تىلىمىزنىڭ ئەسلى گرامماتىكىسى، بولۇپمۇ ئا ئا لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.
مېنىڭ قارىشىمدا، بىز تۈرك مەنبەلىك خەلق، تىلىمىز تۈركىي تىل، بۇرۇن گەرچە ھەر خىل يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن خاقانىيەت تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق بۈيۈك تىل دەۋىرلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكەزدۇق. باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ يۇقارقى بۈيۈك تىللارنى بىز بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ كەلدى. (شۇنىسى ئاشۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك "مىللەت ئۇقۇمى" يوق ئىدى، چۈنكى ھەممىمىز تۈرك ئىدۇق) لېكىن بىزدىن باشقىسى ئا ئە لىرىنى ئاجىزلاشتۇرۋالمىدى. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت بىزلا "ئاناسى" نى "ئانىسى" دەپ يېزىپ كېلىۋاتىمىز، ھەم بۇنى "ئۆزگىچىلىك" دەپ تەرىپلەۋاتىمىز. بۇ راستىنلا بىر ئۆزگىچىلىكمۇ؟! ئەگەر ئۆزگىچىلىك بولسا، تىل تەرەققىياتىمىزغا كاتالىزاتور بولسا توغرا بولاتتى، ئەپسۇس، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە تىلىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تىلىدا "قانداق ۋاقتىدا "ئا" تاۋۇشى "ئې"غا، قانداق ۋاقىتتا "ئى" غا ئۆزگىرەش توغرىسىدا بىر مۇنچە گرامماتىكا قائىدىلىرىنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇنداق ئۇششاق مىساللارنى ئېلىپ ئولتارمىساممۇ، 2006- يىلىدىكى تىلكومنىڭ ئىملا تۈزىتىش توغرىسىدىكى 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا " ئا ئە لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى" بار بولۇپ، مەزكۇر "ئۆزگىچىلىك"نىڭ "مەسىلە" قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى "پۇتلىكاشاڭلىق"نىڭ تىپىك ئىسپاتى. ئەگەر ئۇ بىر پۇتلىكاشاڭ بولمىسا، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئوڭ كەلگەن بولسا، نېمىە ئۈچۈن 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا تىزىلىپ قالىدۇ!؟
http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/ShowPost.asp?id=5282006- يىلدىكى ئىملا تۈزىتىش يىغىنى 1950- يىلدىن كېيىنكى 6- قېتىملىق "ئىملا تۈزىتىش" يىغىنى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.....
باشقا مىللەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بىرەر قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىش قىلىپ قويىدىكەن. خەنزۇچىمۇ 50 يىل بۇرۇن ئاددى يېزىلىشقا باشلىغاندىن باشقا، ئىملا ئۆزگەرتىپ باقمىدى. ھازىرقى ئېنگلىزچىمۇ بىزنىڭ چاغاتاي تىلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىمىزدىكى بىلەن ئوخشاش. شىۋېت تىلىمۇ 200 يىلنىڭ ئالداىدا بىر قېتىم "رېمۇنت" قا چۈشۈپ، ھازىرغىچە ئىملا ئۆزگەرتىش كېسىلىدىن خالىيمىش.....
ئەڭ دەسلەپكى ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىملا تۈزىگەنلەر گوياكى بىر ئېنجىنىر، ئەپسۇس بۇ ئېنجىنىرلار بىنانىڭ ئۇلىنى خاتا قويدى. بىنا گەرچە لەپپەڭشىپ ئاران تۇرسىمۇ، ئۇنى ياماپ- چاپلاپ دىگۈدەك، باشقىلارغا مۇكەممەل قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھېچكىممۇ بۇ بىنانىڭ ئۇلىنىڭ خاتا سېلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ باقمىدى، ھەم ياماپ- چاپلىسىلا مۇكەممەللىشىپ كېتىدىغانىقىغا ئىشىنىپ كەلدى. ششۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە ئىملايىمىزنى 5 نۆۋەت "رېمونت" قىلىپ بولۇپمۇ، 21- ئەسىرگە كىرگەندىمۇ (2006) يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىۋەتتۇق. مەسىلە تەلتۆكۈس ئوڭشالدىمۇ؟ جاۋابىنى يەنە 10 يىلدىن كېيىن كۆرۈمىز. چۈنكى 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم "چوڭ رېمونت" قىلىشى ئېنىق تۇرۇپتۇ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىملا تۈزىتىشتە، 500 يىل ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەپ كەلگەن چاغاتاي تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شىۋىسى ئاساس قىلىندى، ئىسڭىزدە بولسۇن، يېزىقنى ئەمەس، شىۋىنى ئاساس قىلىپ تۈزىلدى. دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ئەجداد تىلىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلالمىدى. چاغاتاي تىلىدەك مۇكەممەل (ھېچ بولمىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل، چۈنكى ئورتا ئاسىيا تۈركلىرى نەچچە يۈز يىل ئىشلىتىپمۇ، بىرەر قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلغان دەپ ئاڭلىمىدىم، لېكىن ھازىرقى يېزىقىمىز 50 يىلدا 6 قېتىم ئوڭ- تەتۈر ئىسلاھ قىلىنىپ بولدى) يېزىقنى ئاساس قىلمىغانلىقتىن، ھازىرقىدەك 10 يىلدا دېگۈدەك بىر قېتىم رېمۇنت قىلىپ ئىشلىتىدىغان بىچارە ھالەتكە كېلىپ قالدى.
ھېچقانداق بىر ئىلغار مىللەت شىۋىنى ئاساس قىلىپ ئەدەبىي تىل تۈزىمەيدۇ، لېكىن بىز ئىزا تارتماي شۇنى قىلدۇق. بېيجىڭلىقلار 我 نى "ۋو" دەپ ئوقۇغىنى بىلەن، گۇاڭدۇڭلۇقلار "مو" دەپ، شەنشىلىكلەر "ئې" دەپ ئوقۇيدۇ. ئېنگلىزچىدە know نى "نوۋ" دەپ ئوقۇيدۇ، ئالدىدىكى k نى ئوقۇمايدۇ. ئۇ مەيلى قانداق ئوقۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر 我ۋە know دەپ يېزىلىشى شەرت(我ۋە knowقەدىمدە باشقىچە ئوقۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن). دېمەك، بىر مىللەتنىڭ ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى پەرقلىنىدۇ. بىلىشىمچە، ئوروسلارنىڭ خەت يېزىلىشىمۇ ئوقۇلىشىغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. نېمە دەپ يازسا شۇنداق ئوقۇيدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. يېزىلغىنى ئۇ بىر مۆھۈر، سىز نېمە دەپ ئۆزلەشتۈرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېزىقتا شۇنداق يازىسىز. بۇ مۇقىم ھالەتتە بىرلىكلىكنى ساقلاشنىڭ قائىدىسى. خەنزۇلار بىر- بىرنىڭ گېپىنى بىلىشەلمىسە، يۈز –تۇرانە تۇرۇپ خەت يېزىشىپ پىكىرلىشەلەيدۇ. لېكىن بىزچۇ؟ قازاق، قىرغىز لار، تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن يۈز –تۇرانە پىكىرلىشەلەيمىز-يۇ، خەت ئالاقە قىلالمايمىز.
پەقەت بىزلا ئەمەس، كۆپىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى كىلاسسىك يېزىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئېغىز تىلىدىن كەلگەن. ناۋادا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئېغىز تىلىغا ئەمەس، قەدىمكى تىل- يېزىقىغا ئاساسلىنىپ يازسا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى پەقەت بىرلا ھالەتكە كېلەلەيدۇ. مەسىلەن:
مۇسۇلماندار اسخاناسى (قازاقچە)، بۇنىڭدىكى "دار" ئېغىزچە، ئەسلى "لار" بولىدۇ، "ئاس"- "ئاش" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى (ئۇيغۇرچە)، "خانىسى" ئېغىزچە، ئەسلى "خاناسى" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئوشخوناسى (ئۆزبەكچە)، "ئو"نىڭ 'ئا" تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۆزبەكچىدىكى ئورۇسنى دورىغان بىر ئۆزگىچىلىكى بولۇشى مۇمكىن.
مۇسۇلمانلار اشخاناسى (ئەڭ ئورتا، چاغاتاي تىلىغا يېقىن)
يەنە ئوبدان قاراپ باقىدىغان بولساق، بىزدىن باشقا تۈركلەر ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، كونا كىتاپلىرىمىزدىمۇ ئاجىزلاشتۇرماي يازغان. ئۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ، "ئاچىل، ئاچىل گۇل ئاچىل" (ئېچىل، ئېچىل، گۈل ئېچىل ئەمەس)، "پۇرايدۇ بەشكېرەم باغى" (بېغى ئەمەس). ئۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىسڭىز، 1980- يىللاردىن بۇرۇنقى پۇللارغا قاراپ بېقىڭ، "جۇڭگو خەلق بانكاسى" (بانكىسى ئەمەس) دېگەن خەتنى كۆرىسىز......
ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىملانى تاللاپ قالدۇق؟ بۇنىڭدا 2 سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، 1- سىياسىي ئويۇن، تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاقە قىلىشتىن ۋە ئىتتىپاقلىشىشتىن توسۇش، بۇنى دەسلەپ سوۋېت ئىتتپاقى يولغا قويغان. 2- مىللىي ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىش، باشقا تۈركلەردىن پەرقلىنىش. ھازىرمۇ تۈركىي مىللەتلەر ئارا پەرقلىنىش ئىنتىلىشى بەك كۈچلۈك. قازاقلار "ياكى" دېگەن گەپنى چۈشىنىدىكەن، لېكىن ئۇنى قەتئىي ئىشلەتمەي، زادى "نەمەسە" دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئېغىز تىلىدا "ياخشى بولايلىق"، دەيمىز، لېكىن قازاقچىگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنداق يازمايمىز. ھەتتا قازاقچە، ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە ھەرىپلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.
بۇ خىل ئۆزگىچىلىكلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئانا تىلى بىلەن تەڭ نابۇت قىلىدىغان كۆرۈنمەس سىرتماقلا خالاس!!!
ناۋادا، ھەممە تۈركىي مىللەتلەر تىل ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى ئىملالىرىمىز ئاساسىدە يېڭى بىر تىل- يېزىق لايىھەپ چىقسا، بۇنى ھەممە تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىتىپ، دۇنيا مىقىياسىدا ئۇچۇر- ئالاقە قىلالىسا، بۇنىڭ نەرى يامان؟! ئۇيغۇرغا نېمە زىيىنى بار؟! ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىنىڭ سۆزىنى بىلىپ، خېتىنى ئوقۇيالماي، تەكلىماكاندا مەڭگۈ قاپسىلىپ ياتسا، ئاخىرىدا ئانا تىلى بىلەن بىرگە يوقاپ كەتسە ياخشىمۇ؟ ؟؟
بىز ئاشۇ ئىملاغا كۆچكىلى تېخى ئاران 50 يىل بولدى. ئۇنداقتا، بىز 50 يىللىق گرامماتىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 500 يىللىق، ھەتتا 1000 يىللىق گرامماتىكىدىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟ بۇ پەقەت 500 ۋە 1000يىللىق گرامماتىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا تەنھا قېلىشقا مۇپتىلا بولۇشنى تاللاش خالاس!
بىز پەقەت ئۆز "تۈرك" لىكىمىزنى، يەنى تۈركىي تىلىمىزنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئاندىن ئاناتىلىمىزنى ساقلاپ قالغان بولىمىز. ئەگەر سۆزلىشۋاتقان تىلىمىز تۈركىي تىل بولمىسا (ئا ئە لەر ئاجىزلاشسا)، قانداقسىگە بىزنىڭ ئاناتىلىمىز بولالايدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز پەقەت ئۇيغۇر تۈركچىسى!
يەنە بىر گەپ، ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق قائىدىسى باشقىلار ئېتقاندەك ئىسلاھ ئەمەس، بەلكى ئەسلىگە قايىتىش! بىزنىڭ يېزىقىمىز نۇرغۇن ئىسلاھ قىلىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىدىن ھازىرقىدەك 10 يىلدا بىر قېتىم چوڭ "رېمۇنت"قا چۈشىدىغان ھالغا كەلگەن!
تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىر نۇقتا، ھازىرى بىر نۇقتا. مۇشۇ 2 نۇقتا ئارىسىدىكى تۈز سىزىق تىلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ توغرا يۆنلىشى بولالايدۇ. باشقا تىللارمۇ ھەم شۇنداق.
خەنزۇلار مەكتەپتە مەجبۇرى ھالدا 古文 (قەدىمىي يېزىق) دەرسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆتمۈش ھالىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ "قەدىمكى كىلاسسىك ئېنگلىز تىلى" نى ئۆتىدۇ. ئۇلار ئۆز تىللىرىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنى ياخشى باغلاپ، توغرا بولغان يۆنىلىشكە سىلجىيدۇ. پەقەت بىزلا تىلىمىزنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولالمايمىز. بىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدە "خاقانىيە تىلى" ، "چاغاتاي تىلى" قاتارلىقلارنى قوللانغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، خىزمەت ئالدىراشلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تىللار بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت بولمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقىدەك تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلىيەلمەي يۈرۈيمىز.
تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، تىلىمىزنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى توغرا بىلشىمىز ۋە مۆلچەرلىشىمىز كېرەك.
مەنزىل:
http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/showpost.asp?id=1033&forumid=19