قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 198 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 104 نۇمۇر
پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 gvzal3.8 执行置顶操作(2008-09-06)
ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش -پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ،مائارىپ ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى سۈپىتىدە كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئالدىغا قۇيۇلدى .جۈملىدىن ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش ۋە ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇمۇمىلاشتۇرۇش كەڭ ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ھەم مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە بىر سۇئال بەلگىسىگە ئايلىنىپ ئۇيغۇر مەدىنىيەت ئاڭ  قاتلىمىدا بىر يېڭى سەيىپە ئاچتى.
   دۇنيادا تەرەققى قىلالمىغان مىللەت تەرەققى قىلغان ۋە دۇنياغا زور ئىقدىسادى،ئىژدىمائى بايلىق ئاتا قىلغان سەركە مىللەتلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەيلى ئۇ قاياققا ماڭغانلىغىنى ھىس قىلسۇن ياكى ھىس قىلمىسۇن ،ئىختىيارسىز ھالدا شۇ مىللەتنىڭ باشلىشى بىلەن يېڭى ئەسىر،يېڭى ئىسلىھات ،يېڭى مەدىنىيەت ئاڭ قاتلىمى قاتارلىق دۇنيا خارەكتىرلىك چوڭ ئۆزگىرىش ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، قاياققا سىلجىشنى ھىس قىلالماي گاڭگىرىغان ھالدا روھى چۈشكۈن ،خۇنۈكلەشكەن قىياپەت بىلەن ئاشۇ ئۆزگۈرۈش ئىچىدە لەيلەپ يۈرۈيدىغان گەپ ئىكەن.
   ساپا مائارىپى يېڭى مەدىنىيەت ئاڭ قاتلىمى سۈپىتىدە ،ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە، دۆۋلىتىمىز چەتئەللەرنىڭ ئىلغار مائارىپ تېخنىكىسى ،ئۇقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى ۋە ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئىجادى قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئېلىمىزگە كىرىپ ،ئېلىمىز مائارىپ سېسىتمىسىدا ئىنىقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى .بۇ ئۆزگىرىش تەبئى ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ سېسىتمىسىدىمۇ كۈچلۈك دولقۇن پەيدا قىلىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كىردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ بۇ كۈچلۈك قاينام ئىچىدە جان تالىشىپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش،ئۇمۇملاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ ماڭدى ھەم ئاز بولمىغان ئىسلاھات،سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپ تىڭرىقاش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىدى .
   ئۇنداق بولسا ساپا مائارىپى دىگەن نىمە؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرىش ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى.نۇرغۇنلىغان مائارىپ خىزمەتچىلىرى،مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ساپا مائارىپى››دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بەرگەن جاۋابى ئوخشاش بولمىدى.بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى،نەزىريىچىلىرى،مائارىپشۇناسلىرى ۋە كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ساپا مائارىپى››دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بەرگەن جاۋابى تېخىمۇ ھەر خىل بولدى.
ياش نەزىريىچى،تەتقىقاتچى ئابدىقادىر جالالىدىن ئۇقۇتقۇچىلارغا سۆزلىگەن لىكسىيىلىردە ،ئىلمىي نەزىريىۋى ماقالىلىرىدا ،گېزىت-ژورناللاردا سۆھبەت بايان قىلغاندا كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى‹‹ (ساپا)سۆزى مائارىپ ئۇقىمىنىڭ ئۈ زىدە ئەزەلدىنلا بار شۇڭا (ساپا مائارىپى)دەپ مائارىپنىڭ ئالدىغا ساپانى قۇشۇپ قۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق ››دەپ مائارىپنىڭ ئەزەلدىنلا كىشىلەرنى مەلۇم ساپاغا ئىگە قىلىپ چىقىدىغانلىغىنى ،شۇڭا نەزىريە جەھەتتىن مائارىپنى سىرلىقلاشتۇرىۋېتىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ كۆزقاراشنى ئوترىغا قويسا يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار ‹‹ساپا مائارىپى››دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئېلىمىز مائارىپ تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىسلىھات دەپ قاراپ ،مائارىپ ئۇقۇمىنى ‹‹ساپا مائارىپى››،‹‹ئەنئەنىۋى مائارىپ ››،‹‹ئىنتىھان مائارىپى››دەپ نەزىريە جەھەتتە بىرنەچچە خىلغا بۈلۈپ چۈشەندۈردى.
يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەر ئۇيغۇر دىېقانلىرىنىلا ئەمەس ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئاساسى قاتلام زىيالىلىرى ،مەدىنىيەت ،سىياسى،ئىقدىسادى، ئىژدىمائى ساھىلەردىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.مانا مۇشۇنداق گاڭگىراش بىلەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ،ئاساسى قاتلام مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى ‹‹ساپا مائارىپ بۇيۇنچە ئۇقۇتۇش قېلىپنى ››تەييارلاپ كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاشۇ قېلىپ ئىچىگە كىرىشكە مەژبۇرلىدى. ‹‹يېڭى قېلىپ››قا كىرگنلەر ‹‹ساپا مائارىپى››،‹‹نىشانلىق ئقۇتۇش››بىلەن شۇغۇللانغان، ‹‹يېڭى قېلىپ››قا كىرمىگەنلەر ‹‹ئەنئەنىۋى مائارىپ››يۆلىنىشى بۇيۇچە دەرس ئۆتكۈچىلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىپ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولدى.
كىيىنكى بىر قىسىم ماتىرياللارساپا مائارىپىغا  تۈۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بىرىپ ،ساپا مائارىپىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى غۇۋا بولسىمۇ كىشىلەرگە كۆرسۈتۈپ بەردى.ساپا مائارىپى:-‹‹شەخسىنىڭ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىيادىنىڭ ئەمىلى ئېتىياجىغا ئاساسەن ،تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسى ساپاسىنى ۋە شەخسىلەرنىڭ ئىندىۋىدال تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۈپكى مەقسەت قىلغان ،تەربىلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ۋە ئاكتىپ روھىغا ئەھمىيەت بىرىش ،ھۆرمەت قىلىش ،شەخسىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى(ئىختىدارىنى)ئېچىش ،ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدال خارەكتىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تۈپكى ئالاھىدىلىك قىلغان مائارىپتۇر››(ئەخمەتقان ئامۇتنىڭ توردىن چۈشۈرگەن تىزىسىدىن ئېلىنىدى) بۇ ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېتقاندا ساپا مائارىپى- ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپكى  مەقسەت قىلغان تەلىم- تەربىيە پالىيىتىدۇر.
قانداقلا بولمىسۇن ساپا مائارىپى  ھازىرقى زامان دۇنيا مائارىپىدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ئاشۇ يۈزلىنىشنى بويلاپ تەرەققى قىلىپ شۇ ئاساستا دۇنيا مائارىپىغا يىتىشۋېلىشى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەدىنىيەت ھادىسىلىردىن ئۆرنەك ئېلىپ ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ دۇنيادىكى باشلامچى مىللەت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم .بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنى بىر مىللەتنىڭ مائارىپى ئۈستىگە ئالالىغان بىلەن ،شۇ مىللەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ بۇلالماسلىغى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاشتا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بۇ ئېغىر مەسئۇليەتنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ھەم ھەر ساھىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرنى باشلامچى قىلىشىمىز لازىم .
ئۇنداق بولسا ،ئۇيغۇرلاردىكى ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر دىھقانلىردىكى مائارىپ ئېڭى زادى قانداق؟
تۈۋەندە مەن ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى توغرىسىدا توختىلىپ ،كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مائارىپ ئېڭى- كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش بۇلۇپمۇ بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئەقلى ئامىللىرى،غەيرى ئەقلى ئامىللىرنى ئېچىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقدىسادى،ئژدىمائى ئورنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە تۆھپە قۇشۇش ئېڭى، ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىلەپ جەمىيەتنىڭ ئىزباسارلىرنى يىتشتۈرۈش ئېڭى،مائارىپ ئارقىلىق تەكەممۇللۇشۇش ئېڭى قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاڭ قاتلاملىرىدا ھازىرلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ئاڭ كىشىلەرنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسىدە ئىپادىلىنىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېتقاندا بۇ بىر خىل مائارىپقا بولغان تۇنۇش مەسىلىسى بۇلۇپ ،قايسى مىللەتنىڭ تۇنۇش مەسىلىسى ئايدىڭ بولسا شۇ مىللەت يىڭىلمەس مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى تۈۋەندىكىدەك بىرقانچە نوختىغا يىغانچاقلىنىپ ،مائارىپنىڭ مەڭگۈلۈكلىگى بىلەن بولغان ئارىلىغى بارغانچە ئۇزىراپ ،خەتەرلىك ھالەتكە بېرىپ ،كىشىنى چۆچۈتكىدەك مەسىلىگە ئايلىنىپ ،مائارىپ ئېڭى نامراتچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مەن ئۈزەم ئاددى يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى،خەلق ئۇقۇتقۇچىلىرى، دېھقان ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئېڭى ۋە مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.
                                           1.         بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ، يىراققا نەزەر سالماسلىق
مائارىپ ئۇ ھازىر تېرىپ ھېلى ھۇسۇل ئالغىلى بولىدىغان دىھقانچىلىق پالىيىتى ئەمەس. ئۇ بىر خىل تەلىم-تەربىيەپالىيىتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يىتىشتۈرگەن مەھسۇلاتنىڭ .ئۈنىمنىى 10-15يىلدا،ھەتتا 15-20يىلددا كۆرگىلى بۇلىدىغان مۇرەككەپ تەلىم-تەربىيە جەريانى.
ھازىر يېزىلاردا،بۇلۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر دىخانلىرى ئۆز پەرزەنتىلىرنى ‹‹9يىللىق مەژبۇريەت مائارىپ قانۇن››نىنىڭ ھۈكىمىدىن قورقۇپ ،تۇلۇقسىز ئوتۇرا مەتەپلەردە ئىلاجىسىز ئۇقۇتىۋاتىدۇ.ئىمكانىيىتى يار بەرسە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىھقانلار باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ پەرزەنتىلىرىنى تۈزۈكراق ئۇقۇتۇشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈزىدىنمۇ نامرات يەنە بىر ئەۋلات ئۇيغۇر دىھقانلىرىنى قاتارغا قۇشۇدۇ .بۇھال ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا.چۈنكى بۇلاردا مائارىپ ئېڭى كەمچىل .مائارىپنىڭ ئقدىسادى قىممەت يارىتىشتەك مۇھىم رۇ لىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ.بۇ مەسىلىدە مىنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىككى خىل تۇنۇش ،ئىككى خىل پۇزۇتسىيە يەنى ئىككى خىل مائارىپ ئېڭى بولدى.
ھىكايەت:مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ناھيىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا بېرىپ ،بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئۈيىگە كىرىپ قالدىم ئۆيدە باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بىر بالا ،ئوتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى يەنە بىر بالا كۆزۈمگە چېلىقتى .مەن تۇنۇشۇم بىلەن تىنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇپ بولغاندىن كىيىن،بۇ ئىككى بالىنىڭ نىمىشقا مەكتەپكە بارمىغانلىغىنى ئۇنىڭدىن سورۇدۇم .(بۇ بىر كەسپىي كىسەل بولسا كېرەك)تۇنۇشۇم دىدى:‹‹مەن تۇغۇلسام دادام مۇشۇ يەردە دىھقانچىلىق قىلىدىكەن،دادامدىن ئاڭلىسام دادامنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇ يەرلىك دىھقان ئىكەن ،مەنمۇ مۇشۇيەردە دىھقانچىلىق قىلىپ جېنىمنى ساقلاپ 5بالامنى بېقىپ كىلىۋاتىمەن ،بالىلار چوڭ بولسىمۇ مۇشۇ يەرلىك دېھقان بۇلۇدۇ ،شۇڭا بۇلارنىڭ مەكتەپكە بارماسلىغى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بولمىسا ئۇلارنىڭ ماڭا قىلىپ بېرىدىغان ئىشىمۇ يوق››دەپ جاۋاپ بەردى.مىنىڭ يۈرۈگۈم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ ‹‹بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇشۇنداق قارامسىلەر ››سورىسام ئۇ ‹‹قانداقلا قارىسام ئۇ كەلگۈسىدىكى دىھقان››دىدى يۇمۇرلۇق قىلىپ .
بۇ كۆرۈنۇشكە ئادەتتىكىدەك مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداقلىغىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئېچىنىشلىق ئىڭراش.بۇنداق خۇنۇكلىكنى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا قەدەمدە بىر ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز .
ھىكايەت: مەن تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيەسىنىڭ 3-پولىكىگە بېرىپ يۇقارقىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم (بۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىمۇ -خەنزۇ ئىشچىلارمۇ كۆتىرە ئالغان يىرىدىن پايدا ئالسا قۇلى پۇل كۆرۈدۇ زىيان تارتىسا قەرزىگە بوغۇلۇدۇ)مەن تۇرغان يەر بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارىلىغى 5-6كىلومىتىر كېلىدۇ خەنزۇ يولداشلار كۈندە بالىلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ قۇيۇپ ،كەچتە مەكتەپتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ .ھىچ بولمىسا كىچىك بالىلارنى چوڭ بالىلارغا قوشۇپ،ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىشنى ھاۋالە قىلىپ بەدەل تۈلەيدۇ.بۇ مەنزىرىلەر مىنى قاتتىق جەلىپ قىلىۋالدى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى بىلەن تۇنۇش بىرىسىدىن سورىدىم‹‹سىز ھەر كۈنى ئىككى بالىڭىزنى ۋىلىسىپىت بىلەن مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىپ چارچاش ھىس قىلمامسىز؟››ئۇ ‹‹ياق جاپا ھىس قىلمايمەن ،پەرزەنتىلىرىمنى ئۇقۇتۇپ ئۈزەمدىن ياخشىراق كۈن كۆرىدىغان ،بىلىملىك ئادەم قىلىپ تەربىلەپ چىقىمەن ،ھەرگىزمۇ ئۈزەمگە ئوخشاش قارا قورساق دىھقان قىلمايمەن،بالىلىرىمنى ئۇقۇتۇش جەريانىدا قانچىلىك جاپا تارتىساممۇ ۋايسىمايمەن.››دىدى.
مانا بۇ بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ساددا پىكىر.بۇ ساددا پىكىر ئىچىدىن سىز بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى كۈرىۋالالايسىز.
بۇ رۇشەن سېلىشتۇرما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مائارىپقا نىسپەتەن ئېغىر ئىللەتلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېىدۇ .بۇنداق ئىللەتنى تۈگەتمەيدىكەنمىز مىللەت گۇمران بۇلۇدۇ.
بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى كۆرگەن مىللەت-گۇمران مىللەتتۇر،يىراقنى كۆرگەن مىللەت-غالىپ مىللەتتۇر.
2.    پۇلنى بىلىمدىن ئەلا كۈرۈپ، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش
   پۇل ھازىرقى ئىقدىسادى قۇرۇلۇشنى مەرگەز قىلىش يولغا قۇيۇلىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا كام بولسا بولمايدىغان ئىدىسادى ۋاستە بۇلۇپ قالدى .بۇ ھال ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئارىسىدا ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئىپادىسىنى تاپماي ،بەلكى باشقىچە يۇسۇندا ئوترىغا چىقتى.
  دۇنيادا ئامرىكا ھەممىدىن قابىل دۆۋلەت ،بۇنى ھەممە ئادەم بۈلىدۇ.بىراق ئامرىكىلىق بىلىم ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىرقىدەك بايلىققا مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يۇلى بىلەن ئىرىشكەن .‹‹سىز ئامرىكىدا يېزا ئىگىلىك ئىشچىسى بۇلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ،بىرقانچە يېزا ئىگىلىك ئالى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈشىڭىز كېرەك››دىگەن ئېقىپ يۈرگەن بۇ سۆز مىنىڭچە مۇبالىغە بولمىسا كېرەك.
   ئۇيغۇرلاردا سودا ئېڭى نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم يىتىلگەن بولسىمۇ لىكىن قىزىلكۆزلۈك ،پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇش ...قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى.قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان بۇ ئىللەتلەر ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ تەرەققىيادىغا بەلگۈلۈك تەسەرلەرنى كۆرسەتتى.
   ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا تۇلۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپلىرىدە مەكتەپتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچى 15-20پىرسەنتكە يېتىدۇ .توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ زۇرىدىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلاردۇر.مەن يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن توخىتىۋالغان ئۇقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەشكە داۋاملىق دىھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تۇرىمەن ،ئۇلارنىڭ بالىسىنى مەكتەپكە بارغۇزماسلىغىدىكى سەۋەپلىرى ئاساسەن ئوخشاش .بەزى بايلار بايلىقلىرىنى باشقۇرۇپ بوللالماي پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپتىن توختىتىۋالسا ،بەزى نامراتلار پەرزەنتىلىرىنى ئاشۇ بايلارغا ئىشلىگىلى بىرىپ ئائىلە قىيىنچىلىغىنى يەڭگۈللەتمەكچى بولغان .مەقسەت بىر- ئۇ بولسىمۇ پۇل.
   ھىكايەت:مەن ئۇقۇغۇچى يىغىش جەريانىدا ،ئۈزەمنىڭ تۇلۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،يېزىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باي بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم.چۈنكى ئۇمۇ بىر بالىسىنى مەكتەپتىن توختىتىۋالغان .‹‹ساۋاقداش››دەپ سورىدىم مەن‹‹ئۈزەڭنىڭ قول ئىلكىدە شۇنچە ئوقەت(پۇل-بايلىق)تۇرۇپ ئوغلۇڭنى نىمىشقا مەكتەپتە ئۇقۇتمايسەن››.‹‹تاغدا مال-چارۋىلىرىم بەك ئايىپ كەتتى 2-3بالىنى ياللىغان بولساممۇ يېنىلا يىتىشەلمەي قالدىم .شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغدا مال- چارۋا باقتۇرۇشقا توغرا كەلدى .بۇنىڭ بىلەن بالا ساۋاتسىز قالدى.ساۋاتسىز تۇرۇپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇسا قانداق بۇلۇدۇ،ئۇقۇيالمايدىكەن.ھازىر ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى خېلىلا سۇۋۇتتى .بۇ بالىنى ئىزدىمىسەڭ››دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ يېنە بىر خىل رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى .پۇلنىلا دەپ مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىق،بۈلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ ،قانداق چىرىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلماسلىق ،ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە بىخارامان ئۇخلىغانلىق
   بىلىمسىز مىللەت- قۇل مىللەتتۇر،روھى گادايلىق- بىر مىللەتنىڭ ئۆلىمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3.چۈشكۈنلىشىپ پۇرسەتنى تۇتماسلىق
چۈشكۈنلۈك-بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ يۇقۇلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇھۇم بەلگىلەرنىڭ بىرسى.مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ ئالغا ئىلگىرلىۋاتقان سەركەردىلەر بار. بۇ نوختىغا ھىچكىم كۆز يۇمىۋالالمايدۇ.جۇملىدىن مەنمۇ بۇ نوختىنى ئېتىراپ قىلىمەن.باشقىلارمۇ ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن.بىراق مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟ئاشۇ ئوننەچچە،بىرنەچە يۈز ئادەمگە تايىنىپ ئولتۇرساق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى قانچىلىك دېرىجىدە بۇلار؟بۇ نوقتىنى مېڭىسى سەگەك ھەرقانداق ئادەم تۇنۇپ يېتەلەيدۇ .بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئالىم،يازغۇچى ،تەتقىقاتچى ،پەيلاسۇپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىقسا بۇلاتتى دىمەكچى ئەمەسمەن-.ئەلۋەتتە.
   بىزنىڭ ئاساسى گەۋدىمىز يېزىلاردا .بىز تەربىلەپ چىققان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاز دىگەندىمۇ 85پۇرسەنتى دىھقان بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئەمدىكى بىزدىكى مۇھۇم مەسئۇليەت ئاشۇ بىر تۈركۈم دىھقانلارنى قانداق تەربىلەپ چىقىشىمىزدا .بىز بۇ مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشتا ئۇلاردا مائارىپقا بولغان توغرا قاراشنى تۇرغۇزۇپ ،ئادەم بولۇشنىڭ يۇلىنى ئۈگۈتۈشىمىز كېرەك.بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزمۇ ئايرىپىلانغا ئولتۇرسا،ماشىنا سېتىۋالسا،ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئىلمىلىگىگە دىققەت قىلىپ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرسە ۋە باشقا زامانىۋى ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسە قىسقىسى دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ ياشىسا ھەرگىز ئۇشۇقچىلىق قىلمايدۇ.چۈنكى بىز خەق تۇغۇلغاندىلا ئىشەك ھارىۋىسىنى قۇچاقلاپ تۇغۇلمىغاندىكىن.
دۆۋلىتىمىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يوغا قويغاندىن بۇيان بۇ شەرىق شامىلىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىقدىسادى،ئىژدىمائى تۈزۈلمىلەرنى ئىسلا قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىرتۇتاش ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ داشقازاننىمۇ چېقىۋاتتى .بۇ ئىسلاھاتقا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ ھەيرانلىق بىلەن ئازاپ ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل پۇزۇتسىيەدە بولدى ھەم بۇ ئىسلاھاتنى زادىلا قۇبۇل قىلالمىدى.بۇنىڭ دۆۋلىتىمىزنىڭ بىر مۇھۇم ئىسلاھاتى ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغان بولسىمۇبۇنىڭ زادى قانداق ئۆزگىرىش ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلمىگەن ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ مەدىنىيەت ئاڭ قاتلىمى جۈملىدىن مائارىپ ئېڭى تېخىمۇ خۇنۇكلىشىپ ،ھىچنىمىسى قالمايۋاتقان داشقازانغا چۈشكۈنلۈك بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرىدىغان يۆلۈنۋېلىش تىپىدىكى ئاڭ نامايەن بۇلۇشقا باشلىدى.
ئەمىليەتتە دۆۋلىتىمىز ئىسلاھاتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈزى ئىش تېپىش ،ھۈكۈمەت يول كۆرسۈتۈش تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىسلاھاتى پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر جىددى سىناق بۇلۇپ ،ياخشىلىرنى تاللاش،ھەر كىم ئۆز قابۇليىتىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىدى.بۇ نوختىنى تۇنۇپ يەتكەن مەدىنىيەتلىك -ساپاسى يۇقىرى مىللەتلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،دەۋرى بىلەن تەڭ ئلگىرلەپ ،رىقابەت ئىچىدىن ئۈزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.بىزدەك مەدىنىيىتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان مىللەتلەر پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىلەلمەي ،ھۈكۈمەتنىڭ بۇنداق ئىسلاھاتىغا گۇمان بىلەن قاراپ ،ھۈكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتى بەك بالدۇر بۇلۇپ كەتتى دەپ قەراپ ،رىقابەت ئالدىدا نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. مەن بۇ نوختىدا كەڭ دىھقانلىرىمىزنى قۇيۇپ تۇرۇپ ،ئوتۇرا قاتلام زىيالىلىرنىڭ بۇ خىل رىقابەتكە تۇتقان پۇزۇتسىيەسىنى ئوترىغا قويماقچى.
ھىكايەت:مەن 2002-يىلى 9-ئايلاردائۇقۇتقۇچىلار ۋە باشقا سۆھبەتداشلىرىم بىلەن بىر سورۇندا جەم بۇلۇپ قالدىم .ئۇلار ھازىرقى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە بەس مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.مەن كۆڭلۈمدە ‹‹ئۇيغۇر زىيالىلىرى چۇقۇم ھازىرقى رىقابەت ۋە خىرىسقا قانداق بەرداشلىق بىرىش مەسىلىسىدە مۇنازىرە قىلىدۇ  ،ھەنىمە دىگەن بىلەن زىيالىلار بىر مىللەتنىڭ غىمىنى يەپ ،شۇ مىللەتكە باشلامچى بۇلۇدۇ ۋە ئۇنى يىتەكلەپ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشدۇ››دەپ ئويلىغان ئىدىم لىكىن بۇ سورۇندا ئاشۇ زىيالىلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە جاھان ئوڭدا دۈم بۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك بىر مەنزىرە كۆرۈندى .سورۇندا بىر ئۇقۇتقۇچى‹‹باللىرىمىزنى ئالى مەكتەپتە نەچچە ئون مىڭ يۈئەن تۆلەپ ئۇقۇتساق ،ئۇنىڭغا ئىش ئورنى بولمىسا ئۇقۇتقاننىڭ نىمە پايدىسى بار››دىسە ،يەنە بىر ئىدارىنى باشقۇرۋاتقان ھۈكۈمەتنىڭ مەمۇرى‹‹بالىنى ئۇقۇتۇپ ئاۋارە بولغۇچە،دەسمايە سېلىپ بىرىپ سودىگەر قىلىپ قويغان تۈزۈك ئوخشايدۇ››دىدى...بۇنداق چۈشكۈنلۈك،روھى گادايلىق ،مىللەتكە مەسئۇل بولماسلىق پىكىرلىرى سورۇننى بىر ئالدى.مۇشۇنداق مەنزىرە ئىچىدە بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆز كۈزۇم بىلەن كۆرگەن مۇنداق ئىككى قېتىملىق ئىش يادىمغا كەلدى.بىرى2001-يىلى6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭدا كۆرگەن ئىش:مەن بېيجىڭ تىئەنئەنمىننىڭ ئالدى تەرىپتىكى 前门(ئالدى قۇۋۇق)دا بازار ئايلىنىپ يۈرسەم بىر قېرى ئايال مەندىن ئازراق پۇل بىرىشنى ئۆتۈندى مەن مەرگىزى شەھەردىكى بۇ مەنزىرىگە قىزىقىپ ‹‹پۇلنى نىمە قىلىسىز،ئۆزىڭىزمۇ ياشىنىپ قېلىپسىز››دەپ سورۇدۇم.ئۇ ‹‹مەن مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن پۇل تېپىپ ،نەۋرەمنى ئۇقۇتۇمەن ››دەپ جاۋاپ بەردى.مەن جاۋاۋىدىن(مەيلى ئۇ بىر خىل ئالدامچىلىق ياكى ئەمىليەت بولسۇن)قاتتىق تەسىرلىنىپ ئازراق پۇل ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردىم.
   يەنە بىرى2001-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە: مەن بىر ئاغاينەم بىلەن مەلۇم بىر كەچلىك بازاردا تۈۋەندىكىدەك مەنزىرىنى كۆردۈم .ئالدىغا خەنزۇچە يېزىق بىلەن 我想上大学(مىنىڭمۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغۇم بار)دىگەن خەت يېزىلغان داستىخان سېلىنغان،17-18ياشلار چاممىسىدىكى خەنزۇ قىزغا كۆزۈم چۈشتى ھام ئاتىغىنىمنى ئۇنىڭغا بەردىم.
.
  مەن ئۆز كۈزەم بىلەن كۆرگەن بۇ ئىككى ئىشتىن(بۇ ئىشلار ئالدامچىلىق ياكى ئەمىليەت بولسۇن)ئۇلاردىكى مائارىپ قارىشىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .بۇ خۇنۈك تۇرمۇشتىن مائارىپ ئېڭى پاقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.مىنىڭچە بىزنىڭ ئوتۇرا قاتلام زىياللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە  قارىغاندا ،ئاشۇلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ئۈمۈتكە تولغان.چۈنكى ئۇلارنىڭ پالىيىتى مائارىپقا باغلانغان ،بىزنىڭ بولسا مائارىپ بىلەن ياتلىشىش تەرەپكە قاراپ ماڭغان.
   مەن يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنى سېلىشتۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ساپاسىدىن،ئورۇنىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىرگە باشقىلار تېرىپىنىدىن شاللىنىپ قېلىشىمىزنىڭ مۇمكىنلىگىنى ئۆكۈنۈش بىلەن ھىس قىلدىم.
   چۈشكۈن مىللەت-ئىنتىلىشىنى يوقاتقان مىللەتتۇر،مائارىپتىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت-كور مىللەتتۇر.
4.دۇنيا بىلىم ئىگىلىگىدە تۇرسا،تەرەققىيات ئېڭى تۈۋەن بۇلۇش
1998-يىلى ئامرىكىنىڭ شۇ ۋاختىدىكى زۇڭتۇڭى كىلىنتۇن ۋاشىنگۇتۇندا قىلغان بىر نۇتىقىدا ‹‹بىلىم ئىگىلىگى›› دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى ئۇنىڭ بۇسۆزنى ئىشلىتىشى دۇنيانىڭ بۈلۈم ئىگىلىگى دەۋرىگە كىرگەنلىگىدىن دەرەك بېرىدىغان مۇھۇم بىشارەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى .دۇنيا مىقياسىدا شۇندىن ئىتىۋارەن ‹‹بىلىم ئىگىلىگى ››دىگەن بۇ سۆز كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.كىشىلەر 21-ئەسىر كىرىش بىلەن دۇنيانىڭ رەسمى ‹‹بىلىم ئىگىلىگى››گە كىرگەنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى.
  بىلىم ئىگىلىگى-ھازىرقى زامان يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكىسىنى يادۇرۇ قىلغان،بىلىم ۋە ئۇچۇر ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىگىلىك .ئۇنىڭ تىزلىكتە باش كۈتۈرۈپ چىقىشى ،جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ ئىقدىساتى باشقۇرۇش سېسىتمىسىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتتى يەنى كىشىلەر تىرىشىپ پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەنلىمىسە ھازىرقى ئقدىساتى،ئىژدىمائى ئورۇنىدىن رەھمىزلارچە شاللىنىپ كەتىدىغانلىغى ئىسپاتلاندى.بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلەن چۈشەنگەن نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر مائارىپ ئارقىلىق يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا بىلىملىرنى ئىگەنلەپ سەگەكلىك بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.دۇنيا تەرەققىيادىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى . بۇ نوقتا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگەتەرەققىيات بىلەن كىرگەن مىللەتلەرنىڭ تىزدىنلا بىلىم ئىگىلىگىگە ماسلىشىپ ،دۇنيادىكى سەركەردە مىللەت بۇلۇپ مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشىدىغانلىغى،بىخوتلۇق قىلىپ دۇنيانىڭ تەرەققىيادىنىڭ قايسى سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى بۈلەلمەي يۈرگەن مىللەتلەرنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىن شىللىنىپ قۇل بولدىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىنىڭ ھور ماشىنىسى دەۋرىگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى-ئۇچۇرلاشقان دەۋرىدىكى دۇنيا ئىقدىسادى بارغانسىرى يەر شارىلاشقانلىقدىن كۆپلىگەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆۋلەتلەر بىلەن تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەر ئوترىسىدىكى پەرىق بىلىم ئۆزلەشتۇرۈش ۋە بىلىم ئىگەنلەش جەھەتتىكى پەرىق بۇلۇۋاتىدۇ .بىلىم ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلاندى.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسسىگە كېلىمىز يۇقىرى پەن مەدىنىيەتكە،يۇقىرى تەرەققىياتقا ئىگە مىللەت باشقا تەرەققى قىلالمىغان مىللەت ۋە دۆۋلەتنى يىتەكلەيدۇ. بۇنداق يىتەكلەش ماھىيەتتە باشقۇرۇش دىگەنلىكتۇر .بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن دۆلىتىمىز رەپپەرلىرى ‹‹يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش يۇلىغا مېڭىش ››،‹‹دۆۋلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش سىتىرادىگىيىسىنى ››ئوترىغا قويدى .بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوترىغا قويۇلدىكى-بىلىم ئىگىلىگى بىر مەيدان باشقۇرۇش ئىنقىلاۋىدۇر .بۇنداق ئىنقىلاپ رەھمىسىز بۇلۇدۇ، غالىپ مىللەتلەر (پەن-تېخنىكىدا)ئاجىز ،قالاق مىللەتلەرنى پەن-تېخنىكا رىقابەت سورۇنىدىن رەھمىسىلارچە شاللاپ چىقىرىپ ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنى قۇل قىلىدۇ.جاڭ زىمېن شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئۈگۈنۈش تىپىدىكى جەمىيەت قۇرايلى ››دەپ جۇڭگۇ خەلقىگە قاتتىق سىگىنال بەردى. بۇ بىلىم ئىگىلىگى ئىنقىلاۋىنىڭ ئادەمنى-ئىقدىساسلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئورۇندىلىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ .
دۇنيادا بىلىم ئىگىلىگىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە،دۇنيانى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بىلىمنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىشىغا زور تۆپىلەرنى قوشقان مىللەتلەر تەبىكى مائارىپ ئېڭى زامانىۋىلاشقان مىللەتلەردۇر.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ باقايلى دۇنيا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگە كىرگەن بىلەن بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىز زادى قانچىلىك؟
يېڭىلىق يارىتىش- بىر مىللەتنىڭ  ئىنسەنىيەت جەمىيىتىنىڭ ماددى ،مەنىۋى تۇرمىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللىشىشىغا ،تېخىمۇ تەكەممۇللىلىشىغا ۋە تەرەققىيادىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۆھپە قۇشۇش روھىنىڭ يەنە بىر خىل رەۋىشتە ئىپادىلىنىشىدۇر.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ خىل روھقا باي مىللەتلەرنىڭ بىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان.مەسىلەن كۇمارا جۇۋارانىڭ تەرجىمانلىق،ناتۇقلىقتىكى ئاجايىپ تۆھپىسى.دۇنيادا ‹‹ئىككىنچى ئۇستاز››دەپ ئۇلۇغلىنپ كەلگەن فارابىنىڭ پەلەسەپە،ماتىماتىكا، فىزىكا،خەمىيەلەرگە قوشقان تۆھپىسى،مەخمۇت قەشقىرىنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋاپىقىيەتلىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا ئەدىبىياتىغا قوشقان ئاجايىپ كۆز قاراشلىرى،ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ دۆۋلەت باشقۇرۇش ئىلمىگە قوشقان ،ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان نەزىريىۋى سېسىتمىلىرى .........‹‹ئون ئىككى مۇقام ››،‹‹خوتەن قەغىزى››،‹‹كىروران گۈزىلى››نىڭ ئۇچىسىدىكى سىپتا تۇقۇلغان يۇڭ رەختلەر،‹‹ئۇيغۇر بىناكارچىلىغى››...........قاتارلىقلار ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بۇلۇپ ،بۇ -ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر خەلقلەردىن ئىكەنلىگىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئەتىدۇ.مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش روھى مىللىتىمىزنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ كەلگەن .بۇنداق روھ بولمىغان بولسا مىللىتىمىز تارىخىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ھازىرقىدەك دۇنيا خىرىسقا ،رىقابەتكە دۇچ كەلگەن بىلىم ئىگىلى دەۋرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ،ھارماي-تالماي،ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان ئالىم ،پاراپپۇسۇر،دوكتۇر، ماگىستىر...لىرىمىز دۇنيا مەدىنىيىتىگە تەسىر كۆرسۇتۇپ تارىخىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ .بىز مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىغىدىن،ياراتقان يېڭىلىقلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز .بىز بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالساق زور بەخىتسىزلىككە يول قويغان بولىمىز .بىز ھازىرقى تەرەققىياتقا ،ئىسلاھاتقا ماسلىشالمايۋاتقان ئاۋام خەلقمىزنىڭ تەرەققىيات ئېڭىنى، مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇشىمىز كېرەك چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 85%دىن ئارتۇقراقى كەتمەننىڭ دەستىسىگە يۈلۈنۈپ ئۇخلىماقتا بۇلاردا دەۋرىگە ئۇيغۇنلىشىش،يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يوق دىيەرلىك .بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى .بۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
(1)    مەغرۇرلىنىش-ئەژداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى مىراسلارغا يۆگۈنۇپ ئۇخلاش .(2)جىمانى سۈپىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ ،جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن تەرەققى قىلالماسلىق.(3)نامراتلىق.(4)قانائەتچانلىق.(5)ئۈزى ئۇستىدە ئويلانماسلىق.(6)ئۈزىنى ئۈزى بىلمەسلىك.(7)خۇراپاتلىق .(8)باشقىلاردىن ئاغرىنىش-يۆلىنىۋېلىش ئېڭى. بۇلار مىللىتىمزدە ساقلىنىۋاتقەن ،مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئېڭىنى بۇغۇپ قويىۋاتقان ئىللەتلەردۇر.
يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت-ئۈزىنى ئۈزى يوق قىلىدىغان مىللەتتۇر،ئۆزى ئۈستىدە ئويلۇنىدىغان مىللەت-يىڭىلمەس مىللەتتۇر.
                         **                                              **                                                            **                                    **
يۇقارقىلار يۈزەكى بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداق ھالەتتە تۇرۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ .بۇ ھال ھەرقانداق كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ ھەم چۈچۈتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋال ۋە رىيانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .بىز ساپا مائارىپى،شامىلى چىقىشقا باشلىغان‹‹دەرس ئىسلاھاتى(مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسلا قىلىش)››قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يولغا قويىمىز دەيدىكەنمىز بىر قولىمىزدا مائارىپ ئىسلاتىنى يەنە بىر قولىمىزدا ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزمايدىكەنمىز ،ھەرقانداق ئىسلىھات ،ھەرقانداق سىناقلىرىمىز مەغلۇپ بۇلۇدۇ.بىز مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئاۋام خەلققە مائارىپنىڭ ئورنى ،رۇلى،ئىختىساسلىقلدارنى يارىتىش بۇلىقى ،ماددى بايلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتۇشنى ئەمىلىلەشتۈرۈش،تۇرمۇشلاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ مېڭىپ ،مائارىپنىڭ پايدىسىنى خەلقىمىزگە ھەقىقى رەۋىشتە بۈلدۈرۈشىمىز كېرەك.خەلقىمىزدە مائارىپقا بولغان تۇنۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ھەرقانداق ئىسلىھاتنى(مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك)ئوڭۇشلۇق يولغا قويغىلى بۇلۇدۇ.
يۇقارقى قاراشلىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا ،كەسىپداشلارنىڭ سەمىمى تەنقىت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.



                                                كەلپىن ناھيە يۈرچى ئوتۇرا مەكتىۋىدىن: تۇردى توختى
                                                                                                                          

                                                                                               2002-يىلى11-ئاي  
                


تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:09
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 22:43 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
hnhmwcn
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 香樟木

偶的工作是种花养草,介绍个好东东给大家认识,银杏 狠好看吧!再介绍几个:多头香樟   香樟 不错吧!想认识更多的好东东就来我的小站转转:湖南长沙跳马花木场
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 00:29 |
zqin0907
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 来了,女性发育不良的救星,圣荷!

女性胸部发育不理想的原因,很大程度上取决于女性身体在青春期发育阶段,所需要的生长素缺乏,而没有正常全面发育所致。结果会造成胸部偏小,左右乳房大小不一,扁平,下垂和萎缩。 泰国的圣荷白高颗天然植物产品在全球的应用已超过15年的历史,通过长期的研究和使用实践表明,产品可以给女性身体内补充青春期发育时所需营养,使女性获得第二次发育的环境,使乳房周围的细胞组织增大及繁殖,促使乳房的增大及坚挺。赞一下,她真的是最好的丰胸产品丰胸食品,您也不必要详尽办法到处寻求丰胸方法了,泰国圣荷丰胸产品的使用简单而且安全,通过短短两个月就可以达到快速丰胸的效果。再者,产品一方面通过促进连接乳头的乳腺管道的加长和不断分支,来增强乳腺组织的发育,并有效地帮助乳房增大
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 04:43 |
zqin0907
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 男人为何花心,女人为何失去吸收力?

    男人为什么喜欢出去找别的女人,其实他们只是为了找回一些当年的感觉;男人为什么总是喜欢年轻漂亮的女孩子,因为那些女孩子能使他再次体验到在您身上久违了的紧缩感。只有紧紧抓住男人的根,才能紧紧抓住男人的心。紧缩而富有弹性的阴道。如何缩阴缩阴方法最好的缩阴产品是女人们私下很关注的一个话题。
     阴道的紧缩与否决定了女性在性生活中的欢愉度与男性的投入程度。女性更注重男性得到满足,为了心爱的男人更有快感,她们有时甚至可以假装出伪高潮,但是她们害怕男人没有快感出去找别的女人。以下三种女人最容易使男人厌倦:
1.生过宝宝的女人--阴道被不可修复性撑大
2.性史超过三年的女人--阴道因使用年限出现老化问题
3.性事频繁的女人--阴道频繁使用逐渐失去收缩弹性

 
Sanalyn(莎娜琳) 主要功效是什么?
⊙ 收紧阴道返还少女般的感觉。在阴道内壁充血时,窄紧度达到基本闭合,一星期内缩窄2-3个量级,
⊙ 排出阴道陈年瘀毒,彻底清除女性下体异味
⊙ 快速增加阴道壁的丰满和弹性
⊙ 改善女性骨盆肌肉韧带松弛
⊙ 提高女性会阴肌和肛门括约肌的提缩张力
⊙ 治疗女性阴道炎、宫颈炎、宫颈糜烂、白带异常等疾病
⊙ 自然漂红阴蒂、阴唇和会阴部的颜色
⊙ 养护卵巢、平衡雌激素和孕激素的正常分泌
⊙ 强有力地自如掌控阴道收紧、放松的约束力
⊙ 尽享性生活当中的主导角色


  
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 04:43 |
zqin0907
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 如何选择丰胸方法呢?

        每一个女性都希望有一对丰满而富有弹性的乳房,使之构成女性特有的流畅、圆润、优美的曲线美。古希腊艺术家雕刻的裸体女性和文艺复兴时期欧洲画家创作的美丽女神中,都突出完美的乳房。做为现代女性应对自身乳房加深了解认识,懂得乳房美的重要性,及如何保护维持乳房美的形态等等,以“挺起胸膛做人”。 自古乳房就是女性的象征,如果没有丰满的乳房,女性就感到很自悲,有很多难言之隐,就各方面都受到很多打击,深深体会到乳房的重要性,有很多女性朋友盲目的用怎样快速丰胸产品,没有选择适当的丰胸产品丰胸方法而出现很多盲区,很多丰胸产品也应顺而出,如果不正当选择好的丰胸产品的话,也是很苦恼的   畅销全球 十年的丰胸品牌泰国圣荷!因为是纯植物成分提起的,不会有副作用,也不会有任何的反弹,朋友们可以尝试下的!
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 04:44 |
ilyaruk
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 205 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئالدى بىلەن تۇردى توختى توردىشىمىزغا رەھمەتلەر ياغسۇن!!!
ئاجايىپ ياخشى پىكىرلەرنى قىلىپسىز، ئەسلىدە بىز مۇنازىرە قىلىدىغان، كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر دەل مۇشۇنداق ، مائارىپ، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەسىدىكى جانغا ئەس قاتىدىغان مەسىلىلەر ئىدى، مەن بۇتېمىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى بۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇ ، بىرمۇ ئىنكاس بولماپتۇ، بۇ قانداق بولغىنى ،بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئويلاپ باقايلى تورداشلار، جەڭگى-جىدەل، غەيۋەت-شىكايەت، ناخشا-ئۇسۇل تۈسىنى ئالغان تېما بولغان بولسا ، بۇ يەر ئاللىقاچان قىزىپ كەتكەن بولاتتى....
بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ< X ئارتىس ناخشا ئېيتىپ تۇرۇپ،ئۆلۈپ قاپتۇ> دەپ چىقىرىپ بېقىڭلار ، ئەھۋال قانداق بولاركىن، بىر سائەتتە چېكىلىش قېتىم سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتمىسە مانا مەن....

بولسا ، ئا يوقارقى، ....لاپ تەتەينىڭ چاتىرقىغا  قىسىلۋالغان تازلىق قەغەزلىرىنى تازلاپ ما تېمىنى بىر پاكىزلەپ قويساڭلار دىگەن ئۈمۈدتىمەن!!!!!


ساپا مارىپى ھەققىدە ئابدىقادىر جالالىدىن ئەپەندىگە ئوخشاش ئويلاپتىكەنمەن، راسلا مائارىپنىڭ تۈپكى مەقسىدى يەنە شۇ ساپا تۇرسا يەنە ئۇنى< ساپا مائارىپى> دەپ <يېڭىچە> بىر نەرسە قىلىۋالغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى، ئىشلارنى مۇرەلككەپلەرشتۈرۈپ.
مەيلى قۇللۇق جەمىيەت بولسۇن مەيلى فىئوداللىق جەمىيەت بولسۇن، مەيلى ھازىرقى جەمىيەت بولسۇن ئوقۇتۇش،مائارىپنىڭ مەقسىدى يەنىلە شۇ ساپا يەنى ئادەمنى ياخشىراق قىلىپ تەربىيىلەش مەسىلسىغۇ-شۇ. مېنىڭچە مەيلى <ساپا مائارىپى>بولسۇن
مەيلى ئاتلمىش ئىمتاھان مائارىپى بولسۇن مەسلە ئۇلارنىڭ ئىسمىدا ياكى نامىدا ئەمەس، بەلىكى دەل تۈزۈلمە (مائارىپ تۈزۈلمىسى)، ئۇسۇل، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىدۇر دەپ قارايمەن.بىز دەۋاتقان <ئىمتاھان مائارىپى >مۇ  ئوخشاشلا ساپانى مەقسەد قىلغان ،لېكىن ئۇسۇلى خاتا بولغان، دەپ قارايمەن.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 21:57 |
sally7989
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 169 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 buy cheap age of conan gold aoc gold

Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:52 |
zhoufan123
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 供应过滤机

好文章好论坛就要支持..顶楼主

宜兴市昌华过滤器材有限公司专业从事生产过滤机及微孔过滤机制造商,在生产和销售过滤机方面有独特优势,热忱欢迎广大新老客户前来我公司选购过滤机
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 07:10 |
zhoufan123
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 wedding

good.....ding


wedding dress tailor-made service at reasonable price let your wedding day perfect. We can provide a variety of wedding gown. All of these wedding gown are handcrafted. They are fashionable, delicately attractive and exceptionally well-made
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 07:11 |
kutuman
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29758
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12

 

بۇ تېمىنى يازغان تۇردى توختىغا رەخمەت .مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۇش ئارقىلىق بىزنىڭ مائارىپقا قانچىلىك كۆڭۇل بولدىغانكىقىمىز  كۆرنىپ تۇرۇپتۇۇ.
ھەقىقەتەن بىز ناخشا مۇزىكىغا كۆڭۇل بولگەندەك ئوقۇتۇشقا كۆڭۇل بولمەيمىز شۇڭا بىز باشقا قىرىنداش مىللەتلەر ئارقىسىدا قىلۋاتىمىز........................................
باشقا گەپلەرنى قىلىش ھاجەتسىز .مەنچە ئىليارۇقنىڭ پىكرى شۇنچىلىك ئورۇنلۇق .
مەن بۇ تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت باسقان دەدىمىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى تېلەش بىلەن بىللە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ يوللاپ بىرشىنى ئۇمۇت قىلمەن.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 09:14 |
salam0999
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 266 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تېمىنى ئوقۇشقا ۋاقتىم سەل يەتمەي قالدى  .ماقالنى كېيىن ئوقاي . بىراق شۇ راستىنى دىسەم شۇ ساپا مائارىپى دىسە شۇنداق ئىچىم پۇشىدۇ . نىمە ساپا مائارىپى دىگەن مائارىپ دىگەننىڭ ئۆزى شۇ ساپالىق قىلىش دىگەنلىك تۇرسا يەنە نىمە ساپا مائارىپى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  توغرىسىنى دىسەم بۇنىڭ يەنە ئادەم ئالدايدىغان بىر ئويۇن بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن . خۇددى قوش تىل ، ئىككى ئاساسەن دىگەندەك .
retim BLOG
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 11:50 |
salam0999
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 266 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

باشقۇرغىچىلار پادا بىقىۋاتامدۇ ؟  ئاۋۇ ئۈستىدىكى نىمە قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەر ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 11:52 |
salam0999
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
پۇل: 266 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

بۇ تېمىدىكى ئاۋۇ قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەر تېخىچە ئۆچمەپتۇ . قارىغاندا باشقۇرغۇچىلار دىبا غا كىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ .
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-12 23:32 |
w75666
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29855
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 21:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-16 08:15
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号