بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟[ئابدۇقادىر جالالىدىن]
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟[يالقۇن روزى]
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟[ئىدرىس بارات]
=====================
يۇقارقى بۇ ئۈچ ماقالە ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكۈر قەلەملەر ئاستىدا..قايىل قىلارلىق تولىمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ھىساپلىنىدۇ....
ئالدى-كەينى بولۇپ بۇ ئەسەرلەر تور بېكەتلەردە ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىندى...
بۇ مۇنبەرگە يوللاندىمۇ يوق....بۇنى بىلمەيمەن....
ياخشى ئەسەرلەر بولغاچقا بۇ ئۈچ ئەسەرنى بىرلىكتە يوللىدىم....باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ..مۇنبەرداشلارغا[تورداشلارغا]ئازراق ئۇزۇق ئېلىپ كىلەلىسە..مەن يوللىغىنىمدىن..ئاپتورلىرىمىز قەلەم تەۋرەتكىدىن رازى بولغان بۇلاتتى....... بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ -
ئابدۇقادىر جالالىدىن
«ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻪﻣﻪس. «ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ۋە ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﻣﻪۋﺟﯘدات ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار دۇﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻧﺎ - ﺋﺎﻟﻪم، ﺋﺎﻧﺎ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺳﯘﺑﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﻪ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﻮرۇﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ - ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ.
«ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك: ﺋﺎﻧﺎ - ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﯘﭼﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﺎرﭼﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ ﻳﺎۋا ﺋﻮﺗﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚز ۋۇﺟﯘدﯨﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﻣﯧﻜﻴﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﭼﯜﺟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺗﺎﭘﻘﺎن-ﺗﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘلارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰدﯨﻤﯘ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت «ﺗﯘﻏﯘپ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻨلا ﺋﯩﺒﺎرەت» دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺗﺎلاي. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، دەپ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯩﻨﺴﺎن» ﺑﻮﻟﯘش ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. «ﺋﺎﻧﺎ» ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜن-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺑﻪدەل، ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮرﺗﺎق. ﺋﻪﮔﻪر ﺗﻪﯕﺮى ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻏﺎ «ﻣﯧﮭﯩﺮ»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﺟﻪﺑﯩﺮ-ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘرۇۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﻣﺎلاي. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻧﺎ دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺑﻪدەﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرەﻟﯩﮕﻪن. ﺋﻪﮔﻪر دۇﻧﻴﺎدا ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯘﮬﯩﻘﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻤﯘ ﺑﺎﻏﺮى ﺗﺎش ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪا ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ: ﺋﯘلار ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪرﮔﻪن ﻗﯘرﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﯟەﻧﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮬﺎزا ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻨﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇپ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺋﯧﻜﺮاﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ، vcd ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ﺑﺎزارلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ-ﻪﻛﺘﻰ ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﭘﺎراﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻳﺎزدى، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩلارﻣﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻛﯜﻳﻠﯩﺪى. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﯩﺸﭽﺎن ﺋﻪۋلادلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺳﺎداﺳﻰ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯧﻠﻰ ﺑﻮش ﺋﻪۋلادلار ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎددا، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﺗﺎ-ﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ. ﻗﻪدﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﻘﺎ ﺋﯘزۇﺗﯘۋﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘلار ﺋﻪرﻟﯩﺮى ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﯩﺖ» ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘزاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا، ﺋﯚرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪۇ. ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪت - ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﺋﻪۋلادلارﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯚﺷﯜك. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﺧﻪﻟﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ-ﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﺴﺎق، ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﺘﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﺪا راﺳﺎ ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻣﻪﺷﺮەپ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر روﺷﻪن ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ:
«ﺋﺎﻧﺎ رازى، ﺧﯘدا رازى، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ رازى».
دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ رازى ﻗﯩﻠﺴﯩلا ﺧﯘدا رازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ۋە ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ رازى ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘدا رازى. ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻮﻳﯘق ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙلارﻧﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗلاﺷﺘﯘرۇش ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ. ﺗﻪﺳﻪۋۋۇﭘﻤﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻗﺎﻳﻨﺎق. ﻛﯚﻳﯜم - ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎرﻗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار »ﺋﺎﻧﺎ»ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ «ﻛﯚﻳﯜم» ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪن ۋە ﺷﯘ داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﻟﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
»ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎر، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘل ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ، دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨلا، ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ۋە ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺪۇراﻟﯩﻐﺎﻧﺪا؛ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺟﺎزاﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﻣﯩﺰان ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪدەس ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺑﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎۋلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎۋۇزﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﭘﺘﯘ، ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯚز ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻏﻪزەﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ ۋە ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻗﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ دۇﺋﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚز زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜرﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭼﯚﭼﻪك» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎۋﻏﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯩﺪۇ، دۇﻧﻴﺎدا ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺳﯚﻳﮕﯜﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺋﯘﭼﺮاۋەرﻣﻪﻳﺪۇ.
ﺗﯘﻣﺎرس - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋ ﻣﺎﺳﺎﮔﯩﺘلارﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە، ﺗﯘﻣﺎرس ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ، ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻤﺎلارﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ روﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﭘﺎراﺳﻪت، ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭼﯩﺮﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا «ﺑﺎلاﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﺴﺎڭ ﺑﺎلاﻏﺎ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪن» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎر. ۋاﭘﺎﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩلار - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪا ﺋﯜﻧﮕﻪن ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﺎ.
ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎﻧﯩلار ۋە ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺎ. ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻴﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯜت ﺋﻪﻣﮕﯜﻛﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارلا ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ۋە ﺷﺎن-ﺷﻪرﯨﭙﻰ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩلا، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ - ﺳﯜت ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪي ﻳﺎﺷﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك.
ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪا ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪرزدار.
(ئﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪا) بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟
يالقۇن روزى
دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام -ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
«ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك».
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰاس ﺳﯚز ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻛﯘر ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2004 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2 - ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎب ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ دادﯨلارﻏﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪۇ! ﻣﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻟﯘﺷﯜن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى 1920 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى «ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮ ﻗﺎﻧﺪاق دادا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘق دادﯨلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠلاردا ﺟﯘﯕﮕﻮ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»ﻧﻰ ﻗﻮزﻏﺎپ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ دوﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﺪۇرﻏﺎن. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﻮرﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺟﯘﯕﮕﻮ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى ﻏﻪزەپ - ﻧﻪﭘﺮەﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎت ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮلارﻏﺎ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ، ﮬﻮﻗﯘﻗﭙﻪرەس ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻣﻪﮬﻜﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺴﯩﺰ دادﯨلارﻏﯩﻤﯘ ﺗﯩﻜﻜﻪن. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪردە دادﯨلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮕﯜدەك ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮاز ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﻪر «ﻳﻮﻟلارﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻰ دادا ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ» دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎن. ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺑﻪزى ﺋﻪرﺑﺎﺑلار ﺑﯘ ﻳﯩﻠلارﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ «دادﯨﻨﻰ دۇﻣﺒﺎلاش» ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎن.
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪك - ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﻣﻪۋﺟﯘت ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ۋە ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻧﺪە، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﻛﺮﯨﺰﯨﺲ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪۇ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺮەك؟ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ - ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﻮﻟﻰ زادى ﻗﻪﻳﻪردە؟ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﯘﻗﺘﯩلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟»، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸلارﻣﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪۇر.
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯩﻤﯩﺰ: ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘش، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎت ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﮔﻪرﭼﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﻳﻪرﺷﺎرى ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪا ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﺎﮬﻪﻟﻪر ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈﻟﯜۋاﺗﻘﺎن ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪت ۋە ﺧﯩﺮﯨﺲ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻳﻪﻧﯩلا ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ۋە ﺧﻪۋﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘر. ﺑﯘﻧﻰ«ﺑﯩﺰ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯩﺮﯨﺴلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯩﺮﯨﺲ» دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ، «ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﻮرﺗﺎق دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ»دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺗﻮﻏﺮا، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪت زور ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻣﯚﺟﯩﺰە ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺧلاق ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎن ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪل ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى، دەپ ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﮔﯩﭽﯩﺮەك، دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ زوﻗﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪت، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ، ﻣﻪرداﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻮﭼﯘق - ﻳﻮرۇﻗﻠﯘق، ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯜﻳﯜك ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻳﺎﻗلاردﯨﻨﺪۇر ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﻨﻐﺎن ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎراﺷلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯚرۈپ ﺗﺎﺷلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭘﺎرﯨﺨﻮر ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﭽﻰ ﺟﺎن ﺑﺎﻗﺘﯩلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﭙﻪت ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ، ﮬﺎرام ﺗﺎﻣﺎق ﮬﯘرۇﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺋﻪﻳﺘﺎۋۇر، ﺧﺮوﺋﯧﻦ ﺳﻮدﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ... ﺋﯚزى ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻮﻏﺮا ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﺎلاي ﺋﻪﺧلاق ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧلاق ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرۈۋﯦﺮﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاﻗلاردا ﻧﻪ ﮔﯘﻧﺎھ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ، ﻧﻪ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺋﺎزاب ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ، ﻧﻪ ﻧﻮﻣﯘس ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮق. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ - ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺴﺎ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﺪۇﻛﻰ، ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﯚﻛﯜﻧﻤﻪﻳﺪۇ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﺎﻳﺪۇ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯘزۇن، ﮔﻪپ - ﺳﯚزى ﻳﺎﯕﺮاق، ﻳﯜرۈش - ﺗﯘرۇﺷﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚرەڭ؟ ﺳﻪۋەﺑﻰ، ﺋﯘلار ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ دﯦﻴﻪرﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪن. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻳﻮل ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎق ﺗﯜﮔﯜل، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪرەﭘﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ، دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ - ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜپ ﺳﻪۋەب ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ 50 -، 60 -، 70 - ﻳﯩﻠلاردا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ « ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﯩﻲ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ» ﺑﻪﻛﺮەك ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ، « ﮬﻪق - ﻧﺎﮬﻪق ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت - ﻧﻪﭘﺮەت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ روﺷﻪن، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن رەزﯨﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪرق ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﮬﺎلال ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎراﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪزﮔﯜر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش » ﻛﻪ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪن. ﺑﯘ دادﯨلار ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﺧلاق ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن. ﭘﻪﻗﻪت، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜن ﻛﻪﭼﯜرۈش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨلا ﮔﻪپ - ﺳﯚز ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺳﻪزﮔﯜر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﻣﺎل - دۇﻧﻴﺎﻧﻰ، ﮬﻮﻗﯘق - ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎزﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪلا ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻪدەل ﺗﯚﻟﻪﺷﺘﯩﻦ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﻣﻪﺧﻠﯘﻗلارﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺪى، ﮬﯘزۇرلاﻧﺪى. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻗﯘرﺑﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﯩﺪى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎدﯨﺮ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯘ ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪۋلاد ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى(ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎرا - ﻗﻮﻳﯘق ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﺘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎس دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪرﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ).
ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، دادﯨلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟى ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ راۋۇرۇس ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪش ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪن؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ۋە ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘش ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪادلاردﯨﻦ ﻣﯩﺮاس ﻗﺎﻟﻐﺎن. دﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرۇن ﺋﺎﻟﺴﺎ، دادﯨلار ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺑﺮاز ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪۇ. دادا «ﺋﯚز ﭘﺎدﯨﻠﯩﺮى»ﻧﻰ ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا «ﭘﺎدﯨﻠﯩﺮى» ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﻳﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻜﯜرﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ - ﺑﯩﻠﻤﻪي ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯚزى ﺧﺎلاپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ.
ﺧﻮش، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚز «ﭘﺎدﯨﺴﻰ»ﻧﻰ ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻤﯘ - ﻳﻮق؟ ﻣﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪۋلاد ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺧﻪﺗﻪر ۋە ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﻛﺮەك ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻗﻪﻳﺴﻪر ۋە ﭼﯩﺪاﻣﭽﺎن ﺑﻮﻟﯘش، ﮬﺎلال ﻣﯧﮭﻨﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎۋاﺗﻘﺎن روﻟﯩﻐﺎ، ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ ۋە دﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪن. ﻣﻪرد - ﻣﻪرداﻧﻪ، ﺟﺎﺳﺎرەﺗﻠﯩﻚ، ﻏﯘرۇرﻟﯘق، ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎن، ﭼﯩﺪاﻣﻠﯩﻖ، ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺧﺎس دادﯨلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎزلاپ «ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪۋﭘﻰ»ﮔﻪ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، «ﺋﯚﻳﯜﯕﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﺰە ﭘﻪردﯨﺴﻰ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﻜﻪن» دەپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﻪپ ﺧﯘﺷﺎل ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ «ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯔ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ؟» دەپ ﺳﻮرﯨﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺮاق دەپ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﺒﺎش دادﯨلارﻧﻰ؛ ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ - ﻳﺎﻟﯟۇرۇپ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن لاﻳﻐﻪزەل دادﯨلارﻧﻰ؛ ﮬﯩﻤﻤﻪت - ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﻣﻪﺧﻮرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن لاﻟﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭼﺎي ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﮬﺎرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﺧﭙﺎق دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺋﯚزى ﺋﻪرﻛﻪك ﺗﯘرۇپ ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘس ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن زەﻳﭙﺎﻧﻪ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ ﺑﻪدﺑﯘي ﮬﺎراﻗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻮرۇﻧﻤﯘﺳﻮرۇن ﺳﻮﻛﯘﻟﺪاپ، ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘرلارﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻣﺎﻗﻪت دادﯨلارﻧﻰ؛ ﻟﻪۋزﯨﺪە ﺗﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﻖ، ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ، ﺳﯘﺧﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪك ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ دادﯨلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا، دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪۋار ﺑﻮﻟﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪۇ، دەپ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﺎلاﻳﺪۇ؟ ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺋﯚز ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرالاﻣﺪۇ؟
ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎپ، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘلارﻧﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ.
ﺋﻪﻧﺪى ﺑﯘﻧﺪاق »دادا«ﻟﯩﻖ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜزۈل - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﻪﻳﺖ ﻛﻪﻟﺪى. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪك ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯘش ﻛﯧﺮەك: دادﯨلار _ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜۋرۈﻛﻰ، ﻗﻮل، ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ. دادﯨلارﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدى ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن، ﭼﯩﯟەرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﻪﻗﯩﻞ ۋە دﯨﻴﺎﻧﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪردە دﯦﻠﯩﻐﯘﻟﻠﯘق، ﻣﯜﺟﻤﻪﻟﻠﯩﻚ، ﭘﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺑﯧﻠﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘق، ﺳﺎداﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ، ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك. دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام - ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﻣﯘﺷﯘلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ دادﯨلار ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ دەﯕﺴﻪپ ﻛﯚرۈﺷﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟
ئىدرىس بارات
* ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ۋاﭘﺎ ﻛﯧﻠﻪر؟
ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرى، ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪر «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟»، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن رﯦﺌﺎل ﺗﯧﻤﯩﺪا ﺋﻪﺳﻪر ﻳﯧﺰﯨﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 2 - ۋە 4 - ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘردى ۋە ﺑﯩﺰدﯨﻦ «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟»ﻟﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى. دەرۋەﻗﻪ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪززاﺳﻰ ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ، دادﯨلارﻏﺎ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﯩﻤﯘ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﺘﯘر.
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻤﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﻣﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ.
ﻣﻪن ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪە، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزﯨﻤﻪن.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك
ﻏﺎﻳﻪ __ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎل ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻨﯩﯔ دوﻗﻤﯘش - دوﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘرﻟﯘق ﻣﺎﻳﺎك. ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜردە ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﭼﯚل - ﺟﻪزﯨﺮﯨﺪە ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﻪﻳﻴﺎﮬﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎرلاق ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ - ﺳﺎۋاق ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺧﯘش ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪپ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ لازﯨﻢ؛ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻳﯜﻛﺴﻪك ﻏﺎﻳﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎپ، ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎرلاق ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻏﺎﻳﻪ ﺗﯩﻜﻠﻪپ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪۈرﮔﯜدەك ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺳﺎﭘﺎ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪاردا، ﺋﯩﺠﺎد - ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن روﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك. ﭼﯜﻧﻜﻰ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪردى. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 20 ﻳﯩﻠلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﯘﭼﯘر ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯘ ﻗﻪدەر ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚپ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ زۆرۈرﻟﯜﻛﯩﻤﯘ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﭘﻪن ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺗﻪﻟﻪپ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨلاۋاﺗﻘﺎن زاﻣﺎن ۋە ﻣﺎﻛﺎﻧﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪن، ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯜدەك ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻰ لازﯨﻢ. «ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎم ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﻪردە، ﻣﻪن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎراﺷﻨﻰ«ﻣﯩﺸﭽﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ» دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن.
ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﻪزﻣﻠﻪﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ زاﻣﺎﻧﺪا، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﺎن، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪن، دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﺎلاﻛﻪت ﺑﺎﺳﻘﺎن، ﺧﺎراﺑلاﺷﻘﺎن، دەۋرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘر. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺳﻪۋﯨﻴﻪ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪت - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار، ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﻮﻟﯘم - ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻣﯘ ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﺳﯩﺰ، ﻧﺎﻛﻪس، ﻧﺎن ﻗﯧﭙﻰ، روﮬﻰ زەﺋﯩﭗ، ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﻪ ﭼﯜﺷﻜﯜن، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪز، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﺎراﺑﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﯩﺪۇ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘ، ﮬﻪﺳﺮەت ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ داغ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ.
دﯦﻤﻪك، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯖلا ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪت.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دۇﻧﻴﺎدا ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﺶ __ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﺎ ۋە ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏلام ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇش ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش؛ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﯜﭼﯜن، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯜﭼﯜن، ۋەﺗﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش؛ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﺑﺎلا ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪۇر، ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺑﺎلا ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﺪۇر.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯘر. ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ __ ﺋﯩﺶ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻟﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺋﯘﻧﺪاﻗلار ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺋﺎزراﻗلا ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﯩلا، ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻮﭘﺘﻪك ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﭙلا ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜرۈپ، ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯜﺷﻜﯜلاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﮕﯩﻜﯩﺪە ﺗﺎﺳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ - ﺳﺎۋاﻗﻘﺎ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎر ﺗﻪﺳﯩﺮات، ﮬﺎﺳﯩلاﺗلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪۇ.
ﻛﯚزﻟﯩﮕﻪن ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪي ﺗﯘرۇﭘلا ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺶ، ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﻳﯜزەﻛﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙلا ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏلاپ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن ﻛﯚﻳﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪق، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪت دەپ ﺑﯩﻠﯩﺶ __ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚزى ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮۇﺳﺎڭ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﺶ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﺎداﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ زاﻣﺎﻧلاردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻟﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮى، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﺪە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩلاردا ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ۋاﭘﺎدار ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك
ﺑﺎﻟﯩلار __ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪى، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪى، ﺑﺎﻟﯩلار __ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪق ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﺮى ۋە ﺟﻪﻣﻪت ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ داۋام ﺋﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪردۇر.
زاﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ، ﺋﯚز ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇش ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺷﺎش رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺷﺎراﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺑﯘرچ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮق. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ روﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ، ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘدﯨﻦ، ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘلاردﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇش ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻨﻰ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺑﯘرچ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯚﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪﺗﺘﯘر.
ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق زاﻣﺎﻧﺪا، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋاﭘﺎدار ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚزى ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚز ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎر - ﻧﻮﻣﯘس ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﻨﻰ، ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎرزۇ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻗﻮۋﻣﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎﻗﺘﯘر.
ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﺴﺎق، 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، رەﯕﺪارﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪرﻛﯩﻨﺠﺎﻧلار، ﮬﯚرﯨﻴﻪﺗﻘﯩﺰلار، ﺋﻪزﯨﺰﺟﺎﻧلار، ﺷﯧﺮﯨﻨﺠﺎﻧلار ﻗﻮۋﻣﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﻳﻮﻗلا، رەﯕﮕﺎرەڭ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺷﺎش ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚرە، ﺋﻮﻳﯘن - ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى، »ﻣﻮدا« دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺷﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻪﻟﺴﻪ - ﻛﻪﻟﻤﻪس ﭘﻪدﯨﮕﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺪى. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎلال ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪى. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺷﻪك ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜش، ۋﯨﺠﺪان ﻛﯜﺗﯜش ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪس ﺗﯧﺸﯩﺪۇر. ﮬﺎزﯨﺮ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ، ۋﯨﺠﺪان ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯧﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺴﻪ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﻳﺎردەم، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازا ﺗﯧﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘلار ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﺗلاﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎغ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﭘﺎك، ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘلار ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ __ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻧﻪۋرﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭼﻪۋرﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﭘﺎ ﺋﻪﻣﻪس، ۋاﭘﺎ ﻛﯜﺗﯩﺪۇ. ﮬﺎزﯨﺮ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩلار «ﻗﻮﯕﺎﻣﺪا ﺋﯩﺸﺘﺎن ﻳﻮق، ﺋﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎرﺟﺎﻧﺒﯜۋى» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﯚﮬﺮەﺗﭙﻪرەﺳﻠﻪر، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﺨﻮرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋاﻟﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار: ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ روزﯨﻐﺎرﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﯚزۈﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻛﯜن ﭼﯧﻴﻰ»دا ﺳﻮرۇۋﯦﺘﯩﻠﺴﻪ، ﺑﯘ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﯚﻳﻠﻪردە، ﺗﯧﺠﻪپ - ﺗﯚﺷﻪپ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈپ، ﺗﺎﭘﻘﺎن - ﺗﻪرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﯖلار ﺋﯜﭼﯜن، راﮬﻪت - ﭘﺎراﻏﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯘﯕلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯘرﺑﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار، ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺗﺎﭘﻘﺎن - ﺗﻪرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻪدەر ﺋﻮﻗﯘﺗﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﯕلارﻧﻰ ﺋﯚزۈﯕلار ﻗﺎﻣﺪاش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﻪي، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻤﺎي، ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻳﯜك ﺑﻮﻟﯘۋەرﺳﻪﯕلار، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار، ﺑﯘ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ۋاﭘﺎ ﻛﯧﻠﻪر؟
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺴﯧﺮى، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ۋاﭘﺎدار ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ دەردﯨﮕﻪ دەرﻣﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪۇر.
ﻣﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻪﻟﻪم ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﭗ، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزۈپ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜك ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.