قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 470 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئوبامانىڭ تارىخى نۇتۇقى (ئۇيغۇرچە نۇسخسى) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

islahatqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 ئوبامانىڭ تارىخى نۇتۇقى (ئۇيغۇرچە نۇسخسى)

0
ئوبامانىڭ تولۇق نۇتۇقى
باراك ئوبامانىڭ زوڭتۇڭ نامزاتلىقنى قوبۇل قىلىش نۇتۇقى
Uyghur Version Of Barack Obama DNC Convention 08 Acceptance Speech
Translated By Tahir Imin (Sep 1st)
.
تەرجىمە قىلغۇچىدىن سۆز
  
28-ئاۋغۇسىت،دىموكراتلار پارتىيسىنڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتيدا، قارا تەنلىكلەردىن بولغان كاندىدات باراك ئوباما دىموكراتلار پارتىيسنڭ رەسمى پىرىزىدىنت نامزاتى قىلىپ كۆرستىلدى.بۇ ئامرىكا دىموكراتىيە مۇساپىسىدىكى تارىخى خاراكتىرلىك ئش بولۇپ،ئوبامانىڭ شەخسى ئىقتىدارى ، تىرىشچان روھى كىشلەرگە ئۇمىت ۋە ئىلھام بىغىشلايدىغان نۇتۇقلىرى نۇرغۇن كىشلەرنى سايلامغا دىققەت قىلىشقا مايىل قىلغان بولسا،ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسدىكى بۇ خىل باراۋەرلىك پاكىتى ۋە ئامرىكا خەلقىنڭ ئاڭ ئىلغارلىقنى ئىپادىلەش تىرىشچانلىقى كىشلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۇنۇشىگە ئىگە بۇ دۆلەتكە يەنە بىر رەت ئىتىبار ئاغدۇرۇشىغا تۇرتكە بولدى.ئوبامانىڭ بۇ نۇتۇقى مەزمۇنى ۋە ئۇنۇمدارلىقى جەھەتلەردە ھەر ساھە كۇزەتكۇچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىرشتى.گەرچە مەزكۇر سايلام بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.مۇشۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدا ،بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئارىسدا سايلامغا دىققەتمەنلەر كۇنسايىن كۆپەيمەكتە.قوش تىللىق سىلىشتۇرۇپ پايدىلانغۇچىلار ۋە سايلامغا دىققەتمەن دوسىتلارنىڭ نەزىرىگە مەزكۇر نۇتۇقنڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى سۇندۇم.ئنگىلىز تىلىدىكى تەرتىپ  ۋە نۇتۇق ئۇسلۇبى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قىلىندى.

نۇتۇقنڭ ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:

نۇتۇقنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى ئادىرسى:

08-يىلى 28-ئاۋغۇسىت ،دەنۋىر
دىموكراتلار پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى زوڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرستىش  يىغىلىشى
(‹‹نيويۇرك ۋاقتى››تورىدىن ئىلىندى.1-سىنتەبىر كىچىسى تەرجىمە قىلىندى)




سىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت!
(چاۋاك)
ھەممىڭلارغا رەھمەت.
رەئىس دىئېنغا،ئەزىز دوستۇم دىك دۇربىن ۋە بۇيۇك دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا كۆپلەپ تەشەككۇر !مەن بۇگۇن چەكسز خۇشاللىق ۋە ئنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزدىنت نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدىم.
(ئالقش )
مەن بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولۇشقان تارىخى خاراكتىرلىك كاندىدات ئابىدىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرىمەن.بولۇپمۇ بۇ سەپەرنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان ،ئامرىكا ئشچىلىرى مەنپەئىتىڭ ۋەكىلى ،مىنڭ ۋە سىلەرنىڭ قىزلىرىمزغا ئىلھام بەخش ئەتكۇچى ھىلارى رودخام كىلىنتۇن خانىمغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
پىرىزدىنت كىلىنتۇنغا،تۇنۇگۇن كەچ ئۇنىڭدىن باشقا بىرى قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقارغان پىرىزدىنت بىل كىلىنتۇنغا رەھمەت!
(ئالقىش)
(ئامرىكا ئۇچۇن) خىزمەت قىلىش روھىغا ۋارسلىق قىلىپ كەلگەن  تىد كنىنېدىغا رەھمەت.
(ئالقىش)
شۇنداقلا ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ كىلەر نۆۋەتلىك ئورۇنباسار پىرىزدىنتى جوۋ بايدىنغا رەھمتىمنى بىلدۇرىمەن.
(ئالقىش)
مەن بۇ سەپەرنى زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا سىياسئونلارنىڭ بىرى –ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشلاپ  ھەر كۇنى كەچتە ئۆيگە قايتشتا ئولتۇرىدىغان ئامرىكا تۆمۇر يول شىركىتى پويىزىدىكى خادىملارغىچە ئىجىل ئۆتۇپ كەلگەن بىر سياسىئون  بىلەن بىرگە تۇگىتىدىغانلىقىمدىن ئنتايىن خۇرسەنمەن.
ھاياتىمىغا مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلىغان ،دۆلىتىمىزنىڭ كىلەر قىتىملىق بىرىنچى خانىمى مايكىل ئوباماغا رەھمەت ئىيتىمەن.
(ئالقىش)
قىزلىرىم مالىيا ۋە ساشاغا رەھمەت!مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.ھەم سىلەردىن  ئنتايىن پەخىرلىنىمەن.
(چاۋاك)
تۆت يىل ئىلگىرى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئۆز ھىكايەمنى ئىيتىپ بەرگەن ،تۇرمۇشى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن ياكى باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان،ئەمما ئۆز ئوغلىنڭ كەلگۇسىدە ئامرىكىدا ئىرادە قىلغان نىشانىغا يىتەلەيدىغانلىقىغا ئشىندىغان  كىنىيەلىك بىر ياش ئەر بىلەن كانزاسلىق بىر ئايالنىڭ قوشۇلۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم.
شۇنداق بىر ئەھدە بۇ دۆلەتنى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرقلەندۇرۇپ تۇرىدۇكى ،جاپالىق تىرىشش ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش بىلەن ھەربىرىمىز ئۆزىنڭ ئارزۇلىرىنى ئشقا ئاشۇرالايدۇ،ئەمما كەلگۇسى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى يولىدا ئىزلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن،مەزكۇر ئەھدە ھەمىشە  مەلۇم بىر ئامرىكا ئائىلىسىگە مەركەزلىشدۇ.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،بۇگۇن ئالدىڭلاردە تۇرۇپتىمەن.چۇنكى 232يىلدىن بىرى ئاشۇ ئەھدە خەتەرگە يولۇققان ھەر بىر مىنۇتتا  ئادەتتىكى ئەر ۋە ئاياللار-ئوقۇغۇچى ۋە ئەسكەرلەر،دىھقانلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ،سستىرالار ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن غەيرەتلىك ياشاپ كەلگەن.
بىز ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە ئۇچراشتۇق، ،دۆلىتىمىز ئۇرۇش گىردابىغا پاتقان،ئىقتىسادىمىز چىكىنگەن،ئامرىكا ئەھدىسى قايتىدىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن چاغدا ئۇچراشتۇق.
مانا ھازىر تىخىمۇ كۆپ ئامرىكىلىقلار ئشسىز قالماقتا، تىخىمۇ كۆپ كىشلەر ئازغىنە ئش ھەققى ئۇچۇن تىخىمۇ جاپالىق ئشلىمەكتە. ئاراڭلاردىن نۇرغۇن كىشلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشتى.ھەتتا بەزىڭلار ئۆز كۆزۇڭلار بىلەن ئۆيلىرىڭلارنىڭ پۇلغا يارىماس ھالىتىگە شاھىت بولۇشتىڭلار. نۇرغۇنلىرىمىز ماشنىسى تۇرۇقلۇق ھەيدەشكە چىقىش قىلالمىدى.ئامانەت قەرزلىرى، چىقىم ھىساباتىنى تۆلىيەلمىدى.مائارىپ راسخوتىنى ئۇستىگە ئالالمىدى.
بۇ مەسىللەرنىڭ ھەممىسنى ھۆكۇمەت كەلتۇرۇپ چىقارغانمۇ ئەمەس.ئەمما مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالماسلىق-ۋاشىنگىتوندىكى ئاقماس سىياسەتنىڭ نەتىجىسى،جورجى بۇشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى.
ئامرىكا،بىز ئۆتۇپ كەتكەن سەككىز يىلدىن كۆپ ياخشىمىز،بىز ئۇنىڭدىن كۆپ ئەۋزەل دۆلەتمىز.
(ئالقىش)
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئوخىئو شىتاتىدىكى پىيىنسيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئايالنىڭ بىر ئۆمۇر جاپالىق ئەمگەكتىن كىين بالايى ئاپەتتىن قىلىپ قالغان كىسەلگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلگەن ھالىتىدىن  كۆپ ياخشى.
بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز –ئندىئانا شىتاتىدىكى ئۆزى 20 يىل ئشلەتكەن ئۇسكۇننى  يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ ،ئۇنى جوڭگۇغا يوللاپ بىرىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشنڭ ئۆيىگە قايتقاندا ،كۆڭلنىڭ نەقەدەر بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى چۇشەندۇرگەندىكى ئۇمۇتسىز روھى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى.
پشىقەدەم ئەسكەرلەرنى كوچىدا ئۇخلاشقا ،نۇرغۇن ئائىللەرنى نامراتلىق پاتقىغا ئتترىپ چىقارغان ھۆكۇمەتكە قارىغاندا ،ئۇلار ئۇچۇن بىز تىخىمۇ كۆپ ھىسداشلىق قىلغۇچىلارمىز!.
(ئالقىش سادالار)
شۇ ھۆكۇمەت،
شۇ ھۆكۇمەت ئامرىكنىڭ بىر چوڭ شەھىرى كۆزئالدىمىزدا گۆمۇرۇلۇشكە يۇزلەنگەندە  قول قوشتۇرۇپ تۇردى.
(ئالقىش)
بۇگۇن كەچ ،بۇگۇن كەچ مەن ئامرىكا خەلقىگە،دىموكراتلارغا،جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋە بۇ بۇيۇك تۇپرىقىمىزدىكى بارلىق مۇستەقىل زاتلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى،بولدى ئەمدى يىتەر!
مۇشۇ دەقىقىلەر.،
(چاۋاك)،
..مۇشۇ دەقىقىلەر،مۇشۇ دەقىقىلەر دە،مەزكۇر سايلام بىزنىڭ-21-ئەسىردە ئامرىكا ئەھدىسنى تىرىك ساقلاپ قالالىشمىزدىكى پۇرسەتتۇر.  
چۇنكى،كىلەر ھەپتە،مىننىسۇتا شىتاتىدا دا جورچى بۇش بىلەن دىك چىينىنى سىلەرگە ئىككى نۆۋەت چىقىرىپ بەرگەن ئاشۇ پارتىيە يەنە سىلەردىن بۇ دۆلەتنى ئۇچىنچى قىتىم سورايدۇ.
(ئەپسۇسلۇق ئاۋاز)
بىز بۇگۇن بۇ يەرگە جەم بولدۇق،بىز جەم بولۇشتۇق،چۇنكى بىز بۇ دۆلەتنى ئنتايىن ياخشى كۆرىمىزكى،بىز ئۇنىڭ كەلگۇسى تۆت يىلدا ئاخىرقى سەككىز يىللىق ھالىتىگە قايتسۇن  ئۇچۇن جەم بولۇشتۇق..
(چاۋاك)
4-نو يابىر ،4-نو يابىردا بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ شۇنداق دىيەلىشىمىز كىرەك:يىتەر سەككىز يىل .
(ئالقىش)
ھازىر ،ھازىر،.مەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتەي، جۇمھۇرىيەتچىلەر پىرىزدىنت نامزاتى  بولمىش جون ماككايىن دۆلەت فورمىسنى باتۇرلۇق ۋە ئۆز ئىقتىدارلىرىغا تايىنىپ كىيگەن ،شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە ،ئىھتىرام بىلدۇرۇشكە قەرزدار.
(ئالقىش)
كىلەر ھەپتە،بىز ئۇنىڭ ئۆز پارتىيسى بىلەن يىغىلغاندا، ئۇ  ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بىز ئىھتىياجلىق ئۆزگىرىشلەردىن پاكىت سۇپىتىدە خەۋەر تاپىمىز. بىراق ئۇنىڭ شەخسى ئارخىۋى ئنتايىن ئىنق:جون ماككايىن جورجى بۇشقا 90پىرسەنت ۋاقىتتا ئاۋاز بىرىپ كەلگەن.
پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ھەققىدە سۆز قىلىشقا بەك ئامراق ئادەم،لىكىن،شۇنداق بولسا ،جانابىڭىز ئىيتىپ باقسىا ،جورجى بۇشنى‹‹ 90پىرسەنتتىن كۆپ ۋاقىتتا توغرا ››دەپ ئويلىغان چىغىڭىزدىكى ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا نىمە دىگۇلۇك؟
(ئالقىش)
مەن سىزنىڭ بۇ تەرىپڭىزنى بىلمىدىم ،ئەمما منىڭ  پەقەت  ئون پىرسەنتلا مۇمكىنچىلىكى بولغان  ئۆزگىرىشكە قوشۇلۇشقا تەييارلىقىم يوق!
(ئالقىش)
پاكىت ئنتايىن روشەنكى،سىلەرنىڭ تۇرمۇشڭلاردا ئۆزگىرىش ياسايدىغان سالامەتلىك پاراۋنلىقى،مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەممە مۇھىم ئشلاردا پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىر چەتكە چىقىۋىلىشتىن باشقا ھىچ ئش قىلمىغان.
ئۇ:‹‹ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزكۇر پىرىزدىنت دەۋرىدە ئنتايىن روناق تاپتى›› دىدى.ئۇ يەنە ‹‹ئىقتىسادى ئاساسىمىز ئنتايىن پۇختا›› دىدى.ئۇنىڭ ئىقتىسادى پىلانىنى يازغان ،مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بولغان بىر كىشى ئامرىكا خەلقى ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،ئۇ‹‹ بىز پەقەت روھى بىسىمغا دۇچ كەلدۇق›› دىدى.مەن ئۇنىڭ ئۆز گىپىنى دەپ بىرەي؛‹‹بىز ھازىر ۋايسىغۇچى دۆلەت بولۇپقالدۇق››
(ئەپسۇس ئاۋازلىرى)
ۋايسىغۇچى دۆلەت؟سىز مۇشۇ گەپنى- مىچىگاندىكى ئاپتومۇبىل ئشچىلىرىغا دەپ بىقىڭ ! ھەركۇنى جاپالىق ئشلەپ، ئشتىن چۇشكەندىن كىين ،خۇشال ھالدا كوچىلارغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرستىپ قويىدىغان ئشچىلارغا دەپ بىقىڭ!.ئۇلار مەغرۇر ،چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان تورمۇزلارنىڭ سۇپىتىگە ئشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.
سىز بۇ گەپنى- ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرى ئۇچىنچى،تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قىتىملىق ھەربى يۇرۇشكە ئاتلانسىمۇ، ئۆز مەسئۇلىيتنى ئۇن-تۇنسىز ئۇستىگە ئىلىپ كىلىۋاتقان ھەربىيلەرنڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا دەپ بىقىڭ!
ئۇلار –ۋايسىغۇچىلار ئەمەس،ئۇلار جاپالىق ئشلەيدۇ،ئۇلار بەھرىلەنگەننى قايتۇرىدۇ.ئۇلار قاخشىماستىن ئۆز ئشىغا مىڭىشدۇ.ئەنە شۇلار مەن بىلىدىغان ئامرىكا خەلقىدۇر.
(ئالقىش ساداسى)
مەن پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىننى ئامرىكا خەلقىنڭ تۇرمۇشدىكى مۇشكۇللەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قارىمايمەن،بىراق منىڭچە ئۇ ،ئامرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نىمە بىلمەيدىكەن
(كۇلكە ئاۋازى)
نىمە ئۇچۇن  ئۇ‹‹ ئوتتۇراھال تەبىقە››گە يىلىغا 5 مىلىيون دوللارغىچە پۇل تاپقان كىشى دەپ ئىنىقلىما بىرىدۇ؟ئۇ نىمىشقا چوڭ شىركەتلەر ۋە نىفىت گۇرۇھلىرىغا يۇز مىلىيارتلىغان ئىتىۋار باج سىياستى بەرمەكچى بولىدۇيۇ ،ئەمما 100 مىلىيوندىن كۆپ ئامرىكا خەلقىگە بىر پۇڭلۇق باجمۇ ئىتىۋار قىلمايدىغان بوپقالىدۇ؟
ئۇ  نىمە ئۇچۇن يەنە خەلقنىڭ پايدىسدىن كەلگەن باجغا سالامەتلىك پاراۋانلىقى يولغا قويماقچى ياكى ئائىللەرگە مائارىپ راسخوتىنى تۆلەشكە ھىچقانداق ياردىمى بولمايدىغان مائارىپ پىلانىنى يۇرگۇزمەكچى ياكى جەمىئەت بىخەتەرلىكىنى خۇسۇسىيلاشتۇردىغان ۋە سىلەرنىڭ پىينسىيە پۇلۇڭلارنى دوغا تىكىدىغان پىلاننى يولغا قويماقچى بولۇپ قالىدۇ؟
(ئەپسۇس)
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،جون ماككايىننڭ بۇ ئشلار بىلەن كارى يوق.بۇ شۇنىڭ ئۇچۇنكى،جون ماككايىن بۇلارنى چۇشەنمەيدۇ.(ئالقىش)
ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بىرى ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاشۇ كونا ،ئىزىزەت-كۇچىنى يوقاتقان پەلسەپسى بويىچە يول تۇتۇپ كەلدى:ئۇ بولسىمۇ  كاتتا بايلارغا كۆپ، تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىش ،باشقىلارغا بولسا پەقەت ئۇمىت ئۇچقۇنلىرىدىن بىشارەت بىرىپ قويۇش !
ۋاشىنگىتوندا ،ئۇلار بۇنى ‹‹ئىگىدارچىلىق جەمئىيتى››نىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتايدۇ.بىراق ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا-سەن شۇنىڭغا تەڭ››.خىزمەتتىن قالدىڭمۇ ؟تەلەيلىك كىشى،‹‹سنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››.سالامەتلىك پاراۋانلىقى يوقمۇ؟ئۇنى بازار ئوڭشايدۇ.‹‹سىنڭ نىمەڭ بولسا،سەن شۇنىڭغا تەڭ››. نامرات ئائىلىدەتۇغۇلدۇڭ؟ئۇنداقتا يەنىلا كەشڭنڭ چەمى تىشلغۇچە چىڭ دەسسە!گەرچە كەشىڭ بولمىسمۇ.چۇنكى ‹‹سەن نىمەڭ بولسا-شۇ نىڭغا تەڭ››.
شۇڭلاشقا دەيمىزكى،ئۇلارنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتگە ‹‹ئىگىدارچىلىق››قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولسا بىزنىڭ ئامرىكىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە ،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنڭ پىرىزىدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.
(ئالقىش)
سىلەر بىلىسلەر،سىلەر بىلىسلەركى،بىز دىموكراتلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ روناق تىپىش جەريانىغا باھا بىرىدىغان ئنتايىن ئالاھىدە بىر ئۆلچىمىمىز بار.
بىز دۆلەتنىڭ روناق تىپشنى قانچە كىشنڭ ئاي ئاخىرىدا،- كۇنلەرنىڭ بىرىدە بالىسنڭ ئالى مەكتەپ دىپلومى ئالغاندا ئشلىتىشى ئۇچۇن مەلۇم مىقداردىكى ئىشنچا پۇل ساقلىيالىسۇن ياكى ساقلىيالمسۇن ،-ئۆزىنڭ تۆۋەن تۇرمۇش چىقىملىرىنى قامدىغۇدەك خىزمەت تاپقان-تاپمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىز.
بىز روناق تىپشنى بىل كىلىنتۇن پىرىزدىنىت بولغان چىغىدا يارىتىلغان 23 مىلىيون كىشىلىك يىڭى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەيمىز.
جورجى بۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش نورمال تۇرمۇش سەۋىيسدىكى ئائىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 دوللارغا چۇشۇپ قالغانلىقى بىلەن ئەمەس،7500دوللارغا چىققان پاكىت بىلەن ئۆلچەيمىز!
(ئالقىش)
بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ كۇچىنى مىلىياردىرلىمىزنىڭ سانى بىلەن ياكى 500كۇچلۇك بايلىرىمىزنىڭ تاپقان پايدىسى بىلەن ئۆلچىمەيمىز.ئەكسىچە،ياخشى نىيەتلىك بىر كىشنڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر يىڭى سودىنى باشلىيالايدىغان ياكى باشلىيالمايدىغانلىقى بىلەن ،  ئازغىنا ئش ھەققىگە تايىنپ تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقان بىر كۇتكۇچى قىزنىڭ  خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقمايلا بىرەر  كۇن ۋاقىت چىقىرىپ كىسەلچان بىر بالىنى يوقلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالايدىغان –بولالمايدىغانلىقى بىلەن،مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىنڭ غورۇرىنى قوغدايدىغان ئىقتىسادى تۇزۇلمە بىلەن ئۆلچەيمىز.  
بىز ئىقتىسادى قۇدىرىتىمىزنى ئۆلچەشتە قوللىندىغان ئاساسى پىرىنسىپلاربولسا دۆلىتىمىزنى بۇيۇك ئورۇنغا ئىگە قىلغان،شۇنداقلا مەن  بۇگۇن كۆرىشىۋاتقان  ئاشۇ ئاساسى ئەھدىگە رىئايە قىلالىغان-قىلالمىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
ئىراق ۋە ئافغانستاندىن قايتىپ كەلگەن ئاشۇ ياش ئۇرۇش پىداكارلىرىنڭ يۇزىدە ،مەن ئەينى چاغدا پىيورل خاربور ۋەقەسىدىن كىين ئىرادىگە كىلىپ گىنرال پاتتوننىڭ ئارمىيسگە قوشۇلۇپ ،كيىن مىننەتدار دۆلىتىمىز تەرىپىدىن‹‹ گ ئاي بىل›› مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەن چوڭ دادامنىڭ سىماسنى كۆرگەندەك بولدۇم.
كىچىلىك سمىنىدىن كىين پەقەت ئۇچ سائەتلا ئۇخلىيالايدىغان ئاشۇ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىن بىر چاغلاردا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ،بىر تەرەپتىن ئشلەپ مىنى ۋە ھەمشىرەمنى مىڭ بىر جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان ،تاشلاندۇق تاماق يەشىكلىرىنىمۇ ئاختۇرۇپ يۇرۇپ باققان،بىراق يەنىلا بىزنى ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلىگەن ئاپامنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
زاۋۇتى تاقىلىپ قالغان بىر ئشچىنڭ دەرد-ئازابىنى ئاڭلىغان چىغىمدا مەن يىگىرمە يىل ئىلگىرى ئۆزۇم قوللىغان ۋە ھىمايە قىلغان چىكاگونىڭ جەنۇبىدىكى پولات-تۆمۇر زاۋۇتىنڭ ئەر-ئايال ئشچىلىرىنى ئەسلەيمەن.
تىجارىتىنى باشلاشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۇرۇشكە نائىلاج قالغان بىر ئايالنىڭ ھىكايسنى ئاڭلىغان چىغىمدا ،ئايال بولغانلىقى ئۇچۇن نەچچە قىتملىق ئۆستۇرۇلۇشلەردىن قالدۇرۇلۇپ ،ئاران تەسلىكتە كاتىپلار قاتارىدىن ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىككە ئۆسكەنگە قەدەر نەھايەت مۇشكۇلات بىلەن ئشلەپ چىققان چوڭ ئاپامنى ئەسلەيمەن.
ئۇ ماڭا جاپالىق ئشلەشنى ئۆگەتتى ،ئۇ مىنڭ ياخشراق تۇرمۇش كەچۇرۇشۇم ئۇچۇن يىڭى ماشنا ياكى يىڭى كىيم سىتىۋىلىش ئارزۇسىدىن كەچتى.ئۇ ئۆزىدە بار ھەممە نەرسسنى ماڭا بىغىشلىدى.ئۇ ھازىر بىر يەرلەرگە بارالمايدۇ.بىلىمەن،ئۇ مۇشۇ كەچدىكى مەنزىرىنى كۆرۇپ تۇرۇپتۇ.بۇگۇن كەچدىكى تەنتەنە –ئوخشاشلا ئۇنىڭغمۇ مەنسۇپ.
(ئالقىش)
مەن جون ماككايىن نىڭ قايسى خىل تۇرمۇش يولىنى تەبرىكلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بىراق مىنڭكىسى دەل مۇشۇنداق.
(ئالقىش)
شۇلار –مىنڭ قەھرىمانلىرىم،دەل ئۇلارنىڭ ھىكايسى مىنڭ ھاياتىمغا سايە تاشلىغان.مەن شۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقشنى،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى سالاھىيتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھدىمىزنى قوغداپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم.
(ئالقىش)
ئەھدە،ئامرىكا ئەھدىسى دىگەن نىمە؟ئۇ ئەھدە:،ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز خالىغان ئۇسۇل بويىچە  ياشاش ئەركىنلىكىمىز بار،شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ئىززەت-ھۇرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
ئۇشۇنداق بىر ئەھدىكى،‹‹بازار –يىڭى تەشەببۇس ۋە ئسلاھاتلارنى تەقدىرلىيەلەيدىغان ،ئالغا بىسشقا مەدەت بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك،سودىگەرلەر ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئىتش مەسئۇلىيتنى ئادا قىلالايدىغان ،ئامرىكا ئشچىلىرىنڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ،تۇزۇمنىڭ ئىچىدە ئىش ئىلىپ كىتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزئەنە شۇنداق ئەھدىگە ئەقىدە قىلىمىزكى:ھۆكۇمەت بىزنىڭ ھەممە مەسللىرىمىزنى ھەل قىلالمايدۇ،بىراق ھۆكۇمەت –بىز ئۆزىمىزلا قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئشلارنى قىلىپ بىرشى كىرك،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشى،ھەر بىر ئۆسمۇرگە ساغلام بولغان مائارىپتىن بەھرلىنش پۇرسىتى بىرەلىشى،ئىچىدىغان سۇيىمىزنى پاكىزە،ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمىزنى زەخمەتسز  ساقلاپ بىرەلىشى،يىڭى مەكتەپ،يىڭى يول،يىڭى ئىلىم ۋە تىخنىكىلارغا مەبلەغ سالالايدىغان بولۇشى كىرەك››دىگەننى تەكىتلەيدۇ.
بىزنىڭ ھۆكۇمىتمىز-بىزنىڭ زىيىنىمىز ئۇچۇن ئەمەس،بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك،ئۇ بىزگە ئازا بەرمەستىن،بىزگە ياردەم بىرىشى كىرەك،بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز پەقەت ناھايتى كۆپ پۇلى ۋە تەسىرى  بار كىشلەر ئۇچۇنلار شارائىت ھازىرلاپ بەرمەستىن ،بەلكى ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسىغا باراۋەر پۇرسەتنى ئشقا ئاشۇرۇپ بىرىشى كىرەك.
مانا بۇ ئامرىكا ئەھدىسى :بىز ئۆز-ئارا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك،بىز بىر دۆلەت سۇپىتىدە ئۆرلەيمىز ياكى چۆكىمىز،شۇڭا بىز شۇنداق بىر ئورتاق ئەقىدىگە كىلىشمىز كىرەككى،مەن بىر تۇققان قىرىندىشىم ياكى ھەمشرەمگە مەسئۇلمەن !
مانا بۇ بىز داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەھدىدۇر،مانا بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىشتۇر!.  
(ئالقىش)
شۇڭا،شۇ ڭا ئەگەر پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام بارلىققا كەلتۇرمەكچى بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسلى توختىلىشىمغا ئىجازەت قىلغايسلەر!
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى،باج قانۇنى- ئۇنى يازغان پارلامىنىتتىكى سۆزمەنلەرگە ئەمەس،بەلكى تىگىشلىك ھەققى بار بولغان  ئامرىكا ئشچىلىرى ۋە كىچىك كارخانىچىلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
(ئالقىش)
بىلگەيسلەركى، جون ماككايىننڭ ئەكسىچە،مەن باج ئىتىۋار قىلشنى ئامرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستىنى چەتئەللىكلەرگە توشۇپ بىرىدىغان شىركەتلەرگە بىرىشنى توختىتىپ،دەل دۆلىتىمىز ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغان شىركەتلەرگە بىرىمەن.
(ئالقىش)
مەن كاپىتال كىرىم بىجىنى بىكار قىلىپ،كەلگۇسىدە يۇقىرى مۇئاشلىق ،يۇقىرى تىخنىكىلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولالايدىغان كىچىك كارخانىلار ۋە يىڭى تىجارەتلەرگە يول ئاچىمەن.
(ئالقىش)
مەن،-ئاڭلاپ قىلىڭلاركى-95%ئشچىلارئائىلىسنڭ بىجىنى قسقارتىمەن، چۇنكى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى شارائىتتا بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئاخىرقى ئش-ئوتتۇرا تەبىقە ئاھالىنڭ بىجىنى ئۆستۇرۇشتۇر.
(ئالقىش)

ئىقتىسادىمىز ئۇچۇن،بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن،شۇنداقلا پىلانتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن،مەن پىرىزىدنىتلىق سالاھىيتىدە ئنتايىن روشەن بىر نىشان تۇرغۇزىمەنكى:كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ نىفىتىغا بولغان بىقىنىشقا خاتىمە بىرىمىز.
(ئالقىش)
بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، ،ۋاشىنگىنتون 30يىلدىن بىرى بىزنىڭ نىفىتىقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئىغىزدىن چۇشەرمەي كەلدى. قوشۇمچە قىلىپ دسەم،جون ماككايىن 26 يىلدىن بىرى دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ كەلدى.
(كۇلكە)
ئۇ ئەينى چاغدا ماشىنىلارغا يۇقىرى ئۇنۇملۇك يىقىلغۇ ئۆلچىمى بىكىتىشكە قارشى تۇرغان،يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگىيەگەمەبلەغ سىلىشقا،يىڭىلاشقا بولىدىغان يىقىلغۇغا مەبلەغ سىلىشقا قارىشى چىققان ،مانا بۇگۇن بىز نىڭ نىفىت ئستىمالىمىز پارلامىنت ئەزاسى جون ماككايىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ چاغدىكىدىن  3 ھەسسە ئاشتى.
ھازىر بۇنداق خۇمارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى،نىفىت قىزشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنۇملۇك تەدبىر ئەمەس،بەلكى  پەقەت ئارلىقنى قىسقارتىدىغان چارە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدىغان چاغ كەلدى.
پىرىزدىنت بولسام،پىرىزدىنت بولسام،دۆلىتىمىزنىڭ تەبئى گاز زاپىسدىن پايدىلىنىپ،ساپ كۆمۇر ئشلەپچىقىرىش تىخنىكىسغا ،يادرو ئنىرگىيەسنى بىخەتەر قوللىنىش ھەققىدە ئىزلىنىشكە مەبلەغ سالىمەن.ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ زاپچاس يىڭىلىشىغا ياردەم بىرىپ،كەلگۇسىدىكى يىقىلغۇ تىجەيدىغان ماشنىلارنى دەل مۇشۇ يەردە ،ئامرىكىدا بارلىققا كەلتۇرىمەن.
(ئالقىش)
ئامرىكا خەلقى ئۇچۇن يىڭى ماشنىلارنى سىتىۋىلىشنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن.
كەلگۇسى ئون يىل ئىچىدە قايتا يىڭىلاشقا بولىدىغان ئنىرگيە مەنبەلىرى –شامال ئىنرگىيەسى،قۇياش ئىنىرگىيەسى ۋە يىڭى ئەۋلات بىئو يىقىلغۇلارغا 150مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىمەن.بۇ مەبلەغنى نۇرغۇن يىڭى كەسپ ئىچىشقا ،ياخشى مۇئاشلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇلۇپ قالمايدىغان 5 مىلىيون كىشلىك خىزمەت ئورنى يارىتىشقا ئشلىتىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر ئامرىكىغا نىسبەتەن ئۇششاق پىلان تۇزىدىغان چاغ ئەمەس،ھازىر بىزنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقى مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىدىغان چاغ.چۇنكى بۇ كەلگۇسىدىكى يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى رىقابەتكە يۇزلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(ئالقىش)
مەن بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە مائارىپغا مەبلەغ سالىمەن،مەن بىر يىڭى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشىكىللەپ،ئۇلارغا يۇقىرى مۇئاش بەلگىلەپ ،ئۇلارنى ھەرجەھەتتىن قوللايمەن.بۇنىڭ بەدىلىگەئۇلاردىن تىخىمۇ يۇقىرى مائارىپ ئۆلچىمى ۋە تىخىمۇ كۆپ ئشەنچىلىك سۇپەتنى تەلەپ قىلىمەن.
بىز ھەر بىر ئامرىكىلىق ياش ئۇچۇن ئامرىكا ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز: ئەگەر سىز مۇشۇ جەمئىيەتكە ،ياكى مۇشۇ دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىڭىز ،بىز سىزگە كىسپ ئىيتىمىزكى،سىز ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
ھازىر ،مانا ھازىر ھەر بىر ئامرىكا پۇقراسى ئۇچۇن زۆرۈر ۋە مۇمكىن بولغان ساغلاملىق پاراۋانلىقى ئەھدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.
ئەگەر سىز نىڭ سالامەتلىك پارۋانلىقىڭىز بولسا،مىنڭ پىلانىم سىزنىڭ ئاتچوت چىقىمىڭىزنى ئازايتىدۇ.ئەگەر بولمىسا،خاتىرجەم بولۇڭكى،سىز دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوخشاشلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز!
(ئالقىش)
بەزىلەر راك كىسلى سەۋەبىدىن ئۆلۇم گىرداۋىغا بىرىپ قالغان ئاپامنىڭ ئستىراخۇۋانىيە شىركەت خادىملىرى بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى كۆرگەندەك،مەن ئاشۇ شىركەتلەردىن شۇنى كەسكىن تەلەپ قىلىمەنكى،كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان ،داۋالاشقا ئەڭ مۇھتاج ئاشۇ كىشلەرنى كەمستىدىغان قىلمىشڭلارنى توختىتىڭلار!
ھازىر ئائىلىسدە ساقىيالمايۋاتقان  كىسەل بار،تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كىتەلمىگەن ئائىللەرگە ياردەم بىرىدىغان چاغ.چۇنكى،ئامرىكىدا ھىچقانداق بىر ئادەم ئالدىراش خىزمىتى بىلەن كىسەلچان بالىسى ياكى ياشىنپ قالغان ئاتا-ئانىسدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلانمايدۇ.
ھازىر بىزنىڭ -شىركەت ۋەيران بولۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىدىغان چاغ ،چۇنكى  سىلەرنىڭ مۇئاشىڭلار باش ئىجرائىيە دىرىكتورلارنىڭ مۇكاپانى  ئالدىدا قوغدىلىشى كىرەك،ھازىر كەلگۇسى ئەۋلاتلار ئۇچۇن ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغدايدىغان چاغ.
ھازىر ئوخشاش خىزمەت ۋاقتى ئۇچۇن ئوخشاش ئش ھەققى بىرىش ۋەدىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چاغ.چۇنكى مەن قىزلىرىمنىڭ سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش پۇرسەتلەرگە ئىرشەلىشنى ئۇمىت قىلىمەن.
(ئالقىش)
ھازىر بۇ پىلانلارنىڭ ھەممسىگە نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنى جايىغا ئشلىتىش ئۇچۇن مەن ئىجتىمائى گۇرۇھلارنىڭ ئسراپخور تۇرخۇنلىرىنى ،ئامرىكا ئىقتىسادىغا ياردەم بىرەلمەيدىغان باج خەزىنىسنى تاقاشنى قارار قىلدىم.
بىراق مەن فىدراتسىيە مالىيەسىگە قۇرمۇ-قۇر  تەپسىلى قاراپ چىقىپ ،ئۇزۇنغا قالماي رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىپ،ئورنىغا ئۇنۇ ملۇك ۋە چىقىمى ئاز بولغان پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۇرىمەن.چۇنكى بىز 21-ئەسىرگە 20-ئەسىردىكى بىيۇكراتلىق بىلەن قەدەم باسالمايمىز.
(ئالقىش)
دىموكراتلار،دىموكراتلار،ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن پۇلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر لازىم .ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن،جون كنىندى‹‹ ئەقلى ۋە ئەخلاقى كۇچ ››دەپ ئاتىغان ئاشۇ ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر بىر بىرىمىز ئۆزگىچە مەسئولىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىمىز لازىم.
شۇنداق،ھۆكۇمەت بىزنى ئنىرگىيە مۇستەقىللىقىغا يىتەكلىشى زۆرۈر بولغان بولسا،بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆي ۋە خىزمەت-سودىلىرىمىزنى تىخىمۇ ئۇنۇمدارلىققا ئىگە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
(ئالقىش)
شۇنداق ،بىز ئۇمۇتسىزلىك ۋە جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان ياشلىرىمىزغا تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت پەلەمپىينى ھازىرلىشىمىز كىرەك.بىراق شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى،بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئۆزىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ،ھۆكۇمەت بىرىپ تىلىۋىزۇرنى ئۆچۇرۋىتىپ ،بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئشلەتكۇزەلمەيدۇ.شۇڭا ئاتىلار پەرزەنىتلىرىگە مىھرى-مۇھەببەت ۋە توغرا يول كۆرستىش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك.
ئۆزىگە  ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇش-ئامرىكا ئەھدىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى.بىز خۇددى ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئامرىكا ئەھدسنى ئشقا ئاشۇرۇشمىز كىرەك بولغاندەك،چەتئەللەردىمۇ كاپالەتكە قىلىشمىز كىرەك.
ئەگەر جون ماككايىن كىمنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك باش قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالالىغۇدەك خاسلىقى ۋە ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىش ئۇچۇن مۇنازىرە قىلماقچى بولسا،بۇ نداق مۇنازىرىگە مەن ھەر قاچان تەييار.
(ئالقىش)
11-سنتەبىر ۋەقەسى بولۇپ بىر نەچچە كۇندىن كىين،جون ماككايىن دىققىتىنى دەرھال ئىراققا قاراتتى. مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىقتىم.چۇنكى مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىمىزنى بىز دۇچ كىلىۋاتقان ھەقىقى تەھدىتتىن باشقا ياققا بۇراپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ئەينى چاغدا جون ماككايىن ئافغانستان ئۇرۇشدا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز دىگەندە ،مەن 11-سنتەبىر كۇنى بىزگە ئەمەلى ھۇجۇم قىلغان تىرورچىلارغا قارشى بولغان بۇ ئۇرۇشنى ئۇزۇل-كىسل غەلبىلىك تاماملاش ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە ئەسكەر تەلەپ قىلدىم.ئىمكانىيەت يار بەرسە ،ئوساما بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچى كۇچلىرىنى قولغا چۇشۇرۇش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
خەۋىرىڭلاردا باركى،جون ماككايىن ئۆزىنڭ بىن لادىننى دەۋزەخنىڭ ئشكىگە قەدەر قوغلاپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشقا ئامراق،بىراق ئۇ بىن لادىن يوشۇرنىۋالغان ئۆڭكۇرگىچە بولسىمۇ قوغلاپ بىقىشنى خالىمىدى.
بۇگۇن،بۇگۇنكى كۇنلۇكتە،مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۇرۇش ۋاقىت جەدىۋىلى ئىراق ھۆكۇمىتى ،ھەتتا بۇش ھۆكۇمىتى ئاۋاز قوشقان بىر پىلانغا ئايلاندى،لىكىن،ھەتتا ئىراقنىڭ 79 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى ئشىنچىسى بارلىقى،ئەمما بىزنىڭ قەرزىمىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ جون ماككايىن مەزكۇر خاتا ئىلىپ بىرىلغان ئۇرۇشنى جاھىللارچە قوللاشنى توختاتمىدى.
بۇ بىز مۇھتاج بولىۋاتقان ھۆكۇم قىلىش ئىقتىدارى ئەمەس،ئۇ ئامرىكىنى بىخەتەر قىلالمايدۇ.بىز ئۆتمۇشتىكى خىياللارغا ئسلىۋالىدىغان ئەمەس،بەلكى كەلگۇسى تەھدىتلەرگە يۇزلىنەلەيدىغان پىرىزدىنىتقا مۇھتاج.
(ئالقىش)
سىز 80 دۆلەتكە تارقالغان تىرورچىلار گۇرۇپپىسنى ئىراقنى ئشغال قىلىش بىلەن يوقىتالمايسىز!سىز ۋاشىنگىتوندا يوغان گەپ قىلىش بىلەن ئىراننى چەكلەپ،ئسرائىيلىنى قوغداپ كىتەلمەيسىز !سىز بىزنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ،گىرۇزىيەنى قوللاپ كىتەلمەيسىز!
ئەگەر جون ماككايىن جورجى بۇشنىڭ يوغان گەپ قىلىش،ناچار سىتراتىگىيە بەلگىلەش سىياسىتىغا ئەگەشسە،بوپتۇ،بۇمۇ ئۇنىڭ مەيلى.ئەمما بۇ ئامرىكا مۇھتاج بولىۋاتقان ئۆزگىرىش ئەمەس .
بىز-دىموكراتچىلار روزىلىۋىتنڭ پارتىيسىدىن بولىمىز،بىز –جون كىنندىنىڭ پارتىيسىدىن بولىمىز.شۇڭا ماڭا ‹‹دىموكراتچىلار بۇ دۆلەتنى قوغدىيالمايدۇ >>دىمەڭ ! ماڭا <<دىموكراتچىلار بىزنى بىخەتەر قىلالمايدۇ >>دىگۇچى بولماڭ!
بۇش-ماككايىنلارنىڭ دىپلوماتىيە سىياستى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئورناتقان نەچچە ئەۋلاتنىڭ قانۇنچىلىق ئەنئەنىسنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى.بىز مانا شۇ قانۇن-تۇزۇمنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىمىز.
(ئالقىش)
باش قوماندان بولۇش سۇپىتىم بىلەن،مەن بۇ دۆلەتنى قوغداشتا ھەر گىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمەن.ئەمما مەن ئەسكەرلىرىمىزنى ئىنىق ھەرىكەت نىشانى،مۇقەددەس پىداركارلىق بىلەن سەپەرۋەر قىلىمەنكى،ئۇلار ئۇرۇشتا ئىھتىاجلىق زۆرۈر ئەسلىھەلەر بىلەن،ئۇرۇشتىن كىين ئۇلارغا تىگىشلىك بولغان كۆڭۈل بۆلۇش ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىن ئىتىمەن.
مەن ئىراقتا بولۇۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپ،ئافغانستاندىكى بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان كۇچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى تاماملايمەن.مەن كەلگۇسىدىكى تۇرلۇك توقۇنۇشلارغا ئۇنۇملۇك يۇزلىنەلەيدىغان بولۇش ئۇچۇن، ئارمىيمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.بىراق مەن يەنە ئىراننى ياردو قوراللىرىغا ئىرىششتىن توسۇيدىغان ،رۇسيەنى تاجاۋۇزچىلىقتىن چەكلەيدىغان قاتتىق ۋە بىۋاستە دىپلوماتىيە سىياستىنى يىڭىلاپ چىقىمەن.
مەن 21-ئەسىردىكى تەھدىت ھىسابلانغان تىرورزىم،يادرو قوراللىرىنى كىڭەيتىش،نامراتلىق ،ئىرقى قىرغىنچىلىق ،كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر گە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن يىڭى ھەمكارلىق ئورنىتىمەن.
مەن يەنە بىزنىڭ ئەخلاقى مەيدانىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كىلىمەنكى ،ئامرىكا -ئەركىنلىككە تەشنا،تىنچ ياشاشقا تەقەززا ،تىخىمۇ گۇزەل كەلگۇسىگە تەلپۇنگەن كىشلەر ئۇچۇن يەنە بىر قىتىم ،ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇمىت بولالايدۇ.(ئالقىش)
مانا بۇلار مەن ئىزلىمەكچى بولغان سىياسەتلەردۇر،ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە مۇشۇلار ئۇستىدە  مەن جون ماككايىن بىلەن مۇنازىرىلەشسەم دىگەن ئۇمىدتىمەن.
بىراق مەن قىلمايدىغان بىر ئش –پارلامىنىت ئەزاسىنىڭ مەيدانىنى سىياسى مەقسەتلەر ئۇچۇن ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشتۇر.چۇنكى،بىزنىڭ سىياسىتىمىزدىكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئشلارنىڭ بىرى –كىشلەر ئۆز-ئارا خاراكتىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە جەڭ ئىلان قىلماي تۇرۇپ ،يەنە ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كىتىشتىن ئىبارەت.
(ئالقىش)
ۋاقىت ئنتايىن ئەستايىدىل كىلىدۇ.ئوخشاش پارتىيە ئىچىدىكى ئويۇن قائىدىسىمۇ ناھايتى كەسكىن.ئۇنداقتا بىز مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشقا كىلىۋالايلى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ پارتىيەسى يوق،بۇ دۆلەتنى مەنمۇ سۆيىمەن،سىزمۇ سۆيىسىز،شۇنداقلا جون ماككايىنمۇ سۆيىدۇ.
جەڭگاھلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىز بەلكىم دىموكراتچى بولۇشىمۇ  مۇمكىن،جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىمۇ مۇمكىن،مۇستەقىل زات بولۇشىمۇ مۇمكىن،بىراق ئۇلار بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشتى.بىر-بىرىنى يۆلەشتى.ھەتتا بەزىلىرى ئاشۇ ئىپتىخارلىق بايراق ئاستىدا بىرگە قۇربان بولۇشتى.ئۇلار بىر قىزىل ياكى كۆك ئامرىكا ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى ئوخشاش بىر ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇچۇن خىزمەت قىلدى.
شۇڭا مەن سىزگە ،جون ماككايىنغا شۇنداق بىر ئۇچۇر بىرىمەنكى،بىز دۆلىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز.
(ئالقىش)
ئامرىكا،بىزنىڭ ئىششمىز ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىز دۇچ كەلگەن خىرسىت بىزدىن ئنتايىن كەسكىن تاللاش تەلەپ قىلىدۇ.دىموكراتلار،شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر ،بىز  پەقەت ئالالمىغان مۇئاش ياكى زور سوممىلىق سودا قەرزلىرى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى بىزنى  ئورتاق نىشانىمىزدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغان  سەككىز يىللىق مەغلۇبىيەتنىڭ بىر قىسمى بولمىش ئاشۇ ئەتكەس ئىدىيە ۋە كونا سىياسىيەتلەرنى پۇتۇنلەي چۆرۈپ تاشلىشىمىز كىرەك.
بىز بەلكىم ،ھامىلە چۇشۇرۇش مەسلىسىدە بىرلىككە كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ئەمما بىز دۆلىتىمىزدىكى زۆرۈر بولمىغان ھامىلەنىڭ سانىنى ئازلىتالايمىز.
(ئالقىش)
بەلكىم قورال ساقلاش ئوخئو شىتاتىدىكى ئوۋچىلارغا نسبەتەن كىلېلاند دىكى گۇرۇھۋازلىق زوراۋانلىقى پەيدا قىلغان پاتپاراقچىلىقتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.سىز ماڭا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەي كى 47 (روسىيە قورالى)گە ئىرىشش يولىنى ئۇزىۋىتىدىغان ئىككىنچى قىتىملىق ئاساسى قانۇن تۇزتىش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بارالمايسەن دەپ قالماڭ!
(ئالقىش)
چۇشىنىپ تۇرۇپتىمەن،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسىدە كۆز قارىشمىز ئوخشىمايدۇ.ئەمما شۇنىڭغا ئىنىق جاۋاب بىرىمەنكى،بىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىق بۇرادەر-ھەمشىرىلىمىز دوختۇرخانىلاردىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشنى يوقلاپ كەلسە بولىدۇ.ئۇلار دۆلىتىمىزدە ھىچكمنىڭ كەمستىشىكە ئۇچرىماي ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
سىلەرگە مەلۇم،كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە نۇرغۇنلىرىمىز ھاياجانلىنىپ قالىمىز.بىراق مەن ،بىر ئانا ئىمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئايرىلسا ياكى بىر -ئادەم ئشلەتكۇچى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئش ھەققىنى تۆۋەنلىۋىتىدىغان قانۇنسىز ئشچىلارنى ياللىسا بۇنىڭ زادى كىمگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.
بىراق ،بۇ مۇ ئامرىكا ئەھدسنىڭ بىر قىسمى،دىموكراتىيە ئەھدسىنڭ بىر قىسمى ،بىز بۇ ئەھدە ئارقىلىق كۇچ-قۇۋۋەت تاپىمىز،ئوخشىماسلىقلارغا كەڭرى قۇچاق ئاچىمىز.شۇنداقلا ئورتاق تىرىشچانلىقمىز بىلەن بىرلىشمىز.
بەزى كىشلەرنىڭ بۇ ئەقىدىمىزگە خۇددى كۆڭۈل خۇش قىلىدىغان ۋەدە سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان.ئۇلار بىزنىڭ جامائەت ئشلىرىدىكى كۆلىمى تىخىمۇ چوڭ،تىخىمۇ كەسكىن،تىخىمۇ سەمىيمى بولغان قەتئىيلىكىمىزنى خۇددى يۇقىرى باج ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن ياتلىششقا قاراپ سۆرەپ ماڭغان ياغاچ ئاتقا ئوخشتىدۇ.
بۇنى بىز چۇشىنەلەيمىز،چۇنكى سىزنىڭ يىڭى ئىدىيەلىرىڭىز بولمىسا سىز بىلەت تاشلىغۇچىلارنى كونا قاراشلار بىلەن قورقۇتىسز.
(ئالقىش)
ئەگەر سىزنىڭ كۆرسەتكۇدەك شەخسى ئارخىۋىڭىز بولمىسا ،ئۇ چاغدا رەقىبىڭىزنى كىشلەر قاچىدىغان ئادەم قىلىپ سىزىپ چىقىسز.كىچىك ئشلارنى دەپ كاتتا سايلام ئىلىپ بارىسىز!
سىز نىمىنى بىلىسز؟ئۇ ئىلگىرى كارغا كەلگەن،چۇنكى ئۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ ھۆكۇمەت پەيدا قىلغان جاھاندىن تويۇش ھالىتىمىزگە بەرھەم بەرگەن.ۋاشىنگىتون خىزمەتتىن توختسا ،بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان .ئەگەر  ئۇمىدىڭىز  قايتا-قايتا زەربىگە ئۇچرىسا،سىز ئاستا ئولتۇرۇپ،يەنە ئۇمىت باغلاشنى توختىتىپ ،بىلگىنىڭىز بويىچە ئش قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
مەن چۇشەندىم.مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،مەن مەزكۇر ئشخانىغا كىرىشكە تەييارلانغان كاندىداتلار ئىچىدىكى  ئەڭ يالغانچى كاندىداتلارغا ئوخشىمايمەن.مەن ئاشۇ كونا مۇقامغا توۋلاۋىرىشنى ياقتۇرمايمەن.مەن ۋاقتىمنى ۋاشىنگىتوننىڭ ھەشەمەتلىك  زاللىرى ئىچىدە ئۆتكۇزمەيمەن.
مەن بۇگۇن كەچ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇشۇم شۇنىڭ ئۇچۇنكى،پۇتۇن ئامرىكا بويلاپ بىر ئش جانلىنىپ بارماقتا.ئنكارچىلارنىڭ چۇشىنەلمەي كلىۋاتقان بىر نۇقتا شۇكى-بۇ سايلام ئەزەلدىن مەن بىر ئادەم ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى سىلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
مەزكۇر سايلام –سلەر ئۇچۇندۇر.
(ئالقىش)
ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان 18 ئايدىن بىرى،سىلەر بىر-بىرلەپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ ،‹‹ئۆتمۇشتىكى سىياسەتلەرگە بولدى  بەس››دىدىڭلار،سىلەر چۇشەندىڭلاركى،بىز بۇ سايلامدا دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ دەل ئاشۇ ئوخشاش ،كونا سىياسەتلەرگە ،ئوخشاش ،كونا ئۇستاتلار بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئۆزگىچە نەتىجە كۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.
سىلەر تارىخ بىزگە ئۆگەتكەن شۇنداق بىر تەجرىبنى نامايىن قىلدىڭلاركى،ھازىرقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئۆزگىرىش ۋاشىنگىتوندىن ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.
ئەكسىچە بىز ۋاشنگىتونغا ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىمىز.
(ئالقىش)
ئۆزگىرىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،ھامان ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،چۇنكى ئامرىكا خەلقى ئۇنىڭغا مۇھتاج.چۇنكى ئامرىكا خەلقى دەس تۇرۇپ،يىڭى دەۋىر ئۇچۇن يىڭى  ئىدىيە ،يىڭى رەھبەرلىك ،يىڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان يىڭى رەھبەر تەلەپ قىلماقتا.
ئامرىكا،مانا بۇ دەل ئاشۇنداق دەقىقىلەردىن ئىبارەت.
قانچىلىك مۇشەققەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،شۇنىڭغا قەتئى ئشىنىمەنكى،بىز مۇھتاج بولغان ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر رىئاللىققا ئايلىندۇ.چۇنكى مەن ئۇنى كۆردۇم.چۇنكى مەن ئۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا باشتىن كەچۇردۇم.
چۇنكى،مەن ئۇنى ئىللىنويىس شىتاتىدا كۆردۇم،بىز تىخىمۇ كۆپ بالىلارنى سالامەتلىك پاراۋانلىقى بىلەن تەمىنلەپ،تىخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى تۇرمۇش كاپالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق.
مەن ئۇ ئۆزگىرشنى ۋاشنگىتوندا كۆردۇم،بىز پۇتۇن پارتىيە سىپى بويىچە ھۆكۇمەتنى تىخىمۇ ئىچىۋتىشكە ،پارلامىنىتتكى قانۇن تۇزگۇچىلەرنى تىخىمۇ ئشەنچىلىك بولۇشقا ،بىزنىڭ پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىز گە تىخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۇشكە ،يادرو قوراللىرىنى تىرورچىلارنىڭ قوللىرىدىن تارتىۋىلىشقا كۇچ چىقارغان خىزمىتىمىزنىڭ ئۇنۇمىدىن كۆردۇم.
مەن ئۆزگىرىشنى مەزكۇر سايلام پائالىيەتلىرىدە كۆردۇم.تۇنجى قىتىم سايلامغا قاتىنىشۋاتقان ياشلاردىن ،يۇرىكى ياش كىشلەردىن ،ئۇزۇن مۇددەت سايلامغا قاتناشماي ،بۇ قىتىم بىلەت تاشلاشقا نىيەت قىلغان كىشلەردىن ،ئەزەلدىن دىموكراتلارغا بىلەت تاشلىمايدۇ دەپ قارالغان ،ئەمما بۇ قىتىم راسىتلا بىزگە مايىل بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كۆردۇم
(ئالقىش).
مەن ئۆزگىرىشنى دوسىتلىرىنىڭ ئشسىز قىلىشغا كۆڭلى ئۇنىماي، ئۆزىنڭ خىزمەت ۋاقتىنى قسقارتىپ ،تەڭ ئشلىگەن ئشچىلارنىڭ يۇرىكىدىن كۆردۇم.مىيپناك بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ قايتا ئۇرۇشقا تىزىملاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روھىدىن كۆردۇم.ئاپەتلىك قۇيۇن ۋە كەلكۇن كۆرۇلگەندە يات كىشلەرگە پاناھ بولغان  ئاقكۆڭۈل ئۆي ئىگىلىرىنڭ ئاقكۆڭۈللۇكىدىن  كۆردۇم.
سىلەرگە مەلۇملۇقكى،دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن باي،لىكىن بىزنى باي قىلىدىغان نەرسە ئۇ بايلىق ئەمەس،بىزنىڭ ئارمىيمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۇچلۇك،بىراق بىزنى كۇچلۇك قىلىدىغنى ئارمىيە ئەمەس،بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتلىرىمىز ،بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز دۇنيانى ھەسەتتە قويىدۇ.بىراق جاھاننى بىزنىڭ ساھىللىرىمىزغا جەلىپ قىلىدىغىنى بۇ لار ئەمەس.
ئەكسىچە،ئامرىكا روھى ،ئامرىكا ئەھدسى بىزنى يولىمىز غۇۋا بولسىمۇ ئالغا يىتەكلەپ ماڭالايدۇ.بىزنىڭ نۇرغۇن ئوخشماسلىقىمىز بولسىمۇ ،ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ.دەل ئامرىكا روھى بىزنىڭ كۆزىمىزنى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس،بەلكى كۆرۇنمەس ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنغان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۇرەلەيدۇ.

دەل ئاشۇ روھ–بىزنىڭ ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت مىراسىمىزدۇر.دەل ئاشۇ ئەھدە ئۇچۇن مەن قىزلىرىمنى كىچىسى ئاۋايلاپ ئۇخلىتىمەن.
دەل مۇشۇ ئەھدىنى سىلەر ئۆز-ئارا تۇتقا قىلىسلەر.دەل مۇشۇ ئەھدە كۆچمەنلەرنى ئوكيان كىچىپ ،يول ئاچقۇچىلارنى داۋانلار ئىشپ غەربكە سەير قىلشكە تۇرتكە بولىدۇ.دەل مۇشۇ ئەھدە ئشچىلارنىڭ سىخلارغا قستىلىپ ئشلەشكە،ئاياللارنىڭ سايلامغا بىلەت تاشلىشىغا ئىلھام بولىدۇ.
(ئالقىش)
دەل مۇشۇ ئەھدە بۇندىن 45 يىل بۇرۇن ئامرىكىلىقلارنى مۇشۇ زىمننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن ۋاشىنگىتوندىكى بىر سارايغا ،لىنكولىن خاتىرە سارىيغا توپلىشپ،جورجىيە شىتاتىدىن كەلگەن بىر ياش دىن تارقاتقۇچىنڭ ئارزۇسنى ئاڭلاشقا تۇرتكە بولغان.
(ئالقىش)
بۇ يەرگە توپلاشقان ئەر ۋە ئاياللار ئىلگىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاچچىقلايدىغان،سىلكشلەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇلار بەلكىم ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نۇرغۇن ئارزۇلىرىغا يانداش ئۇمۇتسىزلىك ۋە قورقۇنچقا مۇپتىلا قىلمىش پاسسپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە،بىزنىڭ ئامرىكىدا-،قايسى ئىتىقادى گۇرۇپپا ،قايسى ئرق،قايسى ساھەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر –بىزنىڭ تەقدىرىمىز چەمبەرچەس باغلانغان ،ئورتاقلىشالايدىغان ئارزۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.
‹‹بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز،يولغا چىققاندا شۇنىڭغا ئشەنچىمىز بولسۇنكى،بىز ھەمىشە ئالدىمىزغا مىڭىشمىز،كەينىمىزگە يانماسلىقىمىز كىرەك.››-دىن تارقاتقۇچى شۇنداق خىتاب قىلغان ئىدى.
ئامرىكا،ئەمدى بىز كەينىمىزگە يانساق بولمايدۇ.
(ئالقىش)
بىز قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشىمىز تۇرۇپ ،ئوقۇتۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن بالىلىرىمىز تۇرۇپ،ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن پشقەدەم جەڭچىلەر تۇرۇپ،ھەل قىلشقا تىگىشلىك ئىقتىسادى مەسىلىمىز تۇرۇپ،قايتا قۇرۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن شەھەر تۇرۇپ،ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن دىھقانچىلىق مەيدانى تۇرۇپ،قوغداشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئائىلىللەر تۇرۇپ،داۋالاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ھايات ئىگىلىرى تۇرۇپ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز.
ئامرىكا ،بىز كەينىمىزگە قايتالمايمىز،بىز يالغۇز مىڭىپ بولالمايمىز.
مۇشۇ دەقىقىدە،بىز كەلگۇسىگە يۇرۇش قىلىشقا يەنە بىر قىتىم ئەھدە قىلىشمىز كىرەك.بىز ئەنە شۇ ئەھدىنى ،ئامرىكا ئەھدىسنى كۇچكە ئىگە قىلىشىمىز،ئۆزىمىزگە يۇز تۇتقان ئۇمۇتلۇك يولدىن قىلچە تەۋرەنمەي ،ئنجىلدىكى ھەر بىر سۆز-جۇملىگە مەھكەم ئسىلىپ كەلگۇسىگە قەدەم بىسىشىمىز كىرەك.
رەھمەت سىلەرگە.تەڭرى سىلەرگە بەخىت –سائادەت يار قىلغاي،تەڭرى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئامەت يار قىلغاي.

.



.
.
تېما تەستىقلىغۇچى : MuzTagh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 18:18
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 01:52 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
11111
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29185
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 02:50 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

باشقا مللەتتىن بولسمۇ زۇڭتۇڭلققا سايلاۋېردىغان كەڭ قورساق خلقىكنە بۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 08:33 |
kutlukab
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29210
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 134 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ بىزنى خەۋەردار قىلغان تېما ئىگىسىگە كۆپتىن - كۆپ تەشەككۇر ، ھارمىغايسىز .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 12:38 |
kedirdan0996
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 444
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 57 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

نەق مەيدانداندىن ئاڭلىغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاركەنتۇق. ھەقىقەتەن بىر ئۇقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىگۇدەك تېما بوپتۇ. تېما ئىگىسىگە رەخمەت.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:45 |
lakqin
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 900
شۆھرەت: 960 نۇمۇر
پۇل: 3007 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

بۇنىڭ قانداقلىقىنى بارا-بارا كۆرەرمىز .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 18:23 |
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 433 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ھەي.....................      بۇ  ئىككىسىنىڭ  قايسىغا  ئاۋاز بەرسەم بوللار.........
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:07 |
Hakim
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 8162
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 445
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 648 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

تەرجىمە قىلغان كىشىگە ،ھەمدە تىما ئىگىسىگە رەھمەت ،بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەن كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتالايدىكەن....مەن بولساممۇ بىر بىلەت تاشلىۋىتەكەنمەن ..
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 19:19 |
Uznur
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 1055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 367 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 

تەرجىمە ناھايتى جانلىق چىقىپتۇ . ئەجرىڭىزگە رەخمەت !
ئوماباغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! نۇتىقىنى تولۇق ئۆقۈپ چىقتىم ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلغۇدەك سۆزلەپتۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 12:05 |
oghuzawladi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 13512
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 41 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-24

 

ئەجەپ كاتتا ئىشكىنا بۇ   
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-16 20:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:02
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号