قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 217 قېتىم كۆرۈلدى
karadulan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29130
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30

 ئىككى خوشنام (قارا دۇلان)

0
ئىككى
خوشنام
تۇۋەندە سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ ئەسەر بىزنىڭ مەھەللىدە ھەققى يۇز بەرگەن. ئەگەر سىز بۇنى ھىكايە ياكى بىر تۇقۇلما دىسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت  سىزگە ئاز تۇلا زوق ئاتا قىلالسلا كۇپايە.
1-خوشنام ۋەقەسىقار ياغقان، ھاۋا ئىنتايىن سۇغۇق بىر ئاخشىمى مەشنىڭ يىندا ئارام ئالغاچ، كىتاپ كۇرۇپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز خوشنامنىڭ ئوغلى چاقىرىدى. خوشنامنىڭ ئۇيگە كىرسەم دوستۇم قوسىقنى مۇجۇپ، ۋايجانلاپ تۇردۇ. قوسقى خىلى يوغان دەرجىدە ئېسلىپ (يوغناپ) كىتىپتۇ. مەن دەرھال دوستۇمنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى يىزىلىق دوختۇرخانغا ئاپاردۇق. كەچ بولغاچقا دوختۇرخاندا  تىخى يىڭلا خىزمەتگە چىققان بىر ياش دوختۇر دۇجۇرنى ئىكەن. دوستۇمنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرنى بىر قور تەكشۇرۇپ، بىزدىن بىر قانچە سۇئال سوردى. (بۇ  يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۇتەي.دوستۇم پات-پات ھاراق ئىچىپ قۇياتتى. ھەم ئىچكەندىمۇ  سەل كوپ ئىچەتتى. باياتىنقى دوختۇر بالمۇ  دوستۇمنىڭ مۇشۇ خىل مىجەزنى خىلى ئوبدان بىلەتتى). دوختۇر  ئاخىردا  <<ئەھۋالدىن قارغاندا جىگەر يىرىلغان ئوخشايدۇ، بىزنىڭ بۇ  دوختۇرخانا يىزىلىق دوختۇرخانا، ناھىيىگە دەرھال يوتكەڭلار، بىراق ۋاقىت ئۇتۇپ كەتسە ئۇمىت چوڭ ئەمەس>> دىدى.
قار يىغىپ يۇللار مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولغاچقا، قاتناش تىپىش مۇمكىن بولمىدى. نائىلاج ئات ھارۋىسى بىلەن ناھىيىلىك دوختۇرخانگە ىر قانچىمىز ئىلىپ ماڭدىغان، ئايالى ئويدىن پۇل كارتىسى، نەخ پۇل دىگەندەك باشقا ئۇششاق چۇششەك نەرسىلەرنى ئىلىپ، كەيىنىمىزدىن باردىغان بولدى. بۇ  چاغدا  ئىنجىقلاپ تورغان دوستۇم ئايالغا:  <<ھەي ھىلقى مەن ياخشى كۇرۇپ ئۇقۇيدىغان <ناتۋانلار> دىگەن كىتاپنى ئالغاچ كەل>> دىدى.
بىز دوستۇمنى ناھىيىلىك دوختۇرخانغا ئاپاردۇق. مەسئۇل دوختۇر ئاۋال تەكشۇردى، ئارقىدىن يىزىلىق دوختۇرخاننىڭ دىئاگنۇزنى كۇرۇپ، دەرھال ۋىلايەتگە يوتكەش، كىچىكىپ قالسا خەتەرلىك ئىكەنلىگنى دىدى.
دوستۇمنى ئائىسلىدىكىلەر غەم قايغۇ ۋە ئالدىراشچانلىق ئىچىدە ۋىلايەتگە ئىلىپ كەتتى. قارسام ئايالى كۇتۇرۋالغان سومكىدا بىر خىلى يوغان كىتاپ تۇردۇ.
بىر قانچە  كۇنلەردىن كىيىن دوستۇمىنىڭ ۋىلايەتلىك دوختۇرخاندا ساقايغانىلقنى ئۇقتۇق، ۋە بىر قانچەيلەن يوقلاپ
باردۇق. دوستۇمغۇ ساقيىپتۇ، بىراق بىزنىڭ كۆرگىنمىز خۇشاللىق ئەمەس. دوستۇمنىڭ كەيپىياتى بەك ناچار، ئايالنىڭ كەيپىياتى ئۇنىڭدىن ناچار، بىز ئارتۇق گەپ سورماي، دوستىمىز بىلەن بىرەر يىرىم دەم ئەھۋاللىشىپ، قايتىپ كەلدۇق.
مانا  قار مۇزلار ئىرىپ، باھارنىڭ شاماللىرى ئادەمگە ئۇرۇلۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇم ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كىتىپتۇ.
ئاجىرشىش سەۋەبى مۇنداق ئىكەن.
دوستۇم ئەسلى <<جىگەر يىرىلىش كىسلى ئەمەس، بەلكى ئۇچەي تىشىلىش كىسلى>> ئىكەن. نەتىجىدە دوستۇمنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخاندا تەكشۇرۇپ دەرھال ئوپراتسىيگە ئىلىپ مىڭىپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى دوستۇمغا ناركۇز قىلدىغان ھەر قانداق ئۇكۇل رىئاكسىيە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئامالسىز دوستۇمنى ئوپراتسىيە قىلماي. يەنە ياتاققا ئەچىقىپ قۇيۇپتۇ. ھەم ھازىرچە ئامال يوقلۇقنى دەپتۇ. (بەلكىم بۇ  چاغدىكى ئەھۋالنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.) ئەتىسى دوستۇم بەك بولالماي قاپتۇ، ئۇ  ئايالغا ھىلقى كىتاپنى كۆرستىپ، ئۆزنىڭ يەتتە يىل بۇرۇن بىر قىتىمىلىق 20 كۇنلۇك تەربىيلەشگە بارغاندا، بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانلىقنى، شۇ  قىزنىڭ  مۇشۇ  كىتاپنى ئونىڭغا ئەسلەش سوۋغىسى قىلغانلىقنى، كىتاپنىڭ ئىچىدە يەنە شۇ قىزنىڭ دوستۇمغا بەرگەن بىر گۈلنىڭ بارلىقنى دەپتۇ. ۋە كىتاپ قىتىدىن قۇرۇپ كەتكەن بىر گۈلنى ئىلىپ كورستىپتۇ. ھەم ئايالغا ئۆزنىڭ ئايالغا ۋە ۋىجدانغا يۇز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قەتئى قىلمىغانلىقىنى، ئۇ  قىز بىلەنمۇ شۇنىڭدىن بىرى كۇرۇشۇپ باقمىغانلىقنى، ئايالنىڭ ئۆزنى كەچۇرۋىتىشنى، ئۆزدىن رازى بۇلۇشنى تەلەپ قىپتۇ.........ئايالى بىلەن ئىككىسى يىغلىشىپ كىتىپتۇ.............
دوختۇرلار  دوستۇمنى ئېفىر گازى (بىر خىل لۇڭگە ياكى رەخىتگە تۇكۇپ ئادەم بۇرنىگە تۇتۇپ بىھۇش قىلدىغان گاز ئىكەن) ئارقىلىق ناركۇز قىلىپ، دوستۇمنى ساقايىتىۋاپتۇ.
بىراق ئۇلار ئويگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايالنىڭ كۆز  ئالدىدىن داۋاملىق ھىلقى كىتاپ ۋە قۇرۇپ كەتكەن گۈل كەتمەپتۇ. دوستۇمغا داۋاملىق ئاشۇ ئىش توغىرلۇق قايناپ، سۆزلەپ....................
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى تىرىك يىتىم قىلدى.
ئەمدى سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىم 2-خوشنام ھىكايسى
بۇ خوشنامنىڭ ھىكايسنىمۇ قار ياغقان كۇندىن باشلاشقا توغرا كىلدۇ.
دوستۇم سەل شوخراق، ئۇنىڭ ئوستىگە ئۆزمۇ قاملاشقان، كەسىپتىمۇ ياخشى ئىدى. بەلكىم ئايالمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ تەرپىگە ئامراق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تورمۇشى ئىناق ئۇتەتتى. ئۇلارنىڭ تىخى 5 ياشقا كىرگەن ئۇماق بىر قىزىمۇ بار.  
دوستۇم شوخراق بولغاچقىمۇ بۇندىن ئالتە ئاي بۇرۇن بىر قىتىملىق تەربىيلەشگە قاتناشقاندا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئالتە ئايدىن بىرى ئالاقلىشىپ يۇرۇپتۇ. دوستۇم ئاشۇ  قار ياغقان كۇنى ئۇيدە ئولتۇرسا (قىزى ئوخلاپ قالغان) تۇيۇقسىز ئاشۇ قىزدىن تىلفۇن كەپتۇ. دوستۇم خۇشاللىقتىنمۇ ياكى ئايالدىن قورقۇپمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ......پۇتغا ئاياغمۇ، ھەتتا ساپما كەشنىمۇ كەيمەي ، دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ، تىلغۇندا پاراڭلىشىپتۇ. دوستۇمنىڭ ئايالى بىر چاغدا چىقسا يولدىشى بىرسى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشۋاتقان، دەرۋازا  يىنغا كىلىپ، دوستۇمنىڭ ھىلقى قىز بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشۋاتقانلقىنى، پاراڭ تىمىسنىڭ ئۆزنىڭ غۇرۇرغا زىت ئىكەنلىگنى بىلىپ، دەرھال چىقىپ يولدىشى بىلەن ئۇرۇشماقچى بوپتۇ. بىر دەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن، دەرھال ئۇيگە كىرىپ يولدىشنىڭ ئايغىنى ئاستا دەرۋازا ئاستىدىن ئىتتىرىپ، يولدىشنىڭ پۇتنىڭ يىنغا ئەكلىپ قۇيۇپ ئۇيگە كىرىپ يىتىپتۇ. دوستۇم ھىلقى قىز بىلەن بىر دەم پاراڭ سىلىپ، پۇتنىڭ توڭلاۋاتقانلىقنى ھىس قىلىپ، ئەتراپغا شۇنداق قارسا پۇتنىڭ كەينىدىلا ئايغى تورغان، دەرھال ئاياغنى كىيىپتۇ، ۋە بىر نەرسىنى ھىس قىلغاندەك بۇلۇپ، تىلفۇننى ئۇزۋىتىپ، ئۇيگە كىرسە ئايالى بىلەن قىزى ئوخلاۋاتقان (بەلكىم ئايالى ئوخلىمغاندۇ) ...............................
مەن سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇ خوشنام ھىكايسىمۇ مۇشۇ يەردە تۇگدى. بىر كۇنى بۇ  خوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ قىلىپ، <<ئاداش ئەمدى سۇغۇقمۇ يوق، باھارمۇ كەلدى، ئەمدى پۇتۇڭلارمۇ توڭلمايدۇ، ھىلقى قىزغا تىلغۇن قىلمامسىلەر>> دىسەم ئۇ دوستۇم ماڭا <<ئاداش مەن ئەمدى ھىلغۇ ئاشۇ قىزكەن.ھەتتا <دۇنيا گۇزىلى>گە تىلفۇن قىلسۇن دىسمۇ، ئايالىمغا يۇز كىلەلمەيدىغان ئۇنداق تىلفۇننى قەتئى قىلمايمەن. قار  ياغقاندا تىلفۇن قىلسا، ئايالى گەپ قىلمىغان بىلەن ئادەمنىڭ پۇتى ئۈششۇپ قالدىكەن ئەمەسمۇ>> دىدى ۋە ماڭا ئۈششۇپ قالغان پۇتنىڭ يىرنى كۆرسەتتى.
مىنىڭ سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ئىككى خوشنام ھىكايسى مۇشۇنىڭ بىلەن تۇگدى.
ھەر ئىككىلا ۋەقە قار ياغقاندا باشلىندۇ. باھاردا ئاياغلىشدۇ. بىراق كىلىپ چىققان نەتىجە ........سىزنىمۇ، مىنمۇ ھەممىمىزنىمۇ ئويغا سالدۇ.
ئاخىردا 2-خوشنامغا ئوخشاش، ئايالڭىز تۇرۇپ باشقا ئاياللار بىلەن، يولدىشڭىز تۇرۇپ باشقا ئەرلەر بىلەن ئەخلاقمىزغا زىت ھالدا  تىلفۇنلىشۋاتقان، تىلفۇنلاشماقچى بولغان دوسىتلارغا شۇنى دەيمەنكى <<قار ياغقاندا، سۇغۇقدا تىلفۇن قىلسىڭىز پۇتىڭىز ئۈششۇپ قالدۇ. ئاپتاپتا تىلفۇن تىلسىڭىز كۇيۇپ قارداپ كىتىسىز، گەرچە ئۈششۇك بىلەن كۈيۇكنى دوختۇرلار داۋالالغان بىلەن، يۇقارقى كىسەل يۇرەككە ئوتۇپ كەتسە داۋاسى يوق>>
سىزنىڭ تەلىيىڭىز 2 -خوشنامنىڭنىڭكىدەك بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن.

مەنبە: كۇندىلىك تۇرمۇشۇمدىن ئىلىندى.    
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-06, 15:26
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 22:08 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1093
شۆھرەت: 1495 نۇمۇر
پۇل: 655 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-06

 

     ئاۋۇ ئىككىنچى ھىكايىدىكى خوشنىڭىزغۇ ھىچبولمىغاندا تەسىرلىنىشنى بىلىدىكەن.شۇڭا تۇرمۇشى ئەسلىگە كەپتۇ،لېكىن،تەسىرلىنىش تۈگۈل،ئىزا تارتىشنى ياكى يامان بولۇشنى بىلمەي،بۈگۈن ئالەمنىڭ ۋەدىسىنى قىلىپ،ھەتتا يىغلاپ يالۋۇرۇپ، نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان يۈزى قېلىنلارغىمۇ ئامال يوق ياشايمىزغۇ؟
     بۈگۈن كەيپىياتىم سەل ياخشى بوپقالغان،ئاۋۇ ۋەقەلىكتىكى تېلىفون قىلپ.... دىگەن جايلىرىنى ئوقۇپ،ھەجەپ جىلى بوپقالدىم.

    ھەممە ئەر-ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 23:35 |
pirak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29173
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

ۋەقەلىكىنى ئۇقۇپ، خۇددى بىرسى مەندەك ھىس  قىلىپ قالدىم. ياخشى يېزىپسىز. يەنىمۇ تىرشىڭ!!! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 00:30 |
biwapayurak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-05

 

ئەجەپمۇ چۈشىنەلمىدىمغۇ،قارادولان!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 01:34 |
shaies
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 29739
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 17:13 |
cdef034
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 30143
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-18 16:46 |
b6chan80
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 30562
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-28

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-25 09:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :10-06 04:15
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号