قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 305 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ماك كايننىڭ نامزاتلىق نۇتۇقى (دۆلەت بىرىنچى ئورۇندا ) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

islahatqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29184
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 143 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 ماك كايننىڭ نامزاتلىق نۇتۇقى (دۆلەت بىرىنچى ئورۇندا )

0
                                                        ماك كايىننىڭ نۇتۇقى (ئۇيغۇرچە)

                                                          ماككايننىڭ نۇتۇقى
جۇمھۇرىيەتچلەر پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پىرىزدىنىتلىق نامزات كۆرستىش يىغىلىشى

Uyghur Version Of John McCain - Acceptance Speech  - Republican National Convention 09/04/08
Translated By Tahir Imin

2008-يىلى 4-سىنتەبىر سۆزلەنگەن.5-سىنتەبىر ئىلان قىلىنغان 6-سىنتەبىر ئۇيغۇرچىسى تەرجىمە قىلىنىپ ،ئىلان قىلىندى.
ئنگىلىزچە تىكسىت ئادىرسى:http://www.politico.com/news/stories/0908/13179.html

سىن لىنتسىنى كۆرۈش ئادىرسى    :                                                                                                                      http://www.youtube.com/watch?v=g2Y0um-JYP8&feature=related
تەرجىمە قىلغۇچىدىن سۆز:
ئامرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيەسى پىرىزدىنت نامزاتى كۆرستىش يىغىلىشى 4-سىنتەبىر يىپلىدى.نامزات جون ماككايىننڭ نامزاتلىق قوبۇل قىلىش نۇتۇقى –ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىن پەرقلىق ھالدا نۇرغۇن بىتەرەپ ۋە ۋزا كەچكۇچىلەرنى ئۆزىگە قايتا جەلىپ قىلدى.
كۇچلۇك ۋەتەنپەرۋەر،قاتتىق قول،مەسئۇلىيەتچان ۋە جاھىل دەپ تەرىپلەنگەن جون ماككايىن جورجى بۇش پەيدا قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پاسسپ شارائىتى ۋە يامان تەسىرىگە دۇچ كەلگەن مۇھىتتا ئۆزىنڭ ئۇتۇق نۇقتىسنى نەدىن تاپىدۇ دىگەن تىما نويابىرغىچە بولىدىغان سايلامغا ھەمرا ئاخبارات ساھەسىنڭ قىززىق نۇقتىسى.
ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ كۆرۇپ مۇھاكىمە قىلىشغا ،خاتىرە قىلىۋىلىشغا ،سىلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۇچۇن مەزكۇر نۇتۇقنى دۇنيادىكى باشقا تەرجىمە تەرجىمە قىلىنغان يۇزلىگەن باشقا دۆلەت تىللىرىگە قارىغاندا ناھايتى تىز پۇتتۇرۇپ سۇندۇق.ئەگەر ھوزۇرلانغان بولسىڭىز،خەلقىمىزنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقى ،ئامان –ئسەنلىكى ئۇچۇن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!

جون ماككايىن:
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت،بۇگۇن كەچ ماڭا پەقەت ئاز ساندىكى ئامرىكا پۇقرالىرىغا نىسپ بولىدىغان بىر ئىمتىياز نىسپ بولدى-ئۇ بولسىمۇ پارتىيمىزنىڭ ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى پىرىزدىنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىش-مەن بۇ ئىمتىيازنى خۇشاللىق،كەمتەرلىك ۋە ئشەنچ بىلەن قوبۇل قىلىمەن.
مىنڭ ھاياتىمدىكى  ھىچقانداق مۇۋەپپەقىيەت جاپالىق كۆرەش قىلماي تۇرۇپ كەلگەن ئەمەس.مانامۇشۇ نامزاتلىققا ئىرىزششمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.بۇ ئەلۋەتتە ماڭا قارشى نامزاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنڭ تۆھپىسى. ،ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇ ۋەتىنىمىزنى سۆيىدىغان ،ئۇنى تىخىمۇ ياخشى كەلگۇسىگە يىتەكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئنتايىن قابىلىيەتلىك رەھبەرلەردۇر.
مەن تارىخىمىزدىكى  ئامرىكا تۇپرىقىغا  ئەڭ قاتتىق ھۇجۇملار قىلىنغان ئاشۇ قاراڭغۇ كۇنلەردە بىزگە رەھبەرلىك قىلغان ،بىزنى باشقىلار يۇز بىرىشى مۇقەرەر دەپ قارىغان يەنە باشقا ھۇجۇملاردىن ساقلاپ قالغان پىرىزدىنتىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن.مەن يەنە شەخسى ۋە جامائەت سورۇنلىرمىزدا خۇشچىراي مۇئامىلنىڭ ئۇلگسى بولۇپ كەلگەن بىرىنچى خانىم لاۋرا بۇشقا ،ھەمدە بىزنىڭ 41-نۆۋەتلىك پىرىزدىنتىمىز ۋە ئۇنىڭ 63يىللىق خانىمىغا ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىز ئۇچۇن ھۆرمەتكە سازاۋەر خىزمەت قىلىشنىڭ ياخشى ئۇلگىسى ياراتقان چىلىقارلىق تۆھپىلىرى ئۇچۇن مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن.
مەن ھەمىشە ئايالىم سىندى ۋە يەتتە بالامغا ئۆزۇمنى قەرزداردەك ھىس قىلىمەن.
ئائىلىدە جەم بولۇشنىڭ خۇشاللىقى دۆلىتىمىزنىڭ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت كالىندارىدىن قسقىغىنە دەم ئىلىش پۇرستىگە ئىرىشكەنگە ئوخشاپ قالىدۇ.بىراق مەن ھەمشە ئۇلارنى تىخىمۇ كۆپ قەدىرلەپ كەلدىم.مەن سىلەر ماڭا بەرگەن بەختتىن ئايرىلغان ھاياتنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن.بۇگۇن كەچ (ئايالىم)سىندى مەن توغرىلىق نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلدى.ھەق گەپ قىلغاندا،ئۇ ماڭا نسبەتەن منىڭ بۇ يەردە تۇرالشىمدىنمۇ بەكرەك ئىلھام بولدى.ئۇنىڭ- بىزگە قارىغاندا  بەختسز رەك دەپ ھىسابلانغان ئاشۇ كىشلەرگە-كۆمۇركانلاردا تالاپەتكە ئۇچرىغانلار،نامرات ئائىللەردە تۇغۇلۇپ قالغان ۋە مىيپ تۇغۇلۇپ قالغان بالىلار-بولغان ھىسداشلىقى ئۇنىڭ ئنسانپەرۋەرلىكىنڭ ئۆلچىمىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ماڭا ئايان،ئۇ ناھايتى كاتتا بىرىنچى خانىم بولالايدۇ.
(ئالقىش)
دوسىتلىرىم،مەن ئۆسمۇر چاغلىرىمدا،دادام ھەمىشە دىڭىزدا بولاتتى.منڭ قىرىنداشلىرىم،ھەمشىرىلىرىمنى چوڭ قىلىش ئشى بىرلا ئاپامنىڭ يەلكىسگە چۇشكەن ئىدى.روبىرت ماككايىن بىزگە ھاياتنى سۆيۇشنى،دۇنياغا چوڭقۇر ئشتىياق باغلاشنى،ئۆزىنڭ كۇچ-مادارىنى،ئۇنىڭ بىزنى دۆلىتىمىزگە ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز ئۇچۇن زۆرۈر بولغان پۇرسەتلەرگە ئىرشەلەيدىغانلىقىمىزغا بولغان ئشەنچىسنى بەردى.مەن پەقەت ئۇنىڭ كۇچلۇك خاراكتىرىنڭ( روھى )بىلەنلا بۇگۇن بۇ يەردە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىدىم.
(ئالقىش)
ئۇ مەندىن بۇلارنى دىيشنى تەلەپ قىلمىغان.بىراق ئۇ ئاران ۇ96گە كىردى. مەن سىلەرگە،مىنڭ بۇ نامزاتلىققا ئىرىششىمگە ياردەم بەرگەن ،ئۇتۇپ چىقىش سەپىرى ئنتايىن ئۇزۇن بولسمۇ مەن بىلەن بىر مەيداندا تۇرغان كشىلەرگە چىن كۆڭلۇمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.مەن سىلەرنى يەرگە قاراتمايمەن.
(ئالقىش)
مەن ھەرگىز سىلەرنى يەرگە قاراتمايمەن.
(ئالقىش)
كىمگە بىلەت تاشلاشنى قارار قىلمىغان ئامرىكلىقلارغا رەھمەت.سىلەرنىڭ ئەستايىدىل بولغانلىقىڭلار،ئشەنچىڭلارنى ئۇتۇش پۇرسىتىنى بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.مەن ئشەنچىڭلارغا ئىرىشش نىيىتىگە كەلدىم.
(ئالقىش)
ئاخىرىدا،پارلامىنت ئەزاسى ئوباما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بىر سۆزنى دىگۇم بار:بىزبۇ ئشنى يەنە ئىككى ئاي مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىمىز.سىلەرگە مەلۇم،بۇ –مۇشۇ ئشنىڭ خاراكتىرى.ئارىمىزدا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت.بىراق مەن سىلەرگە ھۇرمەت ۋە ھەۋەس قىلىمەن.گەرچە نۇرغۇن ئوخشىماسىقلار بولسىمۇ،بىزنى ئتتىپاقلاشتۇرىدىغان نەرسىلەر بىزنى بۆلۇۋىتىدىغان  نەرسىلەردىن كۆپ.بىز ھەممىز ئامرىكا پۇقراسى.مانا مۇشۇ ئورتاقلىق-مەن ئۇچۇن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم.
بىز شۇنداق بىر تەشەببۇسقا تەكلىپ قىلىنغانمىزكى،ھەممە كىشى باراۋەر يارىتىلغان،شۇنداقلا ياراتقۇچىمىز تەرىپىدىن ھىچكىم تەرىپىدىن دەخلى- تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان  ھوقۇقلارنى بىرىلگەن.
ھىچقانداق بىر دۆلەت،ھىچقانداق بىر دۆلەتنىڭ مانا بۇنىڭدىن كاتتىراق بىر مەۋجۇتلۇق غايىسى بولمىسا كىرەك.ئەگەر مەن پارلامىنت ئەزاسى ئوباما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىغا ئىھتىرام بىلدۇرمىسەم،مەن بىر ئامرىكىلىق بولماي قالىمەن.بىراق شۇنىڭغا شەكسىز ئشىنىڭلاركى،بۇ سايلامدا بىز ئۇتىمىز.
(ئالقىش.. بىز بۇ سايلامدا ئۇتقاندىن كىين ،ھەمكارلىششنى  خالايدىغان ھەرقانداق ۋەتەنپەرۋەرگە قولىمىزنى سۇنىمىز.بۇ ھۆكۇمەتنى  يەنە سىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرىمىز،دۆلىتىمىزنى پاراۋانلىق ۋە تىنچلىق يولىغا قايتۇرىمىز.
(ئالقىش)
ماڭا مەلۇم،ھازىرقى دەقىقىلەر ئاراڭلاردىكى كۆپلىگەن كىشلەر ئۇچۇن ئنتايىن مۇشەققەت كۇنلەردۇركى،سىلەر..
(دەل مۇشۇ چاغدا تۆۋەندە ئىككى كشى ئوتتۇرسىدا سۇركىلىش بولۇپ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۇرۇلىدۇ).سىلەر،سىلەر،سىلەر...دوسىتلار،مۆھتىرەم دوسىتلار، دىققىتىڭلارنى ۋاراڭ-چۇرۇڭلارغا،چاقماق شاۋقۇنلىرىغا چاچمىساڭلار!!
(كۇلكە)
خەۋىرىڭلار بار،سۆزۇم سەل ئۇزۇنراق،بىراق ئامرىكىلىقلار بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ۋارقىراشنى توختىشمىزنى ئۇمىت قىلىدۇ
(سادا.............
مۇشۇ دەقىقىلەر ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن كىشلەر ئۇچۇن ئنتايىن مۇشكۇل كۇلنلەركى،سىلەر خىزمىتىڭلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىقتىن ياكى يىڭى خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيسلەر.سىلەر ئۆيۇڭلاردا ئولتۇرۇپ،تامىقىڭلارنى ئۇستەلگە قويغۇدەك بولۇش ئۇچۇن كۆرەش قىلىۋاتىسلەر.
(ئالقىش
سىلەرنىڭ ھۆكۇمىتىڭلاردىن سورىغىنىڭلار سىلەرنىڭ يولۇڭلاردا تۇرۇۋىلىش ئەمەس،بەلكى سىلەر تەرەپتە تۇرۇشتۇر.ئەنە شۇ مەن قىلشنى ئىرادە قىلغان ئشلاركى،مەن سىلەر تەرەپتە تۇرىمەن،سىلەرنىڭ كەلگۇسىڭلار ئۇچۇن كۆرەش قىلىمەن.(ئالقىش)
مەن تىخى ھىلىلا ماڭا ياردەملىشپ ۋاشنگىتوننى تەۋرىتىدىغان مۇۋاپىق ھەمراھ- شىتات باشلىقى سارانى بايقىدىم.
(ئالقىش)
مەن تۇنۇگۇن كەچتە ئۇنى بۇ يەردە كىشنى سۆيۇندۇرىغان ئىللىقلىق ۋە ئنتايىن كاتتا كۇتۇۋىلىش بىلەن  قارشى ئالغان ھەر بىرەيلەنگە رەھمەت ئىيتىمەن.سىلەرگە كۆپ رەھمەت.ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق كاتتا قارشى ئىلىشقا ئەرزىيدۇ.نىمىدىگەن ياخشى باشلىنىش بۇ ھە!سىلەرگە مەلۇم،ئۇنىڭ مەمۇرى خىزمەت تەجرىبىسى ۋە مۇقۋەپپەقىيەتلىك خىزمەت تارىخى بار.ئۇ ئىنىرگىيە مۇستەقىللىقى ۋە چىرىكلىككە ئوخشاش مۇرەككەپ مەسىللەرنى ھەل قىلىغان.ئۇ خام چوتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،باجنى قسقارتقان،ئالاھىدە مەنپەئەتمىزگە چىتىشلىق مەسللەرگە ئارىلاشقان.
(ئالقىش)
ئۇ ئۆزىنڭ شىتاتلىق ھۆكۇمىتىگە جۇمھۇرىيەتچىلەر،دىموكراتلار،مۇستەقىل زاتلارنى بىرگە ئشلەشنى تەكلىپ قىلغان.ئۇ بەش بالىنڭ ھۇرمەتكە سازاۋەر ئاپىسى
0ئالقىش)
ئۇ كىچىك شىركەتلەرنى ماڭدۇرۇپ باققان،ئۆز قولى بىلەن ئشلەپ باققان،ئۇ تۆۋەن چەكتە پۇل تۇتىۋىلىش،ساغلاملىق پاراۋانلىقى ،بىنزىن باھاسى ، ئاشلىق،ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ  سۇپىتى دىگەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى،كىم ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.ئۇ توغرا ئشلار ئۇچۇن ئورنىدىن تۇرىدۇ.شۇڭا ئۇ ھىچكىمنىڭ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇتىشگە يول قويمايدۇ.
مەن بىزنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك ئورۇنباسار پىرىزدىنتىمىزنى تونۇشتۇرغانلىقىمدىن ئنتايىن پەخىرلىنىمەن،بىراق ئۇنى ۋاشىنگىتونغا تونۇشتۇرغىچە تاقەت قىلالمايۋاتىمەن.
(كۇلكە ۋە ئالقىش)
ئاشۇ كونا،چىقىمى كۆپ،ھىچ ئش قىلمايدىغان،ئۆزىنى بىرىنچى ،دۆلەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدىغان كىشلەرگە ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قوياي:بىز ئۆزگەرتمەكچىمىز!
(ئالقىش)
منىڭ دۆلىتىمگە قىلغان ۋەدەمنى بۇزىدىغان ئادىتىم يوق.شىتات باشلىقى سارا پالىننىڭمۇ  شۇنداق.بىز سىلەرگە‹‹ ۋاشنگىتوننى ئۆزگەرتىمىز،دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن مەسىللەرنى بەزى بىتەلەي ئەۋلاتلارنىڭ ھەل قىلىشغا تاشلاپ قويمايمىز››دىگەن چىغىمىزدا سىلەرگە بىزگە ئشەنسەڭلار بولىدۇ.
(ئالقىش)
بىزنىڭ ئەنە شۇنداق خىزمەتلەرنى ئشلەش شەخسى تارىخىمىز بار،.سۆزىمىزنى قۇۋۋەتلەيدىغان قۇدرىتىمىز،تەجرىمىز،ھۆكۇم ئىقتىدارىمىز بار.
(ئالقىش)
سىلەر بىلىسلەر،مىنى كىشلەر ماۋرىرىك دەپ چاقىرىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى ...(كۇلكە)
بۇ سۆز ئۆزى چالغان داپقا ئۇسۇل ئوينىغۇچى دىگەن مەنىدە.بەزىدە بۇ سۆز ماختاش مەنىسنى بىلدۇرسە ،بەزىدە ئۇنداق ئەمەس.بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى-مىنڭ كىم ئۇچۇن ئشلەيدىغانلىقىمنى بىلىۋالغانلىقىمدۇر.مەن بىر پارتىيە ئۇچۇن ئشلىمەيمەن.مەن بىر ئالاھىدە مەنپەئەت ئۇچۇن ئشلىمەيمەن.مەن ئۆزۇم ئۇچۇنئشلىمەيمەن.مەن سىلەر ئۇچۇن ئشلەيمەن.
مەن چىرىكلىككە قارشى كۆرەش قىلغان چاغلاردا ،جاۋابكار مەيلى دىموكراتچى مەيلى جۇمھۇرىيەتچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،ئۇلار خەلىقنىڭ ئشەنچىسنى يەردە قويغانلىقى ئۇچۇن ھىساب كىتاب قىلىشقا تىگىشلىك بولۇپ كەلگەن .مەن ئاشۇ چوڭ يەپ چوڭ ئىچكۇچىلەرگە قارشى كۆرەش قىلغان.(ئالقىش)
مەن ھەر ئىككى پارتىيدىكى سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى سىلەر قەتئى ئىھتىاجلىق بولمىغان ئشلارغا ئشلەتكەن چوڭ يەپ چوڭ ئىچكۇچىلەرگە قارشى كۆرەش قىلغان .ئۇستىلىمگە قويۇلغان چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ چوشقىدەك سەمىرىپ كەتكەن چىرىكلەرنىڭ ماتىرىيالىنى مەن يالغۇز قارشى مەيدان بىلەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا تاشلاپ ،ئۇنى سىلەرگە مەشھۇر قىلىپ تونۇتقانمەن.سىلەر ئۇلارنىڭ ئسىملىرىنى بىلىسلەر،ئۇلارنىڭ ئسىملىرىنى بىلىپ قالىسلەر!(ئالقىش)
بىز سىلەرنىڭ ئۆيگە نەرسە كىرەك سىتىۋىلىشقا،گاز قاچىلاشقا ،قەرز قايتۇرۇشقا ئاران چىقىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى  كۆرۈپ تۇرۇپ،بۇنداق ئشنىڭ يۇز بىرىشگە قەتئى يول قويمايمىز.مەن بىزنىڭ سايلام ئۇچۇن مىلىيون دوللارلىق چەكنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن كۆرەش قىلدىم،مەن ھىدىئان قەبىللىرىدىن‹‹ پۇل›› ئوغرىلىغان پارلامىنىتچىلار بىلەن كۆرەش قىلدىم.مەن بەش بۇرجەگلىك بىنادىكى رەزىل مەسىللەر بىلەن ھەپىلەشتم .مەن تاماكا شىركەتلىرى ۋە ئادوۋكاتلار ،دورا شىركەتلىرى  ۋە ئشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرەش قىلدىم .
(ئالقىش)
مەن كىشلەر قارشى ئالمسمۇ ،توغرا سىتراتىگىيە ئۇچۇن ئىراققا تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر يۆتكەش ئۇچۇن كۆرەش قىلدىم.(ئالقىش)
ئالدىن كۆرەرلەر ،ئالدىن كۆرەرلەر مىنڭ سايلام ھەرىكىتىمنى مەغلۇب بولىدۇ دىسىمۇ مەن ‹‹دۆلىتىمنىڭ ئۇرۇشتا ئۇتتۇرغنىدىن كۆرە،سايلامدا ئۇتتۇرۇشنى كۆرۇشنى خالايمەن››دىدىم.
(ئالقىش)
رەھمەت،پاراسەتلىك گىنرال داۋىد پترائۇسنىڭ  رەھبەرلىك قىلغىنىغا،ئۇ قوماندانلىق قىلش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان جاسارەتلىك يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ ئاشۇ سىتراتىگىينى ئۇتۇقلۇق باشقا ئىلىپ چىققانلىقىغا ،بىزنى قوشۇنىمىزنىڭ ئىرادىسنى سۇسلاشتۇرىدىغان ،بارچە ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىغا تەھىدت بولغان تىخىمۇ زور كۆلەملىك ئۇرۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت(ئالقىش)
مەن بىر مەيدان قاتتىق ئۇرۇشۇشنى يامان دەپ كەتمەيمەن.پەقەت تەڭرىگىلا مەلۇملۇق سەۋەبلەر بىلەن.مەن ئىلگىرىمۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قاتتىق بىر نەچچە مەيدان ئۇرۇشنى باشتىن كەچۇرگەنمەن.بۇ ئۇرۇش جەريانىدا مەن بىر مۇھىم ئشنى ئۆگەندىم.ئۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغنى –سىزنىڭ ئۇرۇش قىلش ئىقتىدارىڭىز ئەمەس،بەلكى سىزنىڭ نىمە ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭىز ھەقىقى سىناقتۇر.(ئالقىش)
مەن ئامرىكىلىقلار ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن.مەن سىلەر ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن.مەن مىچىگان شىتاتى  فارمىڭتۇن تاغلىقىدىكى بىل ۋە سۇئى نىبە ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن.
(ئالقىش)
ئۇلار ناچار ئۆي-مۇلۇك بازىرى شارائىتىدا ئۆي بىساتىدىن ئايرىلغان.بىل خىزمىتىدىن ئايرىلىپ يەتتە ئايدىن كىين بىر ۋاقىتلىق خىزمەت تاپقان.سۇئى بولسا قەرز تۆلەشكە ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن بىرلا ۋاقىتتا ئۇچ يەردە خىزمەت قىلغان.مەن پنسىلۋانىيە شىتاتى،فىرانڭكلىن ناھىيسىدىن بولغان جەيك ۋە تونى ۋىممىر ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن
جەيك پورتتا يۇك توشۇيدۇ،كىچىك گۇرۇپپىغا تەربىيچى بولىدۇ،ئشقىلىپ ئۇ ،مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتن مىيپ بولغانلار ئۇچۇن پۇل يىغىدۇ.تونى ئاسپىرانىتلىق ئۇنۋانى ئۇچۇن ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى .ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى بار.كىچىك ئوغلى لۇك جىمغۇرلۇق كىسلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان.ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۇلار مۇشۇ ‹‹ئشخانىغا›› سايلىغان كىشلەر ئۇچۇن ھەل قىلىدىغان مەسىلە بولۇشى كىرەك.ئۇلار مەن ئۇچۇن شۇنداق.مەن يەنە يىڭى ھامپىشىر شىتاتى ،ۋولف بىرولۇق ماتتىۋ سىتانلى ئائىلىسى ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن.(ئالقىش)
ماتتىۋ ئىراق ئۇرۇشدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا قۇربان بولغان.مەن ئۇنىڭ بىلەزۇكنى ھەر كۇنى قولۇمغا سىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئويلايمەن،ئۇلار بەرگەن بۇ قۇربانلىقنى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇنداق ياخشى قوغدايدىغانلىقى،ئۇلارنى ئۆز دۇشمننىڭ قولىغا ئەمدى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئەھدە قىلىش بىلەن ھۇرمەت قايتۇرىمەن.
مەن يەنە پارتىيمىزنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى ۋە پەخرىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىمەن.بىز ۋاشىنگىتوننى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن سايلاندۇق.بىز ۋاشىنگتونغا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ياخشلاشقا بۇيرۇق قىلىمىز.بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر چىرىكلىكنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ،بىزنى ئامرىكا خەلقى بەرگەن ئشەنچتىن مەھرۇم قويدى.ھەر ئىككى پارتىيە كۇچ چىقىرىپ بارلىققا كەلتۇرگەن ئسلاھاتچى ھۆكۇمەتكە بولغان ئشەنچسدىن مەھرۇم قالدۇق.بىز ئۆزىمىزنى چەتئەل نىفىتىغا بولغان خەتەرلىك  بىقىنىشتىن ئازات قىلشنىڭ ئورنىغا ھەر ئىككى پارتىيە –جۇملىدىن پارلامىنت ئەزاسى ئوباما-ماقۇللىغان نىفىت شركەتلىرى ئۇچۇن  ھەمكارلىق پاراۋانلىق لايھىسنى ماقۇللىغان چاغدا خەلقنىڭ ئشەنچىسىدىن مەھرۇم قالدۇق.بىز پىرىنسپىمىزدىن كۆرە،كۇچ-قۇدىرتىمىزنى ئەتىۋارلاپ كەتكەن چىغىمىزدا خەلقنىڭ ئشەنچىسدىن مەھرۇم قالدۇق.ئەمدى بىز بۇلارنى ئۆزگەرتىمىز.
(ئالقىش)
بىز خەلقىمىزنىڭ ئشەنچىسگە ئامرىكا خەلقى زوقلىنىدىغان قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغداش ئۇچۇن دەس تۇرۇش بىلەن قايتا ئىرىشمەكچىمىز.لىنكولىن ،روزىلىۋىت ۋە رىگاننىڭ پارتىيسى ئۆزنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىماقچى ...
(ئالقىش)
بۇ دۆلەتتە،بىز ماي گۇلى كۇنى يىتىپ كەلگەن ئوغۇللاردىن لاتىن ئامرىكىسىدىن كەلگەن كۆچمەن ئشچىلارنىڭ قىزلىرىغىچە ھەممسنىڭ ھامان تۆھپە قوشالايدىغان ھەم تەڭرى تەرىپىدىن بىرىلگەن پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ئشىنىمىز.بىز ھەممىمىز تەڭرىنىڭ باللىرىمىز.بىز ھەممىمىز ئامرىكىلىقلارمىز.
(ئالقىش)
بىز ئشىنىمىز،بىز تۆۋەن باجغا ،چىقىم قىلىش قائىدىسگە ھەمدە ئوچۇق بازار تۇزۇمىگە ئشىنىمىز.بىز جاپالىق ئەمگەك ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ،ئۇلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئشىنىمىز.بىز..
(ئالقىش)
بىز كۇچلۇك مۇداپىئەگە ،ئشلەشنىڭ نەتىجىسىگە،ئىتىقاتقا،خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىشقا،تۇرمۇش مەدەنىيتگە ئشىنىمىز.
(ئالقىش)
بىز شەخسى مەسئۇلىيەتكە،قانۇن-تۇزۇمگە شۇنداقلا شەخسيەتسىز ھۆكۇم چىقىرالايدىغان سوتچى ۋە ئشخانىدىلا قانۇن چىقارمايدىغان قانۇنچىلارغا ئشنىمىز.(ئالقىش)بىز ئائىلىنىڭ ،خوشنىدارچىلىقنىڭ ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ قىممىتىگە ئشنىمىز.بىز ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئەسلى ئىقتىدارىنى قوزغاپ،ئىلھام بىرىدىغان ھۆكۇمەتكە،ئۆز تاللىشڭىزنى ئۆزىڭىزگىلا تاشلاپ قويماي ،سىزگە تىخىمۇ كۆپ تاللاش بىرىدىغان ھۆكۇمەتكە ئىشنىمىز. (ئالقىش)
مەن باجنى تۆۋەن ھالەتتە ساقلايمەن،مۇمكىن بولسلا كىمەيتىپ ماڭىمەن.مىنڭ رىقابەتچىم باجنى ئۆستۇرىدۇ.مەن بازار...(ئالقىش)
مەن مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە مۇلازىمەتلىرىمىز ئۇچۇن تىخىمۇ كۆپ بازارلارنى ئاچىمەن.مىنڭ رىقابەتچىم بازارنى تاقايدۇ.(ئەپسۇسلىنىش)مەن ھۆكۇمەت چىقىمىنى ئازلىتىمەن.بىراق ئۇ ئۆستۇرىدۇ.(ئەپسۇسلىنىش)مىنڭ باج كىمەيتىش سىياسىتىم يىڭى خىزمەت ئورنىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.ئۇنىڭ باج ئۆستۇرۇش سىياسىتى خىزمەت ئورنىنى ئازلىتىۋىتىدۇ.(ئەپسۇسلىنىش)
مىنڭ ساغلاملىق پاراۋانلىقى پىلانىم تىخىمۇ كۆپ ئامرىكىلىقلارنىڭ مۇقىم بولغان ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا ئىرىشش يولىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.ئۇنىڭ پىلانى كىچىك كارخانىلارنى خىزمەت ئورنىنى ئازلىتىش،ئش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشكە،ئائىللەرنى ھۆكۇمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ساغلاملىق پاراۋانلىقى سىستىمىسىغا تايىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ(ئەپسۇسلىنىش...ھۇ..ھۇ)سىلەر بىلەن دوختۇرۇڭلار ئوتتۇرسىدا بىر بيۇكرات تۇرۇۋالىدۇ.(ھۇ..ھۇ..)ھەمىمىزگە مەلۇمكى،باج كىمەيتىش سىياستى كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە خىزمەت ئورنىنى كۆپەيتىشگە پايدىلىق.دۇنيادىكى ئىككىنچى يۇقىرى تىجارەت بىجىنى كىمەيتىش ئامرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەتلىشش كۇچىنى ئاشۇرۇپ ،چەتئەل ئەمگەك كۇچنىڭ ئىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.(ئالقىش)
پەرزەنت بىجىنى بىكار قىلشنى 3500دوللاردىن 7000دوللارغىچە ئىككى ھەسسە كىڭەيتىش –مىليونلىغان ئامرىكا ئائىللىرنىڭ تۇرمۇشىغا زور ياردەم بىرىدۇ.(ئالقىش)
ھۆكۇمەت چىقىمىنى ئازايتىش ۋە ئۇنۇمى بولمىغان پىروگراممىلارنى بىكار قىلىش سىلەرگە تىخىمۇ كۆپ پۇل ئامانەت قويىۋىلىش ،خەجلەش، مەبلەغ سىلىش پۇرسىتى بىرىدۇ.(ئالقىش)
يىڭى بازارلارنى ئىچىش ۋە ئشچىلارنى دۇنيا ئىقتىسادى رىقابىتىگە تەييارلاش –بىزنىڭ كەلگۇسى گۇللىنىشمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى.مەن ئاراڭلاردىكى بەزىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ،ھۆكۇمەتنىڭ بۇنىڭغا ئىتىبارسىز قارىغانلىقىغا ئىچى پۇشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.ھۆكۇمەتنىڭ ئشسىز قالغان ئشچىلارغا ياردەم بىرىشى 1950-يىلىدىكى ئىقتىسادى ھالەتكە مۇۋاپىق لايىھىلەنگەن.بۇ مىنڭ سائىتىمدەئۆزگىرىش ياسايدۇ
ھازىر مىنڭ رىقابەتچىم خەلىقئارا رىقابەتنى قوغلاپ چىقىرشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن سىلەرگە كونا خىزمەت ئورۇنلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ۋەدە قىلدى.ئەمما بىز قايتىپ كەلمەيدىغان يىڭى خىزمەتنى مەڭگۇ تاپالمايدىغان ئاشۇ ئشسىز خىزمەتچىلەرگە ياردەم بەرمەكچى.(ئالقىش)
بىز ئۇلارنى بۇگۇنكى خىزمەت رىقابىتىگە تەييارلايمىز.بىز جەمئىيتىمىزدىكى خىزمەتداشلىرىمىزنى كىشلەرنى ئۆز رايونىدىكى يىڭى پۇرسەتلەرگە لايىق تەربىيلەپ چىقشنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.(ئالقىش)

قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان سانائەت كارخانىلىرىدىكى ئشچىلار يىڭى خىزمەت ئورنى تىپىشقا ياردىمى بولىدىغان قايتا تەربىيە ئىلىش جەريانىدا ،  ئۇلارنىڭ كونا خىزمىتى بىلەن ۋاقىتلىق ،تۆۋەن مۇئاشلىق خىزمىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇئاش پەرقىنى تولۇقلاپ بىرىمىز.(ئالقىش)
مائارىپ،مائارىپ،بۇ ئەسىرىمىزدىكى پۇقراۋى ھوقۇق مەسىلىسى
(ئالقىش)
كىشلەر ئاممىۋى مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىرىشتى.ئەمما مەغلۇب بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ نىمە قىممىتى بولسۇن؟
بىز مەغلۇبىيەتچى مەكتەپ بىيۇكراتلىرىنى رىقابەت ،ئاتا-ئانىلارغا تاللاش بىرىش بىلەن تەۋرىتىۋىتىمىز.
(ئالقىش)
بىز سالاھىيتى توشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىققا كىلىشگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى سۇپۇرۇپ تاشلايلى.ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ ۋە ئەجرىنى بىلىپ ،ناچار ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا باشقا ساھەدىن خىزمەت تىپىشىغا ياردەم قىلايلى.
(ئالقىش)
بىر جامائەت مەكتىۋى ئۆزىنڭ ئوقۇغۇچىلار ،ئاتا-ئانىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلالمىغاندا ،ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى ئۆزى تەربىيلەشنى تاللاشقا  لايىق بولۇپ قالىدۇ.مەن بۇنى ئۇلارغا قويۇپ بىرىشنى لايىق تاپتىم.(ئالقىش)
بەزىلەر ياخشراق جامائەت مەكتىۋىنى تاللىشى مۇمكىن.بەزىلەر شەخسى مەكتەپلەرنى تاللىشى مۇمكىن.يەنە بەزىلەر ئالاھىدە مەكتەپلەرنى تااللايدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ بۇ تاللىشى كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ.ئۇلارنىڭ باللىرىمۇ بۇ پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلەيدۇ.
.پارلامىنت ئەزاسى ئوباما مەكتەپلىرىمىزنى ئشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە  ئورنى پۇختا بىيۇكراتلارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان قىلماقچى.مەن مەكتەپلىرىمىزنى ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب بىرەلەيدىغان قىلماقچى .مەن پىرىزىدىنت بولسام،دوسىتلار مەن پىرىزدىنىت بولسام،بىز يىللاردىن بىرىقى ئەڭ چوڭ مەملىكەت خاراكتىرلىك بىر پىلانغا يۇرۇش قىلىمىز.بىز ئۆزىمىزنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان دۆلەتلەرگە يىلىغا 700مىلىيارد دوللار پۇل بىرىشنى توختىتىمىز.بىز ئالدىمىزغا پۇتلاشقان ھەرقانداق مەسلىگە ھۇجۇم يۇرۇشى قىلىمىز.دۆلەت ئىچىدە تىخىمۇ كۆپ ىنىرگىيە ئشلەپ چىقىرىمىز.يىڭى نىفىت قۇدۇقلىرىنى قىزىپ چىقىمىز.بىز ئۇلارنى تىزلا ،ھازىرلا قىزىپ چىقىمىز.بىز تىخىمۇ كۆپ يادور ئىنىرگىيەسى زاۋۇتلىرىنى قۇرىمىز.بىز كۆمۇر تازىلاش تخىنىكىسنى تەرەققى قىلدۇرىمىز.شامال ،قۇياش ئىنىرگىيەسى ۋە تەبئى گازلارنى ئشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.قولايلىق يىقلغۇ ،ئارلاشما ۋە ئىلكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئشلىتىشكە ئىلھام بىرىمىز.

پارلامنىت ئەزاسى ئوباما بىز تىخىمۇ كۆپ قۇدۇق قازماي تۇرۇپ،تىخىمۇ كۆپ ياردو كۇچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئىنىرگىيە مۇستەقىللىقىغا ئىرىشەلەيمىز دەپ ئويلاپ قالدى.بىراق ئامرىكىلىقلار بۇنى تىخىمۇ ياخشى بىلىدۇ.بىزئىقتىسادىمىزنى ماي باھاسنىڭ ئۆسۇشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان زىياندىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇن،پىلانتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن زۆرۈر  بولغان بارلىق مەنبەلەرنى ئشلىتىمىز ۋە زۆرۈر بولغان بارلىق تىخنىكىلارنى تەرەققى قىلدۇرىمىز.بۇ ناھايتى چوڭ غايىۋى پىلان.بىراق ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىمۇ تەبئىيتىدىن ئنتايىن غايىۋى كىشلەردۇر. بىز ناھايتىمۇ مۇشكۇل خىرىستلارغا دۇچ كەلدۇق.بىزنىڭ دۇنياغا ئامرىكىلىقلارنىڭ رەھبەرلىك ماھارىتىنى كۆرستىپ قويىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.

بۇ بۇيۇك غايىۋى پىلان مىلىيونلىغان يىڭى خىزمەتلەرنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.سانائەت كارخانىلىرىدىكى نۇرغۇن كىشلەر كەلگۇسى تەرەققىياتىمىزنىڭ موتورىغا ئايلىنىدۇ.بالىلىرىڭلار ئشچىلار قوشۇنى سىپىگە كىرگۇچە خىزمەت ئورۇنلىرى مەيدانغا كىلىپ بولىدۇ.

بۇگۇن تىخىمۇ گۇزەل دۇنيانىڭ مەنزىرسىى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.بىراق بىز  خۇددى بىزدىن بۇرۇنقى ئامرىكىلىقلارغا ئوخشاش دەۋرىمىزدىكى تىنچلىق  ۋە ئەركىنلىككە قىلىنغان تەھدىتلەرنى ئشەنچ،ئەقىل-پاراسەت ۋە تەدبىر بىلەن  كۆرۇپ يىتىشمىز  كىرەك.
بىز يىقىنقى يىللاردىن بىرى بازا تەشكىلانىغا كەسكىن زەربە بەردۇق.بىراق ئۇلار مەغلۇبىيتىگە تەن بەرمىدى.قولىدىن كەلسىلا بىزگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.ئىران ھىلىھەم تىرورىزىمنى قوللىغۇچى باش دۆلەت سۇپىتىدە مەۋجۇت ،ئۇ تىخى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ.روسىيە رەھبەرلىرى ،نىفىت زاپىسى بىلەن باي بولغان ،ھوقۇق بىلەن چىرىكلەشكەن روسىيە رەھبەرلىرى دىموكراتىك كۆز-قاراشلارنى قوبۇل قىلشنى ،بىر مەسئۇلىيەتچان كۇچلۇك ئەلنىڭ رولىنى ئىلشنى رەت قىلدى.
ئۇلار دۇنيانىڭ نىفىت زاپىسى كونتىروللۇقىغا ئىرىشش ئۇچۇن كىچىك ،دىموكراتىك خوشنىسىغا بىسپ كىردى.باشقا خوشنىلىرىغا تەھدىت سالدى.ئۇلارنىڭ كىيىنكى نشانلىغان ئارزۇسى خۇددى روسىيە ئىمپىرىيەسنىڭكىگە ئوخشاپ كەتتى.گىرۇزىيەنىڭ قەيسەر خەلقى بىزنىڭ ئۇلار بىلەن قەتئى بىر مەيداندا تۇرۇشىمىزغا ،دۇئا قىلىشمىزغا مۇھتاج.
پىرىزدىنت بولسام،مەن روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشلايمەن.سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمەن.بىراق بىز دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى،شۇنداقلا ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۇزىدىغان تاجاۋۇزچىلىققا ،خەلىقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرالمايمىز.
.بىز بۇ خەتەرلىك دۇنيادا نۇرغۇن تەھدىتلەرگە دۇچ كىلىمىز.بىراق مەن بۇلاردىن قورقمايمەن.مەن ئۇلارغا تەييارمەن.مەن ئارمىينىڭ نىمە ئىش قىلدىغانلىقىنى بىلىمەن،ئۇنىڭ نىمە قىلالايدىغانلىقىنى،قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە نىمە قىلماسلىقى كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمەن.مەن بۇ  دۇنيانىڭ قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى،ئالىيجانابلىق ۋە رەزىللىكنىڭ نىمىلىكىنى ئوبدان بىلىمەن.مەن بىزنىڭ ئەركىنرەك،بىخەتەررەك،ۋە تىخىمۇ گۇللەنگەن بىر دۇنيا قۇرۇش ئارزۇيىمىزغا ئورتاقلىشالايدىغان رەھبەرلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىششنى،ئورتاقلىشالمايدىغانلار بىلەن قانداق ئويۇن ئويناشنى ئوبدان بىلىمەن.مەن تىنچىلىقىنى قانداق قوغداشنى بىلىمەن.
بەش ياش چىغىمدا ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا بىر ماشىنا كىلىپ توختىدى.بىر دىڭىز ئارمىيە ئوفىستىرى دەرىزىمىز يىنغا كىلىپ دادامنىڭ ئسمىنى خاتىرلىدى.ئۇ دادامغا ياپونلارنىڭ پىيورل خاربورنى بوردىمان قىلغانلىقىنى ئۇنلۇك ئاۋازدا ئەسكەرتىپ قويدى.مەن دادامنى يەنە ئاران تۆت يىل كۆرەلىدىم.بوۋاممۇ ئاشۇ ئۇرۇشتا ئۇستگە ئالغان ئۆز يۇكىدىن ھىرىپ ئىچىپ قايتىپ كىلىپ ،ئەتىسىلا ئۆلۇپ كەتتى. مەن ۋىتنامدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆمۇرلۇك دوسىتلارنى تۇتقان ئىدىم.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كىلەلمىدى.مەن ئۇرۇشقا ئۇچ.ئۇنى تەسەۋۇر قىلىش ئنتايىن قورقۇنچلۇق.
.
مەن ئۆزۇم سۆيىدىغان بۇ دۆلەتنى بىخەتەر ساقلاش ،باشقا ئائىللەرنىڭ ئۆزلىرىنڭ سۆيۇملۇك كىشلىرىنى خۇددى مىنڭ ئائىلەمگە ئوخشاش ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىشتن ساقلاش ئۇچۇن پىرىزدىنىت بولماقچىمەن.مەن پۇتۇن دۇنيا ۋە دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئىلىپ بارغان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا مۇقىم ۋە ئۇزۇنغا داۋام ئىتىدىغان تىنچلىقنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىش ئۇچۇن ،دىپلوماتىك ،ئىقتىسادى ،ھەربى ۋە ئىدىيۋى قورالىمىزنىڭ كۇچىگە تايىنىمەن.
ئامرىكىدا بىز ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك نەرسىنى ئۆزگەرتىمىز.ھەر بىر ئەۋلات بىزنىڭ بۇيۇكلىكىمىز ئۇچۇن ئۆز تۆھپىسنى قوشىدۇ.بىزنىڭ قىلشقا تىگىشلىك ئشمىز ئالدىمىزدا مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ.ئۇنى ئىزدەپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىز ھۆكۇمەتنىڭ دىگۇدەك بارلىق ئش بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشمىز كىرەك.بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۇسۇلىدىن باشلاپ دۇنيا ئىقتىسادىدا رىقابەتلىششكىچە بولغان ئۇسۇلىغىچە،بالايى-ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىدىن باشلاپ قاتناش يىقىلغۇسى تەمىنلەش ئۇسۇلىغىچە،ئىشچىلىرىمىزنى تەربىيلەشتىن باشلاپ ،بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشقىچە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىشىمىز كىرەك.ھۆكۇمەتنىڭ بۇ فۇنكىسيەلىرى ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى ،ئۇچۇر تىخنىكىسى ئنقىلاۋى ۋە سوغۇق ئۇرۇش ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن.بىز تارىخقا يىتىشۋىلىشىمىز كىرەك.بىز ۋاشىنگىتوندا ئش بىجىرىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك..
بىزنىڭ ھەمىشە مەسىلە قىلىشمىزغا توختىماي توسالغۇ بولۇۋاتقان بىر تەرەپلىمە جاھىللىق –چارە ئەمەس،بەلكى مەسىلە .بۇنداق ئشلار -كىشلەر ۋاشىنگىتونغا سىزنىڭ ئەمەس ئۆزىنڭ مەسلسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن بارغاندا  كۆرۈلىدۇ.

مەن ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەر ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھەمكارلىشىپ ئشىلىگەنمەن.مەن پىرىزدىنت بولسام ئەنە شۇنداق ئش بىجىرىمەن.مەن دۆلىتىمىزنى ئالغا سىلجىتىش ئۇچۇن ماڭا ياردەم بىرەلەيدىغان ھەرقانداق ئادەمدىن ياردەم سورايمەن.مىنڭ بۇنى ئسپاتلايدىغان شەخسى تارىخىم ۋە ‹‹تارتۇقلىرىم›› بار،ئەكسىچە پارلامىنىت ئەزاسى ئوبامانىڭ يوق!

بىز تۇنجى قىتىم ئۆزىمىز ئويلاپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۇچۇن قارشى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى رەت قىلشنىڭ ئورنىغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى پىكىرلىرىنى ئشلىتىپ كۆرەيلى.ئشەنچىكە ئىرىشكەن كىشگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ،ئشەنچتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى،بۇ كارامەت دۆلىتىمىز بىز زىھنىمىزنى قويغان ھەرقانداق ئشنى قىلالايدۇ.مەن دىموكراتلارنى ،مۇستەقىل زاتلارنى مەن بىلەن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىمەن.مىنڭ ھۆكۇمىتىم ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە ئشەنچىلىك بولۇشنىڭ يىڭى ئۆلچىمىنى تۇرغۇزىدۇ.
بىز ئۆزىمىزگە ئشىنىدىغان كىشلەر ئۇچۇن ئش قىلىپ بىرشنى باشلىشىمىز كىرەككى،مەن كىمنىڭ ئشەنچكە ئىرىشەلەيدىغانلىقى بىلەن ھسابلىشپ ئولتۇرمايمەن.
مەن نۇرغۇن يىلاردىن بىرى دۆلىتىمنىڭ تازا پىشمىغان خىزمەتچىسى بولۇپ كەلدىم.بىراق مەن ئالدى بىلەن،بەرىبىر  ئۇنىڭ خىزمەتچىسى شۇنداقلا ئاخىرغىچە ئۇنىڭ خىزمەتچىسى.مەن مۇشۇ ئالاھىدە ھوقۇقۇم ئۇچۇن تەڭرىگە رەھمەت ئىيتماي بىر كۇننى ئۆتكۇزۇپ باقمىدىم.

ئۇزۇنلار ئىلگىرى ماڭا ئۆمۇرلۇك قىممەتلىك ساۋاق بەرگەن بىر ئشقا يولۇقتۇم.تەڭرى ماڭا بىر بەخىتسزلىكنى سوۋغا قىلدى.مەن بۇنى سەمىمى تۇرۇپ دەۋاتىمەن.مەن قەھرىمانلار بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىم ئۇچۇن شۇنداق بىر سوۋغا ئاتا قىلغانكى،مەن مىڭلىغان باتۇرانە ھەرىكەتلەر،مىھرى-شەپقەتلەرگە ۋە ھىسداشلىققا شاھىت بولدۇم.
بىر ئۆكتەبىر ئەتتىگىنى تونكىن بوغۇزىدا مەن ۋىتنامنىڭ شىمالىدىكى 23-قىتىملىق ھەرىكەتكە ئاتلاندىم.مەن سالامەتلىكىم ياكى ھايات قايتىپ كىلەلمەسلىكىم ھەققىدە ئەندىشە قىلىپ باقمىغان ئىدىم.مەن ئۆزومنى باشقا  ھەرقانداق ئادەمدىن باتۇر دەپ ئويلىغان ئىدىم.مەن ئۆزۇمدىن باشقا ھىچنىمىگە قىزىزىقمايتتىم.مەن بەزىدە قائىدىگە خىلاپ ھالدا كۆڭۈل ئىچىش ئۇچۇن ئۇرۇش ئىزدەپ باقاتتىم.بۇلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزۇمنىڭ خۇشاللىقى،ئۆزۇمنىڭ غۇرۇرى ئۇچۇن قىلغان ئىدىم.مەن مەندىنمۇ ئارتۇق بىر ئارزۇنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.

كىين ھەرىكەت جەريانىدا مەن خانوي شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر كىچىك كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا چۇشۇپ كەتتىم .ئىككى قولۇم ،بىر پۇتۇم سۇنغان ئىدى.قىرغاقتا غەزەپكە تولغان بىر توپ ۋىتناملىق مىنى ساقلاپ تۇراتتى.ئۇلار مىنى تۇتۇپ ،بىر قاراڭغۇ تۇرمىگە ،ئۆلۇشكە تاشلاپ قويۇشتى.مەن خىلىلا ھالسىزلانغان ئىدىم.كىين ئۇلار دادامنىڭ دىڭىز ئارمىيە گىنرالى بولغانلىقىنى بىلىشكەندىن كىين مىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرشتى.دوختۇرلار سۆڭەكلىرىمنى جايىغا قويۇشالمىدى.شۇڭا پەقەت مىنى ئاق قەغەزگە ئوراپ قويۇشتى.ياخشى بولالمىغاندىن كىين ،ئىغىرلىقىم ئاران 100 قاداققا چۇشۇپ كەتتى.كىين ئۇلار مىنى ئىككى ئامرىكىلىق بىلەن بىر كامىرغا سولاپ قويدى.مەن ھىچ ئش قىلالمايتتىم.ھەتتا تامىقىمنىمۇ ئۆزۇم يىيەلمەيتتىم.ئۇلار يىگۇزۇپ قويدى.مەن شۇچاغدا مۇستەقىل شەخسيەتچىلىكمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.ئاشۇ ئىككىسى مىنڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

مىنى تۇتقۇچىلار مىنى قويۇپ بىرشقا تەمشەلگەندە ،مەن يۇقىرى مەخپى باشقۇرۇش دائىرسىدە ئىدىم.مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتىم.ئەگەر ۋەتەنگە،ئۆيگە قايتسام،ئۇلار بۇنى مىنڭ باشقا ۋەتەنداش مەھبۇسلىرىمنىڭ ئىرادىسنى ئۆلتۇرىدىغان تەشۋىقات قىلاتتى.بىزنىڭ ھەربى ئىنتىزامدا پەقەت ئەسىرگە چۇشكەن شەرت ۋە ئالماشتۇرۇش تەرتىۋى بويىچە ۋەتەنگە قايتىش رۇخسەت دىيىلگەن بولۇپ،مەن بۇ ھەقتە ئويلاندىم.مىنڭ قىياپىتىم ،سالامەتلىكىم قەتئى ياخشى ئەمەس ئىدى.مەن ئامرىكىدىكى ھەممە نەرسىنى سىغىنغان ئىدىم.بىراق مەن قايتشنى رەت قىلدىم
(چاۋاك،ئالقىش،چۇقان-سۇرەن)
باشقا مەھبۇسلارنىڭ ھالى مىنىڭدىنمۇ خاراب ئىدى.مەن ئىلگىرى خورلانغان ئىدىم،لىكىن مەندىنمۇ بەك خورلانغان ئامرىكا ئەسكەرلىرى بار ئىدى.مەن باشقا مەھبۇسلارغا ئۆزۇمنىڭ بۇلارنى كۆتۇرەلەيدىغان قەيسەر ئىكەنلىكىمنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرقىتىم تەن جازاسىغا ئۇچراپ بىر ئ.ازدىن كىيىنلا يەنە  ئۆزۇمنى روھلۇق كۆرستىشكە تىرىشاتتىم.ئۇلارنىڭ قويۇپ بىرىش تەكلىۋىنى رەت قىلغاندىن كىين ئۇلار مىنى بۇرۇنقى ھەرقانداق قىتىمقىدىن قاتتىق جازالاشتى.ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۇرۇشقاندىن كىين ،بەدىنىمنڭ ساق يىرىنى قويمىدى.
ئۇلار مىنى كامىرغا قايتۇرۇپ كىلىشكەندە مەن يارىلاىغان ھەم نومۇسلۇق تۇيغۇدا ئازاپلىنىۋاتقان ئىدىم.مەن ئۆزۇمنىڭ باشقا ۋەتەنداش كامىرداشلىرىمغا قانداق قاراشنىمۇ بىلمەيتتىم.خوشنا كامىردىكى ياخشى ئادەم،دوستۇم بوب كىرانىر مىنى ئىككىنچى قىتىم قۇتقۇزۇپ قالدى.ئۇ ماڭا تامنى مۇشىتلاپ چىكىپ تۇرۇپ مىنىڭ كۇچۇمنىڭ يىتىشچە كۆرەش قىلغانلىقىمنى ،ھىچكىمنىڭ ئۆزى يالغۇز تۇرالمايدىغانلىقىنى دىدى.كىيىن ئۇ ماڭا يەنە قايتىپ بىرىپ ۋەتىنىمىز ئۇچۇن كۆرەش قىلىشنى ،مەن بىرگە ئۇرۇش قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئاشۇ كىشىلەر ئۇچۇن ئۇرۇش قىلشنى،چۇنكى ئۇلارنىڭ ھىلىمۇ ھەر كۇنى مەن ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىيتتى.
مەن باشقا بىراۋنىڭ دۆلىتىدىكى تۇرمىدە تۇرغان چاغلىرىمدا ئۆز دۆلىتىمنى سۆيۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەنمەن.مەن ئۇنى بۇ يەردىكى نۇرغۇن ھوزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇش ئۇچۇن سۆيگەن ئەمەس.مەن ئۇنى ئۇنىڭ ھەققانىيتى ئۇچۇن،ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەت ،ئادالەت ۋە پۇقرالىرىغا قىلغان خەيرىيەتلىرى ئۇچۇن ياخشى كۆرۇپ قالغانمەن.مەن دۆلىتىمنى ئۇنىڭ پەقەت بىر يەر-زىمىن ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭ بىر ئىددىيە ،كۆرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىرغايە بولغانلىقى ئۇچۇن سۆيگەنمەن.مەن ئەمدى بۇرۇنقىغا ئوخشاش پەقەت ئۆزۇمنىڭلا ئادىمى ئەمەس،بەلكى مەن پۇتۇن دۆلىتىمنىڭ ئادىمى.

مەن پەقەت تارىخ مىنى دۆلىتىم مۇھتاج بولغاندا ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئامەتكە ئىگە بولغانلىقىم ئۇچۇنلا پىىرىزدىنت بولماقچى ئەمەسمەن.مىنى مىنڭ دۆلىتىم قۇتقۇزۇپ قالغان.مەن ئۇنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ.شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۇچۇن ئاخىرقى بىر دەقىقە نەپىسىم توختىغۇچە كۆرەش قىلىمەن.ئەي ،بۇيۇك تەڭرى ،مىنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۇزگىن!


ئەگەر سىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى ھىس قىلسىڭىز،كىلىپ ئۇنى تۇزىتىڭ.ئەگەر ھۆكۇمەتنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئۇمۇتسىزلەنگەن بولسىڭىز ،ئۇنىڭ ئىچكى سىپىگە قىتىلىپ ،ئسلاھ قىلىش ئۇچۇن تىرىشڭ!قوراللىق قوشۇنىمىزغا تىزىملىتڭ!مۇئەللىم بولۇڭ.مىنىستىرلىكلەرگە كىرىپ ئشلەڭ.خەلق ئشخانىلىرى ئۇچۇن يۇگرەپ بىقىڭ!بىر ئاچ قالغان بالىنى تاماقلاندۇرۇڭ!بىز ساۋاتسىزغا خەت ئوقۇشنى ئۇگۇتۇڭ.دەرتمەن كىشگە تەسەللى بىرىڭ!زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداڭ.شۇنداق بولغاندا،بىزنىڭ دۆلىتىمىز تىخىمۇ ياخشى بولالايدۇ.سىز تىخىمۇ خۇشال بولالايسىز.چۇنكى ھىچنىمە سىزگە ھاياتلىقتا ئۆزىڭىزدىن ئارتۇقراق بىر غايە ئۇچۇن كۆرەش قىلىشتىنمۇ كاتتا خۇشاللىق بىرەلمەيدۇ.
مەن سىلەرنىڭ پىرىزدىنىتڭلار بولسام،ھەركۇنى ئاشۇ غايەم ئۇچۇن كۆرەش قىلىمەن.ھەر بىر ئامرىكىلىققا  خۇددى ماڭا ئوخشاش تەڭرىگە رەھمەت ئىيتقۇدەك كاتتا سەۋەبلەرنى ئەكىلىپ بىرىش ئۇچۇن كۆرەش قىلىمەن.مىنڭ تەڭرىگە شۇكرى قىلىش سەۋەبىم شۇكى:مەن بىر ئامرىكىلىق،مەن بۇ يەرشارىدىكى ئەڭ بۇيۇك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.ئامرىكا خەلقى،بىلىڭلاركى،بىز جاپالىق تىرىشچانلىق ،كۇچلۇك ئىتىقات ۋە سەللا غەيرەت بىلەن ئەڭ كاتتا نەرسىلەر ،ئشلار گە ئىرىشەلەيمىز.ئامرىكا خەلقى ،مەن بىلەن كۆرەش قىلىڭلار،ئامرىكا خەلقى سىلەر مەن بىلەن:
دۆلىتىمىز گە توغرا بولغان نەرسىلەر ئۇچۇن كۆرەش قىلڭىلار!
ئەركىن كىشلەرنىڭ غايىسى ۋە خاراكتىرى ئۇچۇن كۆرەش قىلىڭلار!.
بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن كۆرەش قىلىڭلار!
ھەممىمىز ئۇچۇن ئادىل ۋە ھەققانى پۇرسەتلەر ئۇچۇن كۆرەش قىلىڭلار!
دۆلىتىمىزنى دۇشمەنلەردىن قوغداش ئۇچۇن ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇڭلار!
بىر-بىرىمىز ئۇچۇن ،گۇزەل ۋە تەڭرى قۇتلىغان ھەر بىر ئامرىكىلىق ئۇچۇن دەس تۇرۇڭلار!
دەس تۇرۇڭلار ،دەس تۇرۇڭلار،دەس تۇرۇڭلار،كۆرەش قىلىڭلار،بۇ يەردە ھىچ نىمە مەجبۇرى ئەمەس.بىز ئامرىكىلىق.بىز ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.بىز مەڭگۇ تىنچىمايمىز.بىز ھەرگىز تارىختىن يوشۇرنىۋالمايمىز.بىز تارىخنى يارىتىمىز،
سىلەرگە رەھمەت.تەڭرى سىلەرگە مەدەت بەرسۇن!
خەلقىمىز ئوقۇشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان ياخشى ئەسەرلەر ئۇچۇرىنى بىلسىڭىز ،بىزگە ھاۋالە قىلىڭ،تىز سۇرئەتتە ھەقسىز سۇنۇپ بىرىمىز.
TAHIRIMIN@GMAIL.COM
ھۇرمەت بىلەن ئنگىلىز  تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى تاھىر ئىمىن
تېما تەستىقلىغۇچى : MuzTagh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 18:19
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-07 01:42 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئۆتكۈر ،ھەم ئەركىن تەپەككۈر قىلىش بۇلارنىڭ ئارتۇقچلقكەن .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 08:35 |
karwan99
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9302
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئىشقىلىپ تىلى بەك يەڭگىل، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلارلىق نوتۇق بوپتۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 10:53 |
azmat0991
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 198 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-02

 

مەنمۇ بارا بارا مۇبىلەت تاشلايدىغان بۇلۇپ قالدىم ،
ھەممىمىزگە مەلۇم ئامرىكا پىرزىنتى ئامرىكىغىلا ئەمەس بەلكى ،
پۇتۇن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن ئەمەسمۇ ،شۇڭا ئامرىكىغا،
كەسكىن قارار چىقىرالايدىغان ئادەملا باش بۇلالايدۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 11:43 |
kedirdan0996
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 444
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 57 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن . تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:35 |
爱孜孜
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22646
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
پۇل: 320 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29

 

ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى كۆڭلىدە ئويلىغاننى ئەركىن ئىپادىلەش، مانا بۇ ھەقىقى ئەركىنلىك. ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمايمىز.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 22:55 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

دەھشەت سۆلەپ قويدكەنغۇ . شوڭا نامزات بوللاغانكەن .
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 08:54 |
sahraogli
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 810
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 165
شۆھرەت: 141 نۇمۇر
پۇل: 508 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

  ياخشى ئوخشايدۇ ، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا .
نىمىشكە مەن تولۇق كۆرەلمەيمەن ؟  ھەر بىر قۇر خەتنىڭ  ئاخىرى يوق . . .  
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 09:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﺎ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:02
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号