قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 71 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا ھەددىدىن ... پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turditohti
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 144 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا ھەددىدىن ...

0
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق قىزىپ كەتمەسلىك كېرەك

1990-يىلنىڭ ئالدىقى يېرىمىدىن باشلاپ دۆۋلىتىمىزنىڭ مائارىپ ساھىسىمۇ باشقا ساھىلەرگە ئوخشاشلا مائارىپ ئىسلاھاتلارنى، باشقا ھەرقانداق ۋاقىتلارغا قارىغاندا ھەم تىز ھەم شىددەتلىك ئېلىپ باردى.بۇ مەكتەپلەر ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇران-چاپقۇنلۇق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ،كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى ۋە مائارىپ خىزمەتچى- لىرىنى گاڭگىرىتىپ قويدى .بۇ ئىسلاھەتلار ،ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇنۇپلا يۈز بەردى .بۇنىڭ بىلەن كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئېڭىدا تۇر-
لۈك ئۇقۇتۇش ئۇسۇللرى ۋە تۈرلۈك ئسلاھاتلانىڭ ساقىندىلىرى ئارىلىشىپ ،غەلىتە ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى.مەسىلەن:ماتىماتىكا دەرسى ئۆتىۋېتىپ تۇرۇپلا
ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن ئارىيە ئۇرۇنلاش...قا ئوخشاش ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى.
ئەلۋەتتە ئۇقۇغۇچىلار چارچىغاندا چۇقۇم دىققەتنى يۆتكەپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك .ماتىماتىكا ئۆتكەندە دىقەتنى يۆتكەشكە توغرا كەلسە چۇقۇم قىزىقارلىق ماتىماتىكىلىق ئويۇنلاغا تەشكىنلەپ دىققەتنى يۆتكەش لازىم.شۇ ئارقىلىق ھەم ئۇقۇغۇچىلارنى ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىگە ھەم ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.  ھەممىدىن قىزىق يىرى شۇكى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇشۇپ كىلىۋاتقان دۆۋلىتىمىز مائارىپىدىكى بۇ ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى يەنەبىرىنى ئاساسەن ئىنكار قىلىپ كەلدى.ساپا مائارىپنىڭ قوللۇنۇلۇشى بىلەن     ‹‹ئەنئەنىۋى مائارىپ››ئىنكار قىلىنىدى.
   يۇقارقىدەك ئىنكار قىلىشنى تۈۋەندىكى پاكىتلاردىن كۈرۈپ ئالالايمىز .1999-يىلى 13-ئىيۇن‹‹ج ك پ مەرگىزى كومىتىتى ،گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان قىلىندى.بۇ ئاساسى مائارىپ ساھىسىدىكى بىر قېتىملىق چۇڭقۇر ئىنقىلاپ ،مائارىپ فاڭجىنىنى-
ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۇك تەدبىرى دەپ قارىلىپ، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق .تەشۋىق قىلىشقىلا بۇلىدىغان تەشۋىقات قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىپ كۆككە كۈتۈردۈق.يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹ئىنتىھان مائارىپى››نى ئىنكار قىلىشقا باشلىدۇق.
   مەسىلەن: دۆۋلەت مائارىپ كومىتىتىئاساسى مائارىپ مەككىمىسىدىكى دوكتۇر ۋاڭ دېڭخۇا قاتارلىق تۆت نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ‹‹ساپا مائارىپىغا دائىر سۇئال-جاۋاپلار››
دىگەن كىتاۋىدا‹‹ ‹ئىنتىھان مائارىپى›نى سەلبىي مەنىدىكى سۆز دىيىشكە بۇلۇدۇ››دەپ ‹‹ئىنتىھان مائارىپى››نىڭ قوش تىرناققا ئېلىنىپ ئىستىمال قىلىنغانلىغى ئۈچۈنلا، ئۇنى-  سەلبىي مەنىگە  ئىگە دەپ چۈشەندۇرگەن .
يەنە بەزىلەر ‹‹ئىنتىھان مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىدىكى سەۋەپ دۆۋلەتنىڭ ئېتىياجى ،شەخسىنىڭ ئېتىياجى ئەمەس ››دەپ قاراپ ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق شەخسىنى تەربىلەش-
تىكى رۇلىنى يوققا چىقاردى .قىسقىسى ساپا مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەلۋىلەرچە كۆككە كۈتۈرۈپ ،ئۇنىڭ يەتەرسىزلىگى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىدى .بۇنىڭ بىلەن بۇ مائارىپ ساھىسىدىكى ‹‹مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنقىلاپ››نىڭ بورىنى قىسقىغىنا 6-7يىلدا ئاستا-ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى .ئەلۋەتتە تەتقىقاتچىلىرىمىز ،ئالىملىرىمىز ،مائارىپ ساھىسىدىكى نۇپۇزلۇق ،تەجىربىلىك كىشىلىرىمىز ساپا مائارىپىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگىلا ئېسىلىۋالماي ،كەمچىلىك،يىتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە،ئۇنىڭ يولغا قۇيۇلىشىدىكى شەرت-شارائىتلار ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانغان بولسا ئۇ ‹‹ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپ ،تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق ››بۇلۇپ قالماس بۇلار ئىدى.
  تەلئەت قادىرىنىڭ ‹‹بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق››دىگەن بۇ سۆزىدىن يەنە ئىنكارچىلىق پۇراپ تۇرۇدۇ .بۇنداق ئىنكارچىلىق تەبئى ھالدا ‹‹يېڭى دەرس ئىسلاھاتى››نىڭ يولغا قۇيۇلۇشى،تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ئەمىلى قولۇنۇلۇشىدا بىر مەيدان قىزغىنلىق (قىزىپ كىتىش دولقۇنى)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى بەزىلەر چۈشەندۈرۈپ‹‹ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى ئىسلا قىلىش ››دەپ قاراپ ،بەش قولنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئېغىزىغا سالدى .ئۇلار بۇنداق  چوڭ ئىنقالاپ خارەكتىرلىك ئىسلاھاتنى بىراقلا ئۇرۇندىماقچى بۇلۇۋاتىدۇ .بۇنداق ئەھۋالمۇ قىزىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مۇھۇم سەۋەپلەرنىڭ بىرىسى.بۇ خىلدىكى ئىسلاھاتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى چوڭ بۇلۇپ ،ئېغىزدىكى گەپ بىلەن ئۇرۇنداش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە .
  يېڭى دەرس ئۇقۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە يەنى دەرس تەييارلاش،دەرس ئۆتۈش ،سىنىپتىكى دەرسنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش،تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش،ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتى،ئۇقۇغۇچىنىڭ ئورۇنى،مەكتەپ باشقۇرۇش...قاتارلىقلارنى شەكىل جەھەتتىن ئىسلاھ قىلالىسىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن(كىشلەرنىڭ مائارىپ ئېڭى )ئىسلاھ قىلىش بىز ئالدىرىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس .ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋلەت قول تىقمىسا ھەل بولمايدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت ،رايۇنىمىز ئىقدىسادى جەھەت-
تىن قالاق.
بىز بىر خىل ئىسلاھاتنى يولغا قۇيغاندا چۇقۇم ‹‹بىرنىڭ ئىككىگە بۈلۈنىش››نوقتىنەزىرى بۇيۇچە ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى كۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قەنداق ئەگەشمە مە-
سىلىلەرنى پەيدا قىلىش ئېتىمالى بالىغىغىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز لازىم.يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بىر يېڭى شەيئى بۇنداق ئۈستىقۇرۇلمىدىكى ئۆزگىرىش ئىقدىسادى بازىسنىڭ
تەلىۋىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن يىڭىلمەس ئۇرۇندا تۇرۇدۇ.چۈنكى يېڭى شەيئى يىڭلمەستۇر .يېڭى شەيئى يىڭىلمەستۇر دىگەنلىك ئۇنىڭدا ئازراقمۇ نوقسا كە-
مچىلىك يوق دىەەنلىك ئەمەس . يېڭى شەيئىنىڭ خۇسۇسىيەتىگە قارايدىغان بولساق يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ زىمىنىدا مەيدانغا كېلىدۇ ،كونا شەيئىنىڭ ئىلغار ،مۇۋاپىق تەرە-
پلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈزىنىڭ ئۈستۈنلىگىگە ئاساس سالىدۇ.
  يۇقارقى يېڭى شەيئىنىڭ خۇسۇسىيەتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە ئىرىشىمىزكى يېڭى شەيئى ئۆز ئۈستۇنلىگىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چۇقۇم كونا شەيئىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تەنقىدى قۇبۇل قىلىپ ،ئۈزىدىكى ئارۇقچىلىقلارنى تەدرىجى جارى قىلدۇرۇپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلىسە ئاندىن ئۈزىنىڭ يىڭىلمەس ئۇرۇننى ساقلاپ قالالايدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ خەلىق ئىچىدىن ئۇرۇن ئېلىپ يىلتىز تارتىشى مۇمكىن ئەمەس.
  مەن تۈۋەندە ساپا مائارىپى ئېلىپ كەلگەن ئەگەشمە ‹‹كىسەللىك››لەر ئۈستىدە توختىلىپ ،يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى پۇختا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىپ،يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشىدا ھەدىدىن ئارۇق قىزىپ كىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۈرۈرلىگى توغرىسىدا كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ساپا مائارىپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتا قوللۇنۇلۇشى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئامىللىرى ۋە غەيرى ئەقلى ئامىلىرنى ئېچىشتا،ھەر تەرەپلەمە ئىختىدارىنى يىتىلدۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم ھا-
سىل قىلغان بولسىمۇ (مەن بۇ يەردە ساپا مائارىپىنىڭ ئارتۇچىلىغى ئۈستىدە توختالمايمەن چۈنكى بۇ نوختىدا كەسىپداشلار خېلى ئېدىتلىق توختىلىپ ،كۆزقاراشلىرىنى ئوترىغا
قويغان)ئارقىدىن ئۇلۇنۇپلا ساپا مائارىپىنىڭ يىتىشسىزلىكلىرى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا كۈرۈلۈشكە باشلىدى.
1.ساپا مائارىپى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنىڭ تۇتقان ئۇرۇنى مەسىلىسىدەھەدەپ ئۇقۇغۇچىنىڭ ئورۇننى كۆككە كۆتۈرۈپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇرۇنىغا سەل قارىغانلىقتىن مەكتەپتە
ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمەيدىغان ،تىرىشىپ ئۈگەنمەيدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلىشكە باشلىدى
ساپا مائارىپى ئۇمۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە تۇتقان ئۇرۇنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى ،بۇنداق ئورۇن جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولغان ئۇقۇغۇچىلاردا ئاستا-ئاستا خارەكتىر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك شەكىللىنىپ ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەسىنى ئاڭلىمايدىغان ئاڭلىسىمۇ رىئيە قىلماي،ئۈزىنىڭ قىلىقلىرىنى
يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىدىغان مەسىلىلەر داۋاملىق سادىر بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ .ئۇرۇن جەھەتتىن ئۇقۇغۇچىلانىڭ ھۇقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بۇلۇشى بۇ، ئادەم خۇشال بۇلۇشقا تىگىشلىك ياخشى ئىش .بۇنىڭدىن كاللىسى سەزگۈر ھەرقانداق ئادەم پەخىرلىنىدۇ .مائارىپ ھادىسىسى ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ مۇ-
ناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە .شۇنداق بولغان ئىكەن چۇقۇم ئۇقۇغۇچى بىلەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئورنى باراۋەر بۇلىشى كەرەككى
ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەھەتتە ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇرۇنى تۈۋەن بۇلۇپ قالىدىكەن بۇنداق جەرياننى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانى دىگىلى بولمايدۇ.بۇنداق مائارىپ ھادىسىسىنى مائارىپ ھادىسىسى دىيىشكىمۇ بولمايدۇ.ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە تۇتقان ئورنى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ ئورۇن جەھەتتىن ئۇقۇتقۇچى-
دىن يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرۇشقا يۈزلەندى .ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىغا قورۇقماي تەنقىت-تەربىيە بەرەلمەيدىغان ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالدى .دۆۋلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىمۇ ھە
دەپ ئۇقۇغۇچىنىڭ قانۇنى ھۇقۇقىنى كۆككە كۈتۈرۈپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىغى ئۈستىدە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ،ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن ھەقىقى تايانچى كۈچكە
ئايلاندى.ئۇقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئەھۋاللىرىغا قاندانداق چارە كۈرۈلىدىغانلىغى توغرىسىدا بىرەرمۇ بەلگىلىمە يوق.مەسەلەن:ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىنى ھا-
قارەت قىلسا ،ئۇرسا،سىنىپتىكى دەرسنىڭ ئۆتۈلىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلسا...قانداق چارە كۈرۈلۈدۇ دىگەنگە ئوخشاش.مەن بۇ يەردە شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى ئۇقۇغۇچىنىڭ
قانۇنى ھۇقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان،ھۇقۇق-مەنپەتىنى قوغدايدىغان قانۇن بەلگىلىمىلەر باركەنۇ ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھۇقۇقۇق-مەنپەتى،ئىززەت-ھۆرمىتى يوقمىكەن؟
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلۇشى بىلەنلا ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۇدىدىغان ئورنى ساپا مائارىپىدىكىدىنمۇ بەكرەك تەكىتلىنىۋاتىدۇ.بۇ تارىختا مىسلى كورۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى بۇ ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئورۇن جەھەتىكى غايەت زور سەكرەش ،ئازادە ئۈگۈنىشنىڭ ،تەپەككۇر قىلىشنىڭ ،پىكىر يۈرگۈزىشىنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى ئىدى بىراق ئۇقۇغۇچىلار بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەش ئورنىغا خىلمۇ-خىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ئورۇن جەھەتتە ئۈزىدىن تۈۋەن تۇرىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۈتۈش،ئۆزلەشتۈرۈش،سۈپەتنى ئۆستۇرۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا .
مەسىلەن:ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ماتىريال ئېلىپ كەلمەسلىگىدەك ئەھۋاللار يامراپ كەتتى،مەكتەپكە كىلىپ دەرسكە كىرمەي لاغايلاپ يۇرۈيدىغان ئۇقۇغۇچىلانىڭ كۆپىيىشى ئۇقۇتقۇچىنىڭ زىھنىنى خورىتىۋاتتى ،بەزى ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىنى دەرسخانىدىن(بۇلۇپمۇ ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنى)قوغلاپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلمەكتە ....
يۇقارقىلار بىر ئۇبىكتىپ رىيانلىق بۇ رىيانلىقنى كەلتۇرۇپ چىقارغان مائارىپ سىياسىتى تۈزىدىغان مۇتىخەسسىزلەر،تەتقىقاتچىلار نىمە ئۈچۈن تەرەققى قىلالمىغان يېزا-قىشلاق-
لارنىمۇ تەكشۈرۈپ سىياسەت تۈزمەيسىلەر؟قۇلاڭلاردا قانۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدىن بېسىپ تۇرغان مائارىپ مەمۇرىلىرى سىلەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى ئورنى،ئىزەت ئابرۇيىنى قاچان ئويلىشىسىلەر!؟ئۇقۇتقۇچى گۇناككار،ئۇقۇغۇچى زالىم بولغان مائارىپنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلار؟
2. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنىلىگى كۆپ تەكىتلەنگەنلىگى ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلاردا يامان سۈپەتلىك
خارەكتىر ئۈستۈنلىگى كۈرۈلۈشكە باشلىدى
  ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن مەيلى دەرسخانىڭ ئىچىدە بولسۇن مەيلى دەرسخانىنىڭ سىرتىدا بولسۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىگى ھەر تەرەپلىمە تەكىتلەنگنلىگى
ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلاردا تەبئىي ئەركىنلىككە ئىنتىلىش،ئىنتىزامنى كەرەك قىلماسلىقتەك يامان سۈپەتلىك خارەكتىر شەكىللىنىشكە باشلىدى .بۇنداق يامان سۈپەتلىك خارەكتىر ئۈستۈنلىگى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۇرلۇك مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپچى بولدى.بۇلۇپمۇ ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى گەۋدىلىك بولدى .
  ئەركىنلىك ئىنتىزام بىلەن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە بۇلىشى كېرەك .ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ چەكتىن ئېشىپ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرپ چىقىرىپ ،مائارىپ
قانۇنىيەتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن.ھازىر مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ يولغا قۇيۇۋاتقان مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن،مىزانلارنىڭ ھىچقايسىسىدە ئۇقۇغۇچىنىڭ
ئىنتىزام جەھاتتىكى قىلىقسىز قىلمىشلىرىغا بىرىلىدىغان جازانىڭ تۈرى ئوترىغا قۇيۇلمىغان.بۇنداق ئەھۋالدا ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقىنى قانداق ياخشىلىغىلى بۇلۇدۇ.يالغۇز ‹‹ئۇقۇغۇچىلار قايدىسى››‹‹ھارىكەت ئۆلچىمى››گە تايىنىپ ھەل قىلىپ كىتىش مۈمكىن ئەمەس .مىنىڭچە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قۇيۇدىغان
ئەمىلى تەتبىر بۇلۇشى لازىم .مەسەلەن:كۇرىيەدە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى ئورنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇقۇ-
تقۇچىغا بەلگۈلۈك ھۇقۇقۇقلارنى بىرىشتىن سىرت تۇلۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىغا ئۇزۇنلىغى60سانتىمىتىر دىيامىتىرى2سانتىمىتىر ،باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىغا
ئۇزۇنلىغى50سانتىمىتىر،دىيامىتىرى1.5سانتىمىتىر كەلىدىغان قېتىشما تاياق تەييارلاپ بەرگەن(بۇ مەسىلە دۇنيا مائارىپ مۇتىخەسسىزلىرى ئىچىدە زور تالاش-تارتىش قوزغاپ دۇنيانى
زىل-زىلگە كەلتۈرىۋاتتى)بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئۇقۇتقۇچىنىڭ تۇتقان ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
   بىزنىڭ قانۇن نىزاملىرىمىزدا ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەركىلىگى كۆپ تەكتلىنىپ ،ئۇقۇتقۇچىغا بىرىلىدىغان جازا(مەمۇرى جەھەتتىن)ئوترىغا قۇيۇغانلىقتىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىر جەھەتتىن ساغلام تەربىلىنىشىگە تەسىر يىتىپ ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپمۇ ئوغۇل ئۇقۇغۇچىلاردا توغرا بولمىغان خارەكتىر ئۈستۈلىگى باش كۈتۈرۈپ مەكتەپلىرىمىزدە ئىلگىرى كۈرۈلۇپ باقمىغان غەلىتە ئەھۋاللار مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى.
   مەسىلەن:ئوغۇل ئۇقۇقۇغۇچىلار ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ،بەزى ئاز ساندىكى ئۇقۇغۇچىلار ھەتتا ئۇقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان،ئۇقۇتقۇچىنى ھاقارەت قىلىدىغان،ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىغا ئۈگۈنىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە ‹‹ئۈگەنمىسەم سىنىڭ نىمە كارىڭ››دەيدىغان ئەھۋاللار مەيدانغا كىلىپ، ‹‹قاپ يۈرەك››ئۇقۇغۇ-
چىلارئاستا-ئاستاباشقا ئۇقۇغۇچىلارغا تەسىر كۈرسىتىپ ‹‹قاپ يۈرەكلەر›› ئۇقۇتۇش سورۇنلىرىدا كۆپىيىشكە باشلىدى ھەم بەلگۈلۈك سالماقنى ئىگەنلىدى.ئۇقۇغۇچىلاردىكى بۇ
نداق غەيرى نورمال خارەكتىر ئۈستۈنلىگى(بۇلۇپمۇ ئوغۇل ئۇقۇغۇچىلاردىكى)تەبىي ھالدا ئوغۇل ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ   چىقاردى،
نەتىچىنىڭ بۇنداق تۈۋەن بۇلۇشى ئۇقۇغۇچىلادا مەكتەپتىن بىزار بۇلۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ،يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇقۇغۇچىنىڭ   توختىۋېلىش نىسپىتى يۇقۇرۇلاپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىغىنى سۇسلاشتۇرىۋاتتى.يەنە بەزى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ‹‹ ئەركىنلىگى››شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى مەكتەپكە ياكى ھۈكۈمەت ھەقسىز بەرگەن كىتاپ ماتىرياللىرىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ ،ياكى ئۈزى سېتىۋالىدىغان ئىككى موچەنلىك دەپتەردىن بىرنى بوغچىسىغا سېلىۋالمايدۇ ھەم ئۇنى سېلىۋالىدىغان بوغچىسىمۇ يوق.بۇنداق
ئەھۋالدا ئۇقۇتقۇچى ھە دىسە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان چۈنكى بۇ ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن تەربىيىسىنى ئاڭلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،مۇشۇ قىلىقلىرىنى ئوزىمىزنىڭ ئەرگىنلىگى دەپ چۈشەنگەن.
  ھەي بىچارە ئۇقۇتقۇچىلار...!
3.دەرسنى قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتۈش زىيادە تەكىتلەنگەنلىكتىن شەكىل(ئۇسۇل)جەھەتتىن غەلەتە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كىلىپ قىزىقارلىق ھەجىۋىلىككە ئايلىنىپ دەرسخانا سۈنئىلىشىپ كەتتى
ساپا مائارىپى ئۇمۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ،ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى ،مەكتەپلەر بەس-بەس بىلەن ئۇقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنلىرنى ئېچىپ ئۇقۇتۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى جەريانىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى .بۇنىڭ بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى كۈرەك دەرسلەر كۆپلەپ ئۆتۈلىشكە باشلىدى .بۇ دەرسلەرنىڭ ياخشى ئۆتۈلگەنلىرىمۇ ،نەتىچىسىز چىققانلىرىمۇ ھەتتا خاتا ئۆتۈلگەنلىرىمۇ قارا قۇيۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى چۈنكى بۇ دەرسلەرنىڭ ئىچىگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يوتكەيدىغان قىزىقارلىق ئۇيۇن،ئەمىليەت پالىيەتلىرى قىستۇرۇلغان.بۇ قىستۇرمىلارنىڭ شۇ دەرس مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوقمۇ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلالىدىمۇ-قىلالمىدىمۇ بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق.
(1)    دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىكى سۈنئىلىك: مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ،تەتقىتچىلىرى،مەكتەپلەر ساپا مائارىپ جەريانىدا سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پالىيىتىنى جاللاندۇرۇش توغرىسىدا ئۇقۇتقۇچىلارغا بېسىم خارەكتىرلىك بۇيرۇقلانى چۈشۈرۈپ تۇرغاچقا سىنىپتىكى ئۇقۇتۇش مەجبۇرى ساپا مائارىپى ‹‹قېلىپى››غا كىردى .بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتۇش سورۇنلىرىدا بۇلۇپمۇ سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشتا ئۇقۇتۇش سۈنئىلىشىپ دەرخانا ھەجىۋىلىشىپ كەتتى.
  مەسىلەن:مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ3-يىللىغىدىكى بىر سائەتلىك خەنزۇ تىلى ئۇقۇتۇشنى ئالساق دەرس مەزمۇنى خاتا يەتكۈزۇلگەندىن سىرت ،دىققەتنى يۆتكەش مەزمۇن قىلىنغان مۇزىكا ئاڭلىتىشىدا ئەمدىلا 3-يىللىققا چىققان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان خەنزۇ ياشلىرىمۇ چۈشۈنۇپ ھۇزۇر ئالالمايدىغان خەنزۇلارنىڭ ئەڭ قەدىمى مۇزىكىسىنى قۇيۇپ بىرىش.مىنىڭچە بۇ بىيولوگىيە ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان ئادەم مۇدىللىرىنىڭ جان يىرىگە قەغەز چاپلاپ قويۇپ سىنىپقا ئېلىپ كىرگىنىدىنىمۇ ھەجىۋى بولسا كەرەك ....بۇنداق كۈلكىلىك ئىشلار يېزا قىشلاقلاردىكى ھەتتا چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇقۇ ئۇقۇتۇش پالىيىتىنى تەكشۈرسىڭىز سىزگىمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ
   مىنىڭچە ئاشۇ دەرسنى باھالىغۇچىلار دەرسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۇقۇتقۇچىدىن ‹‹سىزگە ‹ساۋاقداشلار باققا بارايلى›دىگەنگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر بالىلار ناخشىلىرى تېپىلمىدىمۇ ››دەپ سوراپ باققان بولسا قانداق بۇلار ئىدى؟ .مانا مۇشۇنداق مۇئەيەنلەشتۈرۈش بەزى ئۇقۇتقۇچىلاردا دەرسخانا نىمىلا ئىش قىلسا بۇلۇدىغان ئورۇن ئوخشايدۇ دىگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى سۇسلاشتۇرۋاتتى.شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىدەك ھەجىۋى قىلىقلار دەرسخانىگە سىڭىپ كلىرىپ ،دەرسخانىنى سۈنئىلەشتۈرىۋەتتى.
(2)    دەرسنى غەلىتە باھالاش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كەلدى:نىشانلىق ئۇقۇتۇش ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۇك يولغا قۇيۇشنىڭ ۋە دەرسخانىدا ئەمىللەشتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەچكە دەرس باھالىغۇچىلار دەرس ئۆتكۇچىگە باھا بەرگەندە شۇ دەرستە دەرسنىڭ نىشانى ئوترىغا قۇيۇلدىمۇ يوق؟دوسكىغا ئالدىن نىشان قاتلاملىرى يېزىلدىمۇ-يوق؟ئۇقۇتقۇچى نىشاننى چۈشەندۈردىمۇ-يوق؟....دىگەندەك شەرتلەرنى تېپىپ چىقىپ ئۇقۇتقۇچىغا باھا بەردى .ئاشۇ نىشانلىق ئۇقۇتۇشنىڭ بۇيۇنتۇرۇقى دەرسخانىنى دىمىگىراتتىيەلەشتۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بوينىغا سېلىنغانلىقىدىن مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ روھى چۈشكۈنلۈككە قاراپ يۈزلەندى.بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل دەرس مەزمۇنى قايرىلىپ قېلىپ ،دەرسنى شەكىل جەھەتتىن باھالايدىغا غەلىتە باھالاش ئۇسۇللىرى دەپ قارايمەن.
مەسىلەن:دەرس ئاڭلاپ مەكتەپلەرنى ياخشى-يامان دەپ باھا بېرىدىغان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى دەرس تىڭشاپ ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە‹‹ دەرسنىڭ نىشانى دوسكىغا يېزىلمىدى،ئۇنى ئوترىغا قويمىدى،دەرس تەييارلايدىغان دەپتەرنىڭ كاتەكلىرى توشمىغان...››دىگەندەك تەرەپلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ باھا بەردى.‹‹دەرسنى مانا مۇشۇنداق ئۆتسەڭ ،دەرسخاننى ئەلالاشتۇرغان بۇلىسەن...››دىگەندەك تەتقىقات خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق يانداپ ئۆتۈپ كەتتى .بۇنداق شەكىل جەھەتتىن باھالاش مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرەلمەيلا قالماستىن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى زور دەرىجىدە بۇغۇپ قويدى.
(3)    دەرسخانىدا غەلىتە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كىلىپ ،دەرسخانىنى تېخىمۇ سۈنئىلەشتۈرىۋەتتى :ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ئۇقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۈگۈنۈش،پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ،ھەل قىلىش ئىختىدارىنى يىتىلدۇرۈشكە مەدەت بېرىدىغان ،ئۈزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرۈشكەمەدەت بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان،ئاخىرىدا ئۇقۇغۇچىلارنى مۇستىقىل ياشاش،باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق ئېڭىغا ئىگە قىلىدىغان بىر خىل زۈرۈر تەربىيە ئۇسۇلى.بۇ خىل تەربىيەنى ئۇقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرگەندە چۇقۇم ئۇنىڭ تەبئىي بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلانغىلى بۇلۇدۇ ھەم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مەخسىتىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.
  ھازىرقى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى ئۈزىنىڭ مەقسىتىگە يەتەلىدىمۇ؟ ،ئۈزىنىڭ رۇلىنى قانچىلىك نامايەندە قىلالىدى؟  بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق دەرسخانىدىكى بۇ خىل نەق مەيداندا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئانچە چوڭ بۇلالمىدى .ئەكسىچە بۇ خىل نامۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇقۇغۇچىلاردا مەنمەنچىلىك،ھاكاۋۇرلۇق،ئۈزىنى بىلەلمەسلىك،ئىچى تارلىققا ئوخىشاش خارەكتىرنى يىتىلدۈرسە،يەنە بەزى ئۇقۇغۇچىلاردا(ئىچ مىجەز ئۇقۇغۇچىلاردا) خىجىلچىلىق،قايتا پىكىر قىلماسلىقتەك خارەكتىر ئاجىزلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مەسىلەن:ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرنى ئۇقۇتقۇچىلار بىرەر مەسىلىگە توغرا ،قاناەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگەندە پۈتۈن سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ‹‹يارايسىز،يارايسىز››دەپ چاۋاك(بۇ چاۋاك بىررەر ئىشنى ئالقىشلىغاندەك ئەمەس بەلكى پاق،پاق ،پاق پاق پاق،شەكىلدە چېلىنىپ خۇددى ئەسكەرلەر دۇمباق ئارقىلىق مەشىق قىلىۋاتقانغا ئوىشايدۇ)بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئىلھاملاندۇرۇش.بۇ خىلدىكى ئىلھاملاندۇرۇش بولسا خارەكتىرى ئۈستۈن ئۇقۇغۇچىلارنى مەنمەنچىلىك پاتقىغىغا پاتتۇرۇپ ئۈزىنى بىلەلمەيدىغا خارەكتىرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولسا،خارەكتىرى ئاجىز ئۇقۇغۇچىلار(تارتىنچاق) ئۇقۇغۇچىلارنى خىجىلچىلىق دۇنياسىغا ئىتتىرىپ قويغان.يەنە دەرس ئىچىدە بىر،ئىككى موچەنلىك دەپتەر بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇش،بىر،ئىككى تال كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بەزى خارەكتىرى ئۈستۈن ئۇقۇغۇچىلاردا خورلۇق ھىس قىلىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان...ساپا مائارىپى باقۇچىدىكى بۇ خىلدىكى ئىلھاملاندۇرۇش دەرسخانىدا يامراپ بەزى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھەرقانداق ئىشنىڭ جايىدا بولغىنى ياخشى،چەكتىن ئېشىپ كەتسە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق بۇلىشى لازىم .بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى دەرسخانىدا قوللانغان ۋاقتىمىزدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىگىگە بۇلۇپمۇ ئىندىۋىدال پىسخىك ئالاھىدىلىگىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ،قايسى خىل ئۇسۇل قايسى مىجەزدىكى ئۇقۇغۇچىغا باپ كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ قولۇنۇشىمىز لازىم .بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم ئۇقۇغۇچىنى تەييارلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشمىز كېرەك.
        
        ***                                             ***                                        ***                                         ***                      ***                                            
نىشانلىق ئۇقۇتۇش ۋە ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلۇپ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپ سېسىتمىسىدا غايەت زورت ،دەبدىبىلىك ئىسلاھاتلار بۇلۇپ ئۆتتى ھەمدە بىرقاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا يېپ-يېڭى قىياپەتنى شەكىللەندۈردى.شۇنداقلا يەنە بىر قاتار كۈڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى،ئۇقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بەلگۈلۈك كەڭلىكتىكى ھاڭ پەيدا قىلىپ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشىگەبەلگۈلۈك  تەسىر كۆرسەتتى.
ھازىر مىللى مائارىپىمىزدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ .بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتىگىگە ئوخشىمايدىغان بىر قېتىملىق ئىسلاھات بۇلۇش بىلەن بىر ۋاققىتتا ساپا مائارىپىنىڭ تەركىۋى قىسىمى.مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ئىسلاھاتتا ئىلغارلىقمۇ،مەسىلىمۇ ساقلانغان بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا قىزىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم چۈنكى قىزىپ كىتىش سولچىللىقنىڭ ئىپادىسى.بۇنداق دىگەنلىك ھەرگىزمۇ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس.يولغا قويمىغانلىق بولسا ئوڭچىللىقنىڭ ئىپادىسى .بىز ماركىزىمچىلار ئوڭچىللىققىمۇ،سولچىللىققىمۇ قارشى تۇرىمىز .ئۇنداق بولغاندا بۇ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارىمىزمۇ-يوق؟ئەلۋەتتە ئېلىپ بارىمىز .
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش جەريانىدا چۇقۇم تۈۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ،يېڭى دەرسنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلىشىنى ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،بۇ يېڭى ئىسلاھاتتا چۇقۇم خۇشاللىنارلىق نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم .
(1)    يېڭى دەرس ئسىلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ يەنى ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ چۇقۇم ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى ئورنىنى باراۋەرلەشتۈرۈش كېرەك .بۇ خىل مۇناسىۋەتتە مىنىڭچە ئۇقۇتقۇچىنىڭ تۇتقان ئورنى تۈۋەن بۇلۇپ قالسا بۇ ئىسلاھاتتىمۇ رەھمىسزلەرچە مەغلۇپ بۇلىمىز.
(2)    دەرسلىكنىڭ ئىگەنلىگەن ۋاقتى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىليەت پالىيەتلىرىگە قاتنىش ۋاقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.ھازىرقى يولغا قۇيۇلىۋاتقان دەرسلىكلەر ئىژدىمائى ئەمىليەت پالىيىتىنى كۆپ تەلەپ قىلسىمۇ لىكىن دەرس تۈرىنىڭ ھەتتىدىن ئارتۇق كۆپ بۇلىشى ئىژدىمائىي ئەمىليەت پالىيىتىنىڭ ۋاختىنى كۆپ ئىگەنلىۋېلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى پالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەپ تۇرماقتا.
(3)    ئۇقۇغۇچىنىڭ ‹‹ئەركىنىلىگى››بىلەن مەكتەپ ئىنتىزامىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ئۇقۇغۇچىلاردا گۈزەل كومىنىستىك ئەخلاق يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
(4)    دەرسلىك بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ،دەرسلىك بىلەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.دەرسلىك بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىدە چۇقۇم دەرسلىكتىكى ئۈلۈك،ئەمىليەتچانلىغى يوق،تۇرمۇشقا يېقىن ئەمەس مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش شۇ ئارقىلىق جەمىيەت بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئارىلىغىنى قىسقارتىش كېرەك.دەرسلىك بىلەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۇقۇتقۇچىنى كۆپرەك تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچىلار ئەمىلى تۇرمۇش بىلىملىرىنى كۆپلەپ ئۈگۈنۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ئاددىلاشتۇرۇپ ،ئابىستىراكىتنى ئۇقۇملارنى تۇرمۇشلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بەرەلەيدىغان ئىختىدارنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.
(5)    دەرسخاننى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن شەكلۋازلىق،سۈنئىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش لازىم .ئۇقۇتۇقۇچىلار تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ھەم تەجىربە توپلاپ ئۇقۇتۇش بۇلۇپمۇ سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشنى تۇرمۇشلاشتۇرۇش،ئەمىلىلەشتۈرۈش ،يۇمۇرلۇق تۈس بىرىش ئىختىدارىنى يىتىلدۈرۈش لازىم .ھەرگىزمۇ سىنىپ ئىچىدە شەكىلۋازلىق ،سۈنئىلىك قاملاشمىغان ماختاشلارنى قوللانماسلىق لازىم.
(6)    ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.ئەڭ مۇھىمى ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنىمۇ ئۈزەمگە ئوخشاش ئادام دەپ قارىيالايدىغان بۇلۇش لازىم.بۇ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ.        
قىسقىسى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا يۇقۇرقى قاراشلىرىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ قىممىتى بۇلار دەپ قارايمەن.مەيلى قانداقلا بولسۇن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتاچۇقۇم تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى-يېڭى نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،مائارىپىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلەشتۈرۈشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.


پايدىلانغان ماتىرياللار:‹‹ساپا مائارىپىغا دائىر سۇئال-جاۋاپلا››ئۇيغۇرچە نەشىرى(ئىچكى ماتىريال)كىرىش سۆز 1-،2-بەتلەر.6-سۇئال.
                                          ‹‹ماركىزىملىق پەلىسەپە››نىڭ يېڭى شەيئىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى                                    

مەرگىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مائارىپ گۈلزارى››پىرگۇراممىسى2004-يىللىق ئاڭلىتىشلىرى.
تەلئەت قادىرىنىڭ ئۇۇتقۇچىلارنى يېڭى دەرسلىك بۇيۇچە تەربىلەش كۇرسىلىرىدا سۆزلىگەن لىكسىيەلىرى.


كەلپىن ناھيە يۈرچى يېزىلىق ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى:
تۇردى توختى

2005-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تاماملاندى.
  

تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:09
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 22:41 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ھازىر دەرسى ئۆتۈش ئۇسۇلىىر ى ھەدەپ ئۆزگىرۋاتىدۇ. بۇ ئشىتن ھەممىزنىڭ خەۋىرى بار . بىراق ھىلىى ئۇۆلەتنىڭكىنى ھېلى بۇ دۆلەتنىڭ كىنى دوراپ .قاملاشتۇرۇپ بولالماي .ئۇسۇللارنى چۈشۈنۈپ بولالماي ھەممىز گاڭگىراپ قالدۇق. ھەتتا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلغا قارتا ئېنىق بولغان ئدىيەمۇ ئاللقاچان قالايماقانلشىپ كەتتى .دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئككى ئاساسەن يەنە بىزلەرنى پات -پاراق قىلۋەتتى. قسىقى بىز توغىرا بولغان ئۇسۇلىنى ئزمىز تېىپىپ چقىشمز كېرەك چۈنكى قەيىرمىز ئاغىرغاننى ئۆزمزى بىلمىز .باشقىلار  دوختۇرخانغا بارمساق ھەم دەپ بەرمسەك بىزنىڭ كېسلمزىنى قانداق بىلدۇ . ئۆزمىزنى پەقەت ئۆزمىزلا قۇتقۇزالايمىز. باشقىلانىڭ بىزىنى قۇتقۇزشى يۇقديەرلىك . يەنە كىلپ بۇنداق ياخشى كشلەر ھازىر نەدە. ھەتتا دوستلىزمىزمۇ بىزنىڭ ھالكتمزىگە ساقلاۋاتقان
بۇ جەميەتتە يەنە كىملەردىن نىجاتلىق كۈتمىز.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 09:28 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 384 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

نىجاتلىق بولسمۇ باشقىلار ئۆزلىرنى كۈچەيتىپ قىلغىلى ئشى بولمغان ۋاقتتا بىزگە ئازىراق نەپ بىرپلا بىزلەرنى ھېلى ئۇيانغا -ھېىلى بۇيانغا باشلاپ تاماشا كۆرش مودا بۇلۇپ كەتتى .......
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 09:30 |
opqr413
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 148 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08

 1

来顶啦
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 06:59 |
mnop270
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29324
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-08 21:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:28
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号