قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 410 قېتىم كۆرۈلدى
turditohti
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 مەكتەپ مۇدىرى،ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 gvzal3.8 设置为精华(2008-09-07)
مەكتەپ مۇدىرى،ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ

                                      تۇردى توختى
مەكتەپ مۇدىرى،ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا پۈتۈن مەكتەپ كۆللىكتىۋىنىڭ ياخشى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ياراتالمايلا قالماي يەنە بەلكى شۇ رايۇننىڭ ياكى شۇ مىللەتنىڭ مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.بۇنداق ئەھۋال يامراپ كەتسە مىللى مائارىپنىڭ قىيامىتى يېقىنلىشىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بۇلۇدۇ.
مىنىڭ گۈزىتىشىمچى مائارىپ ئىسلىھاتىنىڭ كەينى-كەينىدىن تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئېلىپ بىرىلىش، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپتىكى ھۇقۇقىنى  چوڭئايتىشقا باشلىدى بۇنىڭ بىلەن بەزى مەسئۇليەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۈزىگە خەلق بەرگەن بۇ ھۇقۇقنى<< ئاتىسىدىن مىراس قالغان>>دەك بىلىپ قانداقلا ئىشلەتسەم بولىدىغان نەرسە دەپ قاراپ قالايمىقان ئىشلىتىشكە باشلىدى.ھەتتا تەپ تارتىماستىن مەكتەپ ئىچىدىكى ياراملىق ئەمما ئۈزى بىلەن قارشى پىكىردە،ياكى پىكىرى،قارشى بىردەك ئەمەس ئۇقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە چەتكە قېقىپ،ئۇلارغا روھى ۋە ئىقدىسادى جەھەتتىن زەربە بەردى.ئېغىر بولغاندا ئۇلارنى ئىشتىن بوشىدىمەن دەپ جار سېلىپ.ئۈزىنىڭ سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى.بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچىلاردا ئىرەنسىزلىك ۋە قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ بىر قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوترىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ،مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ مەكتەپ چېچىلاڭغۇ،ئۇقۇغۇچى باشباشتاق ھالەتلەر شەكىللىنىپ،ئەڭ چوڭ زىيان تارتىۋاتقانلار ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاساسى گەۋدىنىڭ بىرى ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپ قالدى.
مىنىڭچە يۇقارقىلار رىياللىقتىن چەتنەپ كەتكەندۇ(مەن بىر ئادەمنىڭ گۈزىتىشى ئەلۋەتتە چەكلىك بۇلۇدۇ)بىراق يۇقارقى تەرەپلەر مۇناسىۋىتىدى ھەل قىلمىسا بوليدىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى بىلىمەن.مەن تۇۋەندە مەكتەپ مۇدىرى،ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىنى ئوترىغا قۇيۇپ،كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇم.شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىردا،ئۇقۇتقۇچىلاردا قانداق پەزىلەتلەرنىڭ بۇلىشىنى ئوتىرىغا قۇيۇپ،مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ،مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
                                                               1. مەكتەپ مۇدىرى
مەكتەپ مۇدىرى بىر مەكتەپنىڭ قانۇنى ئىگىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ ھۇقۇقى ئىككى ياقلىمىلىك خارەكتىرگە ئىگە.ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ ئىچىگە نىسپەتەن كەسپىي خادىم بۇلۇپ مەكتەپتىكى تۈرلۇك ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خىزمەتلەرنى باشقۇرۇدۇ.ھەم شۇ ئاساستا مەكتەپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ مەكتەپنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرى بولغان ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىرشىش.بۇنىڭ ئۈچۈ چۇقۇم مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى ۋە ئوترا قاتلامدىكى مەكتەپ رەپپەرلىرىنىڭ مۇنسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،مەكتەپنى قانۇن-قايدىلەر بۇيۇچە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
يەنە بىر خىل ھۇقۇقى بولسا مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ سىرتىغا نىسپەتە ئۇ بىر مەمۇرى رەپپەر بۇلۇپ ئۇ مەكتەپ سىرتىدىكى تۇرلۇك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتى ئۇچۈن شارايىت يارتىپ بىرىش ئۈچۈن تىرشىش.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى مەكتەپ مۇدىرى بىر ھىساپتا يۇقىرى بىلەن تۈۋەننى ماسلاشتۇردىغان كۆۋرۈك ھىساپلىنىدۇ.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ ئىككى خىل ھۇقۇقىنى بىرلەشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق ئۇ پارتىيىمىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۇلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ ئۆلچىمى بۇيۇچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ مەكتەپنى ئىناق-ئىتىپاقلىققا،جۇشقۇن كۆڭۈللۈك كەيپىيەتقا ئىگە قىلىپ ھەممە ئادەم كۆڭۈللۇك خىزمەت قىلىدىغان شارايىتىنى يارتىپ ،مەكتەپنى ئۇيۇلتاشتەك قۇدرەتلىك كۆچكە ئىگە كوللىكتىپقا ئايلاندۇرۇپ،ھەممە ئادەم مەكتەپ باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى يۈرگىزەلەيدىغان مۇقەددەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالالايمىز.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇڭدىكى مەكتەپ مۇدىرى چۇقۇم بەلگۈلىك باشقۇرۇش ساپاسى ۋە كەسپىي ساپا يىتىلدۈرگەندىن سىرت ئەڭ مۇھىمى بەلگۈلىك پىسخىك پەزىلەت يىتىلدۈرىشى كېرەك.
مەن بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ساپاسى بىلەن كەسپىي ساپاسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپ مۇدىرلىرىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك پىسخىك پەزىلەت توغرىسىدا نوختىلىق توختىلىپ ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە كەڭ ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىردە  ئورتاقلاشماقچىمەن
مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە قانۇن بۇيۇچە ئىش كۇردىغان،ئۇقۇتقۇچى -ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشاش قارايدىغان،تەبىركار بۇلۇپ نوختىلىق مەسىلىلەردە قارار چىقىرىشقا ماھىر، ئۇمۇملىقنى ئاساس قىلىدىغان يىراقنى كۈرىدىغان قابۇليەتنى يىتىلدۈرگەن بۇلىشى لازىم.مۇشۇ خىل ئىختىدار مەكتەپ باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ(مەن بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرى سىياسىيۇنچە سىياسەت تۈزۈش ساپاسىنى،گىنراللارچە قارار چىقىرىش ساپاسى....بۇلىشى كېرەك دەپ قارىمايمەن،ئەمىليەتتە مۇدىرلارمۇ ئاددى ئادەم بۇلۇپ ھەممە مۇدىرنىڭ كىتاپلاردا دىيىلگەن بۇنداق كاتتا ساپالارنى يىتىشتۈرىشى مۇمكىن ئەمەس)
مەكتەپ مۇدىرنىڭ كەسپىي ساپاسى بولسا ئۇ مەسئۇل بۇلۇپ تۇرغان مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى توغرا لايىلەپ جانلىق يولغا قۇيالايدىغان، شۇ دەرجىلىك مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسپىي ئىختىدارنى يىتىلدۈرىشى كېرەك.بۇنىڭدا مۇدىر بولغان كىشى چۇقۇم ئۇقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سىپىدە خىزمەت قىلىشتىن باش تارتىماسلىغى لازىم.
مەكتەپ مۇدىرىدا بۇلىشقا تىگىشلىك پىسخىك پەزىلەت،مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بۇلۇپ،مەكتەپ مۇدىرى شۇ مەكتەپنىڭ يادىروسى بۇنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ بۇلۇپ،مىجەزى مۇرەككەپ بولسا ھەرقانچە،باشقۇرۇش قابۇليىتى ۋە كەسپىي ئىختىدارى بولغان تەقدىردىمۇ مەكتەپنى ياخشى بىر كوللىكتىپ قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ.بىزدە<<بىر ياخشى مۇدىر=بىر ياخشى مەكتە>>كە دىگەن ھىكىمەت بار بۇنىڭدىكى <<ياخشى>>سوزى ماھىيەتتە شۇ كىشىنىڭ پىسخىك پەزىلىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
مىنىڭچە مۇدىرلار تۇۋەندىكىدەك پىسخىك پەزىلەتلەرنى يىتىشتۇرىشى لازىم.
1.ھەق ناھەق قارشى ئېنىق بۇلىشى،مەكتەپ ئىچىدىكى رەزىل ئىشلارغا نىسپەتەن قەتتى قارشى تۇرۇشى،مەكتەپتىكى گۈزەللىكنى قەتتى قوغدىشى لازىم.
2.ئوزىنىڭ ھىسىياتىنى ئۆزى كونتۇرۇل قىلىپ،ئېقىل بىلەن قارار چىقىرىشقا ماھىر بۇلىشى ھەرگىزمۇ باشقىلار تەرىپىندىن پايدىلىنىپ كىتىشنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتمەسلىگى كېرەك.
3.ئىجدىمائى ئەخلاق ۋە كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىپ،ئۈزى ئۈلگە بۇلۇشنى قەتتى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
4.قاراش جەھەتتىن ئادىل باراۋەر بۇلۇپ ،بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش شارايىتىنى ھازىرلاپ،كۆپنىڭ ئەقىلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىنىلايدىغان ساغلام كىشلىك قارشى بۇلۇشى كېرەك.
5.يۇقىرى-تۈۋەن مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ،ئۇزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ھەم ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن ئاسراپ ،قوغدايدىغان مەسئۇل بۇلۇش پىسخىكىسىنى يىتىلدۇرۋېلىش كېرەك.
6.ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا كەڭ قوساق بۇلۇپ ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆچۈرۋاتالايدىغان ھەم ئۇلارنى ئەمىليەت ئارقىلىق قايىل قىلالايدىغان يۇقىرى پىسخىكلىق ماھارەت ۋەقابۇليەت بۇلىشى كېرەك.
7.توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ يېڭىلىق يارتالايدىغان جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئېڭى بۇلىشى كېرەك.
8.مەكتەپ ئىچىدە لىبىرالىزىملىق،بۆلگۈنچىلىك قىلىشتەك ناچار پىسخىكىنى تىرشىپ ئوزگەرتىش بىلەن بىرگە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان <<ياخشىچاق>>لىقنى تۈگىتىش كېرەك.
مىنىڭچە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۈزىدە يۇقارقىدەك پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرىۋالسا چۇقۇم مەكتەپ ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەكتەپتە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىختىدارىنى نامايەن قىلىپ ،تىرشىپ ئىشلەيدىغان گۈزەل كەيپىياتنى شەكىللەندۇرەلەيدۇ.
                                                        2.ئۇقۇتقۇچىلار
ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ تەلىم تەربىيە خىزمىتىدىكى باشلامچىلار  بۇلۇپ ،ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت جەڭگاھنىڭ ئالدىنقى سىپىدە كۈرەش قىلىپ قان تەر ئاققۇزىدىغان جاپاكەش قۇشۇن.ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۇقۇغۇچىلار غا ئادەم بۇلۇشنىڭ يۇلىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۇچۇن جان-جەھلى بىلەن تىرىشىپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىدۇ. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش مۇناسىۋىتىدە ئۇقۇتقۇچىنىڭ رۇلىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ ،ئۇلاردا ئىجدىمائى بىلىمنىڭ مول بۇلىشى تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى دەۋرىدە ئۇقۇتقۇچىلار تېخىمۇ تىرشىپ بىلىمىنى يېڭلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۇقۇتۇش ئۇسىلىدا يېڭىلىق يارتىپ يېڭى دەرس ئىسلىھاتىنىڭ تەلىۋى بۇيۇچە دەرس بېرەلەيدىغان لاياقەتلىك كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىش ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئايلىغا قۇيۇلغان يەنە بىر ئېغىر مەسىلە.بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئايىغى چىقمايدىغان كۈندىلىك خىزمەتلىرى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندا ئۆزگىرىش بۇلۇپ ئورۇن جەھەتتىن ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن باراۋەر تۇرىدىغان شارائىتى ئاستىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھۇقۇقنى توغرا چۈشەنمەسلىگىدىن كەلگەن بېسىمى...قاتارلىقلار بىرلىشىپ ھازىرقى زامان(بۇگۈنكى)ئۇقۇتقۇچىلارنى ھالسىرىتىپ ئېغىر ھاردۇق يەتكۈزدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ روھى سۇنۇپ ،كۈننىڭ ئۆتىشىنى خالايدىغان،جېنىنى قىينىماي خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويدى.بۇنداق رىياللىق ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىر ئوترىسىدا تەبىئى ھالدا بىرىنى-بىرى خاتا چۈشىنىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچى مۇدىرنى كۆزگە ئىلمايدىغان،مۇدىر ئۇقۇتقۇچىلارغا ئىشەنمەيدىغان،ئۇقۇتقۇچىلار ئىستىخىلىك ھالدا<< مۇدىر ئۈچۈن ئىشلەپ>> بېرىدىغان مائارىپ قانۇنىيەتىگە يات بولغان يۇقىرى تۈۋەن مۇناسىۋىتى بارلىققا كەلدى.
يۇقارقىدەك رىياللىق تەبىي ھالدا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تىك سىزىقلىق تۈۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىللى مائارىپتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستىرىمىز دەپ قۇرۇق گەپ ساتقانلىقنىڭ ھىقانداق ئەھمىيىتى يوق.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چۇقۇم تۈۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى توغرا چۈشىنىشى شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھۇقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ ئۇقۇتقۇچىلارغا كۈچىنىڭ بېرىچە شارايىت يارىتىپ بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مىللى مائارىپىمىزدا ھەقىقى ئوسۈشنى قولغا كەلتۈرىشىمىز لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرنىڭ خىزمىتىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك.قانداقتۇ مۇدىرنىڭ كاساپىتىدىن بولمىسا بىز بۇ كۈنگە قالمايتۇق دەپ قاراش تولىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك.(بۇنداق ئەھۋالنى ناھايتى ئاز ساندىكى مۇدىرلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).مەكتەپتە ئەڭ قىيىن مەسئۇليەتىنى ئۈستىگە ئالغان،ئەڭ جاپاكەش كىشى مەكتەپ مۇدىرى.مەن بۇ يەردە توردىشىمىز  ئاسرار ئەپەندىنىڭ قايسى بىر ماقالىغا يازغان ئىنكاسىدىكى<<ئانىسىنىڭ ئەمچىگىنى قاتتىق چىشلىگەن ئادەم مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇدۇ>>دىگەن سوزىنى مىسالغا ئالىمەن،مىنىڭچىمۇ بۇ گەپ ئاساسى جەھەتتىن توغارا ئېيتىلغان.
ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە بىر تاشتا(مۇدىردىن ئىبارەت)يەنچىلسە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تاشنىڭ ئوترىسىدا يەنچىلىدۇ.خېلى ساپالىق مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە يا يۇقىرىنى ،يا تۈۋەننى رازى قىلالماي ،ياكى ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئىرشەلمەي باغانچە مىجەزى تەرسالىشىپ بەزى ئىشلارنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا بىجىرۋاتىدۇ.مۇشۇنداق تۇرمۇش رىتىمى تىزلىشىۋاتقان ۋاقىتتاا ئەڭ چۈشىنىشكە مۇتتاچ ئادەم مەكتەپ مۇدىرى.مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇقۇتقۇچىلار جەڭگىۋارلىغىنى كۈچەيتىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ بىرىشى كېرەك.
نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلار بىلمىسە كېرەك ھەرقانداق ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھاردۇغى ئۆز ئۇقۇتقۇچىلىرىنى كۆرگەندە چىقىدۇ.
مەكتەپ مۇدىرلىرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى،ئىشەنچىسى شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغىسى ۋە ھاياجىنى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم ئۈزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىنىڭ قوللىشى ئاساسىدا نەتىجە بېرىدىغانلىغىنى بىلىدۇ.ماھىيەتتە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۈزىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ.
مەن بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ<<يۇقىرىنىڭ يىغىندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ كۆپلىگىدىن روھىم چىقىپ كەتكەندەك،شۇ ئىشلارنى زادىلا ئورۇنلىغىلى بولمايدىغاندەك ھىس قىلىپ بوشىشىپلا كېتىمەن،مەكتەپكە قايتىپ بارغادا ئۇقۇتقۇچىلارنى،ئۇقۇغۇچىلارنى كۆرگەندە پۇت-قۇلۇمغا جان كىرىپ ئۈزەمدە ئىشەنچى پەيدا بۇلۇدۇ،ئۇقۇتقۇچىلىق بەك جاپالىق خىزمەت،ئۇقۇتقۇچىلار بولسا شۇ جاپانىڭ ئىگىلىرى،مەن بۇنداق رىياللىقنىڭ ئۆزگىرىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن>>دىگەن سوزىنى ئاڭلىغان،مىنىڭچە بۇنداق مۇدىرلار مىللى مائارىپىمىزدا خېلى زور سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.
ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىغا يېقىندىن يەردەملىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشقا بىردەك قاتنىشىش بىلەن بىرگە ،ئۈزىىڭ كىم ئۈچۈن،نىمە ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىغىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى لازىم.نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلاردا بۇ مەسىلىگە بولغان تۇنۇش تېخى ئېنىق ئەمەس.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى تەربىلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇليەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا بىزنىڭ ھەرقانداق كىشىدىن،تۈزىمدىن ئاغرىنىدىغان ھۇقۇقىمىز يوق.
ئۇقۇتقۇچىلار يەنە ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنىش ۋە ئۆمۈرۋايەت ئۈگىنىشتىن ئىبارەت ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇپ،مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ جاللىنىشىغا،سۈپەتنىڭ تېخىمۇ ئوسىشىگە بىر كىشلىك ھەسىسىنى قۇشۇش كېرەك.ھازىر بەزى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمى كونىرەپ <<ئەسكى  خوتۇننىڭ پايتىمىسى>>غا ئوخشاپ قالسىمۇ بىلىمىنى يېڭىلىماي شۇ دەسمايىسىنى ئۈزىگە قالقان قىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل ئىللەتنى ئۇقۇتقۇچىلار باش بۇلۇپ تۈزىتىشىمىز لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلار ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىل ،مەكتەپنىڭ بىر ياخشى مەكتەپ بولىشىغا كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە توغرا يول كۈرسىتىش كېرەك.
ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىدىكى غىۋەتخورلۇق......قاتارلىق ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ ئۇقۇغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ بىرىشى لازىم.ئۇلار شۇ ئاساستا تەببىرلىك بۇلۇپ مەكتەپ ئىچىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى(ئۇقۇغۇچىلار پەيدا قىلغان)كەسكىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىختىدارنى يىتىلدۈرىشى، نىما بولسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەر دىيىشتىن قەتتى ساقلىنىش كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ تولىمۇ جاپالىق خىزمىتىگە ئادىل ئۇبىكتىپ باھا بىرىپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى ئانالىز قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەشكە ماھىر بۇلىشى كېرەك.بىزدە <،سەن باشقىلاردى ھۆرمەت تەلەپ قىلغاندا ،سەنمۇ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك>>دەيدىغان مەشھۇر سۆز بار بۇنىڭ مەنىسى ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن دىگەنلىك بۇلۇپ،باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەي تۇرۇپ ،ئىززەتكە ئىرىشكىلى بولمايدىغانلىغىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.مىنىڭچە ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ سوزنى ئۈزىگە مىزان قىلىشى كېرەك.شۇنداق قىلسىلا ئ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرشىپ ،ئۈزى كۈچلۈك قوشۇننىڭ قۇماندانى بۇلۇدۇ.قول ئاستىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئۈزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدىغان مەسئۇليەتچان ئۇقۇتقۇچىلاردىن بۇلۇپ مىللى مائارىپقا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇدۇ.ماھىيەتتە مەكتەپ مۇدىرىمۇ _بىر ئاددى ئۇقۇتقۇچىدۇر.
ئۇقۇتقۇچىلار ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،بىلىمىنى يېڭىلاپ ،دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ مۇدىرنىڭ قابۇل يەردەمچىلىرىگە ئايلانغاندىلا ئاندىن چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ
                                                                       3.مەكتەپ
مەكتەپ بولسا ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى مەرگەز،تەربىيەنى چىقىش نوختىسى،تەربىلەشنى مەخسەت قىلغان ھالدا مەرگەزلىك،سېسىتمىلاشقان تەربىيە پالىيەتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇرۇن بۇلۇپ،ئۇ ئادەم تەربىلەشتىن ئىبارەت بۇيۇك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئادەم تەربىلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇققەدەس ۋەزىپىنى ئۇرۇنداشتا چۇقۇم مەكتەپتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ئالغا ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.مەكتەپتە چۇقۇم ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە مەكتەپ رەببەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئۆز -ئارا مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ ،تىرىشىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.مەكتەپتىكى قايسى بىر قاتلامنىڭ رۇلى جارى قىلدۇرۇلمىسا شۇ مەكتەپ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا بىۋاستە سەلبىي تەسىر كۈرسىتىدۇدە بۇنىڭ بىلەن ئادەم تەربىلەش مەخسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۈرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قىلغان ئەمگىگىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى مەكتەپ ياخشى باقۇرۇلمىسا مەكتەپ خىزمىتى ياخشى بولمايلا قالماي بۇ يەردە مەيلى ئۇقۇتقۇچىلار،مەيلى ئۇقۇغۇچىلار مەيلى باشقا خادىملار بولمىسۇن رۇلىنى،ئىختىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى ئاكتىپ كەيپىيات،گۈزەل ئارزۇ يوق بۇلۇپلا قالماي ھەممىدىن يامىنى ئۇلاردىكى روھ،بۇلۇپمۇ توھپە قۇشۇش روھى ئۆلىدۇ.
بۇ يەردە يۇقارقىدەك مەسىلىلەرنىڭ يۈز بىرىش بەرمەسلىگىدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇليىتى ھەممىدىن ئېغىر دەپ قارايمەن چۈنكى مەكتەپ مۇدىرى شۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رەپپىرى بۇلۇپ ئۇنىڭ قارار چىقىرىش ،خىزمەت بۇيرۇش،تۇزۇم تۇرغۇزۇش ...قاتارلىق ھۇقۇقى بۇلۇدۇ.ئۇنىڭ مەكتەپنى قانداق باشقۇرۇشى ئۇنىڭ يۇقارقى ھۇقۇقىنى توغرا ئىشلىتىش ئىلىتەلمەسلىگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىر ياخشى مەكتەپ كۆللىتىۋى بەرپا قىلىپ ،ئادەم تەربىلەشتىن ئىبارەت بۇيۇك مەخسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەكتەپ مۇدىرى ئۈزىنىڭ ئەقىل پارەسىتى ،ئادەم ئىشلىتىشتىكى تەببىركارلىغى بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،دىمۇگىراتتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەممە تەرەپنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ،خىزمەتلەرنى يۇرۇشتۇرسە بۇ مەكتەپ چۇقۇمكى ياخشى مەكتەپ كوللىكتىۋى بۇلۇپ ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشىگە كاپالەتلىكقىلالايدۇ. ھەمدە ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر ياخشى ئۈسۈپ يىتىلىدىغان باغچىسىغا ئايلىنىدۇ.بۇنداق كۆڭۈل ئازادىچىلىگى تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنى يېڭىلىق يارتىش يۇلىغا باشلاپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىتىشكە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.

كەلپىن
2008.613-كۈنى تاماملاندى
titik
[ 此贴被turditohti在2008-09-07 02:34重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:09
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 22:59 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مەكتەپ مۇدىرى ئشلارنى ھەققانى بېجىرمسە ئوقۇتقۇچلاردىن ئايرىلىپ بىر تەرەپ بۇلۇپ قالدۇ .كۆرنۈشتە ھەممە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلغاندەك قىلسمۇ لىكن ئشلارنى زورغا قىلشى مۇمكن. زورغا قىلغان ئش ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 09:03 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3499
شۆھرەت: 3290 نۇمۇر
پۇل: 11015 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

دىيارىم مۇنبىرى يوقۇپ كېتىپتىغۇ ؟ نىمە بولدى ؟ نۇرغۇن ئەسەرلىرىمىز يوقاپ كېتىپتۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:23 |
uygurzad
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29874
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

كۆپ قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى<< مىنىڭ مەكتىپىم مۇنداق ،مىنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرىم ئۇنداق ،>>دىگەن گەپلەرنى تولا قىلىدۇ .خۇددى مەكتەپ شۇ بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتىپىدەكلا ، ئوقۇتقۇچىلار خۇددى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەدىكارچىللىرىدەكلا ،
مىنىڭچە مەكتەپ مۇدىرلىرى مىنىڭ مەكتىپىم دىگەندەك گەپلەرنى ئازراق قىلىپ بىزنىڭ مەكتەپ دىيىشنىمۇ ئۆگىنىپ قۇيىشى كىرەك . مىنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرىم ئەمەس بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ،مىنىڭ خىزمەتداشلىرىم دىيشى كىرەك . ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئەملىيەتتە باب باراۋەر ، پەقەت خىزمەت تەخسىماتى ئوخشىمايدۇ خالاس .
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 19:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:41
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号