قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 172 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش ۋە ئۇقۇغۇچى روھى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش ۋە ئۇقۇغۇچى روھى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 gvzal3.8 设置为精华(2008-09-07)
                                    تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش ۋە ئۇقۇغۇچى روھى

                                                      تۇردى توختى
تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش ماھىيەتتە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ ،ئۈزىدىكى ئېتىقات ۋە روھ،ئەخلاقى پەزىلەت ۋە ئادىمىلىك ،گۇمانتارلىق ۋە ئادەملەر ئوترىسىدىكى تۈرلۈك ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا ئىنسانلار جەمىيەتىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسىلەر ۋە بەلگۈلۈك دۇنيا قاراش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇلاردا بىرخىل ئېتىقات ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغاش ئارقىلىق ،ئۇلاردا بىر خىل ئېتىقات شەكىللەندۈرۈپ تەربىيەنىڭ تەسىرىنى مەڭگۈلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت،بۇنداق تەربىيەۋى ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۇقۇغۇچى روھى چۇڭقۇر مۇھابەت بىلەن تولۇدۇدە ئۇقۇتقۇچۇ -ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى تېخمۇ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈرۈپ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈزىنىڭمۇ مۇستىقىل پىكىر قىلالايدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چۈڭقۇر ھىس قىلدۈرغىلى، شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارغا قانداق ئادەم بولۈشنىڭ يۇلىنى كۆرسۈتۈپ بەرگىلى بۇلۇدۇ.بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يۇلىنى كۆرسىتىپ بەرەلىگىى ئۆمرىدە قازانغان ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى،ئەڭ چوڭ غالىبىسىدۇر.
تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش مەسىلىسى ماھىيەتتە ئۇقۇغۇچىلارغا نىمىنى قىلىش،نىمىنى قىلماسلىقنى،قانداق قىلىش لازىملىغىنى روھى ئانالىزىدىن ئۆتىكىزىپ ،ئۇلارغا گۇمانتارلىق(人文学)ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ ئادەملەر ئوترىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى راستچىللىق ۋە كۈيۈنۈش ،مېھرىبانلىق دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمىيەتىنى يەنى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىچە سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ ئادەملەرنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى (ھۇقۇقىنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىگى،ئىقدىسادىنىڭ كۆپ ئازلىغى)بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر ساغلام ئادەم ئىكەنلىكتىنى ئىبارات ئادەملىك ئورنى بىلەن باراۋەر قارايدىغان بىر خىل دۇنيا قارەشنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان تەربىيەۋى شەكلى.
  تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش مەسىلىسى بىر جۇملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇقۇغۇچىلارغا دۇنيانىڭ ھەقىقى ماھىيەتى(ئادەملەر ئارىسىدىكى مېھرىبانلىق)نى توغرا ئىگەنلىتىش توغرىسىدىكى تەربىيەدۇر.
تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش مەسىلىسى دۇنيادىكى بىر قىسىم تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ۋە رايۈنلاردا ئاساسەن يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ئۇلار ئۆز پەرزەنتىلىرىگە ئۆز مىللىتىنىڭ روھىنى سىڭدۈرۈپ مىللىتىگە بولغان ئېتىقاتنى تىكلەپ ،مىللەتنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،مىللىتىنىڭ مۇقەددەسلىگىنى ساقلاپ كەلمەكتە.بۇ خىل روھ شۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىغى قەيسەر ئىرادىسى ،ۋەتەننى سويۈش تۇيغۇسى ئىنسانپەرۋەرلىك روھى قاتارلىقلارنى يىتىلدۈرۈپ،ئاشۇ مىللەتتە بىر خىل ئەجداتىغا تىۋىنىشتەك يۈكسەكلىكنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن ياپۇن مىللىتىنىڭ <<سامۇرۇي>> روھى ....
يەنە خەنزۇلارنىڭ قۇلدەك ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش روھىمۇ مىللىتىنى روناق تاپقۇزۇشتىكى ئەڭگۈشتەر بۇلۇپ ،ئۇلارمۇ ئەجدادتلارىدىن قالغان جاپالىق ئىشلەش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ ،ئەجداتىغا تىۋىنىشتەك يۈكسەكلىكتىن ۋاز كەچمىگەن
ئەمدى بىز مىللىتىمىزنى شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزنى ئانالىز قىلىپ باقايلى بىزنىڭ تەربىيەمىزدە تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشنىڭ كەملىگىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئەجدادىغا تىۋىنىش روھى ئىنتايىن تۈۋەن بولىۋاتىدۇ.
مەسىلەن ئۇيغۇر زىيالىلار قاتلىمىنى مىسالغا ئالساق دۇنيادا ئارستوتىلدىن كىيىن پەلىسىپە يۈكسەكلىگىنى قوزغاپ ،پەلىسىپىدىكى غەرىپ مەرگەز تەلىماتىغا(غەرىپلىكلەرنىڭ شەرىقتە پەلىسىپە يوق،پەلىسىپىۋى كاللىمۇ يوق)دىگەن سەپسىتىسىگە خاتىمە بىرىپ 2-ئۇستاز دەپ نام ئالغان فاربىنى بىلمەيدىغانلار سامان نەرخى تۇرسا ، ئەجداتىغا تىۋىنىش دىگەندىن سوز ئاچقىلى بۇلامدۇ.
بىز ئۆزىمىزدىكى ۋە مائارىپىمىزدىكى تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشتەك تەربىيەۋى ئۇسۇلنىڭ كەملىگىنى دادىللىق بىلەن بىلەن قۇبۇل قىلىپ بۇ نوختا ئۇستىدە ئىزلىنىپ ،مائارىپىمىزدىكى بۇ سەل قارالغان بوشلىقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشتە يەتمەكچى بولغان مەقسەت ئېتىقات ئېڭى ۋە قايىللىق ئېڭى بولىشى كېرەك.
ئېتىقات مەسىلىسى بولسا ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەتمەكچى بولغان مەخسىتىگە يۇغۇرۇلغان ئۇلۇغلاش بۇلۇپ ئادەم قەلبىدە بۇنداق ئۇلۇغلاش(ئېتىقات قىلىش)ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلسا ئادەم شۇ يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلەپ ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۇلىدا تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ھەم بۇ يولدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.بۇ بىز ئۇلۇغلايدىغان،ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان ھەم تىرشىپ بەرپا قىلىدىغان يۇقىرى ئاڭ قاتلىمى بۇلۇپ بۇ خىل ئاڭ كىشىلەرنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇدۇ.
ئېتىقاتنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۈلۈش مۇمكىن بىرى شۇ كىشىنىڭ ئۈزىگە ،جەمىيەتكە،ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان ئادىمىلىكنىڭ يۇقىرى چىكى.يەنە بىرسى بولسا شۇ كىشىنىڭ ئۈزىگە ،جەمىيەتكە،ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقات بۇلۇپ بۇ ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ تۈۋەن نوختىسى(ئادىمى ھەيۋانلىق).
بىز تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشتە چۇقۇم ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى نوختىسى بولغان توغرا ئېتىقاتنى يىتىلدۇرۇشنى ئاخرقى مەخسەت قىلىشىمىز لازىم.(مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئېتىقاتسىز كىشىلەردىن ئادىمى ھايۋانلارنىڭ جەمىيەتكە پايدىسى چوڭ بۇلۇدۇ بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى ئېتىقاتنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ئەۋزەل.بۇنى شۇنداق ئىسپاتلاشقا بۇلۇدىكى فاشىست گېتلىر ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ تۈۋەن چىكىدە ئۈزىگە ئېتىقات تۇرغۇزغان بولسىمۇ ئۇ دۇنيانىڭ ھەربى ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قوشقان يەنى پارۇشۇت بىلەن چۈشۈپ ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى...قاتارلىقلار)شۇنىڭ ئۇچۈن بىز ئادەم تەربىلىگەندە چۇقۇم ئېتىقات تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
قايىل بۇلۇش بولسا كىشىلەرنىڭ مەلۇم شەخسى ،ئىدىيە،جەمىيەتتىكى ۋەقە ھادىسە ۋە تۈرلۈك يېڭىلىقلار ،ئۆزگىرىشلەردىن تەسىرلىنىپ شۇ ئىشنىڭ ياكى كىشىنىڭ جەمىيەتتە ئوينىغان رۇلىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېتىراپ قىلىپ چىندىلىدىن ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەنلىگىنىڭ نەتىچىسى قايىل بۇلۇشمۇ ماھىيەتتە بىر خىل ئېتىقات تۇرغۇزۇلغانلىغىنىڭ بەلگىسىدۇر.
مەيلى ئېتىقات بولسۇن مەيلى قايىل بۇلۇش  بولۇسۇن بىر خىل ئەجداتىغا تىۋىنىشنىڭ مۇھىم بەلگىلىرى بۇلۇپ،بۇ ئەجدادىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل مەدىنىيەت مىراسلىرىنى ئۈزۈلدۇرۇپ قويماي قەتتئى داۋاملاشتۇرۇشتا،تەرەققى قىلدۇرۇشتا  گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتە چۇقۇم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىسىل ئەنئەنىسىنى تەربىيە مەزمۇنى قىلىشتا قەتتئى چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.
مىنىڭچە بىز تەسىرلەندۈرۇپ تەربىلەشتە تۈۋەندىكى ئۇسۇللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز لازىم.
1)ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم.بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلاردا قايىل قىلىش ئېڭى ۋە ئېتىقات يىتىلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە ئاشۇنداق ساپا ھازىرلىشىمىز ،ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ئۇقۇغۇچىلاردا بىر خىل ئېتىقات ئۈندۈرمىسىنى پەيدا قىلىشىمىز لازىم.بىز ئۇقۇغۇچىلارنى ئېتىقاتلىق قىلىپ تەربىلەيمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ئۆزىمىز تىرىشىپ ئۈگۈنۇپ ساپايىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ،كەسپىي ئەخلاقىمىزنى ،شەخسى پەزىلىتىمىزنى ياخشىلاپ، ئۇقۇغۇچىلاردا بىر خىل قايىللىق تۇيغىسىنى شەكىللەندۇرۇپ نىمىنىڭ رەزىللىك نىمىنىڭ گۈزەللىك نىمىنىڭ ئادىمىلىك نىمىنىڭ شەخسىيەتچىلىك،يالغانچڭلىق ،قىزىل كۆزلىك ئىكەنلىگىنى ئۇقۇغۇچىلارغا بىلدۈرىشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم ئۇقۇتقۇچى بولغان كىشى ۋەدىسدە تۇرۇشى،قىلىمەن دىگەن ئىشىنى قانچە توسالغۇ بۇلۇپ،ۋاقىت جەھەتتىن قانچە ئالدىراش بولسىمۇ چۇقۇم قىلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەدىسىدە تۇرۇشنىڭ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇش،قىلماسلىققا تىگەىشلىك ئىشلارنى قەتتئى قىلماسلىق،ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلاردا ئۇقۇغۇچىغا ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك.شۇنداقلا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ياخشى ئىگەنلەپ،ئالاھىدىلىكنى تۇتۇپ تەربىيە بىرىپ ئۇقۇغۇچىلاردا ئۈزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرشىش بىلەن بىرگە ئۇقۇغۇچىغا قەتتئى ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق ،ئادىل باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش لازىم. ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىغا ئىشىنىشى ئۇقۇغۇچىدا ئەڭ تەسىر قوزغايدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى.
2)ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك.ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىنى تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەش جەھەتتە << موللا ھەممىنى بىلەر ،موللا قوپاپ كولگە سىيەر>>دىگەندەك ئىشلاردىن قەتتى ساقلىنىشى لازىم.ئۇقۇغۇچڭ ئۇقۇتقۇچىنى گۈزىتىز ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭھەركىتى ۋە بىلىم سەۋىيەسىگە يۈزەكى باھا بېرىش بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى دوراپ ئۇقۇتقۇچىدىن ئۈگىنىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچى ،ئۇقۇغۇچى-ئۇقۇتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەڭ كىچىك ھالقىلارغىچە دىققەت قىلىشى ،ھەرگەىز ئۇقۇغۇچىغا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىش-ھەركەتلەرنى قىلماسلىغى،گەپ سۆزلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قۇيۇش بىلەن كۈيۈنىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلڭپ بېرىشى،ھەرگەىزمۇ كۆيۈنىش بىلەن قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى بىر-بىربىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويماسلىغى لازىم.
ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا ئاشۇنداق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىشىنەلىسە ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنى ھەقىقى مۇككەممەل ئادەم(دۇنيادا مۇككەممەلىك بولمىسىمۇ)دەپ قاراپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەرىكىتىدىن رازى بۇلۇدۇ.ماھىيەتتە رازى بۇلۇشنىڭ ئۈزى تەسىرلىنىش بۇلۇپ ،بۇندھق تۇيغىغا كەلگەن ئۇقۇغۇچىلار مەڭگۈ ئۇستازىنى ياد ئېتىپ،ئەسلەپ تۇرۇدۇ ھەم ئۈزىنىڭ ھەرىكىتىنى شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەركىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇدۇ.بۇنداق سېغىنىش ۋە ئەسلەش ماھىيەتتە ئەجدادىغا تىۋىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ياش ئۆسمۇرلەردە مىللى ىاسلىقنى ئىلگىرى سۇرۇدۇ.مىللى خاسلىق ماھىيەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىخى شارائىتتا ۋۇقۇتقا كەلتۈرگەن ئىسىل پەزىلەتتۇر.
3)ئۇقۇغۇچىلارغا ئەجداتلىرىمىز ياراتقان ئىسىل مەدىنىيەت مىراسلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارتىش روھى ۋە يېڭىلىق يارتىش روھىنى ھىس قىلدۇرۇ ئەجدادىغا سېغىنىش،ۋەتىنىدىن پەخىرلىنىش تۇيغىسىنى قوزاپ،ئۇلاردا جاپاغا چىداپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئالغا بېسىش روھىنى يىتىلدۇرۇش لازىم.ماھىيەتتە ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئۈزى بىر خىل ئەجدادىغا تارتىش بۇلۇپ،ئۇ ئەجدادىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىشتىكى تەسىرلىنىش روھىنىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى.
تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتە ئەجداتلار ياراتقان مول مەدىنىيەتنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ،ئۇقۇغۇچىلاردا باتۇر،ۋىجدانلىق،ئەخلەقلىق،قىيىنچىلىقلاردىن قورقىمايدىغان پىسخىكىلىق پەزىلەتنى يىتىلدۇرىشىمىز لازىم.
مەسىلەن <<12مۇقام>>دىكى مەزمۇللاردىن پايدىلانساق مۇقامدا تەسۋىرلەنگەن ئەخلاق،پەلىسەپە،قايدە،ئۆرپە-ئادەت،چىۋەرلىك،باتۇرلۇق،مۇھابەت-نەپرەت ئېنىق بۇلۇش،كىشىلەردىكى ئىناق ئىتىپاقلىق ،ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى بېرىدىغان قەھرىمانلىق قاتارلىقلارنى ئۇقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن،ھەر تەرەپلىمە يىتىشكەن پەيلاسۇپلارچە ئىقدىدارىدىن تەسىرلەندۇرۇ ،ئۇلارنىڭ روھىنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ باتۇرلارچە روھىغا چەمبەرچاس باغلاپ ،جاپاغا چىداپ يېڭىلىق يارتىدىغان روھنى يىتىلدۇرىشىمىز لازىم.
4)تارىخى شەخسىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشكە ئەمىيەت بىرىش لازىم.تارىخى شەخسىلەر تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتە ھەم جانلىق ھەم كۈچلۈك رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن:ئۇقۇتقۇچى باتۇرلۇق،مەرتلىك لەۋزىدە تۇرىدىغا قاتارلىقلار توغرەسىدا تەربىيە بەرگەندە سىيىت نوچى،سادىر پەلۋان...قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۇقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش يەنە سىيىت نوچىنىڭ قارا شەھەر دەرۋازىسىنى پەشۋا بىلەن ئاچقان ھىكايىسى،سادىر پەلۋاننىڭ مەنچىڭ خاندالىغىغا قارشى كۈرەش قىلغان  قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىقاتارلىقلارنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.ھەم شۇلارنى ئۈزىگە ئۈلگە قىلماي قالمايدۇ.
يەنە مەسىلەن:ئىلىم پەن  توغرىسىدا ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرگەندە ،ئىلىم-پەن ساھىسىدە دۇنيا ئىتىراپ قىلغان تارىخى شەخسىلىرىمىزدىن فارابى،ناۋايى،مەخمۇت قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،قاتارلىقلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيەت ساھىسىدىكى تۆھپىلىرىنى ئۇقۇغۇچىلارغا سوزلەپ چۈشەندۈرسە كىممۇ تەسىرلەنمەي تۇرالىسۇن.يەنە بابۇرنىڭ مۇقەددەس روھى،سۇلتان سۇتۇق بۇخراخاننىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىختىدارى،ئابدىرىشىت خاننىڭ ئەلسۈيەرلىگى...... قاتارلىقلارنىمۇ ئۇقۇغۇچىلارغابىلدۈرۈپ،ئۇلاردا ئەجداتلاردىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارغا تىۋىنىش تۇيغىسىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.
5)ئۇقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتە يەنە ھازىرقى دەۋرىدىكى رىيال شەخسىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئېيتىپ بىرىش ئارقىلىق ھازىرقىلارنىڭ ئەجدادىغا تىۋىنىز ۋە ئۇلارنىڭ مۇققەددەس مەشئىلىنى قانداق ياندۇرۇپ،تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىگىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش لازىم.بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىمىز لۈشۈننى بىلىدۇ ئابدىشۇككۈر مەھەممەت ئىمىننى بىلمەيدۇ، ،خالوگىننى بىلىدۇ ،ئۆركەش ئىبرايىمىنى بىلمەيدۇ،ۋۇدۇنيۈننى بىلىدۇ ئەمما دۇنيا تىبابەتچىلىكى ھەيرەتتە قالدۇرغان شۆھرەت مۇتەللىپنى بىلمەيدۇ،يومېڭنى بىلىدۇ ئادىلنى بىلمەيدۇ مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا بىزدە بىر خىل ئەجدادىدىن ياتلىشىش پىسخىكىسى باش كۈرۈۋاتىدۇ،بىز ئۇقۇتقۇچىلار بۇ نوختىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ بۇنداق خەتەرلىك ئۈزىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشقا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىمىز بىز يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئىش پالىيەتلىرىنى تۇلۇقى بىلەن بىلسە ئۇلار بۇلاردىن پەخىرلەنمەي،تەسىرلەنمەي ،ئىپتىخارلانماي ئۈزىنى شۇلارنىڭ روھىدا تاۋلىماي قالارمۇ؟مىنىڭچە ئۇقۇغۇچىلار بۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن چۇقۇم تەسىرلىنىدۇ.ھەمدە شۇلارنىڭ ئىزنى بويلاپ مېڭىپ مىللەتكە زور تۆپىلەرنى قۇشۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
6)تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتە يەنە ئۇقۇغۇچىلارغا خەلقىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ،ئۇقۇغۇچىلاردا خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئەمگەكچان، باتۇر،يېڭىلىق يارتىشقا باي خەلق ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈش لازىم.
مەسىلەن:مىڭ ئۆينىڭ تارىخى ۋە ئۈنىڭدا نامايەن بولغا مەدىنىيەت دۈردانىلىرى،ئاپپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭدا نامايەن بولغان ئۇيغۇر مىمارىچىلىغى...قاتارلىقلارنى ئۇقۇغۇچىلارغابىلدۇرۇپ،ئۇلاردا ئەجدادىغا تىۋىنىش ئېڭىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرۈپ،ئۇقۇغۇچىلاردا بەلگۈلۈك دۇنيا قاراش شەكىللەندۇرۈش لازىم.
بىز مىللى مائارىپىمىزدا ۋە خەلق ئىچىدە ئەجدادىغا تىۋىنىش روھىنى يىتىدۈرەلىسە تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگەن بولىمىز.
يېڭى دەرس ئىلاھاتى شارايىتىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە كىشلىك تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بۇلۇپ ،ئەجداتلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەشتەك ئىسىل ئەنئەنىسى خىرسقا دۇچ كەلدى.بىز بۇ نوقتىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىپ،تەسىرلەندۈرۈپ تەربىلەشتىن ئىبارەت تەربىيە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ،ئۇقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەجدادىغا تىۋىنىش،جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى يىتىلدۇرۇپ ،مىللىتىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان بىر ئەۋلات كىشىلەرنى تەربىلەپ چىقىشىمىز لازىم. ئۇقۇغۇچى روھى -ماھىيەتتە مىللەتنىڭ كەلگۈسىدۇر.

#2
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:09
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 22:53 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ئادەم روھىيتى بولسا ئچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . ئەگەر بۇ جەھەتتكى مائىلققنى قولغا كەلتۈرەلىسە . ئۈنۈم ئلگىركىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلۇشى مۇمكن .
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 09:05 |
ilyaruk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 205 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ، مۇھىت، مائارىپ تۈزۈلمىسى زىچ ماشلاشقان ۋەزىيەتتە بۇ  ئىشلارمۇ تەبئى يوسۇندا يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

تەپەككۈرىڭىزگە بەرىكەتلەر تىللەيمەن!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 22:00 |
nopq393
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29672
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 139 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 13:06 |
kalipdax2
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14841
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 78 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز،تەسىرلەندۈرۈپ تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىغانلىقىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن.مەكتەپلەردە بۇ خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ مىللىتىمىزگە خاس يېڭى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-14 01:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 17:41
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号