قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 218 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 144 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم

0
                                            ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم

                                                                      تۇردى توختى
1990-يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن جۇڭگۇنىڭ مائارىپ ساھىسىدە ۋە مائارىپ تۈزۇلمىسىدە غايەت زور ئوزگىرىشلەر بۇلۇپ،بۇگۈنگە قەدەر بىرنەچە قېتىملىق بۇران چاپقۇنلۇق ئىسلاھاتلارنى بېشدىن كۈچۈرۇپ،نۇرغۇنلىغان نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ،ئاساسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپى يەنى نۇمۇرنى بىرلىك قىلىپ ئىختىساسالىقلارنى تاللاشتىن ئىبارەت فىيۇۋداللىق مائارىپ ئىدىيەسىدىن تەل تۈكۈس قۇتلۇپ كەتەلمىدى.مائارىپىمىز قانچە چوڭ سەكرىسىمۇ سۇن ۋۇكۇڭ ئەرشى پادىشاسىنىڭ ئالىقىنىدىن چىكىتەلمىگەندەك،نۇمۇرنىڭ قۇدرەتلىك سىھرى كۈچىدىن ھالقىپ كەتەلمىدى.نەزىريە جەھەتتىن ئادەمنىڭ ئىنۋىرسال ساپاسىنى يىتىلدۇرۇپ ،ئادەمنىڭ ئىجدىمائىلىغىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،باھالاش ئۆلچىمىنى ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىغا باغلاپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئىختىدارىنى بايقاپ ،ئاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىنىڭ لاياقەتسىز ياكى لاياقەتلىك بولغانلىغىنى باھالاش كېرەك دىيىلگەن بولسىمۇ بۇنى ئەمللەشتۈرىدىغان ھىچقانداق ئورۇن بولمىدى شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل مائارىپ نەزىريەسى نەزىريە پېتىدا تۇرۇپ ئەمىليەتكە ئايلىنالمىدى.
نۇمۇرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان مائارىپىمىز نۇمۇرنى يوقىتىمىز دەپ شۇئار تۇۋىلاپ كەينىدىنلا ئۇنىغا ئەۋلىيالىق تونىنى كەيگۈزدى،شەكىل جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىنىنغان مائارىپىمىز ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشنى تەشەبۇس قىلىپ تۇرۇپ ،ئەمىليەتتە ئەڭ ئاز بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشتەك ئېغىر جىنايەتكە يول قۇيدى.مېمىلىكىتىمىزدە مەكتەپلەرنى باھالىغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمى ساپاسى نەزەرگە ئېلىنماي نەچچە ئۇقۇغۇچىنىڭ شان-شەرەپ كەلتۈرگەنلىگى بىلەن مەكتەپلەرنى دەرجىگە تىزدى.ماھىيەتتە بۇمۇ سان ياكى نۇمۇر ئىدى.بۇنداق باھالاش مەكتەپلەردەبىرقانچە ئۇقۇغۇچىنى ياراملىق تەربىلەش خاھىشىنى كۈچەيتىۋەتتى بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز مائارىپىدا مەيلى ئەخلاقى جەھەتتە بولسۇن،مەيلى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە بولسۇن،مەيلى قانۇن كۆز قاراش جەھەتتە بولسۇن سۈپەت تىك سىزىق بۇيۇچە تۈۋەنلەش يۇزلىنىشى كۈرىلدى .بۇ ھال مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر تۇسالغۇلارنى ئېلىپ كەلدى.
مەن بۇ ماقالامدا مائارىپنىڭ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا توختىلىپ ئۆتىمەن
                                            1.مائارىپنىڭ تەرەققىيادىغا تەسىر كۈرسىتىۋاتقان ئامىللار
مائارىپ تەرەققىيادىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئامىللار كۆپ تەرەپلىمە بۇلۇپ ئاساسلىغى يىغىنچاقلىغاندا تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت
1)مائارىپ تۈزىلمىسىنىڭ قاتماللىغى:-ئىسلىھات ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كۈرۈنەرلىك ھالدا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ بەلگۈلۈك نەتىچىلەر قولغا كەلدى .شۇنىڭغا ماس ھالدا مائارىپ سېسىتمىسىدىمۇ تۈرلۈك تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرى بۇلۇپ ئۆتتى.لىكىن بۇ ئىسلاھاتلار مائارىپ ساھەسىدىكى تۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى،مەيلى مائارىپ ئاپىرات ئىسلاھاتى بولسۇن ،مەيلى مائارىپ ئىشتات ئىسلاھاتى بولسۈن،مەيلى كەسپىي ئۇرۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى بولسۇن مەسىلىنى تۈپ نىگەىزىدىن ھەل قىلالمىدى .مۇشۇنداق رىياللىق ئاستىدا بىز يۇقارقى مەغلۇپ بولغان ئىسلاھاتلارنى كۆككە كۈتۈرۈپ ئالەمشۇمۇل غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق دەپ تىللاردا داستان قىلدۇق.
ئىسلاھاتلارنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشنى تۈۋەندىكى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن.بۇ ئىسلىھاتلار مائارىپىمىزنىڭ قۇرۇلما جەھەتتە شەھەردە ئۇقۇتقۇچى كۆپ بۇلۇش ،يېزىدا يىتىشمەسلىك،شەھەرنىڭ شارايىتى ياخشى بۇلۇش يېزانىڭ شارايىتىنى ئويلاشماسلىق ياكى ئاز ئويلىشىش،شەھەرنىڭ پاراۋانلىغى ياخشى بۇلۇش يېزىدا بولماسلىق...قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىدىمۇ؟زادى مائارىپ تۈزىلمىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟بۇ ھەممىمىزگە ئايان ،مۇباغىلىلاشتۇرۇپ ئېيتىسام يۇقارقىدەك تۈزۈلمىدە ئۆزگىرىش ياسايدىغان يېڭى ئىسلاھاتلار تۈزۈلمىنى ئىسلا قىلالمايلا قالماي ئاددىسى  شەھەردىكى بىر ئۇقۇتقۇچىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ يېزىدىكى جاپالىق ئورۇنلارغا يوتكىيەلمىدى.
تۈزۈلمىمىزدىكى يۇقارقى پەرىقلەر داۋاملىق ساقلىنىپ تۈرسا مېمىلىكتىمىز مائارىپ تەرەققىيادىنى بوغۇپ قۇيىدىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بۇ مەسلىگە جىددى مۇئامىلە قىلىپ ،مائارىپىمىزدىكى بۇ خىل ئۈزۈكچىلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرشىشى،تۈزىلمىدىكى قاتماللىقنى تۈگىتىپ تۈزىلمىدە يېڭىلىق يارتىشى لازىم.
2)مائارىپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەقسىماتچىلىق:-مېمىلىكتىمىز مىقياسىدا ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئىسلاھاتلارنىڭ يادۇرىسى بولسا ئىقدىسادى قۇرلۇش ئىسلاھاتى بۇلۇپ بۇنىڭدا ھۇكۈمىتىمىز ئالەمشۇمۇل مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،باشقا ساھەلەردىكى  غايەت زور بوپىنى چۆرۈپ تاشلاپ ،ھۇكۈمەت ھەركىتىنى تىزلەتكەن بولسىمۇ ،مائارىپتىن ئىبارەت غايەت زور بوپىنى ئۇنداق ئاسانلىقچە چورۇپ تاشلىيالمىدى.چورۇپ تاشلىيالمايلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن ھۈكۈمىتىمىز غايەت زور ساندىكى مەبلەغ بىلەن مائارىپىمىزنى قوللاپ تەرەققىيات جەھەتلەردە بەلگۈلۈك نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنە بىر ئاجىزلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەكتەپلەرنىڭ (ئالى-ئوترا دېرىجىلىك)چاڭگىلىغا تاشلاپ بەردى.بۇنىڭ بىلەن مائارىپىمىزنىڭ ئالى قىسىمى بولغان بۇ بۆلەكنى ھەم ھۈكۈمەت باقىدىغان ھەم    خەلق باقىدىغان  بۆركتىكى ياققا ئوخشىتىپ قويدى.
يۇقارقىدەك تەڭپۇڭسىزلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىغا بوسۇپ كىرىپ،ئىشلىسىمۇ-ئىشلىمىسىمۇ ياغنىڭ ئىچىدىكى بورەكتەك خاتىرجەم ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپلەر ئىچكى قىسىمىنىڭ ھەركىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ مەكتەپلەرنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۇپ قويدى .بۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىزىمنىڭ<< ئەمگىگىگە قاراپ تەقسىم قىلىش>> پىرىنسىپ ئەمىللەشمەيلا قالماي،ئاز ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغا كۆپ ئىشلىگەنلەر ئاز ئالىدىغان مائارىپ تەقسىماتچىلىغىنى شەكىللەندۈردى(بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساس قەيەردە قىيىنچىلىق  كۆپ بولسا شۇ يەردە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى ھىساپسىز،يەنە شۇ يەرنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى نامرات،ئىشەنمەيدىغانلار بولغىنىدا مەمىلىكەت ئارلاپ تەتقىق قىلىپ كۈرەسىلەر،بۇ ئۈزەمنىڭ سۇبىكتىپ ھىسىياتىم ئەمەس كۆپ يىللىق تەكشۈرۈشىمنىڭ ئاساسى)
بۇنداق تەقسىماتچىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بوغۇپ قۇيۇپ كۆپ ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىر خىل سۇلغۇن ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە ئىشلار كۈڭۈلدىكىدە يۈرۈشمەيدىغان ھالەتلەر شەكىللەندى بۇنداق بۇرۇختۇملۇق پۇتكۈل مەمىلىكەت مىقياسىنى قاپلاپ، مائارىپمىزنىڭ سۈپەت جەھەتتىن تەرەققى قىلىشىنى بۇغۇپ قويدى.
يۇقارقى مەسىلىنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم مائارىپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىقدىسادى تەرەققىيات ئىسلاھاتىنى رەھمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىپ مائارىپ ساھەسىدىكى تەڭ تەقسىماتچىلىقنى ئۈزۈل-كىسىل يۇقۇتۇشىمىز لازىم.ئىككى كاسا بۇلۇپ قالغان بۇ ئالتۇن تاۋاقنى چۇل-چۇل قىلىپ چېقىپ تاشلاپ ،ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغان ئىقدىسادى قۇرۇلمىنى رۇياپقا چىقىرىشىمىز لازىم.
3)مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن نىزاملىرىنىڭ يۈرۈشمەسلىگى:-دۆلىتىمىز دۆلەتنى قانۇ ئارقىلىق ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئوترىغا قويغاندىن كىيىن مېمىلىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دايىمى كومىتىتى قانۇن چىقىرىش سالمىغىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ۋاختى ئۆتكەن ،يېڭى سىياسەت ۋە زامانغا پۇتلىكاشاڭ بولغان كونا قانۇنۇن بەلگىلىمىلەرنى ۋە قانۇنلانى تۈزۈتۇپ قانۇنلارغا تۈزۈتۈش كۈرگۈزۈش سالمىغىنى ھەقىقى رەۋىشتى كۈچەيتتى.بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت يۇلىغا مېڭىپ قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاشتى.
دۆلەتنى قانۇن بۇيۇچە باشقۇرۇش دىگەنلىك ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قانۇن،نىزانلارغا تايىنىپ باشقۇرۇش دىگەنلىك.مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىق قانۇن نىزاملارمۇ قانۇن.نىمە ئۈچۈن بۇ قانۇنلارغا تايىنىپ ئىش بىجىرگىلى بولمايدۇ؟بۇ قانۇننى زادى كىم ئىجرا قىلىدۇ؟ئەدلىيە تارماقلىرىدا بۇ قانۇننىڭ ئورنى نىمە ئۈچۈن تۈۋەن؟بۇ مەسىلىلەرنى قۇشۇپ تەھلىل قىلغاندا دۆلىتىمىزدە مائارىپ قانۇنلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى مائارىپنىڭمۇ ئورنى تۈۋەن ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
بۇنداق نۇپۇزدىن ئايرىلىپ قالغان قانۇننىڭ خەلق ئىچىدە ئۇمۇملىشىش دەرجىسى تۈۋەن بۇلۇپ كەڭ ئاتا-ئانىلار مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ گىپى بولسا مىيىغىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ،نەزەرگە ئىلماي ، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ.رىياللىق مۇشۇنداق بولغاچقا مەكتەپلىرىمىزدە ئۇقۇشتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
مەن تايىنىدىغان قانۇن تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا تايانساقمۇ تايانمىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ تۈرغان قانۇنلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق يۇمشاقلىغىدا دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنىڭمۇ بەلگۈلۈك تەسىرى بار دەپ ئويلايمەن.چۈنكى يۇقۇرىدىن مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ كەلسە ئاشۇ يىمشاق قانۇنلار دەرھال قۇپىدۇ،ئۇلار كەتكەندە يەنە يىمشايدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى مائارىپ سىپىمىزگە يۇشۇرۇنۇپ كىرۋالغان،ئالدامچىلىق،شەكىلبازلىق ۋە قىزىل كۆزلىك،بىيرۇگىراتلىق قاتارلىق ئىللەتلەر مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن -نىزاملىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.
بۇنداق ئەھۋاللار داۋاملىق يامراپ كەتسە بىزنىڭ مائارىپنى<،دۇنياغا،كەلگۈسىگە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا >>يۈزلەندۇرىمىز دىگەن شۇئارىمىز قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ،ھۈكۈمەت تەبىر قوللىنىپ مائارىپىمىزغا يۇشۇرۇنۇپ كىرۋالغان تۈرلۈك ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈپ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك.
مائارىپى بىلەن ساقچىسى زەئىپلەشكەن دۆلەت مەڭگۈ تەرەققى قىلالمايدۇ
4)مائارىپقا بولغان تۇنۇشنىڭ ئوخشىماسلىغى:-21-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن دۇنيادا پەن-مەدىنىيەت بىلىملىرنىڭ تەرەققىيادى ئىنتايىن تىز بولدى .دۇنيا <<بىلىم ئىگىلىگى>> دەۋرىگە قەدەم قويدى.دۇنيادا قايسى مىللەتنىڭ قۇلىدا بىلىم،پەن-تېخنىكا بولسا شۇ مىللەت تەبىي ھالدادۇنيادا باشقۇرغۇچىغا ئايلىنۋاتىدۇ.قايسى مىللەت ئارقىدا قالسا شۇ مىللەت باشقۇرۇلغۇچىغا ئايلىنىپ، دۇنيادا ئورنى تۈۋەن بۇلىۋاتىدۇ.بۇ رەھمىسىز رىياللىق ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن تىرىشىپ پەن-مەدىنىيەت بىلىمىنى ئىگەنلىمىسە شۇ مىللەت ۋە شۇ دۆلەتنىڭ شاللىنىپ قالىدىغانلىغىنى بىزگە بىلدۈرۈپ تۈرىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قايسى دۆلەت ۋە قايسى مىللەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا شۇ مىللەت ۋە دۆلەت دۇنيادىكى كەسكىن رىقابەتتە شاللىنىپ كەتمەيدۇ.مېمىلىكتىمىزدىكى ئالدىن كۈرەر كىشىلەر  بۇ نوختىنى زېرەكلىك بىلەن تۈنۇپ يىتىپ ،<<دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش سىتىرادىگىيەسى>>ۋە <،مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سىتىرادىگىيەسى>>قاتارلىق بىر قاتار سىتىرادىگىيەلەرنى ئوترىغا قۇيۇپ ،مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى ۋە مىللەتنى گۈللەندۇرۇش يۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ،يۇقىرى-تۈۋەننىڭ مائارىپقا كۈڭۈل بۈلۈش دەرجىسى ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ.
بىز مەرگەزنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى يۇقارقى ھەل قىلغۇچ ئىككى سىتىرادىگىيەسىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئۇنىڭدىن مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن بىر تۈركۈم پەن-مەدىنىيەت خادىملىرىنى(ئىختىساسلىق)يىتىشتۈرۈپ چىقىپ ،دۇنيانىڭ خىرسى ۋە رىقابىتىگە بەرداشلىق بىرىپ دۆلىتىمىزنى تەرەققى تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا جەھەتتە كۈچ سىنىشالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ پۇتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.ئەمىليەتتە بۇنداق نەتىچىنى قولغا كەلتۈرۈش بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى مەسىلە بولماستىن يۇقىرى-تۈۋەن بىردەك ھەركەتكە كەلگەندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدىغان ھەم جاپالىق ھەم شەرەپلىك مەسىلە.بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇمكى ھەممە ئادەم ئۆز زىممىسىدكى مەسئۇليىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ مائارىپنى قوللىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى تۇنىشىنى ئوستۈرۈشى كېرەك.
ئەمىليەتكە قارايدىغان بولساق مەرگەزنىڭ مائارىپ توغرىسىدكى سىياسەتلىرى شۇنداق ئايدىڭ،تۈنۇشى شۇنداق يۇقىرى بولىۋاتىدۇ.بىراق تۈۋەندىكى ئەھۋال ئۈنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ،بەزى رەپپەرلەرنىڭ مائارىپ قارىشى تۈۋەن،مائارىپىنىڭ بايلىق يارتىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ ئىكەنلىگىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس بۇلىۋاتىدۇ .بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ماھىيەتتە ئاساسى مائارىپنىڭ تەرەققىيادىنى بۇغۇپ قۇيۇپ،مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىغا رۇشەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
مائارىپقا بولغان تۇنۇشىمىشنى يۇقۇرى-تۈۋەن چۇقۇم يۇقىرى كۈتۈرۈپ مائارىپنى بىرىنچى قول رەپپەر تۇتۇش كېرەك دىگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ،مائارىپ تەرەققىيادىنى ئىلگىرى سۈرمىسەك رىقابەتتىن ئۈزۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
                                              2.ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئامىللار
مائارىپىمىزدىكى يۇقارقىدەك مائارىپنىڭ تەرەقىيادىنى تۇسۇپ قۇيۇۋاتقان ئامىللار تەبىئى ھالدا مائارىپنىڭ ئالدىنقى سىپى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىغا تەسىر كۈرسىتىپ مەكتەپلەردە بەزى ئوڭۇشسۇسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا يەنە پۈتكۈل جەمىيەتكە نىسپەتەن ئەكسى تەسىر كۈرسۈتۈپ،مائارىپنىڭ ئوبىرازىنى تۈۋەنلىتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك توسالغۇلار مەيدانغا كىلىپ،ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشى قاتارلىق بىر قىسىم ئىجدىما مەسىلىلەرنىڭ سەۋەپچىسى بۇلۇپ قالدى.
ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا مىنىڭچە تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
1)ئۇقۇتقۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر:-مائارىپ تۈزىلمىسىنىڭ قاتماللىغى ۋە مائارىپتىكى تەقسىماتچىلىقنىڭ ئوخشاشلىغى،مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەمگىگىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنىڭ ئەمىللەشمەي ھەممىنى قارا قۇيۇق بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ھۈكىمىرانلىغى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بۇغۇپ،ئۇقۇتقۇچىلاردا بىر خىل تۇرغۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسىدا <<بىلمەيمەن دىيىش ھەممىدىن ئەلا>>دەيدىغان ئىدىيەنى شەكىللەندۇرۇپ،جان پىدا قىلىپ ئىشلەيدىغان ئۈزىنى بېغىشلاش روھىنى(مىللى روھ)زەيىپلەشتۇرۇپ قويدى بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچىلاردا پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇپ قېلىش خاھىشى باش كۈتۈرۈپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كىمنى،قانداق تەربىلەش چۈشەنچىسى سۇسلىشىپ كەتتى.بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسىدكى قىسمەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنى ئىززەتلىمەيلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ ئۇقۇتقۇچى ئۈزى ئۈلگە بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىپ <<ئۇقۇتقۇچى مۇشۇنداق بولسا ئۇقۇپ نىمە بۇلۇپتۇ>>دىگەن ئىدىيەنى ئۇقۇغۇچىلارغا سىڭدۇرۇپ قويدى.
يەنە قىسمەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالماي بۇ ئىككى گەۋدە ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.يۇقارقىلارغا قۇشۇلۇپ كەلگەن مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى قاتماللىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگەىپ ئۇقۇتقۇچىلاردا قارىشلىشىش پىسخكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىشنىڭ ئۈنىمىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزدى...
يۇقارقىدەك مەسىلىلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچىلاردا گەۋدىلىك ساقلىنىپ تۇرۇشى تەبىئى ھالدا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.قانداقلا بولمىسۇن بىز ئۇقۇتقۇچىلار نىمىنى ئۇقۇتۇش،قانداق ئۇقۇتۇش،كىمنى ئۇقۇتۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئۇقۇغۇچىلارغا ئادەم بۇلىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگۈتۈپ ،ئەۋلاتلىرىمىزنى ياراملىق تەربىلەپ ھازىرقىدەك رەھمىسىز رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بىر ئەۋلاتلارنى تەربىلەپ يىتىشتۈرۈشىمىز لازىم.بۇ بىزدىكى ئادىمىلىك ۋە ئۇستازلىق مەسئۇليىتى.
2)دەرسلىكنىڭ ھەددىنى ئارتۇق كۆپ بۇلۇپ كىتىشى:-دۆلىتىمىز ھازىرغا قەدەر بىرنەچچە قېتىم دەسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ بۇ دەرسلىكلەرنىڭ رۇلىدىن قارىغاندا بىرى-بىردىن ئانچە چوڭ پەرىقلىنىپ كەتمىدى،پەرىقلەنگەن تېرىپى بولسا ئاساسى جەھەتتىن ھەر قېتىمدا دەرسلەرنىڭ خىلى كۆپىيىپ،ئۇقۇغۇچىلارغا بېسىم ئېلىپ كىلىش بىلەن نەتىچىلەندى.ھازىرقى يېڭى دەرسلىك تۈزۈلگەندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ ئەمىليەت پالىيەتىگە تەشكىللەش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ لىكىن يېنىلا يېڭى دەرسلەر مەيدانغا كىلىپ ،دەرس سەتكىسىگە كىرگۈزۈلۈپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگەرىكى ئەمىليەت پالىيەت ۋاختىنىمۇ ئىگىلەپ كەتتى.ھازىر تۇلۇقسىز ئوترا مەكتەپلەردە ئوتىلىۋاتقان دەرسلەرنىڭ تۈرى ئاللاقاچان15خىلدىن ئېشىپ كەتتى.بۇنداق كۆپ خىللىق تەبىئى ھالدا ئۇقۇغۇچىلارغا بېسىم ئېلڭپ كىلىپ ئۇلاردا مەكتەپتىن،ئۈگىنىشتىن زىرىكىدىغان خاھىشنى پەيدا قىلىپ ،ئۇقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ ۋە ئۈگۈنىش ئوترىسىدا ھاڭ پەيدا قىلىپ،ئۇقۇغۇچىلاردا پىسخىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى.بۇلۇپمۇ غۇرۇرى كۈچلۈك ئوغۇللار دا قارىشلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ ،دەرس ۋاختىدا سىنىپقا كىرمەيدىغا ھالەتلەر شەكىللەندى.ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئەيمىنمەي تۇرۇپ<<بۇ سائەتتە دەرس ئوتمىسىڭىز،تەنتەربىيە پالىيىتى قىلساق>>دەپ ئۈزىنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن پالىيەت ئېتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى بىز ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق يىتىلدۈرىمىز دەپ <<كىتاپنىڭ ئۈزى>> قىلىپ تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتۇق.ئەتراپلىق تەربىلەش مەھىيەتتە ئۇقۇغۇچىلارنى ھەم ئەنىليەت جەھەتتىن ھەم نەزىريە جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىلەشنى كۆزدە تۇتقان بۇلۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ دەرسنىڭ تۈرىنى كۈپەيتىش بىلەن خارەكتىرلەنمەيدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى ھەر دەرجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى كەسكىن تەبىر قوللىنىپ قوشىۋېتىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلارنى قوشىۋېتىش،مۇرەككەپ ئەھمىيەتسىز مەزمۇنلارنى شاللىۋېتىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى(نەزىريە بىلەن ئەمىليەت بىرلەشكەن ھالدا) ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرشىشى لازىم.
3)ئاتا-ئانىلىرىمىزدىكى خاتا قاراش:-ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپ ئىسلاتلىرى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويغانغا ئوخشاشلا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.بۇلۇپمۇ ئىشقا بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇش تۈزىمى ئەمەلدىن قالغاندىن بۇيان ئاتا -ئانىلىرىمىز مائارىپقا باشقىچە قارايدىغان بۇلۇپ تۇرلۇك مائارىپ سىياسەتلىرىنى خاتا چۈشىنىپ ،پەرزەنتىلىرىنى يۇقۇرلاپ ئۇقۇتمايدىغان ئىللەتلەر مەيدانغا كەلدى.ئەسلىدىنلا مائارىپ ئىدىيەسى تۈۋەن بولغان بۇ كىشىلىرىمىز باللىرىمىزنى ئۇقۇتساقمۇ بەرىبىر ئىش ئورنى تاپالمايدىكەن دەپ قاراپ پەرزەنتىلىرىگە سالىدىغان مەبلەغنى باشقا ساھىلەرگە سېلىش ئارقىلىق ئىقدىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدى.بۇلاردىكى ئەڭ خاتا چۈشەنچە نىمە بۇلىۋاتىدۇ دىگىنىمىزدە ئۇنىڭغا بىرىلىدىغان جاۋاپ بىرلا-ئۇ بولسىمۇ ئۈزى ئۈچۈن ئۇقۇش.
بۇ خىل ھالەت ئۇقۇشنىڭ مەخسىدىنى تۈپتىن ئوزگەرتىپ مىللەت ئۈچۈن،خەلق ئۈچۈن ئۈقۇپ مىللەتكە،خەلققە تۆھپە قۇشۇشتىن ئىبارەت ئۇقۇشنىڭ ئاخىرقى مەخسىدىنى چەتكە قاقتى.بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل نىمە ؟بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل يەنىلا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى،مائارىپقا بولغان خاتا ئىنكاسى.
ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يۇقارقىدەك بۇلىشى ئۇقۇغۇچىلاردا ئۇقۇشقا قىزىقمايدىغان،كىم ئۈچۈن نىمە ئۈچۈن ياشاشنى بىلمەيدىغان بىر خىل ئىدىيەۋى ئېقىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بولىشىغا سەۋەپچى بولدى.ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى ئەمىليەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ ئۇقۇشىغا كۈڭۈل بۈلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى تۈۋەن بۇلىشىمۇ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى.
يۇقارقىدەك رىيالنى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا بىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ پۇقرالارنىڭ مائارىپ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىمىز بار.بىز چۇقۇم تىرىشىپ مائارىپ ئىدىيەسىنى يىتىلدۈرۈپ،ئاتا-ئانىلاردا ئۇقۇشنىڭ ئەمىلى مەقسىدىنى توغرا چۈشىنىدىغان ياخشى بۇرۇلۇشنى شەكىللەندۈرۈپ ،ئۇقۇتش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئوستۈرۈش ئۈچۈن روھىمىزنى ئاتا قىلىشىمىز لازىم.
4)ئىشقا ئۇرۇنلىشىشنىڭ تەس بۇلۇش:-1990-يىلارنىڭ كىيىكى يېرىمىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ كادىرلار تۈزىمى ئىسلىھاتىنىڭ شامىلى ئاستا-ئاستا چىقىشقا باشلىدى،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھىلەرىدە مەمۇرى ئۇرۇنلارنى ئىخچاملاشنى باش تىما قىلغان مەمۇرى ئۇرۇنلارنى بىر-بىرىگە قۇشۇۋېتىش ۋە ۋىۋىسكىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق شەكىل جەھەتتىكى ئىسلىھاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ لىكىن كەسپىي ئۇرۇنلارنىڭ ئىسلاھاتلىرى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ كەسپىي ئۇرۇنلاردىن نەچچە مىليۇنلىغان كەسپىي خادىملار ئىشتىن قالدۇرۇلۇپ ھۈكۈتىمىز غايەت زور يۈكنى يەنە بىر قېتىم چۆرۇپ تاشلىدى.بۇ ئىسلاھاتنىڭ مائارىپتىكى ئەڭ چوڭ تەسىرى بولسا 1999-يىلىدىن باشلاپ قانداق شەكىلدە،قانداق مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىن قەتتىئى نەزەر بىر تۇتاش ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ،ئىش ئورنىنى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئۈزى تاپىدۇ دەپ ئېنىق ئوترىغا قۇيۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ۋە سانسىزلىغان ئۇقۇغۇچىلاردا غايەت زور ئىنكاس پەيدا قىلدى.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئالى-ئوتتۇرا دەرجىلىك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن،مەكتەپكە كىرگەندىن ئىتىبارەن ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە سانسىزلىغان ئىنتىھانلارنى بىرىپ لاياقەتلىك بۇلۇپ ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى  پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار يەنىلا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ،جەمىيەتتىنىڭ تۈگىمەس ئىنتىھانلىرىغا دۈچ كىلىپ ،نەچچە ئون قېتىملاپ ئىنتىھان بىرىپ ئىش ئورنىنى تاپالمايۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار يىلدىن-يىلغا كۈيۈنۇپ ،مائارىپتىكى بىر ئاجىز ھالقىنى پەيدا قىلىپ،ئاتا-ئانىلاردا مائارىپقا بولغان خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلدى.ئاشۇ ئۇقۇغۇچىلارمۇ-مائارىپتىكى ۋە جەمىيەتتىكى ئاشۇنچە كۆپ ئىنتىھانلارنىڭ قۇدرىتىدىن گۇمانلىنىپ مائارىپقا ئىشەنچىسىز قارايدىغان يەنە بىر تۈركۈملەرنى مەيدانغا چىقاردى.بۇنداق رىياللىق تەبىئى ھالدا ئائىلىگە ۋە ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپ،مائارىپ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر لوگجىگە ئايلاندى.
ئەلۋەتتە ئۈزى ئىش ئۇرۇنى تېپىپ ئىش قىلىش مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ كادىرلار سىياسىتىدىكى بىر ئاقىلانىلىك بىلەن چىقارغان مائارىپ ۋە كادىرلار سىياسىتى بولسىمۇ رەھمىسز رىياللىقنى نۇرغۇن كىشىلەر قۇبۇل قىلالمىدى ،بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ تەرەققى قىلالمىغان ئۇرۇنلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى ئاساسى جەھەتتىن يوق بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇننى تالىشىدىغان نەچچە يۈز ئادەم ئوترىسىدا نامۇۋاپىق رىقابەتلەر پەيدا بۇلۇپ ،ئۇۋالچىلىق دەپ قارىغانلار مائارىپقا،ئايىغى چىقمايۋاتقان ئىنتىھانغا ۋە ئىنتىھان ئالغۇچىلارغا گۇمان بىلەن قاراپ مائارىپتىن تېخىمۇ سەسكىنىدىغان قاراشلار باش كۈتۈرۈپ قالدى.بۇندا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش ئۇرنىنى تېپىش تەس بۇلۇش مەسىلىسىمۇ مائارىپقا <جۇملىدىن پۈتكۈل جەمىيەتكە نۇرغۇنلىغان باش قېتىنچىلىقلارنى ئاتا قىلىپ ،مەكتەپتىن توختىۋېلىش نىسپىتى كۈندىن-كۈنگە كۈپەيدى بۇنداق رىياللىقمۇ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادى ۋەئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىزرەك ئېلىپ بېرىپ،رايۇنلار ئوترىسىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىپ،ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كەڭەيتىپ،ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە باراۋەر ئىشقا ئۇرۇنلىشىش،مۇناۋەرلىرى ئالدىن ئۇرۇنلىشىشتەك دۆلەت سىياسىتى بىلەن مايىل قىلىپ مائارىپىمىزنىڭ ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشىگە ئۈزلىكسىز تۆھپە قۇشىدىشان بىر ئەۋلاتلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىن قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
5)غەيرى مائارىپ خىزمەتلىرىنىڭ مائارىپقا ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە ئۇقۇتقۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن بېسىمى:-غەيرى مائارىپ خىزمەتلىرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق زىيادە بۇلۇشى مائارىپنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي ئۇقۇتقۇچىلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارنى چارچىتىپ قويدى(بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن ئارتۇقچە توختالمىساممۇ كەڭ كەسىپداشلار مەندىن ياخشى چۈشىنىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزمۇن ئۈستىدە تەپسىلى توختالمايمان) بۇ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرسى.
بۇ مەسلە تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىسە ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېقىنقى مەزگىلدە تەسكە توختايدۇ.
________________________
بۇ ماقالە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ۋە توردا ئېلان قىلغان ماقالىلار ئاساسىدا چىقىرىلغان خۇلاسسە خارەكتىرلىك ماقالە ،شۇنداقلا ئوننەچچە يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدىكى تەجىربەم.تورداشلارنىڭ ئىلگىركى ماقالىلار بىلان بۇ ماقالىدىكى بەز مەزمۇنلارنىڭ ئوخشىشپ كەتكەنلىگىنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن :
                            تۇردى توختى

تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:26
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 23:23 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئككى ئاساسەن مىنىڭچە مائارپچلارغا قارتا ھاشا مىكن دەيمەن .بۇنداق بۇلىۋەرسە ئوقۇتقۇچلار چارچاپ ھالىدن كەتكۈدەك. ئۆگەتكۈچى چارچىسا باللار كېسەل بولدۇ .
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 08:49 |
篮球美女
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 457
شۆھرەت: 472 نۇمۇر
پۇل: 1492 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

مۇشۇ ئىككى ئاساسەن ئىچكىردە بىر ئايالنىڭ بىشىغا چىققان جۇما .... بىزمۇ مۇشۇ ئىككى ئاساسەن خېزمىتىنى ئىشلەيمىز دەپ يا كونسىپىك چىقارغۇدەك بىر ۋاقىت يوق . ئارام كۈنلىرمىزمۇ نەچچە قىتىم ھارام ئۆتۈپ كەتكەن . كەچكىچە قىلمىغان ئىشلارنى قىلدۇق دەپ يىزىۋاتقان . ھەتتا بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان ئايال ئوقۇتقۇچى بالىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ خېزمەت قىىلىپ تىخى مەكتەپ مۇدىردىن تىل ئىشتىۋاتقان . بالىنى مەكتەپكە ئىلىپ كەلدىڭ دەپ ، ئۇنىڭ يولدىشى باقاي دىسە ، ئۇ بەرىبىر ئەر كىشى ، تىخى ئىمىۋاتقان بالىنى بىر ئەر كىشى قانداقمۇ باقالىسۇن . مەن خزمەتكە چۈشكەن مۇشۇ 3 يىلدا ھەر تەتىلدە ئۆيۈمگىمۇ قايتالماي ئىشلەپتىمەن . مەنمۇ ئاخېرى چىدالماي شۇنىڭ بىلەن مەن داۋالىناتتىم دەپ ئىسپىراپكا ئىلىپ چىقىپ سۆيۈملۈك مەكتەپ مۇدىرىمىزغا بىرىپ قويۇپ بۇ يىل بىر ئارام خۇدا بىر يىرم ئاي ئاتا - ئانمنىڭ يىنىدا ئارام ئىلىۋاپتىمەن .     
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 10:49 |
turditohti
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 144 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

Quote:
引用第2楼篮球美女于2008-09-07 10:49发表的  :
مۇشۇ ئىككى ئاساسەن ئىچكىردە بىر ئايالنىڭ بىشىغا چىققان جۇما .... بىزمۇ مۇشۇ ئىككى ئاساسەن خېزمىتىنى ئىشلەيمىز دەپ يا كونسىپىك چىقارغۇدەك بىر ۋاقىت يوق . ئارام كۈنلىرمىزمۇ نەچچە قىتىم ھارام ئۆتۈپ كەتكەن . كەچكىچە قىلمىغان ئىشلارنى قىلدۇق دەپ يىزىۋاتقان . ھەتتا بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلمىغان ئايال ئوقۇتقۇچى بالىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ خېزمەت قىىلىپ تىخى مەكتەپ مۇدىردىن تىل ئىشتىۋاتقان . بالىنى مەكتەپكە ئىلىپ كەلدىڭ دەپ ، ئۇنىڭ يولدىشى باقاي دىسە ، ئۇ بەرىبىر ئەر كىشى ، تىخى ئىمىۋاتقان بالىنى بىر ئەر كىشى قانداقمۇ باقالىسۇن . مەن خزمەتكە چۈشكەن مۇشۇ 3 يىلدا ھەر تەتىلدە ئۆيۈمگىمۇ قايتالماي ئىشلەپتىمەن . مەنمۇ ئاخېرى چىدالماي شۇنىڭ بىلەن مەن داۋالىناتتىم دەپ ئىسپىراپكا ئىلىپ چىقىپ سۆيۈملۈك مەكتەپ مۇدىرىمىزغا بىرىپ قويۇپ بۇ يىل بىر ئارام خۇدا بىر يىرم ئاي ئاتا - ئانمنىڭ يىنىدا ئارام ئىلىۋاپتىمەن .     

قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئاسەسەن مەكتەپ شارايىتىنى ياخشىلاشتا بەلگۈلۈك رول ئوينىغان بولسىمۇ لىكىن سىز دىگەندەك  ئۇقۇتقۇچىلارغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرىۋەتتى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 12:26 |
opqr413
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 10

很不错,顶啊
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 06:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 03:51
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号