بۇنداق ئۇسۇلدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟
بۇنداق ئۇسۇلدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟
سۇئال : قاتناش ترانسىپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرگەندە ، شوپۇرلارنى ئالدى بىلەن سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟
جاۋاپ : دۆلىتىمىز « سۇغۇرتا قانۇنى» نىڭ 4- ماددىسىدا « سۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن ، مەمۇرىي نىزاملارغا رائىيە قىلىش، ئىجتىمائى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش ، ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت » دەپ بەلگىلەنگەن .« سۇغۇرتا قانۇنى» نىڭ 10- ،11- ماددىسىدا يەنە : « سۇغۇرتا توختامى - سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر . ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئادىل بولۇش ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك .قانۇن ، مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىشى شەرت ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ باشقىلارنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ » ، دەپ بەلگىلەنگەن . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇش ھەم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ. يەرلىك قاتناش ترانسىپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىسا ، شوپۇرلار ئۇلاردىن سۇغۇرتىغا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن ، بەلگىلىمىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار دەلىل ئىسپات كۆرسىتەلمىسە ياكى كۆرسەتكەن ئىسپاتى قانۇن -بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىسا ، بۇنداق تەلەپنى رەت قىلسا بولىدۇ . ئەگەر مۇشۇ تۈپەيلىدىن يىللىق تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمىسە ، شوپۇرلار يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ .
ئەسلى مەنبە :«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2008 -يىللىق 5- سېنتەبىر سانىنىڭ 7 - بېتى
http://uygur.tkxedu.gov.cn/bbsدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى .