ئائىلە مۇھىتى بۇزۇلمىسۇن
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كىشىلەر ئائىلىدىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ مەدىنيەتلىك بولىشى ئۇلارنىڭ قۇلىدىكى جەڭ قىلغۇچى قۇراللار ۋە ئۇلاردىكى مال- دۇنيا بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ مىللەت ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە بولغان ئائىلە بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
ئائىلە تەربىيەسى ھەرقايسى مىللەتلەرئىچىدە ئۆز ئىتىقاتلىرىغا ماس ھالەتتە تۈزۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئائىلە تەبىيەسىنىڭ ياخشى بۇلىشى ۋە يامان بۇلىشى شۇ مىللەتىنىڭ مەدىنيەتلىك بۇلۇش بولماسلىقىغا بىيۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىيەت تەرەققى قىلىپ ئۆزگىچە مەدىنىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە روس مىللىتى ھاراق چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، خۇددى بىر ئانا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىسىنى قۇتقۇزۋاتقاندەك ئۆز مىللىتىنى خەتەرلىك يارنىڭ لىۋىدىن قايتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.ئەمما بىزنىڭ ئىلىم ئەھلى ھىساپلىنىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ قوللىرىدىنمۇ تۈزۈك بىرەر ئىلىم- ھىكمەت چىقماس بۇلۇپ كەتتى. تۈگىمەس ئولتۇرۇش، قاتار چاي ۋە رەڭلىك سورۇنلار، ئىچىلۋاتقان ھاراقلار چىكىلۋاتقان تاماكىلار دەستىدىن، خۇددى چارەك قۇرۇت كۆك تېرەك يۇپۇرمىغىنى يىگەندەك يەپ ئۇلارنىڭ جىسمىنى ۋە روھىنى خورىتىۋەتتى. مويسىپىت ھىساپلىنىدىغان يۇرت كاتتىسى داموللاملار، گەرچە ھاراق ۋە زىنادىن يىراق بولسىمۇ، تۈگىمەس مەجىلىس، ئايىقى ئۈزۈلمەس نەزىر، مەۋلۇت، جان ھەلەكچىلىگىدە، ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن بىچارىلەردەك تاماخورلۇق، رىياخورلۇق ۋە تاييارتاپلىق دەستىدىن زادىلا ئارامچىلىق يوق. ئۆز ئائىلە ئەزالىرىغا ياخشى ئائىلە تەربىيەسى بېرالمايۋاتىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن قىز- يىگىتلىرىمىز قانداقتۇ بىر خىل روھى ئاچلىق تۈپەيلىدىن ئازۇ- ھەۋەس قاندۇرغۇسى كىلىدۇ. پەس نىيەتلىرى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىرمۇ يەنىلا بۇ ئاچلىقتىن قۇتۇلالماي سۈيدۈك پۇراپ يۈرگەن ھاڭغا ئىشەكتەك، بەزمىخانا ۋە مېھمانسارايلاردا تاپقان مال –دۇنياسىنى چىچىپ يۈرمەكتە.بۇنداق بۇزۇقلۇقلىرىمىزنىڭ سەۋەبى نىمىدە؟ بۇ سۇئالغا بېرىلدىغان توغرا ۋە قىسقا جاۋاپ شۇكى: <<بۇنىڭ سەۋەبى ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى بۇزۇق بولغانلىقىدىندۇر>>.
ئائىلە تەربىيەسى بېرىش مۇھىم ئىش بولغانلىقتىن، بۇ ساھەدە يېزىش ئۈچۈن ، قانچە يازسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.داڭلىق مۇتەپەككۈر ئالىم پەيلاسوپلار گۈزەل ئائىلە مۇھىتىدە يىتىشىپ چىققان بۇلۇپ، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسى توغرىسىدا كۆپ كۈچ چىقارغان.
ئۆيلىنىشنى مەقسەت قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، يىقىن دوستۇمنىڭ، گۈزەل ئەخلاقلىق بىر قىزغا ئۆيلىنىشى ماڭا ئۆزەمنى تۇنىۋىلىشىمغا تۇرتكە بولدى. قارىسام بىر گۈزەك خۇلۇقلۇق ئايال، كىيىنىشى ئىسلامغا مۇۋاپىق، ئالى مەكتەپ تەربىيە سى ئالغان. ئۆي تۇتۇشى مىجەز- خۇلقى ئۆزگىچە.مەن ھەيران قالدىم، تىخى چوڭ بۇلۇپ بۇنداق ئايالنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مىنىڭدىمۇ مۇشۇنداق ئايالغا ئۆيلىنىش ئىسىتگى تۇغۇلدى، بۇنداق گۇزەل ئەخلاقلىق، ياخشى خۇلۇقلۇق قىزلارنى نەدىن تاپىمەن؟ يەنىلا اللە غا ئىلتىجا قىلدىم. جەينامازدا ئولتۇرۇپ اللە غا سېغىنىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلاتتىم.مىنىڭ ئەس يادىم بۈيۈك، گۈزەل بىر ئائىلە قۇرۇش ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، كاللامغا ھازىرقى ئايالىم بىلەن سۆزلىشىپ بىقىش ئىستىگى تۇغۇلدى.ئەزەلدىن سۆزلىشىپ باقمىغان، پەقەتلا تۇنۇشمايدىغان بۇ قىزغا قانداق يىقىنلىشىش مىنىڭ بىشىمنى قاتۇردى.‹‹مۇھەببەت ياردەمگە موھتاج››دىگەندەك، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە بۇ قىز بىلەن سۆزلەشتىم، تۇنجى قىتىملىق ئۇچۇرۇشۇش جەريانىدىلا غەلبە قىلدىم، ئۇ مەن بىلەن توي قىلىشقا، تەقدىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك قۇشۇلىشىغا رازى بولغان ئىدى. بۇ قىز مىنى تۇنجى قىتىمدىلا رەت قىلالمىدى.سەۋەبىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى ماڭا ماقۇل بولغان شۇ دەقىقىدە ئۇ ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى. بۇ خوشاللىق يىغىسى، قانداقتۇر بىر خىل غايىۋى يىغا ئىدى... ئۇ بىر تەربىيەلىك ئائىلىنىڭ قىزى بۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىن ياخشى تەربىيە ئالغان، ئۇقۇتقۇچى قىز ئىدى.
تەپەككۈر ئىتىمنى قامچىلاپ قانداقتۇر تاغ- داۋانلاردا چىپىپ يۈگەن كۈنلەنىڭ بىرسىدە، تور دۇنياسىدا بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.سىزنىڭ ‹‹ئايالىڭىز توردا يات كىشىلەر بىلەن سۆلىشەمدۇ›› دىگەن ماقالىڭىزنى ئۇقۇدۇم.
- سىزدىن بىر قانچە سۇئال سوراش، شۇنداقلا سىز بىلەن بەزى مەسىللەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە سىز بىلەن سۆزلەشسەم بۇلامدۇ؟
- بۇلۇدۇ، دىدىم مەن.
بىز شۇنداق قىلىپ تۇنۇشۇپ قالدۇق، مەندىن بەزى مەسىللەرنى سورىدى، مەنمۇ بىلىشىمچە ياخشى جاۋاپ بېرىشقا تىرىشتىم. بۇ ئايالنىڭ ناھايىتى ئۇماق، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، چېھرىدىن گۈل ئىچىلىپ تۇردىغان پاقلاندەك بىر ئوغلى بار بۇلۇپ، كۈلۈپ تۇرغان سۆرىتىدىنلا ئاتا –ئانىسىنىڭ بىلىم ئەھلى ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئايال ماڭا ھەقىقى مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈپ ئائىلە تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تۈۋەندىكى يازمىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.
مىنىڭ دادام بانكىر، ئانام ئۇقۇتقۇچى، كىچىگىمدىن ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلاپ بىقىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم.مانا ھازىر بىر ئوغلۇم بار، يولدۇشۇم ئورمانچىلىق ئىدارىسىدا مەن دۆلەت مەمۇرى.مەقسەتكە كەلسەم مەن نىكاھتىن ئاجىراشماقچى، سەۋەبى ئاددى ئۇ مىنى باشقىلاردىن كۈنلەيدۇ، ھەتتا ماڭا ئەركەك چىۋىن قۇنۇپ قالسىمۇ كۈنلەيدۇ.ئۇ مىنى مېھرىبان دادامدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن كۈنلەيدۇ. خۇددى <<ناتۇنۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماڭ>> دىگەن فىلىمدىكى ئەن جې خېر غا ئوخشاش. بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۋىتىدۇ. مەن زادىلا بەرداشلىق بېرالمىدىم، زادىلا چىدىمىدىم مەن ئاجىرىشىمەن. ئاجىرىشىش سەۋەبى بۇلا ئەمەس ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ چەت ئەلدە ئاشنىسى باربولغانلىقىدا، ئۇلار تېلفۇندا قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسى قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ تېلفۇننى ئاختۇرۇپ<< مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن >> دىگەن خەتلىرىنى ئۇقۇپ قالدىم... سىز ماڭا سەمىمى مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز مىنىڭ ئاجىرىششىم يوللۇقمۇ؟
بىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان، كۈنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئادەت بار. كۈنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرىنى يەنە بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بولۇپ، ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس، پاكلىكنى قوغداش، ھايا ۋە شەرمىنىڭ ئىززىتىنى كاپالەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. كۈنلەمچىلىكنىڭ تېگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس، بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۇش، سۆيۇش، يالغۇز ئىگىلەش، ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىدىن يالغۇز بەھىرلىنىشىنى ئاساس قىلمىسا، نىكاھتا ھىسسىيات، مۇھەببەتنىڭ چېچىلىشى ۋە سۇسلىشىشى كۆرۈلۈپ، بىر-بىرىدىن يالتىيىپ قالىدىغان ئاھۋاللار كۆرىلىدۇ.يەنە تىخى خەلقىمىزدە،<< ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر، ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار>> دىگەن ماقاللارمۇ بار. بۇ ئائلىدە بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش يوق، جىدەل ماجرا نىمىشقا قۇرۇمايدۇ؟ ئۇلار نىمىشقا بىر -بىرىدىن بىزار بۇلدۇ؟ ئۆز ئايالىنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن ئەرنىڭ چەت ئەلدە ئاشنىسى بۇلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئاشنىسى بار دەپمۇ تۇرايلى ئۇلار ئۇيىل- بۇيىل كۆرىشەلمىسە ئۇنداق ئاشنىدارچىلىقتىن ئاشىق مەشۇقلار تەسۋىرلەنگەن چۆچەكلەرنى ئۇقۇغان ياخشاراق ئەمەسمۇ؟!
قايتا -قايتا نەسىھەت قىلىش، ياخشى يولنى ۋە يامان يولنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتتى. ئۇلار بۇندىن كىينكى ھاياتىنى بەخىتلىك، ئىناق ئۆتكۈزىشى كېرەك. ئائىلە مۇھىتى ساپ گۈزەل بولمىسا بۇنداق ئائىلىدىن قانداقمۇ بىلىم ئەھلى، ئىلغار زىيالىلار يىتىشىپ چىقالىسۇن!
ئەر بىلەن ئايال نىكاھلانغاندىن كىيىن ئائىلە قۇرۇلۇدۇ، ئايال ئۆزىدىكى گۈزەللىكى ، كۆڭۈللەردىكى قاتتىقلىقنى يۇمشاتقۇچى سېھرى كۈچ بىلەن، ئەر كىشى ھىچ قاچان ئېرىشالمىغان، پۇل- مالغا سېتىۋىلىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان خوشاللىقنى بېغىشلاپ، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ماشىننىڭ رولىنى قۇلىغا ئالىدۇ. بىر ئادەم بۈيۈك مەرتىۋىلىك بولسىىمۇ ئۇنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا،ئۇ بەخىتلىك ھىساپلانمايدۇ. چۈنكى، بەخىت- ئائىلىدە راھەتلىك ئۈمۈر كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئائىلىدە رەھەت كۆرمىگەن ئادەم ئائىلە سىرتىدىمۇ راھەت كۆرالمايدۇ. قايسى مىللەتنىڭ ئايالىرى تەربىيەلىك بولسا شۇ مىللەت كۈن سىرى ئىلگىرلەيدۇ، قايسى مىللەتنىڭ ئاياللىرى تەربىيەسىز، ئىسراپخور بولسا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇدۇ. بىز شۇنداق گۈزەل بىر ئائىلە قۇرۇشقا نىيەت قىلساق بۇلۇدىكى، ئۆز ئائىلىمىز ئارقىلىق بارلىق قايغۇ ھەسرەتلىرىمىزنى ئۇنتۇشىمىز، ياراملىق پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈشمىز، بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمغان ۋاقتىمىزدا كۆزلىرىمىز خاتىرجەملىك بىلەن يۇمۇلىشى كېرەك.
قەلەم تەۋرەتكۈچى ھۆرمەت بىلەن: قۇدۇرەتۇللا
مەنبە:
http://78.la/u/Erkamil/index.html [ 此贴被kuduratulla在2008-09-07 22:03重新编辑 ]