قارلۇق ئېلانى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 2241 قېتىم كۆرۈلدى
Xayih
تەھرىر
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : باش كاتىپ


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 941
شۆھرەت: 668 نۇمۇر
پۇل: 2081 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 [شەيىخ] ناخشا: تۈن قۇياشى

1
سالام!  مۆھتىرەم دىيارىم ئەھلى،  دىيارىمنىڭ يېڭى نەشىرنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرىغا ئىشلىگەن ئۇشبۇ ناخشامنى تامامى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.


تېكستى : ئەخمەتجان ئوسمان
مۇزىكىسى: تۇرسۇن شەيىخ








سەن ئۆلگەندە بولالمىسام قېشىڭدا ئانا،
ئارمانىمنى تۇزلىغايسەن يېشىڭدا ئانا.
قات- قات چېگرا ئارقىسىدا قالدى ئالۋۇندەك،
قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن چاغلار پېشىڭدە ئانا.

شۇ چاغلاردا پېشىڭنى چىڭ تۇتقان شۇ قولۇم،
كۆك بۆرىنى تۇتتى ئەمدى، ئاغزىمدا گۈگۈم.
چۆچەكلىرىڭ مانا بۈگۈن كېچەمگە ئايدىڭ،
گاھى كېلەر، گاھى كەلمەس بارماقتا يولۇم.

تۆكۈلمەكتە ياپراقلىم پەسلىم كۈز ئەمەس،
بوران- چاپقۇن، قاراڭغۇلۇق، يولۇم تۈز ئەمەس.
كۈندۈزۈمدە ئاي، يۇلتۇزلار، تۈنۈمدە قۇياش،
ۋەتەن دېسەم ئاغزىم قانار، قان بۇ سۆز ئەمەس.





قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-06 19:28 |
پەرھات تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
zimin65
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29124
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-07

 

شەيىخ ئەپەندىم سىزنى جىددى ئىزدەيمەن !
سىز بىلەن قانداق كۆرۇشىمەن؟ تېلفون ياكى باشقا ئالاقە قورالىڭىز بارمۇ؟
مەن مەلۇم ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەيمەن.................
ئۇچۇر بېرىڭ !

مېنىڭ چ چ نومۇرۇم:
356851262
شۇتاپ مەن چ چ دا بار
qarluq
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 19:55 |
yahxilik
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4716
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 127
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
پۇل: 265 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

تۇرسۇن ئاكا.....ناخشىللىرىڭىزنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن....
شۇنداق ياخشى ئېيتىپسىز بۇ ناخشىنى.....
يىڭى پىلاستىنكىڭىزنىڭ تىزرەك چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن..
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:04 |
دەۋران
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 27946
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
پۇل: 568 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

1. دىيارىمنىڭ بۇ نۇسقىسىغا مەن تازا كۆنەلمىدىم.
2. بۇ ناخشا خىلى مۇڭلۇقكەن، شۇڭا كۆنمەيمۇ بولمىدى.
retim BLOG
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:29 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

سۈرئەت بەك ئاستا خېلى ساقلايدغان ئوخشايمەن .
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:44 |
kalkvn117117
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 313 نۇمۇر
پۇل: 93 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

مىنڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل چۈشۈرۈپ ئاڭلاش بولسا كېرەك .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-06 20:45 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

شەيخ ،
ئەخمەتجان ئوسمان ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر چەمبىرىكىدىن ھالقىغان دۇنياۋى شائىرى. ئۇ دۇنيا شېئىريىتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدە مېڭىۋاتقان، تىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شېئىردىكى رولىنى تۇلۇق بىلگەنلىكى  ساڭا سىر ئەمەس. سەن ئۇنىڭ بۇ شېئىرىنى بەك ياخشى ئورۇنلاپسەن. مۇزىكا شۇ قەدەر شېئىردىكى ئىچكى رېتىمغا ماس كەلگەن .ئەمما، بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاپسەن. بۇ نوقتىدا سەن ياخشى قىلمىغاندەك قىلىسەن. باشقىنى دىمەي، سەن بىلەن بىز ئاپتۇردىن قانداق ئىجازەت ئالغان ؟ ماڭا يولىغان ئۇچۇرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟
ئامان بول!  
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 02:41 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

[center]ﺗﯜﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ[/center]

[center](ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﺎﺟﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻡ ﺧﯧﺘﻰ)[/center]


[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]



[center]ﺳﻪﻥ ﯲﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺴﺎﻡ ﻗﯧﺸﯩﯖﺪﺍ، ﯪﻧﺎ
ﯪﺭﻣﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺗﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﯖﺪﺍ، ﯪﻧﺎ
ﻗﺎﺕ - ﻗﺎﺕ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯪﻟﯟﯗﻧﺪﻩﻙ ،
ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﯬﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﭘﯧﺸﯩﯖﺪﻩ، ﯪﻧﺎ

ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭘﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﻟﯘﻡ ،
ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ ﯬﻣﺪﻯ، ﯪﻏﺰﯨﻤﺪﺍ ﮔﯘﮔﯘﻡ .
ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪﻣﮕﻪ ﯪﻳﺪﯨﯔ ،
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ، ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻡ .

ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻢ، ﭘﻪﺳﻠﯩﻢ ﻛﯜﺯ ﯬﻣﻪﺱ ،
ﺑﻮﺭﺍﻥ - ﭼﺎﭘﻘﯘﻥ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ، ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺗﯜﺯ ﯬﻣﻪﺱ .
ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﯨﻤﺪﻩ ﯪﻱ - ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ، ﺗﯜﻧﯜﻣﺪﻩ ﻗﯘﻳﺎﺵ ،
ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﺩﯦﺴﻪﻡ ﯪﻏﺰﯨﻢ ﻗﺎﻧﺎﺭ، ﻗﺎﻥ ﺑﯘ... ﺳﯚﺯ ﯬﻣﻪﺱ .
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 03:23 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

[center]ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ[/center]

[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]


ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﯪﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺩﯦﯫﻟﻮﮔﻨﻰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﯲﺗﻤﯜﺷﺘﻪ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﯨﺰﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺮﯨﺰﺱ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯪﻧﺘﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﯪﺑﺪﯗﻟﺠﺎﺑﺒﺎﺭ ﯬﻟﻨﯩﻔﻔﻪﺭﯨﻲ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ <ﻣﻪﯞﻗﻪﻟﻪﺭ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ، "ﺳﻪﻥ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﺪﯗﺭﺳﻪﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﯖﺪﯗﺭ"، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ -- ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺳﺎﻳﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ، ﯲﺯ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. "ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ" ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺲ، ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯪﯕﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﯲﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﯪﺳﺎﺳﺘﺎ، ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. "ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ" ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ -- ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﯰﻧﯩﯖﺴﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺲ، ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻣﻪﻫﻜﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ.

ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ،  ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﯲﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻏﺎﻳﯩﯟﯨﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ"ﻛﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﯲﯕﻜﯜﺭﺩﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﯩﭽﻪ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺩﯦﯫﻟﻮﮔﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﭘﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﯲﻣﯜﭼﯜﻛﺘﻪﻙ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﯪﻳﻼﻧﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻼ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﯦﯫﻟﻮﮔﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ، ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻫﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ، ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻖ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺭﯦﯫﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﯬﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺳﺎﻳﻼﻡ ﯮﺑﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻤﯘ ﯲﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﻫﺎﯓ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯘﻻﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷﯘﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﺘﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﯲﯕﻜﯜﺭﯨﮕﻪ ﺑﯩﻤﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﯰ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯬﻳﯩﺒﻠﻪﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯦﯫﻟﻮﮒ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﯬﻳﯩﺒﻠﻪﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ: ﯬﺳﻠﯩﻴﻪﺕ ﻫﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺲ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﻛﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻐﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻪﺕ ﯮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﯲﺭﭖ - ﯪﺩﻩﺕ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻗﻠﯩﻖ، ﻛﯜﻟﺘﯜﺭﺍﻝ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺘﯧﻜﺴﺖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﯪﻝ ﺷﻪﺧﺲ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯪﻧﺘﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﯲﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻘﺎ، ﺋﯧﻜﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﯴﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺩﺍﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯩﺨﻘﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ "ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ"ﻏﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ، ﯲﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺳﻮﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﯲﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ، ﻫﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ! ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ: ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﯰ (ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ)، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻣﺎﻛﺎﻥ ﭘﻪﺷﺘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯲﺭﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯧﺘﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﻳﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﯬﻫﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﯬﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻖ ﯲﯕﻜﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ.


(ﯬﺭﻩﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)
Alkuyi torining 2 Yilliki ni tabriklaymiz .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 03:52 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

[center]ﯲﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯧﭽﻪ[/center]

[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]


[center]ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ
ﺗﺎﯓ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭﻛﻪﻥ ﯪﻧﺎﻡ
ﯰﭘﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﺗﺎﯓ ﯪﺗﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺗﺎﻡ

ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳﯩﻤﯩﻜﯩﻦ
ﭼﯧﭽﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍ
ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻐﺎ ﻏﯘﯞﺍ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﺎﺭ
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﻳﺎﺭﺍ

ﻳﺎﺷﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ
ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﯰﺯﯗﻥ ﻛﯧﭽﻪ
ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﯪﻗﺎﺭ
ﯪﻫ... ﺋﯩﻼﻫﯩﻢ، ﺷﯘ ﺗﺎﯓ ﯪﺗﻘﯩﭽﻪ
[/center]
قارلۇق تەربىيلەش سېنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 03:55 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

[center]ﯬﻱ ﻛﯧﭽﻪ[/center]

[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]



[center]ﯬﻱ ﻛﯧﭽﻪ، ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪﯕﻜﻪﻥ
ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻜﻪﻥ
ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ
ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﯪﻗﺎﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ
ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﯩﻢ
ﺗﯧﺮﻩﻧﻠﯩﺮﯨﯖﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﻳﯩﻼﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﻗﯘﺗﺮﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ

ﯬﻱ ﻛﯧﭽﻪ، ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﻪﯕﻜﻪﻥ
ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻜﻪﻥ
ﯰﻧﺪﺍ، ﺗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ
ﯰﻻﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻟﺪﯗﺭﻣﯩﻼﺭ
ﯰﻧﺪﺍ، ﺑﯘﺭﯗﺗﻰ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﻡ
ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﯬﻣﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﯲﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

ﯬﻱ ﻛﯧﭽﻪ، ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﯩﯖﻜﻪﻥ
ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻜﻪﻥ
ﻣﻪﻥ ﯰﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﯜﯕﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﯪﺷﯩﻘﻰ
ﯲﻟﯜﻣﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﻩﻙ ﻗﻮﭘﯘﭖ
ﺷﻪﭘﻪﻗﻨﯩﯔ ﯪﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﯩﺪﺍ
ﯪﺭﺍﻡ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯴﻧﺴﯩﺰ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﻤﻪﻥ

ﯬﻱ ﻛﯧﭽﻪ، ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪﯕﻜﻪﻥ
ﯲﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻜﻪﻥ
ﯰﻧﺪﺍ
ﻳﻪﻧﯩﻼ
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﯪﻗﺎﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﯲﺗﻜﯜﻧﭽﻰ
ﻫﻪﻡ ﺷﻪﭘﻪﻗﺘﻪﻙ ﺯﺍﯞﺍﻝ ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﻧﯩﻘﺎﺑﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﻤﻪﻥ
[/center]
كىپىنەك ئۆز تازىلاش شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 03:56 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

[center]ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ[/center]

[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]



[center]ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ
ﯪﻳﻼﻧﻐﯘﺳﻰ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ

ﺳﯚﺯ ﯰ... ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﺳﯚﺯ، ﺩﻩ

ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ
[/center]
retim BLOG
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 03:58 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯﻯ

ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ



1 - ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻳﯜﺯﻯ


ﯬﻱ، ﺷﯧﺌﯩﺮ!
ﯬﺱ --
ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﻰ
ﯬﭘﺴﺎﻧﻪ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ...
ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﺪﯨﻦ
ﺳﻪﺯﮔﯜ ﯬﺯﺍﻟﯩﺮﻯ.



2 - ﯬﭘﺴﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻳﯜﺯﻯ


ﺟﯚﻳﻠﯜﻳﺪﯗ
ﯪﻟﺘﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﭖ
ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ،
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭﺍﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ...
ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯪﯕﺎ ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ،
ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ
ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻼﺭ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ
ﻟﻪﻫﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ
ﯲﺯ ﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﻪ...



3 - ﮔﯧﯯﻣﯩﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯﻯ


ﭼﯩﯟﯨﻦ ﯰ ﭘﻪﻗﻪﺕ،
ﻏﯘﯕﯘﻟﺪﺍﻳﺪﯗ
ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮔﯧﯯﻣﯩﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﯲﻳﺪﻩ،
ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﺍﺭ ﯪﺳﻤﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﯴﭼﯜﻥ
ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯴﺳﺘﻪﻝ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ
ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ،
ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻣﻪﺭ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ.



4 - ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻲ ﻳﯜﺯﻯ


ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﺱ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻨﻰ،
ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﺱ ﯮﻟﯧﻤﭗ ﺗﯧﻐﯩﻐﺎ،
ﯰ ﺯﯦﯯﺳﺘﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﯮﻏﺮﯨﻼﻳﺪﯗ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﯰﻧﻰ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﯮﯞﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﻥ.
... ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻻﺭ ﯬﻳﻨﯩﻜﯩﺪﻩ ﻧﯧﺮﮔﯩﺴﻨﯩﯔ...



5 - ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯﻯ


ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺪﯗﺭ ﯰ
ﻫﻪﺭﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ،
ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯰﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻫﻪﺭﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ...



1987 - ﻳﯩﻞ
retim BLOG
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:03 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

center]ﯪﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷﺘﻰ[/center]

[center]ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ[/center]



[center]ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺭﻭﺯﻯ ﯲﻟﺪﻯ!...
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺭﻭﺯﻯ ﯲﻟﺪﻯ!...
ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ ﺷﺎﻣﺎﻝ
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ...

ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷﺘﻰ،
ﯪﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷﺘﻰ،
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﯬﺯﺭﺍﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ
ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﺪﯨﻦ
ﯮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺝ.

ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﻯ ﺋﯧﻘﯩﻨﻼﺭ،
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ.
ﯮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﯴﭼﯜﻥ
ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﺪﻯ ﺑﻮﻻﻗﻼﺭ.
[/center]

[center]26 - ﻣﺎﺭﺕ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ، ﺗﻮﺭﯦﻨﺘﻮ[/center]
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:08 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ: ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻘﯩﻢ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ

(ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﻤﻪﻥ)


ﯪﺗﻪﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺭﻭﻫﯩﻢ،
ﻗﻮﺭﯗﻧﻤﺎﺱ
ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ﻻﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯰ - ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻘﯩﻢ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ
ﯪﺗﻪﺷﻜﻪ ﺯﺍﺭﯨﻘﻘﺎﻥ،
ﯰﺯﯗﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ...

ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﯬﻱ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺭﻭﻫﯩﻢ!
ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﻪ ﺗﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺴﻪ.
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ،
ﻻﻳﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،
ﺳﯧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻳﻪﻛﻠﯩﺴﻪ.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:11 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ﯬﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯮﺳﻤﺎﻥ: ﯬﻱ، ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ... ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﮕﺎﻫ!




1

...مەن قانچە رەت پاناھلاندىم ئۆزۈمدە
بېشىمغا بۇ بالدۇر كەلگەن تەنھالىقتا...
ھەمدە كۆزۈم، بەزى چاغلاردا،
ھەسرەتلىرىم جىمىققان ھامان
يۇمۇلار تېزلا،
ھېچ قالدۇرماي ماڭا «مەن تەنھا»
دەيدىغان پۇرسەت.

2

ئېسىمنىڭ زېمىنىدىكى
شۇ قەدىمىي ئۆينىڭ بۇلۇڭ - پۇشقىغىدا
ئۆچۈپ قالغان جىنچىراق توغرىسىدا
بىر دەملىك خىيالدىن كېيىن،
ئويغاتماقتا مېنى يوچۇن بىر تۇيغۇ:
......
زاۋال تاپقان كىتاپلارنىڭ قۇرلىرى ئارا
سەرسانلىق پەرىشتىسى سېھرىدە
«ئەي، ۋەتىنىم... يىراق سۈرگۈنگاھ!»
دەپ
ئېغىز ئاچقان قۇشلارنى ئىزدەش
پەيتى ئەمدى كەلدى، دېگەندەك.

3

ئىستەيمەن بۇدەم
ئۇنۇتسام دەپ قۇشلار قىلغان سۆزلەرنى،
تاپسام دەيمەن
قەدەملىرىم قانىغان شۇ تۈن زېمىنىنى.
قانداقسىگە ئويلىماي
ئۇزاقتىن بۇيان ئاڭلىغانلار ھەققىدە؟!
چۈنكى ئاۋاز بۇرار مەندە يۆنۈلۈشىنى،
مەن كۆرۈندۈم شۇڭا ئۆزۈمگە:
گوياكى مەن قۇشلار قىلغان ئاشۇ شۆزلەر.

4

بۇ يەردە،
شۇڭغۇماقتا مۈجىمەل ئاي
كۆزلىرىمنى باسقان كەچكى شەپەقتە،
تەجەللىيەت بۇلىقىدا باغاشلىغاندەك
سەرسان ئىدىيەمنى.
«قەدەم تاشلا مەن تامان!...»
خىتاپ قىلار ماڭا جىنچىراق،
«زاۋال تاپقان زېمىنىمدىن چىق ئەمدى،
شۇنچە يارقىن ئاۋاز بىلەن ئېغىز ئاچقىن
ئەركىن ھالدا:
ۋەتىنىم! - دەپ».

5

سۆز ھالىتى ئىچرە مەن
كەلتۈرمەكتە ئىدىم كونا قۇياشىمنى ئەسلىگە،
بار ئىدى ھەم بەلكى زاماننىڭ
كۈندۈزدىنمۇ باشقا نەقىل كەلتۈرىشى،
ئايان بولدى، شۇڭلاشقا،
چۈشەنگىلى بولمايدىغان، سەۋەپسىز بىر بۆرىدەك،
ھەمدە بىر خىل گۇڭگالىق كەبى،
بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان.

مەن سورايمەن ئۆزۈمدىن شۇ لەھزە ھەققىدە:
قانداق زېمىن بولۇشى مۈمكىن؟!
قۇلاق سالىمەن: ئۇندا ئازاپ چاقىرماقتا،
شۇنچە يىراق بىر جايدا،
ئويغىتىدۇ مەندە ھەتتا مۇساپىنىڭ ئىشتىياقىنى،
قەبرىلەردە قاغجىرىغان شاخلارغا قونغان
قاغا ئۈنىدەك...
ئويلاندۇرۇپ مېنى دېڭىز كەڭلىكىنى،
سۈرگۈنگاھنىڭ مابەينىدە.
ئۇندا يەنە ماڭا ھامى شۇ قۇشلار
كەلگۈسى ئاراللاردىن بېرەر بىشارەت.

6

بەلكى قېتىپ قېلىشى شاماللارنىڭ
ئەتراپىڭلاردا،
ئەي، ئۇزاقلاپ كەتكۈچىلەر،
تەقدىردۇر تېرەن ئۆلۈمنىڭ كارسىزلىقىغا -
ئائىت بولغان ئېتىقادنىڭ تۈپەيلىدىن،
ھەمدە مەن ئۆزگە شەيئى ئەمەس،
پەقەت
ئۆزۈملا بولۇپ كەلگەن سەۋەبىدىن.
شۇنداقتىمۇ،
بۈيۈك قۇشلار پەرۋاز ئەيلىگەن
سامالاردىن قەتئىينەزەر،
مەن يەنە تونۇش كۈينىڭ قاناتلىرى ئاستىدا
ئويغانغان دەمدە،
تەلتۆكۈس سۈكۈتۈمدە مەن تۇرغان زېمىن
ئىزتىراپقا چۈشكەن دەمدە،
كۆرمەكتىمەن
پۈتكۈل شەيئىلەر
ئايلانماقتا ئەتراپىمدا زۇلمەتتە...

7

ئىزلەيدۇ تەن، شۇنداقلا،
كۆك تۇماندا تېمىسقىلاپ يۈرۈپ ئەرۋاھتەك،
خۇلاسىلاش ئۈچۈن ئازاپ شەكلىدىن
ئاشكارىلانغان شەيئىلەرنىڭ يۆنۈلۈشىنى،
ھەم قايتىدىن تۈزەپ چىقىش ئۈچۈن چۈشنى،
ئىستەپ ئۇندا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى،
ئاڭا ئىسىم ئاتا قىلىشنى...

8

قۇشلار شۇنچە پاناھلاندى قەلبىمدە
ۋۇجۇدىنى سۈر باسقان يىراق زاۋالدا...
ھەم كۆزلىرى، بەزى چاغلاردا،
خىياللىرىم جىمىققان ھامان،
يۇمۇلار تېزلا
ھېچ قالدۇرماي ئاڭا ئوي - خىياللىرىنى
دەيدىغان پۇرسەت:
«گۈزەل ئىدى كۈندۈز تولىمۇ...
نېمىدېگەن قاباھەت - ھە، بۇ!
چېقىلماقتا قەدەملىرىڭ كولدۇرمىلىرى
پاسىللىرىدا يۇرتلارنىڭ،
ھەمدە ئايال ئەمچەكلىرى شورلىشىۋاتقان -
رۇجەكتىكى قۇياشنىڭ ئەكس ساداسى
ئەتراپىڭدا ئۈزلىكسىز ياڭرىماقتا:
ئەي...
ۋەتىنىم...
يىراق سۈرگۈنگاھ...!



1996 - ﻳﯩﻞ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuxbeg526)      ..
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:15 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

ئەسلى يوللىغۇچى: ئايتۇغدى

1

مەن - ئىسىمسىز چاقىرىلغۇچى.
مېنى ئاتىماق - توپىلاڭغا يول ئاچماق دېمەكتۇر.
2
ھېچنەرسە مەن ئۈچۈن دەس تۇرمايدۇ،
ھەرنەرسە مەن بىلەن دەس تۇرىدۇ.
3
ئەي، شائىر!

قەلبىڭنى ئەسلىمىگە ۋەتەن قىلغاندەك، شېئىرىڭنى ماڭا ۋەتەن قىل
4
مېنى كۆرمەي، ھەممە نەرسە سەندىن غالىب كەلدى؛
مېنى كۆرۈپ، ھەممە نەرسىدىن سەن غالىب كەلدىڭ.
5
مېنى كۆرسەڭ، گۇناھىڭ ئاسمان - زېمىندىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.
6
مېنى بىلىشنىڭ ئۆزى ھەرقانداق بىلىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر.
مېنى بىلگەندىن كېيىن، مەندىن باشقىسىنى بىلىشكە كۆڭۈل بۆلمەيسەن.
7
مەندە تۇر!
مەندە تۇرۇپ سۆزلىسەڭ سۆزلىگۈچى مەن بولىمەن؛
مەندە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلساڭ ھۆكۈم قىلغۇچى مەن بولىمەن.
8
مېنى پەيغەمبەر <خۇدا> دەپ ئاتىغان،
مېنى پەيلاسوپ <ھەقىقەت> دەپ ئاتىغان،
مەن ئاتالغان ھامان غايىب بولىمەن!
9
مەن ئۈچۈن قايغۇرۇش - قايغۇنىڭ ھەقىقىتىدۇر.
10
مېنى كۆرسەڭ، قورقۇنچ بىلەن ئامانلىقنىڭ پەرقى قالمايدۇ.
11
مېنىڭ بەرگەن تونۇشلۇقىم بەرمىگەن تونۇشلۇقىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
12
يېقىنلىق مېنى قۇچالماس،
مەۋجۇدىيەت ماڭا يېتىپ بارالماس.
13
سەن بىلىدىغان يېقىنلىق مۇساپىدۇر،
سەن بىلىدىغان يىراقلىق مۇساپىدۇر،
بىراق، مەن مۇساپىسىز يېقىن يىراقمەن.
14
مەندە تۇرغانلار - ھەممە مەۋقەدە تۇرغۇچىلار ھەم ھەممە مەۋقەدىن چىققۇچىلاردۇر.
15
ھەقىقەت - مېنى تەسۋىرلىمەكتۇر!
بۇ - سەن يېزىۋاتقاندىكى سۆزۈم، سەن يازمايۋاتقاندىكىسىچۇ تېخى؟!
16
مەندە تۇرساڭ ھەممە تەسۋىرنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرىسەن؛
تەسۋىرنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرمىساڭ تەسۋىرگە تۇتىلىسەن؛
تەسۋىرگە تۇتۇلساڭ مېنى كۆرمەيسەن.
17
مەن غەمكىن كۆڭۈلگە غەمدىنمۇ يېقىن.
18
دەيدىغىنىمنى دېسەڭ دەيدىغىنىڭنى دېگەن بولىسەن؛
دەيدىغىنىمنى دېسەڭ ۋىجدان ئازابى بىلەن ھېسابلاشمايسەن.
19
مېنى كۆرسەڭ كۆرۈنگەننىڭ مەخپىيىتى ۋە كۆرۈنمىگەننىڭ ئاشكارىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايسەن.
20
مەن ساڭا ئاشكارىلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك ئەرزىيمەن؛
سەن ماڭا يوشۇرغىنىمدىنمۇ بەكرەك ئەرزىيسەن.
21
مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئارىلىق يوق، مەن ساڭا ھەممە نەرسىدىن يېقىن، شۇڭا، ھېچ ئارىلىق تاپالمايسەن، مەن ساڭا سەندىنمۇ يېقىن، شۇڭا، مېنى ئۆز ئىچىڭگە ئالالمايسەن، سەن ئۆزۈڭنىڭ چېكى ھەم ئۆزۈڭنىڭ پەردىسى، سەن مېنىڭ كۆرۈنۈشۈم، شۇڭا، مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا چۈشۈرۈلگەن پەردىلەر يوق، سەن مېنىڭ ئۈلپىتىم، شۇڭا، سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا چەك - چېگرىلار يوق.
22
بىرنېمىدە ئەمەس، مەندە تۇر. مېنى ئەسلىشىڭ ياكى مەن بىلەن بىرلىشىشىڭ بىرنېمىدۇر. مېنى ئەسلىشىڭ مېنى ئەمەس ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھەمدە ئۇندا ئەمەس مەندە بولىشىڭ ئۈچۈندۇر. مەن بىلەن بىرلىشىشىڭ مەندىن ئەمەس ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئۈچۈندۇر.
23
مەن سېنى ئايان قىلغان ھەم ئازابلىغان سۈپىتىڭگە قارىساڭ مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ (سۈپىتىڭنىڭ) ئارىسىدا ماھىيەت ئەمەس، سۆزنىڭ بارلىقىنى بايقايسەن، ئاندىن، سۆزۈمنىڭ ئوبيېكتى ئۇ (ماھىيەت) ئەمەس، سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلىسەن.
24
دېيىلمەمدىن چىققىنىڭ - غايىبلىقىمدۇر.
25
مېنى كۆرمەكتە ئولتۇراقلاشساڭ سۇنى كەل ۋە كەت دېيەلەيسەن؛
ھەممە تىرىك نەرسە سۇدىندۇر، سۇنى ئىدارە قىلساڭ ئۇندىكى ھەممىنى ئىدارە قىلىسەن.
26
ماڭا سۈكۈت قىل، ئۆزۈڭدىكى سۈكۈت قىلغۇچى ئۆزۈڭدىكى سۆزلىگۈچىنى مۇقەررەر سۆزلىتىدۇ.
27
مېنى تونۇماقچى بولساڭ مېنى بىلىمسىزلىك كۆرىسەن، ئاندىن بىلىسەن - دە، مېنى بىلىشتىكى بىلىمسىزلىكنى كۆرىسەنۇ، مېنى بىلمەسلىكتە ھېچبىر بىلىش كۆرمەيسەن.
28
ماڭا ئېرىشمىسەڭ مەندىن باشقىسى ساڭا ئېرىشىدۇ.
29
مەندە تۇرۇش - بىلىم بۇلىقىدۇر.
مەندە تۇرغاننىڭ بىلىمى ئۆزلۈكىدىن،
مەندە تۇرمىغاننىڭ بىلىمى ئۆزگىدىن.
30
ئاللاھ، قۇرئاندا، "ئاڭا ئوخشايدىغان بىرنېمە يوق" دەپ تەسۋىرلەنگەن.
بۇ <ئاللاھ - ھېچنېمە> دېگەنلىك بولماي نېمە؟!
بىراق، مەن ئاللاھ ئەمەس.
31
ھەرنېمىنىڭ شەجەرىسى بار،
ھەرپلەرنىڭ شەجەرىسى - ئىسىملاردۇر،
ئىسىملارنى تاشلاپ كەتسەڭ مەنىلەرنى تاشلاپ كېتىسەن؛
مەنىلەرنى تاشلاپ كەتسەڭ مېنى بىلىشكە يارايسەن.
32
شېئىرىڭدا ماڭا كىرگەندەك، گۆرىڭدىمۇ ماڭا كىرىسەن.
33
مېنى ئىككى تىل ئىپادىلەيدۇ:
بىرى، تۇيغۇنىنى دەلىلسىز مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تۇيغۇ تىلى،
يەنە بىرى، بىلگىنىنى دەلىل بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بىلىم تىلى.
تۇيغۇلارنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئېقىۋاتقان ئىككى بۇلىقى بار:
بىلىم بۇلىقى بىلەن ھۆكۈم بۇلىقى.
بىلىم بۇلىقى ھەقىقىي بىلىمسىزلىكتىن بۇلدۇقلايدۇ،
ھۆكۈم بۇلىقى بولسا بىلىمنىڭ ئەنە ئاشۇ بۇلىقىدىن بۇلدۇقلايدۇ.
كىمكى بىلىمنى بىلىم بۇلىقىدىن ئوچۇملىسا،
بىلىم بىلەن ھۆكۈمنى تەڭ ئوچۇملىغان بولىدۇ،
كىمكى بىلىمنى بىلىم بۇلىقىدىن ئەمەس، بىلىملەرنىڭ تىللىرى ئارقىلىق داۋاملاشقان ۋە ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرى ئارقىلىق تۆۋەنلىگەن بىلىم ئېقىنىدىن ئوچۇملىسا،
مۇقىم بىر بىلىمگە ئېرىشەلمىگەن بولىدۇ.
مۇقىم بىر بىلىمگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم ھۆكۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.
تۇيغۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا تۇرساڭ، تۇيغۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا ئولتۇراقلاشساڭ
بەلگەمگە شاھىت بولىسەن،
بەلگەمگە شاھىت بولساڭ مېنى كۆرىسەن،
مېنى كۆرسەڭ تۇراقلىق دەلىل بىلەن ئۆتكۈنچى ھادىسىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيسەن، پەرقلەندۈرەلىسەڭ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيسەن، پەرقلەندۈرەلمىسەڭ مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيسەن.
كىمكى بىلىمنى بىلىم بۇلىقىدىن ئوچۇملىمىسا ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇنداقلا، بىلگىنىنىڭ ھۆكمى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، بىلگەنلىرى قەلبىدە ئەمەس، گېپىدە قالىدۇ.
مۇئەييەنلەشتۈرسەڭ سۆزلە، بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ.
  34
مەندىن ئۆتكىنىڭ، سۈپەتلىرىڭنى مەندە قويغىنىڭ،
تۇراقلىقىڭنى ھەر دائىم يوققا چىقارغىنىڭ،
ھەركىتىڭنىڭ جىملىقىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىنىڭ.
35
مەندىن ئۆتكىنىڭ، سەندىن ئۆتۈلگىنىم.
مەندىن ئۆتمىگىنىڭ، سەندىن ئۆتۈلمىگىنىم ئەمەس.
36
ئۇنتۇشۇڭنى ئۆتكۈنچىلەرنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ئەسلىسەڭ،
ئەجىبا، مەجھۇللىقىمنى جايلاشقۇچىلارنىڭ بۇلۇتىغا ئەسلىنىشتىن تاپارسەنمۇ؟!
37
مېنى كۆرمىگەن غايىبلىقنى بىلمەيدۇ.
غايىبلىق - دۇنيا ھەم ئاخىرەت، كۆرۈش - نە دۇنيا ھەم نە كۆرۈش.
كۆرۈش - خۇسۇسىيلىق، غايىبلىق - ئومۇمىيلىق.
نە كۆرۈش ھەم نە غايىبلىق - ئۆزگىلەرنىڭ خاراكتېرى.
38
تۇيغۇڭنىڭ كۆزى بىلەن تۇيغۇڭغا قارا،
پۈتۈن تۇيغۇڭ بىلەن ماڭا.
مېنى كۆرسەڭ، ئېنىقلىق بىلەن تۇتۇقلۇقنىڭ پەرقى قالمايدۇ.
39
مەن بىلەن تونۇشقان كۆڭۈل ئەقىل بىلەن ھېسسىياتتىن قۇرۇقدىنىدۇ.
40
مەندىن باشقىسى سېنى ئۆزىگە كوللېكتىپ چاقىرىدۇ،
مەن سېنى ئۆزۈمگە يەككە چاقىرىمەن.
41
مېنى ئىسمىمدىن يوشۇر، بولمىسا ئۇنى كۆرۈپ مېنى كۆرمەيسەن.
قۇرقۇنچ ھەمدە يېزىقتىن چىق، بولمىسا مېنى كۆرۈشتە تۇرالمايسەن.
42
يېقىنلىق -  سۈپەت، يىراقلىق -  سۈپەت،
يوشۇرۇنلۇق -  سۈپەت، ئاشكارىلىق -  سۈپەت.
مەندە تۇرساڭ كائىناتنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرىسەن - دە،
كائىناتقا سۇئال تاشلىساڭ كائىناتمۇ بىلەلمەيدۇ
بىلىمسىزلىككە سۇئال تاشلىساڭ بىلىمسىزلىكمۇ بىلەلمەيدۇ.
كۈچ - داۋام قىلغۇچى بىلىمسىزلىككە ئېرىشىشتە.
43
مېنىڭ قولۇمدىن يېسەڭ ئىچىڭدىكى يىرتقۇچ قۇشلار، سەن ماڭا قارشى چىققاندا، ساڭا ئىتائەت قىلمايدۇ.
چۈنكى، يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ھەممىسى كىمنىڭ قولىدىن يېسە شۇنىڭغىلا ئىتائەت قىلىدۇ.
44
قاراڭغۇلۇقتا قالمىغىچە ئۆزۈڭنى كۆرەلمەيسەن،
ئۆزۈڭنى كۆرمىگىچە مېنى كۆرەلمەيسەن.
بىراق، ئۆزلۈكىڭ ئەمەسمەن، كىملىكىڭمەن
ئەي، شائىر!
45
مەندە نە ھەقىقەت، نە ھەقىقەتسىزلىك،  مەن ئۇلاردىن يىراقتىدۇرمەن.
ئەگەر مېنى ھەقىقەت دەپ بىلسەڭ، ھەقىقىتىڭدىن ۋاز كەچ!
46
مەندە تۇرغىنىڭ مۇقىملىقىڭ ئەمەس،
ئەجىبا، مۇقىملىقىم ساڭا ئەڭ يېقىن مۇقىمسىزلىق ئەمەسمۇ؟!
47
ماڭا ئۇلىشىدىغان يول يوق،
ماڭا ئېچىلىدىغان ئىشىك يوق.
48
مەن سۆزلىسەم سۆزلە،
مەن سۈكۈت قىلسام سۈكۈت قىل.
49
قۇپقۇرۇق باياۋانغا بېرىپ، مەن سېنى كۆرگىچە ئولتۇر.
ئەگەر سېنى كۆرسەم، سېنى يەردىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن - دە،
كۆزۈڭدىن ئىككىنچىلەپ غايىب بولمايمەن.
50
سېنىڭ بىلەن تونۇشۇشۇم كېرەك، سېنىڭ بىلەن تونۇشۇشۇمنىڭ ئۆزى بالا-قازادۇر، مەن يوقالمايمەن، مەن بالا-قازانىڭ ئەسلىمەن، سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازانى بىلىشىڭنىڭ ئۆزى بالا-قازادۇر، بالا-قازانى ئىنكار قىلىشىڭنىڭ ئۆزى بالا-قازادۇر.
51
بالا مېنى ئەسلىگەندەك مېنى ئەسلە،
ئايال مېنى چاقىرغاندەك مېنى چاقىر.
52
مەندە تۇرساڭ يەردىن چىقىۋاتقان ۋە ئاسماندىن چۈشىۋاتقاننى كۆرىسەن، يېزىق ۋە يېزىقنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ئالدىڭغا كېلىدۇ، ھەرنېمە ساڭا ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ھەرقانداق بايان ساڭا ئۆزىنى تەرجىمە قىلىدۇ، ھەرنېمە سېنى ئۆزىگە دەۋەت قىلىدۇ، ھەممە تۈر سېنى ئۆز تۈرىگە تەكلىپ قىلىدۇ.
53
ھېچنېمە جەزب قىلالمىغان ئادەم ھېچنېمىگە يېتەلمەيدۇ.
54
قارشىسى بىلىمسىزلىك بولغان بىلىمدىن چىق،
قارشىسى بىلىم بولغان بىلىمسىزلىكتىن چىقما.
شۇ چاغدا، مېنى تاپىسەن.
55
قارشىسى بىلىمسىزلىك بولغان بىلىم - يېزىق بىلىمىدۇر،
قارشىسى بىلىم بولغان بىلىمسىزلىك - يېزىق بىلىمسىزلىكىدۇر؛
يېزىقتىن چىقساڭ، قارشىسى بولمىغان بىلىمگە ئېرىشىسەن، مانا بۇ - تۇيغۇ!
شۇنداقلا، قارشىسى بولمىغان بىلىمسىزلىككە ئېرىشىسەن، مانا بۇ - ھەقىقىي ئىشەنچ!
56
ھەر كونىدا يېڭىمەن؛
تەسىرىمنى شامالدىن ئىزدە؛
تەسۋىرىمنى سۇغا سۆزلە.
57
مەندە تۇرۇش - تۇيغۇنىڭ جەۋھىرى،
تۇيغۇ - بىلىمنىڭ جەۋھىرى،
بىلىم - ھاياتنىڭ جەۋھىرى.
58
مەندە تۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تۇيغۇچىدۇر،
بىراق، تۇيغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەندە تۇرغۇچى بولىشى ناتايىن.
59
مەندە تۇرغۇچىدىن ھەرقانداق نەرسىنى ئىستىسەڭ تاپالايسەن؛
ھەرقانداق نەرسىدىن مەندە تۇرغۇچىنى ئىستىسەڭ تاپالمايسەن.
60
مەندە تۇرغۇچى ئورتاقلىقتا پەيدا بولالىغاندەك، ئۆزگىچىلىكتىمۇ پەيدا بولالايدۇ.
61
مەندە تۇرۇشنىڭ ھېچقانداق سەۋەب بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،
ھېچقانداق سەۋەبنىڭمۇ مەندە تۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
62
مەندە تۇرۇش - ھەرقانداق پەرەزگە ئورۇن قالدۇرمىغان مەڭگۈلۈك مۇئەييەنلىشىشتۇر.
63
تۇيغۇچى مەندە تۇرغۇچىدىن شۈبھىلىنىدۇ،
مەندە تۇرغۇچى تۇيغۇچىدىن شۈبھىلەنمەيدۇ.
64
مەندە تۇرغۇچىنىڭ تۇرالغۇسى سۈكۈتىدۇر،
تۇيغۇچىنىڭ تۇرالغۇسى دېيىلمىسىدۇر،
بىلگۈچىنىڭ تۇرالغۇسى بىلىمىدۇر.
65
مەندە تۇرۇش - دېيىلمىنىڭ ئارقا تەرىپىدە،
تۇيغۇ - دېيىلمىنىڭ ئاداققى چېكىدە.
66
مەندە تۇرغۇچىنىڭ يۈرىكى مېنىڭ قولۇمدا،
تۇيغۇچىنىڭ يۈرىكى تۇيغۇنىڭ قولىدا.
67
ئۇچۇرلىرىم تۇيغۇچىلارغا،
يۈزۈم مەندە تۇرغۇچىلارغا.
68
قارىمۇ-قارىشىلىقنىڭ ئارقا تەرىپىدە مېنى تولۇق كۆرەلمىگەنلىكىڭ مېنى بىلمىگەنلىكىڭدۇر.
69
بىرنېمىگە ئەسقاتقان بولسام يۈزۈمنى ساڭا كۆرسەتمىگەن بولاتتىم.
70
مېنى كۆرگەننىڭ مەنزىلى مەن،
مېنى كۆرمىگەننىڭ مەنزىلى ئۆزى.
73
ئۆزۈڭنىڭ بولغىنىڭ ئۆزۈڭ بىلەن بولغىنىڭدىن ياخشى،
ئۆزۈڭ بىلەن بولغىنىڭ ئۆزۈڭدە بولغىنىڭدىن ياخشى،
ئۆزۈڭدە بولغىنىڭ مەندىمۇ ئۆزىڭدىمۇ بولمىغىنىڭدىن ياخشى.
74
ماھىيەتنىڭ مەنزىلى كىملىك، كىملىكنىڭ مەنزىلى غايە.
ماھىيەت بولىدىكەن كىملىك بولىدۇ، ئىستەك بولىدىكەن ماھىيەت بولىدۇ، سەن بولىدىكەنسەن ئىستەك بولىدۇ، مېنى كۆرمىگەنكەنسەن سەن بولىسەن، مېنى كۆرسەڭ سەن بولمايسەن، سەن بولمىساڭ ئىستەك بولمايدۇ، ئىستەك بولمىسا ماھىيەت بولمايدۇ، ماھىيەت بولمىسا كىملىك بولمايدۇ، كىملىك بولمىسا غايە بولمايدۇ، غايە بولمىسا چەك بولمايدۇ، چەك بولمىسا مەن ئاشكارا بولىمەن.
75
مەندىن باشقىنى رەت قىلغاننىڭ ھەممىسىلا مېنى كۆرگەن بولمايدۇ،
مېنى كۆرگەننىڭ ھەممىسىلا مەندىن باشقىنى رەت قىلىدۇ.
76
مېنىڭ قۇلۇم بولما، سېنى ئۆز تىلىم بىلەن باشقىغا دەۋەت قىلاي - دە، دەۋىتىمنى بەجا كەلتۈرۈپ، باشقىنى رەت قىل.
سەن باشقىنىڭ قۇلى، ئۇ شۇنداق باشقىكى: ئۇنىڭدىن ھېچبىر ئەسەر يوق!
77
كىمكى سەندىن مەن ھەققىدە سورىسا، ئۇنىڭدىن ئۆزى ھەققىدە سورا. ئەگەر ئۆزىنى بىلگەن بولسا، مېنى ئاڭا تونۇشتۇر. ئەگەر ئۆزىنى بىلمىگەن بولسا، مېنى ئاڭا تونۇشتۇرما، مەن ئاڭا ئېتىك.
78
مەن يېتەرلىكلىك، مەن بىلەن پەرۋاردىگارنى قۇلسىز، قۇلنى پەرۋەردىگارسىز كۆرىسەن.
79
مېنىڭ بولساڭ مەن بىلەن بولىسەن،
مەن بىلەن بولساڭ سېنىڭ بولىسەن.
80
بارلىقىڭدا مېنىڭ بولمىقىڭ يوقلۇقىڭدا مېنىڭ بولمىقىڭدىن ئارتۇق ئەمەس.
82
سەن ھەرنېمىدە كىيىمدىكى كىيىمنىڭ پۇرىقىدەك؛
بۇ يەردىكى <دەك> ئوخشىتىش ئەمەس، ئۇ -- سەن ئوخشىتىش ئارقىلىقلا بىلىدىغان ھەقىقەت.
83
ئۆلۈم كۈنى -- توي كۈنىدۇر،
تەنھالىق كۈنى -- ئۈلپەتلىشىش كۈنىدۇر.
84
مېنى ھەرنېمىدە كۆرگەنگە ئوخشاش ئۆزۈڭدىمۇ كۆرسەڭ دۇنيادىن كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كېتىدۇ.
85
سېنى ماڭا شۇنداق مەپتۇن قىلدىمكى،
ھەتتا ئۆمرىڭگىمۇ ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويدۇم.
86
مەن ئايان بولغاندىن كېيىن بۇ دۇنيادا قانداقمۇ ياشارسەن؟!
87
ھەممە قارىغۇچىنىڭ كۆزىدىمەن.
88
مېنى كۆرگەنلىكىڭ -- ھەممىنىڭ سۈكۈتىگە شاھىت بولغانلىقىڭدۇر.
89
مېنىڭ ئالدىمغا كەلسەڭ ئىبارىنى ئارقاڭغا تاشلىۋېتىپ كەل، مەنىنى ئىبارىنىڭ ئارقىسىغا تاشلىۋېتىپ كەل، سەۋدايىلىقنى مەنىنىڭ ئارقىسىغا تاشلېۋېتىپ كەل.
92
مېنى تۇيغۇچىدىن ساڭا مېنى بىلىش ھەققىدە تۇنجى بولۇپ مىراس قالىدىغىنى -- ئۇنىڭ سۆزىدۇر.
93
تۇيغۇڭنىڭ ئېغىرلىقى پۇشايمىنىڭنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ.
94
ئەي، تۇيغۇچىلار! قىسمەتلەرنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرۇڭلار، ئۇنداق قىلالمىساڭلار، ئىدىيىلەرنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرۇڭلار.
95
ئەي، تۇيغۇچىلار! تۇيغۇ ئۈچۈن ئەمەس، مەن ئۈچۈن تۇرۇڭلار، شۇ چاغدا، خالىغان تۇيغۇ ئارقىلىق سىلەر بىلەن تونۇشىمەن ھەمدە خالىغان تۇيغۇنى كۆڭلۈڭلارغا مۇقىملاشتۇرىمەن. مەن ئۈچۈن تۇرساڭلار، ھەرنېمىگە بولغان تۇيغۇغا ئېرىشىسىلەر، مەن ئۈچۈن تۇرمىساڭلار، ھەرنېمىگە بولغان تۇيغۇ سىلەرگە ئېرىشىدۇ - دە، ئاقىۋەتتە، ھەرقانداق نەرسىگە قارىتا ھېچقانداق تۇيغۇغا ئېرىشەلمىگەن بولىسىلەر.
99
مەن ئاتىسام ئاتالغىن، ئۆزۈڭدە ئاتالما.
تۇيغۇڭ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىرى بىلەن ماڭا قايتىدۇ،
ئۆزۈڭ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىرى بىلەن ئۆزىگە قايتىدۇ.
تۇيغۇڭدا ئاتالساڭ ئۇ سەن بىلەن بىللە ماڭا قايتىدۇ،
ئۆزۈڭدە ئاتالساڭ ئۇ سەن بىلەن بىللە ئۆزىگە قايتىدۇ.
100
مەن سۆزلىمەي تۇرۇپ مەندىن سوئال سورىمايدىغان ئېغىز  مېنىڭ ئېغىزىمدۇر؛
سۆزىنى پەقەت مەندىنلا ئالىدىغان ئېغىز مېنىڭ ئېغىزىمدۇر؛
مەندىن باشقىسىدىن سوئال سورىمايدىغان ئېغىز مېنىڭ ئېغىزىمدۇر.
101
مەندە تۇر، ئۆزۈڭدە تۇرما، شۇ چاغدا شېئىردا تۇرغان بولىسەن.
مەندىكىسى سۆز، ئۆزۈڭدىكىسى گەپ.
سۆزلىگەنلىكىڭ مېنى ئەسلىگەنلىكىڭدۇر، گەپ قىلغانلىقىڭ مېنى ئۇنتۇغانلىقىڭدۇر.
102
گەپنىڭ ئەقلى بار، ھېسسىياتى بار،
سۆزنىڭ ھېچنېمىسى.
103
ئۆزۈڭ بىلەن گەپلىشىسەن،
مەن بىلەن سۆزلىشىسەن؛
ئالدىنقى <بىلەن> سېنى ئەقىل ۋە ھېسسىياتقا باغلايدۇ،
كېيىنكى <بىلەن> سېنى تۇيغۇغا باغلايدۇ.
104
مېنى چۈشەنگەن ئۆزىنى چۈشەنگەن بولىدۇ - دە، ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەن بولىدۇ.
105
مەن دېيىلمەيمەن، مېنى سۆزلەپ بولالمايسەن.
106
بىرنېمە بولدى، بىرنېمە بولىۋاتىدۇ، بىرنېمە بولمايدۇ؛
بىرنېمە بولغىنى - مېنى سۆيگەنلىكىڭ،
بىرنېمە بولىۋاتقىنى - مېنى كۆرىۋاتقانلىقىڭ،
بىرنېمە بولمايدىغىنى - مېنى مەڭگۈ بىلمەيدىغانلىقىڭ.
107
مېنى كۆرسەڭ قايغۇرىسەن؛
قايغۇ قىيپاش تامغا ئۇرۇلغان جوتۇغا ئوخشايدۇ؛
ھەرنېمىنىڭ كۆڭلى بار، كۆڭۈلنىڭ كۆڭلى قايغۇدۇر؛
كۆڭۈل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، كۆڭۈلنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرمەيدۇ؛
ئۆزگىرىپ تۇرىدىغىنى ھەرنېمىگە يارايدۇ، ئۆزگەرمەيدىغىنى بىرنېمىگە يارىمايدۇ؛
تېنىڭنى يوقاتساڭ كۆڭلۈڭنى يوقىتىسەن، كۆڭلۈڭنى يوقاتساڭ قايغۇڭنى يوقىتىسەن، قايغۇڭنى يوقاتساڭ مېنى كۆرىسەن.
108
مەن ھاۋالە قىلىنغۇچى - مەندىن باشقىنى ماڭا قايتۇرغۇچىدۇر.
109
مېنى كۆرسەڭ ھەرنېمىنىڭ مەنزىلىنى كۆرىسەن؛
ھەرنېمىنىڭ مەنزىلىنى كۆرسەڭ ھەرنېمىگە يەتكەن بولىسەن ھەمدە ھەرنېمىگە ئېرىشكەن بولىسەن.
110
ساڭا كۆرۈنمەي تۇرۇپ سېنى ئۈندىگەنلىكىم ھەم چەكلىگەنلىكىم سەندىن ھەقىقەتەنمۇ ھايا قىلغانلىقىم ئەمەسمۇ؟!
112
مېنى پىنھانلىقىڭنىڭ ئىگىسى قىلساڭ ئاشكارىلىقىڭغا ئىگە چىقىمەن؛
مېنى بىرلىكىڭنىڭ ئىگىسى قىلساڭ كۆپلۈكىڭگە ئىگە چىقىمەن؛
مېنى ئۆزگىچىلىكىڭنىڭ ئىگىسى قىلساڭ ئۆزلۈكىڭگە ئىگە چىقىمەن.
113
بىرنېمىدە تۇرمايدىغان ھەم بىرنېمىمۇ تۇرمايدىغان تۇيغۇلا مېنىڭ تۇرالغۇمدۇر.
114
مېنى پانىي دۇنيادا كۆرمىگەن ئادەم باقىي دۇنيادىمۇ كۆرمەيدۇ.
115
مېنى كۆرگەن ئادەم سۆز بىلەن سۈكۈتكە تەڭلا ئېرىشىدۇ.
116
ھەرپلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقمىساڭ سېھىردىن قۇتۇلالمايسەن.
117
تەرەپتە تۇرما، بولمىسا، سېنى تەرەپلەرگە بۆلىۋېتىدۇ؛
بىلىشتە تۇرما، بولمىسا، سېنى بىلىملەرگە بۆلىۋېتىدۇ؛
مەندە تۇرۇشتىن چىقما، بولمىسا، سېنى يارىتىلمىلار تالان - تاراج قىلىۋېتىدۇ.
118
مەندىن باشقىسىغا تاپشۇرۇلساڭ ئۇ سېنى ئۆزۈڭگە تاپشۇرىدۇ؛
ئۆزۈڭگە تاپشۇرۇلساڭ ئۇ سېنى ئۆزگىگە تاپشۇرىدۇ؛
مەندە تۇرساڭ مەن سېنى مەندىن باشقىسىغا تاپشۇرمايمەن.
119
بىلىم بىلەن بىلىنمە - ئاتالمىدا؛
ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈملەنمە - بىلىمدە؛
يېزىق بىلەن يېزىلما - ھۆكۈمدە؛
زاھىر بىلەن باتىن - يېزىقتا.
120
ئاتالما - بىلىمنىڭ ئەسلىدۇر؛
بىلىم - ھەرنېمىنىڭ ئەسلىدۇر.
دېمەك، ھەرنېمە بىلىمكە قايتىدۇ، بىلىم ئاتالمىغا قايتىدۇ، ئاتالما مەنىگە قايتىدۇ.
ئاتالما بىلىمنى ئۇپرىتىپ تۈگىتىدۇ، شۇنداقلا، بىلىمسىز ئاتالمىمۇ بولمايدۇ؛
بىلىم بىلىنمىنى ئۇپرىتىپ تۈگىتىدۇ، شۇنداقلا، بىلىنمىسىز بىلىممۇ بولمايدۇ؛
مەنە ئاتالمىنى ئۇپرىتىپ تۈگىتىدۇ، شۇنداقلا، ئاتالمىسىز مەنىمۇ بولمايدۇ.
121
مەن ئاتالمىسىنى ئۇپرىتىپ تۈگەتكەن مەنىمەن،
شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ يوقالغان نەرسىمەن.
يەنى، مەنىسىزلىكمەن.
ئەمدى <ھېچنېمە> دەپ ئاتالدىم.
يېزىق بىلەن يېزىلما - بىلىمگە ئۇلىشىدىغان دەھلىزدۇر،
بىلىم - ئاتالمىغا ئۇلىشىدىغان دەھلىزدۇر،
ئاتالما - ماڭا ئۇلىشىدىغان دەھلىزدۇر.
122
ئەي، شائىر!
مېنىڭ ئاتالمىدا، بىلىمدە، يېزىقتا ئىشىكلىرىم بار،
شۇ ئىشىكلەردىن چىققىن.
ئاتالما مېنىڭ سىمۋولىمدۇر،
سېنى ئاتالمىغا دەۋەت قىلغىنىم سىمۋولغا دەۋەت قىلغىنىمدۇر،
ئاشۇ سىمۋولنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا مېڭىش ئۈچۈن نۇرۇمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭ،
ھەرقانداق سىمۋول قاراڭغۇلۇقتۇر، چۈنكى نۇر مېنىڭ، مەن نۇر،
مەن ئاسمان - زېمىننىڭ نۇرى،
مەندە تۇرۇپ نۇرۇمدىن ساقلان،
نۇرۇمدا تۇرۇپ سىمۋولىمدىن ساقلان.
123
ماڭا بېغىشلانساڭ ماكانغا سىغمايسەن،
مېنى سۆزلىسەڭ سۆزگە سىغمايسەن.
124
تىلدا ماڭا گۇۋاھ بولساڭ سەنئەتكە گۇۋاھ بولىسەن،
تەپەككۇردە ماڭا گۇۋاھ بولساڭ ھېكمەتكە گۇۋاھ بولىسەن،
ئاتالمىدا ماڭا گۇۋاھ بولساڭ ۋەھدەتكە گۇۋاھ بولىسەن.
125
مەنسىز مەنزىلنىڭ ئارامى يوق.
126
ئۆزۈڭ قۇرغاننى ئۆز قولۇڭ بىلەن پاچاقلا،
مەن ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن پاچاقلاشتىن بۇرۇن.
127
مەندە تۇرساڭ دىئالوگدا تۇرغان بولىسەن.
دىئالوگ - سۆزلىگۈچى بىلەن سۈكۈت قىلغۇچىنىڭ ئارىسىدىلا بولىدۇ.
سۆزلىگۈچىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقى سۈكۈتنىڭ سۆزلىگەنلىكىدۇر.
مېنى سۆزلىسەڭ سۈكۈت قىلغان بولىسەن.
سۈكۈت قىلساڭ مېنى سۆزلىگەن بولىسەن.
128
روھ - مەندە تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
129
كائىنات توپقا ئوخشايدۇ،
تۇيغۇ مەيدانغا.
130
مېنى كۆرسەڭ باشقىسى پۈتۈنلەي گۇناھ،
مېنى كۆرمىسەڭ باشقىسى پۈتۈنلەي ساۋاب.
131
مېنى كۆرمەكتە ساۋاب يوق تۇرسا، گۇناھ نە قىلسۇن؟!
مېنى كۆرمەكتە يېتەرلىكلىك يوق تۇرسا، ئېھتىياج نە قىلسۇن؟!
132
قارىمۇ - قارشىلىقتا بىرلىككە كېلەلمەيسەن،
بىراق، مېنى كۆرمەكتە قارىمۇ - قارشىلىق يوق.
133
مېنى كۆرمەكتە ئەمەلگە ئاشۇرماق ئەمەلگە ئاشماق يوق.
134
باش دېمەك ئاخىرنىڭ بىر ھەرپى دېمەكتۇر،
ئاخىر دېمەك مەن غايىب بولغاننىڭ ئاداققىسى
ھەمدە مېنى كۆرگەننىڭ تۇنجىسى دېمەكتۇر.
135
ھەرقانداق رەۋىشتە تەنھالىقىڭ مەن بىلەن بولسا
ھەرقانداق رەۋىشتە سېنى چىقىش يولىغا باشلايمەن.
136
مېنى كۆرمەك ھۇزۇرىمغا باشلايدىغان ئىشىكتۇر.
مېنى كۆرمەكتە ئاتالمىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرسەڭ
ھۇزۇرىمدا ئىنكار قىلىسەن.
137
ھەممە تۇيغۇچىنىڭ تەنھالىقى بار، كۆپىنچىسى مەندىن باشقىغا بولغان تەنھالىق، ئازغىنىسىلا ماڭا بولغان تەنھالىق.
138
ماھىيەتلەر يوشۇرالمىغۇدەك ئاشكارىمەن،
ھادىسىلەر ئاشكارىلىيالمىغۇدەك يوشۇرۇنمەن.
139
مېنىڭ سۆزۈمدە سۆزلىسەڭ ئەلۋەتتە ئاڭلايمەن.
140
ئاتالمىنى بىلىشنىڭ ئۆزى پىتنە-پاساتنىڭ باشلىنىشى.
سەندىن ئاتالما ئىستىكىنى يوق قىلغانلىقىم سەندىن قارىمۇ-قارشى ئىستىكىنى يوق قىلغانلىقىمدۇر.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ئەجىر
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:21 |
nurbag
شائىر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 543 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 04:29 |
keran
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 806
شۆھرەت: 228 نۇمۇر
پۇل: 1377 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ناخشا چىقمىدىغۇ
مەشرەپ تورىغا مەرھەممەت
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 09:27 |
1015588576
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29224
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ھھھھھھھھھھ       
qarluq
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:04 |
uyatchan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 24133
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
پۇل: 230 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17

 

Quote:
引用第19楼1015588576于2008-09-07 13:04发表的  :
ھھھھھھھھھھ       

نۇربەگ، نېمانداق خۇش قىلىدىغانسىز ئادەمنى؟....بۇ شېئىرلار يۈرەككە تەگدى.ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان ئوسماندەك بۈيۈك شائىرنىڭ قېرىندىشى بولغىنى ئۈچۈن پەرقلىنىدۇ...تۈن قۇياشى مېنىڭ يۈرىكمدىكىنى شىۋىرلاپتۇ....مەن قېنىپ بىر يىغلاشنى ئويلاپ قالدىم...يىغا مېنى چاقىرماقتا،...ئەمما، مەن يىغلاپ بولۇپ دەس تۇرىمەن.
ئەخمەتجاندەك قەدىردان كىشىلىرىمىزنى تارىخ ئۇنتۇمايدۇ.ئۇنىڭ مۇساپىرلىق يولىنى تاللىغىنى توغرا، نېمە دېگەن ئالدىن كۆرەر شائىر....
مەن شەيىخنىڭ ناخشىسىنى ئەمدى ئاڭلىغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن، نەدە قالغان بولغىيتتىم.....
ئەخمەتجان ئاكا، تىنىقلىرىم سىزنىڭكى بىلەن ئۇچراشقاندەك بولدى...مەن خىيالەن قولىڭىزنى سىقتىم...نۇربەگ، سىزدىكى خالىس روھقا ئاپىرىن!...ئەزىزانە كەلپىن تىنچلىقمۇ؟
qarluq
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:30 |
BOZQIR
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 11482
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 473 نۇمۇر
پۇل: 1021 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ناخشىڭىزنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى باغرىمنى ئەزدى.
ۋەتەن مېھرىگە ، ئانا مېھرىگە قانمىغان بىر  سەرگەردان روھ قان-زەرداپ ئىچرە ئوۆرتەنمەكتە....بۇنداق مۇڭنى  پەقەت ھىجرەتتىكى بارلىق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قالغان مىسكىن قەلىبلەرلا تۆكەلەيدۇ.

ئىنىم تۇرسۇنجان، ئەمدى يەنە بىر نادىر ناخشىڭىز  << ئاھىم>>نى ئاڭلىساق.
qarluq
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 13:43 |
yalqun
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20290
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 177 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

نۇر بەگ دوستۇم ئاي تۇغدى يوللىغان ئە .ئوسمان شېئىرلىرنى قايتا بىر تەھرىرلەپ قويغىنا ،دىيارىمنىڭ يىڭى نەشىرى سۇمرۇغنىڭ خەت نۇسقۇسنى تونۇمىدىمۇ قانداق  بەزى يەرلىرىگە كاتەك ،بەزى يەرلىرىگە سان -سېپىرلار چىقىۋاپتۇ .

تۇرسۇنجان شەيىخقە  رەخمەت !  ناخشىنى ياقتۇردۇم .
[ 此贴被yalqun在2008-09-07 14:34重新编辑 ]
qarluq
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:28 |
k.m.alyari
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1385
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 157 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13

 

ماڭا بۇ پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنىڭ ھەممىسى ياقتى  . سىزگە مەڭگۈ مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن  .
qarluq
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:30 |
abduwali503
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 8559
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 964
شۆھرەت: 349 نۇمۇر
پۇل: 1364 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ئەسسالام تۇرسۇن ئاكا سىزگە ئەزەلدىنلا  قايىل  ئىدىم بۇ  ناخشىڭىزنى  ئاڭلاپ تىخىمۇ سۆيۈندۈم ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .   يىڭى  پىلاستىنكىڭىز قاچان  چىقىدۇ
qarluq
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 14:42 |
Zaghra
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 1345
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 307 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

يارايسىز شەيىخ بۇ ناخشىڭىز ماڭا رەسمىي يارىدى .
شېئىرمۇ ئىسىل بولغاچقا بۇ ناخشا ئاجايىپ تىتىدى ماڭا . سىز سەنئەتنىڭ ماتىريالى ئىكەنسىز ئەسلى . ئەمما سىزدە ئۆزىنى تونۇش بىر ئاز كامدەك ھىس قىلدىم . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
qarluq
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 16:22 |
QOGHLANI
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 633
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 992
شۆھرەت: 213 نۇمۇر
پۇل: 1636 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15

 

ھەقىقەتەن ياخشى ئىيتىلىپتۇ بۇ ناخشا...
qarluq
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 16:59 |
Xayih
تەھرىر
ئالاھىدە تۆھپە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم تۆھپىكارى
دەرىجىسى : باش كاتىپ


UID نۇمۇرى : 4549
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 941
شۆھرەت: 668 نۇمۇر
پۇل: 2081 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16

 

ھۆرمەتلىك  نۇربەگ؛  مەن خىجىل.... بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، قىسمىتىمدىم كۆرە ئىچىمدە ياتقان نۇرغۇن ئىجادىيەتلىرىمنى رۇياپقا چىقىرالماي  ھېلھەم كۆپ ھەسرەت چەكمەكتىمەن.
ئاپتۇردىن ماڭا ۋاكالىتەن كەچۈرۈم سوراپ قۇي، نىمىلا بولمىسۇن  يۇرۇقلۇققا چىققىنى ئەۋزەل دەپ بىلدىم!>  
qarluq
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 17:43 |
izhar0996
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29258
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14

 

نۇربەگ كۇپ جاپاچىكىپسىز رەھمەت
qarluq
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 18:20 |
HONTAJ
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14502
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 105 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-09

 

ياخشى چىقىپتۇ.... مۇبارەك بولسۇن!
qarluq
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-07 18:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ MTV

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت :09-17 06:06
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-09 Uypw.cn Corporation
        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号