قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 440 قېتىم كۆرۈلدى
جانان
http://78.la/u/uighuray
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29219
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 243 نۇمۇر
پۇل: 576 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ دادا؟

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 saba7911 设置为精华(2008-09-07)


ئاپتۇرى:ئۇيغۇرئاي



ھەر بىر بەتلىرى كۆز ياشلىرىمغا مىلەنگەن كىچىككنە خاتىرە دەپتەرنى تۇتۇپ ئۆكسىگىنىمچە، مەن بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقان تۇتۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتىمەن.
مەن بىر ئاتا، لىكىن ئۆز پەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان، ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىسىغا مىھرىبانلىق قىلمىغان بىر ئاتا. مەن مۇشۇنداق يىغلىغانغا ئوماق ئوغلۇم قايتىپ كىلەرمۇ؟  ياق، ياق،،،،،،، ئۇ سەندەك ۋاپاسىز ئاتىنىڭ يىنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئىچىمنى تاتلاۋاتقان روھ غەليانلىرى ماڭا نەپرەتلىك شىۋىرلىماقتا.
باشقا ئاتىلارنىڭمۇ مەندەك مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالماسلىقى ئۈچۈن قىسقا لىكىن ئۇنتۇلماس ھىكايەمنى سىلەرگە سۇنماقچىمەن.
تولۇق ئوتتۇرنى يېزىدا پۈتتۈرگەن بولساممۇ، ئىچكىردە ئوقۇپ كەلگەندىن كىيىن شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىملەندىم. خىزمەتتە ئۆزەمگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتىم، خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىن نەچچە يىل يۈرگەن قىز دوستۇم بىلەن ئاددى،لىكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەخىتلىك ئائىلەمنى قۇرۋالدىم. ئىككى يىلدىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلىشى كىچىككىنە غىرىبانە كۆلبىمىزنى تىخىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈردى.
كاللامدا بالىغا كىچىكىدىنلا ناھايتى قاتتىق تەربىيە قىلىش كىرەك، قاتتىق قول بولۇش كېرەك دەيدىغان ئىدىيە بولغاچقا، ئۇ يىشىغا توشۇپ بىر نەرسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭغا تولىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا باشلىدىم. بىر نەرسىلەرنى بۇزىۋەتسە قاپىقىمنى تۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، قايتا قىلماسلىقنىڭ ھەيۋىسىنى قىلاتتىم. مانا مۇشۇنداق ھەيۋە بىلەن بالام مەكتەپ يىشىغا تولدى.
ئۇنىڭ باشقا باللاردەك كوچىدا ئوينىشىغا ئاسانلىقچە يول قويمايىتتىم. مەكتەپتىن كەلگەندىن كىيىنلا يەنە سومىكىسىنى ئىچىپ تاپشۇرۇقىنى، نىمە دەرىسلەرنى ئۆتكەنلىكىنى سورايىتتىم. مېنىڭ مۇشۇ ئوسال مىجەزىم تۈپەيلى بالام باشقا كىچىپ باللاردەك شوخ ئەمەس، ناھايتى ئىھتىياتچان، مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپ قالدى. لىكىن مەن ئۇنىڭ ئەدەپلىكلىكىدىن،دەرىستە ياخشىلىقىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا پو ئاتالايىتتىم. ئايالىم مېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلەمدىن بەك نارازى ئىدى، لىكىن مەن مۇشۇنداق يول ئارقىلىق بالىنى تەربىيلىمىسە، ھازىرقى جەمىيەتتە كۆيۈمسىز، ھۇرۇن بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا تالاي قىتىم سۆزلەپ، ئىزىپ ئىچۈرۋەتتىم.
مەن باشقىلارنىڭ دادىلىرغا ئوخشاش بالامغا دائىم ئويۇنچۇقلارنى ئىلىپ بەرمەيىتتىم، كىچىكىكىنە بالامنى كىتاپخانىغىلا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ پىراففىسۇرلارغا ئوخشاش كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتىم. بۇ قىلغانلىرىمنىڭ بەكلا چەكتىن ئىشىپ كەتكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتلاردا بىلسەممۇ، مەن بۇنى پەقەت بالامغا بولغان بىردىنبىر كۆيۈنۈش ئۇسۇلى دەپ قاراپ كەپتىمەن.
ئۇ يىنىمغا كىلىپ، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ،باللارچە سوئاللارنى سورىغىنىدا، گىپىنىڭ شىخىغا ئۇرۇپلا ئۇنى جاۋاپنى كىتاپنىڭ ئىچىدىن تىپىشقا مەجبۇرلاپتىمەن. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن تاكى 5_يىللىققا چىققانغا قەدەر ئۇنىڭ بارلىق ئوقۇش نەتىجىلىرى تولىمۇ ياخشى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. تىخىمۇ جىمغۇرلىشىپ مىنى كۆرسە بىر خىل قورىققاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى.
خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇنى بالىدىكى دائىم بولۇپ تۇردىغان ئادەتتىكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش دەپ قاپتىمەن. تاكى شۇ قاباھەتلىك كۈنگىچە ، مەن بالامنى چۈشەنمەي كەپتىمەن.

_بۈگۈن نىمە تاماق ئەتتىڭلا؟،-دېدىم قازان بىشىدا ئالدىراش يۈرگەن ئايالىمدىن
_جۇۋاۋا ئەتتىم
_پاھ، پاھ ،ئاچچىقسۇ،لازىغا مىلەپ تازا يەيدىغان بوپتىمەندە. ئەركىن قىنى؟
_ئۇ ئۆيدە كارتون كۆرۋاتىدۇ
_نىمە، كارتۇن كۆرۋاتىدۇ؟ بۇ ياغاچ قۇلاقنىزە، دىلبۇزۇرغا بۇنداق قاراۋەرسە قانداق ئوقۇيدۇ مەكتەپتە خەپ، خەپ!!
_نىمە بولاتتى،بىردەم كۆرگەنگە؟ ئايالىم ماڭا سەت ئالايدى،_ئاچچىسۇ تۈگەپتۇ، ئەكىرىپ بىرىڭە
_ئەركىن ئەكىرىپ بەرسۇن، ھىرىپ كەتتىم، شۇنداق دىگەنچە ئەركىننى چاقىردىم.
_ماڭە، ماۋۇ پۇلغا ئاچچىقسۇ ئەكىر، ئىلىپلا تىز قايتىپ كىر جۇمۇ، يولدا ئويناپ تۇردىغان بولساڭ، كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرىسەن!!
ئۇ ماقۇل دىگەنچە يۈگرەپ چىقىپ كەتتى، شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىم ئايالىمنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچىراشتى. ئۇ ماڭا، سېنىڭدەكمۇ ئاتا بولامدۇ دىگەن مەنادا تىكىلىپ تۇراتتى.
-نىمە يەيدىغاندەك ئالىيىسەن، تامىقىڭنى ئەت، قورساق ئاچتى،،،،،،،،،،،،،،
دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى ئىككى مىنۇتلۇقلا يول بولسىمۇ، بالام 10 مىنۇتقىچە كىرمەيۋاتاتتى. قاتتىق ئاچچىقىمدا پىشىپ بولغان جۇۋاۋىغا قاراپ، ئۇ كىرسە قانداق ئەدىۋىنى بىرىشنى ئويلاۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز  يان خوشنىمىز ناھايتىمۇ ئەنسىز يۈگرەپ كىردى،،،،،،
_سە ،سەەە سەمەتكا،،سەمەتكا،،،،،،،،،
_ۋاي نىم بولدى؟ نىمانچە ھاسراپ كەتتىڭ؟
_ئەركىن ئۇ،،،،دۇكان،،،،،بىر  سانتانا،،،،،،ئۇ
روھىم تىنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك، نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم، ئايالىممۇ شۇ ھالەتتە ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ ۋاي جىنىم بالام ئەركىن دەپ سىرىتقا يۈگرىگىننى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگىردىم.
دۇكاننىڭ ئالدىدا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ، كىمدۇر بىرى، ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كىلدىغانلىقىنى دوكىلات قىلدى. قۇلىقىمغا ھىچقانداق گەپ كىرمەيىتتى. توپنى يىرىپ ئاستا كىرگىنىمدە، بالام قانغا مىلەنگىنىچە ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا كۆزلىرنى چىڭ يۇمغان ھالەتتە ياتاتتى. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكاندىن چىقىۋاتقاندا بىر سانتانانىڭ تۇيۇقسىزلا يان كوچىدىن چىقىپ ئۇنى سوقىۋەتكەنلىكىنى، لىكىن شۇ ھامان قىچىپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتتى. قالغان نىمە گەپلەرنىڭ بولۇنغىنى ماڭا نامەلۇم.
بالامنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلدۇق. جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۇققانلار،يەنە كىمدۇر بىرلىرى بىزگە سەۋىر تىلەيىتتى. ئىككى يىلدەك بىلىنگەن ئىككى سائەتتىن كىيىن دوختۇر چىقىپ بىشىنى بوش چايقىغىنىچە، بالىدىن ئۈمۈت يوق، بەلكىم بىر نەچچە سائەتلەرگىچە كىتىپ قىلىشى مۇمكىن، ھازىر كىرىپ خوشلىشۋىلىڭلار دىدى.
ھوشىنى بىر بىلىپ، بىر بىلمەي تۇرغان ئايالىمنى يۆلىگەنچە بالامنىڭ كارۋتىنىڭ يىنىغا كەلدۇق. كۆزلىرنى ئاغرىق دەستىدىن تولىمۇ تەستە ئىچىۋاتقان بالام،بىزنى كۆرۈپ، مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان بەختىيارلىق كۈلكىسىنى كۈلدى.
_بالام! ساڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ، قارا بىز يىنىڭدا بار!
_مەن ئاچچىقسۇنى ئىلىپ، ماشىنا،،،،،ئۇ مىنى،،،،،
_بولدى گەپ قىلما، ھىچ ئىش بولمايدۇ ،،،،،،،،،
ئايالىم بالىنى قۇچاقلاپ قاتتىق ئازاپتا يىغلاۋاتاتتى، كارۋاتتا ئازاپتا تولغۇنۇپ ياتقان بالامنى بىرنەچچە سىكىنۇت كۆرەلمىدىم، كۆزۈم ھەسرەت ياشلىرى بىلەن تولغان ئىدى. نىمىگىمۇ ئۆزەم چىقمىغاندىمەن ھە دۇكانغا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
_دادا!
_ھە بالام،
_سىزنى بىرنى سۆيۈپ قويايچۇ دادا، بىرنىلا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
_بىر ئاتا ئۈچۈن، بولۇپمۇ، مەندەك ،پەرزەنتىنى ياخشى باشقۇرۋاتىمەن دەپ ئويلايدىغان ئىپلاس ئۈچۈن بۇ گەپ يۈرىكىمگە پىچاق ئۇرغاندەك ۋەزىندە ئاڭلاندى.
_ قاتتىق ئاۋازدا، بار ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ يىغلىۋەتتىم
_مىنى كەچۈر بالام! مەن سىنى سۆيۈپ قوياي، كۈندە نەچچە قىتىم سۆيۈپ قوياي، ئەمدى تاپشۇرۇق ئىشلىمە، مەكتەپتىن كىلىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئوينا،،،،،،،
ئۇ تەستە كۆتۈرۈلگەن قوللىرى بىلەن بوينۇمغا باغاش سىلىپ مىنى بىرنى سۆيۈپ قويدى، .ئايالىم تىخىچە ئىسىنى بىلمەيۋاتاتتى.
_دادا، قاچان ئۆيگە كىتىمىز؟
_ سەل تۇرۇپلا كىتىمىز بالام، پۇتۇڭ ئازراق سۈرلۈپ كىتىپتۇ، ھىچنىمە،،،،،،،،،،،،،
بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى سوئالى بولۇپ قالدى. بىر تاللا ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىسىياتتا بولدۇم.
ئۇ ئايالىم ئىككىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر كۆمۈلگەن قەبرە ئىزىنى قالدۇرۇپ، بىزدىن ئايرىلدى.،،،،،ئۇ تۈگەپ، بىر ئايلاردىن كىيىن ئۇنىڭ كىتاپلىرنى رەتلەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى قولۇمغا چىقىپ قالدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا خاتىرە تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.
2006_5_6 كۈنى
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يىرىم. دوستۇم ئەرپات كىرىپتىكەن ئوينايمىز دەپ. دادام ئۇنىمىدى

14-5-2006
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يىرىم، دادام مىنى باغچىغا ئىلىپ بىرىشقا قوشۇلمىدى. ئۇ مىنى باشقا باللارنىڭ دادىسىدەك سۆيۈپ قويمايدۇ.

2006_6-2
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يىرىم، دادام مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان كارتۇننى كۆرگۈزمىدى. چوكا مۇز ئىلىپ يىيىشىمگە پۇل بەرمىدى

2006_7.4
بۈگۈن دادام ئىمتىھاندا ئالغان نەتىجەمنى كۆرۈپ خاپا بولدى، بىر پەندە 87 ئىلىپ قاپتىمەن. ئۇ مىنىڭ يازلىق تەتىل لاگىرغا چىقىشىمغا قوشۇلمىدى.
لىكىن مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

مىنىڭ ھەر كۈنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىم خاتىرلەنگەن بۇ دەپتەرنى ئىسىمدىن چىقمايدىغان ئازاپ ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. مەن قانداق ئاتا ھە؟
ئۆز بالىسىنى بىرەر قىتىم ئەركىلىتىپ سۆيۈپ قويمايدىغان. ئەگەر ئەركىن بولغان بولسا كۈندە نەچچە سۆيۈپ قويماسمىدىم.
لىكىن پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق. ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە بىر پەرزەنىتكە ئاتا بولارمەن. چوقۇم ياخشى ئاتا بولىمەن، ئەركىنگە قىلغان قاتتىقلىقنى، مىھىرسىزلىكنى ھەرگىز تەكرارلىمايمەن.
بۇ ھەممە ئاتىلارغا مەندىن ساۋاق بولۇپ قالسۇن.
ھەر كەچلىكى بالاڭلارنى مىھرىڭلار بىلەن بىر قىتىم سۆيۈپ، كىچىسىنىڭ، چۈشلىرىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەڭلار

تېما تەستىقلىغۇچى : saba7911
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-07, 05:30
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
شۆھرەت:+10(saba7911) نادىر
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 13:30 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
.utkur.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29007
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 584 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ ئەينى چاغدا «دىيارىم»مۇنبىرىدە نادىرلانغان ياخشى تېما ئىدى،قايتىدىن يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز،قايتا كۆچۈرگەن قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:51 |
kunkiz
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5495
شۆھرەت: 2359 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

جانان مۇنبەرگە قايتىپ كەگىنىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم ، تىملىرىڭىزنى قايتا يوللاڭ مۇنبەرگە ، سىنىڭ تىتىملىق تىملىرىڭىزنى ھەممىز بەك ياختۇرۇپ كۆرمىز ، ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:49 |
anwaryasin
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

بەك تەسىرلىككەن
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 15:18 |
كۈيلەر
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 322 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

  كۆپ رەخمەت سىزگە جانان !!!!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 15:24 |
tapsamtaptim
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

جانان  سىڭلىم  بولسا  ھەممە  تىمىلىرىڭىزنى  قايتۇروپ كىلىڭ  سىزنىڭ  تىمىلىرڭزغا   ئۇگۇنوپ  قاپتۇق .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 15:28 |
QOGHLANI
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 992
شۆھرەت: 213 نۇمۇر
پۇل: 1636 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بەك تەسىرلىك ئىكەن.
ئەپسۇس سىن ھۆججىتى قويۇلمىدى.
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:23 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئۇقۇۋېتىپ مېھىربان ئانام كۆز ئالدىمغا كەلدى. بولدى دوستۇم كۆڭلىڭزنى يېرىم قىلماڭ كيىن پەرزەتنتلىك بۇلۇپ قالسىڭز ئورننى تولدۇرۋالارسىز .
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 08:36 |
gulxan0998
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29357
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 

كۆپ رەخمەت تاتلىق سىڭلىم ...............
باشقا تىمىلىرىڭىزنى تاپالماي ئەجەپ ئىچىم سىقىلدى
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 13:14 |
جانان
http://78.la/u/uighuray
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29219
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 243 نۇمۇر
پۇل: 576 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

Quote:
引用第8楼gulxan0998于2008-09-08 13:14发表的  :
كۆپ رەخمەت تاتلىق سىڭلىم ...............
باشقا تىمىلىرىڭىزنى تاپالماي ئەجەپ ئىچىم سىقىلدى



http://78.la/u/uighuray
مۇشۇ يەردە تىمىلىرىم بار ھەدە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 13:27 |
ahruhsar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28698
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 260 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەسەرلىرىڭىز بىلەن قايتا ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 16:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 03:21
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号