپ يۈرۈپسەن،خىجىلمۇ بولمامسەن؟خىجىل بولساڭ،بۇندىن كېيىن كاللاڭنى ئىشلىتىپ خىزمەت قىل.بولمىسا بولدى،تۇرپانغا قايتىپ توي قىلىپ،بالا تۇغۇپ ياشا!خىزمەت مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگەللەپ،نېمىشقا شۇنداق ئويلىنىپ،ماتېرىيال كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ،بۆلۈم باشلىقىڭ دېگەن گەپلەرنى دەرھال  چۈشەنگىدەك بولمىساڭ،تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلالمايسەن.3ئايدىن بېرى ھېچنىمىنى بىلمەي،باشلىقىڭ بىلەن خىزمەتداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا قالايمىقان گەپ توشۇپ  يۈگۈرۈپ يۈرگەن بولساڭ،باشلىقىڭنىڭ سېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكىنىمۇ بىكار ئەمەسكەن.سەن خىزمەت قىلىپ،پۇل تېپىشنى شۇنداق ئاسان  ئىش دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟!"دەپ ناھايىتى توغرا ھەم مەن ئەينى چاغدا ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن گەپلەرنى قىلىپ بەردى. مىزۇ ئې دوكتولۇققا ئۆتكەندىن كېيىن ئاپىسى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ پۇل چىقىرىپ تەبرىكلىمەكچى ئىكەنلىكىنى،نېمە ئالغۇسى بولسا ئەپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەندە مىزۇ ئې دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىسلام دۆلەتلىرىگە(ئەلۋەتتە بەيتۇل ھەرەمدىن باشقا)ساياھەتكە بارغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ،ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ سەپەرگە چىققانلىقىنى،ھەم سەپەردىكى مەنىلىك جەريانلارنى سۆزلەپ،سۈرەتلىرىنى كۆرسەتتى.مىجەزى،تۇرمۇش ئۇسۇلى،يېمەك-ئىچمەكلىرى ئۇيغۇرلاردەك خەلقلەرمۇ دۇنيادا كۆپ ئىكەن.تۈركىيىدە ئايرۇپىلاندا بىر تۈركىيىلىك ئەر مىزۇ ئې نىڭ سومكىسىنى كۆرسىتىپ تۈركچە"بۇ كىمنىڭ ؟"دەپ سورىغاندا مىزۇ ئې  دەرھاللا ئۇيغۇرچە "مېنىڭ"دەپ جاۋاب بەرگەندە،ئۇ تۈركىيىلىكنىڭ"سەن تۈركچە بىلەمسەن؟"دەپ سورىغاندا"ياق،مەن تۈركچە بىلمەيمەن، ئۇيغۇرچە بىلىمەن"دېگەندە ئۇ تۈركىيىلىكنىڭ "ئىككىسى ئوخشاش، ئۇيغۇرچىنى بىلگىنىڭ تۈركچىنى بىلگىنىڭ بىلەن باراۋەر"دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى؛گوللاندىيىگە بارغاندا،گوللاندىيىلىكلەرنىڭمۇ ياپونىيىلىكلەرگە ئوخشاشلا ھەممەيلەن ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ،ئەتراپتىكىلەرگە سوغۇق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى،ھېچكىممۇ ئۆزلىرىگە ئارتۇق –تۆشۈك گەپ قىلمىغانلىقىنى،پەقەت ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا ئىرانلىق ئاشپەز ئۇستام ئۆزلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ،بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتكەنلىكىنى،ھەم"كېلەر قېتىم كەلسەڭلار ئۆيۈمگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىمەن"دەپ قىزغىن يولغا سالغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ،يەنىلا مەدىنىيەت ئوخشىمايدۇدە دەپ ئويلىنىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى."قەشقەر ئېسىل يەر،ئادىمىمۇ ئاقكۆڭۈل،مەغرۇر.لېكىن ئۇلار جاھاندىن بىخەۋەرياشايدۇ.تاماق يېيىش،ئۇخلاش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش شەكلى.مەنمۇ شۇ مۇھىتتا ياشىغاچقا ئاسانلا ئىرادەم بوشىشىپ كېتىدۇ.شۇ چاغدا دەرھال"سۇ يىگىت"                                    
(WATER BOYS)
دېگەن فىلىمنى كۆرىمەن.بۇ قېتىم ئىككەيلەن تەڭ كۆرەيلى.لېكىن  ئاۋال بىر قانغۇچە ئوينايلى"دېدى مىزۇ ئې.دېڭىزبويىغا باردۇق،مەن دائىم بارىدىغان"ئىدىقۇت"ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا باردۇق.ئىشقىلىپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن،بارغۇمىز كەلگەن يەرلەرگە باردۇق."ئىدىقۇت"قا بېرىپ،مىزۇ ئې تاماق تىزىملىكىدىن  ئۈستىگەقۇرۇق  يېشىل ئۈزۈم بېسىلغان پولونىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ "مۇشۇنى يەي"دېگەنىدى،مەن"بۇنى مەن يەپ باقمىغان،ئوخشىمايدىغۇ دەيمەن"دەپ لەغمەن بۇيرۇتتۇم.پولو باشتا چىقتى،ئويلىمىغان يەردىن پولو بەك ئوخشاپ كەتكەنىدى.ئىككەيلەن تەڭ يەپ،يەنە يېگۈمىز كېلىپ،كۈلۈشۈپ يەنە بىر تەخسە يەيلى دېيىشتۇق.مىزۇ ئې ئۆزىنىڭ شاڭخەيدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى لەغمىنى يېگەنلىكىنى،تەملىكلىكى تەملىك ئىكەنلىكىنى،لېكىن بۇ پولودەك تەملىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ياپونىيىلىكلەرنىڭ،خەنزۇلارنىڭ  باشقا يۇرت،ئەللەرنىڭ تائاملىرىنىمۇ شۇنداق تەملىك  دەپ ھۇزۇرلىنىپ يېيەلەيدىغانلىقىغا ھەيرانمەن ھەم بەزىدە ھەۋەس قىلىپمۇ قالىمەن.ئۆزەمنىڭ بۇرۇن كۆپ خىل تائاملارنى تېتىپ باقمىغىنىممۇ راست،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا دوستۇم ئايگۈلگە ئەگىشىپ ،قازاق ئاشخانىلىرىغا تولا كىرىپ،قازاق تائاملىرىغا ئامراق بولۇپ قالغاندىن  سىرت،ئۇيغۇر تائاملىرىدىن باشقا خىل تائاملارنى يەپ تەملىككەنغۇ دەپ ئويلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.نېمىلا قىلاي،ئۇيغۇر تامىقىلا ئەڭ تەملىك تېتىيتتى.مەنلا شۇنداقمىكىن دېسەم ياپونىيىدىكى،ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرىممۇ شۇنداق ئىدى.شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ياپون تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمىزدا كۇرو كاۋا"چوشقا گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،ئەپسۇسكى كۆپچىلىك يېمەيسىلەر دە"دېگەندە تۆتەيلەن تەڭلا ھومىيىپ قاراپ  غەزىپىمىزنى بىلدۈرگەنىدۇق.
ياتاققا قايتىپ باشتا"سۇ يىگىت"نىڭ كىنوسىنى،ئاندىن بىر ھەپتىگە يېقىن  تېلۋىزىيە تىياتىرىنى بىردە يىغلاپ،بىردە كۈلۈپ  كۆردۇق.فىلىم تولىمۇ قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك ئىدى،فىلىمدىكى تاكا ھارا نىڭ قەيسەر،چىدامچانلىقى  مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى.فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ،تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا ئۆزەمدىن باشقا ھېچقانداق توسالغۇ يوقتەك،يولۇم تولىمۇ كەڭرىدەك بىلىندى...                      
مىزۇئې گە كۆپتىن –كۆپ رەھمەت ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويدۇم.ئۇمۇ شېنجېندا كۆپ غەمخورلۇق  قىلدىڭ دەپ مېۋە-چېۋە،يېمەكلىك سېتىۋېلىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويدى.يولدا يېگىن دەپ ھەممىسىنى قايتۇردىميۇ،يولدا ئېغىر ئارتۇق يۈك دەپ،ئازراقنىلا ئالدى.بۇ ئەمىلىيەتتە مىزۇ ئې نىڭ مېنىڭ ئۇنى شېنجېندا ئويناتقانلىقلىرىمنى،مېھمان قىلغانلىرىمنى قايتۇرغىنى ئىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسىنى بىلگەچكە،مەن دەسلەپ پۇل چىقارغاندا رەھمەت دېدىيۇ،بۇنى چوقۇم قايتۇرۇشنى يادىدىن چىقارماي،كەتكىچە ماڭا لازىملىق دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتۇرغانىدى.ئامالسىز ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى قۇبۇل قىلدىم.                            
مېي ياڭدىن قىيمىغان ھالدا ئايرىلدىم."ئالتۇن كۆۋرۈك"نىڭ ئېي مورى  مېنى ئىشتىن بوشىتىشنى ئۇقتۇرغان چاغدىلا  ماڭا ئۇقتۇرماي،ماڭا باشقا خىزمەتنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇقتۇرۇپ مېنى ئەخمەق ئېتىشى ("ئالتۇن كۆۋرۈك"ياپونىيىلىك ۋە ياپون تىلى بىلىدىغان جوڭگولۇق ئىختىساسلىق خادىملارنى كارخانىلارغا تۇنۇشتۇرىدىغان ۋاستىچى شىركەت بولۇپ،كارخانا بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچى تەرەپ ياللاش-ياللىنىشنى بېكىتكەندە، ئاساسلىقى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ  ياپون تىلى سەۋىيىسىگە قاراپ، كارخانىدىن تۇنۇشتۇرۇش ھەققى ئالاتتى. مېنىڭ سەۋىيەم جوڭگولۇقلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە  ھېسابلىنىپ،كارخانا مېنى قۇبۇل قىلسا ھەم مەنمۇ قوشۇلسام،"ئالتۇن كۆۋرۈك" كارخانىدىن بەش مىڭ سوم ئالاتتى.ئالدىنقى قېتىم مېي ياڭدىنمۇ بەش مىڭ سوم ئالغان بولۇپ،يەنە باشقا شىركەتكە تۇنۇشتۇرۇپ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ،شىركەتكە كىرسەملا  يەنە بەش مىڭ سوم ئالاتتى.مېنىڭ بۇ  سەۋىيەمدە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىقىم تەس بولغىنى بىلەن،خىزمەت تاپمىقىم تەس ئەمەس ئىدى.(نېمىدىگەن ئېچىنارلىق ھە!)قىسقىسى مەن"ئالتۇن كۆۋرۈك"ئۈچۈن ئوبدان يەمچۈك ئىدىم.شۇڭا ئۇلار مېنىڭ باشقا خىزمەت تېپىۋېلىشىمدىن ئەنسىرەپ،ئېي مورى مېنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،ماڭا ئۇقتۇرماي،خىزمەتنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئۇقتۇرغانىدى.)ماڭا ئانچە ياخشى تەسىر بەرمىدى.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى رەت قىلىپ،خىزمەتنى ئۆزۈم تاپتىم. يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قاتتىق ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ،ئالدىراپ-سالدىراپ قۇبۇل قىلىشقان(مېنىڭ ياپونچە سۆزلىشىم،چۈشىنىشىم ياخشى،ئىنكاسىم تېز،مىجەزىم ئوچۇق،شىنجاڭدىن ئۆزەم يالغۇز  كەلگەن بولغاچقا، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلار بولۇپمۇ ياپونلار ئاسانلا مېنى كەم تېپىلىدىغان  ئىختىساسلىق خادىم  دەپ ئويلاپ قالاتتى.يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ئانا تىلىم خەنزۇ تىلى بولمىغاچقا،خىزمەت جەريانىدىكى ئالاقىدە قىينىلىدىغىنىمنى،بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمنىڭ كۆپلىكىنى دېسەممۇ يا كەمتەرلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشاتتى،يا بىزنىڭ شىركەتنى ياراتمايۋاتىدۇ دەپ ئويلىشىپ،مېنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلغۇسى كېلىپ كېتەتتى. ئەمىلىيەتتە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ كېتىش ھاجەت ئەمەس،بىر ھېسابتا ئەخمەقلىق.لېكىن مەن مېي ياڭ دا بۇرنۇمغا يەپ كۆرگەچكە ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.شى مو مۇرا شىركىتى بىلەن بولغان  يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىمۇ ئۆزەمنىڭ كەمچىكىنى چۈشەندۈرۈشۇم كېرەكتى،ئەپسۇس،چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.)شى مو مۇرا شىركىتى مېنى قۇبۇل قىلىشقا قانچە ئالدىرىغان بولسا،مەن شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن،يەنە شۇنچە تېز سوۋۇشتى.دېمىسىمۇ مېنىڭ ئانچەخىزمەت تەجرىبەمنىڭ يوقلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە كەمچىلىكىمنى ئالدىنئالا دەپ قويماي،ئۇلارنى ئالدىغىنىممۇ راست. قاملاشتۇرالمىغاندىن كېيىن ،قىلمىساممۇ بولغان ئۇنداق ئالدامچىلىقنى. ئۇلار مېنى قۇبۇل قىلىپ،قانچىلىك پۇشايمان قىلغان  بولسا،مەنمۇ شۇنچە بىئارام بولدۇم. نېمە كۈن بۇ،ئەمدى ھەرگىز باشقىلارنى ئالدىمايمەن.تۆۋەنرەك مائاش ئالسام،تۆۋەنرەك يەردە ئىشلىسەم نېمە بوپتىكەن،ئەمدى مانا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى رەسمى تۆكتۈم.مانا مۇشۇنداق كۈندە بىئارام بولۇپ،ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتكەن كۈنلەردە ئەكرەم بىلەن يۈرۈپ قالدىم.مېنى  ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ  كەلگەن بۇ يىگىت ھەمىشە مەردانە ياشايتتى. قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي، تەسەللىگە، رىغبەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج بولۇپ ئالاقىلاشسام،مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دەرھال بىلىۋالالايتتى ھەم دوختۇردەكلا يۈرەك جاراھىتىمنى داۋالىيالايتتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ،دۇنيادا تاغدەك يۆلەك باردەك بىلىپ،كۆز ئالدىم يورۇق ھەم ئۆزەمنى تولىمۇ خۇشال،بەختلىك ھېس قىلاتتىم...                                                                    
شى مو مۇرا شىركىتىدە ئون يەتتە كۈن ئىشلىدىم،ئادەتتىكى چاغ بولسا ئون يەتتە كۈننى ئۆتكۈزۈش ھېچ گەپ ئەمەس،لېكىن ئۇلارنى ئالداپ قويغانلىقىم ئۈچۈن،شى مو مۇرا دا ئون يەتتە كۈننى توشقۇزۇش تولىمۇ تەسكە چۈشتى.ئەينى چاغدا يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغان ئۈچ ياپونلۇق مېنى چاقىرتتى. "بۇ قېتىم  ساڭا ئانچە ياخشى خەۋەر يەتكۈزمەيدىغان بولدۇق"دەپ گەپ باشلىدى سۇزۇكى ئەپەندى.مەنمۇ ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەملەپ، گېپىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كۈتتۈم."سېنىڭ  شىركەتكە كىرگەندىن بۇيانقى ئەھۋالىڭ بىز بۇرۇن ئويلىغاندەك بولمىدى. شۇڭا سېنىڭ ئورنۇڭغا باشقا بىرەيلەننى قۇبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز،ھېساباتىڭنى قىلىۋېتەمدۇق؟"دېگىنىچە مائاش ھېسابات قەغىزىنى سۇندى. "مەن شىركىتىڭلەرگە كىرىپ ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم،بۇ پۇلنى قۇبۇل قىلالمايمەن"دېدىم مەن. "بىز ئەينى چاغدا بۇ مائاشنى دېيىشىپ،ئىككىلا تەرەپ رازى بولۇشۇپ،كېلىشكەن.كېلىشكىنىمىز بويىچە سەن كەلدىڭ ھەم بۇ يەردە بولدۇڭ،شۇڭا بۇ پۇل سەندە  قېلىشى كېرەك. "دېدى نوبې ئەپەندى.مەن گەپ قىلماي قەغەزنى  ئالدىم ۋە ئىمزا قويدۇم. مېنى كۆرسىلا ئامراقلىق قىلىپ،گۇاڭ دوڭ چە سۆزلەپ كېتىدىغان  شياڭگاڭلىق بوغالتىر پۇلنى تەڭلەۋېتىپ ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ قويدى.سۇنۇلغان ئىككى مىڭ سومدىن ئارتۇق بۇ  پۇل ماڭا  خۇددى ئاھانەتتەك بىلىندى.                                                                            
ھېساباتنى قىلىپ بولۇپ، شى مو مۇرا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ،ئۆزەمنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلدىم.تولۇق ئوتتۇرىدا،ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان دوستۇم ئايگۈلگە تېلىفۇن قىلىپ،تازا دەردىمنى تۆكتۈم.ئۇ "يېڭىلسەڭ بوپتۇ ئەمەسمۇ،شۇنچە كۆپ جايلارنى كۆردۈڭ.زادى بولمىسا يېنىپ كەل،ساياھەت قىلغان قاتارى بولمامسەن. "دېدى.ھەي،كۆڭلۈمنى قەتئى چۈشەنمىدىڭدە ئايگۈل،مەن بۇ چاغدا  ساياھەت قىلغان قاتارى دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىش ئەمەس،غەزەپلىنىشىم كېرەك ئىدىغۇ.باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرا،ئالى مەكتەپتە تولۇق ئوقۇدۇم،ھەتتا ئالى مەكتەپتە باشقىلار تۆت يىل ئوقۇسا،مەن بەش يىل ئوقۇدۇم.،مەكتەپتە خېلى ياخشى ئوقۇغاندەك قىلىۋاتقان.ئىچىكىرىگە كېلىپ،بەزى چاغدا بۇ خەنزۇلارنىڭ  ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلىرىمۇ مەندىن سەۋىيىلىكتەك ھېس قىلىپ،كۆڭلۈم بىر خىل بولۇپ قالىدۇ.نېمىشقا بۇنداق چۈپرەندە بولۇپ قالغاندىمەن؟!بۇرۇن نېمە ئىش قىلغان بولغىيتتىم؟!ئىلھاملاندۇرغىنىڭمۇ بىلمىدىم،مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن.لېكىن يەنە خۇشاللىنىشقا تېگىشلىك ئىشمۇ بار، ئىچكىرىگە كېلىپ،ئۆزەمنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىمنى بىلىشكە پۇرسەت بولدى،بولمىسا  شىنجاڭدا  ئۆزەمنى بىلەلمەي يۈرەركەنمەن.ئاللاھنىڭ ماڭا پۇشايمان قىلىش،تەجرىبە-ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى بەرگىنىگە رەھمەت...                                                                            
جوۇ جىيەن شيۇ نىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدىم، لەنجوۇ لەغمىنى ئاشخانىسى ئاچىدىغان چىڭخەيلىك خوجايىن مېنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ"نېمانداق تېز قايتىپ كەلدىڭ؟"دېگىنىچە قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەن ئەھۋالىمنى سۆزلەپ بولۇپ،كېيىنچە زادى بولالماي قالسام،ۋاقتىنچە  مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئەمدى كەمچىلىك،خاتالىقلىرىمنى تۈزىتىپ،خىزمەت ئىزدەش كېرەك.بۇرۇن خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسام،ئەمدى تۈزەتسەم بولىدىغۇ.ئالتۇن كۆۋرۈكتىكى ئايۇمى  مېنىڭ يەنە خىزمەت ئىزدەۋاتقىنىمنى بىلىپ،تېلىفۇن قىلىپ،ماڭا ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق خىزمەت تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى،زادى بولماي قالسا،ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ  مېنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەنمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ،خىزمەت ئىزدەشنى ھاۋالە قىلغاچ،ئۆزەمنىڭمۇ خىزمەت ئىزدەيدىغانلىقىمنى،لېكىن ئالتۇن كۆۋرۈكتە ئىشلىگۈمنىڭ يوقلىقىنى،يەنىلا زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىگۈمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم.مەن گەرچە ئالتۇن كۆۋرۈك شىركىتىگە  ئامراق بولمىساممۇ،ئايۇمىغا ئامراق ئىدىم.ياپونىيىلىكلەرگە نىسبەتەن گۈزەل ھېسابلىنىدىغان بۇ قىز شۇنچىلىك قورقماس ئىدىكى، ھەر قانداق سورۇندا ھېچكىمدىن ھولۇقۇپ قالمايتتى.خەنزۇ تىلىنى قەتئى بىلمەيدىغانلىقىغا قارىماي،شىركەتكە خېرىدار تاپىمەن دەپ،ئۆزى يالغۇز شەھەرمۇ-شەھەر كېتىۋېرەتتى.دوڭگۇەندە يولدا كېتىۋېتىپ،بۇلاڭچىغا ئۇچراپ،پاسپورت،پۇل ھەممە نەرسىسىنىڭ بۇلىنىپ،ئاچچىغىدا بۇلاڭچى بىلەن قارشىلاشماقچى بولغىنىدا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇنى ئۇرۇۋەتكەنلىكىنى،يېنىدا تېلىفۇنمۇ قالمىغاچقا كەينىگە قايتىپ،تىجارەتكە بارغان شىركەتكە بېرىپ،شۇ شىركەتتىكى ياپونلار ئارقىلىق ساقچىغا خەۋەر قىلغانلىقىنى قىلچە قورقۇپ كەتكەن ئەپتىمۇ يوق تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرەتتى.ئاشۇنداق قورققۇنچىلىق بۇلاڭچىلارغا يۇلۇقتۇم،ئەمدى ئىككىنچىلەپ يالغۇز ماڭمايمەن دېگەن خىيال ئۇنىڭغا ياتتەكلا ئىدى.شۇ چاغلاردا ياپونغا،ياپون ماللىرىغا قارشى پائالىيەتلەر ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ،ئايۇمىمۇ بۇنى بىلەتتى.ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان چېغىمىزدا تېلىفۇن كېلىپ قالسا ئايۇمى خۇددى ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىشىغا تەگمەكچى بولغاندەك،شۇنچىلىك جاراڭلىق،يۇقىرى ئاۋازدا (لېكىن ئايۇمىنىڭ ئاۋازى ئەسلىدىنلا يۇقىرى) ياپونچە سۆزلەيتتىكى،يېنىدا ئولتۇرغان مەن چىغىمدا ئەتراپتىكىلەردىن ئەيمىنىپ قالاتتىم.ئايۇمى مېنىڭ بىر خىل ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندەك ھالىتىمنى كۆرۈپ ،ئۆزىنىڭ  جوڭگودىكى قارغۇلارچە،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ  قىلىنىۋاتقان ياپونغا قارشى ھەركەتلەرگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.بۇنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ  يۈرەكلىكلىكىگە  ھەۋەسلىنىپ قالدىم.                  
ئايۇمى مەندىن بەكلا چوڭ ئۈمىد كۈتەتتى،شۇڭا دائىم                        
EPSON
نىڭ باش دېرىكتورىنىڭ  ياردەمچىلىك خىزمىتى،چىچىبۇ نىڭ خوجايىنىنىڭ چەت ئەلدىكى ۋاكالەتچىسى  قاتارلىق مەن خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان خىزمەتلەرگە تۇنۇشتۇراتتى. "مەندە ئۇنداق قابىلىيەت يوق،بۇ ئىشنى قىلالمايمەن"دېسەم ئايۇمى "ئادەم دائىم ئالدىغا،يۇقىرىغا  قارىشى كېرەك. كەينىگە قارىماسلىق كېرەك.بۇ يەردە ھېچكىمدە يوق ياپون تىلى سەۋىيە،سەمىمىيلىك،تىرىشچانلىق،قىزغىنلىق،ئوچۇق-يۇرۇقلۇق،تەققى-تۇرق سەندە بار،بۇ ئالاھىدىلىكلەر سېنىڭ بۇ يەردە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ.ئۆزەڭدە بار ئالاھىدىلىكنى ئىشلىتىشىڭ كېرەك.كەمچىلىك دېگەن ھەممەيلەندە بار،ئۇنى ئاستا-ئاستا تولۇقلىساڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ."دېگىنىچە مېنى ئاشۇنداق چوڭ شىركەتلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا ئاپىراتتى،مەن گەرچە ئىشەنچىم بولمىسىمۇ بىللە باراتتىم.چۇنكى بۇنداق يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا يۈز ئابرويلۇق ياپونلار بىلەن ئۇچراشقىلى،كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقىلى،پىكىر ئالماشتۇرغىلى  بولاتتى.ئۇلار ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك ياخشى مۇھىتقا ئېرىشكەن بولغاچقا شۇنداق مېھرىبان ئىدى ھەم توغرا يول كۆرسىتەتتى.ھاياتىمدا بۇمۇ بىر پۇرسەت ئىدى.بۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھانلاردا  ئاساسلىقى ئېنگىلىزچە بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن قۇبۇل قىلىنمىدىم.                                                                        
  بىر كۈنى ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ يېنىدىكى كۈتۈپخانىدا كىتاپ ئوقۇۋاتسام ئايۇمى تېلىفۇن قىلىپ،ئەتە چۈشتىن كېيىن تاكا شىما شىركىتىگە بارىدىغانلىقىنى،بۇشىركەتنىڭ                                                      
CAD
ھەم ياپون تىلى بىلىدىغان خادىمغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى،مېنىڭ بارغۇم           بولسا بىللە بېرىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشىمنى ئېيتتى.مەن بۇرۇن          CAD
دا خەرىتە سىزىدىغان شىركەتتە ئىشلىگەن بولساممۇ،ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم.شۇڭا بۇ خىزمەتنى قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئايۇمى بولسا سىناپ بىر بېرىپ بېقىشىمنى ئېيتتى.مەنمۇ قوشۇلۇپ،ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە شۇ شىركەتنىڭ يېنىدىكى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.ئەتىسى دەل ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ، تاكا شىما شىركىتىگە كىرىپ،خوجايىن بىلەن كۆرۈشتۇق. ئايۇمى كىرىپلا سالاملىشىپ بولۇپ،كۈلۈپ “ئىككەيلەن قازاننى كۆتىرىپلا كەلدۇق”دېدى.بۇ گەپ ئازراق كۆڭلۈمگە كەلدى. خوجايىن بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇ كېرەكلىك خىزمەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى.ھەم ماڭا “شۇنچە يىراق يەردىن شەرقى شىمالغا بېرىپ،ئاندىن يەنە بۇ يەرگە كەپسەن،ھېساپتا جوڭگونى بىر ئايلىنىپ چىققان ھېسابلىنىسەن.شۇنچىلىك جاپا تارتقاندىن كېيىن ھالاۋىتىنى كۆرۈشۈڭ كېرەك.قارىسام ھازىر سەندە كېمى خىزمەت تەجرىبىسى ئىكەن، باشتا چوڭ شىركەتكە ئېسىلماي،ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرگە كىرىپ،باش دېرىكتور بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەممىگە مەسئۇل باشلىقنىڭ تەرجىمانى ياكى ياردەمچىسى بولۇپ،شىركەت دېگەن قانداق بولىدۇ،شىركەتنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئىگەللە،ئۇ چاغدا شىركەت سەندىن ئايرىلالمايدىغان بولىدۇ،شۇ شىركەتتە داۋاملىق ئىشلىگۈڭ بولسا مائاشىڭنى ئۆستۈرتۈپ ئىشلىسەڭ بولىدۇ،ئىشلىگۈڭ بولمىسا،تەجرىبەڭ بولغاندىن كېيىن چوڭ شىركەتلەرگە كىرىمەن دېسەڭمۇ ئاسانلا كىرەلەيسەن.قانداق خىزمەت قىلىمەن دېسەڭ ئاساسىڭ بولغاچقا باشتا ئازراق قىينالساڭمۇ كېيىن قىلىۋېرىسەن.”دېدى.بۇنى مەنمۇ توغرا تاپتىم.شىركەتتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئايۇمى ماڭا” مېنىڭ قاۋاقخانامنى ئېچىۋاتقان ئۈچەيلەن كېتىپ قالدى.بولمىسا سەن بېرىپ ئاچامسەن يا؟“دېدى. ئايۇمى جوڭگوغا دەسلەپتە كەلگەندە ئاكىسى دوڭ گۇەن چاڭئەندە ئاچقان بىر قاۋاقخانىنى باشقۇرغان بولۇپ ،مەن بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ كۆرگەنىدىم.ئىچى كەڭرى بولۇپ،تاملارغا يالىڭاچ ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر خىل رەسىملىرى چاپلىنىپ،ئادەمگە بەئەينى  ھېلىقىندەك سورۇندەكلا تەسىر بېرەتتى.ئۇ چاغدا ئايۇمى”ئالتۇن كۆۋرۈك“تە ئىشلەۋاتقاچقا ، قاۋاقخانىنى ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان ئۈچ ياپونلۇق ئەرگە كۆتىرە بەرگەن بولۇپ،خىجىلمۇ بولماستىن"بۇ يەرنى مەن باشقۇرغان چاغدا ئوئو ساتوۇ(ئايۇمى نىڭ دوستى،ياپونلارغا نىسبەتەن خېلى چىرايلىق ھېسابلىنىدىغان  بىر قىز،ھازىر"ئالتۇن كۆۋرۈك"تە ئىشلەيدۇ.)بىلەن ئىككەيلەن بولغاچقا پۈتۈن چاڭئەندىكى ياپونلۇق ئەرلەركۈندە دېگۈدەك كېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېتەتتى،يىگىرىمىدىن ئارتۇق قىز ئىشلەيتتى،لېكىن ھەر بىرى بىر ئۈستەلگە مەسئۇل بولغاچقا يېتىشەلمەي كېتەتتى.مانا ئەمدى بۇ ئۈچ تاغاش كېلىپ،بۇ يەرنىڭ سودىسى كاساتلىشىپ كەتتى،ئۇلارنىڭ خېرىدارنى جەلپ قىلالىغۇدەك ھېچيېرى يوق"دېگىنىدە پاراقلاپ كۈلۈۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالغانىدىم.ئەمدى ئايۇمىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،غەزەپتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم.شۇنچە يىراق شىنجاڭدىن كېلىپ،ئۆتۈپ-تېشىپ ئەمدى قاۋاقخانا ئېچىپ يۈرەرمەنمۇ؟نېمىدىگەن ئاھانەت بۇ.ئاتا-ئانام ئۆمۈر بويى ھالال ئەمگىكى بىلەن پاك ئۆتۈپ كەلگەن ھەم مېنىمۇ شۇنداق چوڭ قىلغان.ئەمدىلىكتە مەن بۇ يەرگە كېلىپ قاۋاقخانا ئېچىپ يۈرسەم نېمە بولغىنى؟!جاپا تارتساممۇ زاۋۇتتا ئىشلەپ راۋۇرۇسراق بىر خىزمەت قىلمامدىم ئەمدى.ئايۇمى ئۈچۈن قاۋاقخانا ئېچىش ئەيىب ئەمەس،لېكىن مەن دېگەن ئۇيغۇر ،مەن ئۇنىڭغا ئوخشامتىم؟!......                                                    
شۇ ئاچچىقىمدا ئەتىسىلا ئىختىساسلىقلار بازىرىغا بېرىپ،"بۇرازا" (قېرىنداش)شىركىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھانىغا قاتناشتىم.لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئەتىسى"بۇرازا"شىركىتىگە بېرىپ،يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن،يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا  قاتناشتىم.ئىمتىھاننى بىر ياش ياپونلۇق ئالدى.مېنىڭ ياپونچە راۋان سۆزلىگىنىمنى ھەم سەمىمىيىتمنى(مەن ئۇنىڭغا مېي ياڭدىن ئايرىلىشىمدىكى سەۋەپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان دېگەنىدىم.) كۆرۈپ،دەرھال ھۆرمەت تىلىدا (ھۆرمەت تىل:ياپون تىلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،ئۆزىدىن يۇقىرىلارغا ياكى قارشى تەرەپ ھۆرمەتلەشكە  تېگىشلىك دەپ ئويلىغان چاغدا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.) "سىزنى تېخنىكا بۆلمىنىڭ تەرجىمانلىقلىقىغا دەرھال قۇبۇل قىلىمەن ھەم ئۆزەم تەربىيلەيمەن.لېكىن بىر چاتاق يېرى،بىزنىڭ شىركەتتە خىزمەت تەجرىبىسىگە قاراپ مائاش بېرىلىدۇ.سىزنىڭ خىزمەت تەجرىبىڭىزگە ئاساسلانغاندا مۇشۇنچىلىكلا بېرىلىدۇ،لېكىن بۇ مائاشنى ئالسىڭىز سىزگە ئۇۋال كېتىدۇ"دەپ مائاش كۆرسەتكۈچنى كۆرسەتتى.دېمىسىمۇ بۇ مائاش مېنىڭ مېي ياڭ دىكى مائاشىمدىن خېلىلا تۆۋەن ئىدى. مەن"مەيلى،مەن باشتىن باشلاپ ئۆگىنەي دېگەن.ھازىرچە مائاشنىڭ يۇقىرى –تۆۋەنلىكى مۇھىم  ئەمەس،ئۆگىنىش مۇھىم"دېدىم.ئۇ ياپونلۇق"ياق،سىز بۇنىڭدا ئۇۋال كېتىسىز.لېكىن بۇ تۈزۈم،ھازىرچە مەن بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.مۇنداق قىلايلى،مۇبادا بۇ پۇلنى قۇبۇل قىلالىسڭىز ھەم بىزنىڭ شىركەتكە كىرىشنى خالىسىڭىز كىرىڭ،ھازىرچە مۇشۇ مائاشنى بېرىمىز،لېكىن سىناق ۋاقتىڭىز توشقاندىن كېيىن مەن ئۆزەم يۇقىرىغا ئىلتىماس قىلىپ مائاشىڭىزنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلاي،بولامدۇ؟"دېدى.مەن قوشۇلدۇم.ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،ئايۇمىنىڭ ماڭا خىزمەت ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىقى ئۈچۈن تېلىفۇن قىلىپ،"بۇرازا"دىن خىزمەت تاپقانلىقىمنى،شۇ يەردە ئىشلىگۈم بارلىقىنى،ئۆگۈنلۈككىدىن  باشلاپ رەسمىيەت بېجىرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئايۇمى بۇنى ئاڭلاپ مائاشىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىنى،ئۇ يەردە ئىشلىسەم ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى،ئەگەر مېنىڭ ئۇنچىلىك خىزمەتنى قۇبۇل قىلىدىغان ئىشىم بولسا،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق خىزمەتنى دەرھال تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ،سىلىق رەت قىلدىم.ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئايۇمى تېلىفۇن قىلىپ،ئەتە ئۈچ شىركەتكە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى،بولسا مېنىڭ قاتنىشىپ بېقىشىمنى ،مۇۋاپىق بولسا تاللىشىمنى،مۇۋاپىق بولمىسا بۇرازاغا بارساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مېنىڭچىمۇ"بۇرازا"نىڭ مائاشى ئاز  ئىدى،شۇڭا سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئايۇمىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدۇم.ئەتىسى بىرىنچى بولۇپ،دوڭ گۇەن چاڭئەن دىكى"كامى كاۋا"شىركىتىگە باردۇق،ئوكۇ مۇرا جيوۇ مۇ(ئوكۇ مۇرا:ياپوننىڭ فامىلىسى، جيوۇ مۇ :ياپون شىركەتلىرىدىكى ئەمەل نامى،جوڭگونىڭ شىركەتلىرىدىكى خوجايىندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندىكى تۇرىدىغان مۇئاۋىن باش دېرىكتور بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.)مېنى  ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىكلىكىگە دەرھال قۇبۇل قىلغۇسى بارلىقىىنى ئېيتتى.مەن ئايۇمى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن مۇشۇ شىركەتكە كىرىشنى قارار قىلدىم.قايتىش يولىدا ئەكرەم ماڭا ئۇچۇر قىلىپ، بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ مۇشۇنداقلا يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.يەنە نەچچە كۈن ئۆتتى، روزى ھېيت كۈنى ئىدى، ئۇ تېلىفۇن قىلىپ  ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.بۇ ماڭا خۇددى ئايرىلىش تېلىفۇنىدەك بىلىندى.ئەزەلدىنلا مۇھەببەت ئاساسىمىز ئاجىز بولغان ئىككەيلەن قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئىچكىرىدە جاپانى تەڭ تارتىش،كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا يەنە بىر تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىش،رىغبەتلەندۈرۈش،تەسەللى بېرىش ئۈچۈنلا يۈرگەندەك قىلاتتۇق.شۇڭىمۇ ئىككەيلەننىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ شىنجاڭغا قايتىشى مۇھەببىتىمىزنىڭ خاتىمىسىدىن دېرەك بېرەتتى.بۇرۇنقى ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە خىيالىمدىن كەچتى. دالىيەندە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلىدىغان شىركەتنىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئاشخانىسى يوق بولغاچقا،چۈشتە  ئاپتوبۇستا ئىككى بېكەت  ئولتۇرۇپ،بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يەيتتىم.ئۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى قىممەت بولمىسىمۇ، كۈندە ئارتۇق  ئاپتوبۇس كىراسىنى تۆلەيتتىم،شۇنى خىيال قىلىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،شىركەتنىڭ يېنىدىلا بىر ئالى مەكتەپنىڭ بارلىقىنى بايقاپ،كىرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كىرسەم بىر ئۇيغۇر بالا كىردى،ئارقىدىنلا بىر توپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتلەر كىرىپ،ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەسمۇ.خۇشالچىلىقىمدا ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى  بۇ يەردە ئۆزەم يالغۇز بىر ئۇيغۇر،تولىمۇ ئۇيغۇرسىراپ كەتكەنىدىم.ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇم،شۇنداق قىلىپ ئەكرەم بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.شېنجېنغا يولغا چىققۇچە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.شېنجېنغا كېلىپمۇ ئالاقىلىشىپ تۇردۇق،ئۇ چاغقىچە ئۇمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،خىزمەتكە چۈشتى. شۇ جەرياندا بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشۇپ، يۈرۈپ قالغانىدۇق.مەن ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا،كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسام،ئۇ تەسەللى بېرەتتى،رىغبەتلەندۈرەتتى.بەزى چاغدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ،مېنىڭ ئىشىمغا كۈچەيتتى.بۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىپ،ئورنۇمدىن تۇراتتىم.دائىم ئۇنىڭ"سىز بەك قالتىس،نېمە  ئىش قىلسىڭىز قوللايمەن.پۇلۇم بولسا پۇلۇم بىلەن،پۇلۇم بولمىسا روھىم بىلەن قوللايمەن،قورقماي ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ...... "دېگەن سۆزلىرى ماڭا مەدەت بولاتتى.ھاياتىمدا مۇشۇنداق بىر ئېسىل يىگىتكە ئۇچراپ قالغىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن ھەم چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.رەھمەت سىزگە  ئەكرەم.مېنىڭ ھازىرچە شىنجاڭغا قايتىش خىيالىم يوق،شۇڭا سىزنىڭ بەختىڭىزنى تېپىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلسام بولمايدۇ،سىزنى ئەمدى ئاۋارە قىلمايمەن.سىزگە بەخت يار بولغاي!شۇلارنى ئويلىغاچ تېلىفۇننى قويدۇم......                                    
                                                                   (4)                                        
”كامى كاۋا“دا بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ، زەربىدارلارچە ئىشلەشكە باشلىدىم.بىلمىگەنلىرىمنى سوراش(مېنىڭ كۆزىتىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارىم تۆۋەن،ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ ئۆگىتىپ قويۇشىغا تايىنىپ ئۆزلەشتۈرىمەن.)،بىرسى ئېنىق چۈشەندۈرەلمىسە يەنە بىرسىدىن سوراش،جوڭگولۇقلار ئېنىق چۈشەندۈرەلمىسە ياپونلاردىن سوراش(ئەمىلىيەتتە ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىم ياخشى چۈشەندۈرەتتى،لېكىن مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچقا بىر قېتىم چۈشەندۈرگەنلەرگە ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمەيتتىم.شۇڭا ئوخشاش سۇئالنى يەنە بىر قېتىم سورىسام،بەزىلەر قايتا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى،بەزىلەر قايتا چۈشەندۈرمەيلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلاتتى.مەن قاچان چۈشىنىۋالغۇچە سوراپ تۇرۇپلىۋالاتتىم.ھەتتا ئوخشاش بىر سۇئالنى بىر قانچەيلەندىن سورايتتىم. جوڭگولۇقلار چۈشەندۈرۈپ،زادى چۈشىنەلمىسەم،ياپونلاردىن سورايتتىم.ياپونلار بىلەن جوڭگولۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيىسى قارمۇ –قارشى بولۇپ،بىرى،ياپونلار خۇشاللىق بىلەن ئەستايىدىل چۈشەندۈرىدۇ،يەنە بىرى،ياپونلار ئاددى،ئاممىباپ قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.شىركەتتە يەتتە ياپونلۇق بولۇپ،قايسىسىدىن سورىسام شۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى.شىركەتتىكىلەرمۇ بىلمىسە سونىي(            
- شىركەت خېرىدارى)                                                      SONY
دىكىلەردىن سورايتتىم.مۇشۇنداق سوراش نەتىجىسىدە شىركەتتىكى  جوڭگولۇقلار ئارىسىدا"خەلچىگۈل ئاۋارىچىلىق،سۇئال سوراپ سېنى بىر تۇتۇۋالسا،ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ"دېگەن گەپ تارقىلىپتۇ،بۇنى كېيىن ياتاقدىشىمدىن ئۇقتۇم.لېكىن شىركەتتىكى،سونىيدىكى ياپونلار  ماڭا ئامراق بولۇپ قېلىپ،شۇ ئارىدا شىركەتتىكى ھىرانو ئەپەندى(بۇرۇن سونىيدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ،كامى كاۋا تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ"كامى كاۋا"غا كىرگەن)،سونىيدىكى ئىتوۇ ئەپەندى بىلەن دوست بولۇپ قالدىم. سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز،جوڭگولۇقلار تاقەتسىز بولۇپ،ئوخشاش سۇئالنى قايتا-قايتا سورىسىڭىز ئۇلارنىڭ ئاسانلا جۇدۇنى ئۆرلەپ قالىدۇ.لېكىن مەن مۇشۇنداق سوراپ ئۆگەنگىنىم ئۆگەنگەن.مەنمۇ گۇاڭ دوڭ دا پۇت تىرەپ قېلىشىم كېرەكقۇ ئاخىر.كۈندۈزى خىزمەت قىلىش،كەچلىكى سېخقا بېرىپ ئۆگىنىش،سېمىنا قوشۇپ ئىشلەش بىلەن كۈنۈم ئۆتتى.شىركەت بىلەن ياتاق ئارىلىقىدا يۈرۈپ،تالا-تۈزگىمۇ چىقمايتتىم.بىرلا كۈن دەم ئالىدىغان يەكشەنبە كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۆيگە بىر تېلىفۇن بېرىپ ،ئامانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپلا،بىر كۈنلىك يېمەك-ئىچمەكنى ئەپ كىرىپ قويۇپلا،ئۇيقۇغا كېتەتتىم.چۈشتە،كەچتە تەڭشەپ قويغان سائىتىم جىرىڭلىسا ئورنۇمدىن تۇرۇپ،تامىقىمنى يەپ بولۇپ،يەنە ئۇخلايتتىم.دوست-يارەنلىرىم بىلەن ئالاقەمنى ئۈزدۈم.بىر مەزگىل ئۆتۈپ،ئۆزەمنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.بەزى چاغدا يېڭىدىن تۇنۇشقانلار نېمىشقا ئىسمىمنىڭ بۇنداق ئۇزۇنلىقىنى سورىسا،مەن ئۇيغۇر،شىنجاڭ تۇرپاندىن كەلگەن دەپ چۈشەندۈرۈپ،توغرا،مەن ئۇيغۇر ،تۇرپاندا ئائىلەم بار ھە  دەپ ئۆزۈمنىڭ كىملىكى  ئېسىمگە كېلەتتى.پەقەت بىرەر چوڭراق يېڭىلىق بولسا ئۆزەمنىڭ ئامانلىقىنى بىلدۈرۈش ھەم يېڭىلىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، ئېلخەت ئادرىسى بارلىكى  بارلىق  ئۇيغۇر،خەنزۇ،ياپون دوستىلىرىمغا ئېلخەت ئېۋەتىپ قوياتتىم.                        
شىركەتتىكىلەرنىڭ يېتەكلىشىدە مەن خىزمەتتە خېلىلا تېز ئىلگىرلىدىم. ئوكۇ مۇرا ئاتام دېمەتلىك گەپلىرى قوپال،ناھايىتىمۇ ئاچچىقى يامان ئادەم بولۇپ،مېنى ئالاھىدە يېتەكلەيتتى. ئۇنىڭچە بولسا ۋېي چىچىن(ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش بۆلمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ) نى ئوڭ قول ياردەمچى،مېنى سول قول ياردەمچى قىلغۇسى بار ئىدى،شۇڭا مېنى كۆپ خىل ئىقتىدارلىق خادىم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن كۈچەيتتى.مېنى باشتا سېخ بىلەن تۇنۇشۇشقا ئورۇنلاشتۇردى،مەنمۇ كۈندۈزى ئىشلەپ                    
مۇناسىۋەتلىك خىزمەت) ROHS(
،كەچلىكى سېمىنا قوشۇپ ئىشلىگەچ،سېخقا كىرىپ ئۆگەندىم،بىر مەزگىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مېنى شىركەتتىكى يىغىنلارغا  قاتناشتۇرۇپ،ئېغىزچە تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.خەنزۇ تىلى سەۋىيەمگە قەتئى ئىشەنچىم بولمىغاچقا قارشى تەرەپ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كۈندە ئاغزىمنى ئۆمەللەيتتىميۇ قورقۇنچىمدا ئاغزىمدىن گەپ چىقمايتتى.يەنى ئۆزەمنى يېڭەلمەيتتىم.بۇ ئەھۋال شۇنچىلىك ئۇزۇن داۋاملاشتىكى،بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىقاي دەپ تۇرغاندا ئوكۇ مۇرا مېنى چاقىرتىپ،"تەرجىمە قىلغاندا ئاغزىڭنى ئېچىپ يۈرەكلىك سۆزلىشىڭ كېرەك"دېدى.مەن خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلاپ"مەن قىلالمايمەن،قورقىدىكەنمەن"دېدىم.ئۇ ماڭا قاراپ ئىچ ئاغرىتتىمۇ بىلمىدىم،"مەيلى ئەمىسە،ئاستا-ئاستا كېلەيلى"دېدى.دېگەندىكىدەك شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى ئوننەچچە ئادەم قاتنىشىدىغان يىغىنلاردا تەرجىمە قىلدۇرمايدىغان بولدى،لېكىن مېنى شۇ يىغىنلارغا قاتناشتۇردى.بىر ياكى ئىككەيلەن بىلەن ئاددى سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا مېنى چاقىرىپ تەرجىمە قىلدۇردى،بۇنىڭدا مەن ئانچە جىددىلىشىپ كەتمەيتتىم ھەم ئازراق ئاۋازىمنى چىقىرىپ تەرجىمە قىلالايتتىم.شىركەتتە باشقا نەچچە يىللىق تەجرىبىسى بار تەرجىمانلارمۇ بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ خېلى يۇقىرى ئىدى،گەرچە جوڭگولۇقلار سۆزلىسە نېمە؟نېمە؟دەپ سوراپ يۈرۈپ،ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى زورۇقۇپ چۈشەنسەممۇ،ئوكۇ مۇرا نىڭ گېپىنى بىر ئاڭلاپلا چۈشىنەتتىم،ھەم جوڭگولۇقلارنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلغاندا تەكەللۇپ بىلەن سۆزلەنگەن چىرايلىق ياپون تىلىدا  ياپونلۇقلار ئاسانلا چۈشىدىغان قىلىپ تەرجىمە قىلاتتىم.بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك شىركەتتىكى ھېچقانداق بىر تەرجىماندا يوق ئىدى.(كاۋا كامى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياپون تىلى ئۆگەتكەن چاغدا پۈتۈنلەي ياپونچە سۆزلەپ ھەم بىزنى ياپونچە سۆزلەتكۈزگۈزۈپ،تەپەككۈر قىلدۇرۇپ،ياپون تىلىنى بىزنىڭ ئىككىنچى ئانا تىلىمىزغا ئايلاندۇرغانىدى.) ئوكۇ مۇرا گەرچە ئۆزىنىڭ  گېپى  قوپال بولسىمۇ،سىلىق گەپ ئۆتىدىغان ئادەم ئىدى،بۇنداق تەكەللۇپ سۆزلەر  ئۇنىڭغا تولىمۇ ياقاتتى.ئۇنىڭ  ناھايىتى تېز ئاچچىقى كېلىدىغان بولغاچقا،بىرەر مەسىلە چىقسا  دەرھاللا قارشى تەرەپكە  ۋارقىراپ چۈشۈپ كېتەتتى. مەن بۇنىمۇ ئامالبار سىلىق تەرجىمە قىلاتتىم.بۇنىڭغا ئوكۇ مۇرانىڭ نارازىلىقى بولسىمۇ ماڭا ئوچۇق دەپ باقمىغانىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم،مېنىڭ ئويلايدىغىنىم ئۇ نېمىگە ئاساسەن جوڭگولۇقلارغا خالىغانچە ۋارقىراپ،ئۇلارنى تىللايدىكەن؟ياپونلار ھەقىقەتەن خىزمەتتە ئەستايىدىل،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدۇ،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ كۈچلۈك.ئۇلار شۇنىڭغا تۇشلۇق يۇقىرى مائاش ئالىدۇ. لېكىن جوڭگولۇقلار تۆۋەن مائاش ئالىدۇ.(گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ مال باھاسىدا زور پەرق بولسىمۇ)ئۇلارغىمۇ ئاسانمۇ؟ ئۇلار بۇ يەرگە  پۇل تاپقىلى كەلگەن،ئوكۇ مۇرانىڭ تىلىنى ئىششىتقىلى كەلمىگەن.بېرىدىغىنى ئارانلا شۇنچىلىك مائاش،ئوكۇ مۇرا نېمىىسىگە ئۇنچىلىك  تىللىغۇدەك؟!مەن يەنە نېمىشقا  ئوكۇ مۇرانىڭ ئەينى گېپىنى تەرجىمە قىلغۇدەكمەن؟زادى بەك نارازى بولسا مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتەر شۇ...                                                                  
شىركەتتە توختىماستىن سۈپەت مەسىلىسى چىقىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرى ئوكۇ مۇرا مېنى چاقىرتىپ، چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى،مېنىڭ تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ئېيتتى،مەن ھودۇقۇپ،دەرھال"يىغىن نېمە توغرىلىق؟"دەپ سورىسام ئۇ كۈلۈپ،"ئەندىشە قىلمىساڭمۇ بولىدۇ،مەن سۆزلىسەم  شۇنى تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلا بولىدۇ"دېدى. يىغىن باشلاندى.شىركەتتىكى چوڭ-كىچىك باشلىقلارنىڭ ھەممىسى چاقىرتىلغانىدى.بۇ ئەمىلىيەتتە تەنقىد يىغىنى ئىدى،ئوكۇ مۇرا ھەممەيلەننى بىر-بىرلەپ تەنقىد قىلىپ،تۇرۇپلا غەزىپى  ئۆرلەپ،جوڭگولۇقلار ئاقچى،جوڭگولۇقلار كۆكچى دەپ تىللىغىلى تۇردى.مەن ئۇ تىللىغان يەرنى تەرجىمە قىلماي،جىم تۇردۇم.ئۇ"نېمە گەپ قىلماي تۇرىسەن؟گەپ قىلە"دېدى.مەن"سېنىڭ جوڭگولۇقلارنى تىللايدىغان ھوقوقىڭ يوق"دېدىم.ئۇ قاتتىق ئاچچىقلىدىيۇ،ئارتۇق-تۆشۈك بىر نېمە دېمەي،يىغىننى ئاياقلاشتۇردى.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ تىللىغىنىنى مەن تەرجىمە قىلمىساممۇ،ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەپتىدىنلا ئادەم تىللاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،يەنە كېلىپ"باكا"دېگەندەك ئادەم تىللايدىغان گەپلەرنى ياپون تىلى بىلمەيدىغانلارمۇ چۈشىنىدىغان تۇرسا.                                                              
يىغىندىن تارقاپ ئىشخانىغا كىرسەم،نەچچەيلەن توپ بولۇشۇپ،ئوكۇ مۇرا نىڭ بايىقى گەپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋېتىپتۇ.مېنى كۆرۈپ،ھەممەيلەن"قايتىپ كەلدىڭ ؟"دېگەندەك دوستانە نەزەردە قاراشتى.مەن شىركەتكە كىرگەندىن بۇيان ياپونچەمنىڭ خەنزۇچەمگە قارىغاندا ياخشىلىقى،ياپونلۇقلار بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى بىلەن بەزى  جوڭگولۇق خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا"چەت ئەلگە چوقۇنىدۇ"دەپ قارىلىپ،بىر خىل كۆزدە قارالغان بولساممۇ،بۇ قېتىم ئۇلار مېنى قايتا تۇنۇۋاتقاندەك قاراشتى.ھەتتا شىركەتكە كىرگەندىن بۇيان مەن ئىزچىل"كۆزىگە قادالغان مىخ"بولۇپ،مېنى شىركەتتىن چىقىرىۋېتىشنىلا پىلانلاپ،خىلمۇ-خىل توزاق قۇرىدىغان ۋېى چىچىن چېغىدا"خەلچىگۈل قورقماس جۇمۇ،بۈگۈن ئوكۇ مۇرا نىڭ پۇچەك گەپلىرىنى تەرجىمە قىلماي،تازا ياخشى قىلدىڭ"دەپ ماختاپ كەتتى.گەرچە بۇ ھىلىگەر بىر ئادەمنىڭ يەنە ئاللىقانداق مېنى پۇتلايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ،ئېيتقان سۆزى بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۆز ئىدى.                
ۋېى چىچىن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلاجەمىيەتتە بىر نەچچە يىل يۈرۈپ،ئاندىن دوڭ گۇەنگە كېلىپ،كامىكاۋا دا ئىشلەپ،خوجايىننىڭ ئاشنىسى (شىركەتنىڭ مالىيە  مەسئۇلى. ئادەتتە ياپونلۇقلار ئاشنا تۇتسا،ئاشنىسىنى خىزمەتكە ئارلاشتۇرمايدۇ.لېكىن كامى كاۋا(شىركەت خوجايىنى)ئۇياقنى ئاشنىلا قىلىپ بېقىپ،پۇلىغا چىدىمىدىمۇ بىلمىدىم،ئاشنىسىنى ياپونچە ۋە مالىيە ئۆگىنىشكە ئېۋەتىپ،شىركەتنىڭ مالىيە  مەسئۇلى قىلغان.ئۇياق شۇنداق تېتىقسىزكى،تۆۋەندىكىلەرنىڭ پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ،ئىشچىلارنى قاڭغىرقاق قاقشىتىپ،شۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزى ئالامەت كۆپ بايلىق توپلىغان.بۇنى كامى كاۋا بىلمەيدۇ دېسە مەن ئىشەنمەيمەن.)بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى،كاللىسىنى ئىشلىتىپ،خىزمەت قىلىدىغانلىقى،ھەر قانداق مەسىلە بولسا بىر ئامال قىلىپ(قەھرى-غەزىپى بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى قورقىتىپ بولسىمۇ) بېجىرەلەيدىغانلىقى بىلەن بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەپ ئىشلەپچىقىرىش بۆلمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى،ئوكۇ مۇرانىڭ بىردىنبىر جوڭگولۇق ياردەمچىسى بولغان.مەن تېخى شىركەتكە كەلمەيلا ئوكۇمۇرا مېنىڭ ياتاق،خىزمەتلىرىمنى ئۆزى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان،شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ماڭا پەۋقۇلئادە كۆڭۈل بۆلۈپ،تەربىيلىگەن بولغاچقا ئوكۇمۇرانىڭ مېنى تەربىيلەپ ئۆزىنىڭ ئورنىغا دەسستىشنى،ھېچبولمىغاندا ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماقچى بولۇۋاتقىنىنى ئاللىقاچان سەزگەن بۇ خۇ بېيلىق قاقۋاش مېنى دۈشمەندەك كۆرەتتى ھەم ئامال قىلىپ مېنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ چوتىنى سوقاتتى.مەن بەكلا ساددا بولغاچقا ئۇنىڭ توزاقلىرىغا چۈشۈپ تۇراتتىم.بۇ توزاقلارغا چۈشمەسلىكنى ئويلايتتىميۇ،بەزىدە ئامالسىز ئىدىم،بەزىدە ئەقلىم يەتمەي نېمە قىلىشنىمۇ بىلمەي  ئۇدۇل كەلگەن يولغا ماڭاتتىمدە،يەنە ئۇنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ سالاتتىم.لېكىن شېنجېن دىكى ئىككى شىركەتتە ئىشلەپ مەغلۇپ بولۇش جەريانىدا،خىزمەتتىكى ئەڭ چوڭ  توسالغۇنىڭ باشقىلار ئەمەس،دەل ئۆزەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەچكە،ھەم ۋېى چىچىندەك باشلانغۇچنىلا پۈتتۈرگەن،ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاران مۇشۇ كۈنگە ئېرىشكەن بولغاچقا ھازىرقى ئورنىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغدايدىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن مېنىڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىمنى چۈشەنگەچكە،ئەڭ مۇھىمى ئوكۇ مۇرانىڭ قول ئاستىدا ئۇزۇن تۇرۇش خىيالىم بولمىغاچقا(ئوكۇ مۇرا ياپونلارغا نىسبەتەن بىر سەۋىيىسىز  ئادەم،ئۇنداق بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى باشقىلارغا ئاچچىقلاش ئارقىلىق ھەل قىلىپ يۈرمەيدۇ،ئىقتىدارى بولسا خۇددى ئېي مورى غا ئوخشاش تەدبىرى  ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. بۇنداق سەۋىيىسىز(ئوكۇ مۇرا نى سەۋىيىسىز دېگىنىم بىلەن مەن ئۇنىڭدىن نەچچە يۈز ھەسسە سەۋىيىسىز،تەجرىبىسىز.مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم مەن سەۋىيىلىكرەك رەھبەرگە موھتاج دېمەكچى.) ئادەمنىڭ قول ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرسام مەنمۇ شۇنداق باشقىلارغا ئاچچىقلىنىپ،شۇ ئارقىلىق ئىش ھەل قىلىدىغان بولۇپ قالىمەن.ئەپسۇسكى،بۇ مېنىڭ مىجەزىمگە ماس كەلمەيدۇ،شۇڭا پۇرسەتنىڭ بارىدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ،ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن،كامى كاۋا دىن ئايرىلىش كېرەك. "يالغۇزنىڭ يارى خۇدا"دەپتىكەن،خۇدايىم بار،مېنى بالا-قازالاردىن ساقلايدۇ.ئازراق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسام نېمە بوپتۇ،ياپونلۇقلارمۇ"مۇقەددەس مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق خورلۇققا چىداش كېرەك"دەيدىكەنغۇ...دېگەننى خىيال قىلىدىغان بولغاچقا،ۋېى چىچىننىڭ توزاقلىرىغا پەرۋا قىلماي،ئۆزەمنىڭ يولىدا مېڭىۋەردىم.لېكىن مەنمۇ ئادەم،مەندىمۇ كۆڭۈل بار،بەزىدە ۋېى چىچىننىڭ بوزەك قىلىشلىرىغا چىدىماي قالاتتىم.بولۇپمۇ ئوكۇمۇرا ياپونغا كەتكەن چاغلاردا،ۋېى چىچىن ماڭا بولغان دېكتاتورىنى قاتتىق كۈچەيتەتتى،ماڭا قەستەن  قىيىن ئەھۋالغا قويىدىغان خىزمەتنى بېرىپ،تۈگىتىشىمنى  بويرۇيتتى،ئەمىلىيەتتە ئۇ مەن قىلىدىغان خىزمەت ئەمەس ئىدى،لېكىن"كامى كاۋا" دا تۈزۈلمە ئۇنچىلىك مۇكەممەل بولمىغاچقا،مەن ئۇ بويرۇغان خىزمەتنى قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم،ئازراقلا خاتالىق چىقىپ قالسا،مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا مېنى تەنقىدلەيتتى."خەلچىگۈل بەك ناچار،ئۇنى"كامى كاۋا"دىن  چىقىرىۋېتىش كېرەك"دەيتتى ئۇ.لېكىن خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۇڭگۇز بەرمىگەندەك مەن ۋېى چىچىن نىڭ ئەمەس،ئوكۇمۇرانىڭ بىۋاستە قول ئاستىدا بولغاچقا ،ئۇ مېنى چىقىرىۋېتەي دېسىمۇ چىشى پاتمايتتى.شۇڭا تىرىشىپ بەزىدە ھەتتا ئۆزىنىڭ يۈزىنىمۇ ئويلىشىپ قويماي،ئۆزلۈكىمدىن شىركەتتىن چېكىنىشىم  ئۈچۈن  مېنى قەستەن قىيىن ئەھۋالغا قوياتتى.بىر كۈنى ئۇ پۈتۈن بىر كۈن مېنى تەنقىدلىدى،مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتالماي توختىماستىن يىغلىدىم.(ئەمىلىيەتتە مەن ئۇ دېگەندەك ئۇنداق"ناچار"ئەمەس ئىدىم،پەقەت خىزمەت ئىقتىدارىم تەڭپۇڭسىز ئىدى،يەنى بەزى جەھەتتە ھېچكىم ماڭا يېتەلمەيتتى،بەزى جەھەتتە بولسا مەن باشقىلارغا يېتەلمەيتتىم.ئەلۋەتتە،خىزمەتتە ھەممەيلەننىڭ ئارتۇقچىلىقى،كەمچىلىكى بولىدۇ،لېكىن مېنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىم باشقىلارغا قارىغاندا تولىمۇ روشەن ئىدى.خىزمەت جەريانىدا بۇ كەمچىلىكلىرىمنى تىرىشىپ تۈزىتىپ كېتەلەيدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم.ئوكۇ مۇرا مۇ ئىشىنىپ،ماڭا تولىمۇ ئۇمىد بىلەن قارايتتى.شۇغىنىسى،ئەزەلدىن ماڭا ئۆچ ۋېى چىچىنغا مېنىڭ كەمچىلىكلىرىملا كۆرۈنۈپ،ئارتۇقچىلىقلىرىم كۆرۈنمەيتتى.قىسقىسى،بۇ نامەرد مېنى بوزەك قىلىۋاتاتتى.كارامىتىڭ بولسا سەنمۇ تىرىشمامسەن دېگۈم  كېلەتتى.توۋا،مەن  بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەرگە پاتمىقى نېمانداق تەس،مەن ياكى ئۇنىڭ ھوقوقىنى تارتىۋالىمەن دېمىسەم،پەقەت ئۆزەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىلا قىلىۋاتىمەنغۇ.ئۇنىڭ  مېنى بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە بوزەك ئېتىشى ئوكۇمۇرا قايتىپ كەلگىچە داۋاملىشىپ،ئۇندىن كېيىن يەنە ئادەتتىكىدەك ئىدى.قىرىق ياشتىن  ئاشقان بىر ئەر تۇرۇپ مۇشۇنداق ياشاشتىن خىجىل بولساڭچۇ دەپ ئويلايتتىم مەن.                                                              
ئوكۇ مۇرانىڭ ماڭا تىنماي يېڭى خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇشى بىلەن،مېنىڭ خىزمەت مىقدارىم ئاللىقاچان ئالىدىغان مائاشىمدىن ئېشىپ كەتكەچكە،ئوكۇمۇرا دىن مائاشىمنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم،ئۇ قوشۇلدى.كېلەر ئايلىق مائاش كۆرسەتكۈچكە قارىسام ئاران بەش يۈز سوم ئۆستۈرۈپتۇ.ھېچبولمىسا 1000سوم ئۆستۈرۈشى كېرەكتىغۇ.مەن يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن قايتا مائاش ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاشتىم.كامى كاۋا دا توختىماستىن ئۆگىنىپ،ئىشلەپ،گەرچە خىزمەت جەھەتتە خېلىلا ئىلگىرلەپ كېتىۋاتقان بولساممۇ، دوستلىرىم بىلەن ئالاقەمنى ئۈزۈشۈم،ئۇزۇم مەزگىل پەلسەپە،تۇرمۇش ساۋاتلىرى توغرىلىق كىتاپ-ماتىرىياللارنى كۆرمەسلىكىم،باشقا بارلىق قىزىقىش-ھەۋەسلىرىمنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ،خىزمەتلا قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزەمنى دۆتلىشىپ،غەلىتىلىشىپ كېتىۋاتقاندەك،قىسقىسى ئۆزەمنى ئۆزەم ئەمەستەك ھېس قىلدىم.خىزمەت-جان بېقىش ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىش نېمىدېگەن قورقۇنچىلىق ھە!بۇندىن كېيىن ئىمكانىيەت بارلىكى  ئىشلارنى قىلىپ،ئۆزەمنى ئەسلىگە قايتۇرۇشۇم كېرەك.ياپون تىلى ئۆگىنىپ،كۈندىلىك خاتىرە يازالايدىغان بولغاندىن بېرى ئىزچىل ياپونچە يېزىپ كېلىۋاتقان  كۈندىلىك خاتىرەمنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا باشلىدىم. ۋاقتىم يەتسىلا "مەن ئۇيغۇر،يىراقتا ئاقكۆڭۈل،تۈز ئاتا-ئانام،قېرىنداشلىرىم،دوستلىرىم بار،مېنىڭ قەلبىم شىنجاڭدا"دەپ ئۆزەمگە خىتاب قىلىپ تۇرىدىغان بولدۇم.                                        
بىر كۈنى ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام،ئاپامنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالغانىكەن.كېسىلىغۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق ئېغىر ئەمەس ئىدى،لېكىن ئاپام ھەر قېتىم كېسىلى قوزغىلىپ قالسا روھى جەھەتتىن بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتەتتى،بۇ قېتىممۇ تېلىفۇننى ئېلىپلا مېنى كۆرگىسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى.شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ،يۇرتنى شۇنچىلىك سېغىنساممۇ چىداپ،قەستەنگە سېغىنمىدىم دەپ ئۆزەمنى ۋە باشقىلارنى ئالداپ كەلگەنىدىم.چۈنكى ئۆيدىكىلەر مېنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستلەرنى  قوللىنىپ كەلگەنىدى،مەن بولسام ئىچكىرىدە ئىشلىگۈم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنىدىم.ئۆيدىكىلەر"ئۆينى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟"دەپ سورىسا،يالغاندىن"سېغىنمىدىم،بۇ يەر ياخشى ئىكەن،ئەكرەم-ئازادە"دەيتتىم،ئۇكام ئاچچىقلىنىپ"ساڭا ئابدۇللانىڭ"كېچەلمەيمەن"دېگەن ناخشىسىنى ئېۋەتىدىغان يېرىگە كەپتۇ"دەپ كېتەتتى.ئاپام"تېنچ-ئامان قايتىپ كېلىشىڭىزنى تىلەۋاتىمەن"دەپ بىر ئوبدان گەپ قىلسا،جۇدۇنۇم ئۆرلەپ"سەن دائىم مېنىڭ قىلغۇم كەلگەن ئىشنى قىلغۇزغىلى قويمايسەن،مېنىڭ ئىشلىرىمغا توسقۇنلۇق قىلىپلا تۇرىسەن"دەپ سۆزلەپ كېتەتتىم.ئاپام چۆچۈپ"ئۇ ياقتا بىرەرسىنى تېپىۋالدىڭمۇ ياكى بىرى سېنى ئوقۇتىۋەتتىمۇ؟"دەپ سورايتتى. "ھەي،نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن،ئۇنداق ئىش يوق.مېنىڭ بۇ يەردە ياخشىراق ئىشلىگۈم بار شۇ"دەيتتىم.بۇنداق سۆھبەتمۇ تالاي قېتىم داۋاملاشقانىدى.بۇ قېتىم ئاپام يىغلىۋىدى،يۈرىكىم باشقىچىلا بولۇپ كەتتى،تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاپىنىمۇ مۇشۇنداق يىغلاتقان بارمۇ؟!"ئاپا،ئەمىسە رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بارسام باراي،لېكىن بۇ يەرگە يەنە قايتىپ كېلىشىمگە قوشۇلساڭلار بارىمەن،بولمىسا بارمايمەن"دېدىم.ئاپام"قوشۇلىمىز"دېدى.شۇ كۈنى رۇخسەت سوراپ،چۈشتىن كېيىن ئايرۇپىلان بېلىتىنى زاكاس قىلىپ،ئەتىسىلا يولغا چىقتىم.يېنىمدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق خەنزۇ ئايال ئۇرۈمچىدە بىر كىچىك قاشتېشى دۇكىنى بار سودىگەر بولۇپ،ئىككەيلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق.بىر چاغدا ئۇ ماڭا"قارا،شىنجاڭغا كىردۇق"دەپ تۆۋەننى كۆرسەتتى،مەن خۇشالچىلىقىمدا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىقىرىۋېتىپ،كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ كەتتىم،ئۇ تەمكىنلىك بىلەن"ئۆزەڭنى بېسىۋال،بولدى ئولتۇرۇۋالغىن"دېدى. كىم مېنى شىنجاڭنى سېغىنمىدى دەيدۇ!خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى،قىلغىلى قىلىق تاپالماي،ئۇ ئايالنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ،بېشىمنى مۇرىسىگە قويدۇم. ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويدى.                    
ئۆيدىكىلەر،تۇرپان ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتتى.ئاپام باشلىق ئۆيدىكىلەر يەنە قۇلىقىمنى ئاغرىتىپ،مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم ئۈچۈن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى.ئاپام مېنى يېسىۋىلەكنى يۇيۇپ توغراشقا بۇيرۇۋىدى،بىر  ھازادا توغراپ بولسام،ئاپام"ئىشتا سۇزلىقىڭ سېنىڭ،مۇشۇ ھالىڭغا ئۆزەڭنى چاغلىماي تاغ ئاتلاپ كەتكىنىڭ تېخى،شۇنىڭغا ئەجەپ ھەيرانمەن"دېدى.بۇ گەپكە گەپ قىلماي جىم تۇردۇم،دېمىسىمۇ ھەركىتىمنىڭ ئاستا ھەم كالاپمايلىقىم  راست ئىدى. بىر كۈنى سەھەردە ئۇخلاۋاتسام،ئاپام ھە دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى  چاقىرىپ ئويغىتىۋاتاتتى."نېمە بولدى؟"دەپ سورىسام،"غېنى ئاكاش(ئىككىنچى ئاچامنىڭ يولدىشى)نىڭ ئىدارىسىگە بارمامسىز؟"دېدى.شۇندىلا تۆنۆگۈن ئاپامغا غېنى ئاكامنىڭ ئىدارىسىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا قوشۇلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى.كۈي ئوغۇل ئاكاش بىر ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا ئادوۋكات ئىدى،ئۇ ئۆيدىكىلەرگە مېنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۆزىگە ياردەملەشكەچ،ئادوۋكاتلىقققا ئىمتىھان بېرىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن بىرلىشىپ،بىر ئادوۋكاتلىق ئورنى قۇرۇپ،بىللە يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى ئېيتقاندا،چوڭلار دەرھال قوشۇلۇشۇپ،ماڭا دائىم بۇ ئىشنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.بۇ ھەممەيلەننىڭ ياخشى كۆڭلى بولغاچقا مەنمۇ بىراقلا رەت قىلماي،"ماقۇل،كېيىنچە بىر گەپ بولار"دەپ جاۋاپ بېرىپ تۇرغانىدىم.مەن4يىل قانۇن ئۆگەنگەن بىلەن،قانۇن توغرىلىق ھېچنىمە بىلمەيتتىم،ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قانۇن توغرىلىق دەرستىن سىرتقى ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئۇياقتا ئەكرەم،دەرس ۋاقتىدىمۇ ئۇخلايمەنمۇ(لېكىن  پارتىغا يۆلىنىپ ئۇخلاش تولىمۇ ئادەم قىينايدىغان ئىش.4سائەت ئۇخلاپ بولۇپ،دەرستىن چۈشۈپ،ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز،بەدەنلىرىڭىزنىڭ تولىمۇ ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.)،ساۋاقداشلار بىلەن خەت يېزىشىپ پىكىرلىشىمەنمۇ،ياپون تىلى ئۆگىنىمەنمۇ،كىتاپ ئوقۇيمەنمۇ ئىشقىلىپ ئۆزەم خالىغان ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇراتتىم.پەقەت"شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى"،"نىكاھ قانۇنى"،"جىنايى ئىشلار قانۇنى"دېگەندەك ئۆزەم قىزىقىدىغان ھەم ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنىلا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتىم..ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئۆگىنەتتىم.قانۇننى بىلمىگىنىم بىر سەۋەب،يەنە بىرسى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلىگۈم يوق بولغاچقا،قانۇن توغرىلىق ئىشلەپ باقايچۇ دېگەن ئىستەك مەندە يوق ئىدى."ياق،بارغۇم يوق"دېدىم.ئاپام ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ يېڭىدىن رېمونت قىلىنىپ،چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى قىزىقتۇرماقچى بولدى."بارغۇم يوق دېدىمغۇ،تۆنۆگۈن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەرنى دەپلا باراي دەپ قويغان،ئەمىلىيەتتە بارغۇم يوق.مېنىڭ قانۇن توغرىلىق ئىشلىگۈم يوق،مېنى زورلىما"دېۋىدىم ئاپام”يەنە تەتۈرلىكى تۇتتى بۇنىڭ“دېدىيۇ،ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئەتىسى ئۇكامغا بۇندىن كېيىنكى پىلانىمنى دەۋاتسام،ئاپام ئاڭلاپ قېلىپ،""يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس"دېگەن گەپ بار،ھېچنىمىنى قىلالماي تۇرۇپ،نېمىدىگەن چوڭ گەپ بۇ،نېمەڭگە"دېۋىدى،"ھېچنىمىنى  قىلالمىساممىچۇ،مەندە بىر ئوتتەك يۈرەك بار،قانداق؟"دېۋىدىم،ئۇكام كۈلۈپ،چاۋاك چېلىپ"توغرا،توغرا"دېدى.ئاپامنى تېرىكتۈرەي ياكى بولمىسا گەپتە يېڭىۋالاي دېگىنىم ئەمەس،مەن بىلەن ئۇكام دەۋرىمىزدىكى بۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ كىرزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ،كۈچىمىزنىڭ بارىچە  تىرىشىپ  ھازىرقى ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايمىز.لېكىن ئاپام بولسا "ئاز يەپ ئاسان تىرىل"،"كۆڭۈل تېنچ تۇرغىنى ياخشى"دېگەن قاراش بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتكەن ھەم بىزنىمۇ ئۆزىنىڭ قېلىپىدا يېتىشتۈرۈپ چىقماقچى بولغاچقا ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمەيۋاتاتتۇق.بۇنىڭغا تىرىشىپ چوڭلارنى قايىل قىلىشتىن باشقا ئامال يوق،مۇبادا تىرىشساممۇ چوڭلار چۈشەنمىسە ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي،ئۆز يولۇمدا داۋاملىق  مېڭىشىم كېرەك.چۈنكى بۇ دېگەن دەۋر ماڭا يۈكلىگەن ۋەزىپە،مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىجرا قىلىشىم كېرەك.                              پويىزدا ئولتۇرۇپ دوڭ گۇەن گە قايتتىم.سەپەر (تۇرپان-جېڭجوۇ لىنىيىسى) دە 20ياشلىق بىر قەشقەرلىك ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن پاراڭلىشىپ كەلدىم.ئۇ كىچىك چېغىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ،ئۆگەي ئاپىسىنىڭ قولىدا خارلىنىپ چوڭ  بولغانلىقىنى،12يېشىدىن تارتىپلا سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ كۆنگەنلىكىنى،18يېشىدا خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان چېغىدا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ،دوختۇرلار "داۋالىيالمايمىز،ئەپ چىقىپ كېتىپ،بېقىۋېلىڭلار"دېگەندە،خۇيزۇ خوجايىننىڭ ئۇنى ئارام ئالغۇرۇپ،بېقىپ،بىر ئاي بولغاندا،باشقىلارغا يۈك بولۇپ قېلىشنى خالىمىغان  بۇ غۇرۇرلۇق  يىگىتنىڭ خوجايىننىڭ قىزىغا ئۆزىنىڭ خوجايىندىن ئۆمۈرۋايەت مىنننەتدار ئىكەنلىكىنى،لېكىن بۇنداق بىكار نان يەپ،ئۇلارغا يۈك بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېشى قايغان،پۇتى  تايغان ھالەتتە مېڭىپ،قەشقەرنىڭ يەنە بىر ناھىيىسىنىڭ يېزىسىغا  كېلىپ،پۇل-پۇچەكلىرىمۇ تۈگىگەچكە پاختا تېرىپ جېنىنى جان ئەتكەنلىكىنى،ئۇ چاغدا كېسىلى تولىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە،ئۆمىلەپ يۈرۈپ پاختا تەرگەنلىكىنى،پاختا قاچىلايدىغان خالتىسى توشقاندا ئۆزى كۆتىرەلمىگەچكە،بىللە ئىشلەۋاتقان باشقا كىشىلەرنىڭ  كۆتىرىپ،ئەپچىقىپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇ ئارىدا شۇ يەرلىك بىللە ئىشلەيدىغان  بىر قىزنىڭ ئۇنىڭغا كۈيۈنۈپ،ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەتلىشىپ قالغانلىقىنى،يىگىتنىڭمۇ شۇ نەچچە ئايدا كېسىلىنىڭ مۆجىزىدەكلا ساقىيىپ قالغانلىقىنى(مۇھەببەتنىڭ كۈچى شۇنداق ئۇلۇغ ھە!)،قىز ئۇسۇلغا ئۇستا،چىرايلىق بولغاچقا ناھىيىلىك ئۆمەك تەرىپىدىن تاللىنىلىپ،ئۇسۇلچى بولغانلىقىنى،شۇ ئارىدا ناھىيە ھاكىمىنىڭ  بىر تۇغقىنىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپ قېلىپ،ئەلچى كىرگۈزگەنلىكىنى،قىزنىڭ ھەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ توينى قىلغۇسى بولمىسىمۇ تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى قوشۇلغانلىقىنى،قىزنىڭ توي ئاخشىمى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن،چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسى ئىچكەندە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ،داۋالىنىلىپ،ھايات قالغانلىقىنى،شۇ ھالەتتىمۇ يىگىت تەرەپنىڭ ئۇ قىزنى مەجبۇرى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى،سەپەردىشىم بولسا ھەر خىل ئاماللارنى ئويلىغان بولسىمۇ،بۇ ئاماللارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ،نىيىتىدىن يېنىپ،يۇرتىدىن باش ئېلىپ،يىراق يەرلەرگە كېتىپ،پۇل تېپىش ئۈچۈن،ئۈرۈمچىگە كېلىپ،ئاندىن ئۈرۈمچىدىن بۇ پويىزغا چىققانلىقىنى،باشتا بېيجىڭغا،ئاندىن كېيىن تەيۋەنگە بېرىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ،ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدىم.بۇ خەق نېمىدىگەن رەھىمسىزدۇ،قىز توي قىلغۇم يوق دەپ بىر قېتىم چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۆزىنى بىلىۋېلىشى كېرەك ئەمەسمۇ،يەنە مەجبۇرلاپ توي قىلىپ،ئىككى ياشنى بەختسىز قىلىپ!بەزىلەر شۇنداق رەھىمسىز،سەن خالامسەن خالىمامسەن ئۇنىڭ كارى يوق،ئالغۇسى بولسا تارتىۋېلىپ بولسىمۇ،بۇلاپ بولسىمۇ ئالىدۇ،مەقسىتىگە يەتسىلا بولدى.باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى يوق.ئەڭ ئېچىنارلىقى ئاخىرىغا بېرىپ  ئاشۇلارنىڭ تالان-تاراجلىرىنىڭ توغرا،ھەق بولۇپ قالىدىغىنى.                    
بىر تەرەپتىن بۇ يىگىتكە ئىچ ئاغرىتسام،يەنە بىر تەرەپتىن ھۆرمىتىم قوزغالدى.نېمىدىگەن غۇرۇرلۇق،يۈرەكلىك  يىگىت بۇ."بېيجىڭغا ئاندىن كېيىن تەيۋەنگە بارسىڭىز نېمىڭىزگە تايىنىپ تەرەققى قىلىسىز؟"دەپ سورىسام،ئۇ"مەن جاپادىن قورقمايمەن،تېنىم ساق.ھەر قانداق ئىشنى قىلالايمەن.قۇرۇلۇشتا ئىشلىسەممۇ بولىدۇ.مەن خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ يۈرۈپ،خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋالدىم،خەنزۇ تىلىدا ئادەتتىكى ئالاقىلىشىشتا مەسىلە يوق.خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىسەممۇ بولىدۇ"دېدى.بۇنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى بۇ يىگىتكە سېلىشتۇرۇپ،تولىمۇ خىجىل بولدۇم. مەن ئىچكىرىگە سەپەرگە  ئاتلانغاندا ياپون تىلى،خەنزۇ تىلىنى(خەنزۇ تىلى سەۋىيەرىم گەرچە ناچارراق بولسىمۇ،يەنە ماۋۇ يىگىتنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىدىن ياخشى ئىدى.)بىلەتتىم،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دېپلومىم،باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىم بار ئىدى،ئىچكىرىدە يەنە بىر مەۋسۈم ئوقۇدۇم.بۇ يىگىتكە سېلىشتۇرغاندا ئىچىكىرىدە  ياشاش ئۈچۈن تەييارلاشقا  تېگىشلىك نەرسىلەرنى خېلىلا كۆپ،پۇختا تەييارلىق قىلغانىدىم.بۇنىڭ ئەكسىچە  ئىچكىرىدە  ياشىيالارمەنمۇ دەپ ئەتىدىن-كەچكىچە ئەنسىرەپلا يۈرىمەن.بۇ يىگىت جاننى ھەلقۇمغا ئېلىپلا چىقىپتۇغۇ مانا.يەنە مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغانغا خىجىل بولمامدىم......                                                                  
جېڭ جوۇ غا كەلگەندە ئالاقىلىشىش ئادرىسىمنى بىر قەغەزگە يېزىپ،ئىشلار بولسا ئىزدىشىنى ئېيتىپ ئۇ يىگىتكە سۇندۇمدە پويىزدىن چۈشتۈم.تولىمۇ ئۇلۇغ بىر يىگىت بىلەن سەپەرداش بولۇپ كەلگەنىدىم،سىزگە ئامانلىق ۋە بەخت يار بولسۇن،ئاللاھقا ئامانەت دەپ ئىچىمدە ئۇ يىگىتكە بەخت تىلىدىم.                                
دوڭ گۇەن گە قايتىپ كەلدىم،ئالدىراش خىزمەت يەنە باشلاندى.مېنىڭ تەلىپىم بىلەن ئوكۇ مۇرا ئىككىنچى قېتىم مائاشىمنى ئۆستۈردى،لېكىن يەنە شۇنداق ئاز.ئۇنىڭچە بولسا مۇشۇنچىلىك ئۆستۈرگىنى مۇۋاپىق بولۇپ،بۇنىڭدىن ئۆتە ئۆستۈرەلمەيتتى.دېمىسىمۇ بۇ شىركەتتە باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىمۇ ئۇنچىلىك يۇقىرى ئەمەس ئىدى.ئوكۇمۇرا مېنى بەك چارچاپ كەتتى،خىزمەتكە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ دەپ،قول ئاستىمغا 4ئادەمنى قۇبۇل قىلدى.لېكىن مەنچە بولسا مەن يەنىلا ئالغان مائاشىمدىن كۆپرەك ئىشلەۋاتاتتىم.مېنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى دەپ ئويلاپ قاپتۇدە بۇ ئوكۇمۇرا.شۇنىڭ بىلەن  ئىشلەپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم.ئادەتتە قەتئى بىكار بولالمىغاچقا تور ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىدىم،لېكىن ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى،شۇڭا شېنجېنغا بېرىپ، بىر ئىختىساسلىقلارنى تۇنۇشتۇرۇش شىركىتىگە  خىزمەت تۇنۇشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ قويدۇم.10-ئاي دۆلەت بايرىمى ئەمدىلا ئاياقلاشقان بىر كۈنى مەن شۇ شىركەتنىڭ  تۇنۇشتۇرىشى بىلەن فوشەن شەھىرىنىڭ شۇن دې دىكى مېي دى(
دېگەن (美的
شىركەتنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا باردىم. مېي دى توشىبا(
) TOSHIBA
بىلەن ھاۋا تەگشىگۈچ ياساشتا ھەمكارلاشقان بولۇپ،مەن شۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلمىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسىلىك خىزمىتىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقانىدىم.شىركەتنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا شېنجېن دا چېغىمدا سېتىۋالغان"مېي دى"ماركىلىق توڭلاتقۇ ئېسىمگە كەلدى.ئەسلىدە مۇشۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىكەندە.يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا توشىبا نىڭ مېي دىدىكى مۇئاۋىن باش دېرىكتورى مېنىڭ ياپونچە سۆزلىشىمنى ئاڭلاپلا ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەم"ھازىرچە بىز  ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلمى بىلەن سېتىۋېلىش بۆلمىگىلا ياپونچە بىلىدىغان خادىم قۇبۇل قىلىمىز،سىزنىڭ بۇ سەۋىيىڭىزدە بۇ ئىككى بۆلمىدىن باشقىمۇ قايسى بۆلمىدە بولسىڭىز گەپ يوق ئىشلىيەلەيدىكەنسىز.ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلمىنىڭ باشلىقىنىڭ ياردەمچىسىلىك خىزمىتىنىڭ مائاشى 4000سوم،لايىق كۆرسىڭىز ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بېرىپ تۇرۇپ،كېيىن مائاش قوشۇپ بېرەيلى"دېدى.مەن ئىچىمدە"بۇنداق ئالدىراپ ھاياجانلانماڭ،ۋاقتى كەلگەندە پۇشمان قىلىپ قالۇرسىزمىكىن"دەپ ئويلىدىم.ھەم خەنزۇچە سەۋىيەرىمنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى،بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمنىڭ كۆپلىكىنى ئەسكەرتتىم.لېكىن ئۇ يەنىلا شۇنداق ھاياجان ئىلكىدە ئىدى.ئۇ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلمىنىڭ باشلىقى ھورى بې ئەپەندىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلمىنىڭ باشلىقى مەن بىلەن سوغۇقلا كۆرۈشتى ھەم بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ئىشلەپ قالسام نېمە خىزمەتلەرنى قىلىدىغىنىمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى.ئۇنىڭغا ئەگەشسەم ئاساسلىق تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلىدىكەنمەن،گەرچە تەرجىمانلىق قىلغاچ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا بولسىمۇ،مېنىڭ مەخسۇس تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغۇم يوق ئىدى.يەنى بىرەر خىزمەتكە مەسئۇل خادىم بولغۇم بار ئىدى.باش دېرىكتورنىڭ گېپىگە قارىغاندا كېيىنچە باشقا خىزمەتنى قىلىشتىن ئۈمىد بارئىدى،شۇڭا بۇ شىركەتكە كىرىشنى قارار قىلدىم ھەم قارارىمنى ئېيتقاچ،ھازىرچە يەنىلا ئىشلەۋاتقىنىمنى،ئىستىپا بېرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇپ،بۇشىركەتكە كېلىدىغىنىمنى،كېلىش ئېنىق ۋاقىتنى ھازىرچە بىلمىگەچكە،ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئالاقىلىشىدىغىنىمنى ئىپادىلىدىم.مېي دى بىلەن توشىبا ئارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان  خۇاڭ جىيەن فېڭ  ئەپەندى مېنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.خۇشال بولۇپ تۇرساممۇ،كۆڭلۈم يەنە  تولىمۇ  يېرىم ئىدى.كامى كاۋا دا ئالغان مائاشىم گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ،ئوكۇ مۇرا مېنى جان-دىلى بىلەن تەربىيلىگەن ئىدى،مۇشۇنداقلا كەتسەم تۇزكورلۇق بولاتتى،لېكىن مەن تەلەپ قىلغان مائاشنى كامى كاۋا دا ئىشلەپ ئالالمايدىغاندەك قىلاتتىم.شۇڭا ئىستىپا بەرمەي،مۇشۇنداق يۈرۈۋەرسەممۇ بولمايتتى......                            
ئەتىسى بالدۇرلا ئىستىپانامىنى يازدىميۇ،كەچقۇرۇن ئوكۇمۇرانىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. " ئىستىپا سورايمەن"دېگەچ ئىستىپانامىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئوكۇ مۇرا چۆچۈپ،ئىستىپا نامە مەزمۇنىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،"سىلەر جوڭگولۇقلار بىر شىركەتتە ئىشلەپ ئىستىپا سوراشنى دائىم شۇنداق ئاددى  ئويلايسىلەر،شىركەت،رەھبەر سىلەر ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈردى بۇنى ئويلاپمۇ قويمايسىلەر.مۇشۇنداق ئىستىپا سورايمەن دەپلا كېتىدىغان ئىشمۇ؟مەن قوشۇلمايمەن"دېدى.ئەزەلدىن ئوكۇمۇرانىڭ خىزمەتتىكى بويرۇقلىرىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەجانىدىل ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان مەن "كەچۈرگىن،مەن چوقۇم ئىستىپا بېرىمەن"دېدىم.كەسكىن سۆھبەت باشلاندى:         -"نېمىشقا"؟                                                                        
-"ھازىرقى مائاشىم تولىمۇ تۆۋەن"                                                  
-"ساڭا قانچىلىك كېرەك"؟                                                          
-"يەنە 1000سوم قوشۇپ بەرسەڭ ئاندىن قېپقالىمەن."                              
-"ئۇنچىلىك قوشۇپ بېرەلمەيمەن.سېنىڭ ئىستىپا بېرىشىڭگىمۇ قوشۇلمايمەن"        
-"ئۇنداقتا مەن چوقۇم ئىستىپا بېرىمەن،ئويلىنىپ باقۇرسەن"دەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتىم ھەم قول ئاستىمدا ئىشلەۋاتقان لەن شىياۋ دوڭ غا پات ئارىدا بۇ خىزمەتنى قىلمايدىغانلىقىمنى،شۇڭا ھازىرقى خىزمىتىمنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىمنى،بولسا بالدۇرراق ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئېيتىپ،خىزمەتنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. كامى كاۋا دا ئادەتتە مائاشنى بىر  ئاي كەينىگە سۈرۈپ بېرىدىغان بولغاچقا،مۇبادا  ئوكۇمۇرانىڭ رۇخسىتىسىز ئىستىپا بەرسەم،شۇ بىر ئايلىق مائاشنى ئالالمايتتىم.بۇ ھەم شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۇيۇقسىز كېتىپ قېلىشىنى ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرى بولۇپ،بەزىلەرگە دەھشەت ئەسقاتاتتى.ئاشۇ بىر ئايلىق مائاشى ئۈچۈن،كەتكۈسى بولسىمۇ رەھبىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالالماي،بىر-ئىككى يىل سۆرۈلۈپ يۈرگەن خىزمەتداشلارمۇ بار ئىدى.ئوكۇمۇرامۇ شۇڭلاشقا ئالدىمدا تەكەببۇرلارچە"مەن قوشۇلمايمەن"دېگەنىدى.ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،ئوكۇمۇرادىن ئويلىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سورىدىم.ئۇ يەنىلا"مەن قوشۇلمايمەن"دېدى.يەنە ئالتە كۈن ئۆتتى،مەن ئوكۇمۇرادىن نەتىجىسىنى سورىغاندا،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،"مېنى قوشۇلىدۇ دەپ خام خىيال ئەيلىمە"دېدى.مەن بۇ ياپونلۇققا سېتىلىپ كەتكەنمىتتىم،ئۆزەمنىڭمۇ ئارزۇيۇم ھەم ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش  ئۈچۈن تاللاش ھوقوقۇم بارغۇ.شۇ 3مىڭ نەچچە يۈز سومنىڭ ئىشىكەنغۇ،ئالمىسام ئالماپتىمەن.شۇنى ئويلاپ،فەن ئەپەندىگە 11-ئاينىڭ1-كۈنى مېي دى غا بارىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ،يېقىن خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىر نەچچىسىگە ئاي ئاخىرىدا        كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە شىركەتكە تارقاپ،بىر دەمدىن كېيىنلا ۋېي چىچىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا يېنىمغا كېلىپ"خوش خەۋەر ئاڭلايمەنغۇ،راستمۇ؟راست بولسا سېنى ئۆزۇم بىر قوللۇق مېھمان قىلىمەن"دېگەچ،شۇ كۈنىلا شېنجېندىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ،مېھمان قىلدى.                                          
ئەتە 11-ئاينىڭ1-كۈنى،مەن شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئاددىلا خوشلىشىپ،ئىتوۇ ئەپەندىگە تېلىفۇن قىلىپ،ئەتىدىن باشلاپ باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى،كامى كاۋا غا كىرگەندىن بېرى ئۇنىڭ كۆپ ئاتىدارچىلىقىغا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغىنىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.ئاندىن ئوكۇمۇراغا تېلىفۇن قىلىپ، ئەتىدىن باشلاپ باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى دېيىشىمگىلا ئۇ قايناپ،"ئەتە شىركەتكە كەل"دېدى.مەن "ھەئە"دەپ قويدۇميۇ،كەلمەيدىغىنىم ئېنىق ئىدى.مەن نېمىشىقا ئۇ نېمە قىل دېسە شۇنى قىلغۇدەكمەن.ئۇ مېنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىدى،مەنمۇ جان-جەھلىم بىلەن ئىشلەپ بەردىمغۇ.ئەجىبا ئۇنىڭ مېنى تەربىيلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كامىكاۋا دا ئىشلەپ بېرىشىم كېرەكمىدى؟ئەرزىمەيدۇ!ئۇ دېگەن بىر ياپونلۇق،مەن دېگەن ئۇيغۇر،مېنىڭمۇ ئۆزەمگە تۇشلۇق ئارزۇيۇم،چۈشۈم،ۋەزىپەم بار،ئىجرا قىلىشىم كېرەك،كامىكاۋادا ئىشلىشىم-ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر جەريان،ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى،پۈتكۈل ھاياتىمنى،بارلىقىمنى ئۇنىڭغا ئاتىۋەتسەم بولمايدۇ.ئوكۇمۇرا مېنى قەبىھ دېسىمۇ مەيلى،مەن ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتىشىم،ھەم ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىم كېرەك.                                                                  
ئەتىسى سەھەردە فوشەن شۇندې غا يولغا چىقتىم،"ئالتۇن كۆۋرۈك"تىكى ئوئوساتو تېلىفۇن قىلىپ،ئوكۇ مۇرانىڭ مېنى ئىزدەپ ،مەندىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتقىنىنى ئېيتتى.مەن ئوئوساتوغا كامىكاۋا دىن ئىستىپا سورىسام، ئوكۇ مۇرانىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى،شۇڭا تۆنۆگۈن تېلىفۇن ئۇرۇپ،خوشلىشىپ،بۈگۈن يولغا چىققانلىقىمنى ئېيتتىم.ئوئوساتو ئىشنى بۇنداق ھەل قىلغىنىمنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى،ئوكۇمۇرا قوشۇلمىغان بولسا،كامىكاۋا دىن بولسىمۇ ئىستىپا سوراپ،مۇبادا كامىكاۋامۇ قوشۇلمىسا،مەن"ئالتۇن كۆۋرۈك"كە دېسەم،"ئالتۇن كۆۋرۈك"نىڭ ئارىغا كىرىپ،ھەل قىلسا بولىدىغانلىقىنى،لېكىن ئەمدى كېچىككەنلىكىنى ئېيتتى.مەنمۇ ئوئوساتونىڭ سۆزىنى توغرا تاپتىم.دېمىسىمۇ ئەمدىلىكتە كېچىككەنىدىم.مەن "ئالتۇن كۆۋرۈك"كە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنىمدىن ئوئوساتودىن كەچۈرۈم سورىدىم.ئۇ ئامانلىقىمنى تىلەپ تېلىفۇننى قويدى.ئارقىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتە- ئۆتمەيلا ئوكۇمۇرا تېلىفۇن قىلدى.ئوكۇمۇرا مېنىڭ بىر ئايلىق مائاشىمدىن كېچىپ،تۇيۇقسىز كېتىپ قالىدىغانلىقىمنى قەتئى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى.          
-"نېمىشقا مۇشۇنداقلا كېتىپ قالىسەن؟"                                            
-"مېنىڭ يەنە سەن بىلەن باھا تالاشقۇم كەلمىدى"                                  
-"ئەمدى سېنىڭ خىزمىتىڭنى كىم قىلالايدۇ؟بۇنى ئويلاشتىڭمۇ؟"                      -"خىزمەتنىڭ ھەممىسىنى لەن شىياۋ دوڭ غا ئۆتكۈزۈپ بولدۇم."                    
-"قايتىپ كەل،سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە مائاشىڭنى ئۆستۈرۈپ بېرەي"دېدى ئوكۇمۇرا.بۇ چاغدا مەن كامىكاۋاغا دەسلەپتە كەلگەن چاغدىكى ھېچنېمە بىلمەيدىغان،بىچارە ۋاقتىمدىن تارتىپ يېڭى خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىنكى مۈشكۈلاتلىرىم،كەمچىلىكلىرىمگىچە ھەممىسىنى چاقماق تېزلىكىدە كاللامدىن كەچكۈزدۈمدە،كامى كاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەمدى كەينىمگە قايتسام ياخشى بولمايدۇ.يېڭى مۇھىتقا بېرىپ كۆرۈپ باقاي،ئۇتۇقلۇق بولسا بولدى،مەغلۇپ بولۇپ قالسام،يەنە باشقا شىركەتتىن خىزمەت تاپمامدىم،باشقا كەلگىنى كۆرەرمەن،ئىشقىلىپ ھازىرچە ئىچكىرىدە يېرىم يىل جېنىمنى جان ئېتەلىگۈدەك پۇلۇم بار.دېگەننى ئويلاپ،"مەن قارار قىلىپ بولدۇم،يېڭى شىركەتتە ئىشلەيمەن"دېدىم.ياپونلۇقلار ئۈچۈن"قارار قىلىش"دېگەن سۆز ناھايىتى كەسكىن ئېيتىلىدىغان سۆز بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز ئەزەلدىن ئوكۇمۇرا نىڭ گېپىنى   يىرمايدىغان مېنىڭ ئاغزىمدىن چىقىۋاتقاچقا،ئوكۇمۇرا ئەمدى ماڭا نەسىھەت كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدى ۋە ئاچچىقلاپ"سەن ئازراقمۇ جوڭگولۇققا ئوخشىمايسەن. شىركەتنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارىڭمۇ بولماي،قىلىمەن دېگىنىڭنى قىلىۋاتىسەن،رەھىمسىزكەنسەن.مېنىڭ ئەجرىمنى يەردە قويدۇڭ"دەپ تېلىفۇننى قويدى.كۆز يېشىم تاراملاپ تۆكۈلدى،ھاياتىمدا ئۆكۈنىدىغان چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلدىم......                                      
    (5)                                        
توشىبا تارماق زاۋۇتىغا مەن بىلەن بىر قاراردا ئۈچەيلەن قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ،جېڭ جېن ئەمدىلا تىيەنجىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ياپون تىلى تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،خىزمەت تەجرىبىسى بولمىغاچقا 2000سومغا يېقىن مائاش ئالاتتى،ئىككەيلەن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا  بىللە قاتناشقان بولۇپ،ئۇ مەندىن مائاشىمنى سورىۋىدى،مەن دەرھاللا ئەينىنى جاۋاپ بەردىميۇ،ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەسەت قىلغاندەك بىر خىل ئىپادىنى كۆرۈپ،ئەينىنى دېگىنىمگە پۇشمان قىلىپ قالغانىدىم.يەنە بىر قىز جوۇ جى خۇي بولۇپ،بۇرۇن شاڭخەيدە ئىشلەپ،ئاندىن گۇاڭدوڭغا كەلگەنىدى.مەن توشىباغا كېلىشىمگىلا ئىككى زەربىگە ئۇچرىدىم.بىرى؛چۈشتىن بۇرۇن رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىش ئۈچۈن،كادىرلار بۆلمىگە كىرىپ،مەسئۇل خادىمغا ماتىرىياللىرىمنى كۆرسىتىشىمگىلا،مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ،"بۇ يەردە سېنىڭ يۇرتلىقىڭ بار"دەپلا ئورۇق بىر قىزنى چاقىرىپ كەلدى.ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋاڭ يى فەن بولۇپ،بۆرتالا دا تۇغۇلغان،شى ئەن قاتناش ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ،مېي دى غا پىراكتىكىغا كەلگەنىكەن. ۋاڭ يى فەن ماڭا سىنچىلاپ قاراپ تۇرۇپ،قايسى شىركەت(مېي دى بىر چوڭ گۇرۇھ بولۇپ،ئىچىدە نۇرغۇن شىركەت بار،توشىبامۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تارماق ھەمكارلىق شىركىتى)نىڭ قايسى بۆلمىگە كىرىدىغانلىقىمنى سورىدى.مېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،"سەن مىنكاۋخەن(خەنزۇچىدا ئوقۇغان)مۇ؟"دەپ سورىدى. "ياق،مەن ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغان"دەپ جاۋاپ بەردىم مەن.ئۇ ئىشەنمىگەندەك بىر قەغەزنى ئەپكېلىپ،ئەمىسە بۇ قەغەزگە ئۇيغۇرچە ئىسمىڭنى يېزىپ باقە"دېدى.مەن "سەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇيالامسەن؟"دەپ سورىدىم.ئۇ"ئوقۇيالمايمەن،مەن پەقەت سېنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنمەيۋاتىمەن،شۇڭا سىناپ بېقىۋاتىمەن"دېدى.ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ،ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغان ئۇيغۇرنى كىم دەيدۇ ئىچكىرىدە ئىدارە-ئورگان،شىركەتلەردە ئىشلىيەلمەيدۇ دەپ!خەپ،بىز ئۇيغۇرلار تىرىشىپ،بۇلارغا ئۆزىمىزنى تۇنۇتۇپ قويىشىمىز كېرەك.يەنە بىرى؛چۈشتىن كېيىن خۇاڭ ئەپەندى مېنى ئىشخانىغا ئەپكىرىۋىدى،ھورى بې ئەپەندى ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ،نېمە ئىش دېگەندەك خۇاڭ ئەپەندىگە قارىدى."بۇياق بۈگۈن مېنىڭ كېلىدىغىنىمنى بىلمەمدىكىنە؟"دەپ ئويلىدىم مەن.شۇنىڭ بىلەن  ھورى بې،خۇاڭ ئەپەندى ئىككەيلەن ياندىكى ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشتە باشقۇرۇش بۆلمىدىكى بىر خىزمەتدىشىمدىن ئۇقتۇم.ئەسلىدە ھورى بې ئەپەندىنىڭ سۇن مېي لو ئىسىملىك مەندىن ئىككى ياش چوڭ بىر چاۋشىيەن مىللىتىدىكى ياردەمچىسى بولۇپ،ئۇ قىز توشىبا بىلەن مېي دى ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن(ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسلىھەت،كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك.)لا ھورى بېنىڭ ياردەمچىسى بولغان بولۇپ،ھەقىقەتەن سەۋىيىلىك،ئىش بېجىرىشتە ئېپى بار قىز ئىدى.ئۇ گۇاڭجوۇ دىكى بىر تەرجىمە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ،توشىبا بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەمگەك توختىمى تۈزۈپ،ۋاقىتلىق تەرجىمان سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ،ئېيىغا 12000سوم ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ،گەرچە ئۇنىڭ ئالىدىغان مائاشى يۇقىرى بولسىمۇ،ھورى بېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ياردەمچىنى ئىشلەتكۈسى يوقكەن،ئەگەر سۇن مېي لو گۇاڭجوۇ دىكى تەرجىمە شىركىتىدىن ئىستىپا بېرىپ،توشىباغا كىرسە،مۇقىم خىزمەتچى بولىدىكەنيۇ،ئېيىغا ئارانلا 5000سومغا يېقىن ئالالايدىكەن،شۇڭا توشىبا رەھبەرلىرى ئىقتىسادنى ھەم سۇن مېي لونىڭ توشىبا دا نەچچە يىل ئىشلىگىنىنى كۆزدە تۇتۇپ،سۇن مېي لوغا نەچچە  قېتىم، گۇاڭجوۇ دىكى تەرجىمە شىركىتىدىن ئىستىپا بېرىپ،توشىباغا كىرىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ،سۇن مېي لو ئۇنىمىغانىكەن.دېمىسىمۇ بۇنىڭغا سۇن مېي لودەك قابىلىيەتلىك،نەگە بارسا 5000سومدىن يۇقىرى مائاشنى گەپ يوق ئالالايدىغان قىز ئۇنايتتىمۇ؟شۇنىڭ بىلەن توشىبا رەھبەرلىرى سالماقلىق بىلەن ياپونچە سەۋىيىسى  سۇن مېي لودىن يۇقىرى بىر مۇقىم تەرجىمان تېپىپ،قەدەممۇ-قەدەم تەربىيلەپ،مۇقىم تەرجىماننىڭ سەۋىيىسىنى سۇن مېي لودىن ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،سۇن مېي لو نى ئىشتىن بوشىتىشنى قارار قىلغانىكەن.لېكىن بۇ قارار ھورى بېنىڭ ئەمەس،توشىبا مۇئاۋىن باش دېرىكتورلىرىنىڭ قارارى بولۇپ،شۇڭا يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغاندا  مۇئاۋىن باش دېرىكتور يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغانىكەن. مۇئاۋىن باش دېرىكتور مېنىڭ ياپونچە سەۋىيەمنىڭ ياخشىلىقىنى،ھەم ئىرادەمنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ،مېنى ھورى بې نىڭ مۇقىم تەرجىمانلىقىغا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلاپ،ھورى بېنى چاقىرتىپ،مېنىڭ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىمنى سورىغاندا،ھورى بې نىڭ ياردەمچى ئالماشتۇرۇش خىيالى بولمىغاچقا،قوشۇلمىغانلىقىنى،لېكىن  مۇئاۋىن باش دېرىكتور ئىقتىسادنى كۆزدە تۇتۇپ،خۇاڭ ئەپەندىگە مېنىڭ كېلىش خىيالىم بولسىلا  قۇبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېيتقانىكەن.بۇنىڭدىن ھورى بې خەۋەرسىز بولۇپ،شۇڭا مەن ئىشخانىغا كىرگەندە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي،ھەيران قالغانىكەن.باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىشىسىڭىز مۇشۇنداق ئۇۋالچىلىق،سىز دېگەن ياللىغۇچىلار ئۈچۈن بىر پېشكا،ئۇلار سىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغىسى كەلسە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ئىقتىساد جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەرگەن پۇلىغا تايانغانكەنسىز،ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك،ئەلۋەتتە ئەمەل قىلغۇڭىز كەلسە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،لېكىن كەشىڭىزنى باشقا تەرەپكە توغىرلىتشنى ئويلىشىپ قويۇشىڭىز كېرەك.شۇڭا سىرتتا ئىشلەۋاتقان چاغدا نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىڭىزنى،سىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى يادىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك،بولمىسا ئاسانلا لايغا پېتىپ قالىسىزدە،كېيىنچە چىقمىقىڭىز تەس بولىدۇ.شەخسەن مانا مەن ئاشۇنداق.ئىشنى كاللامنى ئىشلىتىپ،ئىدىتلاپ قىلالمايمەن،ئاسانلا باشقىلارغا ئەگىشىپ كېتىمەن.ۋاقتىم،زېھنىم ھەممىسى خىزمەتكىلا كېتىدۇ دە،ئۆزەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ئامالسىز ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولىمەن،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،ئەسلى بۇنداق يولدا ماڭماسلىقىم كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يېتىپ،كەينىمگە يانىمەن،بۇ ئىشنى تۈزەش ئۈچۈن يەنە مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ،شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىچكىرىدىكى ۋاقتىم ئالدى-كەينىگە دەسسەش بىلەن ئۆتتى ھەم ئۆتىۋاتىدۇ،ئىسىت ياشلىقىم،بۇندىن كېيىن دىققەتلەپ مېڭىش كېرەك.بولمىسا ياشلىقىملا ئەمەس،پۈتۈن ئۆمرۈم مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ،بۇ ئەڭ قورقۇنچىلىق!گەرچە ھورى بې مېنى قارشى ئالمىسىمۇ،سەۋىيەم سۇن مېي  لو نىڭكىگە يەتمىسىمۇ بۇ شىركەتتە تىرىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.چۇنكى مەن بۇ يەردە ئىككى نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،بىرى،يېڭى دوست تېپىۋالدىم،خۇاڭ ئەپەندى مېنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىناسىنىڭ ئىككى كىشىلىك ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردى.شىركەتتىكى رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىپ بولۇپ،ياتاقتىكى نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ تۇرسام،مەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ياڭ يۈ ئىسىملىك قىز كىرىپ كەلدى.ئىككەيلەن ئۆز-ئارا تۇنۇشلۇق بېرىشتۇق،ئۇ 2يىل بۇرۇن تىيەنجىن  ئاۋىئاتسىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ كومپىيوتېر كەسپىنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى  پۈتتۈرگەن بولۇپ،پۈتتۈرۈپ،بىرىنچى يىلى  ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەي،ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ شۇن دې دىكى بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشكەن،ئاتا-ئانىسى مەمۇرى خادىم بولۇپ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ مەمۇرى خادىم بولۇپ،تۆمۈر داشقازانغا ئېرىشىشىنى تەۋسىيە قىلغاندا  ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياشىغۇسى بولغاچقا،ئۇنىماي،بىر كىچىك شىركەتتىن خىزمەت تاپقان ھەم كېيىن مېي دى دىن ئابونتلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى تاپقان ئىكەن.ئابونتلار مۇلازىمىتى  خىزمىتى بىرەر ئالاھىدىكى بولمىغانلارمۇ ئىگەللىۋالسىلا  قىلالايدىغان  خىزمەت بولغاچقا ياڭ يۈ بىلەن ھەتتا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر بىللە خىزمەت قىلاتتى،ئالىدىغان مائاشىمۇ 2300سومغا يەتمەيتتى.مۇشۇ تەرىقىدە بۇ خىزمەتنى قىلغىلى بىر يېرىم يىلغا يېقىن بولۇپتۇ."سەن بۇ يەردە ئىسراپ بولۇپ كېتىپسەن،ئېنگىلىزچە ئالتىنچى دەرىجە تۇرۇپ،سىجىل مۇشۇنداق ئاددى خىزمەتنى قىلغىنىڭ نېمىسى؟"دېدىم مەن.ياڭ يۈ"مېنىڭمۇ مۇرەككەپرەك خىزمەت تېپىپ،يۇقىرى مائاشلىق،تەرەققىيات ئىستىقبالى بار خىزمەتنى قىلغۇم بار،شۇغىنىسى يۈرەك يوق"دېدى."مېنىڭ بۇ يەردىكى خىزمىتىممۇ ئىشەنچسىزدەك تۇرىدۇ،شۇڭا ئىككەيلەن ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن،بىللە تىرىشايلى،قانداق؟"دېدىم."ئىككەيلەندەخېلى كۆپ ئورتاقلىق باركەن،بۇندىن كېيىن بىللە تىرىشايلى"دېدى ياڭ يۈ مۇ.جەنۇبقا كەلگەندىن بېرى يۇرتداشلىرىمدىن باشقىلارغا نىسبەتەن،سەۋىيىسىزلەر بىلەن ئارلىشىپ،ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايمەن دېگەن جاھىل ئىدىيەم كۈچلۈك بولغاچقا،ئادەتتىكىلەر بىلەن ئاسانلىقچە ئارلىشىپ كەتمەيتتىم.ياڭ يۈ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مۇستەقىل ئىدىيىسى بار،ھەم جاپا تارتىپ،ياخشى كۈن كۆرمىسىمۇ ئاشۇ ئىدىيىسى ئۈچۈن،تىرىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقىنىنى بىلىپ،دوست بولۇپ قېلىش خىيالىغا كەلدىم.يەنە بىرى،مېي دى بىر ئىللىق شىركەت.ھەر يىلى دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەردىن باكلاۋېر ۋە ئاسپرانتلارنى كەڭ كۆلەمدە قۇبۇل قىلىدۇ،مېي دى مۇ داڭلىق شىركەت بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارمۇ خۇشاللىق بىلەن كېلىدۇ.مېي دى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىرىماي تەربىيلەيدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاساسەن ئۇتۇقلۇق ھالدا خىزمەتكە كۆنۈپ كېتىدۇ.لېكىن مېي دى دا ئىختىساسلىقلار بەك كۆپ بولغانلىقتىن،ئۆرلىمەك تەس،ئىختىساسلىقلارنى ئاددىيلا خىزمەتكە قويۇپ،دەپسەندە قىلىپ قويىدۇ.شۇڭىمۇ ئۆگىنىپ،تەجرىبە توپلاپ بولۇپلا كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.قىزلار قاتتىق ياسىنشىپ،ئوغۇللىرى قىز بالىدەك سىپايە،مۇلايىم.ھەر كۈنى كەچتە ئېنگىلىز تىلى،باشقۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردىكى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش،ھەر جۈمە كۈنى داڭلىق كىنو قويۇش،داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ داڭلىق پىروفىسورلىرىنى تەكلىپ قىلىپ سۆزلەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ئادەتكە ئايلانغان.مەن تۇرىدىغان بىنانىڭ يېنىدىلا بىر دەريا بار بولۇپ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ئالتىلەردىلا شۇ يەرگە چىقىپ،ئېنگىلىزچە ئۈنلۈك ئوقۇيدىغانلار شۇنداق كۆپكەن.مېي دىدا ئىشلىگەچ،ھەقسىز ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،كۇرس ئېچىپ،ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ يۈرىدىغانلارمۇ كۆپكەن.يولدىن ئادىشىپ قېلىپ،ئەتراپتىكىلەردىن يول سورىسىڭىز قىزغىنلىق بىلەن يولنى كۆرسىتىپ قويىشىدۇ.بەئەينى ئالى مەكتەپ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۆزى.بۇ ئىككى تەرەپكە ئامراق بولۇپ قالغاچقا،كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ باقماقچى بولدۇم.شىركەتكە كېلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشتۈم،ھورى بې نىڭ مېنى قۇبۇل قىلغۇسى بولمىسىمۇ،نېمىلا دېگەن بىلەن مەن كېلىپ بولغانىدىم،شۇڭا سالام قىلدى.سۇن مېې لو ياپون تىلى،خىزمەت جەھەتتە قابىلىيەتلىك بولۇپلا قالماي،مۇناسىۋەتكىمۇ ماھىر قىز ئىدى.ئۇ مەن بىلەن سۆزلىشىپ،ئىككى-ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدىلا مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ئاساسلىق بىلىپ بولدى.ئۇ ئامال قىلىپ كۆز ئالدىدىكى"توسالغۇ"نى يوقىتىشى كېرەك ئىدى.شۇڭا ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلەتتى،ھەتتا ئوچۇقتىن-ئوچۇق باشقا يەرگە بېرىپ خىزمەت تېپىشىمنى ئۆتۈندى.شۇندىلا بۇرۇن ۋېي چىچىندەك مېنى كۆزدىن يوقىتىش كويىدا يۈرگەنلەرنىڭ مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس،ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.بۇرۇن مەن تېخى ئۇلارنى مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق چەتكە قېقىۋتىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغانىكەنمەن.ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مىللەت دېگەن ئۇقۇم ئۇنچىلا مۇھىم ئەمەس بولۇپ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ يەيدىغان ئېشى ئىكەن.مەن ئۆزەمنىڭ كاللىسىدا مىللەت دېگەن ئۇقۇم چوڭقۇر بولغاچقا باشقىلارنىمۇ شۇنداق دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغانىدىم.سۇن مېې لو نىڭ ۋاستىلىرىمۇ ۋېي چىچىننىڭكىدىن قېلىشمايتتى.ئۇنىڭ قىلىقلىرى ھەددىدىن ئېشىپ،ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بولسىمۇ،ئامالبار پەرۋا قىلماسلىققا تىرىشتىم.چۇنكى مېنىڭ بۇ يەردە قېلىش-قالماسلىقىمنى سۇن مېي لو ئەمەس،ھورى بې بەلگىلەيتتى،شۇغىنىسى،ھورى بې ماڭا ئانچە ئىشەنمەيتتى،چۈنكى ئۇ مېنى نەچچە قېتىم ئېغىزچە تەرجىمە قىلدۇرۇش جەريانىدا خەنزۇچەمدە خېلىلا  مەسىلە بارلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى،مەن گەرچە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىلا خەنزۇچەمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولساممۇ،بۇ يەردە قىلىدىغان ئاساسلىق  خىزمىتىم تەرجىمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ بۇ كەمچىلىكىم تولىمۇ چوڭ بىر يوچۇق ئىدى.ھورى بې مېنى بىر نەچچە قېتىم تەرجىمە قىلدۇرۇپ بولۇپلا ئانچە ئىشلىتىپ كەتمىدى،كۈندە قىلىدىغان ئىشىم ئىشلەپچىقىرىش بۆلمىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى كۈندە يېزىپ تاپشۇرىدىغان"كۈندىلىك دوكلات"نى يېزىقچە تەرجىمە قىلىش ئىدى.باشقا ئىشلارنى ھەممىسىنى سۇن مېي لو قىلاتتى،بەزى چاغدا  سۇن مېي لو ئالدىراش بولۇپ قېلىپ،يېزىقچە تەرجىمە قىلىدىغان ماتىرىياللار چىقىپ قېلىپ،ھورى بې سۇن مېي لو غا سۇنسا،مەن"ھازىر سۇن مېي لو ئالدىراش بولغاندىن كېيىن مەن تەرجىمە قىلاي"دەپ يېنىغا بارسام،"سەن قىلالمايسەن"دەيتتى،بۇ ماڭا قاتتىق زەربە بولاتتى.مەن تىرىشىپ  ھورى بېنىڭ ماڭا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇميۇ،ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى.ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى،بۇنداق كۆڭۈلسىز كەيپىيات داۋاملىشىۋەردى،يەنىلا شۇ ئاددى بىر"كۈندىلىك دوكلات"نى يېزىقچە تەرجىمە قىلىپ يۈرەتتىم.كامى كاۋادا ئالدىراش ئۆگىنىپ قالغاچ ھەم ئەزەلدىن بۇنداق دىمىقتا كەيپىياتقا كۆنەلمەيدىغان بولغاچقا،گەرچە مېي دى نى ياخشى كۆرسەممۇ كېتىش قارارىغا كالدىم،ھورى بېنىڭ ماڭا خىزمەت بەرمىگىنى كەت دېگىنى،نەدە ئۇنداق بىكار مائاش ئالىدىغان جاي بار ئىكەن،مېنىڭمۇ ئۆزەمگە تۇشلۇق قابىلىيىتىم بار،ئۇنى جارى قىلدۇرۇشۇم كېرەك،يەنە توختىماستىن يېڭى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك.بۇنداق بىكار مائاش ئېلىپ كېتىۋېرىش ئۇيات ئەمەسمۇ؟!جوۇ جى خۇي ماڭا مېنىڭ ئاستسىرتتىن خىزمەت ئىزدەپ،تېپىپ بولغاندىن كېيىن  خۇاڭ ئەپەندىگە ئۇقتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ،يەنە بۇنداق دىمىقتا كەيپىياتتا تۇرۇۋېرىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىنارلىق بولغاچقا،دەرھاللا خۇاڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ،كېتىش ئويۇمنى ئېيتتىم.ئۇ مېنىڭ يەنە 1~2ئاي چىداپ ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە  قىلدىيۇ،مەن چىداپ بولالمايدىغىنىمنى ئېيتتىم.خۇاڭ ئەپەندى مەن بىلەن سوزلىشىش جەريانىدا مېنىڭ مېي دى دا قالغۇم بارلىقىنى بىلىپ،"مەن باشقا تارماق شىركەتلەردىن  ياپون تىلى خادىملىرىغا ئېھتىياجلىقمۇ يوق،سۈرۈشتۈرۈپ  باقاي،سەنمۇ گۇرۇھنىڭ خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىش ئېلانلىرىغا قاراپ باق،ساڭا مۇناسىپ كېلىدىغان خىزمەت چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس،ياكى بۇندىن كېيىن سىرتلاردا پۇرسەت ئىزدىسەڭمۇ بولىدۇ."دېدى.نەچچە كۈن ئۆتۈپ ماڭا باش شىركەتنىڭ تەتقىقات ئېچىۋېتىش مەركىزىدە يېزىقچە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى تۇنۇشتۇردى،لېكىن مېنىڭ يېزىقچە تەرجىمانلىق بىلەن خوشام يوق،ھەم ئىشەنچىممۇ بولمىغاچقا چىرايلىقچە رەت قىلدىم دە،ئىستىپا بېرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىردىم.ئىشخانىغا كىرىپ،كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتىم.سۇن مېي لو قاتتىق خۇشال ئىدى.ئاخىرىدا ھورى بېغا"كەچۈرگىن،مەن ماڭدىم"لا دېيەلىدىم-دە،بۇرۇلۇپ توشىبا نىڭ چوڭ دەرۋازىغا قاراپ ماڭدىم،چوڭ دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ،كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى،توۋا،نېمە تولا يىغا بۇ؟شىنجاڭدا ئىشلىگەن بولساممۇ مۇشۇنداق تولا يىغلارمىدىم ھە؟!يەنە ئىشسىز قالدىم،گەرچە كۈندۈزى گېزىت كۆرۈشنى ئۆگىنىپ،كەچلىكى ياڭ يۈ يېنىمدا،بىللە خۇشال ئويناپ يۈرگەن بولساممۇ،يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدىم،بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇۋېرىشكە بولمايتتى.ئەكرەمگە ئېلخەت يېزىپ،ھازىر بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى،بۇ قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ بۇرۇنقى ئوڭۇشسىزلىقلارغا قارىغاندا ھېچقانچە چوڭ ئىش بولمىسىمۇ،روھى جەھەتتىن زەربە بولۇۋاتقاچقا،ئۆزەمنى دەماللىققا ئوڭشىيالمايۋاتقانلىقىمنى بايان قىلدىم.گەرچە ھازىر مۇھەببەتلەشمەيۋاتقان بولساقمۇ،مەن ئەكرەمنى قەدىناس قاتارى بىلىپ،بىرەر خۇشاللىق ياكى پېشكەلچىلىككە ئۇچرىسام،دائىم ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇراتتىم،ئۇمۇ ھەر قانداق چاغدا ماڭا مەدەت بېرىپ تۇراتتى.ئۇ مەندىن زادى نېمە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىمنى سورىدى،مېنىڭ كونكىرتنى ئىشلارنى دەپ بەرگۈم بولمىغاچقا،دەپ بەرمىدىم.كۈتمىگەندە ئەكرەم ماڭا"شىنجاڭدا  گەرچە مائاش ئەرزان بولسىمۇ،نېمە دېگەن بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-يارەنلەر ياندا،ھەم تۇرمۇشتا قولايلىق بولغاچقا،ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ياپون تىلى توغرىلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەڭ"دېدى.مەن بۇ گەپنى ئەكرەم قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم،بەلكىم ئۇمۇ مەندىن ئەنسىرىدى بولغاي.ئەكرەمدىن قانائەتلىنەرلىك مەدەت ئالالمىغاچ،ماجوۇ غا تېلىفۇن قىلىپ،بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ،ۋېي چىچىن بىلەن سۇن مېي لو نىڭ مېنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن قىلغان-ئەتكەنلىرىنى،بۇنىڭ ماڭا قانچىلىك ھار كەلگەنلىكىنى زارلاپ بەردىم. ماجوۇ ئۇھ تارتىپ"جوڭگونىڭ نوپۇسى كۆپ،ياخشى خىزمەت ئورنى ئاز،شۇڭا ھەممە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ،ئېلىشىش شەكلى،ۋاستىسى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزىلەر ئىلمىيراق ۋاستە قوللىنىدۇ،بەزىلەر ئەنە سەن دېگەن ئىككەيلەندەك پۈتكۈل دەسمايىسىنى چىقىرىپ،يۈز قارىماي،ۋاستە تاللىماي ئېلىشىدۇ.سېنىڭ ساددا،تۈز مىجەزىڭ ئەزەلدىنلا جەنۇبى جوڭگوغا ماس كەلمەيدۇ،جەنۇبى جوڭگولۇقلار دائىم ئادەم پۇتلايمەن دەيدىغانلاردىن.بولمىسا دالىيەنگە قايتىپ كەل،بۇ يەردە ياخشى خىزمەتلەر كۆپ،ئادىمىمۇ خېلى ياخشى،ھەم بىز بار،شۇنىڭدا جەنۇبتىكىدەك جاپا تارتىپ كەتمەيسەن."دېدى.ما جوۇ نىڭ گېپى ماڭا ئىلھام بولدى.ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ تالىشىش،تارتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك،پۈتكۈل زىمىن ئاللاھنىڭ زىمىنى،كىم دەيدۇ بۇ ئىچكىرىدە مېنىڭ نېسىۋەم يوق دەپ؟قاچانغىچە قولۇمدا بار نەرسىنى تارتتۇرۇپ قويۇپ چىرايىمنى سارغايتىپ ئولتۇرىمەن.ئورنۇمدىن تۇرۇپ،تىرىشىپ ماڭا تەئەللۇق نەرسىلەرگە ئېرىشىشم كېرەك،شۇ چاغدىلا ئۆزەمدە مۇشۇ كەمگىچە ئەڭ كەم نەرسىنىڭ تالىشىش ئېڭىنىڭ يوقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.شىنجاڭغىمۇ،دالىيەنگىمۇ قايتمايمەن،ھەممە ئەسەبىيلەرچە تالىشىۋاتقان نەرسىنى مەنمۇ تالىشىپ باقمامدىم،قانچىلىك ئالالايمەنكىن؟ئۆزەمنى سىناپ باقاي.                                                    
       (5)                    
  خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتىم،لېكىن ھازىر ئاللىقاچان 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ،ئەتە-ئۆگۈنلا يېڭى يىل،ئاندىن كېيىنلا چاغان بولىدىغان بولغاچقا،نۇرغۇن شىركەتلەر خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىشنى توختاتقانىدى،شۇڭىمۇ ئادەتتىكىدەك خىزمەتنى تاپقىلى بولسىمۇ،ياخشى خىزمەت تاپماق خېلىلا تەس ئىدى.ئىككى قېتىم خېلى بولۇپ قالىدىغان خىزمەتنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقانىدىميۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغان تەيۋەنلىك(ئىككىلىسىلا تەيۋەنلىك)سەن بەك قابىلىيەتلىككەنسەن،بۇ يەرگە زايە بۇلۇپ كەتكىدەكسەن دەپ مېنى قۇبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.ما گەپنى كۆرۈڭ،مەن بۇ تاپتا خىزمەت تاپالماي ئاۋارە،ئادەتتىكى چاغ بولسىغۇ مەيلى ئىدى،لېكىن يەنە مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە  خىزمەت تاپالماي قالسام،يېڭى يىل،چاغان بىلەن قوشۇلۇپ،2ئاي ئەتراپىدا ئىشسىز قالىدىغان گەپ،ئىچكىرىدە يالغۇزچىلىق يامان،شۇڭا چوقۇم بىر ئىش بىلەن ھەپىلىشىشىڭىز كېرەك،بولمىسا بىكارچىلىقتىن ئادەم ئاسانلا تۈگىشىپ كېتىدىغان گەپ.مۇشۇ باھانىدە ئۆيگە قايتىپ،بىر ئاز ئۆزەمنى تەڭشىۋېلىشنى ئويلىدىميۇ،قايتسام ئۆيدىكىلەر يەنە شۇ شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش،بالدۇرراق توي قىلىشقا قىستاپ تۇرۇۋالاتتى.ئۆيگە قايتىپ،ئۇنداق كۆڭۈلسىز يۈرگەندىن كۆرە،"ئات تاپقىچە ئېشەك مىن"دەپتىكەن،ئادەتتىكى شىركەت بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇپ،جېنىمنى جان ئېتىپ تۇراي دەپ ئويلاپ،12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر كۈنى گۇاڭجوۇ ئىقتىسادىي-تېخنىكا ئېچىۋېتىلگەن رايونىدىكى نىنو مىيا  ماشىنا زاپچاسلىرى شىركىتىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش بۆلمىدىن جەريان تەكشۈرگىچىلىك خىزمىتىنى تېپىپ،شۇ يەردە ئىشلەشنى قارار قىلدىم.شىركەتكە كىرىپ چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى،بەكلا ناچار "ئېشەك"نى تېپىۋالغان ئىكەنمەن.بۇ ئاساسلىق خوندا بىلەن تويوتا نىڭ ماشىنىسىنىڭ  كلاچچىىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر مېتال قاپنى ئىشلەپچىقىرىدىغان،تېخى يېڭىلا قۇرۇلغان،ئادەتتىكىچە بىر شىركەت بولۇپ،4ياپونلۇق بار بولۇپ،4سىلا ياپونىيىنىڭ قايسى سەھراسىدىن كەلگەندۇر بۇلار دېگۈدەك ئادەمنىڭ تەققى-تۇرقىغا،كىيىنىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان،تېتىقسىز نېمىلەر ئىدى.مېنىڭ باشلىقىم ئىشى كاۋا فامىلىلىك 40تىن ھالقىغان،7ياش چېغىدا بىر كۆزى تۇيۇقسىز ئېقىپ كېتىپ،مەجرۇھ بولۇپ قالغان ئادەم  بولۇپ،جاھاندا غەلىتە ئادەم ئىدى.ئەزەلدىن ياپونلۇقلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن مەن بۇ ياپونلۇقلارنى كۆرۈپ،كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم.شۇڭىمۇ خىزمىتىم تولىمۇ كۆڭۈلسىز ئىدى.ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىلا ئىشتىن چۈشۈپ،ئۆزەمنىڭ ئشىنى قىلاتتىم.گەرچە سەي يەن خۇا(مەندىن 1ياش چوڭ،6يىل ھىتاچى دا ئىشلەپ،ئورۇندا قەدەملەپ مېڭىۋەرمەسلىك،ئۆزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بىر ياخشى خىزمىتىنى تاشلاپ،خىزمەت ئالماشقان،ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان قىز) ئىسىملىك كىچىكىدىن خەنزۇچىدا ئوقۇغان چاۋشيەن مىللىتىلىك قىز بىلەن چىقىشىپ قېلىپ،ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ،ئەمىلىيەتتە ئەھۋالىم تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى.بىر ھەپتە 7كۈننىڭ ئىچىدە 5كۈن نىنو مىيا دا ئىشلەپ،ھېچبىر نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغان چىراي ئەمەس،ئۆزەمنىڭمۇ بۇلاردىن ئۆگەنگۈم يوق؛شەنبە،يەكشەنبە 2كۈن قىلىدىغان ئىش تاپالماي،گۇاڭجوۇ نىڭ شەھەر ئىچىگە كىرىپ،ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىپ تاماق يەپ باقىمەن،ياكى بولمىسا ئۆزەم تاماق ئېتىپ،ناخشا ئاڭلاپ،ئۇخلاپ كۈننى كەچ قىلىمەن.خىزمەت جەھەتتە كەينىمگە چېكىنىپ كېتىۋاتاتتىم.نېمە كۈن بۇ،ئىچكىرىگە كېلىپ ھېچنېمە ئۆگىنەلمەي،بۇنداق لالما ئىتتەك يۈرگىچە،شىنجاڭغا قايتىپ،ئاغرىقچان ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسام،توي قىلىپ،بالىلىق بولۇپ،ئېرىمنىڭ،بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،بالىلىرىمنى  ياخشى  تەربىيلەپ،خەلقىمگە تۆھپە قوشسام بولماسمىدى؟مۇشۇنداق كېتىۋېرىش مېنى ئاخىرى ھاڭغا تاشلايدۇ!يا كەينىمگە چېكىنىپ،شىنجاڭغا قايتاي،يا مۇشۇ يەردە  ئۆگىنىدىغان نەرسە بولسا ئۆگىنىپ،كېيىنىم ئۈچۈن ئىشلىتەي.مەن خەق ئۈچۈن ياشامتىم؟ئىشى كاۋالار تېتىقسىز بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى.ئەپلەشسە بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلەش،ئەپلەشمىسە باشقا يەردىن خىزمەت تاپسام بولىدىغۇ.شۇلارنى ئويلىغاچ ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن،ماڭا مۇشۇ ۋاقىتقىچە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان خەنزۇچە سەۋىيەمنى ياخشىلاشنى  قارار قىلدىم.خەنزۇچەمنى ياخشىلىساملا مۇشۇ سەۋىيەم،تەجرىبەم بىلەن قانداق چوڭ شىركەتكە  كىرىمەن دېسەم كىرەلەيتتىم.ئەلۋەتتە مېنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشۈم ئاسان،بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن بېرىلگەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىمغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ،لېكىن بۇ كىمگىلا بولسا ئورتاق،پەقەت بەزىلەرگە ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ،مەندەكلەرگە كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.شۇ بىر ۋاقىت پەرقى خالاس. ئەمىلىيەتتە ئىچكىرىدە ياشىغان ئىكەنمەن،خەنزۇچە سەۋىيەمنى ياخشىلىشىم كېرەك ئىدى،شۇ ئۆزەم ئۆگەنمەيمەن،مەن دېگەن ئۇيغۇر،خەنزۇچە سەۋىيەم مۇشۇنچىلىك بولسا يېتەرلىك دەپ ئۆزەمگە باھانە تاپىمەن تېخى.سۇن مېي لو مۇ چاۋشىيەنچە مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ،خەنزۇچىسى خەنزۇلاردەكلىكەنغۇ،مەن نېمىشقا قىلالمايمەن؟ئۇيات خەلچىگۈل!
ئاۋال "گېزىت ئوقۇش،خەنزۇچە ئۆگىنىش"دېگەن دەرسلىك ماتىرىيالنى سېتىۋېلىپ،ئۆگەندىم،ئاندىن ھەر ھەپتىدە بىر تاختا گېزىت سېتىۋېلىپ،ئوقۇدۇم.بۇنىڭ ئىچىدە "گۇاڭ جوۇ كۈندىلىك گېزىتى"نىڭ شەنبە كۈنلۈك پىسخولوگىيە بېتىگە ئامراق بولۇپ قېلىپ،دائىم دېگۈدەك شۇنى ئوقۇيدىغان بولدۇم.ئەمدى ئانچە-مۇنچە يۇرۇقلۇققا چىققاندەك بولدۇم.ئاڭلاش ئىقتىدارىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن،رادىئۇ ئاڭلاشقا باشلىدىم.باشتا بىر مۇۋاپىق پروگگىرامما تاپالماي،بىردە ئۇنى،بىردە بۇنى،بەزىدە ئاڭلاپ،بەزىدە ئاڭلىماي ئۆتكۈزدۈم.بىر كۈنى خىزمەتدىشىمغا كۈندە رادىئۇ ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى،لېكىن مۇۋاپىق پروگگىرامما تاپالمايۋاتقانلىقىمنى دېۋىدىم،ئۇ ئۆزىنىڭ دوڭگۇەن خەۋەر ئۇنۋېرسال قانىلىنىڭ دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە كەچ سائەت 9:30~11:00يې چۇن ئىسىملىك بىر ئايال رىياسەتچىلىك قىلىدىغان"شەھەر ئاۋازى"دېگەن پروگگىراممىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇ بىر  قىيىنچىلىققا،توسالغۇغا ئۇچرىسا تېلىفۇن،يانفۇن ئۇچۇرى،ئېلخەت قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن رىياسەتچى ئايال يې چۇن گە دەردىنى تۆكۈپ،يول كۆرسىتىشىنى ئۆتۈنىدىغان،يې چۇن كۈچىنىڭ يېتىشىچە توغرا مەسلىھەت بېرىدىغان پروگگىرامما بولۇپ،ئاساسلىق دوڭگۇەندىكىلەر مەسلىھەت سورايتتى.نوپۇسى 10مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ شەھەردە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ نوپۇسى يەرلىكلەردىن كۆپ بولۇپ،ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرى،غەم-ئەندىشىلىرى بار ئىدى،نەچچە كۈن ئاڭلاپلا بۇ پروگگىراممىغا ئامراق بولۇپ قالدىم.بەزىدە تېلىفۇن ئۇرغانلارنىڭ دەرت-ئەلىمىنى ئاڭلاپ جاھاندا شۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ،خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالمايتتىم.ئۇلارنىڭ قىيىنچىقلىرى ئالدىدا مېنىڭ قىيىنچىقلىرىم ھېچقانچە ئەمەس ئىدى،مەن ئۆزەملا بەك ئويلاپ چوڭ مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتىمەن.مانا،ئۇلارمۇ شۇنچىۋالا دەرت-ئەلەم تارتىپمۇ،تارتىۋېتىپمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋېتىپتىغۇ.توۋا،دوڭ گۇەندە بىر يىلغا يېقىن تۇردۇم،نېمىشقا مۇشۇنداق ياخشى پىروگگىىراممىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي يۈرگەن بولغىيتتىم؟ئەمدى بۇرۇن نىنو مىياغا كىرگەن چاغدىكىدەك چۈشكۈن ياشىمايدىغان بولدۇم...
2007-يىل يېڭى يىل،كۇرى ھاراغا ئۇنىڭ دۆلىتىدە ئىچكىرىگە كېلىپ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كەچۈرمىشلەرنى بېشىمدىن كەچۈرگەنلىكىمنى،شۇ جەرياندا شىنجاڭدا بولغان بولسام قەتئى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ،بۇلارنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر بايلىق بولىدىغانلىقىنى،شۇڭا ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى،بۇندىن 3يېرىم يىل بۇرۇن ئارىيەت ئېلىپ تۇرغان 6000سوم پۇلنى قايتۇرماقچى بولغاچقا،قايسى كارتىغا،قانداق ئۇسۇلدا سالسام بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى،كېيىن بەرگەن 2000سومغا يېقىن پۇلنى ئىچكىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمەيۋاتقان بىر قىزغا بېرىپ،ئۇ پۇلنىڭ مېنىڭ ئەمەس،كۇرىھارانىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىمنى،شۇڭا شۇ2000سومنى قايتۇرمايدىغانلىقىمنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ خەت ئېۋەتتىم.كۇرىھارا ئېلخەت ئارقىلىق"ھازىر مەن پۇلدىن قەتئى قىينالمايۋاتىمەن،شۇڭا ئۇ 6000سومنى قايتۇرساڭمۇ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانچە بىر ئەھمىيىتى يوق.خەلچىگۈلگە بولغان مەبلىغىم تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى،شۇڭا ئۇ پۇلنى كېلەر قېتىم قەيەرگە،قانداق مەبلەغ سالساق ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ شۇنى ئويلىشايلى.ئەڭ ياخشىسى ئائىلەڭدىكىلەر ياكى تۇغقانلىرىڭدىن بىرەرى ئوقۇش راسخوتىغا ئېھتىياجلىق بولسا،شۇ پۇلنى شۇ كىشىگە مەبلەغ سالساق دەيمەن.مەسىلەن،6000سومغا 54000سومنى قوشۇپ،60000سومنى بانكىغا قەرەللىك ئامانەتكە قويۇپ،ھازىر جوڭگونىڭ يىللىق ئۆسۈمى 6پىرسەنت ئەتراپىدا بولغاندىن كېيىن،ھەر يىلى 3600سون ئۆسۈمنى ئېلىپ،شۇ  كىشىگە مەبلەغ سالساق،مەبلەغ ئىگىسى سەن بولساڭ.يەنە بىر گەپ،سەن ئىچكىرىدە ناھايىتى ياخشى تەجرىبىلەرنى توپلاپسەن،گەپلىرىڭدىن قارىسام ياپونىيىگە كېلىپ ئوقۇشۇڭ ھاجەت ئەمەسكەن،ھېچبولمىغاندا ھازىر.ئىچكىرىدە ئىشلىسەڭ ياپونغا بېرىپ ئۆگەنگەنگە قارىغاندىمۇ كۆپ ئۆگىنىش بولىدۇ.ئەمدىكى مەسىلە خىزمەتتە تەلەپ قىلىنىدىغان قابىلىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ،قىيىنچىلىقنى بۆسۈپ ئۆتۈش.مېنىڭچە..."دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.مەنمۇ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچەپۇلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،كۇرى ھاراغا گەرچە بۇ قېتىم ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمىغان بولساممۇ،ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقۇم ئۇزۇن مۇددەتلىك بولغاچقا كەلگۈسىدە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بولسىمۇ قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.لېكىن كۇرىھارانىڭ" ھازىرچە ياپونغا چىقىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق"دېگەن پىكرىگە ئانچە قوشۇلمىدىم.چۈنكى ئۆزەمنىڭ ياپونىيىگەچىققۇسى بار ئىدى ،شۇڭا كېرەكلىك پۇلنى ئۆزەم تېپىپ چىقاي. .ئۆزەمنىڭ خاھىشى بويىچە ياشاش ئۈچۈن تىرىشىمەن.                                                                  
  (6)                          
5-ئاي دەم ئېلىشقا يېقىن بىر كۈنى،ئېلخەت ساندۇقىمنى ئاچسام بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىتىدا بىر مەۋسۈم ياپون تىلى ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچۇم ھەم دوستۇم كۇرو كاۋا ئېلخەت ئېۋەتىپ،شىركەتنىڭ ئۇنى شاڭخەيدە 2يىل ئىشلەشكە ئەۋەتكەنلىكىنى،جوڭگوغا بارغاندىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.دېگەندىكىدەك ئۇ شاڭخەيگە كېلىپلا تېلىفۇندا كۆرۈشتۇق،ئۇ مېنىڭ ياپون تىلى سەۋىيەرىمنىڭ شىنجاڭدىكى ۋاقتىمغا قارىغاندا ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ،"ئىچكىرىگە كېلىپ،ياپونلۇقلار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتمىدىڭمۇ؟"دەپ سورىۋىدى،مەن بۇرۇن بىر نەچچەيلەن بىلەن مۇناسىۋىتىم خېلى ياخشى بولسىمۇ،ھازىر ئانچە ئالاقىلاشمايدىغانلىقىمنى،ھازىرقى شىركەتتە گەرچە ياپونلۇقلار بولسىمۇ،ياپونچە سەۋىيەم ئۆسمىسە مەيلىكى،ئۇلارغا  قەتئى گەپ قىلغۇمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىۋىدىم،كۇرو كاۋا ھەيران بولۇپ(چۈنكى مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى چېغىمدا ياپون تىلى ۋە ياپونلۇقلارغا شۇنچىلىك مەستانە ئىدىمكى،ئەتىدىن-كەچكىچە ياپونلۇقلار بىلەن بىللە يۈرسەممۇ،ياپونچە دەرس ئاڭلىساممۇ زېرىكمەيتتىم.بۇنى كۇرو كاۋا ياخشى بىلەتتى.)،"نېمىشقا ئۇلارغا گەپ قىلغۇڭ يوق"دەپ سورىۋىدى،ئۇلارنىڭ قىزلارنىڭ تەققى-تۇرقىغا،كىيىنىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى،خىزمەتتە كۆز بويامچىلىق قىلىپ،ھەتتا مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغانلىقىنى،ھازىرغىچە قىزلارغا ئامراق ياپونلۇقلارنى كۆرۈپ باققان بولساممۇ،خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىز،قاراپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان ياپونلۇقلارنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىكەنلىكىنى،شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن خوشامنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىۋىدىم،كۇرو كاۋا"سېنىڭ ياپون تىلىڭ شۇنداق ياخشى،خىزمەت قىزغىنلىقىڭ شۇنداق يۇقىرى تۇرۇپ،قانداق قىلىپ ئۇ شىركەتكە كىرىپ قالدىڭ،بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىپسەن.شاڭخەيدە ياپونىيىنىڭ نۇرغۇن تاشقى سودا شىركەتلىرى بار،شۇنداق يەرلەردە ھەقىقى ياپونلۇقلارنى(دېمەكچى بولغىنى مەن ھازىر بىللە ئىشلەۋاتقان ياپونلۇقلار چۈپرەندە ياپونلۇقلار)ئۇچرىتالايسەن،سەن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسەن.مەن ساڭا خىزمەت ئىزدەي،سەن ۋاقتى كەلگەندە يۈز تۇرانە ئىمتىغانغا كەلسەڭلا بولىدۇ "دېدى.مەن مۇشۇ كەمگىچە يۇقىرى مائاش ئېلىش ئۈچۈن،نۇرغۇن شىركەتلەرگە ئالماشقانلىقىمنى.بىرەر شىركەتتىمۇ بىر يىل ئىشلەپ باقمىغىنىمنى،شۇڭا ياپون تىلىدىن باشقا  ھېچقانداق نەرسىنى مەن بىلىمەن،مەن قىلالايمەن دېيەلمەيدىغانلىقىمنى،يەنى يۇقىرى خىزمەت بولسا قابىلىيىتىمنىڭ يەتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم،ئۇ كۈلۈپ،"قابىلىيەت مۇھىم ئەمەس،يۈرەك،قىزغىنلىق مۇھىم.قابىلىيەت دېگەننى يېتىشتۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.مەن ساڭا ئىشىنىمەن،سەنمۇ ئۆزەڭگە ئىشەن."دېدى.مەنمۇ ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم.ئۇ ماڭا خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتى.شاڭخەيگە كېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ،تۇرۇپلا گۇاڭ دوڭغا مېھرىم چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئەتراپىممۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا چىرايلىق كۆرۈنىدىغان،گۇاڭ دوڭچە سۆزمۇ خېلى يېقىشلىق ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قېلىپ(بۇرۇن مەن گۇاڭ دوڭلۇقلار بىلەن خوشام يوق دەپ،تىلىنىمۇ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم.)،بىر-ئىككى ئېغىز گۇاڭ دوڭچە سۆزنىمۇ ئۆگىنىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدىم.كۇرو كاۋا تاپقان خىزمەت  مائاش جەھەتتە ماڭا مۇناسىپ كەلمىگەچكە ئۇ يەنە داۋاملىق ئىزدىدى.مۇشۇ تەرىقىدە 7-ئايمۇ كىرىپ قالدى.مېنىڭ نىنو مىيا دا قەتئى تۇرغۇم يوق ئىدى.شاڭخەيگە بارسام يولۇم ئوچۇق بولىدىغىنى راست،لېكىن گۇاڭ دوڭدىمۇ پۇرسەت كۆپ،جېجياڭلارغا بارساممۇ بولىدىغۇ.بىرەيلەنگە تولا بەك يۆلىنىۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس،شۇنىڭ بىلەن خىزمەتنى ئۆزەم ئىزدەشكە باشلىدىم.بۇرۇن خىزمەت ئىزدىگەندە ھېس قىلماپتىمەنيۇ،بۇ قېتىم رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم،خېلى كۆپ ياخشى شىركەتلەرگە باردىم،يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغان بەزى ياپونلۇق ۋە جوڭگولۇقلار ماڭا ئىسىت،شىركىتىمىزگە ئېلىپ قالالمايدىغان بولدۇق دېيىشىپ خوشلاشتى.بەزىدە ئېنگىلىزچىنى ئازراقمۇ بىلمىگەنلىكىم(سەنيوۇ شىركىتىدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ،ئۇ ياپونلۇق ھاياجانلىنىپ،ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتىيۇ،مېنىڭ ئازراقمۇ ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ،لاسسىدە بولۇپ،"ئادەتتىكى ئېلخەتلەرنى كۆرەلىگۈدەك سەۋىيىدە بولغان بولساڭمۇ سېنى قۇبۇل قىلىپ تۇرۇپ،كەچلىك كۇرستا بىرەر يىل ئېنگىلىزچە ئۆگەنسەڭ،ھازىرقى تەلىپىمىزگە ئۇيغۇن كېلەتتىڭ ئەمەسمۇ.مەن سېنى  بىر يىل ساقلىيالايتتىم.لېكىن ھازىر ئاددى ئېلخەتنىمۇ كۆرەلمەيدىكەنسەن.كەچۈر،سېنى قۇبۇل قىلالمايدىغان بولدۇم.ھازىرغىچە 41ئادەمدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالدىم،بۇلارنىڭ ئىچىدە سەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىدىڭ،ئىسىت"دەپ كەتتى.)،بەزىدە  گۇاڭ دوڭچە بىلمىگەنلىكىم،بەزىدە مەلۇم بىر كەسپتىكى تەجرىبەمنىڭ يوقلىقى بىلەن خېلى ئۇزاق خىزمەت ئىزدىدىم. بىر كۈنى جۇخەيگە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا بارماقچى بولۇپ،نەچچە كۈن ئاۋال جوڭشەندىكى"شەرق نۇرشۇناسلىقى"دېگەن بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتنىڭمۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرتقانلىقىنى ئېسىمگە كېلىپ،بۇ ئىككى شەھەر يېقىن بولغاچقا بىراقلا بېرىپ،ئىمتىھاننى تۈگەتمەكچى بولۇپ،شىركەتتىن 2كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ،بىرىنچى كۈنى  جۇخەيگە باردىم، جۇخەي كىچىكلا بىر شەھەر بولۇپ،يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان شىركەتنى ئاسانلا تاپتىم.يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ،شەھەرنى ئانچە-مۇنچە  ئايلىنىپ بولۇپ،جوڭشەنگە يولغا چىقتىم.كەچتە بىر مېھمانخانىدا قۇنۇپ،ئەتىسى "شەرق نۇرشۇناسلىقى"غا باردىم.مېنى مۇئاۋىن باش دېرىكتور ئۆزى ئالدىمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى،بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرسام،شىركەتنىڭ ئىچى،كۈتۈۋېلىش زالىغا كىرىپ،مۇئاۋىن باش دېرىكتور بىلەن بولغان يۈز تۇرانە  سۆھبەت مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ،بۇ شىركەت ساختا شىركەتمۇ نېمە دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى.چۈنكى كۈتۈۋېلىش زالىغا تىجارەت كىنىشكىسىدىن باشقا شىركەتنىڭ
ISO
  
گۇۋاھنامىلىرىمۇ قويۇلمىغانىدى.بۇ گۇۋاھنامىلەر ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەردە  ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ،شەكىللا بولۇپ قالغان بولسىمۇ،مەن كۆرگەن شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە ھەممسى شۇ گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشكەن ھەم پەخىرلىنىپ،كۈتۈۋېلىش زاللىرىدەك كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان جايلارغا تىزىپ قوياتتى.مۇئاۋىن باش دېرىكتورمۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا مەندىن ئادەتتىكى سۇئاللارنى سوراپلا،مېنى قۇبۇل قىلغۇسى يوقلىقىنى چىرايىدا ئىپادىلىگەچ،"سېنىڭچە سېنىڭ خەنزۇچەڭدە مەسىلە يوقمۇ؟"دەپ سورىدى.مەن بۇرۇنلارتىن بولسا ئۆزەمنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسىدىن خېلى ئەنسىرەيتتىميۇ،مۇشۇ نەچچە ئاي خەنزۇچە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ سەۋىيىسىنىڭ  خېلى ئېشىپ قالغانلىقىنى،قالغىنىنى كېيىنچە داۋاملىق ئۆگىنىش جەريانىدا تۇلۇقلىسام بولدىغىنىنى  ھېس قىلغاچقا،يەنە كېلىپ بۇ شىركەتكە كىرىپ ئىشلەش خىيالىم بولمىغاچقا ھېيىقماستىن"مەسىلە بار،تەلەپپۇزۇم ناچار،تۇراقلىق ئىبارە،ماقال-تەمسىللەرنى،بەزى چاغدا  ھەتتا مۇرەككەپرەك گەپلەرنى  چۈشەنمەيمەن.لېكىن مېنىڭ ياپون تىلى سەۋىيەم ياخشى، ياپون تىلى جەھەتتە مېنى سىنىمامسىلەر؟"دېدىم. "توختا،ھازىر سىنايمىز"دېگەچ ماڭا قاراپ قويدى.مەن بىرىنچى سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكىمنى ئۇنىڭ شۇ ئىپادىسىدىن بىلدىم،قۇبۇل قىلىنمىسام قۇبۇل قىلىنمىدىم،تېخى ياخشى دەپ ئويلىغىنىمچە مەنمۇ مەغرۇرلارچە ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.ئۇ چىقىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەيلا ۋىجىك،كىچىككىنە بىر  قىز كىرىپ كەلدى ۋە راۋان ياپون تىلىدا"ياخشىمۇسەن،ئاڭلىسام يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقىلى گۇاڭجوۇدىن كەپسەن،جاپا تارتقانسەن ھە؟"دېدى.بۇ قىزنىڭ ياپونچە سەۋىيىسى بولىدىكەنغۇ دەپ ئويلىغىنىمچە"نەدىكىنى،جاپا تارتمىدىم."دېگىنىمچە،ئادەت بويىچە ياپون تىلىدا ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇۋېتىپ،ئۇ قىزنىڭ ئىپادىسىغا قارىدىم.ئۇ ھەممە گەپلىرىمنى چۈشىنىۋاتاتتى ھەم ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇردى.بۇنى كۆرۈپ ئىچىمدە بۇ قىز ياپونلۇقمۇ نېمە دەپ ئويلىدىميۇ،ئۇنىڭ ياسىنىشغا قاراپ،ياق،ئۇ جوڭگولۇق دەپ جەزىملەشتۈردۈم.ئەمىلىيەتتە مەن گەرچە ئاددى ياپونچە سۆزلەر بىلەن ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرغان بولساممۇ،"شىنجاڭ"،"تۇرپان"،"ئۇيغۇر"دېگەندەك ئاتالغۇلارنى  ياپونچە ئاتىسام،جوڭگولۇقلار ئاساسەن چۈشىنەلمەيتتى.لېكىن بۇ قىز چۈشەندى،شۇڭا ھەيران بولغانىدىم.ئۇ ماڭا"ياپونچە سەۋىيەڭ بەك ياخشىكەنغۇ"دېۋىدى،مەن" سېنىڭمۇ بەك ياخشىكەنغۇ"دېۋىدىم،ئۇ"مەن ياپونىيىلىك،فامىلەم ھاگىۋارا"دېۋىدى،مەن خىجىل بولۇپ،"كەچۈرگىن،ياسىنىشڭغا قاراپ،سېنى جوڭگولۇقمىكىن دەپ قاپتىمەن"دېۋىدىم،"ھېچقىسى يوق،مېنىڭ يىگىتىم جوڭگولۇق،شۇڭا جوڭگولۇقلاردەك ياسىنىدىغان بولۇپ كەتتىم"دېدى.ئىككەيلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق،بىر چاغدا مۇئاۋىن باش دېرىكتور كىرىپ، ھاگىۋارادىن"ئۇنىڭ سەۋىيىسى قانداقكەن؟"دەپ سورىدى. ھاگىۋارا"بەك ياخشىكەن،ياپونلۇقلاردەكلا سۆزلەيدىكەن"دېدى."شۇنداقمۇ؟"دېگىنىچە ماڭا قاراپ قويدى.ئۇنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى. ھاگىۋارا بىلەن سۆزلىشىشتىن بۇرۇن،بۇ شىركەت مېنى قۇبۇل قىلسىمۇ كىرمەيمەن دەپ ئويلىغانىدىميۇ،ھاگىۋارا بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم ھەم بۇ شىركەتتە ياپونىيىلىك ئىشلىگەندىكىن ھەرگىز ساختا شىركەت ئەمەس دەپ ئويلىدىم دە،مۇئاۋىن باش دېرىكتورغا قاراپ ئاددىغىنە تەبەسسۇم قىلدىم.ئۇ ئىككەيلەن چىقىپ كېتىپ،بىر ھازادىن كېيىن مۇئاۋىن باش دېرىكتور كىرىپ كېلىپ،"سېنى باش دېرىكتورنىڭ يېنىغا ئەپ كىرەي،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باق"دېدى.ئۇ مېنى باش دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا ئەپ كىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.باش دېرىكتور"ئاڭلىسام سېنىڭ ياپون تىلى سەۋىيەرىڭ بەك ياخشىكەن"دېدى.بۇ گەپنى ياپونلۇق دېگەن بولسا"نەدىكىنى"دەپ كەمتەرلىك قىلىپ قويغان بولاتتىميۇ،مەن باشقا جوڭگولۇقلاردەك  يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا بىلمىسىمۇ بىلىمەن دەپ ئادەم ئالداپ،شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىدىغانلاردىن بولمىغاچقا،تۈزۈت قىلمايلا"رەھمەت"دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم.ئۇ مەندىن بىر ھازا رەسمى تۈستە سۇئال سورىدى،مەنمۇ سەمىمى جاۋاپ بەردىم.ئۇ كۈلۈپ "欲速则不达"
دېدى.ئۇنىڭ گېپى توغرا ئىدى.مەن غەلىبە قىلىشقا بەكلا ئالدىراپ كەتكەنىدىم..ئۇنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ يېرىم سائەت بولا-بولمايلا مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالغانلىقىدىن قايىل بولدۇم ھەم كەمچىلىكلىرىمنى مۇشۇنداق قېزىپ چىقىرالىسام نېمىدىگەن ياخشى ھە دەپ ئويلاپ،بۇ شىركەتكە راستىنلا كىرگۈم كېلىپ قالدى.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت بولسا نېمە بوپتۇ،قاچانغىچە ياپونىيىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋېرىمەن،مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باقايچۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. ئاخىرىدا ئۇ"شىركىتىمىزگە كىرىپ قالساڭ قانداق تەلەپلىرىڭ بار؟"دەپ سورىدى.بۇ ئۇنىڭ مېنى بۇشىركەتكە قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.مەنمۇ تېگىشلىك جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن باش دېرىكتور بىلەن كونكىرتنى ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشتىم.مېنىڭ مائاش تەلىپىمگە ئۇ قوشۇلدى.شۇنداق قىلىپ،نىنو مىيادىكى ئىستىپا بېرىش رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن،بۇ شىركەتكە كەلمەكچى بولدۇم.كۇرو كاۋاغا تېلىفۇن ئۇرۇپ،جوڭشەندىكى"شەرق نۇرشۇناسلىقى"دېگەن 90پىرسەنتتىن ئارتۇق خېرىدارى ياپونىيە شىركىتىدىن تەشكىل تاپقان شىركەتنىڭ  تىجارەت بۆلمىگە قۇبۇل قىلىنغانلىقىمنى،شۇ يەردە ئىشلىگۈم بارلىقىنى،بۇندىن كېيىن ماڭا خىزمەت تاپمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.نىنومىياغا بېرىپلا ئىستىپانامىنى يېزىپ،ئىشى كاۋاغا سۇندۇم،ئىشى كاۋا خۇشاللىق بىلەن ئىمزا قويدى،مەنمۇ ئۇنىڭ دەرھاللا ئىمزا قويغىنىغا خۇش.دېمىسىمۇ مەندەك كۆڭۈلسىز ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىنى كىمنىڭمۇ قالدۇرغۇسى بولسۇن،بۇ يەردە ئورۇن ئىگەللەپ،مائاش ئېلىپ يۈرگىنىمدىن كۆرە،ئىستىپا بېرىپ،باشقىلارغا ئورۇن  بوشاتقىنىم ياخشى.مەندىن ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلار ساماندەك.مەنمۇ نىنو مىيا دا قەدەممۇقەدەم چېكىنىپ يۈرگىنىمدىن كۆرە،بۇ يەردىن تېزرەك ئايرىلغىنىم ياخشى، نىنو مىيا مېنىڭ ئىچكىرىگە كەلگەندىن كېيىنكى زور  خاتا تاللشىم.                        
              (7)                        
2007-يىل9-ئاينىڭ14-كۈنى"شەرق نۇرشۇناسلىقى"شىركىتىگە           كىردىم.بۇرۇنقىدەكلا دەسلەپكى تۆت،بەش ئايدا كەچ سائەت ئىككىگىچە ئىشلەپ يۈرۈپ خىزمەتنىڭ  ھۆددىسىدىن چىقتىم.ئىشخانىدا بۇنداق كەچكىچە  ئىشلەۋېرىشمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،شۇڭا ئىشخانىدا تۈگىتەلمىگەن خىزمىتىمنى ئۆيدە ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كومپىيوتېر سېتىۋالدىم.مۇشۇنداق يېرىم يىلغا يېقىن تىرىشىش نەتىجىسىدە،خىزمەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇم،ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىممۇ كۆپىنچىسى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا،ئۇلاردىن ئۆگەنگەچ،خېلى چىقىشىپ قالدىم.شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنىڭ ۋاقتىمۇ بار بولدى. ئۇزاقتىن بېرى ئۆزىمىز توغرىلىق ئېسىل ماقالىلەر بولسا كۆرۈپ تۇرۇشقا تەشنا بولۇپ كەلگەچكە،ئالدى بىلەن كومپىيوتېرىمنى تورغا ئۇلىدىم."سەلكىن"،"دىيارىم"تور بېكەتلىرىنىڭ مۇنبەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە   خېلى بولىدىغان ئەسەرلەر بار ئىكەن،ئوقۇۋېتىپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم.5-ئايغا يېقىن دوستۇمدىن ئەسئەت سۇلايماننىڭ"ئۆزلۈك ۋە كىملىك"دېگەن كىتابىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇدۇم.ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنى تولىمۇ بەختىك ھېس قىلدىم.مەن ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش مۇشۇنداق ئەمەسمىدى؟نېمىدىگەن ياخشى.ئەمدى مەھكۇملۇق ئىچىدە ئۆتمەيدىغان بولدۇم.خەلچىگۈل،ئەمدى ھەممە نەرسەڭ تەل بولدى،گەپ سېنىڭ قانداق تىرىشىشىڭدىلا قالدى......                                                            
****************************************************************  
     خاتىمە                
        
ئەسلىمەمنى مۇشۇنداقلا ئاياغلاشتۇرىدىغان بولدۇم.بۇنداق ئاياغلاشتۇرسام خەلچىگۈل نىشانىغا يېتىپتۇدە دەپ ئويلاپ قالماڭ.ئەسلا ئۇنداق ئەمەس،ئاللاھ خالىسا مېنىڭ يولۇم تېخى ئۇزۇن،مەن پەقەت دەسلەپكى قەدەملەرنى باستىم ھەم بېسىۋاتىمەن ،ھازىرمۇ  نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىم،جىددى ھەل قىلمىسام بولمايدىغان قىيىنچىلىقلىرىم تۇرۇپتۇ.توختىماستىن داۋاملىق تىرىشىشىم زۆرۈر.مېنىڭ بۇ ئەسلىمىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسىدىم،(1)تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەش؛(2)ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزغا،بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئۈمىد بېغىشلاش،يەنى  ساددا،كاللام  ئانچە ئىشلەپ كەتمەيدىغان مەن چېغىمدا ئۇيغۇرچىدا ئوقۇپمۇ، ئىچكىرىدە خىزمەت تېپىپ،ئۆزەم بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خەنزۇلار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقاندىن كېيىن(باشقىلارغا قارىغاندا زورۇقۇپراق بولسىمۇ)،يۇرتىمىزدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى تامامەن ئىچكىرىگە كېلىپ،پۇرسەت ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش(مەن ئەينى چاغدا شۇنداق بىر ئۈمىدكە تولىمۇ  زارىققان ئىدىم.)؛(3)كېيىنكىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش؛مەن ئىچكىرىدە ئوقۇش،ئىشلەش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي خېلىلا كۆپ خاتا،ئارتۇقچە يوللارنى باسقان،شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ ئەسلىمەمنى ئوقۇپ،ئۆزىمۇ ماڭا ئوخشاپراق كېتىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا خەلچىگۈل شۇنداق خاتا قەدەملەرنى بېسىپتىكەن،مەن بولساممۇ باسماي جۇمۇ دەپ ئويلاپ توغرا يولدا ماڭسا تولىمۇ خۇرسەن بولىمەن؛(3) ئەسئەت سۇلايماننىڭ"ئۆزلۈك ۋە كىملىك"دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان چېغىمدىكى ئۆزەمنى بەختلىك دەپ ھېس قىلغان قىسقىغىنە ۋاقتنى خاتىرىلەش.
دوستۇم مىزۇ ئې"مەن تىرىشمىسام ياپونىيىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بولمايدۇ!"دەيتتى.مەن گەرچە ئۇنىڭدەك"مەن تىرىشمىسام ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بولمايدۇ!"دېيەلمىسەممۇ،"مەن خەلقىمنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى!"دېيەلىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن.                                                    

  2008-يىل08-ئاينىڭ 31-كۈنى گۇاڭ دوڭ ئۆلكىسىنىڭ جوڭشەن شەھىرىدە يېزىپ پۈتتۈرۈلدى.
   خەلچىگۈل پەتتار
[ 此贴被halqigvl在2008-09-07 18:33重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kuduratulla
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-07, 09:07
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuduratulla) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 16:04 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
izhar0996
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29258
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

مەن ساقلاپ قۇيۇپ كىيىن ئۇقاي
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:34 |
.utkur.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29007
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 584 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەنمۇ شۇنداق قىلاي،ساقلىۋالدىم ئەمىسە...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:44 |
atikam
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1099
شۆھرەت: 1040 نۇمۇر
پۇل: 3418 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئەسلىمىللىرىڭىزنى زىرىكمەي ئۇقۇپ چىقتىم ،،،،،سىز تولىمۇ غەيرەتلىك قىزكەنسىز،،،،،،،،،ئىنساندا ئەنە شۇنداق غايە -ئارزۇلار تولغان يۇكسەك تىرىىشچانلىق بۇلۇشى كىرەك ، ،،،،،،،،شۇنداق بولغاندىلا  ئۆز ئارزۇ -ئارمانلىرىغا يېتەلەيدۇ،،،،،،،،
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:18 |
amarjanapiz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29227
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسىلمنى ھازىرىغىچە نۇرغۇن دوسىتلارنىڭ ئۇقۇپ باقىمىغنىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى ،ياكى  بولمسا ئۇلارنىڭ ۋاقىتى بەك قىسمۇ بىلىمىىدىم،خەلچىگۈلنىڭ بۇ ئەسىلمىسگە قاراپ مەن ئۆزۈمنى گويا ئالى مەكتەپتە بىكارغلا ئوقۇپ چىقىپ كەتكەندەك ھس قىلۋاتىمەن،مېنىڭ سەۋىيەم ھەققەتەن بەك ناچار ئۇخشايدۇ،مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولدى ،ھازىرچە مەلۇم ئورۇندا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىمەن.ئامال قىلىپ پۇل يىغىپ ئاۋۋال خەنزۇرتىلى سەۋيەمىنى ئاشۇرشۇم كېرەك .
بەك تاققا -تۇققا سۆزلەپ كىتىپتىمەن ،ئامال بولسا مۇشۇ خەلچىگۈل بىلەن ئالاقىلشش ئادىرسنى مۇنبەرگە چىقىرىپ قويغان بولساڭلار،مەن بۇ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشنى  بەك خالايتىم.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:45 |
kuduratulla
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 951
شۆھرەت: 1061 نۇمۇر
پۇل: 356 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەن بۇ ئەسلىمىڭىزنى قۇرمۇ- قۇر ئۇقۇپ چىقتىم. ھايات مۇساپىڭىزدا نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلارنى ئۆتكۈزۈپسىز. تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. بۇندىن كىيىنمۇ ياخشى تىرىشىپ كۈنسىرى ئالغا ئىلگىرلەڭ.
مىنىڭ سىزنى تەبىيلىگەن ياپۇنلۇققا سەل ئىچىم ئاغرىدى، مىجەزى قۇپال سۇقۇشقاق بولسىمۇ سىزنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەربىيلەپتىكەن.  ئىختىساسلىق خادىمدىن ئايرىلىش ئۇلار ئۈچۈنمۇ تەستە.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:49 |
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1523
شۆھرەت: 999 نۇمۇر
پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مەن بىر سائەت ئۇقۇپ بۇلۇپ قارىسام ئاران يېرىمى تۈگەپتۇ.قالغىىننى ئۆيگە قايتىپ ئۆيدە ئۇقاي!ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن  مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يازاي
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 20:26 |
0991sumruh
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 218 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سىزگە ئاپىرىن سىڭلىم !
تېخىمۇ  زور  ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 21:34 |
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1523
شۆھرەت: 999 نۇمۇر
پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 199(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

سىزنىڭ 10  يىللىق كەچۈرمىشىڭىزنى 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا تەپسىلى ئۇقۇپ تۈگەتتىم.10 يىل جەريانىدا  نۇرغۇن ئسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كۈچۈرۈپسىز ھەم ئاز بولمىغان تۇرمۇش ،خىزمەت تەجىرىبىسگە ئىگە بوپسىز.سۆزلىرىنىڭ شۇنى ھىس قىلدىمكى گەرچە سىز ئۈگنىشتە تېرىشچان ،تەۋەككۈل قىلىش روھىغا باي بولسىڭىزمۇ بىراق سىزمۇ نۇرغۇنلىغان قىزلارغا ئۇخشاشلا كەسىپ ئۈگنىش ۋە خىزمەتلەردە سۆرەلمە ئىكەنسىز.سىز بىر ئىشىنى قىلغان ئىكەنسىز مەيلى ياقتۇرماڭ ياكى ياقتۇرۇڭ چۇقۇم ئەڭ زور تېرىشچانلىق كۆرستىشىڭىز كېرەك.سىز قىلۋاتقان خىزمەت بىلەن بۇرۇن ئۇچراشقان بۇلۇڭ ياكى يىڭدىن كىرىشكەن بۇلۇپ سىزنىڭ ياپۇن تىلى ئۈگەنگەن ۋاقىتتىكى تېرىشچانلىقىڭىز بولسىلا چۇقۇم ئۆزلەشتۈرۈپ كىتەلەيسىز.سىزنىڭ بىر ئۈمۈر تەرجىمانلىق قىلغۇڭىز بولمىغان ئىكەن ئۇنداقتا سىز خىزمەت ئورنىڭىزدا ياپۇن تىلنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۋالماڭ.سىزنىڭ كۆپ خىزمەت ئالمىشىشىڭىز ۋە كەسپنى ئىگەللىيەلمەسلىكىڭىز سىزنىڭ ياپۇن تىلىنى بەك ياخىشى بىلمەن دەپ تەمەننا قۇيغانلىقىڭزدا.ئۇندىن باشقا ئەسلىمىڭزدىكى ۋې چىچىن دىگەن ئايالمۇ ياكى ياپۇنىيلىك خۇجايىن ئايالمۇ مەن تازا ئىنىق ئاڭقىرالمىدىم.يەنە بىر ئىش 开发دىگەن سۆز ئادەتتە شېركەتلەر بۈلۈملىرىدە تەرەققىيات دەپ ئىلىندۇ.ھەرگىزمۇ ئىچىش بۈلۈمى ئەمەس.ئاخىرىدا سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 22:22 |
بىھارە
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20361
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 442
شۆھرەت: 522 نۇمۇر
پۇل: 1512 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

ئەسلمىلىرىڭىز ماڭا كىنو دەك بىلىندى ،ئادەمگە جىددىلىك ھىس قىلىدۇرىدىكەن ،
ماڭا مىزوئى نىڭ سۆزى بەك ياقتى ؛؛؛
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:02 |
بىھارە
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20361
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 442
شۆھرەت: 522 نۇمۇر
پۇل: 1512 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

مېنىڭ يەنە ياپون تىلىنى قايتىدىن ئۈگەنگىم كېلىۋاتىدۇ،بىردىن تارتىپ 10غىچە سانىيالايمەن ،
كونوچىۋا ،ئوخايوگوزايىماش ئوچىسا ، سايوۋنالا ،مۇشۇنىلام دىيەلەيمەن ،بۇنىمۇ 6-سنىپ ۋاقتىمدا ئۈگەنگەنتىم ،
پەقەت ئۇنتۇپ قالمىدىم دىسە ھازىغىچە ھىساپتا 20يىل بۇلۇپ قاپتۇ،
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:08 |
janankiz813
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 204
شۆھرەت: 204 نۇمۇر
پۇل: 712 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

    
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:26 |
aydil
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29298
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

سىزنىڭ ئەسىلىمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ غەيرىتىڭىزگە ،راستچىللىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. سىز ياپون تىلىنى شۇنداق ياخشى بىلىدىكەنسىز، دىمەك سىزدە تىلغا نىسبەتەن قابىلىيەت بار. شۇڭا مەن سىزنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياپون تىلىنى ئۆگەنگەندەك ياخشى ئۆگىنىپ كىتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك«مەن خەلقىمنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى»دىيەلىشىڭىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 23:44 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يۇرتتىن ئايىرلمغۇچە يۇرت قەدىرنى بىلمەس .سىز كشنىڭ يۇرتىدا تاۋىلنپسىز .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 08:25 |
pari001
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

ئەسلىمىڭىزنى ھاياجان، قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتۇق(دوستۇم بىلەن ئىككىمىز).
ھەقىقەتەن بىز تەشەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىشلارنى قىپسىز ھەم قىلىۋېتىپسىز، سىزدىن پەخىرلىنىمىز!
بىزمۇ ئۆزىمىزنى خېلى روھلىنىپ قالغاندەك، ئۈمىدكە ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك ھىس قىلدۇق! رەھمەت سىزگە خەلىچىگۈل!!!
اللە سىزگە مەدەت بەرگەي! ئېيقان- ئېيتمىغان تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي!!!
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 15:21 |
Tesewur
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4353
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 82 نۇمۇر
پۇل: 561 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

سىزگە قايىل بولدۇم . . . توختىماي تىرىشىڭ !!! كەچۈرمىشلىرىڭىز ماڭا زور ئىلھام بولدى ...
ئۆز ئىدقادىڭىزنى ، مىللىتىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيگەنلىكىڭىزگە رەخمەت ...
ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە چىن بەخىت تىلەيمىز.........
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 15:41 |
mustabit008
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29330
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 188 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەسلىمىڭىزنىزىرىكمەي  تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم سىز تۇلىمۇ غەيرەتلىك قىزكەنسىز !ئىنسان ئەنە شۇنداق ئۈمۈتلۈك ئىرادە،يۈكسەك غايە، ئشەنچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا،.....ئارزۇ تىلەكلىرىگە يىتەلەيدۇ
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 18:35 |
karegay
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 24869
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 154
شۆھرەت: 191 نۇمۇر
پۇل: 627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 10:26 |
danish0706
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29496
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ياخشىمۇسىز خەلچىگۇل!
ئەسلىمىڭىزنى كۆرۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ئەتراپتىكى ھەممە دوسلارنىڭ تىرىشىشغا تۇرۈتكە كۈچ ۋە  پايدىلىنىش ماتىريالى  بولالايدىكەن.بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ !!!
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 14:18 |
uzhal
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2540
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 231
شۆھرەت: 367 نۇمۇر
پۇل: 829 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سىزگە تەشەككۇر . يەنە تىل ئۇگۇنۇش جەھەتتىكى ئىلغار تەرەپلىرىڭىز ھەققىدە بىرەر ماقال يىزىپ قويۇڭ . مەن سىزنىڭ جۇڭشەندە بارلىغىڭىزنى بىلگەن بولسام ئىزدەيدىكەنمەن . ئەپسۇس .
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:38 |
altuzar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەن بۇ ئەسلىمىنى ئۇقۇپ ئۇزۇمنىڭ ھازىرقى ھالىتىمدىن رەسمىي ئىزا تارتتىم. شۇنداقتىمۇ سىزدىن ئۇگۇنۇشكە تىگىشلىك يەرلەر كۆپ ئىكەن. سىزگە ئامەت تىلەيمەن. بۇ يازمىڭىزنى بىزگە بولغان پايدىسى تېخمۇ ئىجابى بولغۇسى.
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-10 18:03 |
halal
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29809
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

  ئەسلىمىڭىزنى كېچىلەپ تولۇق ئوقۇپ تۈگەتتىم. سىزدىكى قەيسەرلىك، بوشاشماي تېرىشىش ۋە ھالال ئەمگىگى ئارقىلىق قىممىتىنى يارىتىش روھى ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ئورتاق بولغان بولسا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئاجايىپ رازى بولغان ۋە كىيىنكى ئۆمرىنى خاتىرىجەملىك ئىلكىدە ئۆتكۈزگەن، يۈرەك، نېرۋا خاراكتىرلىك كېسەللىك ۋە شۇ تۈپەيلى تۇيۇقسىز ئۆلۈم ھادىسىلىرى تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلىگەن بولار ئېدى.
   ھازىرقى دەۋرىڭىز سىزنىڭ يەنىمۇ ئۆگىنەلەيدىغان، كەسىپ ئىگەللىيەلەيدىغان ۋە ئۆزىڭىزنى يىتىلدۈرىدىغان دەۋرىڭىز ئىكەن. سىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىڭىزنى قەدىرلەپ، ئىمكانقەدەر مۇقىمراق بىر كەسىپ بويىچە يىتىلىپ بىزنى پەخىرلەندۈرگىدەك ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 04:03 |
ozbaxim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

مەن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇيمەن.
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 22:53 |
halal
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29809
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

   بۇ ئەسلىمىڭىزنى نەشىر قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
   مۇۋاپىق يەرلىرىگە مۇناسىپ كۆزقاراش،مۇلاھىزە-باھالىرىڭىزنى قوشۇپ، بولسا ماتىرىيال قىممىتىگە ئىگە سۈرەتلىرىڭىز بولسا كىرگۈزۈپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز دەۋرىمىز ياشلىرى بولۇپمۇ سىتودىنت ياشلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك كىتاپچە بولۇپ قالىدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل.
   ئەگەر شۇ نىيەتتە بولسىڭىز رەتلەشكە يارىدەملىشىشنى خالايمەن.
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 23:52 |
arkhon
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9144
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 257 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ھى  ھى  ھى ئىككى ئۇيغۇر  يىگىتنىڭ  سىزنى يوقلاپ ئۆتكىنىنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە ئالدىنقى ھەپتە شىنجىنغا كىلىپمۇ تىلىفۇن ئۇرماپسىز سىزدىن خاپا  بۇلۇپ  قالدىم ....
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 02:55 |
kutlukab
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29210
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 134 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەسلىمىڭىزنى ناھايىتى ياخشى قالدۇرۇپسىز ، سىتونىتلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە تىكلەپسىز ، ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىگىدەك .
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 11:11 |
lutun0996
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29533
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

سىڭلىم خەلچىگۈل (سىڭلىم دىسەم ئېغىر ئالماسسىز) مەن سىزنىڭ 10 يىللىق ئەسلىمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ئەسلىمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، بۇ ئەسلىمىڭىز خىزمەت تېپىش يۇلىدا گاڭگىراپ يۈرگەن نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە بولغۇسى . سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن !!! رەھمەت سىزگە      
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 16:17 |
قۇتلۇق
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئارىلىقىمىز يىقىنكەن ،ھەم بىر يۇرتلۇق ئىىكەنمىز ،ۋاقتىڭىز چىقسا گۇئاڭجۇغا كەلسىڭىز بىزلەرگە يول كۆرسىتەرسىز.................
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 17:37 |
awyamatka
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

خەلچىگۈل تېمىڭىزنى ئوقۇپ زور ئىلھام ئالدىم. بىز تىرىشساقلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىغۇدەكمىز. ھە راست غېنى ئادۋۇكاتنى تۇنۇيمەن. يالقۇنتاغ ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىغۇ دەيمەن. يەنە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئادىل مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئاستانە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئادىل شۇغۇ دەيمەن. ئادىل مېنىڭ يېقىن ئاغىينەم بولىدۇ. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 18:07 |
cuqar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21707
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 303 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

تىېمىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم  تەربىۋى ئەھمىيىتى بارئىكەن ....
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-15 00:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 03:21
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号