بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا
ئاپتور:ئەخمەت ئىمىن
ﺋﻮرﻣﺎن
ﺋﻮرﻣﺎن. ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﻛﯧﭽﻪ. دەرەخ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺋﺎﻧﺪا - ﻣﯘﻧﺪا ﺋﻪﺳﻜﻪن ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﯩﺮﯨﻘﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺋﺎي ﻧﯘرى ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯘس ﻳﻮرۇﺗﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪردە ﺋﺎلا ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﯘس ﻗﺎراﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ؛ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪردە ﻗﺎرا ﺳﺎﻳﻪ، ﻧﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎراﯕﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻖ.
«ﮬﯘۋ ... » ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋاز ﺋﺎﯕلاﻧﺪى.
ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﺎۋازدۇ؟
ﺑﻮراﻧﻨﯩﯔ ﮬﯘۋۇﻟﺪﯨﺸﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎق، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ! ﭘﯩﻠﻨﯩﯔ ۋارﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺪۇ؟ ﻳﺎق، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ!
«ﮬﯘۋ ... »، «ﮬﯘۋ ...» ﺋﺎۋاز ﻛﯜﭼﻪﻳﺪى.
ﺗﻮۋا، ﺧﯘددى ﺟﯩﻦ - ﺋﺎﻟﯟاﺳﺘﯩلار دەل - دەرەﺧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻣﯚﻛﯜپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪەك، ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ - ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻳﯜﮔﯜرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﯘش ﺑﻪﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرﻟﯜك ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﻳﻮﭘﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺷﺎﺧلاردەك ﺋﯩﺮﻏﺎﯕﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎرﯨﻜﺎﺗﻮرﯨلاردﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎق ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻐﯘ؟
ﻣﻪن ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯜﭼﻪپ ﭼﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻢ، ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﻳﻮﻗﺎﻟﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﺷﯩﭙﯩﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎۋاز ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﻪن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، دەرەﺧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﮬﯧﭻ ﻧﻪرﺳﻪ ﻳﻮق؛ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﺋﻮﺧﺸﺎش، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﭻ ﻧﻪرﺳﻪ ﻳﻮق، ﺳﻮل ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘ. ﺋﻮڭ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﭘﯩﻠﯩﻠﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﭼﻮﻏﺪەك ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻛﯚز ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺗﯧﻨﯩﻢ ﺟﯘﻏﯘﻟﺪﯨﺪى، ﺗﻪرﻟﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚزى ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯘدەك ﺟﯜرﺋﻪت ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. دەرﮬﺎل ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪم ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎق ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪۇم. ﻧﯧﻤﯩلا دﯦﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻮﺷﻴﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﻪردە ﺑﺎلا ﻳﻮق - دە !
ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪە
ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﻰ. ﭼﺎﯕﻐﯩﺮاﻗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜرۈپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﻤﻪن. ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎي ﭘﻪرﯨﺸﺎن ﮬﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﺪەك، ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﻗﺎراپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻳﯘڭ - ﻛﺎﺷﺎﻳﯩﭙلار ﭼﯧﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﻪرەﮔﻪ - ﺋﻮۋۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪم ﭼﯩﺮﻣﺎپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪەك، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟلاﻣﻨﯩﻤﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺧﯩﻴﺎﻟلار ﭼﯩﺮﻣﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻛﯚز ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﺳﯜرﻟﯜك ﻛﯚزﻟﻪر - ﮬﻪ ! ﭼﻮﻏﺪەك ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘرۇﺷﻠﯩﺮﯨﭽﯘ !
ﻛﯚزﻟﻪر! ﻛﯚزﻟﻪر ! ...
ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ، ﻣﻪن ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ: ﺳﯜر ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ، ﻣﻪﻛﻜﺎرﻟﯩﻖ، ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮرﻟﯘق ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ، ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪت، ﺷﯘﻣﻠﯘق ﺗﯚﻛﯜﻟﯜپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ، ﮬﻪﺳﻪت ۋە ۋەﮬﺸﯩﻴﻪت ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇپ، ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﺴﯩﺰ داﻟﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻛﺎن ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﻢ؟! راﺳﺖ، ﻣﻪن ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﻛﯚزدﯨﻦ ﺳﯜردﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪك ﻧﻪرﺳﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚز _ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪۇراﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﯚز ﻧﻪﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚزﻟﻪرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪن.
ﻣﻪن ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯚزۈم ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن، ﻣﻪن ﺑﯩﺰار ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪى ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪن دەپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻛﯚزﮔﻪ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﺘﻰ.
ﺋﯘ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻪ؟
ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎۋاب ﺋﯩﺰدەپ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﻪﯕﻠﻪپ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ. ﺋﺎي ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﻗﺎراپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﻳﺮان، ﭼﻮڭ ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ … ﺧﯩﻴﺎل دوﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﻮلا ﺗﺎﺳﻘﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎم ﻛﯧﺮەك، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻛﯚزۈم ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪى.
ﺗﺎڭ
ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪن، ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﺗﺎڭ ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪن ﺳﯜزۈﻟﯜﭘﺘﯘ. ﺳﯜﺑﮭﻰ ﭼﯧﻐﻰ دەپ ﺋﻮﻳلاپ ﺗﯘرۇۋﯦﺪﯨﻢ، ﭼﺎﯕﻐﯩﺮاق ﭼﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﯩﺮ ﻧﯘر ۋاﻟﻠﯩﺪە ﭼﺎﻗﻨﯩﺪى، ﮬﻪش - ﭘﻪش دﯦﮕﯜﭼﻪ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪۈزدەك ﻳﻮرۇﺗﯘۋەﺗﻜﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻧﯘردﯨﻦ ﻗﺎﻣﺎﺷﻘﺎن ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﻟﺪى، ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ زورﯨﻐﺎ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﮬﻮي ... ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺟﺎﻣﺪەك ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮاپ ﺗﯘردۇم. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا _ ﻧﯘر ﻗﻮﺗﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯚك ﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻗﯧﺘﯩﭙلا ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪن، ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋازدﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺋﺎۋاز دەل ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازى ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﮬﯘۋﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﮬﯘۋلاش ﺋﺎﺧﺸﺎم ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﯕلاﻧﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﮬﯘۋلاش ﺋﺎۋازﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺋﯩﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزى ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﺎﺧﺸﺎم ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚزﻧﯩﯔ ﺋﯚزى ﺋﯩﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯜرﻟﯜك ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى. ﺗﻮۋا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯘ؟ ﻣﯚﻟﯩﻠﺪەپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻤﯩﺪۇ؟ ﻛﯚزﻟﻪرﻧﯩﯔ دەﻗﯩﻘﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪۇر، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻘﯩﻨﺎ ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﺗﻮۋا، ﺑﯘ «ﻗﯘﻳﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺮﮔﻪن، ﻛﯚك ﺑﯚرە ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺸﻖ»ﻧﯩﯔ _ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎراﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺪۇ؟ ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚر» دﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﭽﻰ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪزﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺪۇ؟ !
ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﺎرە ﻗﯩﻠﺪى. ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻧﯘرﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﺎﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘر ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﻪپ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﻟﯩﻖ ﭼﯘﻟﯟۇرۇﻣﻨﻰ ﺋﯘ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘزدۇم.
ﺑﯚرە ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ
ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﺋﻮرﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎراپ ﻣﺎﯕﺪى. ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻛﻪڭ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ داﺋﯩﺮەﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﺪەك ﻗﯩلاﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﻧﻪﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن؟ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن؟
ﻣﻪن ﺋﯘ ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚك رەﯕﮕﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎن ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪە ﺧﯘددى ﻛﯚك ﺑﺎﻳﺮاﻗﺘﻪك ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷلاﻧﺪى. ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪن، ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﺋﯧﻜﺮاﻧﯩﻤﺪا ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪر ﺗﯧﺰ - ﺗﯧﺰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﯜزى ﻛﯚﭘﻜﯚك ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﺑﻮۋاق ... ﺋﻮرﻣﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻛﯚك ﻧﯘر _ دەرەخ ﻛﺎۋﯨﻜﯩﺪا ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﻪرﯨﺰات، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚك ﻛﯚزﻟﯩﺮى ... ﻛﻪﯕﺮى ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻛﯚﻛﻠﯩﻤﻪﻳﺪان … ﻛﯚك ﺋﺎﺳﻤﺎن ... ﻛﯚك ﺗﻪﯕﺮى ... ﻣﻪن ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﻘﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ «ﺑﺎﻳﺮاق»ﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚردۈم. ﻛﯚك ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘدرﯨﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، دەرﮬﺎل ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜردۈم. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟاﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺑﯚرە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷلاﻧﺪى. ﭼﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘپ، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﺋﯘۋﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﯟﯦﺘﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺑﯚرە ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺗﻮۋا، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ؟ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺗﻮﭘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪى ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯚرە ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ؟
ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻨﺎش
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﻛﯚردۈم، ﺋﯘلار ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚزەك ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺗﺎﻗلاﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯘﻣﯘلاﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم، ﭼﻪﻣﺒﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪەك ﻗﯧﺘﯩﭙلا ﺗﯘراﺗﺘﯩﻢ.
ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرە ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﺎرە ﻗﯩﻠﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘدرەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯧﮭﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜم: ﻗﺎﺗﺎرﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯚرﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺳﻪﻛﺮﯨﺪﯨﻢ، ﻣﻮﻟلاق ﺋﯧﺘﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﺪۇم، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلار ﻣﯧﻨﻰ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺟﺎﻳﯩﻤﺪا ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ، ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﯜم، ﺗﯘرۇپ - ﺗﯘرۇپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎس ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪن ... ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺑﯩﺮﺋﺎزدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻤﯘ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻤﯘ، ﻳﺎﺗﺴﯩﺮاﺷﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺧﯘددى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪزادەﻛلا ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺮﺋﺎزدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﯘر ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪى. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚرە ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋازلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘدۇل ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯩﺮدەم ﺋﻮﯕﻐﺎ، ﺑﯩﺮدەم ﺳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ؛ ﺳﯘر ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرە ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷلاﻧﺴﺎ، ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ »ﻗﺎرا - ﻗﺎرا ﻗﯘﺷلارﯨﻢ« ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ دەرﮬﺎل ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘۋاﻟﺪﯨﻢ، ﻣﻪن ﺋﯘﻳﺎﻗﻘﺎ - ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺗﯘرۇپ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯩﻢ:
_ ﺋﺎﻟلا - ﺋﺎﻟلا، ﻗﯘﺷﻨﺎﭼﯩﻢ
ﺋﺎرﻗﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﯨﯔ؟
_ ﻗﺎرا - ﻗﺎرا ﻗﯘﺷلارﯨﻢ.
_ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﻪرﺳﻪﯕﭽﯘ،
_ ﻛﯜﭼﯜڭ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﭽﯘ.
...
ﻗﻮﺷﺎق ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﺠﯩﺶ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪزﻣﻪي ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن. ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯚرە ﺋﯘدۇل ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺷلاﻧﺪى. «ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯚرە ﻳﻪر» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎل ﮔﯜﭘﭙﯩﺪە ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯘ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ دوﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎل ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘم ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻤﺪە ﺋﯚز ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪى؟ ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪت، ﺋﯘ ﺑﯚرە ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻪۋەﺗﻤﯩﺪى، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘۋاﻟﺪى.
ﺋﻮﻳﯘن ﺧﯧﻠﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﻰ، ﺳﯘر ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪى، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺪى. ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺴﺎم، ﺑﯘ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮدەك ﺑﻮﻟﯘش، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋدە ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﺷﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪا ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺑﯩﺮدەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﺪى، ﻣﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
ﮬﯘﺟﯘم
ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﺑﯩﺮﺋﺎزدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﺷﺘﻰ. ﻣﻪن ﺋﯘلارﻧﻰ «ﻛﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﮬﺎزﯨﺮلا ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى» دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯘلار ﭘﺎﻳلاپ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﯩﺮ دەرەﺧﻨﯩﯔ داﻟﺪﯨﺴﯩﺪا ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚرۈپ ﺋﻮﻟﺘﯘردۇم. ﻛﺎﻟﯩلار ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﯨﻨﻰ ﭘﯘراپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، دەرﮬﺎل ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻏﯘژﻣﻪﻛﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﯘلارﻧﻰ ﻗﻮرﺷﺎپ ﻛﻪﻟﺪى، ﻛﺎﻟﯩلار ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚزى ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪاق، دەرﮬﺎل ﺑﯘ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘدۇل ﻳﯜزﻟﻪﻧﺪى: ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮۇق ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪردە، ﻣﯜﯕﮕﯜزﻟﯩﺮى ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻧﻪﻳﺰﯨﺪەك ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى، ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻤﯘ ﮬﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻤﯩﺪى، ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟەردى. ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺳﻪۋرﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻛﺎﻟﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﻳﺎﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪرﻧﻰ ﭼﺎﭘﭽﯩﭗ، ﺑﯚرﯨﻠﻪرﮔﻪ ﮬﻮﺷﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻜﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻣﯘ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻛﯚز ﺋﯜزﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻛﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎردى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﺎﻟﯩلار ﺳﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘزﻣﯩﺪى، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎردى، ﻛﺎﻟﯩلار ﻳﻪﻧﯩلا ﻏﯘژﻣﻪك ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪى … ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟال ﻳﻪﺗﺘﻪ - ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻢ داۋاﻣلاﺷﺘﻰ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻳﻪﻧﯩلا ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪى، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮرﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ «ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪن ﺑﻪردى» دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻛﺎﻟﯩلارﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎن ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇپ ﺑﻪﮬﯘزۇر ﻳﺎﻳلاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯚرە ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪن ﻛﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﺘﻪك ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﺎﻟﯩلار ﭼﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻣﯘ ﺗﻪرەپ - ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻳﻮﭘﯘرۇﻟﺪى. ﺷﯘ ﻗﺎچ - ﻗﺎﭼﺘﺎ ﻣﻪن ﻛﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎق ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻗﯧﭽﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻳﻮل ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮬﯘﺟﯘم ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎق ﻛﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﺘﯜردى. ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺋﯘ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺸﻠﯩﺪى، ﻛﺎلا ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﯚرﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘرۇﻟﯘۋﯨﺪى، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻰ، ﻛﺎلا ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚرە ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﻳﯩﻘﯩﺘﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻣﯘ ﺑﯩﺮاﻗلا ﻳﻮﭘﯘرۇﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪى.
ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪر ﺋﯩﻜﻪن، دەپ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ. ﻳﻪﺗﺘﻪ - ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﻧﯘﺷﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘق ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪە، ﻣﻪن ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩلار ﺋﯩﺪﯨﻢ؟ ﺟﻪزﻣﻪن ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﯩﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﯩﮕﯜﭼﻪ زادى ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﺘﯩﻜﻰ، ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻤﯩﺪى. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﭽﯘ ﺗﯧﺨﻰ، ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ - داۋراﯕﺴﯩﺰ، ﮬﻪرﺑﯩﺮى ﺑﯘ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪا ﻗﺎﻧﺪاق رول ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪى.
ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎن ﻛﯜچ ﭼﯧﭽﯩلاﯕﻐﯘ ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﺪى. ﮬﯘﺟﯘﻣﺪا ﺑﯩﺮەر ﺑﯚرﯨﻤﯘ ﺋﯚزۈﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻤﯘ ﺷﯚﮬﺮەت دەۋاﺳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى، ﮬﻪرﺑﯩﺮى »ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەك« دەپ ﻗﺎرﯨﺪى. ﻣﻪن ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ: ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚز ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻣﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘراﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎس ﺋﯩﺪى ﭼﻮﻗﯘم!
ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ
ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ، زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن.
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﭘﺎﺗﻘﺎق ﻳﻮﻟﺪا ﻣﯧﯖﯩﺶ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪﻗﻪدەر ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺶ. ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﻪردارى ﻳﻮل ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪى، ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎزادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﮬﺎرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘردى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرە ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﯧﺘﯩﯟەردى. ﺳﻪردار ﺑﯚرە ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺪى. ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯧﺸﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯚرە ﺑﯩﺮ ﮬﺎزادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﺎلا ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﺪى. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯧﺸﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯚرە ﺑﯩﺮ ﮬﺎزادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮل ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪى، ﻛﯜچ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘردى، ﻳﻮﻟﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎۋۇﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﺪى. دﯦﻤﻪك، ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﯩﺪا ﺟﺎﭘﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﯩلا ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﻣﻤﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﮕﯩلا ﺋﺎرﺗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﻳﻮق ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن، ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻣﺎﻧﺎ ﺳﺎدﯨﻘﻠﯩﻖ دﯦﮕﻪن! ﺑﯚرە ﺑﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﯟان ﺋﯩﺪى، ﺧﻮش، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﺋﯘلاردﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎڭ ﻧﻪدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪى؟ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟان ﺋﯩﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪزاﺳﯩﺪﯨلا ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎڭ ﺑﺎرﻣﯘ؟
ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺳﻪردار ﺑﯚرە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺧﯘددى ﺑﯚرﯨﺪەك، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘلار ﺧﯘددى ﺋﺎدەﻣﺪەك، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎق ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪا، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﭘﻪردﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪا ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮلارﻣﯘ؟ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﭘﯩﺪا ﺳﯘر رەﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻗﻮﯕﯘر رەﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻛﯜﻣﯜش رەﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺋﻮﭼﯘق ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر، ﻟﯧﻜﯩﻦ رەﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزەﻟﻤﯩﮕﻪن، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلاردﯨﭽﯘ؟ ﺋﯚﯕﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎق، ﻗﺎرا، ﺳﯧﺮﯨﻖ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠلارﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻐﯘ !؟
ۋاي، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ؟
ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻣﯧﻨﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺗﯘرۇپ - ﺗﯘرۇپ ﺗﻮﭘﺘﯩﻦ ﻗﯧﭙﻘﺎلاﺗﺘﻰ. ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﺗﯘرۇپ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘراﻳﺘﺘﻰ، ﻳﺎلاﻳﺘﺘﻰ، ﭘﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩلاپ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ.
ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪۇق. دەل ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﺋﯘ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪزدﯨﻢ. ﻣﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺋﯘ ﺑﯚرە ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎراپ ﺧﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺪى، ﻳﯜرﯨﻜﯩﻢ ﻗﺎرﺗﺘﯩﺪە ﻗﯩﻠﺪى. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘت ﺗﺎﺷلاﻧﺪى، ﻗﺎﻧﺪاﻗلارﭼﻪ ﺋﻮﯕﺪاﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪزﻣﻪي ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن. ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺋﯘ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﯖﮕﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﯩﺸﻠﯩﺮى، ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎن ﺗﯩﻠﻰ، ﻗﺎن ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪك ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﺷﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﻳﯜز - ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ، ﺑﺎش - ﺑﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﯘﻳﺮۇق، ﻳﯘڭ - ﻣﻮﻳلارﻧﯩﯔ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺗﯧﮕﯩﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﺪەك ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﺳﻪزدﯨﻢ ... ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﻛﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎم، ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﭘﯘر - ﺗﻮﭘﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﯚرە ﺗﻪﯕلا ﻳﻮﭘﯘرۇﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرە ﻳﺎرﯨلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا داﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻗﺎﭼﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜرﮔﻪن ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻠﻐﺎن ﻗﯘﻳﺮۇﻗﯩلا ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﻪن ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘردۇم. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرە ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜرەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪى. ﻣﻪن ﺋﻪﻣﺪى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪردﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪۋﭘﺴﯩﺮەپ ﺗﯘرۇۋﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘلار ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﭙﺎﯕﺸﯩﺘﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﺋﺎﻳلاﻧﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘردى. ﺋﯘلار ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﺗﻘﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚزەك ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ، ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﯘﻧﻰ »ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺠﺎﻟﻪت ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﯩﻨﻰ« دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺴﺎم، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرە ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪل ﺋﯩﻜﻪن. ﻛﯧﺴﻪل ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﻐﺎن. دﯦﻤﻪك، ﺑﯚرە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﭼﯘ؟ ...
ﮔﯜﻟﺨﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا زۇﻟﻤﻪت
ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ ﮔﯜﻟﺨﺎن ﻳﻮرۇﻗﻰ ﻛﯚرۈﻧﺪى. ﻗﺎراﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻧﯘرﻟﯘق ﺷﻮلا ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ۋۇﺟﯘدۇﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﺪۈردى. ﻣﻪن ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻤﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻣﯘ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﻳﻮرﻏﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯘلارﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﯜﻣﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺪى. ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻳﻮرﻏﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﺎﭘﭙﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘلار ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩلا ﻗﺎراﻳﺘﺘﻰ، ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﺋﻮت ﻳﻮرۇﻗﯩﺪا ﺧﯘددى ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﻛﯚرۈﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ - ﺋﻮﺗﺘﯘز ﻗﻪدەﻣﭽﻪ ﻧﯧﺮﯨﺪا ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻤﺎن ﭘﯩﺮﻗﯩﺮاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎدا ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪا ﮬﯩلال ﺋﺎي ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ داﺟﯩﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺗﻪﻟﻤﯜردى. ﺋﯘلار دەم ﺋﻮﺗﻘﺎ، دەم ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎراﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﮬﯘۋﻟﯩﺪى، ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨلا ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى، ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭙلا ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﮬﯘۋلاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎۋاز، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩلا ﺑﯩﺮ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪا ﮬﯘۋلاﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯕﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺋﯘلار ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪۇ؟ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراﭘﻤﯘ؟ ...
ﺑﯩﺮﺋﺎزدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺋﯘلارﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪۇ؟ ﺋﻮﺗﻤﯘ؟ ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﭼﯧﻘﯩﻦ، ﻛﯚﻳﮕﻪن ﺋﻮرﻣﺎن، ﻛﯜل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻦ - ﺋﯘۋا، ﺑﯩﺨﺴﯩﭗ ﻛﯚﻳﮕﻪن ﺗﺎپ ... ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ؟ ﻳﺎﻛﻰ ...
«ﭘﺎڭ - ﭘﯘڭ ... » ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮق ﺋﺎۋازﻟﯩﺮى ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﭼﻮرﺗﺘﯩﺪە ﺑﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜزۈۋەﺗﺘﻰ. ﺋﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﭘﭙﯩﺪە ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ داﺟﯩﺪﯨﻢ. داﺟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ داﺟﯩﺪﯨﻢ. ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﺑﯘرۇﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، «داﺟﯩﺪﯨﻢ» دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚرە «ﻗﺎﭼﺘﯩﻢ» دﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺗﯜزۈك ﺋﯩﺪى. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺋﻮﻗﺘﻪك ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ. «ﭘﺎڭ - ﭘﯘڭ» ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮق ﺋﺎۋازى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﺑﯚرﯨﻤﯘ ﻗﻪددﯨﻨﻰ رۇﺳﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎي ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯜﮔﯜردى. ﻣﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨلا ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ: ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﻮق ﺗﻪﮔﻜﻪن ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜم ﺧﻪۋﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘرۇۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ داﺟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ - دە، ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﺎي ﻳﯜﮔﯜردۈم، ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻣﻪن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚرﯨﻤﯘ ﺋﻮق ﻳﻪپ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪى. ﻣﻪن ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜﮔﯜرۈپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇۋاﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪن ﺷﯘ ﺗﯘرۇﺷﯘﻣﺪا ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﮔﻪ ﮔﻮﻳﺎ: «ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯚﻟﯜم ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎر - ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧلارﻧﻰ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪۇراﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪر. ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﻪﻗﻪت ۋاﭘﺎ - ﺳﺎداﻗﻪت ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻏﯩلا ﺋﯚز ﻗﯘدرﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ» دەۋاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪن ﺷﯘ ﺗﯘرۇﺷﯘﻣﺪا ﻗﻮراﻟﻠﯩﻘلارﻏﺎ: «ﺋﺎﺗﺴﺎﯕلار ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯖلار. ﻧﻪزﯨﺮﯨﯖلاردا ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﺋﺎدەم ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺋﯚﻟﺴﻪﻣﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺑﯚرە ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺋﯚﻟﺪۈم، دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﻤﻪن» دەۋاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻗﻮراﻟﻠﯩﻘلار ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻮﭘﻮزا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎي ﺋﻮق ﺋﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺟﺎﻳﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ داﺟﯩﭗ - داﺟﯩﭗ ﺗﯜن ﻗﺎراﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﺪا ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇۋەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪا ﻗﯩﺰﯨﻐﺎن ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﻮۋۇدى. ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﯘﻗﺎﻧﻠﯩﺮى، دەرەﺧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﭘﺎراس - ﭘﯘرۇﺳلار، ﻳﺎرﯨلاﻧﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﯖﺮاﺷﻠﯩﺮى، ﮔﯜﻟﺨﺎن ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎراﺳلاﺷﻠﯩﺮى ﻛﺎﻟلاﻣﺪا ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﯘﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﻛﯚزۈم ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪن ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﺪا، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎن ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﺪﯨلا ﺋﯩﺪى. ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘۋﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟەﺗﻜﯜم ﻛﻪﻟﺪى، ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯚرە ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘۋەﺗﻜﯜم ﻛﻪﻟﺪى. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﮕﯩﻨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪن، ﺑﯩﻠﮕﯜﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﻗﺎﭼﺎن ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎرﯨﻐﯘﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﮔﯜﻟﺨﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻤﻪن. ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯘزﻟﯩﻐﺎن ﻗﻪﻟﺒﻨﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮﺗﻤﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن. ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻤﻪن، ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻤﻪن، ﺋﺎﺧﯩﺮ لاۋۇﻟﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺗلارﻣﯘ ﺋﯚﭼﯜﭘﺘﯘ، ﻛﯜل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﭘﯩﻠﯩﻠﺪاۋاﺗﻘﺎن ﭼﻮﻏﺪﯨﻦ ﻛﯚزۈﻣﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﺷﻪرق ﺗﻪرەپ ﭼﻮغ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﻜﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪن.
ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ
ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘردۇم، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﻮﻳﯘپ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺧﯘددى ﻗﺎن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﻪﺗﺮاپ ﻗﯩﺰﯨﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﮬﺎۋادﯨﻨﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪت ﻗﺎن ﮬﯩﺪى ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك. ﻣﻪن ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﻪرراﮬﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﭙﻰ - ﺟﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻤﯘ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺟﺎﻟلاﺗﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﻪﻛﻪﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎردﯨﻢ. ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزراق ﻛﯧﺴﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺷﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻢ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﻣﺨﯘش ﻳﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮلاپ ﺋﺎزﮔﺎل ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﺪۈم. ﺑﯚرﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻪﻣﻨﻰ دۆۋﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﯘﭘﺮاﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪۇم. ﻣﻪن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻗﺎراپ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻛﯚزۈﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎش ﺋﺎﻗﺘﻰ، ﺑﯘ ﻳﺎش ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺋﺎﻗﺘﻰ. ﻗﺎن - ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯘﭘﺮاﻗﻘﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻣﻪن ﻛﯚك ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ: ﺋﻪي ﻗﯘدرەت ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎن - ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪر ﺋﯜﻧﮕﻪي، ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﺗﯩﯟان، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ - ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﭘﯜرﻛﯩﮕﻪي!
ﻗﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎن ﻗﯩﺸلاق
ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺋﻮڭ - ﺗﻪﺗﯜر دەﺳﺴﻪپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳلاۋاﺗﯩﻤﻪن، ﻗﻪﻳﻪرﻧﻰ ﻧﯩﺸﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪن. ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪە ﻳﯧﺸﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻘلار ﻗﺎﻟﺪى، ﭼﯚل - ﺟﻪزﯨﺮﯨﻠﻪرﻣﯘ ﻗﺎﻟﺪى، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﻳﯧﺸﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻖ ... ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا «ﻛﯚزۈﯕﻨﻰ ﺋﺎچ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﺳﺎدا زاﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﻮﭼﯘق ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜردە ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺑﯩﺮ دەﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە: ﻛﻪﭘﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﺗﻘﺎل دەرەﺧﻠﻪر ﻛﯚﻳﯜۋاﺗﻘﺎن، ﻛﺎﻟﯩلار ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﯚرەۋاﺗﻘﺎن، ﻗﻮﻳلار ﻣﻪرﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﺎق - ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﭽﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺋﯘ - ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﺎدەم ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮى ﺳﯘﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎن ... ﺑﯘ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﮔﻪ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇﭘلا ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪر ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ، ﻗﺎن - ﮬﯩﺪﻟﯩﺮى ﺑﯘرﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯘردى. ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘۋۇﻟﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﺘﯩﻢ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ زاﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﮬﺎﻳﯟاﻧلار ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪن. ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖلا ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪە ﺋﻮق ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراپ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ، ﺋﺎھ ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ! ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻚ ﻳﻮق ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ. ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن؟ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر، ﺋﻪي ﺋﺎدەﻣﻠﻪر! ﺳﯩﻠﻪر ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﺪە ﺋﺎدەم ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪۋۋا ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺋﯩﺪﯨﯖلار. ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﺑﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘدۇﻣﻰ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﺮ - ﭼﺎﭘﻘﺎ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘردى. ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزۈﯕلارﻧﻰ ﺋﺎﻗلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ - ﺳﻪۋەﺑﯩﯖلار ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ. زﯦﻤﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ! ﮬﻪﻣﻤﯩﯖلارﻧﯩﯔ ! ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺋﯩﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪر «ﻣﻪن»ﻧﯩلا ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﯖلار، «ﻣﻪن»ﻧﻰ ﻗﯘدرەﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ «ﻣﻪن»ﻧﻰ «ﺑﯩﺰ» دەۋاﻟﺪﯨﯖلار. ﺑﯘ «ﺑﯩﺰ»ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜز، ﻣﯩﯔ، ﻳﯜز ﻣﯩﯔ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧلارﻏﺎ ۋەﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﯘﻗﺎرﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪڭ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق «ﺑﯩﺰ»ﻟﻪر ﺑﯘ زﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺧﯘددى ﻳﺎۋا ﺋﻮﺗﻘﺎ، ﺋﺎزﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯘ «ﺑﯩﺰ» ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﺎﺷﻘﺎ «ﺑﯩﺰ»ﻟﻪرﻧﻰ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﻧﻪرﺳﻪ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﻛﯚردى، ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘۋەﺗﺘﻰ ...
ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﺑﯚرﯨﻠﻪر ... ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺳﯘﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪر ... ﻗﺎن - ﻳﺎش ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺸلاق ... ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺗﯧﺰ - ﺗﯧﺰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﻳﯜۋاﺗﻘﺎن دەل - دەرەﺧﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯘﻗﺴﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪر ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯜرەﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎرا ﻛﺎرﺗﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ.
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﺑﻮﻏﯘزۇﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚز ﻛﺎراﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺋﯚچ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم، ﺋﯚز ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻨﯩﻐﺎن، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ﺋﺎچ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧلاردﯨﻦ ﺋﯚچ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ - دە، ﭼﻮﻏﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪۇم. ﺳﯩﯖﯩﺮ ﭘﯩﮋﯨﻠﺪاپ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮرۇﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. «ﻣﻪن ﺋﯘدۇم ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، _ دﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە،_ ﺑﯘ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻗﻮﻟﯘﯕلار ﭼﻮﻗﯘم ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯩﯖﯩﺮدەك ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ - ﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﻣﯧﯖﻪﯕلار ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﺎﭼﻘﺎن ﺳﯩﯖﯩﺮ ﻛﻪﺑﻰ ﻗﯘرۇﻳﺪۇ، ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯜﮔﻪﯕلاردﯨﻜﻰ ﭘﻪي - ﻣﯘﺳﻜﯘﻟلار ﺋﯚز ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪۇ». ﻣﻪن ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯚك ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘدرﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ.
ﺟﺎﮬﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪە
ﻣﻪن ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ روﮬﯩﻲ ﻳﯚﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪدﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘردۇم. ﻗﺎن - ﻳﺎش، ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪك ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن ﻗﯩﺸلاﻗﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘردۇم. ﻣﻪن ﻗﺎﭼﯘرۇۋەﺗﻜﻪن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪن ﻛﻮﻧﺎ - ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯚﯕﻜﯜرﻟﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮدﯨﻢ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﻣﯘﺑﺎرەك ﺳﯜرەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚردۈم ①، ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﺳﯜرﺗﺘﯜم. ﺗﻮﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚرﯨﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﯩﺮى ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﻛﻪﻣﻪرﻧﻰ ② ﺑﯧﻠﯩﻤﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺮادە ﻛﻪﻣﯩﺮى ﺋﯩﺪى. دەﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯚرە ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﻗﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ③ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻳﺪەﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪى. ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯚرە ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ④ ﻛﯚك ﺗﯘﻟﭙﺎرﻧﻰ ﻣﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﻪرﻛﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪى. ﺗﯧﺒﯩﺮ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮرﯨﻦ دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚردۈم. ﺑﯘ ﻛﻪﻣﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪم ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯩﺪى. ﻣﻪن ﺑﯘ ﮬﻪﻳﻜﻪل ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ: ﻗﻪدﯨﻢ - ﻗﻪدﯨﻢ زاﻣﺎﻧلاردا دەل ﻣﯘﺷﯘ دەرﻳﺎ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪا ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪت ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻛﯩﺴﻰ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ ﺗﺎﺟﯘ - ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﭘﺘﯘ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇق - ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮ ﺟﻴﻪن ﻗﯩﺰلا ﺋﺎﻣﺎن ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺟﻴﻪن ﻗﯩﺰ ﺋﯚﻣﯜر ﺑﻮﻳﻰ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻮﻧﺎخ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﻳﻪردە ﺑﯘ ﻣﻮﻧﺎخ ﻗﯩﺰ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰەك ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ. ﻏﻪزەﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﻣﻮﻧﺎخ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈپ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ دەرﻳﺎﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻰ ﺑﯚرە ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇۋﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮڭ ﻗﯩﭙﺘﯘ … ﺑﺎﻟﯩلار ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﭘﺘﯘ ۋە ﺑﯚرە ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪا ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪر ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺋﺎرازﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯘﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﭘﺘﯘ ۋە ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن «رۇم» دەپ ﺋﺎﺗﺎﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ، ﺧﻮﺗﯘن - ﻗﯩﺰلارﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘرۇﺷﯘپ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘش ﮔﯩﺮداﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎرﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯚرە ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘلارﻧﻰ ﻳﺎراﺷﺘﯘرۇﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﮬﻪردە ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪر ﺑﯚرە ﺷﻪﮬﯩﺮى دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ⑤.
ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪۈم. »ﻗﯘرﺋﺎن«دﯨﻜﻰ ﮬﺎﺑﯩﻞ - ﻗﺎﺑﯩﻞ _ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ۋەﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻮﻗﯘق ۋەﺳﯟەﺳﯩﺴﻰ ۋە ﻗﯩﺰ ( ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻪ) ﻛﺎﻟلاﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﮬﯘن، ﺋﯘﺳﯘن، ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ، ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻤﯘ، ﺋﻪرﮔﯩﻨﻪ ﻗﯘﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﻮﻏﯘزﺧﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻤﯘ، ﻣﻮﯕﻐﯘل زﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻤﯘ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ۋە ﻓﺎرس دﯨﻴﺎردﯨﻤﯘ، ﻓﯧﻦ، ﮔﯧﺮﻣﺎن ۋە ﺳلاۋﯨﻴﺎن ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧلاردﯨﻤﯘ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷلار ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﯩﺪا ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩلاﮬﯩﻲ ﻗﯘدرەﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﻐﺎن ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ − ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪت ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﺎرﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪرﮬﻪم ﺑﻪرﮔﯜﭼﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯚرە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭼﻠﯘﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﮬﻪم ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎر، ﮬﻪم ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ؟
دەرﮬﻪﻗﯩﻘﻪت، ﻛﯜچ - ﻗﯘدرەت، ﻗﯘدرەت ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ، ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەپ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪن؛ ﺧﯘددى ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﭘﺮەت، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚزﻟﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﮔﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸلاش روﮬﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﮬﻪﻣﺠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش.
ﻣﻪن ﺟﺎﮬﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰ - ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯚرە ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﺗﯘغ - ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﻪر ⑥، ﻳﺎﻏﺎچ ﺋﻮﻳﻤﯩلار؛ ﺑﯚرە ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﻗﯧﻴﯩﻖ ۋە ﺗﯜۋرۈﻛﻠﻪر، ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻳﯜرﮔﻪن ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪن رەﺧﺖ ⑦، ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧلار ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن ﺋﯘﭼﺎر ﺑﯚرە رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ⑧، ﺑﯚرە ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩلاھ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻪڭ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﯩﺒﺎدەﺗﺨﺎﻧﯩلار ۋە ﺑﺎﻳﺮاﻣلار ... ⑨ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪردى. ﻣﻪن ﻳﯩﺮاق - ﻳﯩﺮاق ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ - ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪۇم، ﺋﯩﻨﺴﺎن ۋۇﺟﯘدﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻚ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻣﺪەﻣﻠﯩﻚ، ﻗﺎن - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪۇم. ﻳﯩﻠﺘﯩﺰداﺷﻠﯩﻖ، زﯦﻤﯩﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ، ﺗﻪﻗﺪﯨﺮداﺷﻠﯩﻖ ﺑﯘرﭼﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘرﻏﯘﺗﺘﻰ.
ﻣﻪن ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﻮۋﻣلارﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎش ﺋﯩلاﮬﯩﻨﻰ ﺑﯚرە ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ، ﻗﯘﻳﺎش ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﺎرارەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻣﻪن ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮﺗلاق، ﻳﻪﻟﭙﯜﻧﯜپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﻮرﻣﺎﻧلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ، ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩلاﮬﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯚرە ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪزﯨﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎراﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎن ﺋﯩلاﮬﯩﻨﻰ ﺑﯚرە ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚك ﺑﯚرە ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرۇﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪردە ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻠﺪۇردى. ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪت ﺋﯩلاﮬﻰ ﻣﯩﺮﻛﻮرى ﺑﯩﻠﻪن «ﻗﯘرﺋﺎن»دا زﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯚرە ﻳﯘﻟﺘﯘزى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرۇﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪۈردى. ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﺪى. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎراﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻳﻮرۇﻗﻠﯘﻗﻘﺎ، ﮬﺎلاﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪۋارﻟﯩﻘﻘﺎ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺟﯘﺷﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺷﯘ ﺋﯘزاق دەۋرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﻗﯘدرەﺗﻠﯩﻚ روھ _ ﺑﯚرە روﮬﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪۈردى.
ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﯚرە ﺋﻮﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯚرﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﺪۈم، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜچ ﻛﯩﺮدى. ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯚرە روﮬﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻛﯜچ ﺋﯩﺪى.
ﺋﻮۋﭼﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇش
ﻣﻪن ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن ... ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮۋﭼﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺑﯚرە ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻧﯧﺮى - ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳلا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرە ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪى، ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎراﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺑﯚرە ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﺪﯨﻢ. ﻣﻪن ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯚزۈﻣﭽﻪ ﺑﯚرە ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﻮﭘﻮزا ﻗﯩﻠﺪى، ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯚرﯨﻠﻪرﭼﻪ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ؛ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪي ﻛﯜﻟﺪى، ﻣﻪن ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪە ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎردﯨﻢ. ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺳﯩﺮﺗﺎردۇﺷلارﻧﻰ ﮬﺎلاﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯚﺗﯜﻛﻪن ﺑﯚرﯨﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺘﺘﯩﻢ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋارﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻢ: »ﺳﻪن ... ﺳﻪﻧﻠﻪر ﮬﺎلاك ﺑﻮﻟﯘش ﺧﻪۋﭘﯩﺪە ﺗﯘرۇۋاﺗﯩﺴﯩﻠﻪر! « ﺋﯘ ﺗﯘرۇﭘلا ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎردﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاق ۋەﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﯕﻠﯩﮕﯩﻨﯩﭽﻪ، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ داﺟﯩﭗ - داﺟﯩﭗ ﺑﯩﺮﺋﺎز ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرە
ﻣﻪن ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺑﯚرە ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن، ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺑﯚرە ﭼﺎﻏلاپ، ﺑﯚرە ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎم ﭘﯘرﯨﺪﯨﻢ، ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎم ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺳﯜرﺗﺘﯜم. ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﻧﺎﮬﺎﻳﻪت ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازى ﺋﺎﯕلاﻧﺪى. ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ۋەﮬﯩﻲ ﺋﺎﯕلاﻧﻐﺎﻧﺪەك ۋۇﺟﯘدۇم ﻟﻪرزﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى. ﻳﯜﮔﯜردۈم، ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎراپ ﻳﯜﮔﯜردۈم. ﭼﺎﺗﻘﺎﻟلار ﭘﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪى، ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ؛ ﺋﯘﭼﻠﯘق ﺗﺎﺷلار ﭼﺎﭘﯘﺗﻠﯩﺪى، ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯜﮔﯜردۈم، ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻢ ﺗﯜۋﯨﺪە ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﯩلا !
ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚردۈم، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯩﺪى. ﭼﻮﻗﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﯩﻢ، ﺳﯧﺮﯨﻠﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﯩﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯧﺮﯨﻠﺪﯨﻢ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﺪى، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﻧﯩﺪى، ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻢ ﺟﯘﻟﺠﯘل ﺑﻮﻟﺪى، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯘ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻣﻪن ﺋﯘ ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﻮﻗﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺳﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺧﯘددى ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏلاردا ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪەك ﺋﺎﻳلاﻧﺪﯨﻢ، ﻛﯚزۈم ﮬﺎﻣﺎن ﺋﯘ ﺗﯘرﻏﺎن ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا ﺋﯩﺪى. ﻣﻪن ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﯩﻢ، ﻛﺎﻟلاﻣﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟلار ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.
«ﺋﻪي ﺑﯚرە، _ دەﻳﺘﺘﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە، _ ﺳﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ. ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﯔ ﺗﺎغ - ﺋﻮرﻣﺎﻧلارﻏﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎن، ﻳﯘﻟﺘﯘزلارﻏﺎ ﺳﯩﯖﮕﻪن. ﻳﯩﺮاق ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﻪردە ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋام ﺳﺎﯕﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎن، ﻣﻪن ﮬﯧﻠﯩﮭﻪم ﺳﺎﯕﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﻪن. ﻣﻪن ﺳﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﯕﺪاﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ... »
ﮬﯘۋلاش
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺑﯚرە ﮬﯘۋﻟﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎل - ﻣﯘڭ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. «ﺳﻪن ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ، _ دﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە، __ دۇﻧﻴﺎدا ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎن ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﺎۋۋال ﺷﯘﻧﭽﻪ زاﻣﺎن ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﺎرﯨلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻘﺎن؟ !»
ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚزﮔﻪردى، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى. ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﺎۋازلاردﯨﻦ داد - ﭘﻪرﻳﺎد ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪاق، ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎداﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪرﻳﺎد ﺋﯘرۇۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻪدﯨﻤﺪە ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺗﻪڭ ﻳﺎﺷﺎپ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ روﮬﯩﻲ ﻣﻪدەت ۋە ﺋﯘﻟﯘﻏﯟارﻟﯩﻖ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ «ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﺎزاۋەر»ﻣﯘ؟ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ داد - ﭘﻪرﻳﺎدﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن: ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﻛﺎن ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪۈرﮔﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯩﺪى. «ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩلاش» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﺘﯩﺸﺘﯘرﻣﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮلارﻣﯩﺪى!؟
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ، ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯘۋﻟﯩﺸﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺳﯜر ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ۋەﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻧﺎﮬﻪق ﻗﺎرﯨلاﻧﻐﺎن، ﻧﺎﮬﻪق ﺟﺎزالاﻧﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرﻣﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺪۇ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎس ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺪۇ؟ ... ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﭘﯘرۇﻟﯘپ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. دﯦﻤﻪك، ﺑﯘ ۋەﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎداﺳﻰ. ﺋﯘلار ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ۋەﮬﯩﻤﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﻣﻪن ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯘۋلاﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘلار ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەۋاﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. راﺳﺖ، ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯚز ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﺎق ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺴﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن(ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن؟) ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎلار؟ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎلار؟
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯘۋلاﺷﻠﯩﺮى ﻛﯜﭼﻪﻳﺪى، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻧﯘرﻏﯘن - ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯚرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯘۋلاﺷﻠﯩﺮى ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺗﺎﻏﯘ - ﺗﺎﺷلار ﺧﯘددى زۇۋاﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎدا ﭼﯩﻘﺎردى، ﺑﻮران ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. دەل - دەرەﺧﻠﻪر ﺧﯘددى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎر ﭼﯘﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎۋاك ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻘﯩﺸلاۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺷﺎﻟﺪﯨﺮلاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﮔﯜل - ﮔﯩﻴﺎﮬلار ﺧﯘددى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘلاپ ﺑﺎش ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜرەﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك؛ ﺑﯘلاق ﺳﯘﻟﯩﺮى ﺷﯩﺮﯨﻠﺪاۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺧﯘددى ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك. ﻛﯚل ﺳﯘﻟﯩﺮى دەﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻤﺎي، ﺑﯩﺮ ﮬﻪق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﻟﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك، دەرﻳﺎ - دﯦﯖﯩﺰلار ﺗﺎﺷﻘﯩﻨلاپ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﯟال ﻳﯜز ﺑﻪردى. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻤﻤﯘ ﺋﯘرﻏﯘدى. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯚرە ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﻮران ﺑﯩﻠﻪن، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﮬﯘۋلاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﯘۋلاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪا ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎن ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺑﯘ ﮬﯘۋلاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪا دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺧﯩﺘﺎب ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ: »ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار، ﻗﯘلاق ﺳﯧﻠﯩﯖلار، ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺒﻪدﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﺎن - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎرلاۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪاش، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮلا ﻣﺎﻛﺎﻧﺪاش __ ﺑﯩﺮلا ﻳﻪرﺷﺎرﯨﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎرلاۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎرلاۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻳﻠﻰ دەۋاﺗﯩﺪۇ، ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﯕلار دەۋاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎن، دوزاخ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎن، دەۋاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯘ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﺪى ﻗﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ۋەﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﯧﻠﯩﮭﻪم ﺋﯘﻟﯘﻏﯟارﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻤﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، دەۋاﺗﯩﺪۇ.
ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ، ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار، ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎۋازدا ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪا ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﺪۇ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎۋازدا ﮬﯘۋلاۋاﺗﯩﻤﻪن، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﻗﯘلاق ﺳﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ، ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﻗﯘلاق ﺳﯧﻠﯩﯖلار، ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ... »
ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ
ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن. ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯚرﯨﻠﻪر ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﭼﯧﺪﯨﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎي ﭼﯜش ﻛﯚردۈﻣﻤﯘ، ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭼﺎﯕﻐﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻗﺎرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا ﭼﯧﺪﯨﺮ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻮﻣﺰەﻛﺘﻪك، ﺧﯘددى ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻗﺎﭼﯩلاﻧﻐﺎن ﻛﻮﻣﺰەﻛﺘﻪك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻣﻪن ﺋﯧﯖﻪك، ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜۋﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﻢ، ﻳﯩﺮاق - ﻳﯩﺮاﻗلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﺳﻤﺎن زﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﻮراپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻳلاﻧﻤﺎ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ زور ﭼﯧﺪﯨﺮدەك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. «ﻣﻪن ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﻤﻪن ... ﺑﯩﺰ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﻤﯩﺰ» دﯦﺪﯨﻢ ﺋﯚز - ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﭘﯩﭽﯩﺮلاپ. ﻣﻪن ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘراﺗﺘﯩﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎۋازﯨﻢ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﮬﯘۋﻟﯩﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻣﻪن ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﯨﻢ؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪۇم؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن؟ ... ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪۇق؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪۇق؟ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ؟ ... ﻗﺎﺗﻤﯘ - ﻗﺎت ﺳﻮﺋﺎﻟلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﯧﺴﻪﻧﮕﯩﺮەﭘلا ﻗﺎﻟﺪى. ﻣﻪن ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺳﻪل ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮۋلاﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ:
ﻳﯘرﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪن، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ
ﻗﺎرا ﺑﺎﺷﯩﻢ ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺑﯚرەم ﺳﺎﯕﺎ
...
ﻧﺎﺧﺸﺎم ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪردە ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻠﺪى، ﻗﯘﺷلار ﭼﯘرۇﻗلاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﯕﻜﻪش ﺑﻮﻟﺪى؛ ﻧﺎﺧﺸﺎم ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎرﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى، ﺗﺎﻏﯘ - ﺗﺎﺷلار ﺋﻪﻛﺲ ﺳﺎدا ﻳﺎﻧﺪۇردى ...
ﻣﻪن ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﻣﻪن ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ، ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ...
ﺋﯩﺰاﮬﺎت
ﺑﯘ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﺮﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ، دوﻛﺘﻮر ﺋﻪﺳﺌﻪت ﺳﯘلاﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﯟﯨﻤﺎن. ل. ﺗﻮۋﯦﺮﺳﻨﯩﯔ «ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ۋە ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى. ﻣﻪن ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻏﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە رەﮬﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرۈش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰاﮬﺎﺗلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەك »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ«دﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﮬﻪم ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﻛﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪن.
① «ﻓﺮاﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ دوردوﮔﻨﯥ ۋە ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻣﯩﺮا ﺧﺎراﺑﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎت رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺑﯚرە ﺋﻮﺑﺮازى ﺋﯩﺪى»، «ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، لاﻣﺎ دﯦﻠﯧﻨﯥ ۋە ﮔﻮردان ﺋﯚﯕﻜﯜرﻟﯩﺮى ﺧﺎراﺑﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯚرە ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن»(ﺳﯧﻦ ﺟﻴﺎۋۇ: «ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، 1987 - ﻳﯩﻞ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 52 -، 53 -، 57 - ﺑﻪﺗﻠﻪر).
«ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 210 -، 211 -، 213 - ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎرﻛﯚل ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎش رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚرە ﺋﻮﺑﺮازﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜرەﺗﻠﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن.
② «ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎرﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮى ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﺎدەﺗﺨﺎﻧﺎ ﺧﺎراﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎزﻏﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﻪر ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن. ﻛﻪﻣﻪر ﺗﻮﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯚرﯨﻨﻰ ﺗﯚت ﺗﯜرك ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎلا ﺋﯧﻤﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜش ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن» (ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ راﺧﻤﺎن: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻓﻮﻟﻜﻠﻮرى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎن»، 462 - ﺑﻪت).
③ «ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪۋە ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 6 -، 7 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﻮرﻏﺎن ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن. ﻗﻮرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﭽﺎ دەﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯜچ ﺑﯚرە ﺑﯧﺸﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎن» («ﻣﯩﺮاس» ژۇرﻧﯩﻠﻰ 1993 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﺳﺎن، 62 - ﺑﻪت؛ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪ «ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﯜرﻛﻠﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ (رۇﺳﭽﻪ)، 1987 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﻠﯩﺮى، 68 - ﺑﻪت).
④ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 203 - ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﺎي ۋە ﻣﯩﻨﯩﺴﻜﯩﻲ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎت ﺟﺎﺑﺪۇﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺑﯚرە ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازى ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﺳﯜرەت ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن.
⑤ «ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ داﺋﯩﺮ100 ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ»، ﺧﯘﻧﻪن ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1991 - ﻳﯩﻞ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 43 __ 45 - ﺑﻪﺗﻠﻪر. M. H. ﺑﺎﺗﯟﯨﻨﻨﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار: «ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪر ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»، 188 __ 190 - ﺑﻪﺗﻠﻪر، M. ﺑﯧﺴﺴﻮن: »ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﺰم«، ﻛﻪﻳﻤﯧﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، 1932 - ﻳﯩﻞ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 75 - ﺑﻪت.
⑥ «ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚرە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن، ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘن رەﯕﻠﯩﻚ ﺑﯚرە ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ رەﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرﮔﻪن». («ﺟﯘﻧﺎﻣﻪ. ﻳﺎت ﺋﻪﻟﻠﻪر ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ. ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ»، 50 - ﺟﯩﻠﺪ). «رﯨﻤﻠﯩﻘلار ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن ﺑﻪش ﺧﯩﻞ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮاﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯚرە ﺑﯧﺸﻰ رەﺳﯩﻤﻰ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎت، ﻳﺎۋا ﺗﻮﯕﮕﯘز، ﺑﯜرﻛﯜت ۋە ﻛﺎلا ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺋﺎدەم ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗلارﻧﯩﯔ رەﺳﯩﻤﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪن» (ﺳﯧﻦ ﺟﻴﺎۋۇ: «ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، 7 - ﺑﻪت).
⑦ «ﮬﻮن دەۋرﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺑﯚرە ﻛﯚﻛﺘﻪ ۋە ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا. ﺋﺎﺳﺘﻰ رەﺧﺖ، ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯚرە ﺋﻮﺑﺮازى» (ﺋﻪ. ﺳﯘلاﻳﻤﺎن: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ»، 206 - ﺑﻪت. 22 - رەﺳﯩﻢ).
⑧ «ﻛﯟاﻛﯩﻨﺘﺎل ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﻠﯩﺮى ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن ﺋﯘﭼﺎر ﺑﯚرە» (ﺋﻪ. ﺳﯘلاﻳﻤﺎن: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ»228 - ﺑﻪت، 32 - رەﺳﯩﻢ).
M ⑨. H. ﺑﺎﺗﯟﯨﻨﻨﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﯜپ 1985 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪر ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 188 - ﺑﯧﺘﯩﺪە، ﺋﺎﻓﯧﻨﺎ ﺷﻪﮬﻪر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﺎﭘﻮﻟﻠﻮ ﻟﯘﻛﯧﻴﻮس ﺋﯩﺒﺎدەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎر. ﻟﯘﻛﯧﻴﻮس (ﺑﯚرﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن) دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎق ﺋﺎﭘﻮﻟﻠﻮﻏﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، زﯦﯟﯨﺴﻜﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﺎرﻛﺎدﯨﻴﯩﺪە زﯦﯟﯨﺲ ﻟﯘﻛﯧﻴﻮﺳﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻳﺮام «ﻟﯘﻛﯧﻴﻮس ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ» («ﺑﯚرە ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ» دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻳﺮام ﺋﺎرﮔﯧﺲ ۋە ﺗﯧﺴﺎﻟﯩﻴﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎر، دەپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن.
⑩ «ﻳﯘﻧﺎن ۋە رﯨﻢ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘﻳﺎش ﺋﯩلاﮬﻰ ﺋﺎﭘﻮﻟﻠﻮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ (ﺑﯚرە) ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ (ﺑﯚرﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن)، (ﺑﯚرە ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﻮﻟﻠﻮ) دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى ﺑﺎر»(«دﯨﻦ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ»، ﻧﻴﯘ - ﻳﻮرك ﻣﺎﻛﻤﯩﻠلان ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1987 - ﻳﯩﻞ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى، 15 - ﺗﻮم، 431 -، 432 - ﺑﻪﺗﻠﻪر).
«ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ رﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮرﻣﺎن ۋە ﺋﻮﺗلاق ﺋﯩلاﮬﻰ ﻓﺎﺋﯘﻧﯘﺳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻟﯘﭘﯧﺮﻛﯘس ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ لاﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ (ﺑﯚرە) ﺋﯩﺪى» (M. H. ﺑﺎﺗﯟﯨﻨﻨﯩﻚ: «ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪر ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»، ﺳﻮدا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1985 - ﻳﯩﻞ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى 189 - ﺑﻪت).
«ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ رﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﮕﻨﺎ ﺑﯚرﯨﮕﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﻤﺎن ۋە زﯦﻤﯩﻦ ﺋﯩلاﮬﻰ ﺋﯩﺪى» («دﯨﻦ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ»، 15 - ﺗﻮم، 431 -، 432 - ﺑﻪﺗﻠﻪر)(10 -، 11 -، 12 - ﺋﯩﺰاﮬلار ﺋﻪ. ﺳﯘلاﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 29 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى).
«ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪا(ﭼﯧﺪﯨﺮ) ﺳﯚزى(دۈم ﻛﯚﻣﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﻛﻮﻣﺰەك)ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ ... ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘددﯨﺰم ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘ ﺳﯚز(ﻛﻮﻣﺰەﻛﻜﻪ ﻗﺎﭼﯩلاﻧﻐﺎن ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ) دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ... ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯚﻳﻠﻪر ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚك ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎن دەۋرى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ. ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاش ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﺪﯨلا ﻛﯚك -(ﺋﺎﺳﻤﺎن)ﻧﻰ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ دۈم ﻛﯚﻣﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﻛﻮﻣﺰەﻛﺘﻪك ﻳﻪرﻧﻰ ﻗﺎﭘﺴﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯩلاﮬﯩﻲ ﻛﯜچ، دەپ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩلاﺗﺘﻰ» (ﺋﺎ. راﺧﻤﺎن، ر. ﮬﻪﻣﺪۇﻟلا، ش. ﺧﯘﺷﺘﺎر: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى»، 57 - ﺑﻪت).
«دەدە ﻗﯘرﻗﯘت داﺳﺘﺎﻧﻰ»دﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪ.ى.
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن
جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى 2004-يىللىق5-سانىدىن
[ 此贴被kunkiz在2008-09-06 20:29重新编辑 ]