قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 96 قېتىم كۆرۈلدى
alipoguz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 ئازاپ ...

0
ئازاپنىڭ قىممىتى

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

    بىز دۇنياغا كەلگەن ئىككەنمىز ياشىشىمىز كېرەك . بىراق ياشاش ئۈچۈن ئازاپ چېكىشكە توغرا كېلىدۇ . بىز نەگە بارايلى ئازاپ بىزنى قورشىۋالغىنى قورشىۋالغان . ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گاھىلار ئۆلۈمنى تاللىدى ،گاھىلار چۈشكۈنلىكنى تاللىدى ،گاھىلار ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشش يولىنى تاللىدى ،گاھىلار ھەممىگە پەرۋا قىلماسلىق يولىنى تاللىدى . ئىشنى قىلىپ ئوخشاش  بولمىغان يولنى تاللىغان بولساقمۇ يولىمىزدا بىزنى ساقلاپ تۇرغىنى ئازاپ بولۇپ چىقتى .

    بىز ھەر كۈنى خىزمەت قىلىمىز ، تاڭ بىلەن تەڭ زىمىن ئۈستىدە بىر نەرسىىسنى يۈتۈرۈپ قويغان كىشىدەك ئالدىراش ئۇيان _ بۇيان ماڭىمىز .بۇ  ئارقىلىق بىز ئۇزاققا سوزۇلغان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇنى ئۇنتۇشقا  تىرىشىمىز  ئىشنى قىلىپ   ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تۇرمۇشىمىزغا جىددىي رېتىملارنى ئاتا قىلغان بولساقمۇ ئازاپ بىزنى قويۇپ بەرمىدى . ھەتتا ئۇ بىزنىڭ روھىيمىزنى ئۆزىنىڭ قورقۇنۇشلۇق باياۋانغا باشلاپ كەلدى .ئازاپ نىمە ئۈچۈن بىزنى قورشىۋالىدۇ ؟ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ بىر قىسىم پەيلاسوپلار دىدى :'' بىردىن بىر ئامال ئۆلۈم... "  بىراق ، بىز ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق گاھىي ئىنسانلارنىڭ بىز ئويلاپ باقمىغان ئازاپ ئىچىدە تۇرۇپمۇ ھاياتىنى ئاجايىپ مەنالارغا ئىگە قىلغانلىقىنى بايقايمىز .مەسىلەن ،ئامېركا قۇرۇقلىقىنى تاپقان كولومبونى ئېلىپ ئېيتساق .ئۇ ئۆزنىڭ نامىراتلىقىغا قارماي يىراق  ئوكيانلارغا سەپەرگە ئاتلىنىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن سەپەرگە چىقانلارئەڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ تۇرمىغا سۇلانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەۋقەسىز توپ ئىدى .بۇ سەپەرگە پەقەت جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ چىقىشتىن باشقا يول يوق ئىدى .لېكىن كولومبو جىنايەتچىلەرنىڭ تەھتىت سېلىشى ۋە چەكسىز ئوكيانلاردىكى تەبىيەتنىڭ ۋەھىمىسى ئېلىپ كەلگەن روھىي ۋە جىسمانى ئازاپقا قىلچە باش ئەگمەي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەۋەردى .ئۇ ئاخىرى چەسىز ئازاپ ئىچدىن ئۈمىتنى ئاپىرىدە قىلدى يەنى ئامېركا قۇرۇغلۇقىنى تاپتى .ئۇنىڭ تۆھپىسى ئىىسپانىيە پادىشاھى تەرپىدىن ئىتراپ قىلندى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئازاپقا تولغان سەپىرى ئىنسانىيەت تارىخنىڭ بېتدىن مەڭگۈلىككە ئورۇن ئالدى .ئۇنىدىن باشقا قۇرئاندىكى قىسسەلەردە    ئايۇپ ئەللەھيكىسالامنىڭ (1) ئىنسان تارتىپ باقمىغان دەھشەتلىك ئازاپ يەنى پۈتكۈل جىسمى قۇرتلاپ كەتكەن تۇرپمۇ ھاياتلىققا بولغان ئىشەنچىسىدىن  ۋە ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتقاتىدىن ۋاز كەچمىگنلىكى بايان قىلىنغان  . ئۇ ئازاپ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى دوس ۋە دۈشمەنلىرىگە ئىسپاتلاپ كۆرسۈتۈپ قالماي ئىنسانىيەتكە  قەيسەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن  . ئۇ نادانلاردەك ئازاپ تارتقانلىقى ئۈچۈن چۈشكۈنلۈشۈپ نالە  پەريات قىلمىغان  ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمىغان  ، ئەكسىچە ئازاپنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ قوينىدا تاۋلانغان . بۇ قىسسەدە تەسۋىرلەنگەن كىشى  ئازاپ ئالدىدا نەقەدەر باتۇر ھە ! شەكسىزكى ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ھەرقانداق ئىنسانى تەسرلەندۇردىغانلىقى شەكسىز .

      ئۆلۈۋىلىش ئاجىزلارنىڭ قۇرالى، شۇنداقلا ئىرادىسى يوق چۈشكۈنلەشكەنلەرنىڭ ئەخماقلىقى . بىر ھاراقكەش ،ھاراقنى بولىشىغا ئىچكەندىن كېيىن كشلەرگە :'' سىللەر بەخىت پەيزىنى سۈرۈشنى بىلمەيسىلەر ." دىدى، ئۇ بەخىتلىككمۇ ؟ ياق ئۇنىڭ ئۆزىگە ئايانكى ئۇ بەخىتسىز . ئۇ بەخىتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھاراق ئىچىدۇ . ئۇ پەقەت ئازاپتىن قېچىش ئۈچۈن ھاراق ئىچىدۇ .ئۇ ئۆزىنى قورشىۋالغان ئازاپتىن قۇتۇلالىدىمۇ ؟ ياق . ئۇ مەسلىكتىن يېشىلگەندە ، پۈتكۈل بەدىنىنىڭ ئاچچىق پۇراۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا تەن ۋە روھيىنىڭ چۈشكۈنلۈك قوينىدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى شەرتسىز سېزىدۇ .

     گاھىلار مەلۇم ھوقوق ۋە مال - دۇنيا ھەم ئەيشى - ئىشرەتلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ : '' بىز ئازاپنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلمىدۇققۇ " دەپ  ، كشلەرگە مەسخىرلىك قارايدۇ .ئۇلار پۈتۈنلەي ماددى نەرسىلەرنىڭ غىدىغلىشى ئارقىلىق ئازاپنى ئۇنتۇشقا تىرىشىدۇ . ناۋادا ئۇلار تەلپۈنگەن ئەشۇ مەۋقەسىز ۋە ئۆتكۈنچى نەرسىلەر تۇساتتىن غايىپ بولسا  ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار ئازاپقا باش ئەككەن ۋە ئۇنىڭغا قۇل بولۇشقا كۈنۈپ كەتكەن تۇرسا قانداقمۇ ئازاپنى ھېس قىلالىسۇن . ئۇلاردە ئەمىلىيەتتە ئازاپقا دادىل يۈزلۈنۈپ ئونىڭدىن ھالىقىغىدەك ئىرادىمۇ يوق ، چۈشكۈنلۈك بۇ خلدىكى كشلەرنى ئۈزلۈكسىز ئورىۋالغان لېكىن  ئۇلار بۇنىڭدىن بىخەۋە ... دىمىسىمۇ تارختا ئۆتكەن تالاي خان _ بەگلەر زور بايلىق ۋە ھوقوققا ئېرشكەن ھەم ئۇلارنى بىردىن _ بىر بەختنىڭ ئاساسى شۇنداقلا ئازاپتىن قۇتلۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ھاياتلىقتىكى بارلىق ئۇتۇق ۋە بەختنىڭ ئازاپ ھەم مۇشەقەتلىك كۆرەش بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقاشقا ئاخىرى چۈشكۈنلۈشۈپ پادىشاھلىقىنى ۋەيران قىلغان ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ يوقالغان .

     دۇنيادا ئەسلى ئازاپ يوق ئىدى ،بىز ئۇنى پەيدا قىلدۇق . ئېنجىل ھېكايىللىرىدا بايان قىلىنىشچە ،ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولمىش ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئازاپ بولمىغان جەننەتنىڭ نىمەتكە تولغان قوينىدا غەمسىز ياشايدىكەن .ئۇلار ھەتتا ئازاپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن .لېكىن ،ئۇلار چەكلەنەن مېۋىنى يەپ ئاخىرى مۇختاجلىققا ،جاپا _ مۇشاقەتكە تولغان پانىلىققا چۈشۈرۈلگەن ئىككەن .بۇ ئېنجىلدىكى ھېكايىدىن چىقىپ تۈرپتىكى ئازاپنى يەنى ئۆزلىرنىڭ ئازاپ چېكىشنى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئىككىسى ئۆزلىرگە پەيدا قىلشقان .

مېنىڭچە   ئازاپلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىنساننىڭ ئىنسانغا كەلتۈرگەن ئازابى . بىز قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرنىڭ  ھاياتلىق ئىھتىياجى  ئۈچۈن ئىجات قىلغان  نەيزە ،قالقان ، پالتا ... قاتارلىق قۇراللارغا قارايدىغان بولساق بۇ نوقتىنى ئاسانلا ھېس قىلىپ يېتىمىز . ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل قۇراللارنى ئىجات قىلىشى تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش بولسىمۇ مەلۇم جەھەتتىن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرگە كەلتۈرمەكچى بولغان ئازابىىغا تاقابىل تۇرۇش ياكى چەكلەش بولسا يەنە بىر جەھەتتىن باشقىلارغا ئازاپنى پەيدا قىلىش ئۈچۈندۇر .دىمىسىمۇ تارختىكى نۇرغۇنلىغان ئېچىنىشلىق ئۇرۇشلاردا بۇ قوراللار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان . قەدىمقى دەۋىرلەردىكى ۋەھشىيانە مەسىلەن ،<< ئوتتا كۆيدۈرۈش >>،<< دۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش >>، << زەھەر بىلەن ئۆلتۈرۈش >>،<< جادۇ بىلەن ئۆلتۈرۈش >>، <<چالما _ كېسەك بىلەن ئۆلتۈرۈش >>،<< ھايۋانلارغا سۆرتۈپ ئۆلتۈرۈش >>، << پارچىلاپ ئۆلتۈرۈش >> قاتارلىق ئۆلۈم جازاسىمۇ  ئىنساننىڭ ئىنسانغا كەلتۈرگەن ئازابىنىڭ مىسلىسىز ئىكەنلىكىنى بىزگە دەلىلەپ بېرىدۇ .قەدىمقى دەۋىرلەردە بىر ئىنسانغا يەنە بىر ئىنسانىڭ كەلتۈرگەن ئازابىنى تېخمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلار قورقۇنۇشلۇق ئۆلۈم جازاسنىڭ ئۈسۈلىنى ۋە ۋاستىسىنى ئۈزلۈكسىز بىيىتىپ تۇرغان .

  بىزنىڭ مەڭگۈ ئېچىرقاپ تورىدىغان نەپسىمىز ، باشقلارنى باش ئەگدۈرشنى ئويلايدىغان قار نىيىتىمىز ، بىر بىرمىزگە بولغان ھاكاۋۇرلۇق ئىچدىكى كەمسىتىشىمىز      ئۈزلۈكسىز يېڭى ئازاپلارنى ئىشلەپ چىقماقتا . گاھى ئازاپلار ئىنساننى پۈتۈنلەي ھالەك قىلىپ تاشلىيالايدۇ ، گاھى ئازاپلار ئىنساننى يۈكسەكلىككە ئۇلاشتۇرىدۇ . ھارماي ئىزدىنىش ،ۋە قەيسەر روھققا  ئىگە بولغان  كشلەر ئەخماقلاردەك گەمە  ياكى ماددى نىممەتلەر بىلەن ئۆزنى يۇشرمايدۇ ، مەسىلەن بۈيۈك شائىرمىز شاھمەشرەپ ئەينى دەۋىردىكى ئىشانلارنىڭ  توپلۇشۇپ ھۇجۇم قىلىشىغا ھەتتا  ئىشانلار تەرپىدىن رەھىمىسىزلەرچە ئاختا قىلىنىۋتىش جازاسىغا ئۇچىراپ ئېغىر روھىي ۋە جىسمانى ئازاپقا قالغان بولسىمۇ   لېكىن ،  ئۇ ئازاپقا باش ئەگمەي جەڭگىۋار شېئىرللىرى بىلەن سوپا _ ئىشانلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ئەپتى - پەشىرسىنى مەردانىلىق بىلەن ئېچىپ  تاشلىغان . ئۇ دار ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئۆزنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي ئالىمىدە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا قەتتى ئىشەنگەن . مەشىرەپ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئېغىر ئازاپ قوينىغا تاشلانغان بولسۇمۇ ئۇنىڭ روھىي ئاشۇ ئازاپلار قوينىدىن ئەڭ گۈزەل شېئىر پۈرۈكلىرنى ئېچىلدۇرۇپ كېيىنكىلەرگە سۇنالىغان . دىمەك مەشرەپكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان بۈيۈك كشلەر مەڭگۈلۈك ئۈچۈن ئازاپنى ئۆزلىرگە ھەمرا قىلىۋالغان ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئازابىنى ئۆزەمنىڭ ئازابى دەپ قاراپ  قەيسەرلىك بىلەن   ئازاپقا دادىل يۈزلەنگەن   .

     ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ  پەرقى شۇكى ھايۋاننىڭ قورسىقى تويسىلا بولدى ، بىراق ئىنسان ئۇنداق ئەمەس . ئۇنىڭدا بەخىت ئىزلەشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان روھ بار .ئۇ ئازاپنى ۋە بەختنى ھېس قىلالايدۇ . ئۇ قانداق قىلغاندا ئۆزىنى يۈكسەكلىك (مەنىۋى يوقۇرى پەللە ) نىشانىغا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . بىز ئادەم شۇڭا ئازاپ چېكىمىز . بىز ئادەم شۇڭا ئارماق قىلغان نەرسىگە يېتىش ئۈچۈن ئىزلىنىمىز . ناۋادا بىز ئۆز ئىستەكلىرىمىز يولىدا ئازاپ چېكىشتىن قورقساق ئۇ ئىستەكنىڭ بولىغىنى تۈزۈك ، چۈنكى ئازاپ مەۋجۇتلىقنىڭ ئاساسى . ئۇ بولمىغا بولسا مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ۋە بىز ئېرشمەكچى بولغان بەخىتنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن .ئازاپ بولغاشقا ھايات شىرىن ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ . ئازاپ بولىغاشقىلا ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئۈچۈن يىراقلارغا ئاتلىنىش بولغان .

    دوۋزاق بولغاشقا جەننەت بىزنىڭ بىردىن - بىر يېتىش مەقسىتىمىز بولدى .  چەكسىز دولقۇن ۋە قورقۇنۇشلۇق بورانغا تولغان دېڭىزلار بولغاشقا قارشى قىرغاقلار بىزنىڭ تەلپۇنىدىغان ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز بولالىدى .ئازاپ بىزنى پاكلىدى . ئۇ بىزنى ھەقىقەتكە ھېرىس قىلدى ، ئارمىزدىكى مىھرى - مۇھەببەتنى مۈستەككەملىدى ، بىزگە سەمىمى يۈرەك ئاتا قىلدى . ناۋادا ئازاپ بولىمغان بولسا ئىنسانىيەت دۇنياسى بۇنچىلىك مەناغا باي بولمىغان بۇلاتتى .

   بىز ئازاپنى ئامەت ۋە ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغاندىلا ئۇنىڭ قوينىدا ھالەك بولۇپ كەتمەيمىز .  دانا كىشى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كەلتۈرگەن ھاياتلىق يولىدىكى مۇشاقەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ئۆز روھيىنى تاۋلاشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى قىلىۋالىدۇ . .ھەقىقى ئىنسان ئازاپنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدىغان ئىنسان ، ئۇنى ھېس قىلىش ئۈچۈن  ئۇنىڭدىن قاچماي ئۇنىڭ تەمىنى تېتشنى بىلىش زۆرۈر . ئۇلۇغ كشلەر ئۇنى قۇرال قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانىيەتكە بەخىت ياراتتى ۋە ئۆزىنى يۈكسەك چوقىغا چىقاردى . چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت ئازاپنىڭ مەركىزىدە ئىدى.

*(1) ئايۇپ ئەلەيھسالام  قىسسسىگە   قارالسۇن
ئەسكەرتىش : بۇ مۇنبەردىكى ئەسەرلىرىم ھەم تىزملاتقان ئىسمىم غايىپ بولۇپتۇ .


تېما تەستىقلىغۇچى : Ay~chiwar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 18:03
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 01:50 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
11111
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29185
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 02:47 |
كۈيلەر
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ياخشى يېزىپسىز.......      ئاپلا سىزنىڭ ماتىرياللىرىڭىز ۋە ئەزالىق نامىڭىز يۇقالغىنى ياخشى بولماپتۇ ،، خېلى جاپادا يازغان تېمىلىرىڭىز ، ۋە دەرىجىڭىز بىر موللاق بىلەن غايىپ بوپتۇدە ھەي ئىسىت....!!!!



چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 02:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 03:52
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号